مېنىڭ تاغام 5
پەيشەنبە كۈنى تاغامنىڭ ئېشەك توغرىلىق يازغان ھېكايىسىنىڭ ئوگىنالىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.
ھېكايە ئاددى ھەم مۇجىمەللا يېزىلىپ قالغان بولۇپ تاغام ھېكايىسىنى مۇنداق باشلىغاندى.
مەھەللىمىزدە مەھمۇت ئىسىملىك 45-50 ياشلاردىكى بويى ئگىز ھەم سىمىز ، بىر ئادەم بار. لىكىن مەھەللىمىزدىكىلەر ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە ئېشەك دىگەن لەقەمنى قوشۇپ ئاتايتى. ئەلۋەتتە ئۇ بار جايدا ئۇنداق دەپ چاقىرغىلى بولمايدۇ. لىكىن ئۇنى مەھمۇت ئېشەك دىسە مەھەللىدىلا ئەمەس، پۈتۈن يىزىكىلەر تونۇيتى، ئەگەر سىز بىرە ئېشەك ئالماقچى ، ياكى ساتماقچى بولۇپ بىرەر بېدىككە ئېتىياجلىق بولسىڭىز. ئۇدۇل مەھەللىمىزگە كېلىڭ. ئۇنىڭ ياردىمىدە كۆڭلىڭىزدىكىدەك ياخشى باھادا ئالالايسىز، ياكى ساتالايسىز. ئەگەر ساتماقچى بولسىڭىز ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئېشىكىڭىز توغرىسىكى تەرپلەشلەرنى ئاڭلىسىڭىز، ئېشىكىڭىزنى ساتماي قايتۇرۇپ كەتكىلى تاسلا قالىسىز.
ئەمدى ئۇنىڭ نىمشقا مەھمۇت ئېشەك دەپ ئاتىلىىپ قالغانلىقغا كەلسەك بۇنىڭ ئۆزىمۇ قىزىق بىر ھېكايە.
بىر قېتىم ئۇ بېدىكلىك قىلغان بىر ئېشەكنى خېرىداي قىممەت كۆرۈپ ئالمىغان ئوخشايدۇ. ئوغۇلبالىدارچىلقتا ئۇ ئۆزى ئاپتۇ. لىكىن بىر نەچە قېتىم بازارغا سۆرەپمۇ ئۆزى ئالغان باھادا ساتالماپتۇ. مەھمۇت ئاخىرى بىرئامال تېىپىپ چىقىپتۇ. بىر كۈنى ئۇ ھېلىقى ئېشەكنى ئېلىپ قوشنا يىزىدىكى بازارغا بېرپتۇ. ئىشەكنى بىرنى ئون قىلىپ بىر ماختىغىلى تۇرۇپتىكەن ، بىر دەمدىلا ئەتراپىغا خېرىدار يېغىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر بوۋاي ئېشەككە خېلى يۇقىرى باھا قويسىمۇ مەھمۇت ساتقىلى ئۇنىماپتۇ. ھېلىقى بوۋاي كەتكەندىن كىيىن باشقا بىر دىھقان ئېشەكنى ئالماقچى بولۇپتۇ. ئۇ دىمەڭ، بۇ دىمەڭ ئاخىرى باشىتىكى بوۋاي قويغان باھاغا كېلىشپتۇ، شۇ سورۇندا مەھمۇت بىلەن بىر مەھەللىلىك بىرئادەممۇ بار ئىكەن . ئۇ مەھمۇتنىڭ قاراپ تۇرۇپلا بىر ئادەمنى قويۇپ كەتكىنىگە ئاچچىقى كېلىپ شۇ سورۇننىڭ ئۆزىدىلا قىلچىمۇ يۈز خاتىرە قىلماستىن<<ھەي مەھمۇت كەسپىڭ ئېشەكچىلىك، ئۆزەڭ بولسا بىر ئېشەككەنسەن>> دەپتۇ.
باشقىلار ئۇنىڭ گېپنى چۈشەنمەي ھەيران بوپتۇ. ھېلىقى كىشى ئەھۋالنى كۆپچىلىككە دەپ بېرىپتۇ.
ھەقىقى ئەھۋالنى ئاڭلىغان خالايىق قوللىرىغا تاياق ئېلىپ <<ھۇ ئېشەك، چىقە بازارنى قالايمىقان قىلماي>>دەپ مەھمۇتنى ھەيدىگەن پېتى بازاردىن چىقىرىۋىتىپتۇ. ئەسلىدە بىرنچى قېتىم ئېشەككە يۇقىرى باھا قويغان كىشى مەھمۇتنىڭ ئۆز دادىسى ئىكەن. بىرى ساتمىغان ، بىرى ئالمىغان بولۇپ ئېشەككە بازار چىقارغان ئىكەن. مانا شۇنىڭدىن كىيىن ئاشۇ ئىش قۇلاقتىن قۇلاققا كۆچۈپ ئاخرى ئۇنىڭغا ئېشەك دەپ لەقەپ قويۇلۈپ قالدى.
مەھمۇت ھازىرمۇ ئېشەكچىلىك قىلاتتى. ھەر پەيشەنبە كۈنى ئەڭ نوچى بىر ئېشەكنى جابدۇقلىرى چىرايلىق بېزەلگەن بىر ھارۋىغا قوشۇۋالاتتى. ھارۋنىڭ كەينىگە بولسا يەنە بىر-بىرىدىن قېلىشمايدىغان نوچى تۆت- بەش ئېشەكنى باغلاپ بازارغا ماڭاتتى.مانا بۈگۈن بىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن بازارغا بىللە بېرىپ ئۇنىڭ ئېشەك سېتىشىنى تاماشا قىلايلى.
مانا ئېشەك بازىرى ئەتتگەندىلا قىزىپ بولغاندى. ئۇنىڭ بازارغا كىرگىنىنى كۆرگەن خالايىق دەرھاللا ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىشتى. ئاندىن ئۇ ئېشەكلەرنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.
- <<مانا بۇ بولسا يوپۇرغىنىڭ نەسىللىك ئېشىكى بولۇپ ناھىيە بويىچە پەقەت مانا مۇشۇلا بار .ماۋۇسى بولسا خوتەن قارا قاشتىن ئالاھىدە كەلتۈرگەن نەسىللىك ئېشەك بولۇپ ياۋا ئېشەك بىلەن خوتەن نەسىللىك ئېشىكىنىڭ نەسلى ، ماۋۇنى دەمسلەر؟ بۇ بولسا تۇرپان
ئېشىكى بولۇپ بۇلۇپ مۇڭغۇل ئاتلىرى بىلەن نەسلىلەندۈرۈلگەن ئەڭ ياخشى ئېشەك،بۇ..
-ۋاي ئۇكامۇي،دىدى . قويۇق قارا ساقاللىق ، دىقماق كەلگەن بىر دىھقان،تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا- ئات بىلەن ئېشەكنى نەسىللەندۈرسە قېچىر چۈشمەي ئېشەك چۈشەمدۇ؟ نىمانداق ئادەمنڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان گەپ قىلىسەن؟
مەھمۇت بۇ قېتىم گەپتە كەتكۈزۈپ قويغان ئىدى . گېپىدىن يېنىۋالاي دىسە، ئەل -جامائەت ئالدىدا يۈزى چۈشىدۇ، مېنىڭ راست دەي دىسە ئات بىلەن ئېشەكتىن قېچىر چۈشىدىغىنى ھەممىگە ئايان،
شۇنىڭ بىلەن مۇھمۇت دەرھال بىرئەقىل تاپتى. ئۇ ھېلىقى كىشىگە قاراپ :
-سىز بىلمەيسىز . ئەينى ۋاقىتتا چىڭگزخاننىڭ قوشۇنى خارەزىمگە ئۇرۇش قىلغىلى ماڭغاندا ئەسكەرلىرىگە ئات يېتىشمەي قېلىپ تۇرپاندىن بىر تۈركۈم ئېشەكلەرنمۇ قوشۇنغا سەپلەپ ئېلىپ ماڭغان. شۇ ئېشەكلەرنىڭ ئىچىدە تۇرپانلىقلار نەچچە مىڭ يىلدىن بىرى نەسىلىنى ئۆزگەرتىش قىلىپ كېلىۋاتقان بىر قارىسا ئاتقا بىر قارىسا ئېشەككە ئوخشايدىغان بىر تۈركۈم ئېشەكلەرمۇ باركەنمش، بۇلار مانا شۇ ئېشەكنىڭ نەسلى دەپ گەپنى تۈگەتتى.
-دىمەك بۇلار يەنىلا ئېشەكنىڭ نەسلىكەنغۇ؟-دىدى ھېلىقى دىھقان قايىل بولماي،-باشقا ئېشەكلەردىن قانداق پەرقى بار بۇنىڭ ؟
- پەرقىما ؟-دىدى مەھمۇت،- بۇ ئېشەكنىڭ يۈگۈرۈش سۈرئىتى ئوقتەك تىز، ئۆزى مۇلايىم ياۋاش. ئوت-چۆپ تاللىمايدۇ. ئېشەك باقاي دىگەن ئادەم بېقىپ قويسا بولىدىغان ئېشەك بۇ.
ئۇ ھامان مانا مۇشۇنداق گەپلەر بىلەب ئېشەكلىرىنى ماختايتى. ماختىغىنغا لايىق ئېشەكلىرىنىڭ بازىرىمۇ ياخشى بولاتتى.
ئۇ ئادەتتە بازاردا ئېپىدىرەك ئېشەكلەر ئۇچراپ قالسا ئۇنىڭ تەقى -تۇرقى ، مېڭىش-ماڭماسلقىغا قارىماي مۇۋاپىق باھادا ئېلىپ قوياتتى. لىكىن كىيىنكى ھەپتىدە ھېلىقى ماڭماس ئېشەكلەر ئۇچىدىغان تۇلپارلارغا ئايلنىپ قالاتتى. كىشلەر بۇنىڭ سەۋەبىنى مەھمۇت قولىغا كىچىكنە بىر بىگىزنى ئېلىۋالىدۇ. ئېشەككە ھەر قېتىم ئوت سالغىلى كىرسە ئۇيەر - بۇ يېرىگە بىگىزنى سانچىپ ھېلىقى ئېشەكنى ئادەمنى كۆرسە چاچراپ تۇرىدىغان قىلۋىتىدۇ. دەيتى. ئەمما مەن دائىم ئۇنىڭ ئېشەكنىڭ ئالدىغا چېلەكتە بۇغداي تۆكۈۋاتقىنى كۆرەتتىم.
بىرەر يىل بولدىمىكىن ئۇ بەستى ئاجايىپ چوڭ ، يالىلىرى پارقىراپ تۇردىغان بىر ھاڭگا ئېشەكنى پەيدا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مەھەللىدىكى ياخشىراق مادا ئېشىكى بارلار ئۇنى ئىزدەپ بارىدىغان بولدى. ئۇ دەسلەپتە ئەللىك جىڭ قوناق ئالغان بولسا ، كىين يۈز جىڭ ئالىدىغان بولدى. مانا ئەمدى ئۇچيۈز كوي نەق پۇللا ئالاتتى. ھەممىلا ئادەم ئۆيىدە ئىككى ئېشەكنى تەڭلا باقالمايدۇ-دە . ئامال يوق. كىشلەر يەنىلا ئۇنى ئىزدەيتى، چۈنكى ياخشىراق تەخەي چۈشسە ھېلىقى ئۈچيۈزكوي كۆزىگە كۆرۈنمەيتى.
بىر كۈنى ئاخشىمى ئۇنىڭ ئۆيدىن قاتتق يىغا -زارە ئاڭلاندى. يېقىن قوشنا بولغاچقا بىرەر مۇسىبەت بولغان چېغى دەپ كىيىممنىمۇ چالا-بۇلا كىيىپ يۈگۈرۇپ چىقىپتىمەن. قارىسام قوشنام ھويلىدىكى سۇپىغا سېلىغان كۆرپە ئۈستىدە سۇنايلىنلىپ يېتىپتۇ . نىمەبولغانلىقىنى سورساق ھېچكىم بىر نەرسە دىيەلمىدى.ئۇلار شۇ چاغدا ئۆيدىكەن . تاراق- تۇرۇق ئاۋازنى ئاڭلاپ ھويلىغا چىقىپ دادىسىنڭ بېشە داسقاچىلانغان ھالدا يەردە ياتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ . قارىسا يۈز-كۆزلىرى بۇلغىنىپ كەتكەن ، يۈزنى يۇيۇپ پاكىزلاپتۇ. ئاندىن قورۇپ يىغلاشقا باشلاپتۇ، بىزشۇنىڭغا ئۈلگۈرۈپ كىرىپتىمىز.
قوشنلاردىن بىر قانچىسى مەندىن بالدۇر كىرىپ بولغاندى. ئايالى بىلەن بالا- چاقىلىرى تېخىچىلا مىشىلداپ يىغلىشىپ تۇراتتى. بىر ئازدىن كىيىن ھوشىغا كەلدى.
-مەھمۇتجان نىمە بولدۇڭلار ؟ دەپ سورىدىم.
- يىسۇن دەپ بۇغداي ئېلىپ كىرسەم ما گۇينىڭ ئېشىكى بىر ئۈسۈپلا يىقىتىۋەتتى ئاندىن سانماي تەپكىلى تۇردى. بىر بۇلۇڭغا ئاران بېرىۋالدىم. قارىسام ئالدىمغا كېلىپ جىممىدە تۇرىدۇ. بىردەمدىن كىيىن خۇددى گەپ قىلغاندەك ئاغزىنى غەلىتە بىرقانداق قىلدى. ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرىتقا مېڭىۋىدىم. ئارقامدىن كېلىپ بىر ئۈسۈۋىدى . بالىلار قويۇپ قويغان بىر داس سۇغا دۈملا چۈشۈپ ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن. ھازىر ۋاراڭ -چۇرۇڭ ئاۋازدىن ئويغىنىپ كەتتىم. قارىسام بېشىمدا سىلەر تۇرسىلەر بولغان ئەھۋال مانا شۇ،دىدى قوشنام .
-ساقمۇ سىلى ھوي؟-دىدىم ئاستا ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ.
-دۈمبەم ئازراق ئاغرىۋاتىدۇ. يەنە قورساقلىرىممۇ ئازراق ئاغرىۋاتىدۇ. ئىشقىلىپ ساق.
ھەر ھالدا خاتىرجەم بولۇپ قايتىپ چىقتۇق. قوشنام قاسىم ھەدەپ پىخلداپ كۈلۋاتاتتى.
-قاسىمكا ، نىمىگە كۈلىسەن ،-دىدىم ھېچنىمىنى چۈشەنمەي.
- ئۇنىڭ <<بىر داس سۇغا دۈم چۈشتۈم >> دىگىنىنى ئاڭلدىڭمۇ؟-دىدى.قاسىمكام ئۇ سۇ ئەمەس ، بەلىكى ئايالى قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇپ چىقىرىپ قويغان سۇ.
-سەن ئۇنىڭ يۇندا ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىسەن.
-بىر سائەت بۇرۇن مەن ئۇنىڭ ئۆيىدە لەڭمەن يىگەندىم. ئايالى قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇپ سۈيىنى شۇ داسقا تۆكۈپ ئەتە ئەتتىگەندە قويلارغا بېرىمىز دەپ شۇ يەرگە قويۇپ قويغنىنى مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن.
-دىمەك ئۇ ...-دىۋىدىم، قاسىمكام <<ھەئە >>دىگەن مەنىدە بېشنى لىڭشىتتى.
ئارىدىن ھەپتە ئۆتكەندە مەھمۇت ئۇچراپ قالدى.
-باشقىلارغا ئېشەك قويۇپ بېرىپ پۇل ئالىدىغان ئىشنى ئەمدى قىلماي دەپ ھېلىقى ئېشەكنى ئېلىشىغا سېتىۋەتتىم،-دىدى ئۇ. ،- مەن ئېشەكنىڭ ھېلىقى كۈنىدىكى قىلىقىدىن راستىنلا قورقۇپ قالدىم.
-تازا ئوبدان ئىش قىلىپسەن مەھمۇتكا،-دىدىم ئۇنىڭغا،- ئۇنداق ئىشلارنى ئىگىسىمۇ كەچۈرمەيدۇ. باشقىلارمۇ نارازى بولىدۇ.
|