ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 158|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

پاكىز بىلىندىغان ناچار ئادەتلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

284

يازما

1207

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 751
يازما سانى:
284
تىللا:
893
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
230 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-11





پاكىز بىلىندىغان ناچار ئادەتلەر





ئاق قەغەز بىلەن يېمەكلىك ئوراش




قەغەزنى ئاقارتىش ئۈچۈن كۆپىنچە زاۋۇتلار ئاقارتىش دورىسى قاتىدۇ. ئاقارتقۇچى دورا

يېمەكلىك بىلەن ئۇچراشقاندا، بىر قاتار خىمىيىلىك رېئاكسىيە يۈز  بېرىپ، بىر قىسىم زىيانلىق

ماددىلار ھاسىل بولۇپ، ئاسانلا يېمەكلىكنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.






تازىلىق قەغىزىدە قاچا -قۇچىلارنى سۈرتۈش


دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ ئارىلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ھەر خىل تۈردىكى

كۆپ قىسىم تازىلىق قەغەزلىرى پاكلانمىغان(دېزىنفېكسىيە  قىلىنمىغان) ياكى تولۇق

پاكلانمىغانلىقى، قەغەز يۈزىدە نۇرغۇن مىكروب ساقلانغانلىقى بايقالغان. بۇ مىكروبلار ئاسانلا

سۈرتۈلگەن نەرسىلەرگە يۇقىۋالىدۇ. پەقەت ياخشى پاكلانغان ئالىي دەرىجىلىك تازىلىق

قەغىزىلا سەھىيە ئۆلچىمىگە يېتىدۇ.





تاماق ئۈستىلىگە سۇلياۋ داستىخان سېلىش



تاماق ئۈستىلىگە سۇلياۋ داستىخان سالسا، گەرچە چىرايلىق كۆرۈنسىمۇ، ئەمما سۇلياۋ داستىخانغا ئاسانلا چاڭ-توزان،مىكروب قاتارلىقلار چاپلىشىۋالىدۇ،  يەنە سۇلياۋ داستىخان زەھەرلىك ۋىنىل خلورىد سىمولاسى(لۈيىشى  شۇجژ  脂树烯乙氯)دىن ياسالغاچقا،قاچا- قۇچا،يېمەك-ئىچمەك مەلۇم  ۋاقىت سۇلياۋ داستىخاندا تۇرسا،زەھەرلىك ماددىلار بىلەن بولغىنىدۇ، بۇ نۇرغۇن كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.






يېمەكلىكلەرگە داكا يېپىش ئارقىلىق چىۋىندىن ساقلىنىش


يېمەكلىك ئۈستىگە داكا ياپقاندا،گەرچە چىۋىن يېمەكلىككە بىۋاسىتە يېقىنلىشالمىسىمۇ،ئەمما داكا ئۈستىگە قونغاندا،تۇخۇملىرىنى قالدۇرۇپ قويىدۇ. بۇ  تۇخۇملارداكا تۆشۈكچىلىرىدىن چۈشۈپ يېمەكلىكلەرنى بۇلغايدۇ.






لۆڭگە بىلەن قاچا - قۇچىلارنى سۈرتۈش


تۇرۇبا سۈيى قاتتىق ئۆلچەم بويىچە پاكلىنىدۇ.تۇرۇبا سۈيى بىلەن يۇيۇلغان قاچا-قۇچا،مېۋە-

چېۋىلەرئاساسىي جەھەتتىن پاكىز  بولىدۇ،قايتا  لۆڭگە  بىلەن سۈرتۈشنىڭ ھاجىتى يوق.

لۆڭگىدە نۇرغۇن كېسەل مىكروبلىرى بولغاچقا، قاچا-قۇچىنى لۆڭگە بىلەن سۈرتسە، -قېتىملىق

بولغىنىش پەيدا  قىلىدۇ.






مېۋىنىڭ بۇزۇلغان قىسمىنى ئېلىۋېتىپ ئىستېمال قىلىش



بەزىلەر مېۋە يېگەندە، مېۋىنىڭ بۇزۇلغان قىسمىنى ئېلىۋېتىپ يېيىشكە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئەمەلىيەتتە،مېۋە  شىرنىسى ئارقىلىق مىكروبلار ئاللىقاچان تارقىلىپ بولغان بولىدۇ، ھەتتا

مىكرو جانلىقلار كۆپىيىشكە باشلىغان بولىدۇ. بۇنىڭدىكى زەمبۇرۇغ ئادەم تېنىدىكى

ھۈجەيرىلەرنى ئۆزگەرتىپ راك پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، بۇزۇلغان مېۋىلەرنى ئەڭ ياخشىسى

يېمەسلىك  كېرەك.






ئورنىدىن تۇرۇپلا يوتقاننى يىغىۋېتىش



ئادەم  كۈندە كۆپ مىقداردا تەر ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ئورنىدىن تۇرۇپلا يوتقاننى يىغىۋەتسە،

تەر يوتقاندا ساقلىنىپ  قالىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تەر پۇرىقى ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىغا تەسىر

كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە كېسەل مەنبەسىنى ياشاش مۇھىتىغا ئىگە قىلىدۇ. توغرا ئۇسۇل بولسا:

ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ئاۋۋال يوتقاننى ئۆرۈپ،مىنۇت ئەتراپىدا شامالداتقاندىن كېيىن

يىغىش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى ھەپتىدە بىر قېتىم ئاپتاپقا سېلىش كېرەك.






ئۇزۇن مەزگىل بىر خىللا دورىلىق چىش پاستىسىنى ئىشلىتىش


دورىلىق چىش پاستىسىنىڭ بەزى مىكروبلارنى چەكلەش رولى  بولسىمۇ، ئەمما ئۇزاق مەزگىل

بىر خىللا دورىلىق چىش پاستىسىنى ئىشلەتسە، ئېغىز بوشلۇقىدىكى مىكروبلار ئاستا - ئاستاچىش

پاستىسىغا ماسلىشىپ، دورىغا چىدامچانلىقنى پەيدا قىلىدۇ.  






ئەسلى مەنبە:كارۋان تورى


2015-يىل29-دېكابىر
28-
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئادەمنى خار قىلىدىغىنىمۇ نىيەت،ئەزىز قىلدىغىنىمۇ نىيەت.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-12-30 12:05:09 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇ ئاشخانىلاردا كۆپ دىققەت قىلىپ قالىمەن ، قاچىنى يۇيۇپ بۇلۇپ قۇرۇق لۈڭگە بىلەن بىر رەت سۈرتۈپ ئاندىن دېزىنفېكسىيە ئىشكاپىغا سالىدىكەن . قاراپلا كۆڭلۈم باشقىچە بۇلۇپ قالاتتى . دېمەك ماۋۇ تېمىدا دىيىلگەندەك بۇلىدىكەن ئاينا @

23

تېما

231

يازما

777

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 841
يازما سانى:
231
تىللا:
486
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-12-30 19:02:42 | ئايرىم كۆرۈش
بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك.
ئ‍ۈمۈدسىزلىك يېرىم ئ‍ۈلۈم،   ئ‍ەمما ئ‍ۈمۈدنى  ئ‍ىنساندىن  كۈتۈش ،  پۈتۈن ئ‍ۈلۈم  .

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-12-31 18:01:40 | ئايرىم كۆرۈش
ئاپلا   ،  بەزىلىرى مەندىمۇ بار ئىكەن ئەمەسمۇ ؟
دەرھال تۈزىتەي  .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:52 , Processed in 0.115042 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش