ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 193|ئىنكاس: 9
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

گۆرىدىمۇ تىنچ ياتالمىغان داڭلىق شەخسلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

34

يازما

250

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 964
يازما سانى:
34
تىللا:
126
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
17 سائەت
ئاخىرقى:
2016-10-7
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gvzalnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-30 18:44  

گۆرىدىمۇ تىنچ ياتالمىغان داڭلىق شەخسلەر
ئاپتورى: مۇ خۇا

    500 نەچچە يىلدىن بۇيان ئېنگلاند پادىشاھى رىچاد Ⅲ نىڭ جەسىتىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغانىدى. 2012-يىلى ئەنگلىيەنىڭ لېيسېستېر شەھىرىدىكى بىر ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن بىر ئىسكىلىت قېزىۋېلىندى. 2013-يىلى 2-ئايدا  ئارخېئولوگلار سۆڭەكنىڭ   DNAسىنى تەكشۈرۈپ، بۇنىڭ دەل رىچاد  Ⅲ نىڭ ئىسكىلىتى ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ يەرنىڭ جەسەت دەسلەپ كۆمۈلگەن جاي ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈردى. ھالبۇكى، شۇنىڭدىن كېيىن، كىشىلەر مەزكۇر پادىشاھنىڭ ئىسكىلىتىنى قەيەرگە كۆمۈش ھەققىدە توختىماي تالاش-تارتىش قىلىشتى . مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۆلگەندىن كېيىن گۆرىدىمۇ تىنچ ياتالمىغان داڭلىق شەخسلەر ناھايىتى كۆپ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ جەسىتى پارچىلىۋېتىلگەن، ئوغرىلانغان، دېڭىز-ئوكيانلاردىن ئۆتكۈزۈلۈپ، يىراقلارغا ئاپىرىۋېتىلگەن. ھەتتا ياغاچ ساندۇققا قاچىلىنىپ، ئورۇندۇق ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. ئۇنداقتا، بىز بۇنداق قىسمەتكە دۇچار بولغانلارنىڭ ئىچىدىكى قىسمەن «ۋەكىل» لەرنى كۆرۈپ باقايلى.

بېتخوۋېن

      بېتخوۋېن 1827-يىلى، يەنى ۋاپات بولۇشتىن 25 يىل بۇرۇن يازغان بىر خېتىدە، سالامەتلىكىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىپ، ئۆلگەندىن كېيىن جامائەتكە ئۆزىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى چوقۇم ئاشكارىلاشنى ۋەسىيەت قىلغان. بېتخوۋېن ئۆلگەندىن كېيىن جەسەت تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا ئۇنىڭ قان تومۇر مەنبەلىك سۇلۇق ئىششىقتىن ئۆلگەنلىكى يېزىلغان. ئەمما، شەخسىي دوختۇرى بېتخوۋېننىڭ بېشىنى كېسىۋالغان. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، بۇ ئىش 1863-يىلى ئۇنىڭ جەسىتى قېزىلغاندا ئاندىن بايقالغان. بەلكىم شەخسىي دوختۇرى ئۇنىڭ زادى نېمە سەۋەبتىن گاس بولۇپ قالغانلىقىنى ئېنىقلاش مەقسىتىدە ئۇنىڭ بېشىنى كېسىۋالغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ھازىرغا قەدەر بېتخوۋېننىڭ قۇلىقىنى ھېچكىم تاپالمىغان، نۇرغۇن ئۇستىخان پارچىلىرى يەر يۈزىدە قېلىپ، 1990-يىلى بىر جەمئىيەتشۇناسنىڭ شەخسىي مۈلكى سۈپىتىدە كۆرگەزمە قىلىنغان. 2005-يىلى ئالىملار DNA ئارقىلىق بۇ ئۇستىخان پارچىلىرىنىڭ بېتخوۋېننىڭ چېچى بىلەن ماس كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

بايرون

      بۇ داڭلىق شائىر 1842-يىلى ھازىرقى گىرېرسىيەدە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە دائىرىلىرى دەسلەپتە ئۇنىڭ جەسىتى ئافېنا شەھىرىدىكى پارسېنون قەدىمىي قەسىرىگە دەپنە قىلىنسا مۇۋاپىق، دەپ قارىغان. ئەمما، بايروننىڭ چىرىشتىن ساقلايدىغان ماددا سۈركەلگەن جەسىتى ئاخىردا ئەنگلىيەگە ئېلىپ كېلىنىپ، ئۇنىڭ ۋەسىيىتىگە خىلاپ ھالدا تەكشۈرۈلگەن. دوختۇر ئۇنىڭ مېڭە، يۈرەك، ئۆپكە ۋە توغرا ئۈچىيىنى كېسىۋېلىپ، ئىسپىرتقا چىلاپ قويغاندىن كېيىن، تېرىسىنى قايتىدىن تىكىپ قويغان.      بۇ رومانتىك سەرگەردان شائىرنىڭ جەسىتى لوندوندىكى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىشقا رۇخسەت قىلىنماي، يۇرتىدىكى ئۆز جەمەتىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان. 1938-يىلى بۇ جەسەت بايروننىڭ ئەمەس دېگەن سۆزلەر تارقالغاندىن كېيىن، جەسەت قايتىدىن قېزىلىپ، بىر تارىخ ئالىمى، بىر دوختۇر ۋە نەچچە ئونلىغان چېركاۋ خىزمەتچىىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن، بايروننىڭ جەسىتى ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن.

لىنكولىن

       ئامېرىكىنىڭ 16-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى لىنكولىن 1865-يىلى قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، جەسىتى چىرىمايدىغان قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئىللىنۇئىس ئىشتاتىدىكى بىر قەبرىگە قويۇلغان. 1976-يىلى پىرېزىدېنت سايلىمى كېچىسى بىر قانچە ئادەم لىنكولىننىڭ جەسىتىنى قېزىۋېلىپ، ساختا پۇل ياساش جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە قامالغان بىر ھەيكەلتىراشنى قويۇپ بەرسە جەسەتنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى شەرت قىلماقچى بولغان. ئەمما، بۇ پىلان لىنكولىن قەستكە ئۇچرىغان كۈنى ئۆزى قۇرغان مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن تورغا سېلىنىپ، بېتون بىلەن قاتۇرۇۋېتىلگەن. 1901-يىلى لىنكولىننىڭ جەسىتى قېزىۋېلىنىپ قايتىدىن دەپنە قىلىنغان. ئەينى چاغدا ئىللىنوئىس ئىشتاتىدىكى ئەمەلدارلار بىلەن نەق مەيدانغا كەلگەن بىر كىچىك بالىنىڭ ئېيتىشىچە، لىنكولىننىڭ جەسىتى ناھايىتى مۇكەممەل ساقلانغانىكەن.

چارلىز چاپلىن

       1978-يىلى ئامېرىكىلىق بۇ كومېدىيە پېشۋاسىنىڭ جەسىتى كۆمۈلۈپ ئىككى ئاي بولمايلا، شىۋېيتسارىيەدىكى قەبرىسىدىن ئوغرىلاپ كېتىلگەن، جەسەت ئوغرىلىرى چاپلىننىڭ ئايالىغا 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بەرسە جەسەتنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ساقچىلار بەش ھەپتە تەكشۈرۈپ، ئىككى جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقان. ئۇلار چاپلىننىڭ قەبرىسىدىن 1600 مېتىر يىراقلىقتىكى يەردىن ئۇنىڭ جەسىتىنى تېپىپ بەرگەن. كېيىن بۇ ئىككى گۇماندار قەبرە كولىغان دەپ ئەيىبلەنگەن. چاپلىننىڭ جەسىتى بولسا باشقا بېتون قەبرىگە دەپنە قىلىنغان.

ئېينشتېين

      ئېينشتېين 1955-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پاتولوگى خارۋېي ئۇنىڭ جەسىتىنى يېرىپ، يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىش مەقسىتىدە، ھېچكىمنىڭ رۇخسىتىنى ئالمايلا ئۇنىڭ مېڭىسىنى ئېلىۋالغان. كېيىن ئېينېشتېيننىڭ مېڭىسى 200 پارچىغا بۆلۈنۈپ، نۇرغۇن ئالىم، نېرۋا كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرى ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن كۆپ بولغان نېرۋا يىلىم ماددا ھۈجەيرىسى ۋە نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن خېلىلا كەڭ بولغان مېڭە ياپراقچىسىنى تەتقىق قىلغان. 2011-يىلى ئېينشتېيننىڭ مېڭىسىنىڭ مىكروسكوپقا سېلىنغان 46 پارچە مېڭە ياپراقچىسى ئامېرىكا فىلادېلفىيە شەھىرىدىكى بىر مۇزېيدا كۆرگەزمە قىلىنغان.

توماس پېين

        ئامېرىكىلىق بۇ داڭلىق يازغۇچى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى بەزى قاراشلىرى دىنىي جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ قوزغىغاچقا، جەسىتى نورمال يوسۇندا دەپنە قىلىنمىغان. ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئامالسىز ئۇنىڭ جەسىتىنى نيۇيوركتىكى شەخسىي دېھقانچىلىق مەيدانىغا دەپنە قىلىنغان. ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئەينى چاغدا ئۇنى قاتتىق سۆككەن كوربېت تۇيۇقسىز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، پېيننىڭ جەسىتىنى ئەنگلىيەنىڭ لىۋىرپول شەھىرىگە ئاپىرىپ دىنىي قائىدە-يوسۇن بويىچە دەپنە قىلماقچى بولغان. ئەمما، ئۇنىڭ بۇ تەشەببۇسنى ھېچكىم قوللىمىغان. كېيىن پېيننىڭ جەسىتى بىر ساندۇققا سېلىنىپ، بىر مەزگىل كىيىم تىكىش دۇكىنىدا ئورۇندۇق ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. ئاخىرىدا بۇ ساندۇق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىۋېتىلگەن. 1864-يىلى ئامېرىكىدىكى بىر نەپەر قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش تەشەببۇسچىسى مەندە پېيننىڭ بېشى ۋە قولى بار دەپ يۈرگەن بىر ئەنگلىيەلىك ئەمەلدارنىڭ ئارقىسىغا كىرىۋېلىپ، ھېلىقى ئەمەلدارنىڭ ئوغلىنىڭ پېيننىڭ بېشى بىلەن قولىنى ئاللىقاچان سېتىۋەتكەنلىكىنى ئۇققان.       20-ئەسىرنىڭ بېشىدا يەنە بىر نەپەر ئامېرىكىلىق پېيننىڭ مېڭسىنىڭ مەلۇم قىسىمىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئۇنى پېيننىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىغا كۆمۈپ قويغان. ئەمما، ئۇنىڭ باشقا ئەزالىرى ھازىرغا قەدەر تېپىلمىغان.

ئىمپېراتور ئالېكساندىر

       ئالېكساندىر ماكېدونىيەنىڭ پادىشاھى بولۇپ، ئۇرۇشتىكى قەھرىمانلىقلىرى بىلەن مەشھۇر. تارىخشۇناسلار ئۇنىڭ جەسىتىنىڭ مىسىردىكى ئىسكەندەرىيە شەھىرىنىڭ مەلۇم يېرىگە كۆمۈلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرىدۇ. ئەمما، ئېنىق ئورنىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 332-يىلى 32 ياشلىق ئالېكساندىر بابىلون ئۇرۇشىدا قازا قىلىپ، قەدىمكى مىسىردىكى مېمفىس شەھىرىگە دەپنە قىلىنغان. شۇنىڭدىن 20 يىل ئۆتۈپ، ئۇنىڭ جەسىتى ئۇ بىر قوللۇق بىنا قىلغان ئىسكەندەرىيە شەھىرىگە قايتا دەپنە قىلىنغان. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئالېكساندىرنىڭ جەسىتى ئىسكەندەرىيە شەھىرىدىكى باشقا بىر قەبرىستانلىققا يۆتكەلگەن. بۇ قەبرىستانلىققا ئىمپېراتور قەيسەر، رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ 3-پادىشاھى كالىگۇلا ۋە قەيسەرنىڭ سىڭلىسىنىڭ نەۋرىسى ئاۋگۇست قاتارلىقلار دەپنە قىلىنغانىدى. ئېيتىلىشىچە، ئاۋگۇست ئېڭىشىپ ئالېكساندىرنىڭ جەسىتىنى سۆيمەكچى بولۇپ، ئالېكساندىرنىڭ بۇرنىنى يەرگە چۈشۈرۈۋەتكەنىكەن.

  ناپالېئون

        1821-يىلى ئەنگلىيەگە تەۋە ساينت خېلېنا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان سابىق فىرانسىيە پادىشاھى ناپالېئون جان ئۈزگەن. شۇنىڭدىن 20 يىل ئۆتۈپ، ئۇنىڭ جەسىتى فىرانسىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن. ناپالېئوننىڭ جەسەت تەكشۈرۈش دوختۇرى تەرىپىدىن كېسىۋېلىنغان مەلۇم ئەزاسى ۋە باشقا نەرسىلىرى 1916-يىلى لوندوندا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان. 1927-يىلى ناپالېئوننىڭ بۇ ئەزاسى نيۇيوركتىكى فىرانسىيە مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنغان ھەم يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ قولىدىن ئۆتۈپ، 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكىلىق پاتولوگ تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ، ئۇنىڭ كارىۋىتى ئاستىدىكى ساندۇقتا ئۇزاق يىل تۇرغان. بۇ ئالىم 2007-يىلى ۋاپات بولغاندا ناپالېئوننىڭ بۇ ئەزاسىغا ئۇنىڭ قىزى ۋارىسلىق قىلغان.


گالىلېي

       «غەيرىي ئەقىدە»دە چىڭ تۇرغان بۇ ئىتالىيەلىك ئاسترونومىيە ئالىمى 1642-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دىنىي قائىدە-يوسۇن بويىچە دەپنە قىلىنمىغان. شۇنىڭدىن تەخمىنەن 100 يىل ئۆتكەندىن قېيىن ئالىملار ئۇنىڭ جەسىتىنى قېزىۋېلىپ، فىلورېنسادىكى بىر مەرمەر تاش قەبرىگە دەپنە قىلغان. ئەمما، ئۇزاق ئۆتمەي بۇ يەردىكى ئادەملەر ئۇنىڭ بەدەن ئەزالىرنى، جۈملىدىن بارماقلىرىنى، بىر دانە چىشىنى ۋە بىر تال ئومۇرتقا سۆڭىكىنى خاتىرە بۇيۇم سۈپىتىدە ساقلاشقا ئەكەتكەن. ئۇنىڭ ئومۇرتقىسى كېيىن پادۇئا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇزېيىدا ساقلانغان. ئوتتۇرا بارمىقى مەلۇم بىر يىغىپ ساقلاش كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان. قالغان سۆڭەكلىرى يىتىپ كېتىپ، ئۈچ يىلدىن كېيىن فىلورېنسادىكى بىر قېتىملىق كىمئارتۇق بازىردا سېتىلغان. ھازىر گالىلېينىڭ جەسىتى ھەقىقىي گالىلېي مۇزېيىدا ساقلانماقتا.

مەنبەسى: «تەرمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 8-سانى

‹‹گۈلباھار قۇربان تەرجىمىسى››
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-1-30 18:18:36 | ئايرىم كۆرۈش
تىمىڭىزنى تەستىقلاشتىن بۇرۇن بەت تەھرىرلەش ئىلىپ بىرىپ رەتلەپ قوياي دىسەم قىلالمىدىم .كەچۈرۈڭ  ،  1-بۆلەكنى نەچچە قىتىم  ئوڭشىساممۇ پەقەت بولمىدى .
ئۇلۇغ ئادەملەرنىڭ  جەسىدىگىمۇ ئاراملىق يوق ئىكەن .
ياخشى تىمىڭىزغا  تەشەككۈر !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

19

تېما

1336

يازما

4877

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 471
يازما سانى:
1336
تىللا:
3531
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
398 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-10

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-1-30 18:34:50 | ئايرىم كۆرۈش
ھا ھا ھا ئاجايىپتە ،شۇنىڭغا قارىغاندا داڭلىق شەخس بولماقمۇ ئاسان ئەمەسكەن جۇمۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى سالامەت بۇلۇڭلار !

19

تېما

1336

يازما

4877

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 471
يازما سانى:
1336
تىللا:
3531
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
398 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-10

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-1-30 18:44:51 | ئايرىم كۆرۈش
ئاتىكەم يوللىغان ۋاقتى  2016-1-30 18:18
تىمىڭىزنى تەستىقلاشتىن بۇرۇن بەت تەھرىرلەش ئىلىپ بىر ...

بولدى ھەدە










يامان ئېچىنىشلىق ئىكەن لىكىن بۇ خەقنىڭ ئۆلگەندىن كىيىنكى كۈنلىرى ......
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى سالامەت بۇلۇڭلار !

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2016-1-30 18:49:46 | ئايرىم كۆرۈش

گۈزەلىم  ،  سىز كىرىپ ئوڭشىۋىتىپسىز - دە .  مەن نەچچە قىتىم قايتا - قايتا  تەھرىرلەپ ، قايتا - قايتا تەستىقلاپ  جايىغا كەلتۈرەلمىگەن ئىدىم ،تەشەككۈ ر!
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2016-1-31 09:18:58 | ئايرىم كۆرۈش
ئاتىكەم يوللىغان ۋاقتى  2016-1-30 18:49
گۈزەلىم  ،  سىز كىرىپ ئوڭشىۋىتىپسىز - دە .  مەن نەچچە قى ...

ئۇششاق چۈششەك كود بەلگىلىرىگە قاراپ ئىچىڭىز پۇشۇپ كەتكەندۇ شۇ؟ بارغانسېرى كۈنۈپ كىتىسىز بىزدەك .ھى ھى ھى
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2016-1-31 09:19:43 | ئايرىم كۆرۈش
خۇلاسە كالام:ئۇلۇغ بولماق تەس،ھايات ۋاقتىدا كەينىدىن تىللاپ،بولمىغاندا يۈز تۇرانە تىللاپ ئامانلىق يوق.ئۆلگەندە جەسىدىگىمۇ ئامانلىق يوق مانا
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2016-1-31 22:46:23 | ئايرىم كۆرۈش
جەسەت تەكشۈرۈش دېسە قورقىمە مەن.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

23

تېما

231

يازما

777

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 841
يازما سانى:
231
تىللا:
486
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2016-2-1 14:26:29 | ئايرىم كۆرۈش
داڭلىق شەخىس بۇلۇشمۇ ئاۋارچىلىك ھەم خاتىرجەمسىزلىك كەن جۇمۇ.
ئ‍ۈمۈدسىزلىك يېرىم ئ‍ۈلۈم،   ئ‍ەمما ئ‍ۈمۈدنى  ئ‍ىنساندىن  كۈتۈش ،  پۈتۈن ئ‍ۈلۈم  .

4

تېما

24

يازما

86

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 699
يازما سانى:
24
تىللا:
62
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
6 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-30
10#
ۋاقتى: 2016-2-20 06:09:14 | ئايرىم كۆرۈش
ئاجايىپ ئادەملەر باردە بۇ جاھاندا.،.، جەسەتنى ئوغۇرلاپ پۇل تاپىدىغان.، ەگەپما  ئەمدى.،.، بىزنىڭ بەزى ئادەملىرمىز.،. ئۆز قىرىندىشىنى ساتسا  ما خەق ئۆلگەندىن كىيىن جەسىدىنى ساتىدىكەن.،.ھايات ۋاقتىدا ئىش قىلىپ قەدىرلەيدىكەن،، ئەمما بىز خەق .، ھايات ۋاقتىدا  سىتىپ ئۆلگەندە قەدىرلەيمىز،.،،.  بىز بىلەن بۇلار ئارسىدا ئاسمان زىمىن پەرىق باركەن
مۇھەممەد
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:09 , Processed in 0.132832 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش