ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 568|ئىنكاس: 7
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ياقۇت جۇمھۇرىيىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

154

يازما

1809

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 129
يازما سانى:
154
تىللا:
1585
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
28 سائەت
ئاخىرقى:
2014-10-3

سادىق ئەزا


ياقۇت جۇمھۇرىيىتى رۇسىيە فىدىراتسىيىسى قارمىقىدىكى جۇغراپىيلىك جەھەتتىن ياۋرو-ئاسىيانىڭ ئەڭ شەرقى شىمالىغا، تېنچ ئوكياننىڭ غەربى شىمالى قىسمى بىلەن شىمالى مۇز ئوكياننىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىسىغا جايلاشقان تاغلىق ۋە ئىپتىدائىي ئورمانلىق بىلەن قاپلانغان كىلىماتى ئىنتايىن سوغۇق جۇمھۇرىيەت بولۇپ، زىمىنىدا مول ياغاچ ماتېرىياللىرى بولغانلىقتىن دۇنيانىڭ ياغاچ ئامبىرى دىگەن نامى بار، ياقۇت جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر مەيدانى 3مىلىيۇن103مىڭ 200كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ھىندىستاندىن سەل چوڭ، روسىيە يەر مەيدانىنىڭ18%نى يەنى ئالتىدىن بىرىنى كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ، روسىيە بويىچە شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەمۇرى رايون ھىساپلىنىدۇ. پايتەخت ياقۇتسكى شەھىرى (ئۇيغۇرچە خەرىتىلەردە ياكۇتىسكىي دەپ خاتا تەرجىمە قىلىنغان شەھەر شۇ) موسكۋادىن 8468كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان.
ياقۇت جۇمھۇريىتىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە. قىش پەسلى ئۇزۇن، ياز پەسلى قىسقا. 1-ئايدىكى ئوتتۇرچە تېمپىراتۇرسى 0دىن تۆۋەن 28 سېلتسىيە گىرادۇس (دېڭىزبويى رايونى) باشقا جايلىرىنىڭ 0دىن تۆۋەن 50 سېلتسىيە گىرادۇس. 7-ئايدىكى ئوتتۇرچە تېمپىراتۇرسى19سېلتسىيە گىرادۇس. 5-ئايدىن 11-ئايغىچە بولغان شىمالى مۇز ئوكياندا شىمالى مۇز ئوكياندىكى ئامبارچىك پورت شەھرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى پورتلىرىغا بارغىلى بولىدۇ.
ياقۇت جۇمھۇرىيىتى رۇسىيە تەۋەسىدە شەرقتە چوكوتكا ئاپتونۇم رايونى، خاباروۋىسكى چېگرا رايونى، ماگادان ئوبلاستى بىلەن غەرپتە كىروسنايىرىسكى چېگرا رايونى بىلەن، جەنۇپتا ئىركۇتىسكى ۋە ئامۇر ئوبلاستى ، تاشقى بايقال چېگرا رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ.
رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ 2010-يىلىدىكى سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا ياقۇت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاھالىسى 958،291مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە297مىڭ ئادەم پايتەخت ياقۇتسكى شەھرىدە ياشايدۇ.
ياقۇت جۇمھۇرىيىتى كۆپ مىللەتلىك بولۇپ، جۇمھۇرىيەتلىك ھوقۇقى يۈرگۈزۈۋاتقان ياقۇتلارنىڭ نوپۇسى 490مىڭ ئەتراپىدا ، ئۇلار پۈتۈن جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ ٪48نى ئىگىللەيدۇ. جۇمھۇرىيەتتە ياقۇتلاردىن قالسىلا رۇسلارنىڭ نوپۇسى ئەڭ كوپ بولۇپ، ٪41 نى،ئۇكرائىنلار ٪3.6 ، ئېۋېنكېلار٪2 نى، تاتارلار 1%نى ئىگىللەيدۇ. رۇس قاتارلىق ياۋروپا مىللەتلىرى ئاساسەن دېگۈدەك بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ شەھەر بازارلىرىغا تارقالغان. قالدى ئاھالىلەر لىنا دەرياسىنىڭ (ئىلگىرىكى ياقۇت دەرياسى) غول ۋە تارماق ئېقىنلىرىدىكى تۈزلەڭلىكلەرگە تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
ياقۇت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقلىمى ئىچكى قۇرۇقلۇق سوغۇق مۆتىدىل بەلباغ ئورمان ئىقلىمى، ۋە تۇندىرادىن ئىبارەت بولۇپ، ياز پەسلى قىسقا سالقىن، قىش پەسلى ئۇزۇن ۋە بەك سوغۇق بولغاچقا ئاشلىق زىرائەتلىرى ئاساسەن پىشمايدۇ.
ياقۇت زېمىنىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئورمانلىق ۋە تۇندرا يېرى بولۇپ، مۇزكايا چوقىسى(3011مېتىر) سىبىرىيەنىڭ ئەڭ ئىگىز نوقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ياقۇت جۇمھۇرىيىتى دۇنيادىن خىلۋەت شىمالى قۇتۇپقا يېقىن سوغۇق بەلباغدا ياشىغانلىقتىن جۇمھۇرىيەت تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللار ئۇنچە تولۇق ئەمەس. ئەمما 1600-يىللىرى رۇسلار ياقۇت يېرىگە بارغاندا قالدۇرغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا ياقۇت رايونى تارىختىن بۇيان نىسپى مۇستەقىل قەبىلىلەرگە بۆلۈنۈپ يېرىم ئىپتىدائى ھالەتتە ياشىغان. 