ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 265|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ياشلارنىڭ بەخت قارىشى توغرىسىدا.!!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

94

يازما

402

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1009
يازما سانى:
94
تىللا:
308
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-28

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن مۇرەككەپ ھەم سىرلىق بولىدۇ، ئىنسانلار ھاياتلىق ئۈچۈن بىر- بىرى بىلەن ئالاقە قىلىدۇ ھەم ئۆز ئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ.
ماددىي ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىشنىڭ ئاساسى، جەمىيەت بولسا كىشىلەرنىڭ ئەركىن تەرەققىي قىلىش سەھنىسىدۇر. ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدا قايغۇلۇق ۋە خۇشاللىق، ئازابلىنىش ۋە راھەت كۆرۈشكە ئوخشاش قارىمۇقارشى ھادىسىلەر تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇلارنى بىر- بىرىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ، ئۇلار مەلۇم ۋاقىت ۋە شارائىتتا بىر-بىرىگە ئايلىنىدۇ ۋە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بۇلار بىر ئۇچار قۇشقا ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ بېشىدا ئايلىنىپ يۈرىدۇ  ئۇنداقتا بەخت دېگەن نېمە؟
بەخت ئىجتىمائىي تۇرمۇش شەرت شارائىتىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئېڭى ۋە ھېسسىياتىدا ئەكس ئېتىشى بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنىڭ رېئال تۇرمۇشى ۋە غايىسى بىلەن ئىنتايىن زىچ باغلانغان بولىدۇ.
بەخت قارىشىغا كەلسەك، ئۇ كىشىلەرنىڭ مۇئەييەن مەيدانىدىكى نېمىنىڭ بەخت ئىكەنلىكى، قانداق قىلغاندا ھەقىقىي بەختكە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى، قانداق قىلسا ھەقىقىي بەخت بولىدىغانلىقىغا ئوخشاش سوئال-جاۋابلار ھەم كىشىلەرنىڭ بەخت مەسىلىسىگە بولغان ئومۇمىي نۇقتىنەزىرى ۋە كۆز قارىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى كۆپ خىللىققا ۋە ئۆزگىرىشچانلىققا ئىگە. شۇڭا بەخت كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە كۆپ قاتلاملىق مۇرەككەپ بىر قۇرۇلمىدىن ئىبارەت.
دېمەك، بەخت مەلۇم ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ۋە تارىخىي شارائىتتىكى ئادەملەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇش شارائىتىدىكى ئەمەلىيىتى جەريانىدا ھېسسىياتى، غايىسى ۋە نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياراتقان مەنىۋى جەھەتتىكى بىر خىل قانائەتلىنىشتىن ئىبارەت.
بەخت قارىشى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ مۇناسىۋىتى زىچ باغلانغان بولىدۇ.
كىشىلەر ئوخشىمىغان دەۋردە ئوخشاش بولمىغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەچكە، تۇرمۇشنىڭ كونكرېت مەزمۇنىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. كۈرەش قىلىپ يەتمەكچى بولغان نىشانى، مەقسىتى، قىسقىسى غايىسىمۇ زادىلا ئوخشاش بولمايدۇ. سىنىپ پەيدا بولغاندىن كېيىن ئىنسانلار سىنىپىي جەمىيەتكە قەدەم قويدى، بۇنىڭ بىلەن ئوخشىمىغان سىنىپلارنىڭ مۇتەپەككۇرلىرى  ئۆز سىنىپىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ بەختنىمۇ ئوخشىمىغان ھالدا چۈشەندۈرۈپ كەلدى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بەخت قارىشىنى تىكلەپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە  ھەر خىل ئۇسۇل ۋە شەكىللەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بەخت قارىشىنى تەشۋىق قىلدى ۋە ئىپادىلىدى.

مەيلى بەخت ئۇقۇمى بولسۇن ۋە ياكى بەخت قارىشى بولسۇن، ھەممىسى ئىجتىمائىي تارىخىي شەرت شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ۋە راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ ۋە راۋاجلىنىپ كەلدى. ياشلارنىڭ نەزىرىدە بەخت خۇددى يېنىۋاتقان بىر مەشەلگە ئوخشايدۇ. ئۇلار ئەنە شۇ مەشئەلگە قاراپ ئىنتىلىدۇ ھەم شۇ مەشئەلگە يېتىش ئۈچۈن جاپالىق كۈرەش قىلىدۇ  ھەربىر كىشى ئۆز تۇرمۇشنىڭ ئىنتايىن بەخىتلىك ئۆتۈشنى خالايدۇ، ئۆز ئېھتىياجنى تولۇق ئەمەلگە ئېشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ھەرگىزمۇ تۇرمۇش يولىدا ئارتۇقچە جاپا چېكىشنى راۋا كۆرمەيدۇ. ھازىرقى جەمىيىتىمىز كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىنى تولۇق ئەمەلگە ئېشىشىغا، بەختنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئوبيېكتىپ جەھەتتىن تولۇق شەرت شارائىت يارىتىپ بەردى. بىراق بۇ خىل نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھامان مەلۇم ماكان ۋە زاماننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۆز دەۋرىدىن ھالقىپ پىكىر قىلىشى ۋە ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ياشلاردا ئوخشىمىغان بەخت قارىشى مەۋجۇت، بىزنىڭ بەزى ياشلىرىمىز مەنىۋى جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈشنى بەختنىڭ بىر جۈملىسى دەپ قارىسا، يەنە بەزى ياشلىرىمىز ماددىي جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكنى، مەسىلەن، كۆپلەپ بايلىققا ئىگە بولۇشنى، پۇل-مال توپلاشنى بەختنىڭ بىر جۈملىسى دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ياشلىرىمىز ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى تۇرمۇشنىڭ سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى بەختلىك بولغانلىق دەپ ھېسابلايدۇ، يۇقىرىقى بەخت توغرىسىدىكى قاراشلىرى ئاساسەن بەخت قارىشىنىڭ ئايرىم بىر تەرىپى. يەنە كېلىپ بەخت قارىشى مەسىلىسىنىڭ ئاساسلىق تەرىپى بولماستىن بەلكى ئايرىم بىر تەرىپىدىنلا ئىبارەت. ئۇلارنىڭ بەخت توغرىسىدىكى قاراشلىرى قىسمەنلىك چىقىش قىلىنىپ، ئومۇملۇققا سەل قارالغان، ئايرىملىق تەكىتلىنىپ بىر پۈتۈنلۈككە سەل قارالغان.
ياشلارنىڭ بۇ قاراشلىرى ئاساسەن تار دائىرىدىن چىقىپ كېتەلمىگەن، بۇ ھەقىقىي توغرا بەخت قارىشىغا، يەنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بەخت ئاتا قىلىشتەك بەخت قارىشىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
خاتا، چىرىك ۋە بىر تەرەپلىمىلىك تۈسنى ئالغان بەخت قارىشى كىشىلەرنى ھالاكەت يولغا باشلايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ياشلارنىڭ توغرا ۋە ھەقىقىي بەخت قارىشىنى تىكلىشى ئىنتايىن مۇھىم.
بىرىنچى، شەخسنىڭ بەخت يولىدىكى ئىزدىنىشنى كۆپچىلىكنىڭ بەخت يولىدىكى ئىزدىنىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈش لازىم.
ئىككىنچى، ئاممىنىڭ بەختىنىڭ خۇسۇسىنىڭ بەختىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇش قارىشىنى تىكلەش لازىم.
ئۈچىنچى، ياشلار ئۆز بەختىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن توغرا بولغان تۇرمۇش قارىشىنى تىكلىشى لازىم.

مەنبە:نۇر تورى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئەقىللىق ئايال ئېرىنى  پادىشا قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ پادىشانىڭ خانىشى بولۇپ ياشىسا
دۆت ئەقلى يوق  ئايال ئېرىنى قۇل  قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ قۇلنىڭ خوتۇنى بول
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

5

تېما

652

يازما

3268

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 681
يازما سانى:
652
تىللا:
2064
تۆھپە:
500
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
458 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-8

مۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-9-3 19:38:33 | ئايرىم كۆرۈش
بەخت ئىجتىمائىي تۇرمۇش شەرت شارائىتىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئېڭى ۋە ھېسسىياتىدا ئەكس ئېتىشى بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنىڭ رېئال تۇرمۇشى ۋە غايىسى بىلەن ئىنتايىن زىچ باغلانغان بولىدۇ.لىكىن ھەر كاللىدا ھەر خىيال دەيدىغان گەپ بار  ھەر كىمنىڭ قارشى ئوخشاش ئەمەس.  
   ما تىما گەرچە كۆچۈرۈلمە  تىما بولسىمۇ مەزمۇنى ياخشىكەن .

14

تېما

541

يازما

3199

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 582
يازما سانى:
541
تىللا:
2451
تۆھپە:
202
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
422 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-9-3 23:30:36 | ئايرىم كۆرۈش
پايدىلانغۇدەك تېما يوللاپسىز قوللىرىڭىزغا تەشەككۈر.
سۆيگۈ سەۋداسى ھېچبىر يىگىت قەلبىنى ،  ۋۇجۇدىنى مىنىڭدەك پۇچۇلمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن  .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:24 , Processed in 0.121953 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش