ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 245|ئىنكاس: 9
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

‹‹ئا››ھەرىپى بىلەن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر(01)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

60

تېما

125

يازما

987

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 526
يازما سانى:
125
تىللا:
832
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
70 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-11

كۆيۈمچان ئەزا


                ‹‹ئا››ھەرىپى بىلەن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر

  ئاچ بولساڭ، نان چۈشەيسەن.
ئاچ ئېيىق ئوينىماس.
ئاچ ئىت تاياقتىن قورقماس.
ئاچ ئىتنىڭ چۈشىگە سۆڭەك كىرەر.
ئاچ ئىتقا ئاش بەرسە، توق ئىت غىڭشىيدۇ.
ئاچ كىشىنىڭ ئاچچىقى يامان.
ئاچ مېلىم بار مېلىم ، توق مېلىم يوق مېلىم .
ئاچ ئۆلگەندىن توق ئۆلگەن ياخشى.
ئاچ ئۆيدە قېتىق ئۇيۇماس.
ئاچ قالغانغا نان ياقتۇرما، مۇزلىغاندا ئوت ياقتۇرما.
ئاچ قالغىچە ، يالىڭاچ قال.
ئاچ قالمىغان ئاچلىقنى بىلمەس.
ئاچ قالمىغۇچە ئاشنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
ئاچ قوساققا سۆز ياقماس.
ئاچ قورسىقىم، تېنچ قورسىقىم.
ئاچ توق بىلەن ئوينىمايدۇ.
ئاچنىڭ چۈشىگە ئاش كىرەر.
ئاچنىڭ دەردىنى(ھالىنى) توق بىلمەس.
ئابدال سەمىرمەس، ئوغرى بېيىماس.
ئابرويۇڭنى ياشتىن ساقلا، چاپىنىڭنى يېنىدىن.
ئاجىز ئەيىبكار بولۇر،كۈچلۈك بىگۇناھتۇر.
ئاچنىڭ ئۇيقۇسى كەلمەس.
ئاچتىن ئۆلگەن بېخىلنىڭ قوينىدا بىر توغاچ.
ئاچلىق ئاغرىقتىن يامان.
ئاچلىق كىشىگە يېلىنىشتىن ياخشى.
ئاچلىق نېمە يىگۈزمەيدۇ ، ئاچچىق نېمە دېگۈزمەيدۇ.
ئاچلىققا ھىچ كىشى ئۆلمەس.
ئاچلىقتا تۇتقان قاچاڭنى توقلۇقتا تاشلىما (- ئۇنتۇما)
ئاچلىقتىن ئۆلسەڭمۇ، ئاتا-ئاناڭنى تاشلىما.
ئاچچىق ئادەمگە دۈشمەن.
ئاچچىق ئالدىدىن يۈرەر، ئەقىل كەينىدىن.
ئاچچىق ئەقىلنى كېسىدۇ.
ئاچچىق كەلگەندە، ئەقىل قاچىدۇ.
ئاچچىقنىڭ كەلگەندە سول قولۇڭ ئوڭ قولۇڭغا يار بولسۇن.
ئاچچىقنىڭ كەلسە، بارمىغىڭنى تىشلە.
ئاچچىقنىڭ دورىسى سۈكۈت قىلماق.
ئاچچىق بولساڭ تۇزدەك بول ، تاتلىق بولساڭ بالدەك بول.
ئاچچىق تەر تۆككەن ، تاتلىق يەر.
ئاچلىقنى بىلمىگەن، تاتلىقنى بىلمەس.
ئاچكۆز تويماس، بېخىل بېيىماس.
ئاچكۆزنىڭ ئەقلى كەم، كۆزى تويماس.
ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم.
ئادەم بالىسىنىڭ باھاسى ئىلىم بىلەن.
ئادەم بىلگەننى ئوقۇيدۇ، توخۇ كۆرگەننى چوقۇيدۇ.
ئادەم بولىمەن دېسەڭ، پۇلنى دوست تۇتما.
ئادەم ئەڭەك (ئەقلى) بىلەن كۆرۈنەر.
ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئەت.
ئادەم گۈلدىن نازۇك، تاشتىن قاتتىق.
ئادەم ھەممىگە باش.
ئادەم كۆركى يۈزدۇر، يۈزنىڭ كۆركى كۆز ، ئېغىز كۆركى تىلدۇر ، تىلنىڭ كۆركى سۆز.
ئادەم ئوتتۇز ، خۇدا توققۇز.
ئادەم قېرى بولغان بىلەن كۆڭلى قېرىماس، دەرەخ قېرى بولغان بىلەن يىلتىزى قۇرۇماس.
ئادەم قۇلاقتىن ، ھايۋان تۇياقتىن (سەمرىيدۇ).
ئادەم سۆھبەتتە بىلىنەر.
ئادەم تىلىدىن، ئېشەك قۇلىقىدىن.
ئادەم تۇغۇلغان يېرىدە ئەزىز، گۈل ئېچىلغان يېرىدە.
ئادەم يۈز يىل ياشىسا، سۆزى مىڭ يىل ياشايدۇ.
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئارتىس119-ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار، ياشاشنىڭ،سۆيۈشنىڭ،ئۆلۈشنىڭ!!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

60

تېما

125

يازما

987

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 526
يازما سانى:
125
تىللا:
832
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
70 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-11

كۆيۈمچان ئەزا

دېۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-25 00:22:00 | ئايرىم كۆرۈش
تېما مەنبەسى-qutyol
ئارتىس119-ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار، ياشاشنىڭ،سۆيۈشنىڭ،ئۆلۈشنىڭ!!

5

تېما

652

يازما

3268

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 681
يازما سانى:
652
تىللا:
2064
تۆھپە:
500
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
458 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-8

مۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-12-25 10:51:31 | ئايرىم كۆرۈش
ئانا  يۇرتۇڭ ئامان  بولسا  ، رەڭگى رويىڭ سامان بولماس .
ئالىم  بولساڭ ئالەم سېنىڭكى .
ئالتىنچى ئايدا ئالتە چاپان، ئون ئىككىنچى ئايدا كالتە چاپان.
ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ، ئون بەشى يورۇق.
ئانا كۆرۈپ قىز ئال،قىرغاق كۆرۈپ بۆز.
ئاياق يۈگرۈكى ئاشقا، ئېغىز يۈگرۈكى باشقا.
ئايرىلغاننى ئېيىق يەر،بۆلۈنگەننى بۆرە.

                                 
                                مەنمۇ      ئېسىمگە  كەلگەنلىرىنى يېزىپ قويدۇم .

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-12-25 11:09:02 | ئايرىم كۆرۈش
چېچەك يوللىغان ۋاقتى  2015-12-25 10:51
ئانا  يۇرتۇڭ ئامان  بولسا  ، رەڭگى رويىڭ سامان بولماس .
ئ ...

مىنىڭ قوشۇمچە  قىلىپ قويىدىغانلىىرىمنىڭ ھەممىسىنى سىز  يىزىۋاپسىز  ،  مەن ئەمدى سىزگە  ئەگىشەي !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

8

تېما

284

يازما

1207

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 751
يازما سانى:
284
تىللا:
893
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
230 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-11
5#
ۋاقتى: 2015-12-25 11:52:59 | ئايرىم كۆرۈش
مەن مۇشۇ ماقال-تەمسىللەرنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن،يوللىغۇچىغا تەشەككۈر.
ئادەمنى خار قىلىدىغىنىمۇ نىيەت،ئەزىز قىلدىغىنىمۇ نىيەت.

59

تېما

569

يازما

1647

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 725
يازما سانى:
569
تىللا:
988
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
163 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

جانلىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-12-25 16:29:27 | ئايرىم كۆرۈش
ئادەم بولمىساڭ ئەقلىڭ بىلەن، ئەخمەق بولىسەن ساقىلىڭ بىلەن.
كەتسەم ئەگەر يىراق جايلارغا.ئۇنۇتماڭلار ئەسەرلىرىمنى

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2015-12-29 11:27:02 | ئايرىم كۆرۈش
/forum.php? ... 5سىل
/forum.php? ... 5سىل
/forum.php? ... 5سىل

/forum.php? ... 5سىل
/forum.php? ... 5سىل
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار،ئويغۇر خەلقى ئېغىز تىلىغا باي تىل.ماقال-تەمسىللەر شەكلىنىڭ خىلمۇ خىللىقى ،چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭرىلىكى بىلەن بىزنى مول تىل مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.گەرچە مۇنبىرىمىز دە ماقال-تەمسىلگە دائىر تېمىدىن بىرقانچىسى بولسىمۇ ئىچىدىكى ماقال -تەمسىل ئوخشىمىغاچقا يەنىلا تەستىقلاندى.بۇرۇنقى ماقال-تەمسىللەردىن پايدىلانغۇچىلا ربولسا مەن يۇقىرىدا بۇرۇنقى تېما ئادىرىسىنى قىشتۇرۇپ قويدۇم.شۇڭا بىر تېمىنى ئىككى يەردە تەستىقلاپسەن دەپ مېنى ئارقا بەبتتە ئۇچۇر يېزىپ تەنقىدلەشكە بەك ئالدىراپ كەتمەي،سەل سوغۇققانراق بولساڭلارمۇ بولىۋېرىدۇ.ئوقۇغۇچى مۇنبىرىنىڭ باغرى كەڭ،ئۇنچىلىك ماقال تەمسىلنى پاتقۇزۇپ كېتەلەيدۇ.ماقال تەمسىل داۋاملىق باشتا تتوختاپ قېلىۋاتىدۇ.بولسا داۋامىنىمۇ يوللىساڭلاركەن دىگەن ئۈمىدتەمەن.
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

60

تېما

125

يازما

987

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 526
يازما سانى:
125
تىللا:
832
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
70 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-11

كۆيۈمچان ئەزا

8#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-5 05:28:53 | ئايرىم كۆرۈش

‹‹ئا››ھەرىپى بىلەن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر(02)


              ‹‹ئا››ھەرىپى بىلەن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر(02)



ئاغرىقنىڭ سانچىغى يامان، سۆزنىڭ ئاچچىقى (~ئىتنىڭ قانجۇقى).
ئاخچا ئاخچىغا قوشۇلىدۇ.
ئاخچا دېگەن ؟قولنىڭ كىرى.
ئاخچا تاپساڭ، ساناپ ئال.
ئالغۇچى ئارسلان، بەرگۈچى چاشقان.
ئېلىشنى ياخشى كۆرسەڭ، بېرىشنى يامان كۆرمە.
ئالماق ئوڭاي، بەرمەك تەس.
ئالماقلىق زېرەكلىك، بەرمەكلىك نادانلىق.
ئالماقنىڭ بەرمىگى بار چىقىشىڭ ئىنىشى.
ئالماقنىڭ ساتمىغى بار.
ئالماقتىن بەرمەك ئەلا.
ئالسام بەرمىسەم.

ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چال قۇيرۇق.
ئالا قاغا ئالمان بولسىمۇ، قارچىغىنىڭ ئورنىنى باسالماس.
ئالا قاغا بىلەن يۈرسەڭ، تېقىمىڭ پوق.
ئالا قاغىدا ئېلىشىڭ بولسۇن.
ئالدىدا كەلگەن ئورۇن ئۈچۈن، كېيىن كەلگەن تاماق ئۈچۈن.
ئالدىدا ئۇخلىدى، ئارقىدا مۇشتلىدى.
ئالدىن ئۆزۈڭنى تۈزە، ئاندىن باشقىنى.
ئالدىڭغا ماڭساڭ، كەينىڭگە قارا.
ئالدىراپ ئاشقا چۈشۈتۇ.
ئالدىرىغان ئىشقا شەيتان ئەگىشىدۇ (~ئارلىشار).
ئالدىرىغان مۇرادىغا يەتمەس.
ئالدىرىغان قالار، يۈرگەن ئالار.
ئالدىرىغان شەيتاننىڭ ئىشى.
ئالدىرىغاندا ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپتۇ.
ئالدىرىغاننىڭ ئوشۇقى تېيىپتۇ (سۇنار).
ئالدىرىغاننىڭ تاپىنى قىچىشار.
ئالدىرىما تېكەم بىر كۈنى ھارۇرسەن.
ئاينىڭ يورۇقى ئوغرىغا ياقماس.

ئاياق ئاستىدا قالدىم دەپ دېمە ۋاي، چىنە بولار كۆپ دەسسەلسە لاي.
ئاياق ئاستىڭغا قاراپ باش، يىقىلىسەن.
ئاياق ئاتلىمىسا، باش يۈگۈرمەيدۇ.
ئاياق يۈگرۈكى ئاشقا، ئېغىز يۈگرۈكى باشقا.
ئايىغى كۆيگەن توخۇدەك.
ئايغىر قاچسا، ئۈيۈرىدىن تاپ.
ئاينىپ كەتكەن دوست ئەمەس.
ئايرىلغان قوينى بۆرە يەر.
ئايرىلغاننى ئېيىق يەر،بۆلۈنگەننى بۆرە.
ئايرىلغاننى قار باسار، بۆلۈنگەننى بوران.
ئاز بولسىمۇ، ساز بولسۇن.(~ئاز قىل، ئۇز قىل).
ئاز ئېشىم غوغىسىز بېشىم.

ئاز گەپ قىلغاندىن جىق گەپ قىلغىنى ياخشى.
ئاز سۆز غوغىسىز سۆز.
ئاز سۆزلە، كۆپ ئاڭلا،ئاز يە، كۆپ چاينا.
ئاز سۆزلە، كۆپ ئىشلە.
ئاز سۆزلىسەڭ، كۆپ ئاڭلايسەن.
ئاز سۈتلۈك ئىنەك كۆپ مۆرەيدۇ.
ئاز يېگەن ئون يەر، جىق يېگەن بىر يەر.
ئاز يىغساڭمۇ ھالال يىغ.
ئازدىن جىقى ياخشى.
ئازغا كۆنمەس ياخشىلىق كۆرمەس.
ئازغا قانائەت قىلمىغان كۆپتىن قۇرۇق قاپتۇ.
ئازغا رازى بول.
ئازنى بىلمىگەن كۆپنى بىلمەس.


تېما مەنبەسى-qutyol تورى
ئارتىس119-ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار، ياشاشنىڭ،سۆيۈشنىڭ،ئۆلۈشنىڭ!!

5

تېما

652

يازما

3268

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 681
يازما سانى:
652
تىللا:
2064
تۆھپە:
500
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
458 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-8

مۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2016-1-5 17:40:32 | ئايرىم كۆرۈش
ماۋۇ  تېما  بىرە  ھەپتە  كىيىن     يوللانسا  بولمامدۇ     دەيمەندە  ،   

مەن    مۇنداق   ئويلاپ قالدىم   ئ‍ىلگىرىكى   تىمىڭىزنىڭ  ئ‍ارقىغىلا   يوللىغان  بولسىڭىز  ،  كىيىن   ئ‍ىزدەشكە  قولايلىق   بولاتتى  .   

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

10#
ۋاقتى: 2016-1-6 07:14:50 | ئايرىم كۆرۈش
چېچەك يوللىغان ۋاقتى  2016-1-5 17:40
ماۋۇ  تېما  بىرە  ھەپتە  كىيىن     يوللانسا  بولمامدۇ     دە ...

ئوخشاش پىكىر
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:52 , Processed in 0.127836 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش