خۇشخەۋەر
مەكتىپىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان جەميەتتىكى ھەر ساھە كىشلەرنىڭ ھەر قايسى تۈرلەر بويىچە تەربىيىلىنىش ۋە پەرزەنتىللىرىمىزنىڭ كەلگۈسى مائارىپ تەربىيىلىنىش پىلانلىرىغا ئاساس سېلىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشقا ھەرقايسى ئۇسۇللار بويىچە تۈرىتكە بۇلۇپ كەلدى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېخىمۇ كۆپ مەسئۇليەتنىڭ زىممىمىزدە ئىكەنلىكمىزنى تونۇپ يىتىپ ئەتراپىمىزدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بارلار ، يىتىم بالىلار ۋە ھەر تۈرلۇك كىسەل سەۋەبىدىن ۋاقتىدا بىلىم ئالالمىغان ، تەربىيىلەنمىگەن، ئوقۇش قىزغىنلىقى يۇقرى لىكىن شارائىت ۋە مۇھىت يار بەرمىگەن ئەۋلاتلىرىمىزنى ئىزچىل ھەر قايسى تۈرلەر بويىچە خالىسانە تەربىيىلەپ كەلدۇق، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىىزنىڭ مىللەتكە ۋە جەميەتكە ئازدۇر-كۆپتۇر توھپە قۇشالىغانلىقمىزدىن خوشالدۇرمىز!
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەنىمۇ كۆپ بىلىم ئىشقىغا تەلمۇرۋاتقان لىكىن ھەر تۈرلۇك سەۋەپلەر تۇپەيلى تەربىيىلىنەلمەيۋاتقان ، ئۆز-ئۆزىگە مۇھىت ھازىرلىيالمايۋاتقان ھەر ساھەدىكى كىشلەر، بالىلار ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا مەكتىپىمىز پۇتۇن كۇچى بىلەن يىقىندىن خالىسانە ياردەمدە بولماقچى!
كەلگۇسىڭزى 606 دىن باشلانغۇسى!
ھەقسىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئوقتۇرۇشى
بىلىم ئالمىغان ياش، تام تۇۋىدىكى تاش.
قوبۇل قىلىش ئوبېكتى:
1-ئائىلىسىدە ئىقتىسادى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇيالمىغان لىكىن ئوقۇش قىزغىنلىقى يۇقرى،ئۆگۆنۇشكە تەلپۇندىغانلار.
2-ئاتا ياكى ئانسى ۋاپات بۇلۇپ كەتكەنلەر.چوڭلارنىڭ ھامىلىسىدە تۇرۋاتقانلار.
3-كىسەل سەۋەبىدىن داۋالىنىپ ئوقۇش ۋاقتىنى ئۆتكۇزۇپ قويغانلار ۋە مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقايسى سەۋەپلەر تۇپەيلى ئوقۇيالمىغانلار.
قوبۇل قىلىش سانى 30 نەپەر ، يىشى چەكلەنمايدۇ،ئوقۇش پۇلى،كىتاب ماتىرىيال پۇلى بىردەك ھەقسىز!
تېزىملاتقاندا 1 سۇڭلۇق رەسىمدىن بىر پارچە ، كىملىك ياكى نۇپۇس دەپتەرنى ئالغاچ كەلگەيسىز!
تېزىملىتىش ئورنى : مەكتىپىمىزدە.
تېلفۇن: 0996-2055151 13899071537 15699252515
ئۇندىدار سۇپسى:korla606
606 تىل-تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپى
مەكتىپىمىز 2007-يىلى كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان ، مەخسۇس تىل-تېخنىكا تەربىيەلەش ، توققۇز يىللىق مەجبۇرى مائارىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن سىرىتقى ھەرقايسى يىللىقتىكى دەرسلەرگە يىتەكچىلىك قىلىش ، ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا مەخسۇس تەربىيەلەش ۋە مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ۋە كەسپى شتات ئىمتىھانلىرىغا مەخسۇس تەربىيىلەشنى ئاساس قىلغان تەربىيەلەش ئاپاراتى.
مەركىزىمىزدە تەسىس قىلىنغان تۈرلەر:
ئۇيغۇرتىلى، ئېنگىلىز تىلى، خەنزۇ تىلى، ياپۇن تىلى، روس تىلى ، تۈرك تىلى، كومپىيوتىر ئاساسى بىلىملىرى ۋە تېخنىكىلىق بىلىملەر، باشلانغۇچ ماتىماتىكا ئائىلە تاپشۇرۇق يىتەكلەش ۋە تەتىللىك تاپشۇرۇق يىتەكلەش، تولۇقسىز-تولۇق ئوتتۇرا ئەدەبىيات، ماتىماتىكا،خېمىيە، فىزىكا پەنلىرى بۇيىچە يىتەكلەش ۋە ئالى مەكتەپ ئىمتېھانىغا تەييارلىق قىلىش، دولەت مەمۇرلۇق ۋە كەسپى شىتات ئىمتىھانلىرىغا تەييارلىق قىلىش سىنپى قاتارلىق تۈرلەر...
بىزنىڭ نىشانىمىز!
كۇرسانتىلارنىڭ تىل ئۆگۇنۇش قىزغىنلىقنى قوزغاش ۋە يىتىلدۇرۇش،ئۆزىدە ئىشەنىچ تۇرغۇزۇپ،ئۇنۇملۇك بولغان ئۆگۇنۇش سىتىراتىگيسى قۇرۇپ چىقىش،ئۆزلۇگىدىن ئۆگۇنۇش قابىليىتىنى جارى قىلدۇرۇپ،مۇئەييەن سەۋيەگە يەتكۇزۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاڭلاش،سۆزلەش،ئوقۇش ۋە يىزىقچىلىقتىن ئىبارەت ئۇنۋىرسال ئېقتىدارنى يۇقىرى كۆتۇرۇش،شۇنداقلا تەسەررۇر بايلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ ئۇلارنىڭ كىيىنكى ئۆگۇنۇش ۋە تەرەققىياتى ئۇچۇن ياخشى ئاساس سىلىش!!!
مەكتەپ مۇھىتىدىن كۆرۇنۇشلەر—
مەنبە : ئىزدىنىش تورى
|