ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 85|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئارتۇچ : نىگارنى ئوخشاتتىم كۆكنار گۈلىگە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

22

تېما

59

يازما

445

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 708
يازما سانى:
59
تىللا:
386
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
20 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5
نىگارنى ئوخشاتتىم كۆكنار گۈلىگە

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ

غېرىب دىل بېغىمدا ئۆستى چېچەكلەپ ،
سەۋدايى مەست بولدۇم خۇشبۇي ھىدىدىن .
جۇلاسى ئوتقاشتەك ھاردىم پەرۋىشلەپ ،
ۋۇجۇدۇم تىترىدى كۆيۈك رىشتىدىن .


ھەر باقسام كۆزلىرىم تورلاشتى ، تالدى ،
ھەر پۇراپ خىيالىم كەتتى ئەرىشكە .
پاك روھىم ئەسلىمدىن ، ۋەسلىمدىن تاندى ،
ئازابلىق تولغاندىم قەددى ، قەدرىمگە .


زەئىبلىك پايانى ئالدى قوينىغا ،
قۇياشلىق باھارىم تەپتى مۇزلىدى .
ئاقىۋەت ئايلاندىم تىرىك مۇردىغا ،
سۈپسۈزۈك ئارمانلار گېلىمدىن بوغدى .


نە بەخىت ، نە شاتلىق سورۇلدى كۆككە ،
بىردەملىك ھوزۇردىن ، شەيتان پەيلىدىن .
نىگارنى ئوخشاتتىم كۆكنار گۈلىگە ،
نە ھالكى قۇتۇلماي ئاچچىق دەردىدىن .


مەنبە : قىزىلسۇ ژورنىلىنىڭ 2016-يىللىق 3-سانىغا بېسىلغان شېئىرىم .










مەن سەھرالىق دېھقان بالىسى

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ

ئۇچامدا بار ئاددىيلا چەكمەن ،
ئويناپ تۇرار قولۇمدا كەتمەن ،
توپا ھىدى بىلىنەر زەمزەم ،
مەن سەھرالىق دېھقان بالىسى.

ئوخچۇپ ئاققان ئەركەك سۈيى بار ،
جان ئانامنىڭ ئەللەي كۈيى بار ،
ساپ مىھنەتنىڭ پۇتمەس كۈيى بار ،
مەن سەھرالىق دېھقان بالىسى.

ئېتىز -باغدا سايرايدۇ بۇلبۇل ،
ساپ ھاۋاسى كىشىگە ھوزۇر ،
جەننەت نېمە سەھرا مىڭ پوزۇر ،
مەن سەھرالىق دېھقان بالىسى.

ياڭراپ تۇرار ئەمگەك ناۋاسى ،
بەزمە،مەشرەپ،ئۇسسۇل-ساماسى ،
چىن ھاياتنىڭ يارقىن سىماسى ،
مەن سەھرالىق دېھقان بالىسى.

سەھرا مېنىڭ ۋەتىنىم تەختىم ،
مېھرى بىلەن ئېچىلار بەختىم ،
ۋاپادارمەن ئاڭا جان تەقدىم ،
مەن سەھرالىق دېھقان بالىسى.



1999-يىلى قىزىلسۇ گېزىتىنىڭ 10-ئايلىق سانىغا بېسىلغان ، تۇنجى ئىجادىيىتىم .
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ

چ چ : 2536190268 . يانفۇن : 15699088894
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-11-19 10:55:36 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇستاز  ،  سىز  بۇرۇن چولپانلار مۇنبىرىدە ئەمەتجان زۇنۇن  دىگەن نام بىلەن  ئەسەر يوللايتىڭىز  ھە  
ئىسىل ئەسەرلىرىڭىزنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇشنى ئۈمۈت قىلىمەن .
ھارمىغايسىز  !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

22

تېما

59

يازما

445

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 708
يازما سانى:
59
تىللا:
386
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
20 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-11-23 17:07:39 | ئايرىم كۆرۈش
ئاتىكەم يوللىغان ۋاقتى  2016-11-19 10:55
ئۇستاز  ،  سىز  بۇرۇن چولپانلار مۇنبىرىدە ئەمەتجان زۇنۇ ...

شۇنداق ، ھازىر كىرەلمىدىم مۇنبەرگە .
ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ

چ چ : 2536190268 . يانفۇن : 15699088894

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-11-26 22:40:48 | ئايرىم كۆرۈش
قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي ، قەدەملىرىڭىز قۇتلۇق بولغۇسى
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:46 , Processed in 0.129733 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش