ئابلىكىم مۇھەممەت ئۇپقۇن
ئاسماننىڭ تورۇسى ئۆرۈلۈپ چۈشتى،
قاغىلار قاقىلدار شېخىمغا قونۇپ.
لېۋىڭدە بىر لەۋنىڭ ئاياغ ئىزى بار،
ئۆزگىنى سۆيدۈڭ سەن ھىجراندا قويۇپ.
شاماللار ھىدىڭنى ئىپ كەلدى سەھەر،
بىھۇشتۇر سېنىڭدىن يەردىكى قۇياش.
بىر قىزنىڭ باغرىغا كەتسەمكەن سىڭىپ،
ئۇ مېنى ئەتكەندە مەڭگۈلۈك باغاش.
يەنە كونا جايدا خىيال سۈرىمەن،
سىلايدۇ بېشىمنى مامۇق كەبى قول.
پەرھاد بوپ تېشەرمەن بىستۇن تېغىنى،
باشلايمەن شۇ يەردىن يۈرىكىڭگە يول.
مۈكچەيگەن تاقىرباش قىرى سۆگەتلەر،
چىشى يوق ئۆستەڭدىن ئاقار ھاياجان.
كونا جاي بوينۇمغا سالىدۇ گىرە،
يامغۇر بوپ باغرىڭغا سىڭسەمچۇ جانان.
2016-يىلى5-ئاينىڭ5-كۈنى كورلا