ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 503|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ۋەزىر بىلەن لەشكەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

60

تېما

125

يازما

987

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 526
يازما سانى:
125
تىللا:
832
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
70 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-11

كۆيۈمچان ئەزا

                           ۋەزىر بىلەن لەشكەر

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر پادىشاھ چارلاشقا چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئىسمى ئويۇلغان ئۈزۈكىنى يوقىتىپ قويۇپتۇ. پادىشاھ ئوردىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە ئۈزۈكنى تېپىۋالغۇچىلار ئۈزۈكنى تاپشۇرۇپ بەرسە چوڭ ئىنئام بېرىدىغانلىقىنى توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرۈپتۇ.

پادىشاھنىڭ ئۈزۈكىنى تېپىۋالغان بىر لەشكەر ئۈزۈكنى ئۆز قولى بىلەن پادىشاھقا تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئوردىغا كەپتۇ. لېكىن، ئوردا قاراۋۇللىرى ئۇنى ئوردىغا كىرگۈزمەپتۇ. لەشكەر ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن قاراۋۇللار ئاندىن ئوردىغا كىرىشكە روخسەت قىپتۇ. بىراق، پادىشاھ تۇرىدىغان قەسىرگە ئاز قالغاندا باش ۋەزىر ئۇنى توسۇۋاپتۇ:

ــ بۇ دېگەن شاھ ئوردىسى، سەن بۇ يەرگە كېلىشكە قانداق پېتىندىڭ؟

ــ مەن پادىشاھىمىزنىڭ ئۈزۈكىنى تېپىۋالغان، تاپشۇرۇپ بېرەي دەپ كېلىشىم.

ــ ئۇنداقتا ياخشى، سەن ئۈزۈكنى ماڭا تاپشۇرۇپ بەرسەڭ بولىدۇ. مەن پادىشاھىمىزغا يەتكۈزۈپ بېرىمەن.

لەشكەر بۇ ۋەزىرنىڭ باشقا نىيەتتە بولۇۋاتقانلىقىنى سېزىپ، پادىشاھىمىزغا ئۆز قولۇم بىلەن تاپشۇرۇپ بېرىمەن دەپ تۇرىۋاپتۇ.

ـ- بۇمۇ بولىدۇ. ئۇنداقتا ئۆز قولۇڭ بىلەن تاپشۇرۇپ بەرگىن. بىراق ۋاقتى كەلگەندە پادىشاھ ئىنئام قىلغان تارتۇقنىڭ يېرىمىنى ماڭا بېرىشىڭ كېرەك دەپتۇ.

لەشكەر سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:

ــ بولىدۇ، پەقەت ئۆزلىرى مېنىڭ پادىشاھ ئالىلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىمگە رۇخسەت قىلسىلىلا، تارتۇقنىڭ يېرىمىنى ئۆزلىرىگە بۆلۈپ بېرىشكە رازىمەن، دەپتۇ.

ــ ئاغزىڭدىكى قۇرۇق گەپكە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. بىز ياخشىسى تىلخەت يېزىشىۋالايلى !

شۇنداق قىلىپ، لەشكەر تىلخەت يېزىپ بېرىپتۇ. ۋەزىر تىلىخەتنى يازدۇرۇۋالغاندىن كېيىن خۇشال ھالدا ئوردىغا كىرىپ، پادىشاھقا بىر لەشكەرنىڭ ئۈزۈكنى تېپىۋېلىپ، ئېلىپ كەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىپتۇ.

پادىشاھ خۇشال بولۇپ، دەرھال لەشكەرنى باشلاپ كىرىشكە بۇيرۇپتۇ. لەشكەر ئۈزۈكىنى ئېھتىرام بىلەن پادىشاھقا سۇنۇپتۇ. پادىشاھ شۇ ھامان ئوردا خەزىنىچىسىگە: «بۇ لەشكەرنى ھازىرلا 1000 تىللا بىلەن تارتۇقلاڭلار!» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ.

ئويلىمىغان يەردىن لەشكەر دەرھال رەت قىلىپتۇ: ياق ماڭا تىللا كېرەك ئەمەس، مېنى پەقەت 100 دەررە ئۇرۇشقا بۇيرۇسىلا !

ــ نېمە ئۈچۈن ؟ دەپ سوراپتۇ پادىشاھ ھەيران بولغان ھالدا.

ــ مەن پەقەت شۇنداق بولۇشىنىلا ئۈمىد قىلىمەن. پادىشاھ لەشكەرنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇنى 100 دەررە ئۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا لەشكەر تىزلىنىپ تۇرۇپ: شانۇشەۋكەتلىك پادىشاھىئالەم سىلىنىڭ بۇ 100 دەررە ئىنئاملىرىنى مەن ئۆزۈملا ئالسام بولمايدۇ. مېنىڭ يەنە بىر شېرىكىم بار، سىلى قانداقلا تارتۇقسىلا، ئىككىمىز تەڭ بۆلۈشمەكچى بولۇشقانىدۇق، دەپتۇ.

ــ ئۇ كىم ؟

لەشكەر ۋەزىرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: ئۇ دەل سىلىنىڭ ۋەزىرلىرى، ئۇ مېنى سىلە بەرگەن ئىنئامنى بۆلۈپ بېرىشكە قىستىغانىدى، بولمىسا ئۆزىدىن سوراپ باقسىلا ! دەپ ھېلىقى تىلخەتنى پادىشاھقا سۇنۇپتۇ.

پادىشاھ تىلخەتنى كۆرگەندىن كېيىن كۈلۈپ كېتىپ: سەن ھەقىقەتەن ئەقىللىق ئىكەنسەن ! سېنىڭ دېگىنىڭ بويىچە دەررىنىڭ يېرىمىنى ئۇنىڭغا بېرەيلى ! دەپتۇ. پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ياساۋۇللار ۋەزىرنى 50 دەررە ئۇرۇپتۇ. بۇ ۋاقىتتا لەشكەر يەنە: پادىشاھ ئالىيلىرى، مېنىڭ سىلىنىڭ ئىنئاملىرىدىن قىلچە تامايىم يوق. شۇڭا مېنىڭ نېسىۋەمنىمۇ ئۇنىڭغا بەرگەن بولسىلا ! دەپتۇ.

ــ بولىدۇ، سېنىڭ دېگىنىڭ بويىچە بولسۇن !

شۇنىڭ بىلەن ئاچ كۆز ۋەزىر يەنە 50 دەررە يەپتۇ.

پادىشاھ لەشكەرنىڭ سەمىمىيىتى ۋە ئەقىل – پاراسىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇنىڭ 2000 تىللا بىلەن تارتۇقلاپتۇ.


مەنبە:نۇر تورى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئارتىس119-ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار، ياشاشنىڭ،سۆيۈشنىڭ،ئۆلۈشنىڭ!!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-3-27 18:10:54 | ئايرىم كۆرۈش
نىمە دىگەن ئاچكۆز ۋەزىر  ئۇ   .
يەنىلا  لەشكەر  ئەقىللىق كەپتۇ .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

1

تېما

97

يازما

321

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1008
يازما سانى:
97
تىللا:
224
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
71 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-21
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-3-28 15:14:20 | ئايرىم كۆرۈش
باپلاپتۇ...

مەن كىم؟

14

تېما

231

يازما

732

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 854
يازما سانى:
231
تىللا:
486
تۆھپە:
5
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
115 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-15

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-7-9 17:29:31 | ئايرىم كۆرۈش
قاشقا سانىسا كۆزگە كىشىگە سانىسا ئۆزىگە دىگەندەكلا بوپتۇغۇ
لەشكەر راسلا ئەقىللىقكەن
ئەگەر بىز كاللىنى كاللا ئورنىدا ئىشلەتمىسەك
كاللا بىزنى  كالا   ئورنىدا  ئىشلىتىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:24 , Processed in 0.124173 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش