ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئىگىسى: كاككۇك
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئاشىقلىق مۇشۇنداق بۇلامدىغاندۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

541

يازما

3199

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 582
يازما سانى:
541
تىللا:
2451
تۆھپە:
202
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
422 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

11#
ۋاقتى: 2015-11-10 18:53:09 | ئايرىم كۆرۈش
ئاشىقلىق مېنى ساراڭ قېلىپ بولدىغۇ دەيمەن.
سۆيگۈ سەۋداسى ھېچبىر يىگىت قەلبىنى ،  ۋۇجۇدىنى مىنىڭدەك پۇچۇلمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن  .

8

تېما

172

يازما

526

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 797
يازما سانى:
172
تىللا:
354
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
57 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
12#
ۋاقتى: 2015-11-27 12:20:25 | ئايرىم كۆرۈش
شۇ ھەر نەرسىنىڭ ياخشى  يامىنى بولغاندەك ،قۇشقان كىشىلەرنىڭمۇ ياخشىلىرىمۇ باركەن ،ئەمما بەك ئەسكىلىرىمۇ بار .ئىكەن .شۇڭا ھەر ھالدا دىققەت قىلىپ  يۈرەيلى
بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتەر

57

تېما

494

يازما

3173

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 482
يازما سانى:
494
تىللا:
2514
تۆھپە:
51
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
215 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-20
13#
ۋاقتى: 2016-5-17 22:31:11 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭ ھىكايەمنى يېزىپسىزغۇ، ھە قېنى ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۋىتىڭە ئەسلىمىلەرنى ئەسلىگەچ ئوقۇپ كىتىلى

57

تېما

494

يازما

3173

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 482
يازما سانى:
494
تىللا:
2514
تۆھپە:
51
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
215 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-20
14#
ۋاقتى: 2016-5-17 22:36:01 | ئايرىم كۆرۈش
قىزلارغا دەيدىغىنىم ، بىرەر ئوغۇل بالا سىزنى قوشۇۋېلىپ سىز بىلەن تۇنۇشماقچى بولسا، ئۇنىڭ سىزدىن نىمىلەرنى سورايدىغىنىغا دىققەت قىلىڭ 1.سىز بىلەن تۇنجى سالاملىشىپلا يېشىڭىزنى سورىغان بولسا2.سىز بىلەن كۆپ تۇنۇشمايلا رەسىمىڭىزنى سورىسا3.سىز بىلەن ئاۋازلىق ياكى كامىرا ئارقىلىق پاراڭلىشىش تەكلىۋىنى بەرسە4.سىز بىلەن ئۇچۇرشىشقا چىقىشنى سورىسا، سىز دەرھال ئۇنى يۇيۋىتىڭ، بۇنداق ئوغۇللار سىزنى ئاسانلا ئالدايدۇ ۋاختى كەلگەندە كەينىگە قارىمايلا تاشلاپ كىتىپ قالىدۇ.

57

تېما

494

يازما

3173

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 482
يازما سانى:
494
تىللا:
2514
تۆھپە:
51
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
215 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-20
15#
ۋاقتى: 2016-5-18 00:23:31 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ھىكايە مىنىڭ ھىكايەمگە ئوخشىشىپ كىتىدىكەن،ھىكايەمنى بىر دوستۇمدىن باشقا ھېچكىمگە ئېيتىپ باقمىغان،بۇ ھىكايىنى ئوقۇپ ئېيتىپ بەرگۈم كىپ قالدى،بەرىبىر بۇ مۇنبەردە مىنى تۇنۇيدىغان ئادەم بولمىغاندىكىن تارتىنماي سۆزلەپ بىرەي، مەن توردا دەرىس ئاڭلاشقا قىززىقىپ قالغان چاغلىرىم ئىدى، توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ ئاتلاننىڭ ھەخسىز تور دەرىسخانىسنى ئۇچۇرتىپ قالدىم،شۇنىڭ بىلەن ھەخسىز ئىنگىلىز تىلى دەرىسخانىسىغا تىزىملاتتىم، ھەر كۈنى كەچ سائەت 6دىن 7گىچە دەرىس سۆزلىنەتتى، دەرىسخانىدا دەرىس ئاڭلايدىغان ئوقۇغۇچىلار ئاران 20نەچچە لېكىن دەرىسخانا توپىدا بولسا 300نەچچە ئادەم بار ئىدى،توپتىكىلەر ئاساسەن ئىنگىلىزچە پاراڭلىشىپ بىلمىگەنلەرنى سورىشىپلا ئۆتەتتى،بىر بىرىگە تۇنۇشلۇق بىرىدىغانلار بەك ئاز ئىدى، توپنىڭ قائىدىسىمۇ شۇنداقتى دەرىسكە مۇناسىۋەتسىز پاراڭلىشىشقا بولمايتتى،لېكىن توپتا ئەڭ كۆپ سوئال سورايدىغان بىر قىز باتتى، مەنمۇ ئۆزەمنى چاغلىماي سورىغان سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى لۇغەت ئاختۇرۇپ يۈرۈپ دەپ بىرەتتىم،شۇ بانادا بىر بىرىمىزگە تۇنۇشلۇق بەرگەچ  پاراڭغا چۈشۈپ كىتىپتۇق، توپتىكىلەر قاخشاشقا باشلىدى،توپنىڭ قائىدىسىگە رىئايە قىلىڭلار بولمىسا توپتىن چىقىرۋىتىمىز دىگەندەك گەپلەر يېغىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئىككىلەنمەيلا ئۇ قىزنى قوشۇۋالدىمدە توپتىكىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتماي ئايرىم پاراڭلىشايلى دىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشتۇق،مەن پەقەت ئۇنىڭ ئىسمىنىلا سورۇدۇم،باشقا ئىشلارنى سوراش ئەدەپسىزلىك دەپ بىلەتتىم شۇڭا ئۇنىڭ ئارخىپىنى ئاختۇرۇپلا يېشىنى تۇرۇشلۇق ئورنى دىگەندەكلەرنى بىلىۋالدىم،ئۇمۇ مەندىن ئارتۇقچە سوئاللارنى سورىمىدى، ئۇ پەقەت دەرىسكە مۇناسىۋەتلىك بىلمىگەنلىرنىلا سورايتتى،بىر قېتىم ئۇنىڭغا ياردەم كىرەك بولمىسا ئىزدىمەيدىكەنسىز دەپ قويسام، كۈندە دەرىستىن چۈشۈپلا ئىزدەيدىغان بولىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن ھەر كۈنى دىگىدەك ئالاقىلىشىپ تۇردۇق،ئۇنىڭ كىيۇ كىيۇ بوشلىقىغا يوللىغانلىرىغا قاراپ بەزىدە ئاچچىقلاپ قالاتتىم، چۈنكى ئۇ كىيۇ كىيۇ بوشلۇقىغا ھازىرقى ئوغۇللار ئۇنداق مۇنداق دەپلا يوللايتتى،ئۇنىڭ يوللىغانلىرىنىڭ بەزى ئوغۇللارغا ئازراق بولسىمۇ تەسىر قىلار دەپ خۇش بولسام بەزىدە خۇددى دۇنيادا ياخشى ئوغۇللار يوقتەك مۇشۇنداق مەزمۇنلارنىلا يوللايدىكەن دەپ ئاچچىقىم كىلەتتى،ئۇنىڭغا دۇنيادا ياخشى ئوغۇللارنىڭمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن، ئۇنى كۈندە ئىزدەيدىغان بولىۋالدىم،راستىنى دىگەندە(ئۈزۈمنى ياخشى كۆرسىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتاتتىم) ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسى نىشانلىرىمنى سۆزلەپ بەردىم،كىيۇ كىيۇ بوشقىمغىمۇ، ئۆزۈم ياختۇرىدىغان،ماقال تەمسىل،ئادەمگە روھى ئۇزۇق بولىدىغان ھەرخىل پەلسەپىۋى بىلىملەرنى يوللاپ تۇراتتىم(بۇ مىنىڭ ئادىتىم ئىدى)،شۇ جەرياندا ئۇمۇ مىنى ئۆزىگە خېلى يېقىن كۆرىدىغان بولدى،تارتقان ئازاپ دەرتلىرىنى ماڭا سۆزلەپ بەرى،ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى كىچىك ۋاختىدا ئاجىرشىپ كەتكەن ھازىر بولسا دادىسىنىڭ بىر تۇققان سىڭلىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرىۋاتقانلىقنى سۆزلەپ بەردى،مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بەردىم ئۇمۇ مەندىن روھى ئازراق بولسىمۇ روھى ئۇزۇققا ئىرىشكەنلىكىگە خۇشال ئىدى،بىر كۈنى ئۇنىڭ ماڭا سىزدىن باشقا يېقىن سىردىشىم يوق ئىچىمدىكى گەپلەرنى سىزگىلا دىيەلەيمەن خالىسىڭىز ئىككىمىز يېقىن دوسلاردىن بولۇپ قالايلى دىدى،ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن بەكلا ساددا قىزكەن دەپ ئويلىدىم چۈنكى ئەزەلدىن كۆرۈشۈپ باقمىغان توردا تۇنۇشقان بىرىگە بۇنچە ئىشەنچ قىلىپ يېقىن دوست ئورنىدا كۈرۈش بىر ساددىلىقتە، ئۇنىڭ مىنى بۇنچىلىك يېقىن كۆرگەنلىكىدىن مەنمۇ تەسىرلەندىم ھەم ماقۇل بولدۇم،ئۇ بەك خۇش بوپ كەتتى ھەم ئۆزىنىڭ كىيۇ كىيۇ خاتىردە دەپتىرىگە كۈندىلىك خاتىرە يازىدىغانلىقىنى ھەمدە مەن بىلەن دوس بولغان بۇ كۈننى خاتىرە دەپتىرىگە ساقلاپ قويغانلىقىنى دىدى مەن ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرە يازىدىغانلىقىنى بىلىپ ئۇنىڭدىن سۆيۈندۈم،شۇندىن كىيىن بىز ھەر كۈنى ئەتتىگەن ئەھۋاللىشىپ تاكى كەچ بولغىچە بىللە دەرىس تەكرارلاپ ئۈگىنىش قىلىپ ، پاراڭلىشىپ دىگەندەك كۈنلىرىمىزنى خۇشال ئۆتكۈزدۇق بۇ جەرياندا ئۇنىڭغا بەرگەن تەسىرىم خېلى ياخشى بولغىننى ھېس قىلدىم،ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىدى، چۈنكى ئۇ دەرىسلىرنى ۋاختىدا تەكرارلاپلا قالماي، ئۆي ئىشلىرىنى ۋاختىدا قىلاتتى، ئۆيدىكىلىرگە تاماق ئىتىپ بىرەتتى يەنە مىنى ئەڭ سۆيۈندۈرىدىغان بىر ئىشى بەش ۋاخ نامازنى جايىدا ئوقۇيتتى،ئۇنىڭ دادىسى ئۇنى تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا ئوقۇشتىن توختىتىپ قويۇپتىكەن، ئەمما ئۇ ئۈگۈنىشنى توختىتىپ قويماپتۇ، توردا دەرىس ئاڭلاپ ئۆزلىگىدىن ئۈگۈنۈپ دىگەندەك خەنزۇ تىلى ئىنگىلىز تىلى دىگەنلەرنى خېلى پۇختا ئۈگىنىۋاپتۇ، ئۇنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىغا مەن بەكلا قايىل، ئۇنىڭ كىيۇ كىيۇ بوشلىقىغا يوللىغان ئوغۇللارنى ئۇنداق مۇنداق دەيدىغان سۆزلىرىمۇ ئازلاپ قالدى،بىر كۈنى ئۇنىڭدىن نىمىشقا داۋاملىق مۇشۇنداق گەپلەرنى يوللايدىغانلىقىنى سورىسام،سىلەر ئوغۇللارنىڭ سەۋەبىدىن سىرتلارغىمۇ خاتىرجەم چىقالمايدىكەنمىز، سىلەر ئوغۇللار ئۇنداق مۇنداق دەپ يەنە قاخشىغىلى تۇردى،كىيىن ئۇخسام ئۇ قىز توردا مۇھەببەت ھىكايىلىرنى كۆپرەك ئوقۇيدىكەن، ھىكايىدىكى ئىشلار بەك تەسىر قىپ كەتتىمۇ شۇڭا شۇنداق دەيدىكەنتۇق،ئەمما رىئاللىقتىمۇ يوق ئەمەس ئۇنداق ئىشلارغا كۆپ ئۇچىراپ تۇرىمىز ئوغۇللار قىزلارنى ئالداۋاتقان، ئويۇن تاماششاغا باشلاۋاتقان ئەمما قاخشىساق راسلا بەك كۆپ،لېكىن ئۇنىڭغا مەن خېلى تەسىر قىلدىم بولغاي بىر كۈنى مەنمۇ ئوغۇل بالىغۇ مىنىمۇ شۇنداق ئوغۇللاردەك كۆرەمسىز دىسەم، ئۇنىڭ نەزىرىدە مەن ئۇنداق ئوغۇللارغا ئوخشىمايدىكەنمىشمە ، دىمىسىمۇ شۇنداق ئويۇن تاماششاغا ئۆچرەك چوڭ بوپ قاپتىكەنمە خېلى ئەخلاقلىق بالىتىم،مانا ئەمدى پايدىسنى كۆردۈمئىش قىلىپ ئۇنىڭ نەزىردە مەن باشقىچە ھېچكىمگە ئوخشىمايمەن،قارىسام ھىكايىنى بەك سوزىۋىتىپتىمەن ئازراق قىسقارتاي، شۇنداق قىلىپ مۇناسىۋىتىمىز ئۇرۇق تۇققانلاردىنمۇ يېقىن بوپ كەتتى، بىر كۈن پاراڭلاشمىساق چىدىمايدىغان،تورغا كىچىكىپرەك چىقىپ قالساق بىر بىرىمىزدىن ئەنسىرەپ قالىدىغان ھالەتكە يەتتۇق،تولاراقى ئۇ ئۆيىدىكى بەزى بىر كۆڭۈلسىز ئىشلارنى سۆزلەپ بىرەتتى مەن تەسەللى بىرەتتىم، چۈنكى ئاتا ئانىسىز باشقا بىرىنىڭ ئۆيىدە ئۆگەي بالا بولۇپ تۇرۇش بىر قىزغا نىسبەتەن ئېغىر كىلىدىغان بىر ئىش،ئۆي ئىشلىرنى قىلمىسا بولمىغان تاماق ئەتمىسە بولمىغان باللاغا قارىمىسا بولمىغان،ئاچىسىدىن كۆپرەك تىل ئاڭلايتتى، ئاندىن ماڭا يىغلاپ دەرت تۆكەتتى مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بىرەتتىم، كۈنلىرىمىز مۇشۇنداق خۇشال ئۆتەتتى، ئۇ دەرتلىرىنى يىغلاپ ماڭا تۆسە مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ كۈلدۈرۋىتەتتىم،بىر كۈنى يەنە يىغلاپ خەت يېزىپتۇ،ئۆيىگە ئەلچى كىرىپتۇدەك ئۆيدىكىلىرى بۇرۇنلا پۈتۈشۈپ بوپتىكەن ئۇ ئەمدى ئۇقۇپتۇ ئەمما قوشۇلماي يىغلاپ يولغا سېلىۋېتىپتۇ چۈنكى ئۇ ئەمدىلا 18گە كىرگەن ئىدى ھەم ئۇنىڭ ئوقۇغۇسى بار ئىدى،مەن يەنە ئۇنىڭغا تەسەللى بەردىم، ئۇمۇ ئۆزىنى تەڭشىۋالدى،كۈنلەر مۇشۇنداق ئۆتتى بىر بىرىمىزگە بەكلا ئامراق بوپ كەتتۇق،ئۇمۇ ماڭا تۇلۇق ئىشىنەتتى مەنمۇ ئۇنىڭغا تۇلۇق ئىشىنەتتىم،بىر بىرىمىزنىڭ رەسىمىنى ئەۋەتىپ ،بىر بىرىمىزنى تۇنىۋالدۇق،ئىككىلىمىزنىڭ نىشانى بار ئىدى، ئىككىمىز كۈندىلىك پىلان تۈزىۋلدۇق، ۋاختىمىزنى بىكار ئۆتكۈزمەيتتۇق، ئەتتىگەن سائەت 10بولغىچە ئىككىلىمىز ئۆي ئىشلىرنى تۈگۈتۈپ تەڭلا تورغا چىقىدىغان، ئاندىن 10دىن12گىچە بىللە ئېنگىلىز تىلى تەكرارلايدىغان، چۈشتىن كىيىن 2دە يەنە تەڭ تورغا چىقىدىغان،2دىن 4كىچە خەنزۇ تىلى ئۈگىنىدىغان،ئۇندىن كىيىن بىللە كىنو كۆرۈپ ياكى ئارام ئېلىپ پاراڭلىشىپ دىگەندەك مەن ئۇنىڭغا ناخشا ئېيتىپ بىرەتتىم،ئاندىن 6دىن 8گىچە تور دەرىسىگە قاتنىشاتتۇق،ئۇندىن كىين 10بولغۇچە پاراڭلىشاتتۇق،ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە بەكلا ئامراق بولغاچ ئىككىمىزنىڭ پاراڭلىرى بارا بارا ئاشق مەشۇقلاردەك تاتلىق پاراڭلارغا چۈشۈپ كىتەتتى،ھەر ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن تاتلىق پاراڭلارنى قىلىشىپ ئاندىن ئۇخلاپ قالاتتۇق،بىر بىرىمىزنى بەكلا ياخشى كۆرەتتۇق لېكىن بۇ ياخشى كۆرۈشنىڭ دوسلۇق مۇھەببىتىمۇ ياكى ئاشىق مەشۇقلارنىڭ مۇھەببىتىمۇ بۇنى بىلمەيمىز، ئەمما ھەر كۈنى ئاخشىمى ‹سىزنى ياخشى كۆرىمەن›‹ياخشى چۈش كۆرۈڭ›دىيىشنى ئۇنتۇپ قالمايتتۇق،بارا بارا بىر بىرىمىز بىلەن كۆرۈش ئىستىكى قوزغالدى، ئەمما بۇنىڭغا ئامال يوق چۈنكى ئۇ قەشقەردىن مەن خوتەندىن، ئەمما ئىككىمىزنىڭ ھامان بىر كۈنى كۆرۈشىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز ، كۈنلەر مۇشۇنداق خۇشال ئۆتەتتى، تۇنۇشقىلى 2يىل بوپتۇ، مانا ئەمدى بىر كۈن ئىچىدە بىر سائەت كۆرۈشەلمىسەك چىدىمايدىغان ھالەتكە يەتكەندە، ھەر خۇشاللىقنىڭ كەينىگە بىر قايغۇ يۇشۇرۇنغان دىگەندەك ئىش بولدى، ئۇنىڭ ئۆيىگە ئالدىنقى قېتىم كەتكۈزىۋەتكەن ئەلچىلەر يەنە كەپتۇ ئۆيدىكىلەرمۇ زورلاپ تۇرۋاپتۇ، قىزمۇ بوش كەلمەي مەن ئوقۇيمەن دەپ تۇرۋاپتۇ، ئۆيىدىكىلەرمۇ ئامالسىز ماقۇل بوپتۇ، ئۇنىڭ لەنجۇدا بىر تۇققىنى بار بولۇپ شۇ يەردە لەنجۇ خۇيزۇ ئىسلام مەكتىۋىدە ئوقۇيدىغانغا دىيىشىپتۇ، بۇ گەپنى ئاڭلاپ بەكلا خۇش بولغانتۇق ئۇمۇ شۇنداق خۇش بولغان، مانا ئەمدى ئۇ ئوقۇشقا كەتتى، ئەپسۇس ئۇ بارغان مەكتەپتە تىلفۇن ئىشلىتىش چەكلىنىدىكەن، كۈندە بىر سائەت كۆرۈشەلمىسەك چىدىمايدىغان ئىككىمىز مانا ئەمدى، ھەپتىدە بىر كۆرۈشىدىغان بوپ قالدۇق، باشتىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغانلار بىلمەيدۇ، بۇ بەكلا ئازاپلىقكەن،بىر ھەپتە ساقلاش ھەر كۈنى مىنۇت سىكۇنت كۆرۈشۈپ تۇرغانلارغا نىسبەتەن بەك ئېغىر كىلىدىكەن،بىر بىرىمىزنى شۇنچە سېغىنىپ تۇرساقمۇ بىر ھەپتىنى ئۈمۈت ئىچىدە توشقۇزىۋاتىمىز،يەنە بىر خۇش خەۋەر بار مەنمۇ ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا بارىدىغان بولدۇم،ئاللاھ خالىسا تەتىلگە قويۇپ بەرگەندە ئۇمۇ ئۈرۈمچىدە بىكەت ئالمىشىدۇ شۇ ۋاقىتتا كۆرىشىۋالىمىز،ئۆزۈمنىڭ 5يىللىق پىلانىم بار ئوقۇش تۈگىگەندە قەشقەرگە بارىمەن بىر ئىككى يىل ئۇنىڭ بىلەن بىللە شۇ  جايدا خىزمەت قىلىمەن، ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچى بولغۇسى بار مىنىڭمۇ شۇ قەشقەرگە بارىمەن دىيىشىمدىكى سەۋەب بىرى ئۇنى دەپ شۇ يەرگە بارىمەن يەنە بىرى ياش بولغاندىكىن تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق سوغۇقىنى باشتىن كەچۈرۈپ بېقىشىم كىرەك ، باشقا يۇرتتا يالغۇز ياشاپ جەمىيەت كۆرۈشۈم تۇرمۇشقا ئازراق بولسىمۇ پىشىشىم كىرەك دەپ ئويلايمەن، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ياخشىراق چۈشىنىش ھاسىل قىلىمەن ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇھەببىتىمىز دوسلۇق مۇھەببىتى بولسا ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ ئەڭ يېقىن دوسلادىن بولۇپ ئۆتۈمىز ئەگەر ھەقىقى ئاشق مەشۇقلۇق مۇھەببىتى بولسا ئاللاھ خالىسا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن، چۈنكى بۇنداق ياخشى ئەخلاقلىق ئىمانلىق قىزدىن يەنە بىرنى تېپىش ئاللاھ ئۆزى ئورۇنلاشتۇرمىسا ھازىرقى زاماندا سەل تەسكە توختايدۇ ئەمەسمۇ مىنىڭمۇ بۇنداق قىزنى قولدىن بىرۋەتكۈم يوق ،ئاندىن ئۆز نىشانىم بويىچە ئىگىلىك تىكلەيمەن،قېنى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى قانداق بولىدۇ بۇنى ۋاختى كەلگەندە كۆرەمىز،ھازىر ئىككىلىمىز نىشانىمىز ئۈچۈن تىرىشىپ ئوقۇۋاتىمىز،باشقا ئىشنى ۋاختى كەلگەندە پىشانىمىزغا پۈتۈلگىننى كۆرىمىز.

4

تېما

24

يازما

86

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 699
يازما سانى:
24
تىللا:
62
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
6 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-30
16#
ۋاقتى: 2016-11-9 08:13:04 | ئايرىم كۆرۈش
خاككىر يوللىغان ۋاقتى  2016-5-18 00:23
بۇ ھىكايە مىنىڭ ھىكايەمگە ئوخشىشىپ كىتىدىكەن،ھىكايەم ...

ئاشىقكەن سەۋادا ئىكەن،يۇركىدە ئوت بار،ئىكەن،.ئىككىڭلارنىڭ
مۇھەممەد

4

تېما

24

يازما

86

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 699
يازما سانى:
24
تىللا:
62
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
6 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-30
17#
ۋاقتى: 2016-11-9 08:13:46 | ئايرىم كۆرۈش
:قىززىق ئىشلار تولا ھەlol
مۇھەممەد
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:43 , Processed in 0.131807 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش