ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 529|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

پاسىخا ئارىلىدىكى سىرلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

پاسىخا ئارىلىدىكى سىرلار





پاسخا (تىرىلىش)دۇنيانىڭ ئەڭ چەت رايونىغا جايلاشقان. پۇتكۇل ئارال ئۇچبۇرجەك شەكىلدە بولۇپ، ئەڭ ئۇزۇن تەرىپى 22كىلومېتىر ، كەڭلىكىمۇ ئاران 16 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ ئىنسانلار ئولتۇراقلاشقان ئەڭ يېقىن ئارالغىمۇ 2250كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ چەت -ياقا جايغا جايلاشقاچقا ئۇنىڭدىكى مۆجىزىلەر ھازىرقى زامان دېڭىز -ئوكيان قاتنىشى باشلىنىشتىن بۇرۇن بايقالمىغان.تىنچ ئوكياندىكى تارقاق ئاراللارنى ئۆزىگە مۇستەملىكە قىلغان پولىنىزىيەلىكلەر مىلادى 450-490-يىللار ئەتراپىدا لاپونوي ئارىلىغا كەلگەن. كەينىدىن بىر تۇركۇم پولىنىزىيەلىكلەر كېلىپ بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھەمدە راۋاج تاپقان. بۇ يالغۇز ئارالدا ئۇلار يەككە يىگان مىڭ يىل ياشىغان. گوللاندىيەنىڭ غەربى ھېندىستان شېركىتى ئۇچ كېمىدىن تەركىپ تاپقان ئەترىتى 1722-يىلى بۇ ئارالغا كەلگەن. گېنرال ياكوب. روگۋېئىن يىتەكچىلىكىدىكى باشچىلىقدىكى كېمە ئەترىتى ئوتتۇرا -جەنوبى تىنچ ئوكياندىكى خەرىتىگە چۇشۇرۇلمىگەن ئاراللارغا قىلغان يۇرۇشىدە، تۇيۇقسىز يىراقتىن توققۇز مېتىر ئىگىزلىكتىكى گىگانت ئادەملەرنىڭ قەلئە سېپىلىدا تۇرۇپ ئارالنى قوغداۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. بۇ مەنزىرىنى كۆرۇپ ئۇ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالغان. ئۇ ئارلغا يېقىنلاشقاندىن كېيىن ئەسلىدە بۇلارنىڭ تاشتىن ئويۇلغان ھەيكەللەر ئىكەنلىكىنى بايقاپ، چوڭقۇر نەپەس ئالغان. ئىككىنچى كۇنى قوشۇن قىرغاققا چىققاندىن كېيىن ئۇلار بايقىغان قورغاننىڭ ئەسلىدە ھەيكەللەرنى قويغان سۇپا ئىكەنلىكىنى بىلگەن. بۇ دەل 1722-يىلدىكى ئەيسانىڭ تىرىلىش كۇنى (پاسخا بايرىمى ) بولغاچقا بۇ ئارالنى ياكوب'روگۋېئىن پاسخا ئارىلى دەپ ئاتىغان. پاسخا ئارىلىدىكى يەرلىك خەلق ياۋروپالىقلارنى كۆرۇپ ناھايىتى قىزىققان ھەمدە ئۇلارنى سەمىىمىيەتلىك بىلەن قىزغىن قارشى ئالغان. بىراق گوللاندىيەلىكلەر مەدىنيەتلىك دۇنيانىڭ كۆرۇشۇش سوۋغىسى قىلىپ قولىدا تۆمۇرنىڭ سۇنىقىمۇ بولمىغان يەرلىك خەلققە قاراپ ئوق چىقارغان. گوللاندىيەلىكلەر بۇنى پەقەت ئارالدىكىلەرنى قورقۇتۇپ قويۇش ئۇچۇن دەپ قارىغان.1770-يىلى يەنى گوللاندىيەلىكلەر پاسخا ئارىلىنى بايقاپ 48يىلدىن كېيىن جەنوبى ئامىرىكىغا ھۆكۇمرانلىق قىلىۋاتقان ئىسپانىيەلىكلەر فىرانسىيەلىكلەرنىڭ بۇ ئارالنى ئىگەللىۋېلىشىدىن قورقۇپ ، كاپىتان توم گونسالىسنى ئارالغا ئەۋەتىپ ئارالنىڭ 1-پارچە خەرىتىسىنى سىزدۇرغان. ھەمدە تاغ تۆپىلىكىگە كىرست بەلگىسىنى ئورنۇتۇپ ئۇئارالنىڭ ئىسپانىيەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۇرگەن. 1863-يىلى فىرانسىيەلىك ئىككى دىن تارقاتقۇچى ئېرىن ئەيلو بىلەن ئېبولىت لوشىر بۇ ئارالغا كەلگەن . ئۆزىنى خۇدانىڭ ئەلچىلىرى دەپ ئاتىۋالغان بۇ دىن تارقاتقۇچىلار يەرلىك خەلقنى «تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلغان »دەپ ئۇلارنىڭ دىنىنى يوقاتماقچى بولغان . ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاشقان بۇ ئىككەيلەن خەت يېزىلغان «كىخاۋۇ. لانگۇ-لانگۇ» ياغاچ تاختىلارنى كۆيدۇرگەن. بۇ بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلگەن زىياننى تەسۋىرلەش قىيىن. ھازىر كىشىلەر كۆرگەن نەچچە پارچە ياغاچ پارچىسى بۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ قالغان. چۇنكى ئارلدىكىلەر ئەجداتلىرىدىن قېلىپ قالغان ئوغۇرلۇقچە ھېچكىم ئۇقمايدىغان ئۆڭگۇرگە قويۇپ قويغان. بەزىلەر بۇ ياغاچلاردىن كېمە ياساشقان. كېيىن كىشلەر بۇ كېمىلەرنى پارچىلىغاندا چۇشەنگىلى بولمايدىغان بۇ يېزىقنى بايقىغان. بۇنداق زور قىممىتى بولغان ياغاچ پارچىلىرىدىن ناھايىتى ئاز قېلىپ قالغان. پەقەت 26 پارچىسىلا دۆلەتلىك مۇزىيدا ساقلانغان. بۇ ياغاچلارغا ئويۇلغان تەسۋىرى يېزىق بولۇپ ، ھېچقانداق سىرتقى تەسىرگە ئۇچىرمىغان ئارالدىكىلەر بۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل -پاراسىتىگە تايىنىپ ئىجات قىلىشقان. بۇ پاسخا ئارىلىنىڭ مەخپىيىتىنى ئاچىدىغان بىردىن-بىر ئاچقۇچ . بىراق ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ سەۋەنلىكى تۇپەيلىدىن بۇلارنى ئېنىقلاش ناھايىتى تەسكە توختىغان.

پاسخا ئارىلىنىڭ تۇپرىقى ئۇنۇمسىز بولغاچقا، قوي بېقىشتىن سىرت مەلۇم كۆلەمگە ئىگە يېزا ئىگىلىكىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئارالدىكىلەردېڭىزغا تايىنىپ راك-بېلىق تۇتۇپ ، ساياھەتچىلىكنى ئاساسى مەنبە قىلىدۇ. بۇ خىل تۇرمۇش بىلەن ماسلاشقىنى بەلكىم ئارالدىكى ھەممىلا جايدا ئۇچرايدىغان تاش ھەيكەللەر بولسا كېرەك. ھەيكەللەرنىڭ شەكلىنى ئاساسەن پەرق قىلغىلى بولىدۇ. ھەيكەللەرنىڭ باش ۋە ئۇستۇنكى بەدىنى ئويۇپ چىقىلىپ ،ئاستىغا پەقەت بېلىگىچلا ئويغان. باش تەرەپ ئىنچىكىلىك بىلەن ئويۇلغان بولۇپ، بۇرۇن ، ئېغىز، ئىڭەك، پېشانىلىرى ئالاھىدە گەۋدىلەندۇرۇلگەن. باشنىڭ كەينى تەرىپى تۇز بولۇپ، ئىككى تەرەپتىكى قۇلاق قىسمى ناھايىتى روشەن. مۇرە ۋە قوللىرى بولسىمۇ لېكىن ئاز بىر قسىم ئويۇلغان. بۇ ھەيكەللەرنىڭ ئىگىزلىكى ئىككى مېتىردىن ئون مېتىرغىچە . ئۆرە ھەيكەللەرنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ ئىسمى پاۋلو بولۇپ ، ئەسلى ئارالنىڭ دېڭىز بويىدىكى مۇراسىم سۇپىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئېغىرلىقى 82توننا كېلىدۇ. ھەممە ھەيكەللەر ئىچىدە ئەڭ چوڭى تاش ماتىرىيال مەيدانىدا بولۇپ پۇتكۇزۇلگەن بولسا ئىگىزلىكى 20مېتىر، ئېغىرلىقى 270توننا كېلەتتىكەن.




پاسخا ئارىلىدىكى بۇ بىر قانچە يۇز ھەيكەللەر ئاساسلىق رانولالاكو تاش مەيدانىدىن - بىر ئۆچكەن يانار تاغ ئاغزىدىن ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، يانار تاغدىن چىققان لاۋا جىنىسلاردىن ئويۇلغان. ئاز بىر قسىمى بازالىت تاش ۋە ۋولقان داشقاللىرىدىن ياسالغان. لېكىن لاۋا جىنىسلار يەنىلا ئەڭ مۇۋاپىق ماتىرىيال بولالىغان. رانولالاكو تاش مەيدانىدا يەنە پۇتكۇزۇپ بولۇنمىغان نۇرغۇن ھەيكەللەر بولۇپ، ئوخشىمىغان باشقۇچلاردا ئويۇلغان 394دانە ھەيكەلدىن ھەيكەللەرنىڭ ياسىلىش باسقۇچلىرىنى بىلىۋالالايمىز. باش ۋە يۇز قسىملىرى تاش مەيدانىدىلا ئويۇلغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا كۆز قسىمى ياسالغان.
بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق بولغان پاۋلو ناملىق ھەيكەلنى ياساش ئۇچۇن ،10-20ئادەمدىن تەركىپ تاپقان گۇرۇپپا توختىماي ئىشلىسە، 12ئايدىن ئارتۇق ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.
ھەيكەللەر نىمە مەقسەتتە تۇرغۇزۇلغان؟ بۇ ھازىرغىچە يېشىلمىگەن سىر. بۇلارنى بەلكىم ئەجداتلىرىغا چوقۇنۇش ياكى ئۆلۇپ كەتكەن ئاقساقاللىرىنى ياد ئېتىش ئۇچۇن ياسالغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەيكەللەرنى ئۆرە تۇرغۇزۇش ئۇچۇن نۇرغۇن ياغاچ ماتىرىيال كەتكەن. بۇنىڭ ئۇچۇن ئورمانلار كەڭ كۆلەمدە كېسىلگەچكە يەرلەر قاغجىراپ ،ئاچارچىلىق ۋە ئۇرۇش يۇز بەرگەن. بۇ ئەجداتلارنىڭ ھەيكىلى قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئوبىكتىغا ئايلانغان. بۇ ھەيكەللەرنىڭ ئۆرۇلۇپ چۇشۇش سەۋەپلرىنىڭ بىۋاستە سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەيكەللەرنىڭ كۆپى كەينىدىن ئىتىرىلىپ ئۆرۇلگەن.بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ كۆزى توسۇلۇپ قالاتتى. كەينىگە ئۆرۇلۇپ چۇشكەنلەرنىڭ بولسا كۆزىنىڭ رەڭگى ئۆچۇرۇۋېتىلگەن.

ئارالدىكى سىرلار:

1. ئارالنىڭ ئىسمى ؛يەرلىكلەر بۇئارالنى Rapa Nui دەپ ئاتايدۇ. مەنىسى دۇنيانىڭ كىندىكى .دۇنيا خەرىتىسىنى ئوبدان كۆزىتىدىغان بولساق ،راستىنلا شۇنداق . لىكىن يەرلىك ئاھالىلەر قەدىمكى زاماندا بۇنى قانداق بىلگەن؟
                          
2.ئارالدىكى تاش ھەيكەللەر :بۇئارالداھازىرغىچە 600دىن ئارتۇق تاش ھەيكەللەر بايقالغان ،بۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىگىزلىكى 4مىتىر كىلىدۇ ،ھەر بىرىنىڭ ئىغىرلىقى 50توننا ئەتراپىدا ،لىكىن ئارالدا نۇپۇس ئاز. بەزىلەر پىشاڭ پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى ،لىكىن ئارالدا ئورمان ناھايىتى ئاز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇھەيكەللەرنىڭ يۈزى دىڭىز تەرەپكە قارىتىلغان بولۇپ ،كۆزلىرىنىڭ قاراش ئىپادىسىدىن ،ئۇلار نىڭ بىر نەرسىنى كۈتۈۋاتقاندەك ھالىتىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇھەيكەللەر نىمە سەۋەپتىن ياسالغان؟                                                                                                           

3.ئارالدىكى يانار تاغ :بۇئارالدا بىر يانار تاغ  ئىغىزى بولۇپ ، يەرلىك ئاھالىلەرئۇنى  قەدىمدىن تار تىپ «شىرسىمان يانار تاغ» دەپ ئاتاپ كەلگەن ،تىخنىكا خادىنلار يۇقىرى بوشلۇقتا سۇرەتكە تارتىش ئارقىلىق ئۇيانار تاغنىڭ راستىنلا بىر سوزۇلۇپ ياتقان شىرغا ئوخشايدىغىنلىقىنى بايقىدى.قەدىمدە يەرلىك ئاھالىلەر بۇنى قانداق بىلگەن؟                                          

4.ئالىملار بۇئارالدىن تاپقان قەدىمكى تەسۋىرى يىزىقلارنى ئوقۇپ چىقالمىدى.بۇ زادى قايسى يىزىق؟

5.ھەيكەللەرنىڭ ھەممىسى خۇددى ئاسماندىكى بىر نەرسىگە قاراۋاتقان ياكى يىراققا نەزەر سىلىۋاتقان ھالەتتە ياسالغان، ئۇلار زادى نەگە قاراۋاتىدۇ؟



يۇقارقى سىرلارغا تىخى ھىچكىم قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تاپالىغىنى يوق ،بەلكىم مەڭگۇ جاۋاپ چىقماسلىقىمۇ مۇمكىن.

مەنبە: تور دۇنياسىدىن ساقلىۋالغانلىرىم.
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

دېۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-6 13:37:40 | ئايرىم كۆرۈش
پاسىخا ئارىلىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر :


ئۆرۇۋىتىلگەن ھەيكەللەر كەينى تەرەپتىن ئۆرىۋىتىلگەن،ئۆرۇلمىگەنلىرىنىڭ كۆزى بۇزىۋىتىلگەن




ھەيكەللەرنىڭ ھەممىسى دىڭىز تەرەپكە يۈزلىنىپ تۇرغان ھالەتتە


ئارالدىكى يانار تاغ ئىغىزى












ئارالدىكى ھەيكەللەرنىڭ جايلىشىش خەرىتىسى




ئارالنىڭ كىچىدىكى ئاسمىنى

نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.

57

تېما

494

يازما

3173

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 482
يازما سانى:
494
تىللا:
2514
تۆھپە:
51
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
215 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-20
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2014-11-6 14:49:48 | ئايرىم كۆرۈش
بەلكىم ئۇدەۋىرلەردىكى تەرەققىيات ھازىرقىدىن نەچچە ھەسسە يۇقۇرى بولىشى مۇمكىن

21

تېما

1137

يازما

5183

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 404
يازما سانى:
1137
تىللا:
3858
تۆھپە:
58
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
263 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-23

تۆھپىكار ئەزاكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2014-11-6 17:57:36 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ  ھەيكەلەر راس ئادەمنى ئويغا سالدىكەن ،كۆپ نەرسىلەرنى بىلۋالدىم رەھمەت  سىزگە.
قاتتىق ياپما چىقان ئىشىكنى ،يىنىپ قايتا كىرىپ قالسەن.

5

تېما

805

يازما

3858

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 349
يازما سانى:
805
تىللا:
2717
تۆھپە:
86
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
492 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-12

نادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2014-11-6 21:01:22 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆكتاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-6 21:03  

5.«ھەيكەللەرنىڭ ھەممىسى خۇددى ئاسماندىكى بىر نەرسىگە قاراۋاتقان ياكى يىراققا نەزەر سىلىۋاتقان ھالەتتە ياسالغان، ئۇلار زادى نەگە قاراۋاتىدۇ؟»كۈلۈپ تاشلاپتىمەن ئوقۇۋىتىپ ھەييى ...
ئادەمنىڭ مومىيا ھەيكەللىرى بولسا بى قاملىشادى .نەگە قاراۋاتقان ھالەتتە قاتۇرۇپ قويۇلغان دىگەندەك سۇئاللار .ئەمما بى تاش ھەيكەلگە نەگە قاراۋاتقاندۇ دەپ  سۇئال قويۇش ،سىر ئىچىلمىغان سىرلار قاتارىغا كىرگۈزۈش  ،راسلا ئادەمنىڭ  كۈلكىسىنى قوزغايدىكەن .نەگە قاراييتتى شۇ ھىچيەرگە قارىمايدۇ .بۇ پەقەت شۇ يەردىكى خەلىقلەرنىڭ سىرتتىن كەگەنلەردىن مۇداپىيەلىنىش قوقۇتۇش ئۈچۈن ياسالغان ھەيكەل كەن .مىسالى گىنرالمۇ توققۇز مىتىر ئىگىزلىكتىكى گىگانىت ئادەمكەن دەپ قوقاپتۇ ئەينا !
گۈزەللىكنىڭ كېلىش مەنبەسى  -مەن

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

6#
ۋاقتى: 2014-11-6 23:15:57 | ئايرىم كۆرۈش
كىچنىڭ ئاسمنى نىمانچە گۇزەل .
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-7 16:12:15 | ئايرىم كۆرۈش
كۆكتاش يوللىغان ۋاقتى  2014-11-6 21:01
5.«ھەيكەللەرنىڭ ھەممىسى خۇددى ئاسماندىكى بىر نەرسىگە ق ...

دۇنيادا كۈلكىلىك ئىشلار بەكلا كۆپ، بۇرۇن ‹‹قوياش مەركەز تەلىماتى›› مۇ كىشىلەرگە كۈلكىلىك ئاڭلىنىپتىكەن.

ماۋۇ رەسىمگە قاراڭ:



ئەجىبا ئارالدىكىلەرنىڭ ئىچى پۇشۇپ ياسىغان ھەيكەللىرىنىڭ ھەممىسى تاساددىبىلا بىر ئوخشاش نوختا تەرەپكە قاراپ قالغانمىدۇ؟ مىنىڭچە ھەيكەللەرنىڭ بۇنداق ياسىلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرىشىدا بىرەر سىموۋوللۇق مەنا بولسا كىرەك.
بۇ ئارالدا ياشىغان ۋە ھەيكەللەرنىڭ ئىختىراچىسى بولغان پولىنىزىيىلىكلەرنى بەزى ئارخولۇگلار چوكۇپ كەتكەن ‹‹مۇ قىتئەسى›› نىڭ ئامان قالغان ئەۋلاتلىرى دەپ قارايدىكەن.
بۇ ھەيكەللەرنىڭ ئوخشاش بىر تەرەپكە يەنى تىنىچ ئوكيان تەرەپكە(ئارخولۇگلار مۇ قىتئەسىنىڭ ئورنىنى قىياسەن پەرەز قىلغان تەرەپكە) قاراپ ئورۇنلاشتۇرىلىشى بەلكىم ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتىنى ‹‹مۇ قىتئەسى›› گە بولغان سىغىنىشى ۋە ئەجدادلىرىنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۇچۇن مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىشى مۇمكىن.
مۇشۇنداق ‹‹كۈلكىسىنى قوزغايدىغان›› نىمە ئۇچۇنلەر شۇ كەسىپنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئارخولۇگلار ئۇچۇن نۇرمال تۇيىلىشى ھەم موھىم يىپ ئۇچى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.

نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:13 , Processed in 0.125826 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش