ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 597|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مېنىڭ تاغام(1)ئۆزخان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

                                                                              مېنىڭ تاغام
كىشلىك تۇرمۇشتا كىشلەر دائىم خىلمۇ _خىل ۋەقەلەرگە ئۇچراپ تۇردىدۇ. بەزى كىشلەر ئۆزى يۇلۇققان ئاشۇ ئىشلارنى، كۆرگەن -ئاڭلىغانلىرىنى ،ھېس -تۇيغۇلىرىنى قەغەز يۈزىدە ئىپادە قىلالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يازغۇچى ياكى شائىر دەپ ئاتىلىدۇ،ئەمما ئىچىدە ئويلىغنىنى قەغەز يۈزىدە ئىپادىلەپ چىقالايدىغانلار تولىمۇ ساناقلىق.
سىلەرگە دىمىسەم بولمايدىغان بىرگەپ شۇكى ئاشۇ ئازسانلىقلارنىڭ ئىچىدە مېنىڭ بىر تاغاممۇ بار. شائىر دىسە مانا شۇنى دىسە بولىدۇ.  ئادەتتە تاغام شىئىر يازاي دىسە ئۇنىڭغا ئىلھان دىگەننىڭ زادىلا كېرىكى يوق. قولغا قەلەمنى ئالسىلا شىئىر دىگەن يامغۇردەك تۆكۈلىۋىردۇ.
بىرەر ئىش كاللىسىغا تەسىر قىلىپ قالسىغۇ بولۇپلا بېىردۇ،شۇڭا مەن تاغامغا بەكلا ھەۋەس قلىمەن.مەنمىغۇ بىر ئەدەبىيات ھەۋەسكارى ئەممازە ئىلھامم ئاسان كەلمەيدۇ. كەلدى دىگەندىمۇ ئوڭلاپ تۈزۈك بىر نەرسە يازالمايمەن. شۇڭلاشقا ئۆزۈم ياخشى دەپ قارىغان بر نەچچە پارچە شىئىرنى مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتىپ باققان بولساممۇ زادىلا ئېلان قىلىنمىدى.ئۆزۈم توغرىلىق مۇشۈنچىلىك سۆزلەي. گەپ يەنىلا تاغامغا كەتتى ئەمسە.
  ئاڭلىشىمچە تاغام پەقەت باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5_يىللىقىغىچىلا ئوقوپتىكەن.ئۇنىڭچە بولغاندا تازا يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇپ داڭلىق بىر ئارتىس بولغۇسى بار ئىكەن ئەمما بوۋام بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەچكە بۇ ئارزۇسسى ئەمەلگە ئاشماپتۇ. شۇندىن كىېن تاغام قولىغا كەتمەن ئېىلپ دىھقان بوپتۇ. ئەمما ھېلىق ئارتىس بولۇش ئارزۇسلى يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلىنىپ قاپتۇ.
  ئارىدىن شۇنچە يىللار ئۆتتى . تاغاممۇ ئاللىقاچان بەش بالىنىڭ  دادىسى بولۇپ قالغاندى.تۇرمۇشى ئادەتتىكىچە بولۇپ قېينىئاتىسىدىن قالغان نەچچە مو يېىرىمۇ بار ئىدى. بازار كۈنلىردە دوغاپچىلىقمۇ قىلاتتى.ئىشقىلىپ دائىملا ئالدىراش يۈرەتتى. كەيپياتى سەل چوس بولسىمۇ بەزى بىر زامانىۋى ئەرلەردەك تاماكا چەكمەيتى. قىرلىق ئىستاكاندا ھاراقمۇ ئىچمەيتى ئەمما نىمە بولدىكىن يېشى 45 ياشتىن ھالقىغان چاغدا سەبىلىكتىكى گۈزەل ئارمانلىرى خۇددى باھاردىكى مايسىلاردەك بىخ سۈرۈپ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقتى. ئەڭ دەسلەپتە ياشىئىرغا ياكى قوشاققا ئوخشىمايدىغان برى نەرسىلەرنى يېىزىپ قانداقتۇر بر ئاھاڭلارغا سېلىپ ئېىيتىپ يۈردى،كىيىن يازغانلىرى كۆپىيىپ قالغاندا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىپ نام چىقارماقچى بولدى.
  بىر كۈنى قارىسام بىرمۇنچە ئورگىناللىرنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ.
   -بۇلارنى تۈزىتىپ بەرگىن،-دىدى تاغام،- سېنىڭ يېزىقچلىقتا خېلىلا ئاساسىڭ بار.
  دىمسىمۇ ئالى مەكتەپكە ئۆتەلمىگىنىم بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردا يېزىقچىلىققا خېلىلا قىزىقاتتىم. ھەم ئانچە-مۇنچە برى بىرنەرسلەرنى يېىزىپمۇ قوياتتىم. تاغام بۇتەرپىنى ئوبدان بىلگەچكە باردەمچىلىككە مېنى تاللىغانىدى.
تاغامنىڭ يازغانلىرىنى دەسلەپتە كۆرۈپ نىمە دىيىشىمىنى بىلمەيلا قالدىم. سەل شەيتىنىم كۈچلۈك ئىدى. شۇڭا دەرھاللا كۈلكەم قىستاپ كەتكەن بولسىمۇ ئۆزۈمنى تۇتىۋالىدىم. مانا يەنە كۈلكەم قىستاپ كەتتى، نىمىگە كۈلكىسى قىستايدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن بۇ شئىرلارنىڭ برى قىسمىنى سلەر بىلەن ئورتاقلىشاي، ئەمما سىلەرمۇ كۈلمەڭلار ،بابا دىدىمغۇ تاغامنىڭ زەردىسى ئىتتىك ھەممەيلەن كۈلۈپ كەتسەك ئۇ چوقۇم ئاچچىقلايدۇ. ئەمسە شىئىرنى ئوقۇدۇم.

                                                      يىزىمىزنىڭ جاڭگىلى،
                                                      ئوتتۇرىسى قۇمۇشلۇق.
                                                      ئېڭىمىزنى ئۆسسۇن دەپ،
                                                      پارتىيە بەردى ئوقۇشلۇق

                                                      ئاي چىقمىسا تۈن قارا ،
                                                      كۈن چىققاندا يۇرۇيدۇ.
                                                      كىر يۇغاندا كىيىم ھۆل ،
                                                      ئاپتاپ چىقسا قۇرۇيدۇ.

                                                     جاڭگىلىمىز شۈنچە كەڭ ،
                                                     كولىساقلا تۇز چىقار.
                                                     بىرنچى ئاي بەك سوغۇق،
                                                     كۆلدىن قېلىن مۇز چىقار.

                                                      جاڭگال ئىكەن دىمەڭلار،
                                                       ئېچىۋەتتۇق بىنەم يەر.
                                                        ئەتىيازدا تېىيمىز.
                                                         تىرىشڭلار دىھانلار.

  ئەسلىدە تېكىستنى تۇلۇق ئوقۇي دىگەن ئىدىم، ئەمما تاغام ھومىپىپ قاراۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ باشقىلارنىڭ يېغىرىنى تاتلايدىغان ئادەم ئەمەستە. لىكىن بېشىم قاتتى.قانداق قىلىش كېرەك ئۇنىڭغا‹‹تاغا شائىرلىق ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن بىر چالا ساۋات ئادەم، سېنىڭ شىئر يازىمەن دىگىنىڭ ‹‹ توخۇنىڭ جىرىم غاجايمەن ›› دىگىنى بىلەن ئوخشاشلا بر ئىش›› دىسەم ئەلۋەتتە بولمايتى. ئاخىرى ئامال بولماي ئۇنىڭ ئاتالمىش شىئىرلىرىنى قولۇمدىن كېلىشىچە تۈزىتىپ بەردىم. توغرىسىنى دىگەندە ئۇزۈم قايتىدىن يازدىم دىسەممۇ بولىدۇ.
  شۇنڭ بىلەن تاغامنىڭ تۇرمۇشىدا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلغان بولدى . ئۇ باش چۆكۈرۈپ ‹‹ئەسەر ›› يازىدى مەن بولسام پىشقان برى مۇھەررىردەك ئۇنىڭغا پىكىر بەردىم، يازغانلىرنى قايتىدىن يېزىپ دىگۈدەك تۈزىتىپ چىقتىم. ئۇ بولسا بىر ياقتىن پۈتكەنلىرنى ھەرقايسى مەتبۇئاتلارغا يوللايتى. بۇ ئىش تاكى مەن كومپييوتىر كەسپىنى ئۈگىنىش ئۈچۈن ۋىلايەتكە ماڭغانغا قەدەر داۋاملاشتى.
  
مەلۇم بىر يەكشەنبە كۈنى بازار ئايلىنىپ كېتىۋىتىپ بىر يۇمۇلاق بوتكىنىڭ ئالدىدا توپا بېسىپ تۇرغان بىر دۆۋە گېزىتكە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. يەنە كونا كېسىلىم قوزغىلىپ ئاغىنىلىرمىنىڭ ‹‹ ئاقماس ئىش قىلماي ماڭساڭچۇ›› دىگەنلىرىگە قارىماي بىر تال گېزىتنى سۇغۇرۇپ ئالدىم . مەكتەپتە ساۋادىم چىققاندىن باشلاپلا كىتاپ ئوقۇشقا ئالاھىدە ئىشتياقىم بار ئىدى .شۇڭا تۇرمۇش ساۋاتلىرى، خەۋەرلەردىن تارتىپ ئالا قويماي ئوقۇشقا باشلىدىم.  ئەمما ئەدىبى ئەسەرلەر سىتونىدا بىر شىئىرغا كۆزۈم چۈشكەندە ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدىم، بۇ شئىر ماڭا تونۇشتەكلا قىلاتتى. نەدە كۆرگەندىمەن؟  ئەمدى ئېسىمگە كەلدى، بۇ ھېىلىق تاغام يازغان مەن تۈزەتكەن شىئىر ئىدى. تەھرىرلەر ئوڭشاپ تېخمۇ ياخشى قىلىۋىتىپتۇ‹‹ خاتا كۆرۈپ قالغان بولماي›› دەپ  ئاپتۇرنىڭ ئىمزاسىغا قارسام دەل تاغامنىڭ ئىسمى بولۇپ چىقتى. مانا كارامەت دىگەن، تېخى ئاستىغا يىزىمىزنىڭ نامى تاغامنىڭ ئادرىسى ئېنىق يېزىلغاندى.
  ھەيران قالغىنىمنى سىلەردىن يوشۇرمايمەن. نىمشقا دىگەندە ئۆزۈم تۈزەتكەن ئاشۇ شىئىرلارنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئۆزۈممۇ ئىشەنمەيتىم،
  ئىلگىرى تاغامنىڭ ‹‹شىئىرلىرىمنى ئېلان قىلدۇرىمەن ›› دەپ توختىماي چېىپىپ يۈرگەنلىكىن ئاڭلغان ئەمما ئىشەنمىگەن ئىدىم.
كۆڭلۈمدە‹‹ ھەرقانچە بولسىمۇ بۇنداق پەلىپەتىش بىر نەرسىلەرنى ئېلان قىلىدىغانغا ھەيراندا قالغان گېزىتلەر يوقتۇ›› دەپ ئويلايتىم.
مانا ئەمدى نەق پاكىتلار كۆزۈمگە سانچىلىپ تۇراتتى. بىر تەرەپتىن تاغام ئۈچۈن خوش بولدۇم، بىر تەرەپتىن كۆڭلۈم سەل يېرىم بولدى. ئەسلىدىغۇ ئۇنچىلىك ئىچى تار ئادەممۇ ئەمەسمەن. ئەمما ماڭىمۇ قولۇمغا قەلەم ئېىلىپ بىر نەرسىلەرنى يېزىۋاتقلىل نەچچە يىل بولدى. تولا چاغلاردا يازغانلىرىم ئۆزۈمگمۇ يارىماي قېلىپ تاشلىۋىتەتتىم . خېلى يامان ئەمەس يېزىلدى دەپ قارىغانلىرىمدىن بر قانچىسىنى تاللاپ ئەۋەتىپ باققان بولساممۇ زادىلا ئېلان قىلىنمىدى. ئەمما تېخى قولىغا تۈنۈگۈن قەلەم ئالغان برىنىڭ  يازغانلىرى بۈگۈن ئېلان قىلىنسا سەل كۆڭلۈم يېىرىم بولدى شۇ.
  ئەمدى بىلدىمكى تەھرىرلەر شۇنچىلىك سەۋىرچان بولغاچقا تەھرىر بولۇپ تۇرالايدىكەن. پەمىمچە تاغا منىڭ بىر پارچە شىئىرنى تۈزىتىپ چىقىش ئۈچۈن ئەدەبىياتتىن ئازراقلا خەۋىرى بار ئادەم يېڭى بېر پارچە شىئىر يېزىپ بولاتتى .
  ئىلگىرى باشقىلاردىن ‹‹تەھرىرلەرىنڭ نەزىرى ئۈستۈن.باشقىلار بىر ئەسەرنى مىڭ تەستە يېزىپ ئەۋەتسە، تەھرىرلەر قاراپمۇ باقماستىنلا ئەخلەت چېىلكىگە تاشلايمىش›› دەپ ئاڭلاپ ھەتتا ئۆزۈممۇ كۆرۈپ باقمىغان ئاشۇ تەھرىرلەرگە ئىچىمدە غۇم ساقلاپ يۈرگەن چاغلىرىممۇ بولغان.ھازىر ئويلاپ بىقىپ ئاشۇ تەھىرىرلەر ھەقىقەتەنمۇ قايىل بولدۇم.
  شۇندىن كىيىن تاغامىڭ شىئىرلىرى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا پات-پاتلا ئىلان قىلىنىپ تۇرىدى. تاغامنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە ئەپچىل قىلىپ ‹‹دېھقانى ›› دىگەن تەخەللۇس قوشۇپ ېېزىلىدىغان بولدى. باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە يىزىمىز يىزا بولغاندىن بۇيان  ئىسمى تىلغا ئېلىنغۇدەك بىرەر يازغۇچى ياكى شائىر چىقىپ باقماپىتكەن ئە مىدى تاغامنى ئاشۇ بوشلۇقنى تولدۇرامدىكىن دەپ قالدىم.
  ئىلگىرى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا يازغانلىرىمنى ئەدەبىيات مۇئەللىمىمگە كۆرسەتسەم ‹‹ياخشى تىرىشساڭ بەلكىم يىزاڭلاردىن چىققان تۇنجى يازغۇچى بولۇپ قېلىشىڭ مۆمكىن›› دىگەن ئىدى. مانا ئەمدى يزىمزدىن چىققان تۇنجى يازغۇچىلىق سالاھتىمنى تاغامنىڭ تارتىۋالغىنىغا سەل قورسىقىم كۆپتى. تاغامنى كۆرسەم ئوڭايسىزلىنىدىغان ، جۇدۇنۇم تۇتىدىغان بولۇپ قالدى.

  شۇنداق قىلىپ تاغامنىڭ كىشلەر ئالدىدىكى ھۆرمىتى تۈز سىزىق بويىچە ئۆرلەشكە باشلىدى.
  - شائىرلىق كوچىسى مۇرەككەپ كوچا دە،- دەيتى تاغام تونۇش -بىلىشلىرى بىلشلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ شائىرلىق توغىرسىدا گەپ بولغاندا،- شائىلىق دىگەن ھەر كىم بولىمەن دەپلا بولىۋالىدىغان ئىش ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەم تۇغما تالانىت ھەم ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق بولىشى كېرەك. باشقىلار تاغامنىڭ بىر دىھقاندىن بىر شائىرغا ئايلنىش جەرينىنى بىلگەچكە  ‹‹توغرا ››دەپلا تەستقلاشتى.
  كىيىن تاغام مىھمانخانا ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى تامغا يوغان بىر كىتاپ ئىشكاۋىنى پەيدا قلىدى.
  -ھەي تاغا بۇنچە كۆپ كىتاپلارنى نەدىن تاپتىڭ ،-دەپ سوردىم،- بىر كۈنى كىتاپ ئىشكاۋىغا پاتماي قالغان كىتاپلارغا  ھەۋەسلىنىپ.
  مانا ماۋۇ قۇردىكىلىرىنى قاسىم ئەپەندى بەرگەن، باشقلىرىنى پايدىلناي دەپ ئۆزۈم سېتىۋالدىم،-دىدى تاغام
-قايسى قاسىم ئەپەندى ؛-دەپ سورىدىم.
ھىلىقى داڭلىق شائىر قاسىم ئەپەندىچۇ،- دەپ چۈشەندۇردى تاغام،- بىرچاغدا ئىككىمىز بىللە ناھىيلىك دوختۇرخانغا كىرىپ يوقلاپ چىقمىدۇقمۇ؟
  ئەمدى ئېسىمگە كەلدى، بىر قېتىم ناھىيە بازىرىغا تىراكتۇرنىڭ بىر سايمنىنى ئالغىلى كىرىپ  تاپالماي ئالدىراش كېتىۋاتسام تاغام ئۇچراپ قېلىپ ‹‹ماڭ ئۇستازىمنى يوقلاپ چىقىمىز، تونۇشۇۋالساڭ پايدىسى تېگىدۇ››دەپ بىر مۇيسپتنى بىللە يوقلاپ چىققان ئىدۇق.
شۇچاغدا قاسىم ئەپەندى ‹‹يازغانلىرىڭىز بىلەن ئېلان قىلىنغانلىرى ئوتتۇرسدا  پەرىق بەك چوڭ ، قاتتىق تىرىشىڭ . مەن دۇختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىن تىلفۇن قىلىمەن جەزمەن كېلىڭ، بىر قانچە كىتاپ بىېرەي ئوقۇپ پايدىلنىڭ ››دىگەن ئىدى.
-سەن بۇ كىتاپلارنى ئوقۇپ چۈشىنەلەمسەن،- دەپ سوردىم.
-ئاز-تولا،- دىدى ناغام ،- سەندەك ساۋادىم بولۇپ قالغان بولسىچۇ بۇچاققا بىر قانچە رومان يېزىپ بولغان بولاتتىم، قارا سېنى شۈنچە ئوقۇپمۇ ھېچ ئىشنى قاملاشتۇرالمايسەن-دە.
راستىنى دىگەندە تاغا يېڭى يېزىق ئوقۇغان بولۇپ ھازىرقى يېزىقتىن ئانچە خەۋىرى يوق ئىدى. يېزىقچىلىق جەريانىدا بارا-بارا ئۈگەندى. ئەڭ دەسلەپتە ئۇ يازماقچى بولغانلىرنى ئاۋۋال يېڭى يېزىقتا يېزىلىپ ئاخشىمى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوغلىغا كۆچۈرگۈزەتتى.
  ئاخىردا تاغام ئېتىز ئېرىق ئىشلىرىن رەسمى رەۋەشتە يەڭگەمگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ كۆپىنچە ۋاقىتلىرىنى يېزىقچىلىق بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بولدى.ساۋادىمۇ ئوبدانلا چىقىپ قالدى.
  تاغا قابىلىيتىڭ ئىككىمىزگە ئايان. سەندە زادى قانداق سىر بار،- دەپ سورىدىم بىركۈنى ،-شۇ سىرىڭنى ماڭىمۇ بر ئېيتىپ بەرسەڭ سايەڭدە مەنمۇ شائىر ئاتىلىپ قالسام ساڭا نىمە زىيىنى؟
  -ئەخمەق،-دىدى تاغام،-سىر ناھايىتى ئاددى ھازرقى زاماندا بىكارغا مۇشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ-دە
  -ئۇنداق ئەمەستۇ؟-دىدىم تاغام گەپ قىلماي سىرلىق كۈلۇپ قويدى.
  ئىلگىرى باشقىلاردىن تەھرىرلەرنىڭ ئاۋۋال ئۆزىنىڭ تونۇش -بىلىشلىرىنڭكىنى ئاندىن سوۋغا سالام قىلغانلارنىڭكىنى تولاراق ئېلان قىلىپ باشقىلارنىڭكىنى بولسا ئاندا-ساندا ئېلان قىلدىغانلقىنى ئاڭلىغان ئىدىم، شۇچاغلاردا تاغامنىڭ گۈلە ق-قاق، قوناق ئۇنى دىگەندەك بىر نەرسىلەرنى توشۇپ يۈرگەنلىكىنىمۇ ئاڭلىغان ئەمما‹‹ باشلىقلار بۇنداق نەرسىلەرگە كۆز قىرىنمۇ سالماس ››دەپ ئويلغاندىم. قارىغاندا خاتالاشقان ئوخشايمەن-دە.
  بىركۈنى تاغامنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ يېڭىدىن يازغان بىر شئىرى ئۈستىدە پاراڭلىشىپ تۇراتتۇق يىزىنىڭ پوچتىكىشى بىر پارچە خەتنى تاغامغا بېرىپ چىقىپ كەتتى.
  -سەن ئوقۇغىنە،_دىدى تاغام خەتنى ماڭا سۇنۇپ
  -ھازىر سېنىڭمۇ ساۋادىڭ بارغۇ،-دىدم چاقچقاق قىلىپ.-ئۇنىڭ ئۈسىگە بىرەر مەخپىيەتلىك بولۇپ قالسا....
-نىمە مەخپىيەتلىك بولسۇن،-دىدى تاغام ياكى بىرەر ھەۋەسكاردىن ياكى بىرەر دوستۇمدىن كەلگەندۇ. مۇشۇ كۈنلەردە بۇنداق خەتلەر تولا كېىلىدىغان بولدى ،-تاغام مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۇپ قويدى.
كونۋىرىتنى يىرتىپ ئېچىۋىدىم ئىچىدىن بېىلى قاتلانمغان 100يۈۋەنلىك پۇلدىن 5تال چىقتى.
  -بۇ نىمە گەپ دەپ پۇلنى تاغامغا ئۇزاتتىم.
بىرەر نەرسەم ئېلان قىلىنغانمىدۇ-يا؟
  مۇشۇنچىلىك قەلەم ھەققى كەلگىدەك نىمە يازغاندىڭ؟
مەنمۇ بىلمەيمەن. تېخى يېقىندىلا ئاددى بىر پارچە شىئىر ئەۋەتكەن ئىدىم. يەنە قاراپباقە برنەرسە بارمىكىن ؟
قولۇمنى ئىچىگىرەك سېلىۋىدىم بىر پارچە خەت چىقتى.
  ئوقۇيمۇ،-دىدىم. تاغام ھەئە دەپ بېشنى لىڭشىتتى.
  خەت مۇنداق يېزىلغانىدى.
ھۆرمەتلىك ئەكرەم ئەپەندى :
بىزگە ئىلىپ كەلگەن نەرسىلىرڭىزنىڭ باھاسىنى ھېساپلاپ پۇلىنى سىزگە ئەۋەتتۇق. ياخشى كۆڭلىڭىز بىزگە تېگىل، بۇندىن كىين ئۇنداق قىلماڭ. ياخشى ئەسەر بولسىلا بىز چوقۇم ئېلان قىلىمز ،بۇندىن كىيىن ئەسەرلىرڭىزنى ئۆزىڭىز كېلىپ ئاۋارە بولماي  پوچتىدىنلا ئەۋەتىڭ .

                               ب ب   تەھرىر بۆلۈمى.
  بۇ  تاغامنىڭ ئالدىمدا تۇنجى قېتىم ئوسال ئەھۋالدا قېلىشى ئىدى.
شۇندىن كىين تاغا تەھرىر بۆلۈملىرىگە قاترىمايدىغان بولدى . ئەسەرلرىمۇ پات -پات ئېلان قىلىنىپ تۇردى . مەنمۇ قايتىدىن قولۇمغا قەلەمنى ئالدىم.....

                                              ........ئۆزخان........
.
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

11

تېما

318

يازما

2316

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 81
يازما سانى:
318
تىللا:
1908
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
81 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-14

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىقىزغىن ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2013-12-5 15:06:45 | ئايرىم كۆرۈش
ھەي مۇشۇ ئىشنى زە قانداق قىلغۇلۇق ئەمدى بىر ئادالەتسىزلىك بولىدۇ دە بۇنداق قىلغاندا رەھمەت سىزگە دوستۇم جاپا چىكىپسىز

57

تېما

346

يازما

2158

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 239
يازما سانى:
346
تىللا:
1554
تۆھپە:
86
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
104 سائەت
ئاخىرقى:
2015-7-12

كۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر ئاتىسى

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2013-12-5 21:35:59 | ئايرىم كۆرۈش
كۈلىكلىك ئەمما جەمىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ناچار ئىللەتلەر ۋە ئىستىللارنى ماھىرلىق بىلەن ئېچىپ تاشلىغان ئەسەر بوپتۇ.قۇلۇڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.
ھە راس ما ئەسىرىڭىزنى ھەر قانداق مەتبۇئادقا ئەۋەتسىڭىز،چۇقۇم ئېلان قىلىدۇ جۇمۇ ھى ھى

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

يەر
ۋاقتى: 2013-12-6 01:10:39 | ئايرىم كۆرۈش
نىم دىگۇلۇك ئەمدى    قەلمىڭز بارغانچە ئوتكۇر بولوپ كىتۋاتىدۇ  جىمۇ ئۇزخان ئەندىم
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-6 21:41:34 | ئايرىم كۆرۈش
تۇمارىس يوللىغان ۋاقتى  2013-12-6 01:10
نىم دىگۇلۇك ئەمدى    قەلمىڭز بارغانچە ئوتكۇر بولوپ كىتۋ ...

ئىلھاملاندۇرغىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت قېرىنداشلار. سىلەرگە ئوتلۇق سالاملارنى يوللايمەن.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 13:00 , Processed in 0.139302 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش