ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 591|ئىنكاس: 7
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ماتېماتىكىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئۇسۇللىرى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

                       تاشپولات روزى 1962-يىلى 4-ئايدا ئىلىنىڭ تۇققۇزتارا ناھىيەسىدە بىر ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تاشپولات روزىنىڭ دادىسى روزى ئاكا ئەينى ۋاقىتتا خەلقنىڭ ئازادلىقى ۋە پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن قان كېچىپ جەڭ قىلغان مىللىي ئارمىيەنىڭ جەڭچىسى بولۇپ، ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن قەشقەردىكى ئاتلىق ئەسكەرلەر پولكىدا 10 يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. ئۇقۇمۇشلۇق بولغانلىقى سەۋەبىدىن، روزى ئاكا بۇ مەزگىللەردە تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ، ئاخىرىدا گېنېرال مايور مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوفنىڭ كانۋىيى بولىدۇ. 10 يىل ئۆتۈپ، غۇلجىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھېلىقى ئىسمى ئۇلۇغ، ئەمما نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرنى خانىۋەيران قىلغان «ئىنقىلاب»نىڭ قارا بورىنى روزى ئائىلىسىنىمۇ بوش قويمايدۇ. روزى ئاكا نۇرغۇن قېتىملاپ «تارتىپ چىقىرىلىدۇ»، «كۈرەش قىلىنىدۇ». لېكىن، مىللىي ئارمىيەدە تۇرغان ۋاقىتلىرىدا بىلىش بىلەن بىلمەسلىكنىڭ پەرقىنى چۈشىنىپ يەتكەن، بىر مىللەتنىڭ ئىچىدە بىلىملىكلەرنىڭ ئاز بولۇشىنىڭ مىللەتنى كۆپلىگەن مەغلۇبىيەتلەرگە دۇچار قىلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلغان روزى ئاكا، مەيلى قىيىن - قىستاقلاردا بولسۇن ۋە ياكى جاپالىق تۇرمۇش مەزگىللىرىدە بولسۇن، ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشىغا يول قويمايدۇ ۋە ئۇلارنى چوقۇم ياخشى ئوقۇتۇشقا ئۆزىگە ۋەدە بېرىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئائىلە شارائىتىدا چوڭ بولغان تاشپولات روزى، دادىسىنىڭ قوللىشى ۋە ئارزۇسىنى ئۆزىگە ئىلھام بۇلىقى قىلىپ، كەلگۈسىدە چوقۇم ئۇتۇق قازىنىشقا بەل باغلايدۇ.


     
ماتېماتىكىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئۇسۇللىرى ھەققىدە


                                                            تاشپولات روزى
ماتېماتىكا ئۇ بىر دۆلەتنىڭ قۇدرەت تاپقان ياكى تاپمىغانلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئاساسلىق بىلىملەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ بارلىق كەسىپلەرنىڭ ئانىسى ھەم ئاتىسىدۇر. ئىتالىيەنىڭ ئۇلۇق فىزىكا ئالىمى ھەم نىسبىيلىك نەزىريىسىنىڭ ئاساسچىسى گالىلى مۇنداق دەيدۇ: "ماتېماتىكا بىلمەي تۇرۇپ دۇنيانى چۇشۇنۇش مۇمكىن ئەمەس" ، گىرمانىيەنىڭ ئۇلۇق ماتەماتىكا ھەم فىزىكا ئالىمى گائۇس مۇنداق دەيدۇ:  "ماتېماتىكا ئىلىم-پەننىڭ پادىشاھىدۇر".  ئىلىم-پەن ئالىملىرى نەزىرىدە ماتېماتىكىغا سەل قارىغان ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ئۆز كەسپىدە ئالاھىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى بىر قەدەر توۋەن بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بولۇپمۇ ئىلىم-پەن ئۇچقاندەك تىز تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ماتېماتىكىسىز ھېچقانداق بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ. بۇرۇن ماتېماتىكىنىڭ بىئولوگىيىدە قوللىنىشى نۆلگە تەڭ دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدۇق. بىراق ھازىر بىئولوگىيە ساھەسى ماتېماتىكىنى ئەڭ كوپ قوللىنىدىغان ساھەگە ئايلاندى. ھەتتا بىئولوگىيىلىك ماتېماتىكىمۇ بارلىققا كەلدى. چەتئەللەرگە چىقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئۇيغۇرلارغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ماتېماتىكىدا ياخشى ئوقۇغانلاردىن ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بالىلىرىمىزنىڭ ماتېماتىكا دەرسلىرىنى ياخشى ئۆگىنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز ۋە ئۇلارغا مۇشۇ جەھەتتە كۆپرەك ئىلھام بېرىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن. ئۇنداق بولسا ماتېماتىكىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟ مەن تۆۋەندە بۇ تېمىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن.

ماتېماتىكا بىلىملىرى ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىدىن باشقا ئۇ يەنە مەلۇم دەرىجىدە رىقابەت تۈسىنى ئالغان ئىلىمدۇر. ماتېماتىكا، ئۇ ھۈنەرنىڭ ۋە ياكى ماھىرلىقىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، ئۇنى ئۆگىنىش ئۈچۈن چوقۇم كۆپلەپ مەشىق قىلىش كېرەك. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، قولىڭىزدا چوقۇم قەلەم ۋە يەنە ئالدىڭىزدا قەغەز بۆلىشى كېرەك. ماتېماتىكا ھەرگىزمۇ شاگىرت ئۇستىسىنىڭ قىلغىنىنى كۆرگەندەك كۆرۈپ قويۇش بىلەن ئۆگەنگىلى بولمايدۇ. بەلكىم ئوقۇتقۇچىڭىز سىزگە ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى ناھايىتى ئاسان چۈشەندۈرۈشى مۇمكىن، ئەمما سىز ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلەپ مەشىق ئىشلىگەندىلا، قايتىلاپ-قايتىلاپ مەشىق ئىشلەش جەريانىدا ئۇنىڭ قائىدە قانۇنىيەتلىرىنى چۈشكەندىلا ئاندىن ئۇنىڭ فورمىلىرىنى يېشەلەيسىز، سىز ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئۆزگىچە ماتېماتىكا ئۆگىنىش ئۇسۇل يوق! ماتېماتىكا ئۆگىنىش مۇزىكىلىق چالغۇ ئەسۋابلىرىنى چېلىشقا، كومپيۇتېردا خەت بېسىشقا ياكى تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا تۈپتىن ئوخشايدۇ. سىز مەيلى باشقىلار ئىشلىگەن ماتېماتىكىغا ئائىت ۋىدىئولارنى كۆرۈڭ، ياكى كۆپلىگەن ماتېماتىكا كەسپىگە ئائىت كىتابلىرىنى ئوقۇڭ، ئەگەر سىز كۆپلەپ مەشىق ئىشلىمىسىڭىز ئۇ سىز ئۈچۈن يەنىلا بەرىبىر. مەسىلەن داڭلىق ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچى كوبې برياننىڭ ۋاسكېتبول ئوينىغان ۋىدىئولىرىنى كۈنىگە نەچچە قېتىملاپ كۆرسىڭىزمۇ، ئەگەر ئۆزىڭىز مايدانغا چۈشۈپ مەشىقلەرگە قاتناشمىسىڭىز ياخشى ۋاسكېتبولچى بولالمىغىڭىزغا ئوخشاشلا بىر ئىش. شۇڭا ماتېماتىكىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى ھەر كۈنى دېگۈدەك كۆپلەپ مەشىق قىلىشىڭىز ھەم يادلىشىڭىز كېرەك.

ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلغان ئوقۇغۇچى چوقۇم تۆۋەندىكى ئەڭ ئاساسلىق 6 باسقۇچقا قەتئىي رايە قىلىش كېرەك.

1. كۈندىلىك دەرسىگە چوقۇم تولۇق قاتنىشىشى كېرەك. 2. سىنىپتا خاتىرە قالدۇرۇشقا ئادەتلىنىش كېرەك. 3. كىتابنى قايتا-قايتا ئوقۇپ چۈشىنىش كېرەك. 4. بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنى ھەر كۈنى قالدۇرماي ئىشلىشى كېرەك. 5. ئەگەر ياردەمگە موھتاج بولسا چوقۇم ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىدىن ياكى ساۋاقداشلىرىدىن سورىشى كېرەك. 6. ئۆگەنگەنلىرىنى كۈنىگە دېگۈدەك تەكرارلاش كېرەك.

ئىزاھات:

1. ھەر كۈنى مەكتەپكە بېرىش ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر ئوقۇغۇچى بىر كۈن دەرستىن قالسا ، بولۇپمۇ ماتېماتىكا دەرسىدە باشقىلارغا يېتىشىۋېلىشى قىيىنغا توختايدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچى ئامال بار دەرس تاشلىماسلىققا كاپالەت قىلىشى كېرەك. ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ياخشى بىر نەتىجە ئېرىشىش ئوقۇغۇچىنىڭ دەرس قالدۇرماسلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

2. خاتىرە قالدۇرۇش ماتېماتىكا ئۆگىنىشنىڭ ئىنتايىن بىر مۇھىم قىسمىدۇر. ئوقۇغۇچى خاتىرە قالدۇردى دېگەنلىك، ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىگىنىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى دېمەكتۇر. ئوقۇغۇچى خاتىرە قالدۇرغاندا ئوقۇتقۇچىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنى چۈشەنمىگەن بولسىڭىز دەرھال قولىڭىزنى كۆتۈرۈپ ئوقۇتقۇچىدىن سوئال سورىشىڭىز كېرەك. ئۇنى ھەرگىزمۇ مۇنداقلا ئۆتكۈزۈۋېتىشكە بولمايدۇ. مەن ۋەتەندە ياكى ياپوندا ئوقۇغان ۋاقتىمدا سوئال سوراشقا بەك ئامراق ئىدىم. بەزى ۋاقىتلاردا ئوقۇتقۇچى بىلەن بىرەر تېما ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىشىپ كەتكەن ۋاقتىممۇ بولغان. بۇنداق دېگەنلىكىم ئوقۇتقۇچى بىلەن ئۇرۇشۇڭ دېگەنلىك ئەمەس ئەلۋەتتە. ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭكىنى توغرا دەپ قارىسىڭىز ئوقۇتقۇچىغا ھەرگىزمۇ يول قويۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئوقۇتقۇچىمۇ ئىنسان، ھەرقانداق ئىنسان سەۋەنلىكتىن ۋە خاتالىقتىن خالىي ئەمەس.

3. ئوقۇغۇچى دەرستىن كېيىن چوقۇم ماتېماتىكا دەرسلىكنى ئوقۇشى كېرەك. ئۇنى ئوقۇپ چۈشەنمىسە قايتا ئوقۇش كېرەك. ماتېماتىكىدىكى بەزى ئېنىقلىمىلارنى چۈشىنىش تەسكە توختايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنى مەجبۇرى يادلاش كېرەك. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھېلىقى بىر چاغلاردا سىز يادلىلاپ چۈشەنگەن بىلىملەر ئۆزىڭىزنىڭ شەخسى بايلىقىڭىزغا ئايلىنىدۇ.  ماتېماتىكا كىتابلىرىنى ئوقۇغاندا ھەربىر خام سۆزگە دىققەت قىلىش كېرەك. ماتېماتىكىلىق كىتابلار ئەدەبىي، تارىق ۋە ئۇنۇڭدىن باشقا كىتابلارنى ئوقۇش بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئۇ تېخنىكىلىق مەسىلەر بىلەن بىرلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، سىز ئۇنى ئاستا، دىققەت بىلەن، زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئوقۇشىڭىز كېرەك. ھەرگىزمۇ ئالدىرىماڭ، قۇرلارنى تاشلاپ ئۆتۈپ كېتىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ . بىر قېتىمدا چۈشەنمىسىڭىز ئۇنى قايتا ئوقۇڭ. ماتېماتىكا ئۆگىنىشتە ۋاقىت كېتىدۇ. قايتا-قايتا ئوقۇپمۇ چۈشەنمىسىڭىز ئۇنى چوقۇم ئوقۇتقۇچىڭىزدىن سوراپ بىلىۋېلىڭ. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتكۈم كېلىۋاتىدۇ، بەزى ئوقۇغۇچىلار دەرسلىكتىن سىرتقى قوشۇمچە ماتېرىياللارنى كوپ كۆرىدۇ ۋە ئۇنى سىنىپتا ئۆتۈلگەن دەرسلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ . مېنىڭچە كوپ ماتېرىيال كۆرگەندىن كۆرە سىنىپتا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئوز ۋاقتىدا چۈشىنىپ مېڭىش بەكرەك مۇھىم. ئەمما دەرسلىكتىن سىرتقى كۆنۈكمە كىتابلاردىكى مەسىلىلەرنى يەشسىڭىز بۇنىڭمۇ سىزگە ناھايىتى ياخشى ياردىمۇ بولىدۇ.

4. تاپشۇرۇق ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم. تاپشۇرۇقلارنى ۋاقتىدا ئىشلەش سىزنىڭ دەرسخانىدا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ياخشى ئىگىلىشىڭىزگە ناھايىتى چوڭ رولى بولىدۇ. مۇمكىن بولسا كىتابتىكى بارلىق مەشىقلەرنى قالدۇرماي ئىشلەش كېرەك. مەن ئوقۇغان ۋاقىتلىرىمدا دەرسلىكتىكى بارلىق مەشىقلەرنى ئىشلەشتىن سىرت يەنە مەشىقلەر توپلاملىرىنىمۇ ئەكېلىپ ئۇنىڭدىكى مەشىقلەرنىمۇ ئىشلەيتتىم.

5. دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى ياخشى چۈشەنمىگەن ھەم دەرستىن كېيىن ئۇنى ئوقۇپمۇ چۈشەنمىگەن بولسىڭىز، دەرھال ئوقۇتقۇچىنى تېپىپ ئۇنىڭدىن بىلمىگەنلىرىڭىزنى سورىشىڭىز ياكى مەكتەپنىڭ ياردەم قىلىش مەركەزلىرىگە بېرىپ سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھەرگىزمۇ بۈگۈن چۈشەنمىگەن نەرسىلەرنى ئەتىگە قويۇپ قويماڭ.

6. كۈنىگە تەكرارلاش دېگىنىمىز ھەر كۈنكى دەرسلەرنى قايتا-قايتا ئوقۇش ھەم بۇرۇن ئۆتۈلۈپ كەتكەن دەرسلەرنى قايتا ئوقۇش دېگەنلىكتۇر. دەرسخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن كېلەر قېتىملىق دەرسلەرنى بىر قۇر كۆزدىن ئۆتكۈزۈپ چىقىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا يېڭى ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ياخشى چۈشەڭىلى بولىدۇ.

7. ئاخىرقى سوز. بەزى ئوقۇغۇچىلار "مەن ھازىرغىچە ماتېماتىكىدا ياخشى بولمىغان" ياكى "مەن ماتېماتىكىغا ئۆچ" دەپ ئۆز-ئۆزىگە ماتېماتىكىلىق ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ. بۇ قاراشلار ماتېماتىكا ئۆگىنىشنىڭ يولىنى ئەتىپ تاشلاپ، ئوقۇغۇچىدا پاسسىپ روھىي ھالەتنى پەيدا قىلىدۇ. ئوقۇغۇچى ماتېماتىكا دەرسنى تاللىغانىكەن، چوقۇم ئۆزىدە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشى كېرەك. مەسىلەن: مەن چوقۇم بۇ ماتېماتىكا دەرسىنى ياخشى ئۆگىنىمەن، ئەگەر ياخشى تىرىشسام چوقۇم ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگىنىپ كېتەلەيمەن، دېگەنلەردىن ئىبارەت. مېنىڭچە ھەممە ئادەم ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگىنىپ كېتەلەيدۇ. بۇنۇڭ ئۈچۈن ئوقۇغۇچىدا ئالدىن بىلەن ماتېماتىكىنى ئۆگىنەلەيمەن دېگەن ئاڭ تۇرغۇزۇلۇشى كېرەك. ئوز –ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۇستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ دەسلەپكى ئاچقۇچىدۇر. ھەممىڭلارنىڭ ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگىنىپ ئوز كەسىپلىرىڭلاردا دۇنياۋى شان- شەرەپلەرنى قولغا كەلۈرسىڭلارغا چىن دىلىمدىن تىلەكداشمەن.

ماقالە يازغۇچى: ئامېرىكادىكى جەرەن جىلغا ئۇنىۋېرسىتېت ( Universityof Antelope Valley) دا ماتېماتىكا پروفېسسورى ھەم مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ تاشپۇلات ئەپەندىنىڭ دەرىس بىرىۋاتقاندىكى رەسىمى.



ماقالە مەنبەسى: باغداش مۇنبىرى

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

17

تېما

444

يازما

2648

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 64
يازما سانى:
444
تىللا:
2073
تۆھپە:
42
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
67 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-9
دېۋان
ۋاقتى: 2013-9-29 15:49:17 | ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن پايدىلىنىشقا ئەرزىيدىغان ئۇسۇللار ئىكەن،رەھمەت
ئۇ رەسىم چىقمايدىغۇ؟
سەن ئۈچۈن ياشاۋاتىمەن ئەمما سەن ئۈچۈن ئۆلۈپ بېرەلمەيمەن

26

تېما

485

يازما

3027

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

پىشقەدەم ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 148
يازما سانى:
485
تىللا:
2233
تۆھپە:
101
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
152 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-21

مۇنبەر قىزىقچىسىسادىق ئەزاسۆيۈملۈك ئەزاقىزغىن ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2013-9-29 23:16:07 | ئايرىم كۆرۈش
ماتىماتىكىنى كۆرسەم جۇدۇنۇم 255 كە چىقىدۇ (راس گەپ قىلسام).

9

تېما

134

يازما

1498

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 92
يازما سانى:
134
تىللا:
1244
تۆھپە:
40
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
25 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-10

سادىق ئەزاسۆيۈملۈك ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2013-9-29 23:56:00 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى  تىما  ئىكەن.   رەسىم  چىقمىدى ......
كېتىدىكەن ھەممىسى تاشلاپ،  يۇرەكلەرنى دەرىتلەردە داغلاپ.

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

5#
ۋاقتى: 2013-9-30 00:20:59 | ئايرىم كۆرۈش
بەك  ياخشى  تىمىكەن   مىنىڭكىدىمۇ  رەسىم  چىقمىدى
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

6#
ۋاقتى: 2013-9-30 10:54:41 | ئايرىم كۆرۈش
ماتېماتىكا ئوقۇغۇچىلار ئۆگەنمىسە بولمايدىغان مۇھىم كەسىپ بولۇپلا قالماي ئۇ ھەم رىقابەت تۈسىنى ئالغان ئىلىمدۇر. ماتېماتىكا بولسا ھۈنەرلەر توپلىمى ياكى ماھىرلىقنىڭ توپلىمى بولۇپ ئۇنى ئۆگىنىش ئۈچۈن چوقۇم كۆپ مەشىق قىلىش كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا قولىڭىزدا قەلەم ئالدىڭىزدا قەغەز بولىشى كېرەك. ئۇنى باشقىلارنىڭ قىلغىنىنى كۆرۈپ قويۇش بىلەن ئۈگەنگىلى بولمايدۇ. ئوقۇتقۇچى ماتېماتىكىلىق مەسىللەرنى ناھايىتى ئاسان چۈشەندۈرۈشى مۇمكىن ئەمما سىز ئۇنى كۆپ مەشىق قىلىشىڭىز، قايتىلاپ-قايتىلاپ ئىشلىشىڭىز كېرەك، بۇنىڭدىن باشقا ماتېماتىكىنى ئۆگىنىش ئۇسۇل يوق! ماتېماتىكا ئۆگىنىش مۇزىكا ئەسۋاپلىرىنى چېلىشقا، كومپيۇتېردا خەت بېسىشقا ياكى تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئوخشايدۇ. سىز باشقىلار ئىشلىگەن ۋىدىئونى كۆرۈڭ ياكى كۆپلىگەن كىتاپلارنى ئوقۇڭ مەشىق قىلمىسىڭىز ئۇ يەنىلا بەرىبىر. مەسىلەن داڭلىق ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچى كوبې برياننىڭ ئوينىغان ۋىدىئولىرىنى كۈندە نەچچە قېتىملا كۆرسىڭىزمۇ ياخشى ۋاسكېتبولچى بولالمايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاسكېتبولنى كۆپ مەشىق قىلىشىڭىز، توپلارنى ياخش تاشلىشىڭىز، گارغا ياخشى چۈشۈرۈشىڭىز، پاس بېرىشىڭىز ھەم بۇ ئاساسلىق ماھارەتلەرنى قايتىلاپ-قايتىلاپ مەشىق قىلىشىڭىز كېرەك. شۇڭا ماتېماتىكىدا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى ھەركۈنى دىگىدەك كۆپلەپ مەشىق قىلىشىڭىز ھەم يادلىشىڭىز كېرەك.

30

تېما

684

يازما

3468

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 46
يازما سانى:
684
تىللا:
2754
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
103 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزاسۆيۈملۈك ئەزائىسىل ئەزا

7#
ۋاقتى: 2013-9-30 13:27:48 | ئايرىم كۆرۈش
مەن باشلانغۇچ - تولۇقسىزدا بەكلا ئۇستا ئىدىم ، تولۇقتا ھىشنىمە بىلمىگەنتىم ، ئەمدى ئۈگەنمىسەممۇ بولىدۇ ، جەمىيەت ئۆزى ئۈگۈتۋاتىدۇ مانا .

6

تېما

149

يازما

1380

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 68
يازما سانى:
149
تىللا:
1092
تۆھپە:
45
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
44 سائەت
ئاخىرقى:
2015-8-29

سادىق ئەزاقىزغىن ئەزا

8#
ۋاقتى: 2013-9-30 18:16:26 | ئايرىم كۆرۈش
ۋاي ئاللا مەن بۇ ئۆمرۇمدە ماتىماتىكىدا مۇۋاپىقىيەت قازىنالمىغىدەكمەن.
بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۇپ كېتىدۇ......
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:41 , Processed in 0.137490 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش