|
قەلبىڭىزگە دۇنيا سىغسۇن
ۋارىسجان ئەھمەد
تۇرمۇش، خىزمەت ھەم ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە تولىمۇ ئاز بىر قىسىم ئەر–ئاياللار، خىزمەتداشلار ياكى دوستلار ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ مۇناسىۋەتنى ياخشىلىغىلى بولىدىغان گەپ–سۆز، ئىشلاردىمۇ تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەپ، كۆڭلىدە قارشى تەرەپكە غۇم ساقلاپ ، كىچىككىنە ئىشلارنىمۇ كۆڭلىگە سىغدۇرالمايدۇ، بۇ ئاقىۋەتتە نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەرگە سەۋەب بولۇپ، كەيپىياتىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ كىچىك ئىشنى ياراتمايدىغان، چوڭ ئىشلار قولىدىن كەلمەيدىغان ھەسەتخور، مەنمەنچى، ھەرقانداق ئىشتىن قۇسۇر ئىزدەيدىغان ئوغلىنىڭ مىجەز–خاراكتېرىدىن ئەپسۇسلىنىپ ئۇنىڭغا ‹‹بۇ ئىشمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ›› دېگەن خەت يېزىقلىق ئۈزۈكنى بېرىپ، كۈندە نەچچە قېتىم ئۈزۈكتىكى خەتنى ئۇقۇشنى تاپىلاپتۇ. شاھزادە دەسلەپ دادىسىنىڭ نېمە مەقسەتتە ئۈزۈك سوۋغا قىلغانلىقىنى چۈشەنمەپتۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ‹‹بۇ ئىشمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ›› دېگەن خەتنىڭ مەزمۇنىنى ئاستا–ئاستا چۈشىنىپتۇ. كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەر قانداق ئادەم ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق سەۋەنلىكتىن خالىي بولالىشى، شۇنداقلا قىلغان ئىشلىرى ھەر ۋاقىتلا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالىشى، كۈنلىرى ھەر چاغ خۇشال ئۆتۈشى ناتايىن. ئەتراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، باشقىلارنى مەنسىتمەيدىغان، باشقىلاردىن قۇسۇر ئىزلەشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان، ئۆزىنىڭ نەتىجىسى بىلەن باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىنىلا سېلىشتۇرىدىغانلار بار، ئۇنداقلار ھەرگىز ئۆزىدىكى ئەيىبنى كۆرمەي باشقىلارنىڭ قىلدىن قىيىق كەتكەن تەرەپلىرى بولسا بولدى قىلماي قارشى تەرەپنى رەنجىتىدۇ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ بىر مۇنچە كۆڭۈل ئاغرىقى ئېلىپ كەلمەي قالمايدۇ. ئىجتىمائىي ئالاقىدە كەڭ قورساق، ئەپۇچان بولۇش شۇنچە تەسمۇ؟!
ئادەمنىڭ كەڭ قورساق، ئەپۇچان بولالىشى ئۇنىڭ ئەخلاق–پەزىلىتى ۋە ساپاسىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پەزىلەتلىك ئادەم ھەر قانداق ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ ئىش قىلىدۇ. باشقىلارنىڭ ئادەتتىكى ۋە كىچىككىنە يېتەرسىزلىك، ئېۋەن – نۇقسانلىرىغا ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەيدۇ، يول قويىدۇ، ھەر قانداق ئىشلارنى ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئەتە يېڭى بىر كۈن باشلىنىدۇ، بۈگۈن مېنى چۈشەنمىگەنلەر ئەتە چۈشىنىدۇ، بۈگۈن مېنى خاپا قىلغانلار ئەتە ئوڭشىلىدۇ، بۈگۈن مەندىن رەنجىگەنلەر ئەتە مەندىن سۆيىنىدۇ، دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىغا، خىزمىتىگە، ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈدىغان بەزى گەپ–سۆز، ئىش–ھەرىكەتلەرنى بولدى قىلىپ ئۆتكۈزىۋېتىدۇ، كەيپىياتنى تەڭشىيەلەيدۇ. تولىمۇ ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا باشقىلارنىڭ سەللا ئوشۇق كەتكەن گەپ–سۆزلىرىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەيدۇ، كىرىشىۋالىدۇ. ئېۋەن–نۇقسان، ئىش–ھەرىكەتلىرىنى تۈزىتىشىگە ياردەم بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن قارشى تەرەپنىڭ ئادەتتىكى گەپ–سۆزىدىنمۇ ئاغرىنىدۇ، سەسكىنىدۇ. بۇنداق پەزىلەتسىز كىشىلەر ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىگە ئانچە ئېرەنشىپ كەتمەيدۇ، باشقىلارنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى ئاشكارىلاشقا ئالدىرايدۇ.
تۇرمۇشتا ھەر قانداق ئىش چۈشىنىش، سەمىمىي بولۇش، ئىشىنىش، كەڭ قورساق بولۇش ئارقىلىق ئوڭشىلىدۇ. كەڭ قورساقلىق ئادەمنى مۇۋەپپەقىيەتكە باشلايدۇ، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە نائىل قىلىدۇ، ياخشىلىققا ئۈندەيدۇ. ئۆزئارا چۈشىنىش بولمايدىكەن ئىشىنىش شەكىللەنمەيدۇ. چۈشىنىش بولمايدىكەن باشقىلارنىڭ ئۆزىمىزگە پايدىلىق ئىشلىرىمۇ گۇمانلىق تۇيۇلىدۇ. شائىرلارنىڭ ‹‹ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ ›› دېگىنىمۇ دەل ئىنسانلارنىڭ كەڭ قورساقلىقىغا، قەلبىنىڭ نەقەدەر ساپ ھەم پاكلىقىغا، ئىنسانلاردىكى مېھرى–مۇھەببەتنىڭ نەقەدەر چەكسىزلىكىگە قارىتىلغان بولسا كېرەك. شۇڭا كۆڭلى–كۆكسىمىز شۇنچىلىك كەڭ بولسۇنكى، قەلبىمىزگە دۇنيا سىغسۇن!
شىنجاڭ گېزىتىدىن
|
|