ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 317|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ۋەتەن ئ‍ۇ بىر پارچە نان ئ‍ەمەس بىلسەڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

59

تېما

569

يازما

1647

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 725
يازما سانى:
569
تىللا:
988
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
163 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

جانلىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزا


ۋەتەن ئۇ بىر پارچە نان ئەمەس بىلسەڭ

          داستان

ئابلىكىم مۇھەممەت ئۇپقۇن

يۈكسەك بىر تۇيغۇدا چېڭقىلىپ يۈرەك،
ئېڭڭەلەپ كۆز ئاچقان جايغا تىۋىنىپ.
ماكانسىز بىر قۇشتەك يۈردۇم سەرسانە،
يىراقتىن تەلمۇرۇپ سېنى سىغىنىپ.

مەيلى مەن تاش يۇرتتا سۈرسەممۇ دەۋران،
سېنىڭدە قېزىقلىق ئاخىرقى گۆرۈم.
ۋەتەن دەپ جان بەرسەم رازى، مەن رازى،
ئېچىلماي توزىسا ئوندىن بىر گۈلۈم.

ئەركەكلەر ئىپپىتى بىلسەڭ سەن ۋەتەن،
شۇ يولدا تالايلار كەچتى جېنىدىن.
چۈشۇمدە ۋەتەن دەپ ئويغۇنۇپ ھەر چاغ،
ئارتىلپ چۈشەرمەن كۆڭۈل تېمىمدىن.

رىتىملىق شارقىراپ ئاققان سۇلىرىڭ،
مەڭگۈلۈك ئابىدە ماڭا بىر باھار.
توپىلىق يوللىرىڭ سالا ئىتىزلار،
قەلبىمدە ئۇخلىغان بىر تىلسىملىق غار.

مېۋىلىك باغلىرىڭ چېچەككە تولغان،
گۈللەرنىڭ كۆزىدە ۋەتەن دېگەن خەت.
مىڭ يىللىق تەۋەررۈك تەكلىماكاندا،
يۈلتۇزلار چاقنىغان تېزىلغان رەت-رەت.

مەن چوڭ بولغان مەھەللە

ئانامدىن تۇغۇلدۇم ئانا ۋەتەنگە،
زەر تۇپراق باغرىغا باغرىمنى يېقىپ.
تايتاڭلاپ ماڭدىم مەن گۈللەرنى سۆيۈپ،
ئوتىدا كۆيدۈم ھەم سۈيىدە ئېقىپ.

ياپيىشىل بوستانلىق قەدىم مەھەللە،
بۇلاقنىڭ ئۆزىدە قايناق بىر ھايات.
كۈچ بېرىپ جىسمىمغا مېنى چوڭ قىلدى،
يېگىتلىك قۇشلىرىم قاقماقتا قانات.

ئاتامنىڭ كۈچىدە رەڭلەنگەن دۇنيا،
پاسىلسىز پەسىلدەك تۇرار ئالمىشىپ.
تۈت قۇلاق تەرگەن شۇ دەريا بويلىرى،
يۈرەككە ئاقىدۇ كۆكسۈمنى تېشىپ.

قىززىدۇ بۇ يەردە دىھقان بەزمىسى،
بىر تالاي ئەمگەكتىن ياڭرىغان سادا.
ياشلارنى تاۋلىغان قەدىم مەھەللەم،
ھاقىرار باغرىغا تاغلاردىن سابا.

تۇرمۇشنىڭ تەرتىپسىز دوقاللىرىدا،
كۆمۈشرەڭ چوقىلار ئېگىلەر بىر پەس.
باھارنىڭ كۆزىدە كىردىم كېچىگە،
مەن بەلكى بىر كارۋان ۋەتەنسىز ئەمەس.

تاغلارنىڭ مەڭزىدە تاشقا ئايلىنار،
دىلىمغا ئوت سالغان قەدىم مەھەللەم.
قولۇمنىڭ ئۇچىدا گۈللەرنىڭ پەسلى،
سەيياھ بوپ يىراقتىن مەن يېتىپ كەلسەم.

ۋەتىنىم تارىخى سۆزلىنەر تاشقا،
نور ئەمگەن بارخانغا باغرىمنى ياقسام.
ئاداققى ئارزۇيۇم ئاقلىنار شۇندا،
ئوتۇڭدا كۆيسەم ھەم سۈيۈڭدە ئاقسام.

دادامنىڭ كەتمىنى

ئۇ ماڭا تەۋەررۈك دادامدىن قالغان،
يامايدۇ رەڭ بېرىپ جۇل-جۇل ھاياتنى.
ۋەتەننىڭ باغرىغا تىرار گۈل چىمەن،
قۇش بولسام مەن ئەگەر بېرىپ قاناتنى.

دادامنىڭ كەتمىنى توخىتىماس ئىشتىن،
دىللاردىن-دىللارغا ئېقىپ مۇھەببەت.
رەزىللىك چانىلار يىلتىزى بىلەن،
ۋەتەننىڭ باغرىدا كۆكلەپ ھەقىقەت.

ئۇ كەتمەن بىر مەشئەل تۈندە چاقنىغان،
گۈللەرنىڭ باغرىدىن ماڭا بېرەر يول.
ۋەتەننىڭ قېشىغا قويىدۇ ئوسما،
ئاتىغا ئەگەشسە سەپەردە ئوغۇل.

دادامنىڭ كەتمىنى ئاقتۇرار مەندىن،
ۋەتەنگە ھەر قىتىم مۇنجاق-مۇنجاق تەر.
رىشتىم ئۇ كەتمەنگە باغلاندى مەھكەم،
ھاجەتمەن مەن ئاڭا ئۆلسەممۇ ئەگەر.

جەسىتىم كۆمۈلەر گۈلگۈن دالىغا،
شۇ كەتمەن گۆرۈمدە ياتقۇزار تىمتاس.
تىكىلەر بېشىمغا بىر تۈپ تاغ تىرەك،
ئاخىرقى بۇ ئۆيۈم ۋەتەنگە تەققاس.

دادام ئۇ كەتمەننى چاپتى بىر ئۆمۈر،
ۋەتەننىڭ باغرىغا كۆمۈپ مېنى ھەم.
يەر ئانا، مەن ئۇرۇق، كەتمەن قاراۋۇل،
رىشتىم ھەم ئۇنىڭغا چېگىلدى مەھكەم.

بۇلاقتا يۈيۇنۇش

تىلىم -تىلىم يېرىلغان بىر تۇپراق مەن،
قۇرغاق ھاۋا ئۇرىلىدۇ يىراقتىن.
جەنۇپتىكى بىر شەھەرنى سېغىندىم،
سۆيگۈم كېلەر تۇتۇپ راسا قۇلاقتىن.

مەن بۇ يەردە يامغۇر كۆرۈپ باقمىدىم،
ئېچىلمايدۇ گۈللەرمۇ ئۇز سېياقتا.
مەن ئالۋۇنلار گىرۋىكىدە سەرسانە،
يۈرتۇمدىكى  مەجنۇن بۇلاق قاياقتا.

ۋەتەن دېگەن بىر ناخشىدا ئويغاندىم،
قۇياش ماڭا يول سالغاندا تۇنجى رەت.
دەرتنى سورما ۋەتەنسىزدىن زەرىچە،
چىقار شۇنداق بىر تىنىقتا مىڭ ھەسرەت.

مەن ئۆزۈمدىن باشلىنارمەن ھەر دائىم،
پاك روھىمنى چىلاپ قويۇپ بۇلاققا.
ۋەتەن دېگەن بىر نازىن قىز لەپ قىلىپ،
كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈپ كەتتى قاياققا.

تاغلار تەۋرەپ جاھان كېلەر لەرزىگە،
ۋەتەندىكى بۇلاقتا مەن يۈيۇنسام.
يۇلار مېنىڭ پەيلىرىمنى بىر ئاھاڭ،
باغلار ئارا غىرىپ قۇشقا ئايلانسام.

مېنىڭ ئۈچۈن ئانا ۋەتەن بىر بۇلاق،
گىرۋىكىدە چېچەك ئاچقان يۇلتۇزلار.
ۋەتەن مىھرى يالقۇنلايدۇ دىلىمدا،
زىمىستاندا قارشى ئالار ئاپئاق قار.

قەيەردە سەن سىردىشىم توغراق

كۆمۈشرەك كائىنات ياتار ئۇيقىدا،
بىر قۇياش چاقنايدۇ ياپراقلار ئارا.
ئوت كەتكەن دىڭىزدەك كۆرۈنەر غەمكىن،
شۇ قاقشال توغراققا ئېچىشىپ ھازا.

ئۆزۈمدىن باشلىنار تۇنجى ھېكايەم.
ۋەتەندەك مۇقەددەس ئۇلۇغ تۇپراقتا.
ئەجداتىم پاك روھى قېتىغا سىڭگەن،
نەچچە يىل ئاۋۋالقى بوستان توغراققا.

ئۈستۈمدە ئاسمان بار ئاستىمدا توپراق،
دېمەك مەن ۋەتەندە ياشىدىم ئەبەت.
ئاھ بۈگۈن گەۋدىسى كېسىپ تاشلاندى،
كۆتىكى چوقچىيىپ تۇرىدۇ رەت-رەت.

چاچلىرى چۇۋۇلغان دەرتمەن ئانىدەك،
مىسكىن بىر تىۋىشتە ياتدۇ جاڭگال.
ۋەتەننىڭ باغرىدىن كېسىلگەچ توغراق،
ھەسرەتتە كۆز يېشىم تۆكۈلەر تال-تال.

خاتىمە

ۋەتەن ئۇ بىر پارچە نان ئەمەس بىلسەڭ،
سايىللار تىلىسە بەرمە قوش قۇللاپ.
ۋەتەنسىز بىر قۇل سەن مەڭگۈلۈك بىر قۇل،
تۈن كېچە ئۇخلىماي قىلساڭمۇ تاۋاپ.

بىر دەريا ھاياجان ئاقار يۈرەكتە،
قۇياش،ئاي، يۇلتۇزلار ئۇخلىغان ۋەتەن.
قەيەردۇر دېمىگىن ئانا يۇرتۇمنى،
ئەجداتلار ئىزى بار شاھانە خوتەن.

يىراقتىن ئاتلانسا پەسىل قۇشلىرى،
گۇمىنىڭ كۆكسىدە قىلىدۇ جەۋلان.
تاش يۇرۇتتا مەن غىرىپ غەملەر باسىدۇ،
مەنزىلىم نائىنىق قەدەملەر سەرسان.

2016-يىلى4-ئاينىڭ14-كۇنىدىن22-كۈنىگىچە كورلا
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
كەتسەم ئەگەر يىراق جايلارغا.ئۇنۇتماڭلار ئەسەرلىرىمنى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

59

تېما

569

يازما

1647

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 725
يازما سانى:
569
تىللا:
988
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
163 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

جانلىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزا

دېۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-23 17:27:44 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇپقۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-23 17:33  

كەچۈرۈڭلار ،بۇ ئەسىرىمدە ئىملادا بەك خاتا بوپ قاپتۇ.
كەتسەم ئەگەر يىراق جايلارغا.ئۇنۇتماڭلار ئەسەرلىرىمنى

59

تېما

569

يازما

1647

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 725
يازما سانى:
569
تىللا:
988
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
163 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

جانلىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزا

ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-23 17:32:48 | ئايرىم كۆرۈش
ۋەتەن ئۇ بىر پارچە نان ئەمەس بىلسەڭ
قوشتاغدىكى ۋەتەن
داستان
ئابلىكىم مۇھەممەت ئۇپقۇن

يۈكسەك بىر تۇيغۇدا چىڭقىلىپ يۈرەك،
ئىڭڭەلەپ كۆز ئاچقان جايغا تىۋىنىپ.
ماكانسىز بىر قۇشتەك يۈردۇم سەرسانە،
يىراقتىن تەلمۈرۈپ سېنى سىغىنىپ.

مەيلى مەن تاش يۇرتتا سۈرسەممۇ دەۋران،
سېنىڭدە قېزىقلىق ئاخىرقى گۆرۈم.
ۋەتەن دەپ جان بەرسەم رازى مەن رازى،
ئېچىلماي توزىسا ئوندىن بىر گۈلۈم.

ئەركەكلەر ئىپپىتى بىلسەڭ سەن ۋەتەن،
شۇ يولدا تالايلار كەچتى جېنىدىن.
چۈشۈمدە ۋەتەن دەپ ئويغۇنۇپ ھەر چاغ،
ئارتىلپ چۈشەرمەن كۆڭۈل تېمىمدىن.

رىتىملىق شارقىراپ ئاققان سۇلىرىڭ،
مەڭگۈلۈك ئابىدە ماڭا بىر باھار.
توپىلىق يوللىرىڭ سالا ئىتىزلار،
قەلبىمدە ئۇخلىغان بىر تىلسىملىق غار.

مىۋىلىك باغلىرىڭ چېچەككە تولغان،
گۈللەرنىڭ كۆزىدە ۋەتەن دېگەن خەت.
مىڭ يىللىق تەۋەررۈك تەكلىماكاندا،
يۈلتۇزلار چاقنىغان تىزىلغان رەت-رەت.

مەن چوڭ بولغان مەھەللە
ئانامدىن تۇغۇلدۇم ئانا ۋەتەنگە،
رەز تۇپراق باغرىغا باغرىمنى يېقىپ.
تايتاڭلاپ ماڭدىم مەن گۈللەرنى سۆيۈپ،
ئوتىدا كۆيدۈم ھەم سۈيىدە ئېقىپ.

ياپيىشىل بوستانلىق قەدىم مەھەللە،
بۇلاقنىڭ كۆزىدە قايناق بىر ھايات.
كۈچ بېرىپ جىسمىمغا مېنى چوڭ قىلدى،
يىگىتلىك قۇشلىرىم قاقماقتا قانات.

ئاتامنىڭ كۈچىدە رەڭلەنگەن دۇنيا،
پاسىلسىز پەسىلدەك تۇرار ئالمىشىپ.
تۆت قۇلاق تەرگەن شۇ دەريا بويلىرى،
يۈرەككە ئاقىدۇ كۆكسۈمنى تېشىپ.

قىززىدۇ بۇ يەردە دىھقان بەزمىسى،
بىر تالاي ئەمگەكتىن ياڭرىغان سادا.
ياشلارنى تاۋلىغان قەدىم مەھەللەم،
چاقىرار باغرىغا تاغلاردىن سابا.

تۇرمۇشنىڭ تەرتىپسىز دوقاللىرىدا،
كۆمۈشرەڭ چوققىلار ئېگىلەر بىر پەس.
باھارنىڭ كۆزىدە كىردىم كېچىگە،
مەن بەلكى بىر كارۋان ۋەتەنسىز ئەمەس.

تاغلارنىڭ مەڭزىدە تاشقا ئايلىنار،
دىلىمغا ئوت سالغان قەدىم مەھەللەم.
قولۇمنىڭ ئۇچىدا گۈللەرنىڭ پەسلى،
سەييا بوپ يىراقتىن مەن يېتىپ كەلسەم.

ۋەتىنىم تارىخى سۆزلىنەر تاشقا،
نور ئەمگەن بارخانغا باغرىمنى ياقسام.
ئاداققى ئارزۇيۇم ئاقلىنار شۇندا،
ئوتۇڭدا كۆيسەم ھەم سۈيۈڭدە ئاقسام.

دادامنىڭ كەتمىنى
ئۇ ماڭا تەۋەررۈك دادامدىن قالغان،
يامايدۇ رەڭ بېرىپ جۇل-جۇل ھاياتنى.
ۋەتەننىڭ باغرىغا تىرار گۈل-چىمەن،
قۇش بولسام مەن ئەگەر بېرىپ قاناتنى.

دادامنىڭ كەتمىنى توخىتىماس ئىشتىن،
دىللاردىن-دىللارغا ئېقىپ موھەببەت.
رەزىللىك چانىلار يىلتىزى بىلەن،
ۋەتەننىڭ باغرىدا كۆكلەپ ھەقىقەت.

ئۇ كەتمەن بىر مەشئەل تۈندە چاقنىغان،
گۈللەرنىڭ باغرىدىن ماڭا بېرىپ يول.
ۋەتەننىڭ قېشىغا قويىدۇ ئوسما،
ئاتىغا ئەگەشسە سەپەردە ئوغۇل.

دادامنىڭ كەتمىنى ئاققۇزار مەندىن،
ۋەتەنگە ھەر قېتىم مونجاق-مونجاق تەر.
رىشتىم ئۇ كەتمەنگە باغلاندى مەھكەم،
ھاجەتمەن مەن ئاڭا ئۆلسەممۇ ئەگەر.

جەسىتىم كۆمۈلەر گۈلگۈن دالىغا،
شۇ كەتمەن گۆرۈمدە ياتقۇزار تىمتاس.
تىكىلەر بېشىمغا بىر تۈپ تاغ تىرەك،
ئاخىرقى بۇ ئۆيۈم ۋەتەنگە تەققاس.

دادام ئۇ كەتمەننى چاپتى بىر ئۆمۈر،
ۋەتەننىڭ باغرىغا كۆمۈپ مېنى ھەم.
يەر ئانا، مەن ئۇرۇق، كەتمەن قاراۋۇل،
رىشتىم ھەم ئۇنىڭغا چېگىلدى مەھكەم.

بۇلاقتا يۈيۈنۇش
تىلىم -تىلىم يېرىلغان بىر تۇپراق مەن،
قۇرغاق ھاۋا ئۇرىلىدۇ يىراقتىن.
جەنۇپتىكى بىر شەھەرنى سېغىندىم،
سۆيگۈم كېلەر تۇتۇپ راسا قۇلاقتىن.

مەن بۇ يەردە يامغۇر كۆرۈپ باقمىدىم،
ئېچىلمايدۇ گۈللەرمۇ ئۇز سىياقتا.
مەن ئالۋۇنلار گىرۋىكىدە سەرسانە،
يۇرتۇمدىكى  مەجنۇن بۇلاق قاياقتا.

ۋەتەن دېگەن بىر ناخشىدا ئويغاندىم،
قۇياش ماڭا يول سالغاندا تۇنجى رەت.
دەرتنى سورما ۋەتەنسىزدىن زەرىچە،
چىقار شۇنداق بىر تىنىقتا مىڭ ھەسرەت.

مەن ئۆزۈمدىن باشلىنارمەن ھەر دائىم،
پاك روھىمنى چىلاپ قويۇپ بۇلاققا.
ۋەتەن دېگەن بىر نازىن قىز لەپ قىلىپ،
كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈپ كەتتى قاياققا.

تاغلار تەۋرەپ جاھان كېلەر لەرزىگە،
ۋەتەندىكى بۇلاقتا مەن يۈيۈنسام.
يۇلار مېنىڭ پەيلىرىمنى بىر ئاھاڭ،
باغلار ئارا غىرىپ قۇشقا ئايلانسام.

مېنىڭ ئۈچۈن ئانا ۋەتەن بىر بۇلاق،
گىرۋىكىدە چېچەك ئاچقان يۇلتۇزلار.
ۋەتەن مىھرى يالقۇنلايدۇ دىلىمدا،
زىمىستاندا قارشى ئالار ئاپئاق قار.

قەيەردە سەن سىردىشىم توغراق
كۆمۈشرەك كائىنات ياتار ئۇيقىدا،
بىر قۇياش چاقنايدۇ ياپراقلار ئارا.
ئوت كەتكەن دىڭىزدەك كۆرۈنەر غەمكىن،
شۇ قاقشال توغراققا ئېچىشىپ ھازا.

ئۆزۈمدىن باشلىنار تۇنجى ھېكايەم.
ۋەتەندەك مۇقەددەس ئۇلۇغ تۇپراقتا.
ئەجداتىم پاك روھى قېتىغا سىڭگەن،
نەچچە يىل ئاۋۋالقى بوستان توغراققا.

ئۈستۈمدە ئاسمان بار ئاستىمدا توپراق،
دېمەك مەن ۋەتەندە ياشىدىم ئەبەت.
ئاھ بۈگۈن گەۋدىسى كېسىپ تاشلاندى،
كۆتىكى چوقچىيىپ تۇرىدۇ رەت-رەت.

چاچلىرى چۇۋۇلغان دەرتمەن ئانىدەك،
مىسكىن بىر تىۋىشتە ياتىدۇ جاڭگال.
ۋەتەننىڭ باغرىدىن كېسىلگەچ توغراق،
ھەسرەتتە كۆز يېشىم تۆكۈلەر تال-تال.

خاتىمە
ۋەتەن ئۇ بىر پارچە نان ئەمەس بىلسەڭ،
سايىللار تىلىسە بەرمە قوش قوللاپ.
ۋەتەنسىز بىر قۇل سەن مەڭگۈلۈك بىر قۇل،
ھەر كېچە ئۇخلىماي قىلساڭمۇ تاۋاپ.

بىر دەريا ھاياجان ئاقار يۈرەكتە،
قۇياش،ئاي، يۇلتۇزلار ئۇخلىغان ۋەتەن.
قەيەردۇر دېمىگىن ئانا يۇرتۇمنى،
ئەجداتلار ئىزى بار شاھانە خوتەن.

يىراقتىن ئاتلانسا پەسىل قۇشلىرى،
گۇمىنىڭ كۆكسىدە قىلىدۇ جەۋلان.
تاش يۇرۇتتا مەن غىرىپ غەملەر باسىدۇ،
مەنزىلىم نائىنىق قەدەملەر سەرسان.
2016-يىلى4-ئاينىڭ14-كۇنىدىن22-كۈنىغىچە كورلىدا يېزىلدى
كەتسەم ئەگەر يىراق جايلارغا.ئۇنۇتماڭلار ئەسەرلىرىمنى

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-4-24 13:27:16 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى شىئىرىلىرىڭىزغا  تەشەككۈ ر!
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

1

تېما

97

يازما

321

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1008
يازما سانى:
97
تىللا:
224
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
71 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-21
5#
ۋاقتى: 2016-4-24 14:32:49 | ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى شېئېر ئىكەن.   ماڭا بەك تەسىر قىلدى.    ياخشى يېزېپسىز.
مەن كىم؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:48 , Processed in 0.151028 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش