|
تۈركى تىللار دىۋانى
«تۈركى تىللار دىۋانى» ئۇيغۇرلارنىڭ 11-ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر ئالىمى، تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرى تەرىپىدىن يېزىلغان ئەڭ نادىر، مەشھۇر قەدىمى يادىكارلىقى.
«تۈركى تىللار دىۋانى»دا ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركى قەبىلىلەرنىڭ تىلى ۋە تىل پەرقى توغرىلىق ئەينى ئۇچۇر ۋە تۈركچە-ئەرەبچە لۇغەت بولۇش بىلەن بىرلىكتە تۈركى ئاتالغۇلار ۋە تۈركى قەبىلىلەر تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان ۋە بۇ قەبىلىلەرنىڭ تارىخىغا دائىر مەلۇماتلار بېرىلگەن. شۇ زامانلاردا ئىسلام پەلسەپىسى بىلەن قاراش ھۆكۈمران ئورۇندا تۇراتتى، لېكىن مەھمۇت قەشقىرى دىنىي، ئىدىيۋى چەكلىمىگە قارىماي تۈركى خەلقلەرگە دائىر بىر مۇنچە تارىخى ۋەقەلەرنى مۇمكىن قەدەر ئەينەن يېزىپ قالدۇرغان. مەھمۇت قەشقىرى بايان قىلغان ئەھۋاللار ئەرەپ، پارىس سەيياھلىرىنىڭ خاتىرلىرىگە ۋە خەنزۇچە تارىخ كىتابلىرىدا قەيت قىلىنغان بەزى ۋەقەلەرگە توغرا كېلىدۇ، بەلكى بۇلارنىڭ مۈجمەل بولغان جايلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. مەھمۇت قەشقىرى ئەرەبچە ئەسەر يازغان ئاپتورلار ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى پەقەت كىتاپلاردىنلا ئالماي خەلق ئارىسىدىكى جانلىق پاكىتلار ۋە رىۋايەتلەر ئاساسىدا يارىتىپ بەرگەن يېگانە ئاپتور.
«تۈركى تىللار دىۋانى» دا تۈركى قەبىلىلەر ياشىغان جايلار بولۇپمۇ قاراخانىلار نىڭ شۇ زاماندىكى تېررىتورىيىسى، شۇنىڭدەك تۈركى قەبىلىلەر بىلەن خوشنا ئەللەرگە دائىر جۇغراپىيە ۋە ناملارنىڭ مەشھۇرلىرى بېرىلگەن. ھەتتا بۇ ناملار پەقەت ئادەتتىكى نام سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەزىلىرى بىرەر مۇھىم ۋەقەگە بېغىشلاپ تونۇشتۇرۇلغان. مەھمۇت قەشقىرى يەنە تۈركى خەلقلەر جايلاشقان كەڭ دىيارنى يەر يۈزىنىڭ يۇمۇلاقلىغى ئۇقۇمى بويىچە قىياسەن خەرىتە سىزىپ بەرگەن. ئاپتورنىڭ ئۆز تىلى بويىچە «دائىرە» دەپ ئاتالغان خەرىتە ئاسىيانىڭ شۇ كەمگىچە يېتىپ كەلگەن ئەڭ مۇكەممەل ئەڭ قەدىمى خەرىتىسىدۇر. بۇنىڭدا تاغلار، دېڭىز، دەريالار ۋە كۆللەر ئاددى ۋە گىئومېتىرىك شەكىلدە ئىپادىلەنگەن. مۇھىم شەھەر ۋە قەبىلىلەرنىڭ جايلاشقان ئورنى كۆرسىتىلگەن.
تۈركى تىللار دىۋانىدا نۇرغۇن سۆزلەملەرنىڭ ئىستىمال مەنىسى جانلىق ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئەدەبىي پارچىلار بېرىلگەن. بۇ ئەدەبىي پارچىلار بىز ئۈچۈن تۈركى خەلقلەرنىڭ قەدىمى باي ئەدەبىي مىراسلىرىنىڭ نەمۇنلىرى ھېساپلىنىدۇ. «تۈركى تىللار دىۋانى»غا تۈرلۈك تېمىدا جەمئى 842 كۇبلېت ئەدەبىي پارچە كىرگۈزۈلگەن. بۇ ئەدەبىي پارچىلارنى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن 4 چوڭ تۈركۈمگە بۆلۈشكە بولىدۇ : بىرىنچى، داستانلار، يەنى تاڭغۇتلار بىلەن بولغان جەڭ، قەبىلىلەر ئارا توقۇنۇشلار، دىنى مۇناسىۋەت تۈپەيلىدىن مۇسۇلمان بولغان «تۈرك»لەرنىڭ ئۇيغۇر «تات» لارغا قارشى قىلغان يۈرۈشلىرى، تۈركەشلەر ۋە ياباقۇلار بىلەن بولغان ئۇرۇش جۈملىدىن توققۇز ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتىپاقىدىكى چوڭ قەبىلىلەرنىڭ ئۆز ئارا جەڭگى –جېدەللىرى ھەققىدىكى داستانلاردىن پارچە، ئىككىنچى، مەرسىيلەر، ئۈچنىچى قوشاقلار، تۆتىنچى، ساقنامە ۋە ئوۋچىلىق توغرىسىدىكى قوشاقلار. «تۈركى تىللار دىۋانى» بېرىلگەن ھىكمەتلىك سۆزلەر، ماقال تەمسىللەر 200دىن ئاشىدۇ . «تۈركى تىللار دىۋانى»دا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلىرىنىڭ ماددى ھەم مەدىنى تۇرمۇشقا دائىر خېلى ئەھمىيەتلىك مەلۇماتلار بېرىلگەن. (دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، تېبابەت، تۇرمۇش ئادىتى، ھۈنەر سەنئەت...) «تۈركى تىللار دىۋانى»دا ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشقا دائىر قەدىمقى ۋە ئۆز زامانىسىدىكى ئاتالغۇلار، شۇنىڭدەك ھاكىمىيەت دەرىجىلىرى، ھۆكۈمرانلار تەبىقىلىرى ۋە ئۈنۋانلىرى خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ.
«تۈركى تىللار دىۋانى»دا كالىندارچىلىق ۋە ئاستىرنومىيەگە دائىر مەلۇماتلار بېرىلگەن . مەھمۇت قەشقىرى تۈركى تىللار دىۋانىنى تۈزۈشتە پۈتۈن تۈركى تىللارغا ئورتاق بولغان بىر تىلىنى ئاساس قىلىشى شەرت ئىكەنلىكىنى ۋە تۈركى تىلنى تونۇشتۇرۇشتا ئەلۋەتتە ئەنە شۇنداق ۋەكىللىك خاراكتېردىكى تىلنى تونۇشتۇرۇش زۆرۈر ئىكەنلىگىنى ياخشى چۈشەنگەن. 11-ئەسىردە بارلىق تۈركى تىللارغا ئورتاق بولغان يېزىق ئەدەبىي تىلى بار ئىدى، بۇ تىل 10-ئەسىردىن ئىلگىركى قەدىمقى ئۇيغۇر تىل ئەنئەنىسىنى ساقلىغان ھالدا، يېڭى ئىجتىمائىي شارائىتتا شەكىللەنگەن ئەدىبى تىل ئىدى. تۈركى تىلىدا سۆزلەشكۈچى خەلقلەر زېمىن جەھەتتىن بىر قەدەر تۇراقلاشقان دەۋردىن يەنى 5-ئەسىردىن تارتىپ، ئۇلارنىڭ تىللىرى شەرقى تۈركچە ۋە غەربى تۈركچە دەپ ئىككى چوڭ قاناتقا بۆلۈندى. ئىسسىق كۆلنى مەركەز قىلغان «تېلې»لەرنىڭ ئوڭ قانىتى غەربى تۈرك تىلىدا سول قانىتى شەرقى تۈرۈك تىلىدا سۆزلەشكۈچى قەبىلىلەر توپلىرى ئىدى. غەربى قاناتتىكى قەبىلىلەرنىڭ ئاساسىنى ئوغۇز تۈركلىرى، قىپچاقلار تەشكىل قىلاتتى، شەرقى قاناتتىكى قەبىلىلەر توپىنىڭ ئاساسىنى توققۇز ئوغۇزلار يەنى توققۇز ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلاتتى. بۇلارنىڭ تىلى «قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى» ئىدى. 10-ئەسىردىن كېيىن ۋە مەھمۇد قەشقىرى دەۋرىدە بۇ ئىككى گۇرۇپپا تىلدىن غەربى قىسىمدىكى خەلقلەر تىلى «ئوغۇز تىلى»دەپ شەرقى قىسمىدىكى خەلقلەر تىلى «تۈرك تىلى»دەپ ئاتالدى. بۇ «تۈرك تىلى قەدىمقى تۈرك (كۆك تۈرك) ۋە قەدىمقى ئۇيغۇر ئەدىبي تىلىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى بولۇپ، ئۇ قاراخانلار نىڭ مەركىزى ئۆلكىسىدىكى چوڭ شىۋىنى ئاساس قىلغان ئورتاق ئەدىبي تىل ئىدى. شۇڭا ئالىم مەھمۇت قەشقىرى قاراخانىلار نىڭ مەركىزى ئۆلكىسىدە ياشىغۇچى خەلقنىڭ تىلىنى ئومۇمى ئەدىبي تىلنىڭ ئاساسى دەپ ھېساپلىغان ۋە ئۇنىڭغا «خاقانىيە تىلى » دەپ نام بەرگەن.
"قۇتادغۇبىلىك"
"قۇتادغۇبىلىك" سىياسەت، دىن، پەلسەپە، ئىدېئولوگىيە، ئېتىكا، ماتىماتىكا، ئاسترونومىيە، ھەربىي ئىشلار، قانۇن، دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قاتارلىق نۇرغۇن تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇڭا، ئۇ بىر ئەدەبىي ئەسەر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۇرۈرۈپ بېرىدىغان بىر قامۇستۇر. شۇ سەۋەپتىن، كۆپلىگەن ئالىم، مۇتەخەسىسلەر "قۇتادغۇبىلىك" نىڭ بەدئىيلىكىنى ۋە تىلىنى تەتقىق قىلىشتىن سىرت، يەنە ئۇنىڭ باشقا جەھەتلىرىنىمۇ تەتقىق قىلدى. ئۇلارنىڭ بەزى ئەسەرلىرىدە "قۇتادغۇبىلىك" نىڭ قۇرۇلمىسى ۋە شەكلى ئۈستىدە پىكىر قىلىندى. ۋەھالەنكى، بەزى ئەسەرلەردە مۇئەللىپ نىمە سەۋەپتىن شۇنداق قۇرۇلما ۋە شەكىلنى قوللىنىپ "قۇتادغۇبىلىك" نى يازغان، دېگەنگە قارىتا تۇلۇق چۈشەنچە بېرەلمىدى.
ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى تەتقىق قىلىش مۇھىم، ئەدەبىي ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى ۋە شەكلىنى تەتقىق قىلىشمۇ مۇھىم. چۈنكى ئەسەرنىڭ شەكلى بىلەن مەزمۇنى زىچ مۇناسىۋەتلىك.
« قۇتادغۇ بىلىك » ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادى 11-ئەسىردىكى شەرقى قاراخانىلار دەۋرىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرىپىدىن يېزىلغان بەدىئىي قامۇس بولۇپ داستاننىڭ بىزگىچە ئۈچ خىل قوليازما نۇسخىسى يېتىپ كەلگەن.ئۇنىڭ بىرى:كونا ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن 1439-يىلى ھىراتتا كۆچۈرۈلگەن ھىرات ياكى ۋىنا نۇسخىسى، ئىككىنچىسى14-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئەرەب يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈلگەن مىسىر ياكى قاھىرە نۇسخىسى،ئۈچىنچىسى 12-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەرەب يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈلگەن، ئەڭ قەدىمىي ۋە تولۇق نۇسخا نەمەنگان ياكى پەرغانە نۇسخىسى.
«قۇتادغۇبىلىك» ئۆز زامانىسىدا دۆلەت باشقۇرۇشنىڭ ئوبدان قوللانمىسى سۈپىتىدە شۆھرەت قازىنىپ داڭق چىقارغان. شۇڭا بۇ ئەسەر قايسى پادىشاھ ۋە قايسى ئەلگە يېتىپ بارسا، شۇ ئەلنىڭ ھاكىم ۋە ئالملىرى قوبۇل قىلىپ، ئالاھىدە ناملارنى بەرگەن.چىنلىقلار«ئەبەدۇل مۈلۈك»،ماچىنلىقلار«ئاينۇل مەملىكە»، شەرق مەملىكەتلىرىدە «زىننەتۇل ئۇمرا»، ئىرانلىقلار«شاھنامەئى تۈرك» ۋە بەزىلەر «پەندەنامەئىي تۈرك» دېگەن ناملار بىلەن بايان قىلىدۇ. قارا خانىلار خانى ھەسەن بىننى سۇلايمان ھارۇن بۇغراخاننىڭ بۇ كىتاب ئۈچۈن ئاپتورغا «خاس ھاجىپ» دېگەن نامنى بەرگەنلىكىمۇ كىتابنىڭ زور شۆھرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدىغان بىر پاكىت. قۇتادغۇبىلىكنىڭ بۇنچىلىك شۆھرەت قازىنىشى سەۋەبسىز ئەمەس،چۈنكى بۇ ئەسەردە ئۆزدەۋرىگە نىسبەتەن ئەڭ ئىلغان دۆلەت باشقۇرۇش ئۇسۇلى ۋە ئەڭ ئىلغان ئىدىيىلەر جەملەنگەن بولۇپ،دەۋرنىڭ تەرەققىپەرۋەرلىك خاھىشلىرى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، ئاپتور ئۇلۇغ ئەدىب سۈپىتىدىلا ئەمەس،بەلكى ئۇلۇغ بىر پەيلاسوپ ۋە ئالىم سۈپىتىدە دۇنيا ۋە ئىنسانىيەت ھەققىدە، دۆلەت ۋەجەمىيەت، ئەخلاقىي پەزىلەت ھەمدە ئىلىم-مەرىپەت ھەققىدە ئاجايىپ قىممەتلىك پىكىرلەرنى بايان قىلغان. ياخشى خىسلەت، ئار-نومۇس، ئادالەتنى ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق، تەييارتاپلىق، يالغانچىلىق، خەسسىسلىكنى زىيانلىق دەپ ھېسابلاپ،شۇ ئاساستا ئاپتور ئادالەت، بەخت-سائادەت، ئەقىل-ئىدراك ۋە قانائەتتىن ئىبارەت تۆت سىمۋولنى دۆلەت باشقۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان شەرت قىلىپ جانلىق شېئىرى تىل ئارقىلىق ئىپادىلىگەن.
|
|
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.
|
|
|
|
|