بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەپچىلەم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-11 14:30
بار ئىدى مېنىڭدە پەقەت بىر يۈرەك
يۈرەككە دەز كەتتى شۇ بىر گەپ بىلەن ،
كۆزۈمدىن ياش ئەمەس ئاقتىغۇ قېنىم . سۆز ئاچتىڭ_(ئايرىلىپ كېتەيلى بولدى ، دېمىگىن بولدى بەس دېمىگىن جېنىم .) ئۆتۈنەي ئاغزىڭدىن چىقارما بولدى ، ئايرىلىش مەن ئۈچۈن ئالەمچە ئازاپ . دېسەممۇ شۇنچىلىك پەرۋاسز تېخى ، ھالىمغا تۇرىسەن ھىجىيىپ قاراپ . يالۋۇردۇم ، نە ئامال كۆيۈپ قاپتىمەن ، ھىدىڭغا ،شۇ تاتلىق كۈلۈشلىرىڭگە. شۇ سۆزۈڭ دەرتلىرى سۆڭەكتىن ئۆتتى ، ئەرزىمەس بولدۇممۇ سۆيۈشلىرىڭگە . سۆيۈلدۈڭ،سۆيۈلدۈم،سۆيگەنتىم سېنى ، بارلىقىم بىلەتتىم شۇ سىمايىڭنى . تىلەيتىم بىر ساڭا ئالەمچە بەخىت ، ئاھلىغۇم كەلمەيتى سېنىڭ ئاھىڭنى . سـاڭىـلا ئاتالغـان پاك مۇھـابـبىتىم ، سۆيگۈمدىن ھەيرەتتەقارايتى ھەممە. كۈلەتتىڭ باغرىمدا تاتلىق ۋىلىقلاپ . بەزلەيتىڭ(جانىم دەپ يېنىمدىن كەتمە.) يۈرەككە بىلمەيلا تۇتىشىپ قاپتۇ ، يۈرەكىڭ ئوتلىرى، ئۈزۈلمەس سۆيگۈ. بولۇپسەن مەن بىلەن بىر گەۋدە بىر جان، قەلبىمدە ھاياجان ، رومانتىك تۇيغۇ . سۆيگۈمگە باشقىلار قىلغاندەك ھەسەت، سۆز ئاچتىڭ،كۆزۈمدىن تۆكۈلدى قان ياش . بولساممۇ بىر يىگىت بېرەلمىدىم مەن ، شۇ ئېيىتقان سۆزۈڭنىڭ دەردىگە بەرداش . سۆزلىدىڭ(كەچۈرگىن،كەچۈرگىن پەقەت، تىلىگىن، بەختىمچۈن مەڭگۈگە تىلەك ). يوقالغىن يۈرەكنى قىلدىڭغۇ لەختە ، بار ئىدى مېنىڭدە پەقەت بىر يۈرەك.
مەنبەسى:ئەپچىلەم |