1632-يىلى ياقۇت شەھرى بىنا قىلىنغاندىن كېيىن ياقۇت يېرى بارا-بارا رۇسىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورمانچىلىق بازىسىغا ئايلانغان. رۇسلار شامان دىنىغا ئىشىنىدىغان ياقۇتلار ئارىسىدا پىروۋۇسلاۋ دىنىنى تارقىتىش بىلەن بىللە بۇ جايدا ياقۇت، ئالماس، ئالتۇن قاتارلىق قىممەت باھالىق مەدەنلەرنى بايقىغان ۋە ھەدەپ ئاچقان(ياقۇت دىگەن جاي نامى ۋە ياقۇتىسكى دىگەن شەھەر نامى ياقۇت دىگەن ئاتالغۇدىن پەيدا بولغان). 19-ئەسىردىن باشلاپ بۇ جايدا رۇس كۆچمەنلىرى پەيدا بولۇپ ياقۇت رايونىنىڭ ئاھالە تەركىبى ئۆزگىرىشكە باشلىغان. رۇسىيە بولشېۋىك ئىنقىلابىدىن كېيىن، ياقۇتلارنىڭ سىياسى ھاياتىدا ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن بولۇپ،1922-يىلى رۇسىيە فېدېراتسىيىسى قارمىغىداياقۇت ئاپتونوم ئوبلاستى بولۇپ قۇرۇلۇپ دەسلەپكى قەدەمدىكى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا سازاۋەر بولغان ،ئەمما 1948-يىلى بۇ نام ئۆزگەرتىلىپ، گورنا -ياقۇتسكىي ئاپتونوم ئوبلاستى دەپ ئاتالغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى مىخائىل گورباچېۋ ھاكىمىيەتكە چىققاندىن كېيىنكى »قايتا قۇرۇش« دەۋرىدە ھەر قايسى ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ھوقۇقى مەسىلىسى قايتا مۇزاكىرە قىلىنغاندا 1990-يىلى ئوبلاسلىق خەلق ۋەكىللىرى كېڭىشى ياقۇت ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق سالاھىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ، تاغلىق ياقۇت سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسىنى ئېلان قىلدى شۇنىڭدەك مەزكۇر ئاپتونوم ئوبلاست رەسمى ھالدا گورنا ياقۇت سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالدى. 1991-يىلى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئاپتونوم سۆزى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ياقۇت جۇمھۇرىيىتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن 1992-يىلى ياقۇت جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىلىپ، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى تەۋەسىدىكى فېدېراتسىيىلىك كېلىشىمگە قول قويغان ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلىنىپ، ئۆز ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسىدىكى ھەر قانداق مەسىلىلەرنى مۇستەقىل تۈردە ھەل قىلالايدىغان ھۆكۈمەت قۇردى.
ياقۇت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ترانسىپورت ئالاقىلىرى بىراز ئارقىدا قالغان بولۇپ، تۆمۈر يول يوق، ھەر قايسى ئاھالە پونكىتلىرى ۋە شەھەرلەر ئارىسىدا پەقەت تاش يول قاتنىشى ( (80٪) ھەم ھاۋا قاتنىشى ھەمدە ئىچكى دەريالار ئارىسىدىكى ۋە شىمالى مۇز ئوكيان پورتلىرى ئارىسىدىكى يازلىق سۇ قاتنىشى يولغا قويۇلغان.
ياقۇت جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى مول بولۇپ، مەزكۇر بايلىقلار ئاساسى جەھەتتىن تېخى ئېچىلمىغان. ئالتۇن ، سىنىك، نېفىت تەبىئى گاز ۋە باشقا يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ زاپىسى يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئورمان بايلىقىنىڭ كۆلىمىمۇ زور ، ئېنېرگىيە مەنبەسى جۈملىدىن سۇ ئېنېرگىيە مەنبەسى ئىنتايىن مول.
ياقۇت جۇمھۇرىيىتى رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق نوقتىسى بولۇپ، دۆلەت ھاكىمىيەت سىستېمىسى قانۇنى، ئىجرائىيە ھەم سوت ھاكىمىيتى ھەمدە جۇمھۇرىيەتلىك ۋە يەرلىك ئورگانلارنىڭ چەكلىك دائىرىدىكى ھوقۇقلۇق ھاكىمىيىتىدىن تۇزۇلگەن.
ياقۇت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ۋەكىلى «ياقۇت جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئالىي قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بولغان دۆلەت مەجلىسى ياقۇت تىلىدا «ئىل تۈمەن» دەپ ئاتالغان، بۇ قۇرۇلتاي 41 ئەزادىن تەركىپ تاپقان.
جۇمھۇرىيەتنىڭ ئالىي ئىجرائىيە ئورگىنى ياقۇت جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بولۇپ، ئۇنى ياقۇت جۇمھۇرىيىتى پىرىزدېنتى باشقۇرىدۇ. ياقۇت جۇمھۇرىيىتى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئاساسىي قانۇنى ھەم دۆلەت گېربى ۋە دۆلەت بايرىقىغا ئىگە بولۇپ، رۇس ۋە ياقۇت تىللىرى ئوخشاش دەرىجىدە دۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتىلگەن. شۇنىمۇ قوشۇمچە قىلىپ ئۆتەيكى ياقۇت مىللىتى بۈيۈك تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى!

مەنبە: بەيدۇ تورىدىن تەرجىمە قىلدىم
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
تامچە سۇدا قۇياش نۇرىنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولىدۇ!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

32

تېما

208

يازما

2098

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 89
يازما سانى:
208
تىللا:
1740
تۆھپە:
45
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
59 سائەت
ئاخىرقى:
2014-12-30

مۇنبەر قىزىقچىسىنادىر تىما مىدالىسۆيۈملۈك ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2013-9-4 14:05:56 | ئايرىم كۆرۈش
شۇ ئۈچ مىليوندىن كىلومىتىردىن ئارتوق زىمىنىنىڭ 1مىليون كىۋادىرات كىلومىتىر يېرىدە ئادەم ياشاشقا ماس كېلەمۇ ؟ بۇ ياقۇتلارمۇ تۈركىي قەۋىم ئىچىگە تەۋەمۇ ؟

باھا سۆز

شۇنداق، تۈركىي قوۋىم......  ۋاقتى: 2013-9-5 15:32

10

تېما

1235

يازما

7786

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 21
يازما سانى:
1235
تىللا:
5604
تۆھپە:
641
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
387 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2013-9-4 14:23:44 | ئايرىم كۆرۈش
بۇلارنىڭ چىرايى مۇڭغۇللارغا ئوخشاپ قالىدىكەن ھە ؟
سۇغا سالسا سۇ كۆتۈرەلمەس مىسقال تۆمۈرنى ، ئالتۇن بىرىپ ئالغىلى بولماس ئاغرىغان كۆڭۈلنى

2

تېما

49

يازما

1121

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 96
يازما سانى:
49
تىللا:
967
تۆھپە:
40
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
16 سائەت
ئاخىرقى:
2015-6-17

كۆيۈمچان ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2013-9-4 14:50:34 | ئايرىم كۆرۈش
ئەپچىلەم يوللىغان ۋاقتى  2013-9-4 14:05
شۇ ئۈچ مىليوندىن كىلومىتىردىن ئارتوق زىمىنىنىڭ 1مىليو ...

تۈركي قەۋىم ئىچىگە كىرمەيدىغۇ دەيمە، چۈنكى تۈرك ئېمپىرىيىسى ھەققىدىكى ماتىرىياللاردا ياقۇت جۇمھۇرىيتى توغرىسىدىكى بايانلارنى كۆرمىدىم، بەلكىم بۇ مىنىڭ كۆپ ئىزدىنەلمىگەنلىكىمدىن بولىشى مۇمكىن.
باشقا تارىخچىلار نىمە دەيدىكىن؟
Demir tava geldi kömür bitti. Akıl başa geldi ömür bitti..

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

5#
ۋاقتى: 2013-9-4 18:08:45 | ئايرىم كۆرۈش
ئاقسۇ قىرىندىشىم ، ياخشى تىمىلارنى تەرجىمە قىپسىز ، بولسا تەرجىمە قىلغان تىمىنىڭ ئەسلىسىنى ئىنكاس شەكلىدە مۇنبەرگە يوللىغان بولسىڭىز ،مەنبەسى مۈجمەل بولۇپ قاپتۇ ، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2013-9-4 21:19:43 | ئايرىم كۆرۈش
بۇنى ياخشى قىپسىز. مۆمكىن بولسا ئۆزىمىز ھەققىدىكى تارىخى تەتقىقاتلارنىمۇ يوللاپ بېرىڭ ، مېنىڭ خەنزۇچىدىن ئانچە بەك خەۋىرىم يوق، لىكن بىزگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ماتىرىياللار خەنزۇچە بەتلەردىمۇ بارمىكىن دەيمەن.بولسا ھەممىمىز ئۆز تارىخىمىزدىنمۇ خەۋەردار بولۇپ قالايلى.

باھا سۆز

بولىدۇ، پايدىلىق تېمىلارنى ئۇچۇرتىپ قالسام تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويىمەن.....  ۋاقتى: 2013-9-5 15:31
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

13

تېما

154

يازما

1809

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 129
يازما سانى:
154
تىللا:
1585
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
28 سائەت
ئاخىرقى:
2014-10-3

سادىق ئەزا

7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-5 15:27:00 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاقسۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-5 15:32  
ناۋا يوللىغان ۋاقتى  2013-9-4 14:50
تۈركي قەۋىم ئىچىگە كىرمەيدىغۇ دەيمە، چۈنكى تۈرك ئېمپ ...



ياقۇتلار دۇنيادىكى 36 تۈركىي مىللەت ئىچىدىكى بىرى..........!
تىلى تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە تەۋە....  
بولمىسا جاپا تارتىپ تەرجىمە قىلىپ....؟؟
تامچە سۇدا قۇياش نۇرىنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولىدۇ!

13

تېما

154

يازما

1809

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 129
يازما سانى:
154
تىللا:
1585
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
28 سائەت
ئاخىرقى:
2014-10-3

سادىق ئەزا

8#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-5 15:30:30 | ئايرىم كۆرۈش
تىلسىم يوللىغان ۋاقتى  2013-9-4 18:08
ئاقسۇ قىرىندىشىم ، ياخشى تىمىلارنى تەرجىمە قىپسىز ، بو ...


مەن بۇنى بەيدۇدىكى قامۇستىن تەرجىمە قىلدىم مەلۇم بىر تېمىدىن ئەمەس......
雅库特共和国 دەپ باسسىڭىز چىقىدۇ.........
مانا ئادېرىسى: http://baike.baidu.com/view/6526487.htm?fromId=891556
تامچە سۇدا قۇياش نۇرىنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولىدۇ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:12 , Processed in 0.134653 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش