ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 278|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ قىزىقارلىق ئىش پائالىيەتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

94

يازما

402

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1009
يازما سانى:
94
تىللا:
308
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-28

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ساۋاقداشلار يىغىلىشىغا باردىم. پاراڭ ئارىلىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ غەيرىي ھەم قىزىقارلىق ئىشلىرى پارىڭىمىزنىڭ قىزىق تېمىسى بولدى. ئۆيگە كېلىپ بارلىق ئوقۇتقۇچىلىرىمنى ئەسلەپ، تۆۋەندىكىلەرنى رەتلەپ چىقتىم:
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم.
1. ئالگېبرا مۇئەللىمىمىز دائىم بىزگە: « خاتىرە قالدۇرۇپ مېڭىڭلار، مەۋسۇم ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ خاتىرە دەپتىرىنى تەكشۈرىمەن» دەيتتى. ئۇ بىر كۈنى بىر مىسالنىڭ يەشمىسىنى يېزىپ دوسكىنى توشقۇزۇۋەتتى. ئۇنى كۆچۈرۈپ بولالماي قوللىرىم تېلىپ ئولتۇرسام، مۇئەللىم يېشىش ئۇسۇلىنى يېزىپ بولۇپلا يوغان خاتا بەلگىسىنى سىزىپ: «ئېسىڭلاردا بولسۇن، بۇنداق يېشىش خاتا» دېمەسمۇ، ئۇھ...
2.سىياسەت مۇئەللىمىمىز دائىم ئۆزى بىلەن ئوخشاش رەڭدە كىيىم كىيىۋالغان ئوقۇغۇچىلاردىن سوئال سورايتتى. شۇنىڭ بىلەن قانداق قىلغاندا سىياسەت ئوقۇتقۇچىسىغا ئوخشاش رەڭدە كىيىنىپ قالماسلىق مەسىلىسى بىزنىڭ ئۈچ يىللىق «تەتقىقات تېما»مىزغا ئايلاندى.
3. بىر پىراكتىكانت مۇئەللىم بىزگە دەرس ئۆتكەن تۇنجى كۈنى بىرىمىزگە بىر تالدىن قارتا تارقىتىپ:« قولۇڭلاردىكى قارتنى ئېسىڭلاردا مەھكەم ساقلاڭلار» دېدى. بىز تېخى بۇ مۇئەللىم سېھرگەرلىك قىلىپ بېرىدىغان ئوخشايدۇ، دېسەك، ئەتىسى كىرىپ بىر سوئال سورىدى-دە، يانچۇقىدىن قارتا چىقىرىپ، ئارىسىدىن بىرنى تارتىپلا:« تۆتلىك چىللىك، سەن جاۋاب بەر» دېدى.
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئىچكى ئۆلكىدە ئوقۇغانىم. ئۇ يەردىكى مۇئەللىملەر تېخىمۇ قىزىقارلىق ئىدى.
1. سىنىپ مەسئۇلىمىز ئالگېبرادىن دەرسى بېرەتتى. ئۇ بىرىنچى قېتىملىق ئىمتىھاندىن ئىلگىرى:«كۆزۈم بۈركۈتنىڭ كۆزىدەك، سىلەر كۆچۈرەلەيمىز، دەپ ئويلاپ قالماڭلار» دېدى. كىم بىلسۇن، ئىمتىھان باشلىنىپلا ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ كومىسسىيە بولۇشىنى تىلەيدىغان بولۇپ قالدۇق.
2. تارىخى مۇئەللىمىمىز ياشىنىپ قالغاچقا، بىر كۈنى پىرويىكسىيە ئاپپاراتىنىڭ كۆزىنى تەتۈر ئورنىتىپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاپپاراتنى قوزغىتىشىغىلا بىرىنچى پارتىدا ئولتۇرغان ئىككى ساۋاقدىشىمىزنىڭ ھاڭۋېقىپ ئولتۇرغان سىيماسى دوسكىنى بىر ئالدى، قېرىشقاندەك ئاپپارات شۇ پېتى قېتىپ قېلىپ، ھەممىمىز بۇ بىر سائەتنى شۇ ئىككى ساۋاقدىشىمىزنىڭ چىرايىغا قاراپ ئۆتكۈزدۇق.
3. دەرس ۋاقتىدا دەرستىن سىرتقى كىتابلارنى كۆرۈش«مودا» غا ئايلانغان چاغ ئىدى. فىزىكا مۇئەللىمىمىز بىر كۈنى قىزغىن دەرس سۆھلەۋېتىپ توساتتىن گېپىنى توختاتتى-دە، چوڭ-چوڭ قەدەم ئېلىپ كېلىپ، كەينىمدە ئولتۇرىدىغان قىزنىڭ فىزىكا دەرسلىكىنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇۋالغان ھېكايە كىتابنى تارتىۋالدى. ھەممىمىز مۇئەللىم بۇنى قانداق بىلىۋالغاندۇ، دەپ ھەيران بولۇپ ئولتۇرساق، مۇئەللىم قاقشاپ:« فىزىكا دەرسلىكنى مەن كۆرسەممۇ يىغلىغۇم كېلىدۇ، سىز ئەجەپ ھىجىيىپ ھۇزۇرلىنىپ كۆرۈپ كېتىپسىز؟» دېدى.
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى.
1. تاللاپ ئۆگىنىدىغان بىر دەرس ئىدى. مۇئەللىمنىڭ بىر گېپى ھازىرغىچە يادىمدا:« ئالدىدىكى يانفون ئويناپ ئولتۇرغانلار ئوتتۇرىدىكى پاراڭلىشىۋاتقانلارغا دەپ قويۇڭلار، كەينىدىكى ئۇخلاۋاتقانلارغا دەخلى قىلىپ قويمىسۇن».
2. ئالىي مەكتەپنىڭ تۇنجى يىللىقىدا چوقۇم كەچلىك مۇزاكىرىگە قاتناشمىساق بولمايتتى. يېتەكچىمىز مۇزاكىرىدە يانفون ئويناۋاتقانلارنى تۇتماقچى بولۇپ، سىنىپنىڭ چىرىغىنى تۇيۇقسىز ئۆچۈرۈۋەتتى. نېمە بولغىنىنى بىلمەي تۇرغىنىمىزدا مۇنداق دېدى:« يۈزىدە نۇر بارلار بۇ يەرگە چىقىڭلار».

مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى.
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئەقىللىق ئايال ئېرىنى  پادىشا قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ پادىشانىڭ خانىشى بولۇپ ياشىسا
دۆت ئەقلى يوق  ئايال ئېرىنى قۇل  قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ قۇلنىڭ خوتۇنى بول
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-4-14 18:11:57 | ئايرىم كۆرۈش
ئەجەپ قىزىقارلىق  ئىكەن .
يەنىلا  ئوقۇش ھاياتى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئىكەن .
تىمىڭىزغا  رەھمە ت!
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-4-14 22:59:11 | ئايرىم كۆرۈش
تولىمۇ ئەپسۇسكى ماڭا ئالى مەكتەپتە ئوقۇش نىسىپ بولىمىغان شوڭا ھېكايە يازساممۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ كارتىنلىرىنى يېزىشقا ئامراقمەن. مېنىڭمۇ بىر ئوقۇتقۇچۇم بار ئىدى. ‹‹ ئۇ ماڭا يۈرىكىڭدە ئوت بولسىلا چوقۇم كۆزلىگەن مەنزىلىڭگە يېتەلەيسەن›› دىگەندى. مېنىڭ مەنزىلىم بولسا خەلىقنىڭ كۆزى بولۇش.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

39

تېما

94

يازما

402

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1009
يازما سانى:
94
تىللا:
308
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-28

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-15 10:47:08 | ئايرىم كۆرۈش
ئۆزخان يوللىغان ۋاقتى  2016-4-14 22:59
تولىمۇ ئەپسۇسكى ماڭا ئالى مەكتەپتە ئوقۇش نىسىپ بولىمى ...

مۇئەللىمىڭىز باھايىتى توغرا دەپتىكەن تىخىمۇ تىرىشىڭ  ئېنىم غەلىبە مەڭگەۈ تىرىشقانلارغا مەنسۇپ
ئەقىللىق ئايال ئېرىنى  پادىشا قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ پادىشانىڭ خانىشى بولۇپ ياشىسا
دۆت ئەقلى يوق  ئايال ئېرىنى قۇل  قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ قۇلنىڭ خوتۇنى بول

1

تېما

97

يازما

321

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1008
يازما سانى:
97
تىللا:
224
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
71 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-21
5#
ۋاقتى: 2016-4-15 22:51:24 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭ سىنىپىمدا ئۇنچە قىزىقارلىق ئىشلا يوق.  لىكىن مەن دەرستىن سىرت ئوقۇۋاتقان كۇرۇستا دەھشەت قىزىقارلىق ئىشلا يۈز بىردۇ. بۇ كۇرۇستا رىمنۇتچىدىن تاتىپ ناۋايغىچە ھەممىسى بولغاچقا ھەممىسى ئۆزىنىڭ گىپىنى قىلىپ دەھشەت كۈلكىلىك گەپلە بوپ كىتدۇ. ئاساسەن جۈملە تۈزگەندە چىقىدۇچۇ قىزقارلىق گەپلە.  بىر  بالا با 11~12 ياشلادىكى قورقۇنۇشلۇق گەپ قىلىشقا بەك ئۇستا. ئىسمى مۇھەممەد تېخى. بىر كۈنى مۇئەللىم ئالماشتۇرۇش دېگەن خەتكە جۈملە تۈزۈپ بېقىڭلا دەپتىكەن. مۇھەممەد سەكرەپلا تۇرۇپ : ئۇلا ئادەم بىلەن پۇلنى ئالماشتۇرماقچى دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىم نەدە شۇنداق .ئىش باكەن دېسە كىنولىدا شۇندا قىلتىكانيا دەيدۇ. جۈملە تۈزۈڭلا دەپ بوغىچە ئورنىدىن تۇرۇپ دەپ بولىدۇ. دەيدىغان گەپلىرى شۇ  ‹مەن ئەتە بانكا بۇلىماقچى› ‹مەن  ئۇنىڭ پۇلىنى ئەپ قېچىپ كەتتى› ‹ ئۇلا بۈگۈن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويدى›  دېگەندەكلا گەپلەنى قىلىدۇ.   يەنە بىرسى با ئۇمۇ مۇھەممەد بىلەن تەڭتۇش. ئابدۇللا ئىسمى    ھەرقاندا گەپ قىلغاندا بازا دېگەن سۆزنى قوشمىسا گەپ قىلمايدىغان .  مۇئەللىم جۈملە تۈزۈڭلا دەپ بوغىچە بازا دەپلا چۈشىدۇ.‹ئۇلا بازادا كۆرۈشتى › ‹ئۇلا بازاغا چىقتى› ‹ئۇلا بازادىن نەرسە ئالدى›‹مەن ئاپام بىلەن بازاغا چىقتىم› ‹ دادام بازاغا باماقچى› دېگەندەك...  قايسى كۈنى مۇئەللىم   ساقلاپ تۇرماق قا جۈملە تۈزۈڭلا دېسە ئابدۇللا  قول كۆتەدى يانا شۇ بازا دەيدىغىنىنى بىلىپ مۇئەللىم كۆمىگەن بوپ تۇرۋاسىمۇ قولنى بەك   ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرۋالدى  مۇئەللىم ئاخىر ھە قوپىڭە ئابدۇللا بازانى بى دەۋېلڭە دېسە قوپاپلا   ئۇ مىنى بازادا ساقلاپ تۇماقچى دەپتى ھەممەيلەن پاراققىدە كۈلشۈپ كەتتۇق. مۇئەللىممۇ ئۆزىنى تەستە توختىتىپ ئابدۇللا بازا دېگەن سۆزگە ھازىرلا 20 جۈملە تۈزىڭە دېسە  قىلچە دۇدۇقلىماي  ئانام بازاغا چىقتى دادام بازاغا چىقتى مەن بازاغا چىقتىم  مەن بازاغا چىقماقچى مومام بازاغا چىقتى . بوۋام بازاغا چىقتى   ئانام بازادىن نەرسە سېتۋالماقچى دادم بازادىن پايپاق ئالدى ئانام بازادىن لۆڭگە ئالدى  دەپ  سىنىپتا خېلى ئۇزۇنىچە كۈلۈشۈپ كەتتۇق.   ئىشقىلىپ دېسەم گەپ جىق .  كۇرۇسقا ھەر قېتىم باسام دەھشەت خۇشال قايتىمەن.  ئىشقىلىپ ئۇ كۇرۇس بىزگە 2 سائەتلىك ئۆگۈنۈش ئەمەس. 2 سائەتلىك كۆڭۈل ئېچىشتەك بىلىنىدۇ.
مەن كىم؟

39

تېما

94

يازما

402

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1009
يازما سانى:
94
تىللا:
308
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-28

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

6#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-16 00:04:29 | ئايرىم كۆرۈش
زۇھەل0201 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-15 22:51
مىنىڭ سىنىپىمدا ئۇنچە قىزىقارلىق ئىشلا يوق.  لىكىن مەن  ...

ھا ھا ھا   دىمىسىمۇ راس  ھازىرقى ئادەملەرنىڭ  تولىسى شۇنداق  يۇمۇرلۇق گەپلەرنى قىلىدۇ  
ئەقىللىق ئايال ئېرىنى  پادىشا قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ پادىشانىڭ خانىشى بولۇپ ياشىسا
دۆت ئەقلى يوق  ئايال ئېرىنى قۇل  قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ قۇلنىڭ خوتۇنى بول

0

تېما

119

يازما

366

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 671
يازما سانى:
119
تىللا:
245
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
31 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-21

كۆيۈمچان ئەزا

7#
ۋاقتى: 2016-4-20 17:16:46 | ئايرىم كۆرۈش
تولۇقسىزدىكى   ۋاقىتلرىمدا   قىزارلىق ئىشلا  بەك كۆپتى
شاھزاد
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:16 , Processed in 0.136559 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش