| 
 تورخۇمار ( ھېكايە )  
 
بەلكىم  7 ~ 8 يىلنىڭ ئالدىدا بولشى مومكىن ،  مەن شەھەرنىڭ  ئاۋات كۇچىلىرىدا كىراكەشلىك قىلاتتىم  چۈنكى  مىنىڭ بېشىمغا كەلگەن كۈلپەتلەر ، مىنىڭ  بۇ شەھەردە  مۇشۇ ئىشقا سۆرەپ كىرگەن بۇلشى ، يەنە مەلۇم ئىشلار تۈپەيلى  يۇرتۇم  سەھرايىمدىن ئايرىغان ئىدى .  مەن ئىشتىن چۈشۈپ زىرىككەن كۈنى تۇنجى قېتىم  تورخانىغا كىرگەن ۋاقتىم . تورخانىدا  كىشلەر ناھايتىمۇ كۆپ ، كونۇپكا  تاختىلىردىكى ئاۋازلار تاراقشىپ  ، بەزلەر بولسا ئۆز - ئۈزگە  ئاچىقلانغان .  بەزلەر بولسا  خۇددى بىرسى بىلەن يېقىن ھالەتتە پاراڭلاشقاندەك ،  يەنە بەزلەر كونۇپكا تاختىسنى كۈچەپ بېسىپ :  
- ۋۇ   ئەبلەخ  !  بۇياققا  قارا دەيمەن !!!!  ئارقاڭغا ئوق يەيسەن ! دىگەن ئاۋازلىرى . بەزلەرنىڭ  توپ ئۇيۇنىدا  :  
- بۇياققا  ماڭ !!!  پاس بەر ....!!! دىگەن ئۈنلۈك ئاۋازلىرى  قۇلاقنى يارغۇدەك ئاڭلىناتتى .   
 
مەن تۇرخانىغا كىرىپلا  يا ئارقامغا قايتىشىمنى  ، يا ئىچىگە كىرىشىمنى  بىلەلمەي گاڭگىراپ  تۇراتتىم - ... 
-   قېنى كىلڭە ئاكا  ؟   
- دىگەن ئىللىق چىراي مۇلايىم  گەپ قىلغان  خەنزۇ قىز پۇكەيدە ماڭا قاراپ تۇراتتى .   بۇ قىز خەنزۇ بولغىنى بىلەن  ئۇيغۇرچە گەپنى سۇدەك بىلگەچكىمىكىن  ، گەپلىرى ئانچە چانمىغان ئىدى . 
- ھە  .... تورغا چىقاي دىگەن  ؟ قانچە پۇل  سائىتى ؟  دىدىم مەن بۇندىن بۇرۇن تورخانىغا كىرمىگەچكە  ، ئۇدۇللا سوراپ . 
 
- سائىتى  بەش يۈئەن  ، تىزىملاپ بىرەيمۇ ؟ -- كىملىكىڭىزنى بىرىڭ  قانچە سائەتلىك  ... دىدى  ھېلىقى قىز . 
 
- ئىككى سائەتلىك بولسۇن  دىدىم مەن  ، يېڭى بىجىرگەن كىملىكىمنى قىزغا سۇنۇپ . 
 
قىز بىرەمدىن كىيىن كىملىكنى قايتۇرۇپ بەردى . 
 
- قايسى كومپيۇتىرنى ئاچىمەن ؟  
 
- قايسى بولسا بولىدۇ  . ئاۋال كىملىك نۇمۇرنى بېسىپ ئاندىن  مەخپى نۇمۇرغا  9 دىن 6 تىنى باسسىڭىز بولىدۇ دىدى قىز  يان تېلپۇنىغا قارىغاچ . 
 
مەن  كىشلەرنى ئارلاپ  بىرەر مۇۋاپىق ئۇرۇن تاپالماي ئۇيان بۇيان قارايتىم . كومپىيۇتىر ئويناۋاتقانلار ئىچىدە  ،  40 ~ 50 ياشلار ئەتىراپىدىكلەرمۇ ، ھەتتا مەكتەپ يېشىدىكلەرمۇ باردەك قىلاتتى . 
مەن يان تەرەپتىكى بوش  ئۇرۇندۇقنى  تاللاپ ئولتۇرپ  ، بىرەر سائەت ھەپىلىشىپ  ئاران دىگەندە كومپيۇتىرنى ئاچتىم .  
توۋا نىمانداق تەستۇ بۇ كومپيۇتىر دىگەن نەرسە دىدىم ئىچىمدە .  
مەن شۇنچە ھەپىلىشىپمۇ  تور ئادىرسىنى بىلمىگەچكە  ئۇيغۇرچە تور بىكەتلىرنى تاپالماي تىت - تىت بولدۇم . ئاخىرى ئىككى سائەت ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزۈپ  تورخانىدىن ئايرىلدىم . لېكىن مەن  ناھايتى خۇشال ھالدا ئۆيگە قايتتىم . چۈنكى  تورخانىغا كىرىپ روھىم كۈتۈرلۈپ قالغان ئىدى . 
   ئەتىسى كەچ بولغاندا ئايالىمغا يالغان ئېيتىپ  دوستۇمنىڭ ئۈيگە بېرىپ كىلەي دىگەن بانا سەۋەپ بىلەن يەنە تورخانىغا يۈگۈردۈم . 
يەنە شۇ تۈنۈگۈنكى خۇش چىراي خەنزۇ  قىز تىزىملىتىپ بەردى . مەن  بۈگۈن ئانچە قىينالمايلا  كومپيۇتىرنى ئوڭۇشلۇق قوزغىتىپ ،  تور دۇنياسىغا قەدەم باسقان ئىدىم . 
يەنە شۇ  ئۇيغۇرچە بىكەتلەرنى تاپالماي  ئىچىم پۇشۇپ تۇراتتى .  يان تەرپىمدىكىلەر بولسا ئۇيغۇرچە بىكەتلەرنى زىيارەت قىلۋاتاتتى  سوراي دىسەم خىجىل بولدۇم . باشقىلارنىڭ  مەسخىرە قىلىشدىن  ئەنسىردىم .  
تۇساتتىن بىر چىرايلىقىنە قىز يان تەرپىمدىكى كومپيۇتىرنى قوزغىتىپ  ئاچقان ئىدى  ، بۇ قىزدىن سوراي دىدىم يۇ ... بىراق ئىزا تارتتىم .   
مەن  نىمىلا بولمىسۇن چاندۇرماستىن  خەنزۇچە بىكەتلەرنى زىيارەت قىلاتتىم . 
  تۇساتتىن  ياندىكى قىز  مەندىن سوردى . 
- ئاكا ياخشىمۇ سىز ؟ ماۋۇ خەتتە نىمە دەپتۇ ؟ تەرجىمە قىلىپ بىرڭە ؟ دىگەن  ئاۋازى ئاڭلاندى . مەن دەمەلىققا ئاڭقىرالماي ئىككى يانغا قارايتىم .  بىراق  ئىككىمىزدىن باشقىلار يان تەرپىمىزدە خەنزۇ يولداشلار بار ئىدى . 
-- مىنى دىدىڭىزما ؟ دىدىم مەن دۇدۇقلىغانچە . 
- ھەئە  سىزنى دىدىم .  
- مەن ... مەن خەنزۇچە بىلمەيمەن سىڭلىم دىدىم مەن  چىرايىم قىزارغان ھالدا . 
- ئۇنداق كەمتەرلىك قىلماڭچۇ ؟ قارسام مىنكوۋخەندەك قىلسىز  ماڭا بىر ياردەم قىلسىڭىز بوپتكەن . دىدى قىز مەندىن ئۈتۈنگەن ھالدا .  
- مىنى خىجىل قىلماڭ سىڭلىم دىدىم مەن قىزغا قاراپ .  
- ئەمىسە  باياتىن بىرى  قارسام خەنزۇچە تور بىكەتلەرنى زىيارەت قىلۋېتىپسىز شۇڭا بىلەمدىكىن دىگەن دىدى قىز . 
- مەن قاتتىق خىجىل بولغان ھالدا  قىزغا چۈشەندۈردۈم .  
- قاراڭ سىڭلىم مەن بۇ تورخانا دىگەن يەرگە  تۇنجى قېتىم كىرشىم  . شۇ ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەرنى تاپالماي  يۈرمەن . 
- قىز قاتتىق قاقاقلاپ كۈلگەنچە  .....  
- ھە مۇنداق دەڭ ئاكا  .... مەندىن سورسىڭىز بولماسمىدى ؟ دىدى قىز يەنە تەبەسۇم بىلەن كۈلگەنچە . 
- سوراي دىگەن شۇ ... خىجىل بولدۇم  . دىدىم مەن  ئۈزەمچە، تازا  مەسخىرە بولدۇمدە دىدىم ئىچىمدە ...... 
 
- مەن بۇ قىزنىڭ ياردىمىدە  ئۇيغۇرچە  تور بىكەتلەرنى ئېچىش ، مۇنبەرلەرگە تىزىملىتىش   دىگەندەك بىرقۇر بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم .  
ئىچىم پۇشۇپ قالغاندا  دەرھاللا تورخانىغا يۈگۈردۈم  . تورخانىغا كىرىپلا  يەنە شۇ قىزنىڭ ياردىمىدە تىزىملىتىپ قويغان تورداش تورىغا  كىردىم ۋە باش سۈرئەت چىقاردىم ئاندىن بىر قۇر  ئارخىبىمنى يېڭىلاپ  بۇنبەر ئەزالىرى بىلەن تۇنۇشتۇم .  
 
ھەي .... ئۇ ۋاقىتىككى  تور موھىتى نىمە دىگەن ياخشى ھە ؟  تورداش تورنىڭ  قىزغىنلىقى بەكلا  ئاشاتتى . بىر  تىملارغا چۈشكەن تېتىملىق ئىنكاسلار   بىرەر يۈزدىن ئاشاتتى . بەزدە  تورداش مەشرەپلىرى ،  مۇشائىرە  ،  ۋە ھەر -خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزلەتتى .  
- مەنمۇ قانداق بولىدكىن دەپ  بىلگىنىم بۇيۇنچە  بىر ئىككى تىما يوللاپ تورداشلارنىڭ قىزىقتۇرشى بىلەن  شىئېر ھېكايلەرنى يېزىشقا قىزىققان ئىدىم .  
راس گەپنى قىلسام  تورداش تورى مىنىڭ ئىككىنجى مەكتىپىم ،  تورداش توردىكى يازغۇچى ئۇستازلار مىنىڭ ئۈگۈنۈش ئۇبىكتىم بولغان ئىدى . 
 
- ھەي بۇ خۇشال كۈنلەرمۇ ئۇزۇنغا بارماي ،  مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى  مەن تۇغلۇپ ئۆسكەن سەھرايىمغا  كەتتىم . 
سەھرادا تور  بولمىغانلىقتىن  ئىچىم پۇشاتتى ، دوسلۇرۇم بىلەن ھاراق ئىچەتتىم  ، مەھەللە دوقمىشىغا چىقىپ  دوسلار بىلەن كورت ئوينايتىم  . بىراق بۇ  ئىشلار  مىنىڭ  تورخۇمارلىق  ھەۋىسىمنى قاندۇرالمىغان ئىدى . شۇ سەۋەپتىنمۇ ھاراقكەش دىگەن نامغىمۇ ئېرىشكەن ئىدىم .  
قانداق قىلىمىز يېزا دىگەندە  ئىچ پۇشقىنى مۇشۇنداق چىقارمىساق . بەزدە  دوسلار يىغلىپ مەشرەپ ئوينىساق ، بەزدە .... ھەي  ئىشقىلىپ  ھەممە خۇشالىق ئىشلارنى قىلىپ باقاتتۇق . 
 
ئايالىمنىڭ مىنىڭ بۇ ئىشلارغا قارتا  ئاچىققى كەلگەن بولسمۇ  تورخمارلىق ھەۋىسىمنى بىلگەچكە  ئارتۇق گەپمۇ قىلمايتى .  بەزدە  ئايالىمغا تۇيدۇرماي شەھەرگە كىرىپ تاڭ ئاتقۇچە  تورخانىدا تۈنەپ  ئەتىسى چىقاتتىم . ئىككى كۈن ئۆتمەيلا تورخانىغا يەنە يۈگرەپ  يازغان تىملىرىمنىڭ ئىنكاسقا تۇشۇپ كەتكەنلىكىدىن  تورداشلارنىڭ  پىكىر تەكلىپىدىن سۈينۈپ يەنە بىر تىما يوللاپ ئەتىسى يېنىپ چىقاتتىم . ئىشقىلىپ تورخۇمارلىقىم بارا - بارا كۈچەيمەكتە ئىدى . 
 
-  ئاخىرى بىر  دوستۇمدىن ئۇقۇشۇپ يېزلارغا تور  تارتىدىكەن  دىگەن گەپنى ئاڭلاپلا  پوچتا ئىدارىسگە يۈگۈردۈم . ئۇلاردىن شۇنچە ئۈتۈنۈپ قىممەت بولسمۇ ، تور سۈرىتى ئاستا بولىدۇ دىگەنگە  ئۇنىماي ئاخىرى  ئۈيۈمگە  1300  يۈئەنگە يىللىق تور  ئەكىرۋالدىم .  مەن ناھايتىمۇ خۇشال ئىدىم .  
لېكىن تور پۇلى  مەن ئۈچۈن قىممەت بولسمۇ  كۆڭلۈم توق تۇراتتى . بەزدە  ئۆيدە ئايالىم ۋە بالىلىرىم بىلەن قىززىق  كىنولارنى كۈرەتتۇق . بەزدە قىزقارلىق يۇمۇر لەتىپىلەرنى كۈرۈپ ئايالىم ناھايتى خۇشال  تۇراتتى .   
ئەڭ مۇھىمى ئايالىمنىڭ خۇشال بولىشى مىنىڭ ھاراق تاشلىغانلىقىمدا ئىدى . ئايالىم بولسا  ، سەن ھاراق تاشلىدىڭ  يىلىقى  ئىككى ئۈچ مىڭ يۈئەنلىك ھاراق ئىچەتتىڭ  تور پۇلى مىڭ نەچچە يۈز  يۈئەن ئىكەن  . دەپ  تور تاتقاندىكى  كۈنلىرمىز خۇشال خۇرام  ، ئۇرۇش ماجىراسىز ئۈتەتتى .  
مەن   تۇر بىكەتلەردە  ئانچە مۇنچە ئەسەر يېزىپ  بىر نەچچە نادىر تىملارنىمۇ يېزىپ باقتىم .  مىنىڭ مۇشۇنچىلىك بىر نەرسە يازمىقىمنىڭ ئۈزىمۇ  چوڭ ئىشى ئىدى ، چۈنكى مەن بولسام  باشلانغۇچنىمۇ تۈزۈك ئۇقىمىغان قارا تۈرىك ئىدىم .  بەزدە نىمىشقىمۇ مەكتەپتە تۈزۈك ئۇقىمىغاندىمەن دەپ ئۆز ئۈزەمگە  ئاچىقلىناتتىم .  چۈنكى بەزى تورداشلار يازغان ئەسىرىمگە قاراپ  مىنى  شىركەتلىرگە تەكلىپ قىلماقچىمۇ بولغان ئىدى .   
مەن ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ ، ئۈزەمنىڭ مەكتەپتە  باشلانغۇچ 3- سىنىپنى پۈتۈرگنلىكىمنى  خەنزۇچە سەۋيە نەدە تۇرسۇن  ئۇيغۇرچە  مەكتەپ سەۋيەرىمنىڭ پۇختا ئەمەسلىكىمنى ئېيتىپ ئۇلارنىڭ  كەتلىبىنى  نەچچە رەت   رەت قىلغان ئىدىم .  
  بەزدە ئىلھاملىرىم تۇتۇپ قالسا  شىئېر قۇشاق يېزىپ مۇنبەرداشلارنى كۈلدۈرۋىتەتتىم .   
  مەن بارا - بارا   بەزى بىر  مۇنبەرلەردە  مۇنبەر باشقۇرغۇچى ئالىي باشقۇرغۇچىمۇ بولدۇم .  بۇ مەن ئۈچۈن خۇشالىنارلىق ئىش بولسمۇ لىكىن باشقۇرغۇچلىق ۋەزىپىسىنىڭ تەسلىكىنى بارا بارا بىلىپ كەتكەن ئىدىم . چۈنكى  باشقۇرغۇچلارنىڭ ۋەزىپىسى تىما تەستىقلاشلا ئەمەس ، تىما تەھرىرلەش ، تۈرگە ئايرىش ، قانۇنسىز مەزمۇنلارنى بىر تەرەپ قىلىش ، قانداق تىملارنى نادىرلاش ۋە تامغىلاش دىگەندەك نۇرغۇنلىغان ئىشلار بار ئىدى .  
لىكىن مەن كۈندە كاچتە  تورغا چىققان بولغاچقا باشقىلارغا قارغاندا  توردىكى ۋاقتىم يەنىلا بىر قەدەر  كۆپ ئىدى .  
بەزدە مەھەلەمدىكىلەر  مىنىڭ ئەسىرىمنى  توردىن كۈرۈپ يازغۇچى ياسىنجان دەپ ماختاپمۇ قۇياتتى .  لىكىن بەزدە  مەھەلەمدىكىلەر بىلەن ئارازلىشىپ قالغان ۋاقتىممۇ بولغان .  ئۆتكەن يىلى  كەنتىمىزدە  بىرسىنىڭ مەن يازغان << ئەسەبىيلىككە قارشى >> يازغا  شىئېرىمنى مىنىڭ قىلۋېلىپ  مۇكاپات ئالغاندا  تازا ئۇرشۇپ قالغان ئىدىم ، بۇ بىزنىڭ كەنتىمىزنىڭ قانۇن سېكىرتارمىز ئىدى  ...   --- ئۇكام مەن كۈرۈپ باقاي دىدى  بىرىپتمەن . ئەتىسى  ھەمىنىڭ ئالدىدا  ئۇقۇپ قاتتىق ئالقىشقا ئېرىشتى . مەن  بۇ شىئېرنى ئۇقۇغاندا : - باشقىلار ئۇقۇپ بولغان ، دىگەن گەپلەرنى قىلىپ  تاسلا قالدى  ماڭا جازا بەرگىلى شۇنداقتمۇ  بىر كۈن كەنىتتە  دىجۈرنى تۇرۇش جازاسىنى بەردى . بەزدە  كەنىتىككى بەزلەرنىڭ مەن يازغان شىئېرلارنى ھاتتا باشقا يازغۇچلارنىڭ  شىئېرلىرنى كەنتىمىزدە ئۇقۇپ مۇكاپات ئالغان ئىشلىرمۇ بەك كۆپ . لېكىن ئىنكاس قىلاي دىسەممۇ  جازالىنىشتىن قورقتۇم .  شۇندىن بىرى كەنىتتە ئەسەر يېزىپ ئالقىشقا ئېرىشمەن دىمەي   مۇكاپات ئالمىساممۇ تور دۇنياسىغا يېزىشقا باشلىدىم . 
      بەزلەرنىڭ : 
-  تورغا  ئەسەر يوللاپ قانچە پۇل مۇكاپات كەلدى ؟ دىگەن گپلىرمۇ بولدى . مەن بۇگەپلەرگە پىسەنىتمۇ قىلماستىن  كىتىپ قالاتتىم . چۈنكى مىنىڭ ئەسەر يېزىشىم  پۇل ئۈچۈن ئەمەس بەلكى  ، بىكار ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ كۆپرەك بىلىم ئېلىش . ئاشۇ ھاراق تاماكىدىن ئۈزەمنى يىراق تۇتۇش .  مەھەللە دوقمۇشغا چىقىپ كىشلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلماسلىق ئىدى . 
بەزلەرگە نىسپەتەن تور دۇنياسى  خەتەرلەك يول بولسمۇ ،  بەزلەرگە نىسپەتەن تور دۇنياسى ئىزدەپ تاپقۇسىز  بىلىم بۇلقى .  
تور دۇنياسىدا  ، مەكتەپ دەمسىز ،  دوختۇرخانا دەمسىز ، باقمىچىلىق دەمسىز ، دىخانچىلىق دەمسىز  ئىشقىلىپ ھەممسى بار . 
ھازىر بولسا تەرەقىياتنىڭ  ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان دەۋىردە  تېلپۇنلار مودىلاشتى . شۇنىڭغا بېقىپ ئۈندىدار سالۇنلىرى كۈپەيمەكتە .  بىراق يەنە شۇ مۇنبەرنىڭ تىمىلىرىغا يەتمەيدىكەن . يەنە شۇ قىزغىنلىق ، تېتىملىق  ئىنكاسلار بولمىسۇن ، مۇنبەرلەر ئىسىل تىمسىز  قالىدۇ .  يازغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى تۈۋەنلەيدۇ . 
لېكىن مىنىڭ تورخۇمارلىقىم  ،  مۇنبەر قىزغىنلىقىم  يەنىلا  سۇسلاشقىنى يوق ..... 
ئىشلىرىمنىڭ قانچە زۈرۈلىكىدىن قەتتى نەزەر كۈندە تورنى بىر ئېچىپ مۇنبەرلەرنى بىر ئارلاپ يېڭى تىملاردىن ھۇزۇر ئېلىش مىنىڭ  ئادىتىمگە ئايلانغان ئىدى . 
 
بەزى يەرلەردە ئىملا خاتالىقى بولشى مومكىن تورداشلارنىڭ تۈزتىپ ئۇقۇشنى ئۈمۈت قىلىمەن . 
 
ئاپتۇرى :  
2016 - 8 27 كۈنى . ئونسۇ ناھيە تۇخلا يېزا  تۈۋەنكى قۇرباغ  كەنتتى  دىن  :  
ياسىنجان تۇردى .  
 
 
 |