- جۇغلانما
- 200

بايلىق- 123 دانە
شۆھرەت- 0 سەر
ئوقۇغۇچى
|
ئالان موررىس شوم (ئامېرىكا)
ناپولېئون بوناپارت
پۈتكۈل ھايات شەجەرىسى
ئا. ئابدۇلھەق بوران تەرجىمىسى - 2016
Napoleon Bonaparte: A Life
Alan Schom
خارپېر كوللىنس نەشرىياتى - 1997
艾伦•肖姆[美]
拿破仑大传
www.bookbao.com
2010
مۇندەرىجە
ئاپتورنىڭ كىرىش سۆزى
1-بۆلۈم توپچىلار كاپىتانى: ۋەتىنى بىر قۇتقازغۇچىغا مۇھتاج
1. خەۋىپلىك كورسىكالىق
2. پىشانىسىغا پۈتۈلگەن يول
3. ئىسكەندىروننىڭ يېڭى ئىپىراتورى
4. ئاچا يول ئېغىزىدا
5. قارار
6. دېڭىز پىلوتى
7. ئىكىسپوپنىڭ زېمىنى
8. بوستانلىق
9. مەغلوبىيەتنىڭ شەپىسى
10. تىۋولى ۋە بېيوند
11. دەمەشىق يولى
12. سىياسىي ئۆزگىرىش شەپىسى
2-بۆلۈم بىرىنچى قېتىملىق ھاكىمىيىتى: ئۇنىڭغا تەڭرىمۇ غىڭ قىلالمايتتى
13. تۇمانلىق ئايدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش
14. ئۈچ كىشىلىك ھاكىمىيەت
15. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى
16. بايلىق تاماسىدىكى گوبىرناتور
17. تاما قىلغۇچى
18. ئارچا بايرىمى كېچىسىدىكى سۈيىقەست
19. ئىنقىلابنىڭ ئاخىرلىشىشى
20. قايتا ئۇرۇش قوزغاش
3-بۆلۈم فرانسىيە پادىشاھى: بىر ئادەمنىڭ تەڭداشسىز ئەقلى
21. مۇراسىم
22. نومۇسسىز سودا
23. بوناپارت ئويۇنى
24. ئاۋۇستېرلىتزدا ياڭرىغان تۇنجى ماتەم ساداسى
25. ئىمپىرىيە مارشى
26. بارسا كەلمەس يول
27. ئىبېرىيە
28. يەنە بىر قېتىملىق ئەجەللىك خاتا
29. يەنە بىر مەيدان دوناي ئۇرۇشى
30. ۋاگرام
31. كۈزلۈك ئېچىلغان ئەتتىر گۈل
32. ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغۇراق ئاۋازى
4-بۆلۈم سان ھېلېنا ئارىلىدىكى مەھبۇس: تاممەش ئالدىدا -1
33. رۇسسىيە
34. مالېت ئۆزگىرىشى
35. ھالاكەت سەپىرى
36. ساكسون دالا ئۇرۇشى
37. لېيپزىگ
38. كازاكلار كېلىۋاتىدۇ
39. پاراكەندىچىلىك ۋە تارمار
40. يا ئىستىلا يا تارمار
41. قەھرىماننىڭ ھالاكىتى
خاتىمە859
ئاپتورنىڭ كىرىش سۆزى
"1991-يىلى سىنتەبىردە، بورودىنوغا ئاتلىنىشىمىزدىن بىر قانچە ھەپتە ئاۋال بىر دېھقان ئات قوشۇلغان ساپان بىلەن يەر ئاغدۇرىۋېتىپ ئىككى جەسەت ئىسكىلىتىگە دۈچ كەلگەن: بۇلاردىن بىرسى بىر گېنېرالنىڭ، يەنە بىرسى بولسا بىر پىيادە ئەسكەرنىڭ ئىسكىلىتى ئىكەن" دەپ يازىدۇ بارون دې مېنېۋال 1996-يىلى 26-فېۋرال كۈنى ماڭا يازغان خېتىدە. بۇ جەسەت سۈڭەكلىرىنىڭ ھەممىسىلا رۇسىيە تەرەپكە قارىتىپ كۆمۈلگەن بولۇپ، گېنېرالنىڭ جەسىدى بىر بولسا كومپېرەنىڭ ياكى بولمىسا مارىيون بولىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدۇق. بۇ ئىككىلا گېنېرال شۇ يەردە باشلانغان ئۇرۇش ئوپىراتسىيە جېڭىدا قۇربان بولغان. پىيادە ئەسكەر بولسا داتلىشىپ چىرىپ كەتكەن مىلتىقى بىلەن شتىكىنى چىڭ قاماللاپ ياتقان ھالەتتە كۆمۈلگەن. بورودىنو مۇزىي خادىمى بارونغا ئۆتكەن بىر قانچە ئون يىل مابەينىدە 1812-يىلى 7-سىنتەبىردە كۆمۈلگەنلىكى ئېھتىمال بولغان ئونلىغان ئادەم ئىسكىلىتىنى قېزىپ چىقارغانلىقىنى ئېيتقان. 1993-يىلى سىنتەبىردە ئەيلاۋنى زىيارەت قىلىشقا بارغىنىمدا، بۇ بارون دوستۇم يەنە بىر يېڭى ئىسكىلىتنىمۇ كۆرگەنلىكىنى دېدى — بۇ سۈڭەكلەر بىزگە ئۆتكەن تارىخىي ۋەقەلەر بىزدىن بەك ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمىگەنلىكىنى، بىز بەزىدە تارىخنى ئۇنتۇپ كېتىشكە ئۇرۇنساقمۇ تارىخ ھەرگىز بىزنى ئۇنۇتمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەندەك قىلاتتى.
تارىخ مېنى ھەر دائىم ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ كەلدى. شۇنداقتىمۇ تارىخ دېگەندە پەقەت خان-پادىشاھلارنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن، ئۇرۇش ئوپىراتسىيىلىرىگە قۇماندانلىق قىلغان ھەمدە تىنچلىق كىلىشىملىرىنى ئىمزالىغانغا ئوخشاش تارىخىي ۋەقەلىكلەر جەدۋىلىگە ئوخشايدىغان زىرىكەرلىك يىلنامىلار بايانىدىنلا ئىبارەت بولماسلىقى كېرەك؛ گەرچە بۇ تۈردىكى بايانلار ھەممە نەرسىنى ئوچوق ئوتتۇرغا قويالىغاندەك قىلغىنى بىلەن بۇ تۈر تارىخ بايانلىرىدا كىشىلەرنىڭ ئەسلىمىلىرى چىقىرىپ تاشلىنىپ ۋەقەلىكتىكى ئەر ياكى ئاياللارغا، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى پۈتكۈل مۇھىتقا دىققەت قىلىش يېتەرلىك كەلمەيتتى. ئەگەر بۇ تۈردىكى ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى بىلەن بايان يېتەرسىزلىكلىرىدىن ساقلانماقچى بولىدىكەنمىز، مۇتلەق تۈردە رىياللىقتىكى ئىنسان تۇيغۇلىرى بىلەن پىكىر خىياللىرىنىمۇ بىرگە قوشۇپ بايان قىلىشقا مەجبۇرمىز. يەنى، كىتابخان مۇتلەق تۈردە ناپولېئون بوناپارتنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى خۇددى شۇ دەۋردە ياشىغاندەك ئۇ كىشىنىڭ شەخسى قىممىتىنى، ئائىلىسىنى، دوست-يارەنلىرىنى، ھەمرالىرىنى، قىيىنچىلىقلىرىنى، مىجەز-خاراكتېرىنى ۋە غايىلىرىنى بىرگە قوشۇپ ئويلىنىشى كېرەك.
مەن، نەچچە ئون يىل ئىلگىرى ناپولېئوننى مەخسۇس تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن ۋاقتىمدا شۇنى ھەيرانلىق بىلەن ھېس قىلدىمكى، ناپولېئوننىڭ پۈتكۈل ھاياتى تولۇق بايان قىلىنغان بىرمۇ تەرجىمىھال ئەسىرىنى ئۇچۇرىتالمىدىم. مەن يەنە، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مۇتلەق كۆپ قىسىم تەرجىمىھال ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بەزى تەرەپلىرىنى — بەك بولۇپ كەتسە ئۇنىڭ ھەربىي ئوپىراتسىيىلىرى، دېپلوماتىك سىياسەتلىرى ۋە ياكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ستراتىگىيىسى بىلەن سىياسىي ئىسلاھاتچىلىقى تەرەپلىرى ئۈستىدىلا توختىلىپ، ناپولېئوننىڭ بەكلا ئاز شەخسى ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىپ كۆرسىتىش بىلەنلا چەكلەنگەنلىكىنى سەزدىم. ئۆتكەن 150 يىل جەريانىدا، بۇ تۈردىكى تەتقىقات ئەسەرلىرىدىن مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن ئەسەر ئوتتۇرغا چىققانلىقىغا قارىماي ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈنلەي دېگىدەك ئۇنتۇلۇپ كەتتى.17* ئۇنىڭ ئۈستىگە ناپولېئون ۋە ئۇنىڭ قۇرۇپ چىققان ئىمپىرىيىسى ھەققىدىكى مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن ماقالىلارمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇنتۇلۇش تەغدىرگە دۇچار بولدى. ھاياتىمنىڭ بىر قانچە يىلىنى بۇنداق جاپالىق ۋەزىپە ئۈچۈن سەرىپ قىلىش قارارىغا كېلىشىم، يەنى كەڭ كۆكلەمدىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قول تەتقىقاتلار ئارقىلىقلا قولغا كەلتۈرۈشكە بولىدىغان شەخسى بايانلارنى بىر يەرگە يىغىپ تولۇق تەرجىمىھال ئەسىرىنى ئوتتۇرغا چىقىرىش قارارىغا كېلىشىم ھەرگىزمۇ يەڭگىللىك بىلەنلا ئالغان بىر قارار ئەمەس ئىدى.
مەن، 1987-يىلى ياز ئايلىرىدىن باشلاپلا ناپولېئون تەتقىقاتى ئىشىغا كىرىشكەن ئىدىم. شۇنى ئېتراپ قىلىمەنكى، دەسلىۋىدە بۇ ئىشىم پەقەت ئىشتىن سىرتقى بىر قوشۇمچە قىزىقىشلا ئىدى. مەن ئۇنىڭ ئەنگلىيىگە تاجاۋۇز قىلىشقا ئۇرۇنۇشىنى، فرانسىيە-ئىسپانىيە بىرلەشمە فلوتىنىڭ ترافالگار دېڭىز ئۇرۇشىدا نېلسون فلوتى تەرىپىدىن ئېغىر چىقىمدار قىلغانلىقى، شۇنىڭدەك ئاۋۇستېرلىتز بىرلەشمە مەيدان ئوپېراتسىيىسى دېگەندەكلەر ئۈستىدە تەتقىقات قىلىشقا كىرىشكەن ئىدىم. شۇ ئاساستا «ناپولېئوننىڭ يۈز كۈنلۈك ئىمپېراتورلۇقى» دېگەن ئەسىرىمنى يېزىپ چىققان ئىدىم. بۇ كىتابىمدا ناپولېئون ئاق دېڭىز (ئوتتۇرا دېڭىز) نىڭ ئەلبا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغانلىق ۋەقەسىگە چېتىشلىق بايانلارمۇ بار ئىدى؛ ئۇ كىتابتا ناپولېئون فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىدىن قۇرۇغلۇققا چىقىپ پارىژغا قاراپ يۈرۈش قىلىشى؛ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ فرانسىيىگە قارشى ئاتلانغان بىرلەشمە قوشۇنلار بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىشى؛ ئاندىن ئەڭ ئاخىرقى دالا ئۇرۇشى ھېسابلىنىدىغان ۋاتېرلو ئۇرۇشىدا يېڭىلغانلىقى قاتارلىقلار ئۈستىدىمۇ توختالغان ئىدىم.
مەن، «ناپولېئوننىڭ يۈز كۈنلۈك ئىمپىراتورلۇقى» دېگەن ئەسىرىمنى تامالىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ باشقا ئىشلىرىغا دېگەندەك ھەۋەس قىلىپ كەتمىگەن بولساممۇ، ناپولېئوننىڭ يالغۇز بەزى تەرەپلىرىنىلا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ پۈتكۈل ھايات پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر بىئوگرافىيە ئەسىرى يېزىپ چىقىش ئويىغا كەلگەن ئىدىم. مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى، ناپولېئون دېگەن بۇنداق بىر كىشىلىك ئۈستىدە گەپ بولغاندا، ئۇنىڭ بارلىق تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، ئۇنىڭ خاراكتېرىنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرىدىغان، بارلىق يېڭى تەتقىقاتلارنى ۋە تارىخ ئارخىپلىرىنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مۇكەممەل بىئوگرافىيەدىن بىرىنى يېزىش بەكلا ئېھتىياجلىق ئىكەن دەپ قارىغان ئىدىم، تەبىئىيكى بۈگۈنمۇ شۇنداق قاراشتىمەن.
بۇ مەقسەتتە مەن پۈتكۈل ياۋروپانىڭ، ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدىكى ھەمدە ئا ق ش دىكى كۈتۈپخانىلار بىلەن ئارخىپخانىلارنى ئاساسەن تولۇق ئايلىنىپ چىقتىم، ... شۇنىڭدەك يەنە مىسىر، ئىتالىيە، ئىسپانىيە ۋە پۈتكۈل فرانسىيەنى، مۇھىم پورتلارنى، تاللېيراندتىن ۋالېنكايغىچە بولغان يەرلەرنىمۇ ئالا قويماي پويىزلىق ئايلىنىپ چىقتىم. بۇ جەرياندا بېرلىندىن تارتىپ پوتىسدامغىچە، بوخىمىيەدىن كېسىپ ئۆتۈپ ۋيېنناغىچە، ئۇ يەردىن كوپېنھاگېنغىچە، ئاندىن سالسبۇرگقىچە، دوناي دەرياسىنى بويلاپ رېگېنسبۇرگ ۋە ئۇلمغىچە كۆرۈپ چىقتىم. كېيىن يەنە شۋىتسارىيىنى، ئاخىرىدا بېلگىيەگە كېلىپ ۋاتېرلونى ئايلىنىپ چىقتىم. قىسقىسى ناپولېئون ئىز قالدۇرغان بارلىق ياۋروپا تۇپراقلىرىنى تەپسىلى ئايلىنىپ چىقتىم دېيىشىم مۇمكىن. بۇ سەپىرىم ھەقىقەتەنمۇ جاپالىق، ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر سەپەر بولغان ئىدى. ئارىدا بىرەر مىنوتمۇ تۇرىۋېلىشقا بولمايتتى. ئەكسىچە ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالىدىغان ئىنتايىن قىزىقارلىق بىر ساياھەت بولغانلىقىنىمۇ ئېتراپ قىلماي تۇرالمايمەن.
بىر ياۋروپالىقنىڭ ناپولېئونغا قارىتا بىتەرەپ قاراشتا بولالىشى ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئاسان ئەمەس: فرانسۇزلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ناپولېئون ئاساسەن بىر مىللىي قەھرىمان ھېسابلىنىپ ئۇنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى قەتئىي تىلغا ئېلىنماي سەل قاراپ كېلىندى؛18* كوپ ساندىكى ياۋروپانىڭ قالغان دۆلەت كىشىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ ناپولېئون ئىستىلاسى ئاستىدا قېلىشى بەكلا ئېغىر نومۇسلۇق بىر تارىخ ھېسابلىناتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ناپولېئونغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. مېنىڭ ناپولېئون ھەققىدىكى قاراشلىرىم تەتقىق قىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن دېيەلەيمەن. مەن ئىمكان بار ھەرقانداق بىر پاكىتنى يوشۇرۇپ ئۆتكۈزىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بىر تەرەپكە قېيىپ كېتىشتىن ساقلىنىشقا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشتىم. ئۆزەم بىر ئامېرىكىلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەينى ۋاقتىدىكى تېخى يېڭى ھېسابلىنىدىغان دۆلىتىمىز فرانسىيە بىلەن ئۇششاق-چەششەك دېڭىز توقۇنۇشلىرى يۈز بەرگەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىساق ئامېرىكا ناپولېئوننىڭ دۈشمىنى ياكى ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشىمۇ ھېسابلانمايتتى. شۇنداق بولغاچقا، مەنمۇ ھېسسىياتقا بېرىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىپ، شەخسى ھېسسىياتىم ھەمدە مىللى ھېسسىياتلىرىمنىڭ ھېچقايسىغا قېيىپ كېتىشتىن ساقلىنالىدىم دەپ ئۈمىدتىمەن.
مەن قولغا كەلتۈرەلىگىدەكلا بولغان بارلىق فرانسىيە ھۈججەت-ئارخىپلىرى ھەمدە ئەسلىمە ماتېرىياللىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ناپولېئوننىڭ خاراكتېرى بىلەن ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىكى ھەرقايسى جەھەتلەرنى، مەيلى ئۇنىڭ شەخسى ئائىلە تۇرمۇشى جەھەتتە بولسۇن ياكى ئىچكى سىياسەتلىرى، دېپلوماتىك، ئۇرۇش ئوپېراتسىيىلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە بولمىسۇن ئۇنى ئومۇمىي يۈزلۈك تەتقىق قىلىپ چىقىشقا تىرىشتىم. مەن ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان ئۇرۇش ئوپېراتسىيىلىرىنى، ئۇنىڭ ئىستىلا قىلغان دۆلەت ۋە خەلقلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىنى، ئۇنىڭ كەسىپداشلىرى بىلەن قول ئاستىدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىبىتىنى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ غايىلىرى، مۇددالىرى ۋە ئىنتىلىشلىرىنى قايتىدىن باھالاش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈردۈم. بۇنىڭدىكى مەقسەت، ناپولېئوننى ۋە ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى تولۇق ۋە چوڭقۇر ئوتتۇرغا چىقىرىش ئىدى.
مەن، بۇ تەرجىمىھال ئەسىرىنى ياش كەسىپداشلىرىمغا قارىتا پاخىلىنى چىقىرىپ تاشلاپ جەۋھىرىنى تارتىپ چىقىرىش رولىنى ئوينىيالايدىغان، چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىپ چىقىشقا بەكلا ئەرزىيدىغان، بەكلا زۆرۈر بولغان بۇ تېما ئۈستىدە كوپ توملۇق تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىغا تۈرتكە بولالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئالان موررىس شوم
لې بويىس سان لاۋمېر – فرانسىيە22*
بوناپارتلار جەمەتىنىڭ شاخلىنىشى23*
كارلو مارىيە بوناپارت 1764 لېتىزىيە رامولىنو:
1746~1785:
1. جوسېف (1767~1844) نابلىس ۋە ئىسپانىيە خانى؛ 1794 تە: جۇلىيە كلارىي 1777~1845 ... ... 2 بالىسى
2. ناپولېئون (ناپولېئون 1769~1821 فرانسىيە ئىمپېراتورى، 1796 دا، جوسېفېن دې باۋخارنىياس 1810 غىچە؛ 1810 دا مارىيە لوۋىس، ئاۋۇسترىيىگە؛ ... ... بىر پەرزەنت؛ ناپولېئون-فرانچويىس-جوزېف-چارلېس 1811~1832: رىم رېيچىستاد دۇكى ۋە خانى؛ ناپولېئوننىڭ بالىسى ئېۋگىن دې بىياۋخارنىياس، 1782~1824؛ 1806 دا باۋارىيە كىنەزى ئاۋگۇست-ئامەلىيە؛ ... ... 7 پەرزەنتى بار)
3.لۇسىيان 1775~1840: كانىنو شاھزادىسى فرانسىيە شاھزادىسى 1795: 1. كرىستىيان بويېر 1775~1800: ... ... پەرزەنتلىرى 2. ئالېكساندرېر جوۋبېرتون، ... ... 8 بالىسى دۇنياغا كېلىدۇ
4. ئېلىسا (مارىيە ئاننا) 1777~1820 توسكانىي بۈيۈك ئىمپراتورى شاھزادە لۇسىيە ۋە پيومبىنو 1797: فېلىكس باكسيوچى 1762~1841 ... ... 5 پەرزەنت 1750~1836:
5. لوۋىس 1778~1846 گوللاندىيە خانى (1806~1810) 1802 دە خورتېنس دې باۋخارنىياس 1783~1837... ... پەرزەنتى: ناپولېئون-لوۋىز-چارلېس 1802~1807 ناپولېئون-لوۋىس 1804~1831 چارلېس-لوۋىس-ناپولېئون ناپولېئون-3) 1808~1873
6. پاۋلىن (پاۋلا مارىيە) 1780~1825 گۇۋاستاللا دوچېسى 1797 دە: ○;1 گېنېرال چارلېس لېسلېر 1772~1802 ... ... لوۋىس-ناپولېئون (1798~1804) ○;2 1803، بورغېس شاھزادىسى (1775~1832) ... ... پەرزەنتى يوق
7.كارولىن (مارىيە ئاننۇنزىياتا) 1782~1839 بېرگ ئىمپراتورى (1808~1815) 1800 دە: جوۋاچىم مۇرات 1767~1815) ... ... 4 پەرزەنتلىك
8.جېروم 1784~1860 ۋېستفائىيە پادىشاھى 1803 تە: ئەلىزابېت پارتېرسون (1785~1879) دىۋورسېد 1811 (ئا ق ش) ... ... بىر ئوغلى بولىدۇ بىگاموس مارىياگ 1807 ۋۇررېمبېرگ خانى كاتېرىين (1783~1835) ... ... جېروم ناپولېئون (1814~1847) ناپولېئون خان (1822~1891)
بىرىنچى بۆلۈم
توپچىلار كاپىتانى:
ۋەتىنىم بىر قۇتقازغۇچىغا مۇھتاج
1. قوپال مىجەز كورسىكالىق
1778-يىلى 17-دېكابىر كۈنى، 32 ياشلىق كارلو مارىيا (ياكى ھازىرقى چارلېس) بوناپارت، كورسكا ئارىلىنىڭ ئاژاكسيو پورتىدا يەلكەنلىك كېمىگە چىقىدۇ. يېنىدا 10 ياشلىق تۇنجى ئوغلى جوسېف، 9 ياشلىق نابولىئو دەپمۇ ئاتىلىدىغان ئىككىنچى ئوغلى ناپولېئون، نەۋرە ئىنىسىنىڭ بالىسى جوسېف فېشلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار يېڭىراقتىلا سترادا مالېربادىكى 4 قەۋەتلىك بىنا — ئۇزۇن يىللاردىن بېرى رېمونتسىز قالغان تاشتا قوپۇرۇلغان كونا بىنادىن ئايرىلىپ كېمىگە چىققان ئىدى. جوسېف بىلەن نابولىئو شۇ كونا بىنا ئالدىدا ئانىسى بىلەن قۇچاغلىشىپ خوشلىشىپ چىققان ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ سەپىرىنىڭ نىشانى فرانسىيە ئىدى. جوسېف، كەلگۈسىدە بىر پوپ بولۇپ چىقىش ئۈچۈن ئاۋتون ئىلاھىيەت ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىردىغان، نابولىئو بولسا بىريېننې لې كاتىياۋدىكى رويال ھەربىي مەكتىبىگە كىرمەكچى ئىدى. ئوقۇش، كۆپ قىسىم كورسىكالىقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ھەممىدىن قىيىن بولغىنى فرانسۇز تىلىدا ئوقۇش ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تارىخ، جوغراپىيە، ماتېماتىكا دەرسلىرىنىمۇ ئوقۇشى، شۇنىڭدەك يەنە پارىژ ئېكول خانلىق ھەربىي مەكتىبىگە كىرىشنىڭ زۆرۈرى دەرسلىرىنىمۇ ئوقۇشى شەرت ئىدى. بالىلارنىڭ مىھرىبان ياش تاغىسى، ئانىسىنىڭ ئۈگەي ئىنىسى فېش بولسا ئايىكس پروۋېنستىكى ئىلاھىيەت ئىنىستىتۇتىغا بېرىپ دىنى بىلىم ئېلىپ چىركاۋدا ئىشلەشنى نىييەت قىلغان ئىدى. ناپولېئوننىڭ قىسقا بالىلىق دەۋرى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
1769-يىلى 15-ئاۋغۇست كۈنى، لېتىزيا بوناپارت، ئاژاكسيو چىركاۋىدىكى چوڭ مىسسا مۇراسىمىدىن ئالدىرىغىنىچە ئارانلا ئۆيىگە كېلىۋالىدۇ. ئۇ،1 ناپولېئوننى يولدا تۇغۇپ قويۇشقا تاسلا قالغان ئىدى. تۈزۈك ئۆي سايمانلىرىمۇ بولمىغان مېھمانخانا ئۆيىدە بىر ئوغۇل دۇنياغا كېلىدۇ؛ بۇ ئانا خۇددى قىلغان ھەر بىر ئىشىغا ئوخشاش بۇ تۇغۇت ۋاقتنىمۇ بەكلا ئېنىق توغرىلىۋالغان ئىدى. ئانىنىڭ ئەسلى ئىسمى لېتىزيا رامولىنو بولۇپ، دۆلەت يوللىرى ۋە كۆرۈك تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ قىزى ئىدى؛ دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئانىسىنىڭ ئىككىنچى ئىرى، يەنى ئۈگەي دادىسىنىڭ ئىسمى فېش بولۇپ، ئۇ بىر بانكا خىزمەتچىسى ئىدى.
ئۇنىڭ ئائىلە جەمەتى لومباباردىلىق بولۇپ، 14-ئەسىردە رېنايادىن كورسىكاغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قېلىشتىن سەل ئاۋال فلورېنسا بىلەن ناپلېسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىتالىيىنىڭ يېرىمىنى ئايلىنىپ كۆچۈپ يۈرۈپ ياشايدۇ. لېتىزيا كىلىشكەن، بويى ئانچە ئىگىز بولمىغان، بۇغداي ئۆڭلۈك، يۈزىدىن كۈلكە ئۆكسىمەيدىغان خوش پىچىم بىر ئايال ئىدى. مۇنتىزىم تەربىيە كۆرمىگەن، بېشى باغلانمىغان، بالىلىق بولۇپ پەرزەنت تەربىيىسى بىلەن مەشغۇل بولۇشقا تەييار تۇرغان بىر ئايال كىشى ئۈچۈن ئېيتقاندا تۇرمۇش ھەقىقەتەنمۇ قورقۇنۇشلۇق ۋە جاپالىق بىر ئىش ھېسابلىناتتى. 1764-يىلى 2-ئىيۇل كۈنى، ئەندىلا 14 ياشقا كىرگەن لېتىزيا، 18 يېشىدا چارلېس بوناپارت بىلەن توي قىلىپ كارلو مارىيە دى بوناپارت فامىلىسىنى ئالىدۇ.
بۇ ئايال ھەقىقەتەنمۇ بەكلا كۆپ بالىلىق بولىدۇ. ئەمما بالىلىرىدىن ئاران سەككىزىلا ياشايدۇ. ئۇنىڭ شىۋىسى ئىتالىيانچە كورسىكا تىلىدا بولۇپ، بۇ تىلنى ئىنتايىن راۋان سۆزلەيتتى. ئۇنىڭ گرامماتىكىسى بىلەن قەلىمى ئارانلا ئۆزىگە چۇشلۇق سەۋىيەدە ئىدى. يەنى ئۇنىڭ ئۈچۈن فرانسۇزچە مەڭگۈ بىر سىر ھالىتىدە قالىدۇ. كىتاب ئوقۇشقا كەلسەك، ئۇ قايسىلا تىلدا يېزىلغان بولمىسۇن پەقەتلا ئوقۇشنى بىلمەيتتى. ئەمما فرانسىيە 1767-يىلى 15-ماي كۈنى گېنويېس جۇمھۇرىيىتىدىن كورسىكا ئارىلىنى سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن (بۇ ئىستىلا پاسكۇۋال پاۋلى رەھبەرلىك قىلغان ئۇرۇشخۇمار كورسىكالىقلارنىڭ ئىشى ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىلىقى ئىش ئىدى)، فرانسۇزچە بىلەن فرانسۇزلارغا ئۆچلۈكىگە قارىماي كىشىلەر فرانسۇزچە سۆزنى ئاڭلاشقا مەجبۇر ئىدى. ئۇنىڭ 7 مىڭ لىۋىر ئەتراپىدا تويلۇق مېلى (بۇ پۇل شۇ ۋاقىتلاردا كىشىنى خېلىلا رازى قىلارلىق توي پۇلى ھېسابلىناتتى) بىلەن ئازىراق يېرىمۇ بار ئىدى. ئۇ ئىنتايىن چىداملىق بىر ئايال بولۇپ، داۋالغۇچ ئىچىدە ئۆتىۋاتقان كورسىكا تارىخىدىكى ئېغىر شارائىتلارغا قارىماي ياشاپ كېلەلىگەن بىر ئايال ئىدى. ئۇنىڭ ئۆيى تۇرىۋاتقان بىنانىڭ ئاستىنقى ئىككى قەۋىتىدە بولۇپ، ئۆيىدە بەكلا ئاز ئۆي سايمىنى بار ئىدى. ھەتتا بىرەر گىلىمىمۇ يوق ئىدى. بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ كەلگۈسىدە ھەقىقەتەنمۇ قاتتىققول بىر ئانا بولىشىدىن بىشارەت بېرىپ تۇراتتى. بوناپارتلار ئائىلىسى تۇرىۋاتقان جاي ئۇنچە بەك كۆڭۈللۈك بىر يەرمۇ ھېسابلانمايتتى. ئاچلىقتا ئىڭىراپلا يۈرىدىغان بالىلىرى بۇ يەردە دېگەندەك سىلىق مۇئامىلىگە ئېرىشەلمەيتتى. گەرچە بۇ ئانا ئارىلاپ مىسسا مۇراسىملىرىغا قاتنىشىپ قالغىدەك قىلسىمۇ — يولدىشىنىڭ تاغىسى لۇسىئان، ئاژاكسيونىڭ ياردەمچى باش رۇھانىسى ئىدى — ئەمما ئۇ تۇغۇلۇشىدىن تارتىپلا ئۇنچە بەك سادىق دىندار ھېسابلىنىپمۇ كەتمەيتتى. ئۆيىدە بەك كۆپ تۇرمايدىغان يولدىشى ھەمدە بالىلىرى ئۇنىڭ بىردىن-بىر دۇنياسى ئىدى. ئەمما بالىلىرى ھەردائىم ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆيىدە بولاتتى. بۇندىن باشقا ئۇ ئۆيىنىڭ بارلىق باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇمۇ ئۇنىڭ مەلىكىسى ھېسابلىناتتى.
چارلېس بوناپارتنىڭ ئائىلە جەمەتى 1520-يىلى فلورېنسادىن ئاژاكسيو شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ئائىلە جەمەتى فلورېنسادىكى دەرىجىسى يوق بولسىمۇ كىچىك ئاڭسۈڭەكلەردىن بىرى ھېسابلىناتتى. چارلېس جەمەتىنىڭ تۇنجى ھەم ئاخىرقى سالاپەتلىك بوۋىلىرىدىن بىرى بولغان ئاق سۈڭەك گۇگليېلمو دې بوناپارت بولۇپ، ئۇ 13-ئەسىردە ئەينى ۋاقتىدىكى ئىتالىيە خانلىق پارتىيەنىڭ قولىدىكى فلورېنسا شەھىرىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئىدى. ئەمما پاپا تەرەپتارلىرىنىڭ غالىپ چىقىشى نەتىجىسىدە بوناپارت ۋە ئۇنىڭ پۈتكۈل ئائىلە جەمەتىدىكىلەر تۇسكانغا قېچىپ كېتىپ، لىگۇرىيا بىلەن سان مىنىياتونىڭ سارزاناسىدا يوشۇرۇنۇپ يۈرىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئائىلىسى كۈنسايىن نامراتلىشىپ ئاخىرى فرانسېسكو دې بوناپارت ئامال يوق 16-ئەسىردە كورسىكا ئارىلىغا چىقىپ يېڭىدىن چىقىش يولى ئاختۇرۇشقا مەجبۇر بولغانىكەن.
بوناپارت ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھېچ بىرسىنىڭ سودا ماھارىتى يوق ئىدى. گەرچە ھەر دائىم مەكتەپتە ئوقىيالايدىغان كىشىلەردىن شۇنىڭدەك پات-پاتلا قانۇن ساھەسىدە ئۇ ياكى بۇ خىل ۋەزىپىلەرگە ئىرىشەلەيدىغان كىشىلەردىن ھېسابلانغاندەك قىلسىمۇ، بەرىبىر ئاقىۋىتى بىر تىيىنسىز نامراتلىقتا قالاتتى.2 دېگەندەك، چارلېس بىلەن لېتىزيا 1764-يىلى توي قىلماقچى بولغىنىدىمۇ ھەقىقەتەن بىر تىيىنسىز نامرات ئەھۋالدا ئىدى. ئۇنىڭ پىسادا قولغا كەلتۈرگەن قانۇن كەسىپى ئۈنۋانى ئۇنى ئاژاكسيو قانۇن باشقۇرۇش رايونى ئىچىدە خانلىق سوديە بولۇش پۇرسىتىنى بېرىدۇ. گەرچە ئۇنى ئاديۇتانتلىققا تەيىنلىگەن بولسىمۇ يىلىغا ئاران 900 فرانك مائاش ئالاتتى. شۇنىڭغا قارىماي ئۇ يەنىلا ئۈمىدسىز ئەمەس ئىدى — ئۇنىڭ كېسەلچان تاغىسى لۇسىيان، ئائىلىسى يوق بىر پوپ، پۈتۈن مىراسىنى سىلىق مىجەزلىك، ئەمما ئىشلىرى تەرتىپسىز چارلېسقا قالدۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئاژاكسيودا قاراڭغۇ مېھمانخانىلىق، تامغا فرانسىيە ئارال گوبېرناتورى دې ماربېفنىڭ رەسىمى ئېسىلغان بىر دوم چوڭ بىر ئۆيگە ئىگە بولۇپ قالىدۇ.
گەرچە چارلېس بوناپارت، ھېچقاچان ئاقسۈڭەكلىك دەرىجىسىنى قوللىنىپ باقمىغان ئىدى. ئەمما ئۈلگىلىك بىر كورسىكا ۋەتەنپەرۋىرى ئىدى. كېيىن پاۋلىنىڭ فرانسۇزلار تەرىپىدىن مەغلوپ قىلىنىشىغا ئەگىشىپ دەرھال سىياسىي مەۋقەسىنى ئۆزگەرتىدۇ: گەرچە ئۇ بەكلا ھۇرۇن مىجەز بىرى بولىشىغا قارىماي يەنىلا ھۆكۈمەتكە تىنماي يېڭى تېمىلارنى لايىھىلەپ تۇرىدىغان، يېڭى پىلانلار تۈزۈپ بېرىدىغان، شۇ ئارقىلىق ئۆز مەۋقەسىنى ئوڭشاپ ماڭىدىغان بىرسى ئىدى. گەرچە چارلېس بۇ ئىشلىرى نەتىجىسىدە ئاژاكسيو شەھەرلىك پارلامېنتىنىڭ 12 نەپەر دېپوتاتى ئارىسىغا كىرىۋالالىغان بولسىمۇ تۈزگەن لايىھىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قوبۇل قىلىنماي تاشلىنىپ قېلىپ ھېچقانداق بىر پايدا كەلتۈرەلمەيدۇ. شۇنىڭغا قارىماي، ھېچ بولمىغاندا 4 ئەۋلاد ئاقسۈڭەكلىك ئائىلە كىشىلىرى ئارىسىدا ئىجتىمائىي ئورنىنى يەنىلا مۇستەھكەم ساقلاپ كېلەلىگەن بىرى ئىدى. بۇ تەرىپى ئۇنىڭغا بەكلا كۆپ ئىمكانىيەتلەرنى بېرىدۇ. بالا-چاقىسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىشىگە — ئۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ مارىيە ئاننا (ئېلىسا)، لۇسىيان، لويىس، مارىيە ئاننۇنزىياتا (كارولىن)، پاۋلېتتا (پاۋلىن) ۋە ژېروم — ئىسىملىك بالىلىرىنىڭ تۇغۇلۇشى نەتىجىسىدە چارلېس بوناپارت قولىدىن كېلىشىچە كۆپىرەك ياردەم ئېلىشقا مەجبۇر ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، فرانسىيەنىڭ ئاۋتون دېگەن يېرىدە بالىلىرىنى كىمىدىن چۈشۈرۈپ، ناپولېئوننى 1779-يىلى يانىۋاردا برېنناغا تولۇق تەمىناتلىق ئوقۇشقا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئالدىراش ۋېرسايلغا قاراپ يۈرۈپ كېتىدۇ.
1779-يىلى 21-ئافرېلدا، جوزېف بىلەن ناپولېئون ئىككىسى تۇنجى قېتىم بىر-بىرىدىن ئايرىلىدۇ. "بىز ئايرىلغان شۇ كۈنىنى مەن مەڭگۈ ئۇنۇتالمايتتىم. — دەپ يازىدۇ جوزېف كېيىن ئەسلىمىسىدە، — مەن بۇ ئايرىلىشقا چىدىماي ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتكەن ئىدىم. ئەمما ناپولېئون شۇ چاغدا ياشقا تولغان كۆزلىرىنى ھېچكىمگە كۆرسەتمەي يوشۇرۇپ تۇرغان ئىدى. ..." ئەگەر جوزېفنى ئاتىسىنىڭ ئەكىسى دېيىشكە توغرا كەلسە، ناپولېئوننى ئاپىسىنىڭ ئەكە بالىسى دېيىش مۇمكىن ئىدى.
1779-يىلى 15-ماي كۈنى، تاياقتەك ئۇرۇق، پاكار بويلۇق ناپولېئون پۈتۈن ئەتىراپ توپىلىق، قاتار كەتكەن دەرەخلەر بىلەن بىزەلگەن ھەربىي مەكتەپ قوراسىغا ئاياق باسىدۇ. شۇندىن باشلاپ بۇ مەكتەپ قوراسى ئۇنىڭ 6 يىللىق ئائىلىسىگە ئايلىنىدۇ. ئىگىز تاملار بىلەن قورشالغان ھەربىي مەكتەب قوراسىدا ئۇ يەر-بۇ يەردە بىر نەچچە دوم تاشتىن سېلىنغان كونا ئۆيلەرلا بار ئىدى. بۇ ئۆيلەرنىڭ سول تەرىپىدە ئۆگزىسىدىكى كاھىشلارنى يېشىل يوسۇنلار قاپلاپ كەتكەن كونا بىر ئىبادەتخانا بىناسىمۇ بار ئىدى. ناپولېئون زەڭگەر رەڭلىك قىزىل يەڭلىك نەقىشلەنگەن ھەربى فورما، توق كۆك گەلەپى ئىشتان كەيگىنىچە يەپ-يېڭى بىر دۇنياغا قەدەم باسىدۇ. بۇ يەردە ئۇنىڭ بۇرۇنقى مىجەز-خۇلقى ۋە ئادەتلىرى تۈپتىن ئۆزگىرىش ياسايدۇ.
ناپولېئون بۇ ھەربىي مەكتەپتە «خانلىق تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» دىن بەھرىمەن بولىدىغان بىر ئوقۇغۇچى ھېسابلانسىمۇ،3 ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى ئۇنى قالغان 109 نەپەر ئوقۇغۇچى ئارىسىدا ھېچقانداق بىر ئالاھىدە ئىمتىيازغىمۇ ئىگە قىلالمايدۇ. چۇنكى بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېرىمىغا يېقىنى بۇنداق تەمىناتتىن بەھرىمەن ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ ۋىجىك، پاكىنەك بوي-تۇرقى، كورسىكا شىۋىسىدە سۆزلەيدىغان چالا فرانسۇزچىسى، غۇرۇرلۇق ۋە جىدەلخور مىجەزى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ سۈيۈملۈك ۋەتىنىنى بېسىۋالغان فرانسۇزلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى قاتارىدىكى ئالاھىدىلىكلىرى ئۇنى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بىر توپ قوي ئارىسىغا كىرىپ قالغان ئۆچكىدەك ئالاھىدە كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئۇنىڭدىكى ھاكاۋۇرلۇق، چۇس مىجەز، يەنە بەزىدە بەكلا قوپال مۇئامىلىلىق بولىشى ھەمدە ئىچىگە چۆكۈپلا يۈرىدىغان جىمغۇر مىجەزلىرى ئۇنى يالغۇزلۇققا مەھكۈم قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ بىرەرمۇ يېقىن دوستى يوق ئىدى، ھەتتا ئولتۇرۇپ مۇڭداشقىدەك يېقىنلىرىمۇ بەكلا ئاز ئىدى. لويىس دې بوۋريېن ئەنە شۇلاردىن بىرى ئىدى. يالغۇزلۇقنى خالايدىغان ناپولېئون بارغانسىرى يالغۇز يۈرىدىغان بولۇپ ئۆزگىرەيدۇ. شۇڭا ئۇ، بارلىق ياتاقلىق مەكتەپتەپلەردە ئۇچرىتىشقا بولىدىغان بوزەك بىرى بولۇپ قېلىشتىن قۇتۇلالمايدۇ. ئۆيىدىكى ۋاقىتلاردا مىجەزى يۇمشاق، كىچىك پېيىل، كىشىلەر بىلەن بەكلا مۇلايىم مۇناسىۋەت قىلىشىدىغان ئاكىسى جوزېف ئۇنى ھەر دائىم ئېھتىيات قىل دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىشىنى ئويلىغىنىمىزدا، بۇ ھەربى مەكتەپتە ناپولېئوننىڭ بەزىدە مۇشتلىشىشلارغا قوشۇلۇپ قالىدىغانلىقىغا ھەيران قېلىش كەتمەيتتى. ھەر نېمە دېگەن بىلەن بۇ يەر ھەقىقى مەنىدىكى بىر ھەربى لاگىر-دە.
شۇنداقتىمۇ بۇ تۈردىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، برېيىن ھەربىي مەكتىبى ناپولېئون ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ يېڭى، كورسىكادا پەقەتلا كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلمەيدىغان بىر دۇنيانى يارىتىپ بەرگەن ئىدى. ناپولېئون، ماتېماتىكا، قېدىمى تارىخ، جوغراپىيە، لاتىن ئەدەبىياتى (كوپىرەكى فرانسۇزچە تەرجىمىسى)، نېمىسچە ۋە تەبىئىي پەن دەرسلىرىدىن باشقا يەنە مۇراسىم-سورۇن قائىدىلىرى، تانسا-مۇزىكا قاتارىدىكى دەرسلەرنىمۇ ئالاتتى. بۇ تۈر دەرسلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن بەكلا كۆپ چەكلىمە پەيدا قىلىدىغان دەرسلەر ھېسابلىناتتى. ناپولېئون ھەربىي مەكتەبتىكى قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەكسىچە، ئەگەر تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگىنىدە بۇ دۇنيادا ھېچ نېمىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ بەكلا بالدۇر پىشىپ يېتىلگەن بىرى ھېسابلىناتتى. گەرچە ئۇنىڭ دادىسى كورسىكانىڭ ۋېرسايىلدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ھېسابلانسىمۇ، ئۇ ئىشنى بەرىبىر تىلغا ئالغۇچىلىقى يوق بىر ۋەزىپە دەپ قارايتتى.
ھېلىمۇ ياخشى ناپولېئون شەخسى بايلىققا بەك قىزىقىپ كەتمەيتتى. ئەكسىنچە، خۇددى ئۇنىڭ ئېيتقىنىدەك، مەن قايتىپ بارغاندىن كېيىن كورسىكانى چوقۇم فرانسىيەنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىمەن دەپ ۋەدە قىلغان ئىدى. «ھەتتا مەن شۇ چاغلاردا بۇ ۋەدەمنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمەن دەپ قەتئىي ئىشەنچ قىلاتتىم.» ئۇ يەنە، 9 ياش ۋاقتىمدىلا قەھرىمان پاۋلىغا قىزغىن چوقۇنىدىغان يالقۇنلۇق ۋەتەنپەرۋەر بىرى ھېساپلىناتتىم دەيتتى. ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن — ئۇ ئۆزىنىڭ چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقىغا قەتئى ئىشەنچ قىلاتتى — بۇ ھەربىي مەكتەپ تەمىنلىگەن بارلىق ئەۋزەللىكلەردىن ھەرقانچە قىيىن بولسىمۇ تولۇق پايدىلىنىشىم كېرەك دەپ ئۆزىگە ۋەدە بەرگەن ئىدى.
ناپولېئوننىڭ فرانسۇزچىسى ئالاھىدە كۈچ چىقىرىپ مەشىق قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئىدى. ئۇ فرانسۇزچىسىدا بىر-بىرىگە ماس كەلمەيدىغان كورسىكا شىۋىسىنىڭ ئارلىشىپ قېلىشىدىن زادىلا قۇتۇلالمايدۇ. ئۇ قېدىمقى زامان تارىخىغا بەكلا قىزىقاتتى. شۇڭا ئۇ سسېرو، ۋىرگىل، تاسىتۇس، سۇيتونىيۇس، خوراس ۋە پلۇتارچ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن تەرجىمە كىتابلارنى ئاچكۆزلەرچە ئوقۇپ كېتەتتى. «مەن ناپولېئون بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ كىتابلىرىنى تەڭ ئوقۇپ چىقاتتىم. — دەيدۇ ئاكىسى جوزېف، — ئۇنىڭ ئوقۇيدىغان كىتابلىرى ھەر دائىم قېدىمقى زامان ۋە ھازىرقى زامان تارىخىغا ئائىت مەسىلىلەر بايان قىلىنغان كىتابلار ئىدى. گەرچە مەن ئۇنىڭدەك ئەستايىدىل ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇيدىغان بىرسى ھېسابلانمىساممۇ، يەنىلا خەتلىرىمدە ئوقۇغان كىتابلىرىمنىڭ ئىسمىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ تۇراتتىم.» جوزېف داستان ياكى گاللىك ئۇرۇشى ھەققىدە ياكى ئىچكى ئۇرۇش ھەققىدە يېزىلغان «كايسار خاتىرىلىرى» نى قىزىقىپ ئوقۇيتتى.
ناپولېئون يەنە جوغراپىيە بىلەن ماتېماتىكىغا بەكلا قىزىقاتتى. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ ئىككى دەرستىن ئالغان نومۇرى ئاكىسىنىڭكىدىن كۆپ ئۈستۈن ئىدى.4 ناپولېئوننىڭ جىيان چارلېس پىچېگرۇ ئىسىملىك ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بەكلا تەلەپچان ئادەم ئىدى. ئۇ ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتمەي قەلەمنى تاشلاپ ھەربىي سەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ (بۈيۈك ئىنقىلاب دەۋرىلىرىدە ئۇ قوشۇنغا يىتەكچىلىك قىلىپ گوللاندىيىنى ئىشغال قىلىدۇ. ئاندىن ئۇ يەرنى ئىككىنچى ئىنىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا بېرىدۇ). ناپولېئون، ھەر يىلقى برىئېن قەلئەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پادىشاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سىرتقا چىققىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھەربىي مەكتەپنىڭ مۇستەھكەم قورشالغان ئىگىز تاش سېپىلىدىن ئاساسەن چىقمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۈشمەنلىك بىلەن تولغان فرانسىيىدە، ناپولېئون سىرتقا چىقىشنىمۇ بەك خالاپ كەتمەيتتى. ئۇ، باش چۆكۈرۈپ قېتىرقىنىپ ئۆگۈنۈش بىلەنلا مەشغۇل ئىدى.
مەكتەبتىكى فرانسۇز بالىلار ناپولېئوننى كۆرسە، ئۇنىڭ غەلىتە ئىسمىدىن تارتىپ قىلغان ھەر بىر ئىشىنى مازاق قىلىپ كۈلىشەتتى. ناپولېئون دېگەن بۇ ئىسىم فرانسۇزچىدا بۇرنىنىڭ ئۈستىدىكى شال پاخىلى دېگەن مەنىدىكى لاپايىل ئان نېز سۆزىنىڭ تەلەپپۇزىغا ئوخشاپ قالاتتى. شۇڭا ئۇلار ناپولېئوننى ئۇزۇنغىچە ئەنە شۇنداق ئاتاپ مازاق قىلىپ يۈرۈشىدۇ. ئەمما ناپولېئون ئۇلارنىڭ بۇنداق مازاق قىلىشلىرىغا تىرىكىش ئورنىغا كۈلۈپلا ئۆتكۈزىۋېتەتتى. ئەمما ئۇ بارلىلار ئالدىدا تېخىمۇ تىرىشىپ ئوقۇپ ئۆزىنى تۇنۇتۇپ قۇيۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، بۇ قىلغانلىرى ئۈچۈن بۇ فرانسۇزلار چوقۇم بىر كۈنى ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ دەپ، بىرەر پەيتىنى كۈتۈپ يۈرىدۇ. شۇڭا ئۇ، ساۋاقداشلىرىنى شاڭخو قىلىۋېلىشقا بەك ئالدىراپ كەتمەيدۇ. ئۇ چىشلىرىنى غۇچۇرلاتقىنىچە كىچىك مۇشتۇمىنى تۈگۈپ ھەيۋە قىلىپمۇ قوياتتى. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى كۆرگەن بالىلار تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ ئۇنى شاڭخو قىلىپ كۈلۈشكىنىچە ئۇنى تېخىمۇ تېرىكتۈرۈپ ئوينايتتى. ناپولېئون، سىنىپىدا كۆپ ۋاقىتلاردا تولا بەك تۈزۈت قىلىپ يۈرمەي ئۇدۇل مۇئامىلە قىلاتتى. بىر قېتىمدا، ئۇ، تەربىيىچى ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭ تەربىيىگە بوي سۇنمىغانلىقى سەۋەبىدىن كىيىملىرىنى سېلىپ ئۈستىگە تىتىلىپ كەتكەن جۇل-جۇل كىيىملەرنى كىيىپ قاخ-قاخلىشىپ كۈلۈپ مازاق قىلىشىۋاتقان 109 نەپەر ساۋاقداشلىرى ئالدىدا تىزلانغىنىچە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىش جازاسىنى بېرىدۇ. ئەمما ناپولېئون بۇنداق تاماق يېيىشنى رەت قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. «ئۆرە تۇرۇپ تاماق يەي ئەپەندىم، ھەرگىز تىز پۈكمەيمەن! — دەيدۇ چىڭ تۇرۇپ، — مەن ئائىلەمدە تەڭرىدىن باشقا ھېچ كىمنىڭ ئالدىدا تىز پۈكمەي ئۆگەنگەنمەن!» ئۇ نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىگىلمەي ئۆرە تۇرىۋېرىدۇ. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن تەربىيىچى ئۇنىڭغا تاشلىنىپ ئۇرغىنىچە يۈز-كۆزىنى كۆكەرتىۋېتىدۇ. ناپولېئوننىڭ پۈتۈن بەدىنى غالىلداپ تىترەيتتى، ئاخىرى بەرداشلىق بېرىش كۈچى قالماي قۇسۇشقا باشلايدۇ. بۇ ئھۋالنى كۆرۈپ تۇرغان مەكتەپ مەسئۇللىرى ئۇنىڭغا بېرىلگەن بۇ جازانى توختاقۇزىدۇ. قاتتىق ئازاپقا قالغان ناپولېئوننى سۆرەشكىنىچە ياتىقىغا ئەكىرىۋېتىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ناپولېئون بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر تەن جازالىرىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ بۇ تۈر ئېغىر تەن جازالىرىغا مەشىق قىلىپ ھېرىپ ھالى قالمىغان ۋاقىتلىرىدا پات-پاتلا دۈچ كېلىپ تۇراتتى.
خانلىق ھەربىي مەكتەبنىڭ تەپتىشى يىلدا بىر قېتىم ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دەرس نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇراتتى. بۇنداق تەكشۈرۈش نەتىجىسى بۇ يەردىكى ياشلارنىڭ ئىستىقبالىنى بەلگىلەيتتى. بۇ جەھەتتە ناپولېئوننىڭ نەتىجىلىرى ھەققىدىكى دوكلاتلار ھەر دائىم بىر خىل بولمايتتى. بىر قىسىم دوكلادلاردا ئۇنىڭغا «ماتېماتىكا نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشى ... » دېيىلسە، «ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت نەتىجىلىرى بەكلا ناچار» دەپ باھالىناتتى. شۇڭا ئۇنى دېڭىز ئارمىيىسىدە ئوفىسسېرلىققا تەۋىسىيە قىلىنىدۇ دەپ باھا يېزىپ بېرىدۇ؛ يەنە بىر قىسىملارنىڭ دوكلاتىدا «بۇ ئوقۇغۇچى بەكلا ئۆكتەم، بەكلا تەكەببۇر ھەم بەكلا جاھىل» دەپ باھالىشاتتى. 1784-يىلى سىنتەبىردە ئىمزالانغان ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ بىر باھالاش دوكلاتىدا ئۇنى قۇرۇقلۇق ئارمىيىگە تەقسىم قىلىنىشى تەكلىپ قىلىنغان ئىدى.
ئارىدىن بىر قانچە يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ناپولېئون تەتىل ئۈچۈن يۇرتىغا قايتقىدەك يول كىرا پۇلى بولمىغاچقا يازلىق تەتىللەردىمۇ ئۆيىگە قايتالماي ئائىلىسى بىلەن بولغان خەت ئالاقىسى پۈتۈنلەي دېگىدەك ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋال ھەقىقەتەنمۇ ئېچ ئاغرىتقىدەك بىر ئەھۋال ئىدى. ئەمما 1784-يىلى ئىيۇندا ئوغلىدىن زادىلا ھال سوراپ قويمايدىغان دادىسى، قىزى بىلەن بىرگە، يەنى ناپولېئوننىڭ سىڭلىسى مارىيە ئاننا (ھازىر ئۇنىڭ ئىسمى ئېلىسا) بىلەن ئىنىسى لۇسىيەننى بىرگە ئېلىپ يول ئۈستىدە مەكتەپكە كېلىپ ئوغلىنى يوقلايدۇ. شۇنداق قىلىپ شۇنچە يىلغىچە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشالمىغان ناپولېئون ئۇكىلىرى بىلەن كۆرۈشىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ئەسلىدە دادىسى ئېلىسانى قىزلار ئەدەپ ئۆگىنىش مەكتىبىگە بېرىش، لۇسىيەننى بولسا برىيېندا بىر قانچە يىللىق ئوقۇشقا بېرىشكە ئېلىپ ماڭغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ناپولېئون، ئاۋتۇندا دادىسى بىلەن خوشلاشقان شۇنچە يىللاردىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئۆزىنى نابۇلىئو دەپ چاقىرىلىشىنى ئاڭلىشى بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشىشى بولۇپ قالىدۇ.
چارلېس بوناپارت، مونتپېللىيېردىكى قېدىمىي مەدرىسىگە كەلگەن ۋاقتىدا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ۋە ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ بىر قانچە ئايلىقلا ئۆمۈرى قالغانلىقى ھەققىدىكى دېئاگنوزدىن خەۋەر تاپىدۇ.5 بۇ جەرياندا ئۆزى بىلەن بىرگە كورسىكادىن بىرگە كەلگەن دوستى پېرمونلار ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە ئاخىرقى كۈنلىرىنى بىرگە ياشايدۇ. 1785-يىلى 24-غېنىۋار كۈنى، داۋالاش ئۆنۈم بەرمەي 39 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
1784-يىلى 19-ئۆكتەبىر كۈنى، 15 ياشنى تولدۇرغان «ناپولېئون بوناپارت ئەپەندى» پارىژ خانلىق ئوفىسسېرلار مەكتىبىگە قوبۇل قىلىنىپ، ئۇچىسىدىكى كونا ئوقۇغۇچىلىق فورمىلىرىنى سېلىۋېتىپ يېڭىغا كۈمۈش رەڭلىك بالداقلار تاقالغان، قىزىل ياقىلىق يېڭى ھەربىي فورما كىيىدۇ. مانا ئەندى، ناپولېئون «كاندىدات ئوفىسسېر ئوقۇغۇچى» سۈپىتى بىلەن ھەقىقىي ئەسكەرلىك ئوقۇش ھاياتىنى باشلىۋېتىدۇ. ناپولېئون بۇ يەردە ئىككى يىل ئوقۇپ پادىشاھقا سادىق خانلىق قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىسسېرى بولۇپ چىقىدۇ.
پارىژ خانلىق ھەربىي مەكتىبىنى 16-لوۋيىس سالدۇرغان بولۇپ، 1751-يىلى پۈتكەن ئىدى. بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەر تۈرلۈك ئورگانلارغا تەقسىم قىلىناتتى. دۆلەتمەن ئائىلىلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئاتلىق ئەسكەر ئوفىسسېرلىقىغا (كاۋاللىرلىققا) تاللىناتتى. ناپولېئون پۇختا ماتېماتىكا بىلىمى ئالغانلىقى سەۋەبىدىن 14 نەپەر ئالاھىدە تاللانغان، كېلىپ چىقىشى ئاقسۈڭەك بولمىغان توپچىلار ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ تاللىنىدۇ.
بۇ ئوفىسسېرلار مەكتىبى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرىنىڭ قۇماندانلىقى ئاستىدا بولۇپ، نىسبەتەن ئەركىن برېيىندىكى ھايات شارائىتىغا سېلىشتۇرۇلغاندا بۇ يەرنىڭ تۇرمۇشى ھەقىقەتەنمۇ چىڭ تۇتۇپ باشقۇرىلىدىغان بىر يەر ئىدى. ھەر بىر ھەربىي مەكتەب ئوقۇغۇچىسى شەرقتىن شەپەق كۆرۈنەر-كۆرۈنمەس خۇددى راھىبە ئېتىكاپلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان كىچىكلىكىدىن ئاران بىر سىم كارىۋات، بىر ئورۇندۇق ۋە بىر كىيىم ئىشكاپى سىغدۇرۇشقا بولىدىغان ئۇششاق ياتاقلىرىدىن ئالدىرىغىنىچە چىقىشىپ سائەت 6 دا كىچىك چىركاۋغا كىرىپ دۇئالىرىنى قىلىپ مىسا قىلىپ چىقىشاتتى. ھەر قېتىملىق تاماقتىن بۇرۇن تېخىمۇ كۆپ دۇئا قىلىشاتتى. بىر كۈنلۈك پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئوقۇغۇچىلار ئاخشىمى سائەت سەككىز يېرىمدىلا ئاندىن ياتاقلىرىغا قايتىپ كىرەلەيتتى. بۇنداق ئۆتىدىغان بىر كۈن ھەقىقەتەنمۇ جاپالىق بىر كۈن ھېسابلىناتتى. 4 نەپەر تەربىيىچى بىلەن 8 نەپەر مەشىق قىلدۇرغۇچى سېرژانت بۇ ياش ئوقۇغۇچىلارنى بىر مىنوتمۇ ئارام ئالغىدەك بوش قويمايتتى. ناپولېئون بۇ تاش قورادىكى ھەربىي مەشقلەرنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئەڭ قىيىن ئىشلاردىن بىرى دەپ قارايدۇ، يېتەكلىگۈچى بىلەن سېرژانتلار ئۇنىڭ بوشىشىپ قېلىشى ھەمدە روھىي چۈشۈپ كەتكەن ۋاقىتلىرىدا ئۈنى پۈتۈپ كەتكىچە ۋارقىرىشىپ كېتەتتى. ناپولېئون مەشق مەيدانلىرىدا ھېچ قاچان زېھنىنى يىغالمايدۇ. ھەتتا ئۇرۇش قۇراللىرى مەشقلىرىنىمۇ بەكلا زىرىكىشلىك ھېس قىلاتتى. ناپولېئون ھەر ھەپتىدە دېگىدەك ئايرىم جازاغا تارتىلىپ تۇراتتى. باشقا ئوقۇغۇچىلار «قۇرالىنى تىك تۇتۇپ سالام بېرىش» كە ئۆتكىنىدە ناپولېئون ھەر دائىم «قۇرالىڭلارنى چۈشۈرۈڭلار» دەپ ئاڭلىۋالاتتى. باشقىلار قۇرالىڭلارنى چۈشۈرۈڭلار دېگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىۋاتقىنىدا ئۇ قۇرال كۆتۈرۈش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلاتتى. «بۇ خەتەرلىك ئاراللىقنى كۆندۈر» دەپ بۇيرۇق قىلاتتى مەشق قىلدۇرغۇچى ئوفسسېر ناپولېئوننىڭ ئاران بىر نەچچىلا ئاغىنىسىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان ئالېكساندرې دېس مازىسقا. ئەمما دوستى ئۈچۈن بۇ ۋەزىپە ھەقىقەتەنمۇ ئەمەلگە ئاشۇرماق تەس بىر ۋەزىپە ھېسابلىناتتى.
ناپولېئون نېمىسچىغا بولغان ئۆچلىكىدىن بۇ تىلنى زادىلا ئۇقۇپ بولالمايدۇ. ئەمما باشقا دەرسلەرگە بولغان قىزىقىشى ئالاھىدە يوقۇرى ئىدى. تارىخ، جوغراپىيە، ئەدەبىيات ۋە نېمىس تىلى دەرسلىرىدىن باشقا يەنە ئالى ماتېماتىكا، فىزىكا، مۇداپىيە ئىستىھكاملىرىنىڭ ياسىلىشى ھەمدە خەرىتىچىلىك، قانۇن ۋە پەلسەپە دەرسلىرىنىمۇ ئېلىشى كېرەك ئىدى. ناپولېئون بۇ دەرسلەردىن ماتېماتىكا، مۇداپىيە ئاكوپ قۇرۇلۇشى ھەمدە زەمبرەك ئىشلىتىش دەرسلىرىگە بەكلا قىزىقاتتى. ئۇنىڭ تەربىيىچىلىرىمۇ ناپولېئوننىڭ دەرس نەتىجىلىرى ھەققىدە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان باھالارنى بېرىشەتتى: ئۇلاردىن بىرسى ناپولېئوننى «كىملىك سالاھىيىتىدىن تارتىپ مىجەز-خاراكتېرىغىچە بولغان ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ سېپى ئۆزىدىن كورسىكالىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ» دەپ باھالىسا، يەنە بىر تەرەپتىن «ئەگەر شارائىت يار بەرسە، ئۇنىڭدىن ھەقىقەتەنمۇ ياخشى بىر ئەسكەر يېتىشىپ چىقىشى مۇمكىن» دەپ ئېتراپ قىلاتتى. ئۇنىڭدىن ئۈمىدىنى كەسكەن نېمىس تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا نېمىسچە ئۆگىتىشتىن ۋاز كېچىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن ئىدى.6 شۇڭا ئۇنى «بۇزۇق» لار قاتارىغا چىقىرىۋەتمەكچىمۇ بولغان. پەقەت زەمبىرەك تېخنىكىسى ئىمتىھانىغا مەسئۇل ئوفىسسېر لوۋيىس مونگ — ماتېماتىك، پارىژ ھەربىي مەكتىبىنىڭ كۆپ خىل ھۈنەرلەر ئوقۇتۇشىنىڭ باشلامچىسى بولغان گاسپارد مونگنىڭ ئىنىسىلا دوكلاتىدا بۇ ياشنىڭ كۆرۈنۈشىدىن ھەقىقىي ناپولېئوننى كۆرەلەيدۇ:
ئارتۇق گەپ قىلمايدىغان، تىرىشىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى، ئوقۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن بىردىن-بىر قىزىقىشى، ئۇ ياخشى ئاپتورلارنىڭ يازغان كىتابلىرىنى ئوقۇشقا ئامىراق، ئابىستراكىت پەننىي بىلىملەرنىمۇ بەكلا راۋان ئۆزلەشتۈرگەن، ماتېماتىكا بىلەن جوغراپىيە بىلىملىرىنى بەكلا پۇختا ئىگەللىگەن؛. ئۇ بەكلا جىمغۇر، ئۆزى يالغۇزلا يۈرىدىغان، مىجەزى بەكلا غەلىتە، ھېچ كىمنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، سىنىپتا سۇئاللارغا ھەممىدىن كۆپ جاۋاب بېرىدىغان؛ ئەمما باشقا سورۇنلاردا ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن تېز جاۋابقا تەييار ماھارەتكە ئىگە؛ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى بولسا، بەكلا ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، كۈچلۈك ئىرادىلىك ھەمدە ئاجايىپ ئارزۇ ئۈمىدلەرگە ئىگە؛ بۇ يىگىت، دىققىتىمىزنى تارتىشقا، ياردەم قىلىشىمىزغا تېگىش بىرسى دەپ باھا بېرىدۇ.
گويا تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرى ناپولېئۇن ئۈچۈن ئازلىق قىلىۋاتقىنىدەك، 1785-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، دادىسى چارلېسنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى مۇسىبەت خەۋىرى ئۇنىڭغا بەكلا ئېغىر زەربە بولىدۇ. بۇ مۇسىبەت، ئۇنىڭ ئالېكساندر دېس مازىستىن پەقەتلا يوشۇرۇپ قالالمايدىغان بىر ترادىگىيە ئىدى. ئۇ، دادىسىنىڭ كورسىكانىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدىن يۈز ئۆرىگەنلىكىگە، فرانسىيىنىڭ كورسىكاغا ھۈكۈمرانلىق قىلىشىغا ھەمدە مەمورى ئەمەلدارلارنىڭ پۈتۈنلەي ھەمكارلىشىش پوزىتسىيىسىدە بولىشىغىمۇ پەقەتلا قوشۇلمايتتى. دادىسىنىڭ ئۇزۇنغىچە بۇ ئوغلىدىن ھال سوراپ قويماسلىقىمۇ ئۇنى بەكلا مەيۈسلەندۈرگەن ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي، ناپولېئون يەنىلا دادىسىنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرەتتى. ھەتتا بۇ ياخشى كۆرۈش پۈتۈن ئۆمۈرى بويىچە قەدىرلەپ كەلگەن ئانىسىنى سۆيگىنىدىنمۇ ئېشىپ چۈشەتتى.
ناپولېئون، پارىژدا برېيىنغا قارىغاندا خېلى كۆپ ئەركىن ئىدى. يەنى ئۇ مونتىپېللىيېردىن پايتەختكە كۆچۈپ كېلىۋالغان پېرمونسلار ئائىلىسىگە بېرىپ بىر قانچە كۈن تۇرۇپ كېلىشتەك ھەربىي مەكتەپتىن ئايرىلىپ سىرتلاردا بولالايتتى. پېرمونس خانىم ناپولېئوننىڭ ئاپىسى بىلەن بىر يېزىلىق بولۇپلا قالماي يەنە ئۇنىڭ بىلەن كونا دوستلاردىن ئىدى. ئۇلار پارىژدا قالتىس ھەشەمەتلىك بىر تۇرالغۇ سارىيى بولۇپ، ئۇ يەردە مەخسۇس ناپولېئون ئۈچۈن بىر خانە ئايرىپ قويىدۇ. پېرمون ئەپەندى ۋە ئايالى ناپولېئونغا ھەر ۋاقىت ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى. كېيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە ئاستا-ئاستا ئۇلارنىڭ ئوغلى بىلەنمۇ تونۇشىدۇ. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ قىزى لاۋرې بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، بۇ يۇرت سېغىنىشى ئىچىدە ئۆتكەن ياش يىگىت ھەقىقىي ئائىلە مىھرىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. گەرچە ئۇنىڭ تەبەسسۈمى ئالاھىدە جەلىپ قىلارلىق بولسىمۇ، لاۋرې قىز مۇنداق دەپ ئېتراپ قىلىدۇ: «ئۇنىڭدىكى سەل-پەل بىر تەرەپكە ماكچىيىپ قالغان لەۋلىرى يەنىلا كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلاتتى.» ئۇ خاپا بولۇپ قالغىنىدا «مەن ئۇنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشقا لايىق يۈزىگە رەنجىتىپ قويۇشتىن قورقۇپ ھېچقاچان تىكىلىپ قارىيالمايتتىم. ... ئەمما ئېچىلىپ قالغان ۋاقىتلىرىدا بولسا، ئۇ پۈتۈنلەي باشقىچە بىرسىگە ئايلىناتتى. ئۇنداق خۇشال ۋاقىتلىرىدا ھەقىقەتەنمۇ ئەدەپلىك ۋە مۇلايىملىشىپ كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالاتتى.»
ئەندىلا 16 غا كىرگەن ناپولېئون، 1785-يىلى ئوڭۇشلۇق تۈردە مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، مۇددەتتىن بۇرۇن مەكتەپ پۈتكۈزىدۇ.7 ئۇ، خانلىق ھەربىي مەكتەب قوراسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا دوستى دې مازىس بىلەن لوۋيىس دې فىلىپپاۋكسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 56 نەپەر ئوقۇغۇچى ئىچىدە 42-ئورۇندا توپچىلار سېرژانتلىق ھەربى ئۈنۋانىنى ئالىدۇ. مۇراسىمدا ئۇنىڭ بىرمۇ يېقىن تۇغقىنى بولمايدۇ. ياققىسىغا كۈمۈش تۈگمە قادالغان يېڭى ھەربىي فورما كەيگەن سىرژانت ناپولېئون بوناپارت، ئالدىرىغىنىچە پېرمونلار ئۆيىگە كېلىپ ئۇلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىدۇ. 6-نويابىر كۈنى، ئۇ دېس مازىس بىلەن بىرگە تۇنجى ۋەزىپە ئۆتەش ئورنى ۋالېستىكى لا فېر توپچىلار پولكىغا كېلىدۇ. ناپولېئون بوناپارتنىڭ ھەربىلىك ھاياتى ئەنە شۇنداق باشلىنىپ كېتىدۇ.
ناپولېئون، پولكقا كەلگەندىن كېيىنكى 3 ئايلىق ھەربىي مەشقتىن كېيىن قىلچە مەغرۇرلانمىغان قىياپەتتە «مەن لا فېر توپچىلار پولكىنىڭ ئوفىسسېرلار فورمىسىدىنمۇ يارىشىملىق كىيىم كىيىپ باقمىغان ئىدىم! مەن تۇغما قابىلىيىتىم سەۋەبىدىن رەسمى بىر ئوفىسسېرغا ئايلانغان ئىدىم» دەيدۇ. راست دېگەندەك، ئۇچىسىغا كەشتىلىك يېڭى بولغان كۆك رەڭلىك ھەربى چاپان كەيگەن، ئىچىگە ياقىسىغا كانىۋاي ئىشلەنگەن كۆڭلەك كىيگەن، ئاستىغا قائىدە بويىچە كۆك گەلەپى شىم كەيگەن قىياپىتى ئۇنى ھەر قانداق ۋاقتىدىكىدىنمۇ كىلىشكەن قىلىپ كۆرسىتىپ تۇراتتى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ مۆرىسىگە تاقىغان ئالتۇن چۇچىلىق قىزىل بالداقلىق پاگونى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرەتتى. لا فېر توپچىلار پولكى ئەسلىدە پۈتكۈل فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ توپچىلار مەكتىبى بولغاچقا، ناپولېئۇننىڭ مەغرۇرلىنىشى پۈتۈنلەي ھەقلىق ئىدى. بۈگۈن ئۇنىڭ ئالىدىغان يىللىق ئەسكىرى تەمىناتى 920 لىۋر بولۇپ، بۇ پۇل دادىسى ۋاپات بولۇشنىڭ ئالدىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئالىدىغان يىللىق مائاشىدىنمۇ يوقۇرى ئىدى. شۇنداقتىمۇ فرانسىيىدە تۇرمۇش چىقىمى بەكلا يوقۇرى، پولكتىمۇ بەكلا كۆپ ئارتۇق راسخوت قىلىش ھەمدە زۆرۈرى راسخوتلارنى كۆزدە تۇتقاندا، ئۇنىڭ بۇ مائاشىنى يەنىلا ئۇنچە بەك يوقۇرى مائاش دېيىشكىمۇ بولمايتتى.
«گەرچە مەن ۋەزىپەمنى ئادا قىلىپ بولۇپ بىكار قالغان ۋاقىتلىرىمدا يەنىلا ۋاقىتىمنىڭ سۇدەك ئېقىپ ئىسىراپ بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىدىن يەنىلا ئىچىم پۇشاتتى. مەن بىر مىنۇتمۇ ۋاقتىمنى بىكارغا ئۆتكۈزۈشنى خالىمايتتىم» دەيدۇ ناپولېئون كېيىن ئەسلەپ كېلىپ. راست دېگەندەك، ناپولېئون سېرژانت بولۇپ ۋالېنسقا كەلگىنىدىن كېيىن پولك سىرتىغا چىقىپ ئايلانغىدەكمۇ ۋاقىتى بولمايتتى. پولكتىكى ئالدىراشلىقتا ئۆتكەن 5 يىل جەريانىدا، مۇنداق 4 خىل ئىشنى پەقەتلا ئۇنۇتالمايدۇ: ئۇنىڭ توپچىلار ئوفىسسېرلىق ئىشى دادىسى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ داۋاملىق ئوقۇپ بىلىم ئاشۇرۇپ كورسىكانى فرانسۇزلار بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش ئارزۇسى ھەر دائىم ئۇنىڭ بېشىنى قاتۇراتتى. گەرچە ئۇ شۇ ۋاقىتقا كەلگىچە بىرىنچى قېتىم ئاممىۋىي سورۇنلاردا بىر قانچە سائەت ۋاقىت سەرىپ قىلغان، بىرسىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆز قىزىغا كۆڭۈلدىكىدەك بىرەر يىگىت تېپىپ بېرىشنى خىيال قىلىپ يۈرىدىغان بايىۋەتچە خانىملار سالونىدا ئايلىنىپ يۈرگەندە قىلسىمۇ بۇنداق ئىشلارغا ئۇنچە بەك قىزىقىپ كەتمەيتتى. بۇرۇن ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر قىزنىڭ پېيىدا يۈرۈپ باققان بولسىمۇ ئاقىۋەت بۇنىڭدىن بىرەر نەتىجە چىقىرالماي ۋاز كەچكەن ئىدى. شۇڭا ئۇ، بۇنداق خىياللارنى كاللىسىدىن چىقىرىۋەتكەن ئىدى. ئۇ ئاپىسىغا يازغان خېتىدە «ھۆرمەتلىك ئاپا، ماڭا خەجلىگەن پۇلىڭىز ھېلىمۇ ھەددىدىن ئاشقىچە كۆپ بولۇپ كەتتى. مەن سىزگە داۋاملىق يۈك ئۈستىگە يۈك بولۇپ بېرىشنى خاللىمايمەن. مەن ھەرگىزمۇ ئەتراپىمدىكى كەسىپداشلىرىمدەك ئەيشى-ئىشىرەتنىڭ پېيىدىلا يۈرگىنىدەك ئاخماقانە ھەرىكەتلەردە بولالمايمەن» دەپ يازغان ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭ تېخى كۆڭۈلدىكىدەك بىرەر «ئىستىقبالى» مۇ يوق بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئېسىلزادە خېنىملار مېنى ھەرگىز كەلگۈسى كۈيئوغلىلىققا تاللىۋېلىشى ناتايىن دەيتتى. ئەنە شۇنداق قىلىپ، ناپولېئون ئاقىبىتىنى قاراڭغۇلۇق بولغاچقا بايۋەتچە ئائىلىلەر ئىچىگە كىرىۋېلىش خامخىياللىرىنى تاشلاش نىيىتىگە كېلىدۇ.
ئۇ ھەقىقەتەنمۇ دېگىنىنى قىلىدىغان بىرسى ئىدى.8 شۇنداق قىلىپ، توپچىلىق مەشقىدىن باشقا، 1785-يىلى نويابىردىن 1786-يىلى سىنتەبىرگىچە ۋالېنستىكى كۆپ قىسىم ۋاقتىنى تۇرىۋاتقان قەھۋىخانا بار بىنانىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلۇق ھۇجرىسىغا سولۇنۇپ ئۆتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەر بويىچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ كاللىسى پات-پاتلا بىنورمال خىياللارغا پېتىپ قالاتتى. «ئۇزۇن يىللىق يالغۇزلۇق چەككىنىم سەۋەبىدىن چوڭقۇر خىيال دېڭىزىغا پېتىپ قېلىپ، ھەتتا بەزىدە ئۆزەمنى ئۆلتۈرىۋېلىش خىيالىغىمۇ كېلىپ قالاتتىم.» ئۇ، مېنىڭ خىيالىمغا دادامنىڭ ۋاپاتى ئورنىغا ئۆزەمنىڭ ئۆلۈشى كېلىۋالاتتى دەپ يازىدۇ كېيىن. «قانداق بىر مىجەز مېنى ئۆزەمنى ۋەيران قىلىش ئىستىگىگە زورلىغان بولغىيتتى؟» دەپ ئۆز-ئۆزىدىن سورايتتى. «بۇنىڭ سەۋەبى چوقۇم بۇ دۇنيادا ئۆزەمگە تېگىشلىك بىرەر ئورۇننى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلمەسلىكىمدىن شۇنداق خىياللارغا كىرىپ قالغان بولىشىم مۇمكىن.» بۇنداق ئەھۋال، دۇنيادىكى ئۇنىڭدەك بەكلا كۆپ ياش يىگىتلەرنىڭ ئۆزىدىن سورايدىغان سۇئالى ھەمدە بۇ خىل سۇئالىغا بېرىدىغان جاۋابى ئىدى. ئەمما ناپولېئون ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇنداق كىلەچىكىدىن ئۈمىدسىزلىنىش ھالىتى ھەقىقەتەنمۇ ئۇنى ھەممىدىن سوۋۇتۇپلا قويىدىغان بىر ئەھۋال ئىدى. ئاقسۈڭەكلەر قاتلىمىنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسىگە تەۋە بولۇپ تۇرىۋاتقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر چەتئەللىك سۈپىتىدە بۇ يەردە ياشاۋاتقان ناپولېئون ئۈچۈن ئېيتقاندا ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىنىڭ فرانسىيە ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتەش ئىستىقبالىنى پەقەتلا كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلمەيتتى. «ھامىنى بىر كۈنى ئۆلىدىكەنمەن، نېمە ئۈچۈن بۇ ئۆلۈمنى تېزلىتىپ بۇ تۈر ئۈمىدسىزلىكلەردىن بىراقلا قۇتۇلۇپ كەتمەيدىكەنمەن؟» ئۇ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ فرانسۇزلار ئىشغالىيىتىدىكى ۋەتىنىنى قوتۇلدۇرالىشىغا كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى ئويلىغىنىدا مۇنداق بىر خۇلاسىغا كېلىدۇ: «مېنىڭ يۇرتداشلىرىم يات بىر مىللەتنىڭ قامچىسى ئاستىدا ئېزىلىپ ياتقىنىدا ... ئۆز يۇرتۇمغا قايسى يۈزۈم بىلەن قايتالايمەن؟ كىشى ۋەتىنىدىن مەھرۇم بولۇپ قالغىنىدا، ھەقىقىي بىر ۋەتەنپەرۋەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، قولىدىن كېلىدىغان بىردىن-بىر ئىش — ئۆلۈم!» دەيتتى.
ئەمما ناپولېئون ئۆلۈم ئەرۋاھىغا بويۇن ئەگمەيدۇ. ئەكسىچە ئۇ ئىچىدىكى تۇغما كۈچىگە، پەۋقۇلئاددە قابىلىيىتىگە ھەمدە سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش قىزغىنلىقىغا تايىنىپ ئۈلۈم ئىستىگىنى يېڭىدۇ. شۇندىن كېيىنكى بىر قانچە يىل جەريانىدا ئاچكۆزلۈك بىلەن كىتابقا بېرىلىپ نەچچە ئون دەپتەر كىتاپ ئۈزۈندىلىرى ۋە ئوقۇش تەسىراتى يېزىپ بولىدۇ. كېيىنكى يىللاردا ھەتتا بۇ خاتىرىلىرىدا كۆرسىتىلگەنلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقىمۇ تىرىشىدۇ.
ناپولېئون، بۇ كۈنلەردە زېرىكمەي بېرىلىپ كىتاپ كۆرىدۇ. ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى بىلەن مۇنتىزىم بىر شەكىلدە پۇختا مائارىپ تەربىيىسى كۆرەلمىگەنلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئۇنىڭ قايتا-قايتا پىششىق ئوقىغان بەكلا كۆپ كىتابىنىڭ بارلىقىنى، بۇ ئوقۇش جەريانىدا قېلىن-قېلىن كىتاب ئوقۇش تەسىرات خاتىرىسى قالدۇرۇپ مېڭىشى شۇنىڭدەك دۈچ كەلگەن تېمىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشى ھېچ بىر فرانسۇز ئوفىسسېرىدا كۆرۈلمەيدىغان بىر ئالاھىدىلىك دېيىشكە بولاتتى. ئۇ، 18-ئەسىردىكى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى دې لا روبېرت ۋالپولنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىپ، لا فېر ئارمىيىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ؛ ئۇ، قۇماندانىغا تەكلىپلەر قاتارىدىكى ھازىرقى زامان توپچىلار قىسمىنىڭ تېخنىكىلىرى، ھەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە 4 پارچە ئىلمىي ماقالە يېزىپ چىقىدۇ؛ ئۇ يەنە پلاتونىڭ «جۇمھۇرىيەت» دېگەن ئەسىرىنى تەھلىل قىلىپ چىقىدۇ؛ شۇنىڭدەك يەنە قېدىمقى پارس ھۆكۈمىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ چىقىدۇ؛ ئۇ ھەممىدىن كۆپ قولغا ئالغىنى ئۇرۇش ئوپېراتسىيىلىرى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا قېدىمقى يونان جوغراپىيىسىنى، تارىخىنى ھەمدە ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىدۇ. ئاندىن ئۇ، ھارماي-تالماي قېدىمقى مىسىر، كارتاگ، ئاسسىرىيا بايانلىرىنى تەتقىق قىلىشقا بۇرۇلۇپ، «ياۋروپانىڭ شەرق-غەرىب ھىندىستان تاقىم ئاراللىرىدىكى سودا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پەلسەپەسى بىلەن سىياسىي تارىخى» دېگەن ئىلمىي ماقالىسىنىمۇ يېزىپ چىقىشنى ئۇنۇتمايدۇ. ناپولېئون، بېرتانىيىگە بەكلا قىزىقاتتى. بۇ جەھەتتە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى ھەممىدىن كۆپ ۋاقتىنى ئالغان بولۇپ، ئەنگلىيە تارىخى بىلەن ئۇلارنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش جەريانلىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى بىلەن تەسىراتلىرى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىگە يەتكەن ئىدى (ئۇ يازغانلىرىدا «ئېنگىلىزلار» بىلەن قالغان ياۋروپالىقلار ھەقىقەتەنمۇ پەرقلىق ئىكەن دەپ ھەيران بولاتتى). ئۇ، پرۇسىيەنىڭ بۈيۈك ئىمپېراتورى 2-فرېدېرىخقا بەكلا قىزىقاتتى،9 شۇڭا ئۇ 18-ئەسىردە يېزىلغان ئاببې مارىگنىينىڭ «خەلىپە ھۆكمۈرانلىقى ئاستىدىكى ئەرەپ تارىخى» دېگەن ئەسىرى بىلەن ئامېلوت دې لا ھۇسسىيا يازغان «ۋېنىس ھۆكۈمىتى» دېگەن ئەسەرلەر ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ماچياۋېللىنىنىڭ يازغان ئەسىرى «فلورۇنسا تارىخى» نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىخلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىپ چىقىدۇ. ناپولېئون يەنە ئاق سۈڭەكلەر تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىدۇ. ھەتتا ئۇ لېرباندا 13-ئەسىردە قۇرۇلغان قېدىمقى ئىلاھىيەت ئىنىستىتۇتىنىمۇ تەتقىق قىلىپ چىقىدۇ. بۇلاردىن ئىلھام ئېلىپ «قېدىمى دۇنيالار ھەققىدە ئويلانغانلىرىم» دېگەن بىر پارچە ئىلمىي ماقالىمۇ يېزىپ چىقىدۇ. بۇ ماقالىسىدا «خۇشاللىق» بىلەن ئۇنىڭ سىموۋۇلى ئۈستىدە تەھلىل قىلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ قىزىقىشلىرى بۇلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ: ئۇ يەنە ئىنكا ئىمپىرىيىسى بىلەن كورتسنىڭ مونتېزۇمانى بوي سۇندۇرۇشىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ قېلىن-قېلىن بىر قانچە دەپتەر تەسىرات خاتىرىسى يېزىپ چىققاندىن كېيىن يونان تەتقىقاتىغا قايتىدۇ. قېدىمى يونان تەتقىقاتىدا بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ چوڭ سىياسىيونى ئالسبىيادېسنىڭ قاراشلىرىنى ئالاھىدە تەتقىق قىلىدۇ. بۇ جەرياندا تەبىئىكى ئارىستوتىل تەتقىقاتىنىمۇ ئۇنۇتمايدۇ.
«مەن بىر مەزگىل سۆيگۈ دېڭىزىغا چۆكۈپ كەتكەن ئىكەنمەن.» بۈگۈن شۇلارنى ئويلىسام بۈگۈنكى سۆيگۈلىرىمنى ھەقىقەتەنمۇ ئاخماقانىلىق دەپ قالىمەن. ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر دېيىش كېرەك. بۇ جاھاننىڭ لەززىتىدىن يىراق بىرلا ئىشقا بېرىلگەن ياش ئوفىسسېر بولغاچقا، «مەن ھەقىقىي سۆيگۈ دېگەن نەرسە ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارايمەن. ... ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق، ھەتتا مېنىڭچە بولغاندا مۇھەببەتلىشىش جەمئىيەتكە زىيانلىق ئىشلار، كىشىلىك بەخىتنى ۋەيران قىلغۇچى ھادىسە دەپ قارايمەن» دەپ يازىدۇ. «شۇڭا مەن قىسقىچە قىلىپ شۇنى دېيەلەيمەنكى، مۇھەببەت دېگەن بۇ ھادىسىنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ.» «گەرچە مۇھەببەت كىشىلەرگە تەڭداشسىز لەززەت كەلتۈرەلەيدىغان بىر ھادىسە بولسىمۇ، ئۇنىڭ پەيدا قىلىدىغىنى بەلكىم بۇ لەززەتتىن ھەسسىلەپ ئېغىر ئازاپ كەلتۈرش.»
ناپولېئون بۇلاردىن شۇنداق بىر خۇلاسىغا كېلىدۇ: مۇھەببەت بىلەن دىن تارىخ قاراشلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ كېلىپ، «دىن تەرەققىياتى بىلەن ئۇنىڭ شەكىللىنىشى دۇنيادىكى بەخىتسىز كىشىلەرگە تەسەللى بېرىش رولىنى ئوينىغان، شۇڭا دىن دېگەن بۇ نەرسە بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنى مەڭگۈ ئۆزىنىڭ قۇللىرىغا ئايلاندۇرىۋېلىشنى مەقسەت قىلىپ كەلدى؛ ئەمما قۇللار دۇنياسى دېيىلگەن بۇ دۇنيا، ھېچقاچان يوقالماس بىر دۇنيا بولۇپ ساقلىنىشى مۇمكىن.»
ناپولېئون، ئەنسىزلىك ۋە زىرىكىشلىك ھېسسىيات ئىچىدە ھەتتا ئەتىسى سەھەردە ئۆزىمۇ ئوقىيالمىغىدەك ئالدىراش قول يازمىسى بىلەن بەكلا كۆپ نەرسىلەرنى يازىدۇ. 1786-يىلىدىن 1791-يىللار ئارىسىدا ئۇ ھەممىگە تونۇشلۇق بارون دۇ تېير قاتارىدىكى ھەر دەرىجىلىك قۇماندانلارغا توپ ئورنى ھەققىدە ھەمدە ئوڭ ئېتىش يۈلۈنىشى ھەققىدە ئۆزگەرتىلگەن ماتېماتىكىلىق سانلىق مەلۇماتلار ھەققىدە تەپسىلى تەكلىپلەر بېرىلگەن بەكلا كۆپ خەت يازىدۇ.
ناپولېئون يەنە ئوڭ-دورىلار ئىسكىلاتى ئوتتۇرسىدىكى توپ ئوقى توشۇش چىقىملىرىنى ئازايتىش ھەققىدىمۇ نۇرغۇن لايىھىلەرنى تەتقىق قىلىپ چىقىدۇ. تېير باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بۇ قول ئاستىدىكى تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىسسېرىدىن ھەرگىز ئېسىدىن چىقمىغىدەك چوڭقۇر تەسىراتقا ئېرىشىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، قالغان ئوفىسسېرلار بىنانىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدىكى قەھۋەخانىدا ياكى ھەربىي كورپۇستا ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش ۋە ئويۇن ئويناپ كۈلكە-چاخچاق بىلەن بولۇپ كەتكەن ۋاقىتلاردا ناپولېئون پانار چىراق ئاستىدا كېچىلەپ كىتاپ ئوقۇپ چىقاتتى. ئۇنىڭ كىچىككىنە ياتىقىدا كېچىچە چىراق يېنىق، شۇنىڭدەك ئەتىسى يەنىلا روھلۇق قىياپەتتە ياتىقىدىن چىقىپ كېلەتتى. ئۇ، شىۋىتسارىيە جوغراپىيىسىنى ھەمدە تۈركىيە تارىخىنى، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنى ھەمدە ئاستەكلەر دىنىنى تەتقىق قىلاتتى. ئۇنىڭ بىلىمگە بولغان تەشنالىقى ھەقىقەتەنمۇ قانىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
ناپولېئون، بۇ جەرياندا يېزىپ چىققان بارلىق خاتىرە، خەت-چەك ھەمدە ئويلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئەڭ قىزىقارلىق يېزىلغانلىرى زوراۋان ھاكىمىيەت ئۈستىدە يېزىلغان بايانلىرى بولۇپ، فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كورسىكادا يۈرگۈزىۋاتقان زوراۋانلىقلىرى ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتكەن ئىدى. ناپولېئون ھەقىقەتەنمۇ غەزەپ-نەپرەتكە تولغان غايىلىك بىرسى ئىدى، ئۇ بۇ دۇنيادا ئاجىزلارنى بوزەك قىلىپ زار قاخشىتىپ كېلىۋاتقان ياۋۇز زوراۋان ھۈكمىرانلارغا قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە ئىدى.10
(تەرجىمىنىڭ داۋامىنى كەلتۈرۈشكە تىرىشىمەن - ياغاچ) |
|