بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇدۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-10-23 20:53
بىر كۇپلىتلىق شېئىرلار
نەزەردىن يىقىلىش
بەك ئۆتكۈردۇر ئاۋامنىڭ كۆزى
كۈزىتىدۇ سېنى بىتىنىم.
ئەل نەزەرى-تەڭرى نەزەرى-
چۈشۈپ كەتسەڭ يۆلەلمەس ھېچكىم.
ھەقىقى قەھرىمان
غەزىپىڭنى كۆرسەت ئەمەلدە-
سەن ھەقىقى قەھرىمان بولساڭ،
نەپرىتىڭنى كۈلكىدە يوقات
ئەگەر سەن بىر دانىشمەن بولساڭ!
سېتىشنىڭ ۋەزنى
ھار كۆرىمىز-بۇغۇ بەك ھەقلىق،
پاھىشەلەر ساتسا تېنىنى...
بەك ئېغىردۇر خائىن گۇناھى
ساتار خائىن پۈتۈن قەۋمىنى!
شائىرلىق يولى
شائىرلىق يولى بەك مۇرەككەپ يول
ئاچچىقتۇر شۇڭا شائىر تىنىقى...
چىغىر يولدىمۇ قالماس تەمتىرەپ،
دىلدا ھەقىقەت بولغاچ ئوزۇقى...
دېھقان دېگەن
دېھقاننى بىلەمسەن ،تەشۋىقاتلاردا
ھەممىنىڭ خوجىسى، كاتتا ئىنساندۇر.
ۋەلېكىن، بەزىبىر تەييارتاپلارنىڭ
قولدىكى قونچىقى- روھىي پايخاندۇر!
ئۇنتالماسلىق
قەھرىماننى ئۇنتۇماس خەلق
ئەزىز بىلگەچ ئۇنى قەلبىدە.
دۈشمىنىمۇ ئۇنتۇيالماس ھېچ
سېلىپ تۇرغاچ دىلىغا ۋەھىمە...
بىلىپ قال
بالاڭنىڭ ياخشى بوپ چىقىشى ھەرگىز
سېنىڭلا تۆھپەڭ ئەمەس ئاڭلا بۇنى بىل!
ئائىلەڭ يىلتىزدۇر، مەكتەپ غولى ،ھەم
جەمئىيەت ياپراقتۇر، ياخشى پىكىر قىل!
بالا ھەققىدە
بالىنى باقتىڭسەن، يىمەي يىگۈزۈپ،
ئەركىلەپ پادىشاھ بولدى، ئۆيۈڭگە...
ئوغلۇڭ شاھ ، سەن پۇقرا بولمىساڭ ئەسلا
ياراشماس شاھلىقى ، بۇڭا كىم ئىگە؟!
مەنبە: ئىجادىيىتىم. |