بۈگۈن مۇنبىرىمىزنىڭ گۈزەللىرىدىن ئۇماق ھەدەم گۈلدەستە ، يارقىنلار نىڭ بىرلا ۋاقىتتا بۇ ئىككى دوستىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىكەن .شۇڭا مەن مۇنبەرداشلارغا ۋاكالىتەن بۇ يەردە بۇتۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ ئولتۇرۇپتىمەن .تۇغۇلغان كۈنۈڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، خۇشاللىق ھەر ۋاقىت سىزگە يار بولسۇن. تىلەيمىز ھەممىمىز ئامەت ۋە كۈلكە، بەخىت سىزنى ھەر ۋاقىت قوينىغا ئالسۇن.
ئۇنۇتماڭ ئانىڭىزنىڭ تۇغقان كۈنىنى، قۇچاق ئىچىپ باغاشلاڭ سۆيۈڭ مەڭزىگە. ئانىڭىز كەلتۈردى دۇنياغا سىزنى، سىز بىلەن تەڭ خۇشاللىق قونسۇن يۈزىگە .
ئۆزۈم سىتىۋالغان تورت ، پىشۇرالمىغاندىكىن سىتىۋالمامدىم . مانا ھە ، مۇنبىرىمىزدىن كەچۈر، ئايبەرگى لەغمەن سوزاۋاتىدۇ...
ماۋۇ كۈلكە تۈگۈگەن تۈگرە ، ئىغىز تەگگەن چىغىڭلاردا تۇزلۇق بولسىمۇ گەپ قىلماي يەۋىتىڭلار ، بىلىسىلەر ، كۈلكە سىستىرا، تۇزى كەم بولۇپ قاپتىكەن تۇزنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇپ كۆپرەك ئۇرۋىتىپتۇ...
مارشال ئۆز قولى بىلەن كاۋاپ پىشۇرۋاتىدۇ ، تىتىپ باقارسىلەر جۇما ، لىكىن مىنىڭ كاۋاپقا ئامراقلىقىم ، ماڭىمۇ بىرەرمۇ ؟
ماۋۇ كىم ئەتكەن لەغمەندۇ ؟ ھە چىچەكقىز ئەتكەن چىغىۋا ، ئوخشىغان چىراي ...
ماۋۇ تورىتنى ئاتىكەم ھەدەم پىشۇرغان ، ئۇزۇن بولدى تورت ياساشنى ئۈگۈنۋاتىدۇ .
پىتىر مانتا ، مانى ئۆزەم يەۋەتسەم بولارمىكىن ، ئامراقلىقىم .... قايسىڭلار ئەتتىڭلار.. مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم بولسىچۇ ھە.. ھى ھى
راڭپىزىنى سىلەر يەڭلار ، كاۋاپنى مەن يەي بولامدۇ قىزلا ؟
گۈلدەستە ، يارقىن توغۇلغان كۈنىڭىزلەرگە ھەم ئانىڭىزنىڭ سىزلەرنى بۇ ئىللىق دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن .شۇنداقلا سىزلەرنىڭ بۇندىن كىيىنكى تۇرمۇشىڭىزنىڭ كۆڭۈللۈك خىزمىتىڭىزنىڭ ئوتۇقلۇق بولىشىنى بۇ ئىللىق دۇنيادا خۇشال خورام كۈلۈپ ،ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ مەڭگۈ قېرىماسلىقىڭىزلارنى تىلەيمەن .
|