ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 382|ئىنكاس: 8
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مىنىڭ ‹‹قاپاقباش›› ئىنىم (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

124

يازما

1899

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 202
يازما سانى:
124
تىللا:
1367
تۆھپە:
130
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
90 سائەت
ئاخىرقى:
2015-12-31

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاقيول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-30 21:20  

                                                            



                                  مېنىڭ ‹‹ قاپاقباش›› ئىنىم
                                                                    (ھېكايە)
                                ئېلى ياسىن(ئاقيول)

   ھەر ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغان ۋاقىتتا ئۇقۇش باشلاش مۇراسىمنىڭ تىزرەك ئۆتكۈزۈلۈشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن. چۈنكى ئۇقۇش باشلاش مۇراسىمىدا ‹‹ئۈچتە ياخشى ›› ئوقۇغۇچى دېگەن شەرەپ گۇۋاھنامىسى مەندەك ئەلا ئۇقىغان ئوقۇغۇچىغا تەقدىم قىلىنىدۇ-دە! ئۇنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە ئېلىپ بارسام ئاتا-ئانام خۇشال بولۇپ كىتىدۇ، تېخى ئۇلار مىنى مۇبارەكلەپ سوۋغات ئېلىپ بىرىشىدۇ. مەندەك ئەقىللىق پەرزەنتى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ ماختاپ كىتىدۇ. لېكىن مەندىن بىر قارار تۈۋەن ئۇقۇيدىغان بىر ئىنىم بۇلىدىغان، ئۇنىڭ بىرەر قېتىم ئەلاچى بۇلۇپ باققىنى ئىسىمدە يوق. تېخى بەزى پەنلەردىن ئاران يۈلەپ ئۈتىدۇ. ھەر قېتىم مۇكاپات ئېلىپ پەسكە چۈشكەن ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئىزا بولسۇن دەپ كۆزۈمنىڭ قۇيرىقىدا مەنىلىك قاراپ قۇيىمەن، ۋە شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى ئىگىز كۈتۈرۈپ كىرىلىپ قۇيىمەن، لېكىن مىنىڭ ئۇ ئىنىم شۇنداق بىغەم ھەم ئىزا تارىتماس بىر بالىكى ھەتتا مىنىڭ بۇ قىلىقلىرىمغا پىسەنىت قىلمىغاندەك خىيالى ئەتىراپتىكى بالىلار بىلەن پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرۇپ كىتىدۇ. بۈگۈن ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇكاپاتنى ئېلىپ پەسكە چۈشكەندە ئۇنىڭغا يەنە مەنىلىك قاراپ قويدۇم لېكىن ئۇ ھېچقانداق تەسىر قىلمىغاندەك ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى. مەن يەنە گۇۋاھنامىنى ئىگىز كۈتۈرۈپ تازا كىرىلىپ قويدۇم، ئۇ مىنىڭ مەسخىرە قىلغىنىمنى بىلىپ پەسكە قاراپ خىجىل بولۇپ تىرنىقىنى تاتىلاپ ئولتۇرارمىكىن دېسەم ئۇنداق ئىش نەدە، ئۇمۇ قۇرۇق قۇلىنى ئىگىز كۈتۈرۈپ مەندىن بەكراق كىرىلىپ قۇيۇپ ئولتۇردى. مەندەك ئاكىسىنىڭ ئالدىدا خىجىل بولماقتا يوق تېخى مىنى دوراۋاتقانلىقىنى كۆرمەمدىغان، خەپ ھېلى تارقىغاندا ئۇنىڭغا تازا ئىزا قىلمىسام...
   ئۇقۇش باشلاش مۇراسىمى تۈگەپ مەكتەپتىن تارقىدۇق، مەن مەكتەپنىڭ ئالدىدا ئۇنى ساقلاپ تۇردۇم، ئۇ بىردەمدىن كېيىن كونا ۋېلىسپىتىنى مىنىپ چىقتى، مىنىڭ ۋېلىسپىتىم ئۇنىڭكىدىن يېڭى ھەم مودا ئىدى، بۇ ۋېلىسپىتنىمۇ ئۆيدىكىلەر مىنىڭ ئەلاچى بولغانلىقىمنى مۇبارەكلەپ ئېلىپ بەرگەن. لېكىن ئاۋۇ ‹‹ قاپاقباش›› ئىنىمىنىڭ ۋېلىسپىتى كونىراپ كەتكەن بولۇپ ئۆيدىكىلەر ئۇنىڭغا ‹‹ قاچان ئاكاڭدەك ئەلاچى بۇلالىساڭ ساڭىمۇ يېڭى ۋېلىسپىت ئېلىپ بىرىمىز›› دەپ شۇنچە سۆزلىدى، لېكىن ئۇ بىرەر قېتىممۇ ئەلاچى بۇلالماي مۇشۇ كونا ۋېلىسپىتىنى تاراقشىتىپ مىنىپ يۈرىيدۇ. ئۇ مىنىڭ تۇرغانلىقىمنى كۆرۈپ ۋېلىسپىتىنى قاتتىق تۇرمۇزلاپ قېشىمغا كىلىپ توختىدى:
-ھە، ئاكا بۇ يەردە تۇرىسەنغۇ؟-دېدى ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈمسىرەپ.
-ھە، ساڭا بىر ياردەم قىلايمىكى دەپ تۇردۇم، ئاكاڭ بولغاندىكىن ساڭا بەك ئىچىم ئاغىرىپ كەتتى دېگىنە...
-نىمىگە ماڭا ياردەم قىلىسەن؟
-قارىغىنا، ۋېلىسپىتىڭ بەكمۇ كونا ھازىر مەكتەپتىكى بالىلار سەن مىنگەندەك ۋېلىسپىتنى ھەرگىز مىنمەيدۇ دېگىنە، شۇڭا ساڭا بىر ياردەم قىلايمىكى دەيمەن، چۈنكى سەن بۇنداق كونا ۋېلىسپىتنى مىنىپ يۈرسەڭ مەندەك ئاكا بولغىچىغىمۇ ئۇيات ئەمەسمۇ، يا باشقا مەكتەپتە ئۇقىماپسىكەن، سەل نۇمۇسۇم كىلىۋاتىدۇ...
-ئاكا، ئۇنداقتا، ماڭا قانداق ياردەم قىلاي دەيسەن، ۋېلىسپىتىمىزنى ئالماشتۇرايلى دېمەيدىغانسەن؟...
-يۇقسۇ، مەن سېنىڭ ئاشۇ ئەبجەق بىر نىمەڭنى قانداق مىنىپ يۈرەلەيمەن...
-ئەمىسە ماڭا قانداق ياردەم قىلماقچىسەن؟...
-مۇنداق قىلايلى، مەن ساڭا ماۋۇ شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى بىرەي، سەن چاندۇرۇتماي مەردان ئابدۇللا دېگەن ئىسىمنى شىرزات ئابدۇللا دەپ ئۆزگەرتىپ ئۆيدىكىلەرگە ‹‹ مەن ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولدۇم›› دەپ يالغان ئېيتىپ بارىسەن، شۇنداق قىلساق ئۆيدىكىلەر خۇشال بولۇپ ساڭا يېڭى ۋېلىسپىت ئېلىپ بىرىدۇ ئەمەسمۇ...
-ھا...ھا... ئاكا، ياخشى كۆڭلۈڭگە رەھمەت، بولدى ئۇنداق قىلىپ يۈرمەيلى، سىنىڭ چاپىنىڭدا مەن تەرلىسەم قانداق بولىدۇ؟... ھە راسىت ئاكا، مەن بالىلار بىلەن توپ ئوينىغىلى دېيىشىپ قويغان، مەن كەتتىم ھە...
ماۋۇ بەزگە ئىزا قىلاي دېسەم ھېچ ئىش بولمىغاندەك كىتىپ بارىدا، تېخى ‹‹ سېنىڭ چاپىنىڭدا تەرلىسەم قانداق بۇلىدۇ›› دەپ كەتكىنىنى، ماقۇل دېگەن بولساڭمۇ ئۇخلىماي چۈش كۈرۈپسىز دەپ قۇياتتىم ساڭا...
   كۈنلەر شۇ تەرەققىدە ئۈتۈشكە باشلىدى، شۇ ئىشتىن كېيىن مەكتەپتە ئۇ ئۇچۇراپ قالسىمۇ ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي يۈردۈم،ئۇ بەزىدە ئۆيدە ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقاندا مەندىن چۈشىنەلمىگەن مەسىلىلەر بولسا سۇرايىتتى، شۇ ئىشتىن كېيىن ئۇمۇ سورىمىدى، مەنمۇ ئۇنىڭغا گەپقىلمىدىم، ئەگەر سۇرايدىغان ئىش بولسا مۇمكىن ئەمەس ئۇنىڭغا دەپ بىرىشىم، ‹‹ ئۆزلىرى بىلىپ يازسىلا›› دەپ قۇياتتىم، ئۇمۇ مىنىڭ مەقسىتىمنى بىلىۋالدىمۇ مەندىن سورىمىدى...
يەكشەنبە كۈنى ئىدى، قوشنىمىز قاسىم ئاكام ئۆيگە كىرىپتۇ، ئۇ چاغدا ئەدەبىيات مۇئەللىمى تاپشۇرغان ماقالىنى يېزىۋىتەي دەپ ئولتۇرغانتىم، ئۇ يېنىمغا كىلىپ:
-مەردان، بىكار ۋاقتىڭ بولسا بىزنىڭ ئۆيگە بىر چىقىپ تېلىۋۇزۇرغا قاراپ باقساڭچۇ، چىمىلداپ پەقەت چىقمايۋاتىدۇ،-دېدى، راستىنى دېسەم ماقالەمنى باشلىغىلى كاللا قاتتۇرۇپ ئەمدى ئىلھامىم كىلىۋاتقاندا قاسىم ئاكامنىڭ بۇ گەپلىرى ماڭا پەقەت ياقمىدى...
-قاسىم ئاكا، خاپا بولمايسىز، بەك جىددى يازىدىغان ماقالەم باتتى، شۇنى يېزىۋەتمىسەم بولمايدۇ...
-ئۇكام، مۇنداق قاراپ ئوڭشاپ بىرىۋېتىپ يازساڭمۇ كىچىكىپ قالماسسەن...
-بولمايدۇ ئاكا، بۇ ماقالە دېگەن كەتمەن چېپىشقا ئوخشىمايدۇ، كەتمەن دېگەننى قاچان چاپساڭ بۇلىۋېرىدۇ، لېكىن ماۋۇ ماقالە دېگەننى ۋاقتىدا ئىلھام كەلگەندە يېزىۋالمىسا كېيىن ياخشى يازغىلى بولمايدۇ-دە...
-گېپىڭنى چۈشىنەلمىدىم، بۇ ئىلھام دېگەن ئادەمنىڭ ئىسمىما،ئاشۇ ئادەم ئۆيىڭگە كەلگەندە ئاندىن يازالايدىكەنسەندە-ھە بۇ نىمىتى... ماقالنى...
-ماقال ئەمەس ‹‹ ماقالە›› بەرىبىر چۈشەندۈرسەممۇ چۈشەنمەيسىز، بولدى ۋاقتىم يوق ئاكا، چىقالمايمەن... شۇنداق دەپ قۇيۇپ ماقالەمنى يېزىشنى باشلىماقچى بولدۇم لېكىن بايا ئويلىغانلىرىم كاللامدىن قېچىپ كىتىپ يەنە دەپتىرگە تىكىلىپ ئولتۇرۇپ قالدىم‹‹ نەدىن كىردى ما ئادەم، ئىلھامىمنى قاچۇرۇپ...››
-قاسىم ئاكا، نىمە ئىشتى؟ مەن قىلىپ بىرەلەيدىغان بىرەر ئىش بارمۇ ئاكا...
ھېلىقى ئۇيان قېپى توپ كۈتۈرۈپ كىرگەنچە قاسىم ئاكامنىڭ قېشىغا كەلدى...
-ھە، شىرزات، ھەنىم بولسا كەلدىڭ، بىزنىڭ ئۆيدىكى تېلىۋۇزۇر چىمىلداپ پەقەت چىقمايۋاتىدۇ، بىر چىقىپ قاراپ باقساڭ... ئاكاڭنىڭ ۋاقتى يوقكەن...
-چاتاق يوق قاسىم ئاكا... جۈرىڭە ئەمىسە...
   شىرزات توپنى پىرقىرتىپ ھويلىغا تاشلاپ قۇيۇپ قاسىم ئاكام بىلەن چىقىپ كەتتى، ‹‹ ۋاي قاپاقباش، تېخى ئوڭشىيالايدىغاندەك چاتاق يوق دەپكىتىشلىرىنى، ھەقىچان ئوڭشىيالماي يېلىڭ چىقىپ پۇسكۇيۇپ كىرەرسەن.ھەي، ئەمدى قاسىم ئاكام مەندىن خاپا بۇلۇپ قالارمۇ؟ خاپا بولسا نىمە چاتىقىم، ئەلاچىلىقنى قاسىم ئاكام ماڭا بەرمىگەندىكىن...››
   قارىغاندا ھېلىقى قاپاقباش قاسىم ئاكامنىڭ تېلىۋۇزۇرىنى راستلا ئوڭشاپ بەرگەن ئوخشايدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن مەھەللىدىكى تېلىۋۇزۇردىن مەسىلە كۈرۈلگەنلەر، تۇكى ئۈچۈپ قالغانلار ھەمىشە ئۇنى ئىزدەپ كىرىشكە باشلىدى. بەزى قوشنىلارنىڭ تېخى ئۇنى ماختاپ:‹‹ ۋوي ماۋۇ قوشنىمىزنىڭ ئوغلى شىرزات بەك ئەقىللىق بالا بوپتۇ جۇمۇ، ئۆتكەندە بىز ھەپىلىشىپ چىقىرالمىغان تېلىۋۇزۇرنى بىر يەرنى تۇتقاندەك قىلىپ بىردەمدە ئوڭشىۋەتتى›› ‹‹ ئۆتكەندە كىر ئالغۇم پەقەت ماڭمىدى، ئۇ بالا يېنىغا كىلىپ ھەپىلىشىپ يۈرەتتى بۇزۇپ قويمىغىدى دەپ ئەنسىرەپ تۇرسام بىردەمدىن كېيىن پىقىراپ مېڭىپ كەتمامدا، ئۇ بالىغا شۇنداق زوقۇم كەلدى...›› دېگەنلىرىنىمۇ ئۆز قۇلۇقۇم بىلەن ئاڭلاپ قالدىم. راستىنى دېسەم بۇ ئاددى كىشىلەرنىڭ مەندەك ئەقىللىق بالىلارنى تۇنىماي، ناچار ئۇقىۋاتقان بىر كالۋانى ماختىغانلىقى ئىدىيەمدىن پەقەت ئۆتمىدى، ‹‹ نىمە كارىم، مىنى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ماختىسا بولدى، بۇ ئادەملەرنىڭ ماختىمىغىنىغا مىنىڭ ئورنۇم تۈۋەنلەپ كىتەمتى...››
   بىر كۈنى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلارنى مەيدانغا يىغدى، نىمىگە يىغقانلىقى مۇھىم ئەمەس بەرى بىر ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ بولدى، مۇكاپاتنىمۇ ئېلىپ بولدۇم. بەلكىم ئۇقۇغۇچىلارغا تەربىيە ئىشلىگىلى يىغقاندۇ. تۇيۇقسىز يىغىن ئورنىدىكى قىپقىزىل ئوتقاشتەك گۇۋاھنامىلارغا كۈزۈم چۈشتى، ‹‹ توۋا، بۇ مەكتەپ ساراڭ بوپقالدىمۇ، ئۇقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ بولغان تۇرسا يەنە كىمنى تەقدىرلەيدىغاندۇ، بەلكىم مۈنەۋۋەر ئەمگەك نەمۇنىنچىلىرىنى، ياكى بولمىسا لىيفىنڭدىن ئۈگەنگەن نەمۇنىچىلارنى تەقدىرلەمدىغاندۇ؟ بەلكىم مەن سىنىپتىكى ئارقىدا قالغانلارغا ئاكتىپ ياردەم قىلىمەن، تېخى مۇئەللىم مىنى نامزاتلىققا كۆرسەتتىمۇ تېخى.ئەگەر يەنە تەقدىرلىنىپ قالسام، ھېلىقى قاپاقباشقا يەنە ئۈزەمنى كۆرسىتىۋالمىسام، بۇ قېتىم گۇۋاھنامىنى ئېگىز كۈتۈرۈپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ تازا كىرىلمىسەم...››
-ساۋاقداشلار دىققەت قىلىڭلار، سىلەرنى بۇ يەرگە يىغىشىمىزدىكى مەقسەت، يېقىندا ئۇيۇشتۇرغان ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پەن-تېخنىكا يىڭىلىق يارىتىش ئىجادىيەت پائالىيتىدە مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ئۇقۇغۇچىلارنى تەقدىرلەش ئۈچۈندۇر...
   ‹‹ ۋاي، نەدە قالغان پائالىيەت بۇ؟ مەن بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقكەنغۇ...››
-بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچى2-يىللىق ئۈچۈنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىسى شىرزات ئابدۇللا...
‹‹ نىمە؟... بۇ كىم؟ ئەجەپ تۇنۇش بىر ئىسىمغۇ؟››
   مەيداندا كۈچلۈك ئالقىش كۈتۈرۈلدى، ‹‹ شىرزات ئابدۇللا، مىنىڭ ئىنىم ئەمەستۇ-ھە؟ ۋاي مۇمكىن ئەمەس، ئاشۇ قاپاقباش مۇشۇ مۇكاپاتقا ئىرىشەرما؟... مەكتەپتە شىرزات ئابدۇللا ئىسىملىك يەنە بىرسى بارمۇ-يا››
ئالدىغا چىققان ئوقۇغۇچىغا قاراپ بىردەم گاڭگىراپ تۇرۇپ قالدىم، بېشىمنى سىلكىۋېتىپ كۈزۈمنى ئۇۋلىۋېتىپ ئوبدان قارىسام، مېنىڭ ئىنىم ئالدىدا تۇرىدۇ، ‹‹ بۇ قانداق ئىش، مۇشۇ قا...›› ئاخىرنىنى ئويلاشقا پېتىنالمىدىم...
-ساۋاقداش شىرزات ئابدۇللا چاڭ-تۇزاننى ئۈزىگە تېخىمۇ سۈمۈرەلەيدىغان ئۈچۈرگۈچنى ياساپ چىققانلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىملىق ياش-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا ئىجادىيەت مۇسابىقىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشتى...
مەيداندا يەنە كۈچلۈك ئالقىش سادالىرى كۈتۈرۈلدى
-ساۋاقداش شىرزات، سىزنىڭ بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشىڭىزدا سىزگە يېقىندا ياردەم بولغانلارنى ئېيتىپ بىرەلەمسىز؟
   شۇ چاغدا شىرزاتقا قارىدىم، ھەقىچان خۇشاللىقتا ئۇنىڭ ئاغىزى قۇلىقىغا يىتەر دەپ ئويلىغانتىم، بىراق ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك سالماق، تەمكىن كۈرىنەتتى...
-ئەلۋەتتە، مېنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشىشىمدە ئۇقۇتقۇچى- ئۇستازلىرىمنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بۇلۇشى يەنە ئەڭ مۇھىم بىر ئادەم مېنىڭ ئاكام، ئاكاممۇ مەكتىپىمىزدىكى ئەلاچى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىرى، ئۇ ماڭا ھەمىيشە ياردەم قىلىدۇ، دەرىسلەردە بىلەلمىگەن چۈشىنەلمىگەن يەرلىرىم بولسا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلىرىم، ئۆيدە ئاكام ماڭا مەدەتكار بولىدۇ... مەن ئاكام بىلەن بىر مەكتەپتە ئۇقۇغانلىقىمدىن بەك پەخىرلىنىمەن...
   يەنە كۈچلۈك ئالقىش كۈتۈرۈلدى. ئىنىم پەسكە قايتىپ چۈشكەندە ئىككىمىزنىڭ كۆزى دۇقۇرشۇپ قالدى، دەرھال كۆزۈمنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ قاچاي دەپ ئويلىدىميۇ لېكىن ئۇنداق قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىدىم. ئۇ ماڭا ئىنىلىق مىھرى بىلەن قاراپ كۈلۈپ قويدى مەنمۇ كۈلدۈم، شۇ تاپتا بۇرنۇم ئېچىشقاندەك بۇلۇپ كۆزۈمگە لىققىدە ياش كەلدى، ئىنىم تۇلۇمۇ ئىشەنىچ بىلەن ئالدىغا قاراپ بۇرۇنقىدەك تەمكىن ئولتۇراتتى...
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
‏ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

دېۋان
ۋاقتى: 2014-10-30 23:06:39 | ئايرىم كۆرۈش
مەن  ئاكسنڭ مىجەزىنى ياقتۇرمۇدۇم   نىمانچە  ماختانچاق ئۇ .ھەم  بى كويەم .
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2014-10-31 10:59:26 | ئايرىم كۆرۈش
بالىلىق قەلىبتىكى نازۇك ھېس -تۇيغۇلار ئىنچىكە تەسۋىرلىنىىپتۇ.
بىر -بىرى بىلەن بەسلىشش،ئىچى تارلىق قىلىش،توغرا بولمىغان رىقابەت...ھەممىسى شۇ ئاق قەغەزدەك بالىلىق قەلىبتە يوق دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟
خاتالىقىنى تۇنۇغان ئاكىنىڭ ،مىھرى ئىللىق ئىنىسىنىڭ ئوبىرازىنى تولىمۇ يېقىشلىق يارىتىپسىز.
يېڭى ئەسىرىڭىزنى كۈتىمەن.
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

57

تېما

494

يازما

3173

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 482
يازما سانى:
494
تىللا:
2514
تۆھپە:
51
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
215 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-20
يەر
ۋاقتى: 2014-10-31 13:24:45 | ئايرىم كۆرۈش
ھەممە ئادەمنىڭ كەمچىلىكى ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ دەرىستە ياخشى بولۇپ ئويۇن ئويناشنى ئۇخمىسا قانداقمۇ ئەلاچى دىگىلى بولىدۇ ئاۋۇ قاپاقباش ئىنىسى دەرىستە ياخشى بولمىغان بىلەن ئىجاتچانلىقى يۇقىرى ئىكەن مەنمۇ شۇنداقتىم مەكتەپتە

38

تېما

545

يازما

2737

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 612
يازما سانى:
545
تىللا:
1729
تۆھپە:
152
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
332 سائەت
ئاخىرقى:
2016-2-4

مۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2014-10-31 15:42:10 | ئايرىم كۆرۈش
ئاكىسى نەزەرىيە جەھەتتە،ئىنىسى ئەمەلىيەت جەھەتتە ئىقتىدارلىقلاردىن ئىكەن....

بالىلار تۇرمۇشى يېنىك تىللار بىلەن ياخشى ئىپادىلنىپتۇ....

21

تېما

687

يازما

4179

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 486
يازما سانى:
687
تىللا:
2757
تۆھپە:
210
جەۋھەر يازما:
7
توردا:
507 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىنادىر تىما مىدالىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2014-10-31 17:32:45 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ ئىللىققىنە كۈلۈپ قويدۇم ، ئازراق تەسۋىرلەرنى ئۆزگەرتسە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات دەرىستلىكىگە كىركۇزگىدەك ئەسەر بوپتۇ ،
   بالىلىقتىكى ھىسلار نەقەدەر تاتلىق ۋە ئوماق ھە ، بالا ئەمەسمۇ ، كىچىك چاغلاردا مەنمۇ ماختىناتتىم مۇكاپات ئالسام
    ئىشقىلىپ ، بىر خىل تاتلىق ۋە ئوماق ھىكايىكەن ، بەزى جۈملىلەر گەپكىلا ئوخشاپ قاپتۇ ، يەنە بىر تۇزەپ پەرۋاز ژورنىلىغا يوللاپ بىقىڭ ، چوقۇم ئىلان قىلنىدۇ ۋە ياخشى باھاغا ئىرىشىدۇ
   
كاللىدا خىيال بولۇش كىرەككەن جۇما كىشى

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

7#
ۋاقتى: 2014-11-1 07:01:06 | ئايرىم كۆرۈش
كىچىك چاغلىرىمنى سىغىنىپ قالدىمغۇ ئەمدى ، سىزنىڭ ھىكايىلىرىڭىزنى شۇنداق ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن ، تۇرمۇشقا سىڭىپ كەتكەندە، بولۇپمۇ مەن چوڭ بولغان دەۋىرلەرگە ، مىنىڭ باشلانغۇچتىكى ۋاقىتلىرىمغا بەك ئوخشايدىكەن..
ھىكايە ، قىسقا ئەمما شۇنداق ئىسىل چىقىپتۇ ، نادىر تىمىلىرىڭىزنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرايلى .

7

تېما

124

يازما

1899

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 202
يازما سانى:
124
تىللا:
1367
تۆھپە:
130
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
90 سائەت
ئاخىرقى:
2015-12-31

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

8#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-2 18:21:31 | ئايرىم كۆرۈش
‏تۇمارىس،ئاي بەرگى،مۇسلىنە،بىلگىيار،خاككىر،ۋە تىلسىم قاتارلىق دوسلارنىڭ ماڭا مەدەت بەرگىنىگە كۆپ رەھمەت...
‏ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى.

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2014-11-24 18:48:21 | ئايرىم كۆرۈش
ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بولىدۇ .
ئەسىرىڭىزگە  رەھمەت !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:55 , Processed in 0.139397 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش