ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 642|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

شىنجاڭ كىنوچىلىقىنىڭ باشلىنىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

50

يازما

1073

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 325
يازما سانى:
50
تىللا:
918
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
46 سائەت
ئاخىرقى:
2015-5-26
شىنجاڭ كىنوچىلىقىنىڭ باشلىنىشى

شىنجاڭدا قويۇلغان تۇنجى كىنو





تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار





جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانىيەت مەدەنىيەت خەزىنىسىگە، جۈملىدىن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە ئۆزىنىڭ تىگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇر قاتارلىق ھەرقايسى مىللەتلەر بىرلىكتە ئىناق-ئىتتىپاق ياشاپ كېلىۋاتقان گۈزەل يۇرتىمىز شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت تارىخى ھەرقايسى تەرەپلەردىن ئىلمىي يۇسۇندا تەتقىق قىلىنىپ، مۇئەييەن باسقۇچقا يەتكەن بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭنىڭ كىنوچىلىق تارىخى ئۈستىدە ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە بۇ تارىخنى ئىلمىي ئاساستا توغرا شەرھىلەش، خاتىرلەپ قالدۇرۇش. بىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت تارىخىمىز، جۈملىدىن مەدەنىيەت تارىخىمىزنى بىر پۈتۈنلۈككە ۋە تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىشتا سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى.

دەرۋەقە، يېڭى بىر ئەسىرنىڭ بۇسۇغىسىدىن ئاتلاپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگىچە ئاز كەم بىر ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە بۇلۇپ قالغان شىنجاڭنىڭ كىنوچىلىق تارىخى توغرىسىدىكى ئىزدىنىش ۋە تەقىقاتلار تولىمۇ ئاز، ھەتتا بۇ ساھەگە قىززىقىدىغانلار، بۇ ساھە ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس، يەنە كېلىپ بار بولغانلارنىڭ شىنجاڭ كىنو چىلىقىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرققى قىلىشى توغرىسىد ىكى قاراش ۋە پىكىرلىرمۇ بىردەك ئەمەس. بۇ دەل بىزنىڭ كىنىوچىلىق تارىخى تەتقىقاتىمىزنىڭ يىتەرسىزلىكىنىڭ ئىپادىسى. ئەلۋەتتە مەنمۇ پەقەت ئۆزەمگىلا ۋەكىللىك قىلىمەن، چۈنكى مەنمۇ ئاددىيلا بىر قىزققۇچى خالاس.

بۇ يەردە شۇنى دەپ ئۆتۈپ كېتىش ئارتۇقچە ئەمەسكى، كىنو ئەدەبىياتى ۋە كىنو نەزىريىسىنى چىقىش نوقتىسى قىلىپ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ كىنوچىلىق تارىخى ۋە كىنو ئىشلىرى تەرەققىياتى ئۈستىدە بىر قەدەر ئەتراپلىق، سېستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ،بىر قەدەر چوڭقۇرراق ئىزدەنگەن كىشى شىنجاڭ ئونۋېرىستېتىنىڭ فىروفىسسورى نۇرمەھەممەت زامان ئەپەندى بۇلۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن شېرىپ خۇشتار، مۇھەممەت ئەيسا جامى، تۇردى قاسىمى، ئىقبال تۇرسۇن، ئۆمەر قادىر، ئىمىن ئابلا... قاتارلىق زىيالىلىرىمىزمۇ بۇ جەھەتتە ئاز بولمىغان ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. گەرچە نۇرمەمەت زامان ئەپەندىنىڭ شىنجاڭ كىنو چىنىلىقىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرغىچە بولغان تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلىرىدا ئىپادىلىگەن پىكىر- قاراشلىرى بىلەن باشقىلارنىڭ پىكىر-قاراشلىرىدا ئانچە چوڭ پەرىق ھەم ھېچقانداق زىددىيەت بولمىغاچقا، ئۇنىڭ پىكىر-قاراشلىرى ھازىرغىچە يەنىلا، شىنجاڭ كىنو چىلىقىنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدا پۇت تېرەپ تۇرىۋاتقان نوپۇزلۇق قاراش بۇلۇپ كەلمەكتە، ئۇنىڭ «كىنو ۋە كىنو ئەدەبىياتى» ناملىق دەرىسلىك كىتابىدىكى بىر نەچچە باپمۇ شىنجاڭنىڭ كىنوچىلىق تارىخى، كىنو ئەدەبىيات ۋە كىنو نەزىريىسى ساھەسىدىكى بىردىن بىر ھەم بىر قەدەر تولۇق ئۇيغۇرچە ماتېريال بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.

مەن بىرنەچچە ۋاقىت ماتېريىال توپلاش،كۆرۈش، سېلىشتۇرۇش ۋە پىشقەدەم لەردىن پىكىر ئېلىپ ئۈگۈنىش ھەم بۇ ساھەدە ئۇزاق يىللاردىن بېرى ئىزدىنىپ زور تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان، بىزگە بۇ ساھەدە ئىزدىنىشنىڭ مۇئەييەن ئاساسىنى يارىتىپ بەرگەن يۇقارقى كىشىلىرىمىزنىڭ قىممەتلىك ئەمگەكلىرى ۋە يېڭىدىن بايقالغان خاتىرىلەرگە ئاساسەن «شىنجاڭ كىنوچىلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»نى يېزىپ چىقتىم. «مۇقەددىمە»دە ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك شارائىتنىڭ چەكلىمىسى، سەۋىيەمنىڭ چاغلىقلىقى تۈپەيلىدىن بۇ تېما ئۈستىدە تازا چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارالمىغان بولۇشۇم مۇمكىن، يەنە مەن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغان، شۇ سەۋەپتىن بۇ ماتىريالغا كىرگۈزۈلمەي قېپقالغان بىرقىسىم تارىخى خاتىرلەر، رەسىم، سۈرەت ۋە باشقا قىممەتلىك ماتېرياللار بارلىقى مەلۇم، ئەمما مېنىڭ بۇلارنى تېپىش، توپلاش ئىمكانىيىتىم بولمىدى. بۇ جەھەتتىكى كەمچىلىكلەرنى مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقانلار نىڭ تولۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

پۈتكۈل جۇڭخۇا ئىلىنىڭ ئايرىلماس تەركىبى قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائى، مەدەنىيەت تارىخىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن، مول ۋە رەڭگارەڭ، شۇ ئۇزۇن شانلىق تارىخى مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن شىنجاڭ، 1884-يىلى (چىڭ سۇلالىسى پادىشاھى گۇاڭشۈينىڭ 10-يىلى) رەسمىي ئۆلكە قىلىپ تەسىس قىلىندى. ئۈرۈمچى ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ سىياسى، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەرگىزى بۇلۇپ قالدى.

شىنجاڭنىڭ كىنوچىلىق تارىخى دەۋىر جەھەتتىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلانغان يېقىنقى زامان تارىخىمىزغا مەنسۇپ مەدەنىيەت ھاسىسى بولغانلىقتىن، يىراق قەدىمقى زامان تارىخىمىزنىڭ شانلىق دەۋىرلىرىنى مەدھىيلەيدىغان گۈزەل بايانلانى كەلتۈرۈشنى قويۇپ، گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، ئوتتۇرا ئەسەرلەر بولۇپمۇ خوجىلارنىڭ باش كۆتۈرىشى بىلەن بىرنەچچە ئەسەر مابەينىدە نادانلىق، خۇراپاتلىق، مىللى ئارازلىق، تەپرىقچىلىك ۋە نامراتلىق تۈپەيلىدىن ئىقتىساد، تۇرمۇش، سىياسى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن تەرەققى تاپالماي پۈتۈنلەي ئارقىدا قالغانلىقتىن 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندىمۇ، ياۋروپا، ئامرىكا، ھەتتا مەملىكىتىمىز نىڭ ئچكىرى جايلىرىدىكى ئۇچقاندەك تېز ئىلگىرلەۋاتقان زامانىۋىيلىشش، مەدەنىيلىشىش دولقۇنىنىڭ ئەكسىچە، شىنجاڭدا زامانىۋىي سانائەت ۋە يېڭى مەدەنىيەت دېگەنلەردىن گەپ ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەقەللىسى تارىم دەرياسى ۋادىسى، تەكلىماكان گىرۋەكلىرىگە جايلاشقان بوستانلىقلار، تۇرپان، قومۇل ئويمانلىقىدىكى كۆجۈم مەھەللىلەر، ئىلى دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان يېزا- قىشلاقلاردىلا ئەمەس، بەلكى ئۈرۈمچى، قەشقەرگە ئوخشاش قەدىمىي چوڭ شەھەرلەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭمۇ تۇرمۇشتا ئىلىكتىر نۇرلىرىدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. ۋاھالەنكى بۇچاغدا دۇنيادىكى زور كۆپ سانلىق ئەللەر خەلقلىرى بولسا، ئىنسانىيەت ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان ئىلىم-پەن مۇئاپىقىيەتلىرىنىڭ نۇرانە شاراپىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، يۇرۇقلۇقتا ياشاۋاتاتتى. ئەمما مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىدىكى چىگىرا ئۆلكىسى بولغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بولسا، فىئودال، خۇراپى دىنى مۇتەسسىپلەر، زالىم، چىرىك، پارىخور ئەمەلدارلار چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان ئىقتىدارسىز ھاكىمىيەتنىڭ ئىستىبدات زۇلمى ئاستىدا پەن-مەدەنىيەت قۇبۇل قىلىش ۋە ئىگەللەشكە يۈرۈش قىلالمىغانلىقتىن، ئىجتىمائى جەمئىيەت ئالغا ئىلگىرلىيەلمەي، جاھالەت ئىچىدە بۇرۇختۇم بۇلۇپ، قالاقلىق، قاششاقلىق، نادانلىق پاتقىقىغا بارغانچە چوڭقۇر پېتىپ قېلىۋاتاتتى. ۋاھالەنكى، يۇرۇقلۇق تاڭ ھامان قاراڭغۇ– زۇلمەت ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ. دېمەك، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىچكىرى جۇڭگۇدا يۈز بەرگەن شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ شىددەتلىك دولقۇنى، خۇراپى، دىنى فىئودال كۈچلەر، چىرىك ئەمەلدارلار، مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ دەھشەتلىك زۇلمى دەستىد ىن خۇددى غايەت زور كۈچكە ئىگە يانارتاغدەك پارتلاش ئالدىدا تۇرغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە كۈچلۈك ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، كەڭ خەلقنىڭ ئىنسانى ئېڭىنىڭ ئويغۇنىشىغا تۈرتكە بولدى.

تارىخنىڭ مۇقەررەرلىگى، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، دەۋىرنىڭ ئېھتىياجى، تارىخى تەرەققىياتنىڭ تەلىپى، پۈتۈن دۇنيادا ياڭراۋاتقان ئەركىنلىك، ئازادلىق، باراۋەرلىك سادالىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىچىدىكى بىر قەدەر بالدۇر ئويغانغان، ئالغا ئىنتىلىشكە جۈرئەت قىلغان، بىر تۈركۈم ئىلغار ئىدىيىلىك، مەرىپەتپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر كىشىلەر كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، زۇلمەتلىك كونا جەمئىيەتكە، ئەشەددىي فىئوداللىققا، دىنى خۇراپاتلىق، نادانلىق ۋە قالاقلىققا قارشى كۆرەشكە ئاتلاندى. ئۇلار بۇ قاراڭغۇ جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىن كەلكۈندەك باستۇرۇپ كەلگەن قارشىلىق، توسقۇنلۇق، پۇتلىكاشاڭلار، ھەتتا ئېغىر خەۋىپ- خەتەرلەردىن قورۇقماي، توسقۇنلۇق تاغلىرىدىن باتۇرلۇق بىلەن ھالقىپ ئۆتۈپ، يېڭىلىققا ئىلىم-مەرىپەتكە، زامانىۋىيلىققا قاراپ يۈرۈش قىلىشنىڭ يولىنى ئىزدىدى. زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ شىنجاڭدا يېڭى مەدەنىيەت ھەركىتىنى ئەۋىچ ئالدۇرۇپ، مەدەنىيەت، مائارىپ ساھەسىدە يېڭى سەھىپە، يېڭى يول ئاچتى. بۇ يول شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقى ھامان ماڭمىسا بولمايدىغان، مۇقەررەر بېسىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك يول ئىدى. بۇ يولنىڭ بىرى، قۇمۇلنى مەركەز قىلغان شەرقى-شىمالى شىنجاڭدا كۆتۈرۈلگەن تۆمۈرخەلپە قوزغىلىڭى، يەنى ئىنقىلاپ ئارقىلىق ئەركىنلىككە، ئازادلىققا تەلپۈنۈشتەك، ئىنقىلابى قۇراللىق كۈرەش شەكلىدىكى يېڭى مەدەنىيەت ھەركىتى بۇلۇپ ئىپادىلەنگەن بولسا، يەنە بىرى ئاتۇش ئېكىساقنى مەركەز قىلغان جەنۇبى شىنجاڭدا ئاكا-ئۇكا مۇسابايوۋلار ئاچقان يېڭىچە پەننى مەكتەپ باشلامچى بولغان ئىجتىمائى يېڭى مەدەنىيەت ھەركىتى ئىدى. ئەمما بىزنىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتقىنىمىز كېيىنكىسى بولدى. دېمەك ئالدىنقى ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا شىنجاڭدا گەرچە، يۇقاردا ئەسكەرتكىنىمىزدەك بۇخىل يېڭى مەدەنىيەت ھەركىتىنىڭ ئەمىلىيەتتىكى نەتىجىسى ئىنتايىن ئاز بولغان بولسىمۇ لېكىن، خەلىقنى ئويغۇتۇش جەھەتتىكى داغدۇغىسى زور بولدى. بۇ خىل يېڭى مەدەنىيەت ھەركىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە بۇ ھەركەتنىڭ ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، تېزلىك بىلەن قانات يېيىشى، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، ئەدەبىيات-سەنئەت، ئاخپارات ساھەلىر ىگىچە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى. بۇ ھەركەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ئاڭ، سەۋيىسىنى مۇئەييەن دەرىجىدە ئۆستۈردى، جۈملىدىن ئىلىكتىر تېخنىكىسى ۋە كىنو سەنئىتى ئارقىلىق شىنجاڭ خەلقىنى دۇنيادا مەيدانغا كەلگەن ۋە كېلىۋاتقان خىلمۇ-خىل مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا يىڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار قىلىش، خەلقنى مەنىۋى جەھە تتىن تەربىيلەش، كۆزىنى ئېچىشقا رىغبەتلەندۈردى.

ھەرقانداق بىر دەۋىردە، ھەرقانداق بىر ئەلدە ئىجتىمائىي جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى، مۇقەررەرھالدا شۇ جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئىدولوگىيە ۋە ئاڭنىڭ ئۆزگىرىشىگىمۇ تۈرتكە بولىدۇ. ئىدولوگيە ۋە ئاڭ فورمىسىنىڭ ئىپادىسى بولغان مەدەنىيەتكە تەۋە سەنئەت كىنونىڭ شىنجاڭدا پەيدا بولىشى ۋە تەرەققى قىلىشىمۇ جەمئىيەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. دەرۋەقە مۇشۇ مەزگىلدە، يەنى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە شىنجاڭدا ھۈسەيىن مۇسابايوۋ، باۋۇدۇن مۇسابايوۋلاردىن ئىبارەت ئاكا-ئۇكا ئۇسابايوۋلاردەك بىر تۈركۈم ۋەتەنپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر مللى بۇرژىئازىيە ۋەكىللىرى مەيدانغا كەلگەن ئىدى. بۇلۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلاپ شىنجاڭدا دەسلەپكى قېتىم مەيدانغا كەلگەن مىللى بۇرژىئازىيەنىڭ تىپىك ۋەكىللىرى، ۋەتە نپەرۋەر سودىگەر، مىللەتپەرۋەر كارخانىچىلار، مەرىپەتپەرۋەر زىيالىلارنىڭ ئۈلگىسى ۋە باشلامچىلىرىدىن بولغان ئاكا-ئۇكا مۇسابايوۋلار شىنجاڭدا مىللى ئىگىلىكنىڭ راۋاجلىنىشى، مىللى ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشىغا باشلامچى بولۇپ، شىنجاڭدا كاپىتالىستىك تاۋار مۇناسىۋەتلىرى قانۇنىيىتى بويىچە قۇرۇلغان مىللى كارخانا، مىللى سانائەتنىڭ گۈللىنىشىگە شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان يېڭىچە پەننى مائارىپىنىڭ مەيدانغا كېلىشى، يېڭىچە مەدەنىيەتنىڭ، بولۇپمۇ كىنودىن ئىبارەت ئەڭ يېڭى زامانىۋىي مەدەنىيەتنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىگە زور تۆھپە قوشقان كىشىلەر ئىدى.

بىز شىنجاڭنىڭ كىنو چىلىق ئىشلىرى تارىخىدىن سۆز ئاچقىنىمىزدا، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان ئىقتىساد، مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئاشۇ مەرىپە تپەرۋەر،ۋەتەنپەرۋەر سودىگەر زىيالىلارنىڭ باشلامچىسى ۋە ئۈلگىسى ئاكا-ئۇكا مۇسابايوۋلارنى تىلغا ئالماي ئۆتەلمەيمىز.

ھۆسەيىنباي 1844-يىلى، باۋۇدۇنباي 1851-يىلى ئاتۇش ئېكىساقتا ئاتاقلىق كارخانىچى مۇسا ھاجىم(مۇسابايوۋ) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇلار يۇرتى ئېكساقتىكى دىنىي مەكتەپتە بىلىم ئالغان. مۇسا ھاجىمنىڭ دادىسى ئابدۇرۇسۇلباي ۋاپات بولۇپ، پۈتۈن ئىگىلىك مۇسا ھاجىمغا قالغاندىن كېيىن مۇسا ھاجىم ئوغلى ھۆسەيىنباي بىلەن باۋۇدۇن باينى ئىلىغا ئېلىپ چىقىپ تىجارەتكە سالغان. مۇشۇ جەرياندا ئۇلار، تۇرلۈك ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى پۇختا ئۈگەنگەن. ئۇلار دەسلەپتە مۇسا ھاجىمنىڭ چارروسىيە بىلەن بولغان خۇسۇسى سودىسىدا چارروسىيىدە تۇرۇشلۇق سودا ۋەكىلى بولغان ۋە نىژنى نۇۋگردتا يەرمەنكىگە قاتنىشىپ بىر قېتىملىق پاختا سودىسىدا 100 مىڭ تىللا، يەنى بىر مىليۇن روبلىلىق پايدىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن مۇسا ھاجىم بۇلارنى ئىلىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ئىلى كۆرەدە قۇرغان 200 ئىشچىسى بار كۆن-خۇروم كارخانىسىغا ئىشلىتىپ، تاشقى سودا ئۈچۈن خام ئەشيا سېتىۋېلىش ۋە ئېكىسپورت، ئىمپورت سودىسىغا سەرىپ قىلغان.

مۇسا ھاجىم قېرىلىق سەۋەبىدىن تىجارەتنى بالىلىرىغا قالدۇرۇپ، جامائەت ئىشلىرى بىلەن بولغان كۈنلەردە، ئائىلە نىزامى بويىچە ھۆسەيىنباي مۇسا ھاجىمنىڭ ئالتە ئوغلىنىڭ چوڭى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن ئىگىلىكنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان.

1895-يىلى ئىنىلىرىنىڭ ياردىمىدە ئىلىدا «مۇسابايوۋ بۇرادەرلەر شىركىتى»نى قۇرغان. 1870-يىلى ئىنىسى باۋۇدۇنباينىڭ پەننىي مەكتەپ قۇرۇش پىلانىنى قوللاپ شىنجاڭ تارىخىدىكى تۇنجى ئىكىساق «ھۈسەيىنىيە» پەننىي مەكتىپىنىڭ سېلىنىشىغا يار-يۆلەك بولغان. 1904-يىلى باۋۇدۇنباينىڭ تەشەببۇسى ۋە قول سېلىپ ئىشلىشى جەريانىدا گېرمانىيىدىن بىر يۈرۈش زامانىۋى كۆن-خۇرۇم ئىشلەش زاۋۇتىنى سېتىۋېلىپ، غولجىغا يۆتكەپ كېلىپ، شىنجاڭ تارىخىدىكى تۇنجى خۇسۇسىيلار ئىگىلىگىدىكى زامانىۋى زاۋۇتنى قۇرۇشقا كىرىشىپ، 1909-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرگەن ۋە ئۈچ قارار ئىشچىلار تېخنىك مەكتىپى، «ئاياللار قول-ھۈنەرۋەنچىلىك مەكتىپى» ئېچىپ، ئۇيغۇر يېڭى زامان مائارىپ تارىخىدا بۆسۈش ھاسىل قىلغان. شىنجاڭنىڭ چارۋا نەسلىنى ياخشىلاش ئۈچۈن 1920-يىلىدىن باشلاپ چەتئەلدىن نەسىللىك ئات، بۇقا، سېيىر ۋە قويىنى تۇنجى بۇلۇپ شىنجاڭغا ئېلىپ كىرىپ، شىنجاڭ چارۋىلىرىنىڭ نەسلىنى ياخشىلاشتا كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقان.

ھۆسەيىنباي- باۋۇدۇنبايلار كۆپ قېتىم خەلقارا(گېرمانىيە، روسىيە، فىرانسىيە) يەرمەنكىلىرىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر سودىسىنىڭ شۆھرىتىنى ئاشۇرغان. پەن زۇخۈەننىڭ«ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى شىنجاڭ سودىسى» دېگەن ماقالىسىدا:« شىنجاڭ سودىسىدا ئىلىدا ھۆسەيىنباي بىلەن قەشقەردە ئۆمەرباي ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى دۆلىتىمىزدىكى سودىگەرلەر ئىچىدىمۇ بىرىنچىلىككە ئۆتەتتى» («شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» 1-سان، 204-بېتىگە قاراڭ) دەپ يازغىنىدەك تەرىپكە سازاۋەر، مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلار ئىدى.

ھۆسەيىنباي 1926-يىلى، باۋۇدۇنباي 1928-يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇلار ياراتقان ئىگىلىك ۋە مەدەنىيەت سەمەرىلىرى شىنجاڭنىڭ سودا ۋە مەدنىيەت تارىخىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالدى.

دېمەك، 19-ئەسرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپلا سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇنلىنىپ بېيىغان، ئىلىم-مەرىپەت ۋە پۇل ئىزدەپ ياۋروپا ئەللەرگە چىقىپ ئۇ يەرلەردىكى تەرەققىيات دولقۇنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن،چەتلەللەردىكى يېڭى سانائەت مۇئاپىقىيەتلىرىدىن زور ئىلھام ئېلىپ، زامانىۋى پەن-تېخنىكا ۋە تەرەققىيا تنىڭ ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى رولىنى چوڭقۇر ھىس قىلغان ئاكا-ئۇكا مۇسابايوۋلار يېڭى پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان زامانىۋى ئۈسكۈنىلەر دىن پايد ىلىنىپ زاۋۇت قۇرۇش ئارقىلىق ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئويلاپ، 1907-يىلى ئىلىدا مەملىكەت بويىچە تۇنجى زامانىۋىي تېرە پىششىغلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇشنى باشلىغان ھەم مۇشۇ زاۋۇتنىڭ ئۈسكۈنىلىرى بىلەن بىللە گىرمانىيە دىن ئېلىپ كەلگەن بىر يۈرۈش فىلىم ئىشلەش ۋە قويۇش ئاپپاراتىدىن پايدىلىنىپ، زاۋۇتنىڭ قۇرلۇش جەريانىنى سۈرەتكە ئېلىپ بەش چاس فىلىم ئىشلىگەن، 1912-يىلى زاۋۇت پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاكا-ئۇكا مۇسابايوۋلار بۇ فىلىمنى ئەڭ دەسلەپ ئۆزىنىڭ قەشقەر شەھرىدىكى ئۆيىدە، ئاندىن ئاتۇش ئېكساقتا ئۆزلىرى قۇرغان يېڭىچە پەننى مەكتەپ «ھۈسەيىنىيە مەكتىپى» ۋە شۇ يەردىكى «ھەبىبئەجەم مازىرى»نىڭ كارىدۇرىدا كىشىلەرگە قويۇپ بەرگەن. مانا بۇ شىنجاڭدا ئىشلەنگەن تۇنجى كىنو فىلىمى، شۇنداقلا شىنجاڭدا قويۇلغان تۇنجى كىنو بۇلۇپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى كىنو ئاتۇش ئېكىساقتا ئاشكارا قويۇلغان.

شىنجاڭدا قويۇلغان تۇنجى كىنو، شىنجاڭنىڭ كىنوچىلىق تارىخىنىڭ باشلىنش نوقتىسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئەمما بۇ ھەققىدىكى قاراشلارمۇ يەنىلا سەل مۈجمەل. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن نۇرمەھەممەت زامان ئەپەندى ئۆزىنىڭ «كىنو ۋە كىنو ئەدەبىياتى»دېگەن كىتابىدا شىنجاڭدا قويۇلغان تۇنجى كىنو تۇغرىسىدا: « دەسلەپ 1917-يىلى ئۆتەبىر ئىنقىلابى بولغاندا، نۇرغۇن ئاق ئورۇسلار شىنجاڭغا قېچىپ ئۆتتى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى روسىيەدىن كىنو قويۇش ئاپپاراتى بىلەن بىر يۈرۈش دېزىل ماتۇر ئالغاچ كەلگەن ئىدى. ھازىر ئىنقلىنىشىچە، شىنجاڭدا كىنو قويۇش ئىشى ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ باشلانغان بولساكېرەك. ئاندىن يىگىرمىنچى يىللىرى ، تيەنجىنلىك خەن مۇيەن ئۈرۈمچىدە سودىگەرچىلىك قىلغاندا، تيەنجىندىن ئەنگىلىيەدە ئىشلەنگەن قول بىلەن تولغاپ توك ھاسىل قىلىدىغان سەككىز مىللى مېتىرلق، ئائىلىدە كىنو قويۇش ئاپپاراتىنى ئېنگىلىزچە خەت چىقىدىغان ۋە قىززىقچىلىق، قورقۇنۇشلۇق فىلىم لېنتىسى بىلەن ئېلىپ كەلگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ئۇرۇق-تۇققان، قولۇم-قوشنىلىرىغا كىنو كۆرسەتكەن.ئەمما ئۇ بىلەت سېتىپ قويماي، ئائىلىسىدە قويۇش بىلەنلا چەكلەنگەن»①دەپ كۆرسەتكەن بۇلۇپ، شۇنىڭدىن تارتىپ، شىنجاڭنىڭ كىنوچىلىق تارىخى 1917-يىلىدىن باشلانغان دېگەن قاراش ئومۇملىشىپ، كىنو ۋە كىنو تارىخىغا قىزىقىدىغان كىشىلەر ھازىرغىچە 1917-يىلىنى شخنقاڭنىڭ كىنوچىلىق تارىخىنىڭ باشلىنىشى دەپ قاراپ كەلمەكتە ھەم ماتېرياللار دىمۇ شۇ بويىچە قەيىت قىلىنىپ كېلىۋاتقدۇ.

2005-يىلى نەشىر قىلىنغان ئالى ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرى ئۈچۈن يېڭىدىن تۈزۈلگەن دەرىسلىك «سەنئەت نەزىريىسى ئاساسلىرى» دېگەن كىتاپتىمۇ ئوخشاشلا مۇشۇ كۆزقاراش ئاساسىدا:« ئەڭ دەسلەپ، يەنى 1917-يىلى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ زەربىسىدىن قېچىپ شىنجاڭغا كەلگەن ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرى روسىيەدىن كىنو قويۇش ئاپپاراتى ۋە بىر يۈرۈش دېزىل ماتور ئالغاچ كەلگەن. بۇ شىنجاڭغا كىنونىڭ دەسلەپكى قېتىم كىرىشى ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، تيەنجىنلىك خەن مۇيەن ئىسىملىك بىر سودىگەر شىنجاڭغا ئەنگىلىيەدە ئىشلەنگەن، قول بىلەن تولغاپ توك ھاسىل قىلىدىغان كىنو قويۇش ئاپپاراتى ۋە لېنتىسىنى ئېلىپ كېلىپ ئۆز ئۆيىدە كىنو قويغانلىقى مەلۇم»② دەپ يېزىلغان بۇلۇپ، نۇرمەھەممەت زامان ئەپەندىنىڭ بۇنىڭدىن ئون بەش يىل ئىلگىرىكى قارىشى ئۆز ئەينى تەكرارلانغان. بىراق بۇ ئون بەش يىل جەريانىدا شىنجاڭنىڭ كىنو چىلىقى ۋە كىنوچىلىق تارىخى توغرىسىدا خېلى كۆپ ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان، بۇلۇپمۇ شىرىپ نىياز خۇشتار ئەپەندى بۇ جەھەتتە خېلى ئەھمىيەتلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. ئۇ ئەمەلى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن بىرىنچى قول ماتېرياللىرى ئاساسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ كىنوچىلىق تارىخىنى بىر نەچچە يىل ئالدىغا سۈردى. ئۇ «شىنجاڭدىكى تۇنجى كىنو» دېگەن ماقالىسىدە:« ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ، سانائىتىنىڭ ئاساسچىلىرى ئاكا-ئۇكا مۇسابايوۋلار 1907-يىلى ئىلىدا مەملىكىتىمىز بويىچە تۇنجى زامانىۋىي تېرە پىششىغلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرىدۇ. زاۋۇت ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ (بۇ زاۋۇت 1909-يىلى ئىشقا كىررىشتۈرۈلگەن) ئۈچىنچى يىلى (1912-يىلى) كۈزدە مەزكۇر زاۋۇت تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك مەخسۇس فىلىم ۋە قويۇش ئاپپاراتى گىرمانىيەت فىرانكىفورت ئاسايىن زاۋۇتى تەرىپىدىن باۋۇدۇنبايغا تاپشۇرلىدۇ. باۋۇدۇنباي بەس چاس فىلىم، كىنو ئاپپاراتىنى ئېلىپ ئىلىغا قايتماقچى بولىدۇ. ئىلىدا ۋەزىيەت جىددىي بولغاچقا، ئامالسىز ئوتتۇرا ئاسىيادىن قەشقەرگە كېلىپ، فىلىمنى قەشقەردە، ئاندىن ئاتۇشنىڭ ئېكساق كەنتىدىكى ئېكساق پەننى مەكتىپى بىلەن ھەبىب ئەجەم مازىرىنىڭ كارىدورىدا يەرلىك ئاممىغا بىر قانچە قېتىم قويۇپ بېرىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ئىنقىلاپچىلار ئىلىنى ئىشغال قىلىدۇ. ئۇرۇش توختىغاندىن كېيىن، باۋۇدۇنباي فىلىمنى ئىلىغا ئاپىرىپ، ئالدى بىلەن زاۋۇت ئىشچىلىرىغا، كېيىن جەمئىيەتتىكى ئاممىغا كۆپ قېتىم قويۇپ بېرىدۇ»③ دەيدۇ. دېمەك، 1912-يىلى شىنجاڭغا تۇنجى كىنو فىلىم ۋە كىنو قويۇش ئاپپاراتى كىر گۈزۈلگەن بۇلۇپ، شىنجاڭدا ئىشلەنگەن تۇنجى كىنو ئاتۇش لېكىساقتا ئاشكارا قويۇلغان. مانا بۇ شىنجاڭ كىنوچىلىق تارىخىنىڭ باشلىنىشى بۇلۇپ، ھەتتا شۇ قېتىم باۋۇدۇنباي ئاتۇش ئېكىساقتا قويغان فىلىممۇ گىرمانىيەدە ئىشلەنگەن فىلىم بولماستىن، بەلكى شىنجاڭنىڭ ئۆزىدە ئىشلەنگەن فىلىم ئىدى. پەقەت كىنو قويۇش ئاپپاراتى، ئۈسكۈنىلەر ۋە فىلىم لېنتىسىلا گىرمانىيەدىن كەلتۈرۈلگەن. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى دۇنياغا كەلگەنلىگىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 1995-يىلى چىقىرىلغان «مەشئەل»ناملىق مەجمۇئەگە بېسىلغان، مۇھەممەت سابىت سەيدىننىڭ «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپچىلىق دەۋرىدىكى ئاتۇش سەنئىتى ۋە كىنوچىلىقى» دېگەن ماقالىسىدە:« ياۋروپا ئەللىرىگە چىقىپ تەرەققىيات دولقۇنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەم يېڭى سانائەت دولقۇنىدىن ئىلھام ئالغان، زامانىۋىي تەرەققىياتنىڭ ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى رولىنى چوڭقۇر ھىس قىلغان باۋۇدۇن مۇسابايوۋ 1907-يىلى مەملىكەت بويىچە تۇنجى زامانىۋىي تېرە پىششىغلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇشنى باشلىغان. زاۋۇتنىڭ قۇرلۇش جەريانىدىن باشلاپ تاكى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىغىچە بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەشنى ئويلاپ گىرمانىيىد ىن بىر يۈرۈش كىنو قويۇش ۋە ئىشلەش ئاپپاراتىنى كەلتۈرۈپ جەمئى بەش قىسىملىق بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەن، فىلىمنىڭ بىرىنجى قىسمىدا؛ زاۋۇتنىڭ ئومۇمى كۆرنۈشى، ئۈسكۈنىلەر. ئىككىنچى قىسمىدا؛ ئۈسكۈنىلەرنىڭ قۇراشتۇرۇلۇپ پۈتكەن كۆرۈنۈشى، ئۈچۈنچى قىسىمىدا؛ خام تېرىنىڭ زاۋۇتقا سېلىنغاندىن باشلاپ، پىششقلاپ ئىشلەپچىقىرىلغانغا قەدەر بولغان جەريان. تۆتىنچى قىسمىدا؛ تەبىئەت ھادىسىلىرى، ھايۋاناتلار، گۈزەل مەنزىرىلەر، ئاۋات بازارلاپ، خىلمۇ-خىل ئادەملەر ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان. بەشىنچى قىسمىدا؛ بېشىغا قۇش پېيى قىستۇرىلۋالغان، بوينىدىن باغلانغان، زەنجىرلەنگەن قۇللار ھايۋانلار بىلەن چېلىشقا سېلىنغان ئادەملەر، ئىگىز تۇماق كەيگەن ساقال-بۇرۇتلۇق ئەسكەرلەرنىڭ قېچىپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلگەن. بۇ فىلىمنى ئانا يۇرتى ئېكىساقتا تۇنجى قېتىم ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن. فىلىم ئاۋازسىز بولۇپ باۋۇدۇنباي گىرمانىيەدىن تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن تېخنىكلار فىلىمنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەندۈرگەن. بۇ شىنجاڭ كىنوچىلىق تارىخىدا كىنونىڭ تۇنجى قېتىم ئىشلىنىشى ۋە قويۇلىشى ئىدى»④ دىيلىدۇ. بۇ ئاكا-ئۇكا مۇسابايوۋلارنىڭ شىنجاڭنىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرىغا قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسى بۇلۇپلا قالماي، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئاز كەم بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە جاپالىق تەرەققىيات جەريانىنى بېسىپ ئۆتكەن شىنجاڭ كىنو چىلىقىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، بارغانچە راۋاجلىنىپ ماڭغانلىقىنىڭ مۇھىم ئاساسىدۇر.


ئىزاھات ۋە پەيدىلانغان ماتىرياللار:

①نۇر مەھەممەت زامان «كىنو ۋە كىنو ئەدەبىياتى» (ئالى مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرىسلىك) شىنجاڭ مائارىپ نەشىرياتى 1991-يىل نەشرى 335-بەت.

② تۇرسۇن ساۋۇت،ئىمىن ئەخمىدى:«سەنئەت نەزىريىسى ئاساسلىرى» شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2005-يىل نەشرى 197-بەت.

③«ھۈسەيىنىيە روھى –تەكلىماكاندىكى ئويغىنىش» ناملىق كىتاپ، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2000-يىل نەشرى 254-بەت.

④«مەشئەل»ناملىق مەجمۇئەنىڭ 1995-يىلدىكى 2-سانى، 74-بەت.

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

17

تېما

444

يازما

2648

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 64
يازما سانى:
444
تىللا:
2073
تۆھپە:
42
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
67 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-9
دېۋان
ۋاقتى: 2014-1-26 00:22:45 | ئايرىم كۆرۈش
كىنوچىلىق تارىخىغا ئائىت كۆپ چۈشەنچىلەرگە ئىرىشتىم ، رەھمەت
سەن ئۈچۈن ياشاۋاتىمەن ئەمما سەن ئۈچۈن ئۆلۈپ بېرەلمەيمەن

26

تېما

485

يازما

3027

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

پىشقەدەم ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 148
يازما سانى:
485
تىللا:
2233
تۆھپە:
101
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
152 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-21

مۇنبەر قىزىقچىسىسادىق ئەزاسۆيۈملۈك ئەزاقىزغىن ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2014-1-26 15:28:56 | ئايرىم كۆرۈش
شىنجاڭ كىنوچىلىقىڭ گۈللەنگەن ۋاقتى مىنىڭ قەلبىمدە 90،يىللاردىن 99،يىلغىچە  ،
ئۇ چاغلاردا ئىشلەنگەن كىنولار  ئادەمگە راسچىلىق تۇيغۇ ئاتا قىلاتتى ،
رىسجىسۇرلار خەنزۇ بولسىمۇ كىنونىڭ مەيدان ۋە  باشقا رەڭ ئۈنۈملىرى شۇندا ياخشى ئىدى  ،
ھازىرقى كىنولار بولسا ساخىتىلىق ئارلاشقان بىر تۈركۈم ئاتالمىش چولپانلىرىمىزنىڭ قەھىرمانىزىملىق بايرىقى ئاستىدا ئىشلەنگەن بولكا  كىنولار ،
شۇ چاغدا ئىشلەنگەن كىنولارنى كىشىلەر ھازىرمۇ ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ ،ھازىر قى كىنولارنى نىمىشقا  بىر قىتىم كۆرۈپ بولۇپ قايتا  قولغا  ئىلىپ ئاپىراتقا سىلىشقىمۇ خۇش ياقمايدۇ،بۇنىڭدىكى سەۋەپ زادى نىمە ،

‹ھاياتلىقنى  قەدىرلەپ شىنجاڭ كىنولىرىدىن يىراق تۇرىمەن › شەخسى  ئويۇم،

14

تېما

50

يازما

1073

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 325
يازما سانى:
50
تىللا:
918
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
46 سائەت
ئاخىرقى:
2015-5-26
يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-26 15:40:15 | ئايرىم كۆرۈش
راس  شىنجاڭنىڭ  بۇرۇنقى كىنولىرى ھەقىقەتەن ياخشى كېيىن چىققان كىنولارنى ئەخلەت كىنو دەپ قارايمەن . يا مەنىسى  يوق يا تەربىيىۋى ئەھمىيىتى  يوق  لېكىن يېقىندا ئىشلىنىۋاتقان ئاتاقلىق كىنو ئارتىسىمىز ئابدۇكېرىم ئابلىز باش رو ل ئالغان  پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە دېگەن كومىدىيىلىك فىلىم  ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلىنىپتۇ .
بۇ كىنو تارقىتىلغان  ۋاختىدا بىر كۆرۈپ باقساق . شىنجاڭ كىنوچىلىقى تارىخىدىكى بىر دىن بىر كومىدىيىلىك فىلىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

مەن بۇ  فىلىمنىڭ شىنجاڭ كىنوچىلىق تارىخغا كۆرىنەرلىك تۆھپە قوشىشىنى  ئۈمىد قىلىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:12 , Processed in 0.120118 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش