ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 144|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

چەتنەش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

6

يازما

39

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 985
يازما سانى:
6
تىللا:
33
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
6 سائەت
ئاخىرقى:
2016-4-1
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2016-3-22 15:13:43 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
     چەتنەش
     (نەسىر)

     سۈبھىدىن شەپەقكە كېتىۋاتقان قۇياش كىرپىكلەرنىڭ كۆتۈرۈلىشىدەك ئاستا،كۆزلەرنىڭ پايانىدەك زور.ئۇنىڭ كۆتۈرۈلىشى دېنوزاۋۇرلارنىڭ تاش قاتمىسى ئۈستىگە سىزىلغان رەسىمنى ئەسلىتىدۇ.ئىككى تاش ئارىسىدىن بارلىققا كەلگەن بۇ رەسىمدە ئۈچ بۇلۇڭ ۋە يېرىم چەمبەر سىزىلغان بولۇپ ئەدىبىيلىكى شۇنچە ئۆلچەملىك ئىدىكى كۆرگىنىنى كۆرسىتەلىگەن.سۈنئىيلىكنىڭ تۇنجى ئاپىرىدىسى بولغان يېزىق بۇ رەسىمگە «تەسۋىرىي يېزىق»دەپ بۆھتان چاپلىدى.بۇ دەل چىنلىقنىڭ كۆزدىن چەتنەش تارىخىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى.گۈزەللىك مەۋجۇتلۇقنىڭ تىركىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويۇشتىن بۇرۇن ئاشىقلىقتىن رەسسام چىقاتتى.ھېسسىيات ھاياجانغا،تۇيغۇ سېزىمگە مەنسۇپ ئىدى.ئەدەبىياتنىڭ سەنئەت تۈسىنى ئېلىشى ياڭراتقۇنىڭ قۇش ئاۋازىغا ئوخشاش چاستوتىدا تەۋرىنىشىگە ئوخشاپ كىتىدۇ.يەنىلا گۈزەل،ئەمما كۆز ئەمەس پەقەتلا قۇلاق بۇ گۈزەللىكنى قىياس قىلالايدۇ.تام رەسىملىرى يېزىققا پۈتۈلگەندە ئوخشىشىپراق كېتىدىغان بىر نەرسىلەرگە ئايلىنىپ كېتىدۇ.كۆرۈرمەن ئوقۇرمەنگە ئايلىنىدۇ.جۈملە تۈزۈشنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرغا باي بولىشى شۇنىڭ ئۈچۈنكى بەزىدە ئۇلار شېئىر يېزىپ قويىدۇ.چۈنكى ئوقۇرمەنلەرمۇ تەسەۋۋۇرغا ئوخشاشلا باي.
     «ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك تاماق»نىڭ شۇنچە ئۇزۇنغا سوزۇلۇلىشى  تىراگىدىيە قەلبلەرنىڭ بالىلىق تۇيغۇسىنى ئويغىتالايدۇ.بالىلىق قەلىب ئىپتىدائىي ئىقتىدار بويىچە شېئىرنى ئەمەس رەسىمنى چۈشىنىدۇ.ئەرەپ قىزغا سۆيگۈ خېتى يازماقچى بولغان ئىتاليان پادىچى بالا ئەرەپ سودىگەردىن «مەكتۇپ»دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى سورىغىنىدا ئەرەپ سودىگەر:«بۇ سۆزنىڭ چىن مەنىسىنى بىلمەكچى بولساڭ ئەرەپ بولۇپ تۇغۇلۇشۇڭ كېرەك»دېگەنىدى.چۈنكى سودىگەر جۈملە تۈزەلەيتتى رەسىم سىزالمايتتى.شائىرلارنىڭ مەيدانغا چىقىشى بىلمەسلىكىنىڭ قىستىشىدىن بولغان.چۈنكى كۆپىنچە شائىرلار رەسىم سىزىشنى بىلمەيتتى.ئۇلار شېئىرلىرىغا جان كىرگۈزمەكچى بولسا پاساھەتكە تىۋىناتتى لېكىن كامالەتنى قوغلاشمايتتى.غەربنىڭ ئەدەبىيات گۈللىنىش دەۋرىدە ھەر قايسى ئېقىمدىكىلەر قوللانغان قۇۋ ئۇسۇللار كېچىكىپ بولسىمۇ ئۇلارغا يېتىپ كەلگىنىدە ئۇلارنىڭ ئوقۇرمەن توپلىشى بەدەن تەسۋىرلىرىگە مۇراجەت قىلدى.رەسىمدىكى بىردىنبىر ئوبراز ۋە شېئىردىكى كۆپ قىرلىق تەسۋىر ئۇلارغا مۇشەققەت ۋە ئاسانلىق تۇغدۇردى.تارىخ تەرىپىدىن يادلىنىشى كېرەك بولغان شېئىرلار ئۇنداق بولمايدۇ.
ھەقىقىي شائىرلار سۇلالىلەر دەۋرىدىكى رەسساملارنىڭ رەسىمگە يانداش يازغان شېئىرلىرىنى رەسىمگە بېقىندى قىلمايدۇ،ھېسسىيات ئەمەس تۇيغۇ ئويغىتالايدۇ.فانتازىيە ئەمەس كۆرۈنۈش شەكىللەندۈرەلەيدۇ.ئىلھامدىن ئەمەس ئىدىيەدىن شېئىرنى پۈتىدۇ.چۈنكى ئۇلار شېئىر تارىخىنىڭ پەلسەپىدىن ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.شېئىردا چىنلىقنىلا يارىتىدۇ تەپەككۇرنى ئوقۇرمەنگە قالدۇرىدۇ.ئۇلار يالغانچى شائىرلارنىڭ ئۆز تەپەككۇرى ئارقىلىق ئوقۇرمەننى چىنلىققا باشلىماقچى بولغانلىقىنى ئىستىلسىزلىق دەپ قارايدۇ.شېئىر يېزىشنى تاماق يېيىشكە ئەسلا ئوخشاتمايدۇ.شېئىرنىڭ ئېسىل بىر پارچە رەسىم ئىكەنلىكىگە چىن پۈتىدۇ.
     سۈبھىدىن شەپەقكە كېتىۋاتقان قۇياش كىرپىكلەرنىڭ كۆتۈرۈلىشىدەك ئاستا،كۆزلەرنىڭ پايانىدەك زور.ئۇنىڭ كۆتۈرۈلۈشتىن توختىشى يالماۋۇز كۆزلەرنىڭ ئېچىلىپ بولغانلىقىدىن بېشارەت.نەقەدەر شېرىن كۆرۈنۈش ھە!

_مەنبە:ئۆزۈم
2016.3.21
















بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-3-23 16:52:59 | ئايرىم كۆرۈش
ئىسمى - جىسمىغا لايىق چەتنەش بوپتۇ .
ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇقلار يار بولغاي !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:49 , Processed in 0.122934 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش