ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 134|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مائارىپ ئۈچۈن راست ئىش قىلايلى، ھەق سۆزلەيلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

94

يازما

402

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1009
يازما سانى:
94
تىللا:
308
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-28

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

مائارىپ ئۈچۈن راست ئىش قىلايلى، ھەق  سۆزلەيلى



روزىمۇھەممەد ياقۇپ
( لوپ ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىن)



مائارىپنىڭ ئەۋلادلارنى تەربىيەلەيدىغان ساھە ئىكەنلىكى ھەممە بىلىدۇ.  بالىلار يۇمران نوتىغا ئوخشايدۇ. ئۇنى قانداق ئېگىپ قويسا شۇنداق ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. شۇڭا، تەلىم-تەربىيەدە ئەسلا ساختىلىق قىلىشقا، سەھۋەنلىك ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ.  دانىشمەنلەر بۇھەقتە: «بالىلار ئۆگىتىلگەن ئادەت دەرەخ قوۋزىقىغا ئويۇپ قويۇلغان ھەرپكە ئوخشايدۇ.  بۇ ھەرپ دەرەخنىڭ  چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بىللە چوڭىيىدۇ» دەيدۇ.  
لېكىن، نۆۋەتتە مەكتەپ، ئائىلە تەلىم-تەربىيەسىدە سەھۋەنلىكلەر ئاز ئەمەس. بىر قىسىم مائارىپچىلار ۋە ئاتا-ئانىلاردا نېمىدە ئۇستاز بولۇش، قانداق ئۇستاز بولۇش تازا ئايدىڭ ئەمەس. شۇڭا، كۆپ  ھاللاردا ئىجابىي تەرەپتىن ئەمەس، سەلبىي جەھەتتىن ئۇستاز بولۇش ئەھۋاللىرى بىرقەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ.  
بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلار مائارىپچىلارنىڭ ئاۋازى، ساداسى بولغان “شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» ۋە «شىنجاڭ مائارىپى»،  «خوتەن مائارىپى» ژۇرناللىرىدا  ئەكس ئىتىپ تۇردى.  
ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنىڭ تەجرىبە ئېتىزى ۋە ماتېرىيال مەنبەسى ئاساسىي قاتلام بولۇپ، تەتقىقات ماقالىلىرى شۇ ئېتىزنىڭ ھوسۇلى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ماقالىنىڭ تومۇردا ئېقىۋاتقىنى مائارىپنىڭ ئىسسىق قېنى.  بۇ  تومۇردا گاھى زەرداپ سۇ ئاقسا، گاھىدا ساپ، سۈزۈك قان ئاقىدۇ. تەتقىقاتچىلار بىر ھەكىم سۈپىتىدە مائارىپنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى تىڭشايدۇ، مائارىپنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ھارارەتكە ئاساسەن مىجەز  ئۆزگىرىشىنى سەزگۈرلۈك بىلەن بايقايدۇ ۋە ئىنكاس قىلىدۇ. تەتقىقاتچىلار بىلەن مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلار   تومۇرداش بولۇپ، ئۇلار ھەرگىز بىرى سۇ، بىرى قان ئەمەس. شۇڭا، تەتقىقات ئارقىلىق  يورۇتۇلغان مەسىلىلەر راست ۋە ئىشەنچىلىك بولىدۇ. لېكىن يېقىندىن بۇيان تەتقىدى ماقالىلىرىغا قارىتا قاراش ھەر  خىل بولۇۋاتىدۇ. ھەر  خىل نەشىريات ئۇرۇنلىرىدا  تەنقىت خارەكتىرىدىكى ماقالە-ئەسەرلەردىن قۇرقۇش كېسلى پەيدا بولسا، ئېلان قىلىنغان بىرقىسىم تەنقىدىي ماقالىلەر ئۈستىدىمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىنكاسلارمۇ ئوخشاش بولمىدى. بەزىلەر تەنقىتلەش كېرەك دېسە، بەزىلەر تەنقىتلىمسەسلىك كېرەك دىيىشتى. تەنقىت ئوبېكىتلىرنىڭ بەزىسى   تەنقىتنى قۇبۇل قىلالىسا، بەزىسى قۇبۇل قىلالمىدى.  
نۆۋەتتىكى مەسىلىنىڭ نېگىزى تەتقىد  يېزىش-يازماسلىق مەسىلىسى  بولماستىن بەلكى ئوبېىيكتىپ  مەسىلىسىنى تۇنۇش بىلەن تۇنۇيالماسلىق، ئىتتىراپ قىلىش  بىلەن قىلالماسلىق، تەنقىتنى قوبۇل قىلىش  بىلەن قىلالماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە بولۇپ قالدى.
بىزنىڭ مائارىپتا تەنقىد قىلغۇدەك مەسىلە يوقمۇ؟ ياكى بار بولسىمۇ ئېتىراپ قىلغۇمىز يوقمۇ؟
مەن تەتقىقاتچى. مېنىڭ خىزمەتلىرىمنىڭ تەڭدىن تولىسى مەكتەپلەردە، ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ئۆتىدۇ. ئادەتتىكى تەكشۈرۈشنى ھېسابقا ئالمىغاندىمۇ، يىلدا نەچچە قېتىم چوڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈشلەر بولۇپ تۇرىدۇ. تەكشۈرۈشتىن مەقسەت مەسىلە تېپىش ئەمەس.  ئەمما، تەكشۈرۈش داۋامىدا ئۇنداق-مۇنداق مەسىلىلەر دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ.  مائارىپ بىر كېگىزگە ئوخشايدۇ، بۇ كېگىزنى كىم  سۈپۈرسە، قاچان سۈپۈرسە قىل چىقىۋېرىدۇ.  بۇ قېتىم ھەممىسنى سۈپۈرىۋەتتۇق، دېگەندىمۇ، ھەپتە-ئون كۈن، بىرئاي، بىر مەۋسۈم ھەتتا  بىريىلدىن كېيىن سۈپۈرسەڭ شۇ مەسىلە يەنىلا شۇخىل ھالەتتە ئالدىمىزغا ئۇچراپ تۇرىدۇ.  بۇلارنىڭ بەزىسى ناھايىتى گەۋدىلىك، بەزىسى ئادەتتىكىچە.  خۇددى تاپانغا تىكەن سالچىلسا، يۈرەك ئاغرىغاندەك، بەدەننىڭ ھەرقانداق يېرى ئاغرىسا ياكى جاراھەتلەنسە دەرھاللا مېڭىدە ئىنكاس پەيدا بولغاندەك، مەكتەپلەردە سادىر بولغان مەسىللەر مېڭەمنى غىدىقلاپ، مېنى چوڭقۇر ئويغا سالدى.  كۆپ ھاللاردا مەكتەپلەرگە خۇشال بېرىپ، ھەسرەت بىلەن قايتىپ كېلىدىغىنىم، ئۆمۈد بىلەن بېرىپ ئۆمۈدسىز قايتىپ كېلىدىغىنىم، يىنىك بېرىپ، ۋۇجۇدۇمنى بىر پاتمان تەشۋىش ۋە غەم بېسىم كېلىدىغىنىم  ئۆزەمگە ئايان.  مەن ھەرقېتىم تەكشۈرۈش نۇقتىسىنىڭ كىچىك سوپىسىدا تۇرۇپ، پۈتۈن مائارىپقا نەزەر سېلىپ كەلدىم، مائارىپنىڭ قان تومۇرى ئارقىلىق مائارىپنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى تىڭشىدىم ۋە ئۇنىڭغا ئاساسەن ئۇنىڭغا دىياگىنوز قويدۇم. ماقالە ئېكرانى ئارقىلىق كۆرۈلگەن  كېسەللىكلەرنى كۆرسەتتىم. دورا قىلىشنى، بالدۇرراق داۋالاشنى تەشەببۇس قىلدىم، جار سالدىم ۋە ئۆمۈد قىلدىم. شۇڭا، مېنىڭ تەنقىدى ماقالىلىرىم نۆۋەتتىكى  ئەينەن ئەھۋالنىڭ نەق  ئۆزى، ئىنكاسى ۋە خاتىرىسى دېسىمۇ بولىدۇ. ئەگەرسىز  ئۆزىڭىزگە تۇنۇش بولمىغان باشقا ماكان ۋە مۇھىتنىڭ مائارىپ ئەھۋالىنى    بىلمەكچى بولسىڭىز، شۇ ئۇرۇن ھەققىدە يېزىلغان تەتقىقات  ماقالىسىگە مۇراجەت قىلسىڭىزلا، بەلكى شۇ ئۇرۇن مائارىپنىڭ قايسى ئەزاسىنىڭ ئىممونېت ئىقتىدارىنىڭ بۇزۇلغانلىقى ياكى ئاجىزلىغانلىقىنى، قايسى ئەزاىسدا يۇقۇم پەيدا بولغانلىقىنى ھس قىلالايسىز. تەنقىد ماقالاسى ھەرگىزمۇ مائارىپقا بولغان نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىك ئەمەس، بەلكى مائارىپقا  بولغان كۈچلۈك سۆيگۈ ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ پارتلاپ چىقىشى. بۇنداق چوقانلار  چىقىپ تۇرسا، مەسىلە تۈزۈلسە ھەممىمز ئۈچۈن پايدىلىق ۋە خۇشاللىنارلىق. ئەكسىچە كېسەلنى يوشۇرۇش ئۆلۈمنى چىللاشقا باراۋەر. مېنىڭچە ئەيىبنىڭ يوشۇرۇپ، يوقنى بار قىلىپ ماختاشنىڭ  ئۆزى ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋال.  ئەگەر ماختاشقىلا سىزىك بولسىڭىز ھەمدۇ-سانا ئاستىغاكۆمۈلگەن ھەقىقەتنىڭ ئاچچىق نالىسى ۋە كۆز يېشىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمايمىز.  
سۇغا كىرمىگەن ئادەم ئۇنىڭ ئىسسىق-سوغۇقلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ. توق ئادەم قورسىقى ئاچقانلارنىڭ ھېس-تۇيغۇسىنى چۈشەنمەيدۇ. بىز بۇنى يازغۇچى بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە تەدبىقلساق، يازغۇچىلار سۇ ئىچىگە كىرگىنى ئۈچۈن ئۇنىڭدا بىۋاسىتە ئىنكاس پەيدا بولغان. ئوقۇرمەنلەر قىرغاقتا تۇرغۇچى ياكى سۇ ئىچىدە تۇرسىمۇ  سەزگۈسى شۇ خىل مۇھىتقا كۆنۈپ  كەتكۈچى بولۇپ، ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسى ۋە ھېس-تۇيغۇسى ئەلۋەتتە ئاپتوردىن تۆۋەنرەك بولىدۇ. شۇڭا، تەنقىتنى قوبۇل قىلالمايدۇ.  بۇنداق دېگىنىم ئوقۇتقۇچىلارنى  ئۆزى قىلىۋاتقان ئىش ۋە مۇھىتنى بىلمەيدۇ دېگەنلىكىم ئەمەس. مەن بۇنىڭغا تۇرمۇشتىكى مۇنداق بىر ھەقىقەتنى نەقىل كەلتۈرىمەن. سىز كۈنىگە كۆۋرۈكتىن  نەچچە رەت ئۆتۈپ تۇرىسىز، ئەمما سىزدىن بىرسى ئۆستەڭدە سۇ بارمۇ-يوق سورىسا دەررۇ، بار-يوقلىقىغا جاۋاب بېرەلەمسىز؟ سىز ئۈستىڭىزگە ھەركۈنى كىيىم كېيىسىز. ئەگەر سىزدىن بىروۋ چاپان ياكى دوپپىڭىزنىڭ ئەستىرى قانداق رەڭدە دەپ سورىسا، قارىماي تۇرۇپ جاۋاب بېرەلەمسىز؟ سىز قەۋەتلىك بىناغا كۈنىگە نەچچە قېتىم چىقىپ-چۈشۈسىز. ئەگەر سىزدىن نەچچە پەلەمپەي بارلىقىنى سورىسا دەررۇ جاۋاب بېرەلەمسىز؟
شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار مەكتەپلەردە نۇرغۇن. سىنىپتىكى كۆرسەتمە، خەرىتە، مەكتەپ ئىچىدىكى تەشۋىقات ۋەرەقچىلىرى، توك سىملىرى، ياغاچ ۋە  ساڭگىلاپ تۇرغان ھالەت دائىم تەكشۈرگۈچىلەرگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. ئەمما شۇ مەكتەپنىڭ دائىملىك ئىگىسى بولغان مەكتەپ مۇدىرى ياكى ئوقۇتقۇچى «بۇنى كۆرمەپتۇق»دەيدۇ.  
پاكىزە مۇھىتتا ياشىغان ئادەم  باشقا ئۇرۇندىكى بىسەرەمجانلىقىنى تېزلا ھېس قىلالايدۇ. ئەمما شۇ مۇھىتتا ياشىغۇچى ھەممە يەر شۇنداق دەپ چۈشىنىدۇ-دە، ئۇنىڭدا ئىنكاس بولمايدۇ.  
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەتقىق قىلغۇچى شۇ مۇھىتنى بىرقەدەر چوڭقۇرچۈشىنىدۇ ۋە تۇنۇيدۇ.  ئۇنىڭ ئۈستىگە  ھەر بىر ئۇرۇننىڭ ئەھۋالى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ.  بىر ئۇرۇندا ئالاھىدە بولغان ئىش بىر ئۇرۇندا ئومۇملىققا ئىگە بولۇشى، بىر ئۇرۇندا ئومۇملىققا ئىگە بولغان ئىش يەنە  بىر ئۇرۇندا ئايرىمىلىق بولۇشى مۇمكىن.  
ھەر بىر كېسەلنىڭ دورىسىمۇ پەرىقلىق بولىدۇ.  شۇڭا، بىر كېسەلگە شىپا قىلغان دورا، يەنە  بىر خىل بىماردا رىياكسىيە قىلىشى مۇمكىن.  
  شۇڭا، كۆپ ھاللاردا تەتقىتنى قۇبۇل قىلالمايدىغان ئەھۋاللار بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ نورمال ئەھۋال.  بۇنىڭلىق بىلەن تەنقىد ماقالىسى چەتكە قېقىلسا ياكى توغرا ئىتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلمىسە بۇمۇ ئادىل بولمىغىنى.     
نەشىريات ئۇرۇنلىرىغا نىسبەتەن تەنقىد ئەسەرلىرىدىن قۇرقۇشنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكىنى پەرەز قىلغىلى بولسىمۇ، ئەمما تۆۋەندە مائارىپچىلارنىڭ قۇبۇل قىلالماسلىقى مەسىلىنىڭ بىز مۆلچەرلىگەندىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
بىزدە شۇنداق بىر ھەقىقەت مەۋجۈت. ساق ئۇرۇنغا بىرنەرسە تەگسە ئانچە ئاغرىمايدۇ، ئەمما «قايەر ئاغرىسا، جان شۇيەردە» دېگەندەك، كېسەل ۋە جاراھەتلەنگەن ئۇرۇندا بەك ئاغرىشى بولىدۇ.  لۇشۇن ئاكىيونىڭ ھەقىقى تەرجىمىھالىنى يازغاندا:«ئەمدى بىزنى يازىدىغان بولدى»دەپ ھەممدىن بەك ساۋاسىمىگە چۈشكەنلەر شۇنداق مەسىلىنىڭ ئىگىلىرى بولغان. ئۇلارا نېمە ئۈچۈن قۇرقىدۇ؟بۇ خۇددى «تازنى-تاز دېسەڭ ئۆلگىسى كېلەر، ساقنى تازدېسەڭ كۈلگىسى كېلەر»دېگەندەك بىر ئىش.  
ئەگەر بىز تازلىقىمىزنى ئىتتىراپ قىلمىساق، ئاكىيولارچە  روھىغالىبىيەتچىلەرگە ئايلانساق، سەنمۇ ياخشى، مەنمۇ ياخششى دەپ، كېسىەللىك مىكروپى بىلەن يۇقۇملارغانلار بىلەن ئاپاق-چاپاق بولۇپ، ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ يۈرسە، كىم ياخشى-كىم يامان، نېمە خاتا، نېمە توغرا ئايرىلمىسا بۇ قانداق بولغىنى؟
«AQ» نىڭ بېشى تاز بولغاچقىلا، «ئايدىڭ، پانۇس، شام، چىراغ»دېگەن  سۆزلەردىن قورقاتتى.  ھەتتا شۇنداق دېگۈچىلەر بىلەن ئۇرۇشاتتى.  ئەگەر بېشى تاز بولمىسا، تاز دەپ تىللاشتىن قورقۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ خەلقىمىز بۇھەقتە «تازنى تاز دېسە، ئۆلگۈسى كېلۇر، ساقنى تاز دېسە كۈلگىسى كېلۇر»دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرغان.  
تەندىكى كېسەللىكنى داۋالاشتا ئاۋۋال كېسەللىكنىڭ نېمىلىكى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبىنى  ئېنىقلاش تىببى ئىلىمدىكى ئەقەللى قائىدە. شۇنىڭغا ئوخشاشلا  ئادەمنىڭ روھى ئىللەتلىرىنى  تۈزۈتىشتە  ئۇنىڭ مەنبەسى ۋە سەۋەبىنى  ئېنىقلاش زۆرۈر. كېسەللگە قاراپ دورا بېرىش، خاتالىق ۋە ئىللەتكە قاراپ تەنقىت، تەربىيە بېرىش ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كەلگەن قائىدە.  
ۋ.  گ. بىلىنىسكىي«ئىللەتنىڭ سەۋەبىنى تېپىش –دەل ئۇنى داۋالاش چارىسىنى تېپىش دېگەنلىكتۇر»دەيدۇ. گ. ئوسترۋسكى«تەنقىد قاننىڭ نورمال ئايلىنىشىغا ئوخشاشتۇر. ئۇنىڭسىز تۇرغۇنلۇق ۋە كېسەللىك مەۋجۈت بولىدۇ»دەپ قارايدۇ.  
  شۇڭا، كېسەللىكنى بىلمەي قىلىنغان دورا ئۈنۈمسىز ئۇرۇنىشتۇر. قەدىمقىلار:”تەنقىدنىڭ  ئۆزى ئاچچىق، مىۋىسى تاتلىق» دەپ توغرا ئېيتقان. ئۈنۈمى يۇقىرى دورا ئاچچىق بولىدۇ. تەنقىدمۇ ئاچچىق بولىدۇ. ئەمما ئۇ خاتالىق بولسا تۈزۈتىشكە، بولمىسا ئالدىنى ئېلىشتا، كېسەللەرنى قۇتقۇزۇپ، ساقلارغا سىگنال بېرىشتە ئەھمىيەتكە ئىگە.  
مائارىپىنىڭ تېنىدە كېسەللىك بارلىقىغا كۆز يۇمالمايمىز. ئەگەر مۇشۇ كېسەللەرگە ۋاقتىدا دورا قىلىنسا، مائارىپنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى ۋىروس قاپلاپ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى زەئىپلىشىپ بولغۇچە ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولىدۇ.  ئەمما كېسەل بولغۇچى  ئۆز كېسىلىنى بىلمىسە، بىلىشنىمۇ خالىمىسا، «دۇختۇر»:   «داۋالان، بولمىسا جېنىڭغا خەتەر يىتىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرسا، كېسەل بۇلغۇچى  “مەندە كېسەل يوق، مانا تەندۇرۇس تۇرمامدىمەن، كېسىلى مەن ئەمەس، سېنىڭ نىرۋەڭ چاتاق» دېسە، ئۇنى ئۇنى ئۆلۈم خەۋىپىدىن قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولامدۇ؟
ئادەتتە راست گەپ پەردازسىز، تۈزلا ئېيتىلغىنى ئۈچۈن ئۇ قۇپال بىلىنىدۇ. ئەمما ئۇ راست بولغىنى ئۈچۈن  يۈرەككە بىرىدىغان تەسىرى كۈچلۈك بولىدۇ. يالغان ئېيتىلغان  سۆزلەر ئۇزاق ئويلىنىش، پەردازلاپ ۋە سۈپەتلەشتىن كېيىن  ئېيتىلغىنى ئۈچۈن يۈرەككە يېقىشلىق بولىدۇ. ئەمما راست  سۆز بىلەن يالغان  سۆزنى ئېيتقۇچىنىڭ مۇددىئاسىنى تەھلىل قىلىدىغان بولساق، خۇددى«دوست يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ»دېگەندەك، راست  سۆزلۈك كىشىلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر كۈيىنىش ۋە سۆيۈش، ئاسراش ۋە قوغداش مۇددىئاسى يوشۇرنغان بولسا، يالغان ئېيتقۇچىنىڭ مۇددىئاسى، خۇددى«شېكەر يالىتىلغان زەمبرەك»دېگەنگە ئوخشاشتۇر.  بىز سۆيمەكچى بولغان نازىنىنىڭ لىۋىدە زەھەر بارمۇ-يوق بىلىشىمىز كېرەك.  ئۇ لىۋىنى سوزغانلىقى ئۈچۈنلا بىزنى ھەقىقى يۈرىكى ۋە سۆيگۈسى، ساداقىتى بىلەن سۆيۈشى ناتايىن.  تارىختا غىلجىڭلاپ تۇرغان نازىننىڭ لىۋىدىن زەھەر يالاپ ئۆلگەنلەر كۆپقۇ.  ئەكسىچە تىنىمىزنى تىغ بىلەن تىلىپ تۇرۇپ، جاننى قاخشىتىپ تۇرۇپ چېقىۋالغان يىلاننىڭ زەھرىنى ئېقىتىپ جاننى قۇتقۇزىدىغان ئەھۋاللار كۆپقۇ.  
بىر جەمئىيەت، بىرمىللەتتە  سەلبى خاھىش، سەلبى  ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرىدىغان ئىنقىلابى روھ، پىداكارلار قۇشۇنى بولمىسا، قانۇننىڭ جازاسىن جەمئىيەتنى تىگىنلەپ بولالمايدۇ.  دانىشمەنلەر «ھەقىقەتنى يامان كۆرۈدىغان ئادەملەر ئۇنى دادىل  سۆزلەيدىغانلارنىمۇ يامان كۆرىدۇ»دەيدۇ.
ۋ.  گ. بىلىنىسكىي:«ھەردائىم تىنىچ ۋە ئارامخۇدا ئۆتۈشنى خالىساڭ، گېپىڭ ھەممە يەردە تاتلىق بولۇۋەرسە، مۇلايىملا بولساڭ بولىدۇ دېمەمسەن؟ئۇھالدا، ۋىجدانسىزلىق، ئالدامچىلىق، نادانلىق ئۈچۈن كەڭ يول ئېچىلىدۇ.  ھېچكىم بۇ ئىللەتلەرنى پاش قىلمايدۇ، ئاخىرى ھەقىقەتنىڭ قۇدرەتلىك خىتابىنى ئېيتىدىغان ئادەممۇ چىقماي قالىدۇ»دەيدۇ.  
بىز بولاردىن تەنقىد قىلىشنىڭ پايدىسى ۋە تەنقىتتىن قورقۇشنىڭ زىينىنى ھس قىلىمىز.  
م.  گەندى:«مەن ئۆمرۈم بويى مۇخلىسلىرىمغا قارىغاندا، تەنقىتچى دوستلىرىمدىن، بولۇپمۇ مۇلايىم، دوستانە  سۆزلىرى بىلەن بىلەن تەنقىد بەرگەن دوستلىرىمدىن كۆپرەك پايدا ئالغانمەن»دەيدۇ.  
بىز مائارىپنى ياخشى كۆرۈمىز. ياخشى كۆرگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا زىيان يېتىشنى خالىمايمىز. ئالمىنى ياخشى كۆرگەن كىشى ئۇنىڭغا چۈشكەن قۇرتنىمۇ ياخشى كۆرۈش كېرەكمۇ؟ئەگەر سەن ئالمىنى ھەم قۇرتنى ياخشى كۆرسەڭ، قۇرتقا تىگىشكە جۈرئەت قىلمىساڭ ئۇ ھالدا بۇ ئالما چىرىپ، ساڭا نېمە قالىدۇ؟ شىكىسپىر:«چىرىپ كەتكەن نەرسىلەرگە قول تەككۈرگىلى بولمايدۇ»دەيدۇ.  
بۇ قايسى خىلدىكى ياخشى كۆرۈش؟
    لېنىن:«ئاشكارىلىق شۇنداق بىرتىغكى، ئۇ  ئۆزى قىلغان جاراھەتنى ساقايتىدۇ»دەيدۇ.
بىزنىڭ نۆۋەتتە مەسىلىنى  ھەل قىلىش ئۇسۇلىمىزنىڭ كۆپۈنچىسى  يەر ئاستىدىن ئېتىلىپ چىققان ۋولقاننى تۇپا تاشلاپ ئىتىش، قاينىۋاتقان قازانقا تۇۋاق يېپىپ قۇيۇپ، قاينىۋاتقان ھالىتىنى كۆرمەس سېلىش بولۇپ كەلدى.  لېكىن تۇپا تاشلانغا تۇرۇببا، قاينىۋاتقان قازان بۇنىڭلىق بىلەن توختامدۇ؟ياق، ئۇ شۇ ھالەتتە كۈچۈيىپ، كۈچلۈك ۋولقان پەيدا قىلىشى مۇمكىنكى، ھەرگىز بىزنىڭ ئاددىي، نادانلارچە قولغان ئۇسۇلىمىز بىلەن ھەل بولۇپ قالمايدۇ.
  شۇڭا، دىمىقىپ تۇرغاندىن  كۆرە  كۆڭۈلدىكى سىر-تۈگۈنلەرنى ماقالە يۈزىدە بولسىمۇ سىرتقا چىقىرىپ،  ئۆزئارا مۇھاكىمە قىلىش، مەسىلىگە قارىتا ئورتاق چارە ئىزدەش ھېچقانچان زىيىنى يوق ئىشتۇر.
گ.  ۋ.  پىلىخانوۋ: «تەنقىد خاتالىشىشنىڭ، قۇرۇق‹ئىنقىلابى› شوئاررلارنىڭ دۈشمىنىدۇر.  تەنقىد ھەقىقەتنىڭ ئەڭ مۇھىم تاپانچىسى، ئۇ ھەقىقەتنىڭ ئانىسى ۋە كىندىك ئانىسىدۇر.  ھەقىقەت پەقەت تەنقىد ئارقىلىقلا مەۋجۈت دەيدۇ».  
لۇشۇن ئەينى ۋاقىتتا  ئۆز خەلقىنىڭ روھى  ئىللەتلىرىنى رەھىمسىز قامچىلىمىغان بولمىسا بۈگۈنكىدەك ئويۇشقان بىر مىللەت بولمىغان بولاتتى.  
لۇشۇننىڭ ئەينى ۋاقىتتا ياپونىيەدە مېدىتسىنا ئۆگىنىشتىن ۋاز كېچىپ، يازغۇچىلىقنى تاللىشىمۇ خەلقىنىڭ تېنىدىن داۋالاشتىن روھىنى داۋالشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تۇنۇپ يەتكەنلىكىدىن بولغان.  
بىزدىمۇ ئەختەم ئۆمەر قاتارلىق يازغۇچىلار ئىللەتلىمىزنى تەنقىد بايراقدارلىق رول ئوينىدى. ئەمما ئۇنىمۇ چۈشىنىشىمىز يېتەرلىك بولمىغاچقا، بۇ خىل پىكىر ئېقىمى ئۇزاققا بارمىدى.  
نۆۋەتتە مائارىپ ھەققىدىمۇ بەزى تەنقىدى  ماقالىلەر يېزىلىپ تۇردى. بۇنىمۇ بۆشىكىدىلا تۇنجۇقتۇرۇپ قويساق، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قاغا بىلەن پادىشاھ»دېگەن  ھېكايسىدە تەسۋىرلەنگەندەك، قاغىدەك قاقىلدايدىغان يازغۇچىلارنىڭ ئورنىغا كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قويسىلا، دۇنيادىكى بارلىق شىرىن، گۈزەل تىللار بىلەن قەسىدە توقۇيدىغان ماشىنا يازغۇچى تەكلىپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
دۇرۇس، روھىي ئازابلىرىمىزنىڭ كۆپلىكى ۋە روھىمىز تەنقىدتىنمۇ ئىلھامغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ھەممىزگە ئايان.  ئەمما پىچاقنىڭ ئاغرىتىشىدىن قورقۇپ، راك چۈشكەن ئەزا كېسىپ ئېلىۋىتىلمىسە، بىزنىڭ جېنىمىزغا ئامراقلىقىمىز نېمىگە ھېساب؟ ئۇ چاغدا بىزنى مۇقەررەر ھالدا كۆتۈپ تۇرقىدىغىنى  يەنىلا بىز قۇرۇققان ئۆلۈم ۋە ئازاپ بولىدۇ، خالاس.  
ئاخىرقى، ئۆمىدىم شۇكى، مائارىپ ئۈچۈن راست ئىشلەيلى، ھەق  سۆزلەيلى!

مەنبە:    «خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئەقىللىق ئايال ئېرىنى  پادىشا قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ پادىشانىڭ خانىشى بولۇپ ياشىسا
دۆت ئەقلى يوق  ئايال ئېرىنى قۇل  قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ قۇلنىڭ خوتۇنى بول
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-4-3 19:00:20 | ئايرىم كۆرۈش
مائارىپقا كۆڭۈل بۆلگەنلىك  كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىك .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

0

تېما

48

يازما

163

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 927
يازما سانى:
48
تىللا:
115
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
11 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-23

جانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-4-3 19:20:08 | ئايرىم كۆرۈش
مائارىپقا  ساختىلىق قىلغانلىق ، كەلگۈسىگە ساختىلىق قىلغانلىق   
ھەممە ئۆز ئەسلىگە تەبئىيلىكىگە قايىتقانغا ئوخشاش  ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ  تۇپراققا قايتقىچىدۇر———شەجەرىم.

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-4-6 10:43:18 | ئايرىم كۆرۈش
xajarim يوللىغان ۋاقتى  2016-4-3 19:20
مائارىپقا  ساختىلىق قىلغانلىق ، كەلگۈسىگە ساختىلىق قى ...

قوللايمەن ماۋۇ جىڭ گەپ بولدى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:28 , Processed in 0.134019 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش