فرانك گوبل
ئۈچىنچى پسىخولوگىيە ئېقىمى:
ئابراھام ماسلوۋ
پسىخولوگىيىسى
ئورگىنال ئىسمى:
Frank Goble
The Third Force
The Psyhology of Abraham Maslow
Washington Square Press
1970
― ئا. ئابدۇلھەق بوران تەرجىمىسى
(تەرجىمىسى پۈتكەندە تايتا سېلىشتۇرۇپ تۈزىتىلىدۇ)
مۇندەرىجە
1. تەرەققىيات جەريانى
فرېئۇد ئېقىمى
ئىش-ھەرىكەتچىلىك ئېقىمى
2. ئۈچىنچى پسىخولوگىيە ئېقىمى
ئابراھام ماسلوۋ ھەققىدە
باشقا تەلىماتلاردىن پەرقى
ئۈچىنچى پسىخولوگىيە ئېقىمىنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلى
3. ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەتقىقاتى توغرىسىدا
ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
4. تۈپكى ئېھتىياج نەزەرىيىسى
بىئولوگىيىلىك ئېھتىياجلار
بىخەتەرلىك ئېھتىياجى
تەۋەلىك ۋە سۆيگۈ ئرېھتىياجى
قەدىرلىنىش ئېھتىياجى
ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئېھتىياجى
تونۇش ۋە پىكىر قىلىش ئارزۇسى
ئىستېتىك ئېھتىياجى
تۈپكى ئېھتىياج قاندۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرى
بىرىنچى بۆلۈم
تەرەققىيات جەريانى
ئون توققۇزىنچى ئەسىردىن ئىلگىرى، ئادەم ئىش-ھەرىكىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ئاساسلىقى ئىلاھىيەتشۇناسلار بىلەن پەيلوسوپلار شوغۇللىنىدىغان بىر ساھە ھېساپلىناتتى. پەقەت گالىلى، نيوتون ۋە ئۇندىن كېيىنكى ئالىملارنىڭ كەشپىياتلىرىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، ئادەم ۋە ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە بولغان قىزىقىشلار تەدرىجى شەكىلدە ئىلاھىيەتشۇناسلار تەۋەسىدىن ئالىملارنىڭ تەتقىقات قىلىش ساھەسىگە ئايلىنىشقا باشلايدۇ. ۋېلسۇن ۋات (1832~1920) كىشىلەر تەرىپىدىن ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا ئىلمىي پسىخولوگىيىنىڭ قۇرغۇچىسى دەپ تونۇلماقتا. ۋات، بۇ يېڭى ئىلىم ئۈستىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش خاراكتېرلىق قوللانمىسىنى ئېلان قىلىدۇ، شۇنىڭدەك 1879-يىلى گېرمانىيىنىڭ لىبكخېنت شەھىرىدە تۇنجى رەسمى پسىخولوگىيە تەجرىبىخانىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. 1881-يىلى ئۇ يەنە تۇنجى تەجرىبە پسىخولوگىيە ئىلمى ژۇرنىلىنى چىقىرىدۇ.
ئۇزۇنغا قالماي، پسىخولوگىيە ئىدىيىسىنىڭ باشقا ئېقىملىرىمۇ كەينى-كەينىدىن ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلايدۇ: ۋېلسۇن ئومس ئامېرىكىدا مېخانىكىچىلىق دولقۇنىنى قوزغايدۇ؛ گېستالت پسىخولوگىيىسى گېرمانىيىدە ئوتتۇرغا چىقىدۇ؛ فرېئۇد پسىخولوگىيىسى ۋيېنادا قانات يايدۇرۇلىدۇ؛ جون ب. ۋاتسۇن يەنە ئامېرىكىدا ئىش-ھەرىكەتچىلىك پسىخولوگىيىسىنىڭ ئاۋانگارتى بولۇپ قالىدۇ.1
1954-يىلى ماسلوۋ «ئارزۇ ۋە ئىنتىلىش» دېگەن كىتاۋىنى نەشرى قىلدۇرغان ۋاقتلار، ئامېرىكىدىكى ئالى مەكتەپلەردە ئىككى چوڭ پسىخولوگىيە ئېقىمى ھۈكۈمران ئورۇندا تۇرىۋاتقان دەۋرلەر ئىدى. گەرچە پسىخولوگىيە تەتقىقاتىدىكى ئۇششاق-چۈششەك نەزەرىيىۋى سىستىمىلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمىسىمۇ، مۇتلەق كۆپ قىسىم روھى كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسلىرى، پسىخولوگلار ۋە ئىش-ھەرىكەتچىلىك ئالىملىرىنى يىغىپ يۆگەپ سىگمۇند فرېئۇد ياكى جون ب. ۋاتسوننى ئىدىيىۋى مەنبە قىلىپ پائالىيەت قىلغۇچىلار دېيىش مۇمكىن.
فرېئۇد ئېقىمى
سىگمۇند فرېئۇد يېقىنقى زامان تارىخىدا ئىنسانىيەتنىڭ ئىش-ھەرىكىتى ھەققىدىكى ئەڭ ئومۇمى، ئەڭ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغان نەزىرىيىدىن بىرىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئامېرىكا پسىخولوگىيە جەمىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى (ھېربرىت مول) مۇنداق دەيدۇ: ”1950-يىللارنىڭ ئالدىدىكى ھەر بىر ياش فرېئۇد نەزىرىيىسىدىن خەۋەردار ئىدى. يەنى بۇ نەزىرىيە رىيال دۇنياغا ھەقىقەتەنمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى، بۇ نەزەرىيە پسىخولوگىيىلىك داۋالاش ساھەسى ئۈچۈن مۇھىم ئاساسلاردىن بىرى بولۇش بىلەنلا قالماستىن، مائارىپشۇناسلىق، قانۇنشۇناسلىق، دىن تەتقىقاتى، بالىلار تەربىيىسى، سەنئەت، ئەدەبىيات، ئىجتىمائى پەنلەر ۋە پەلسەپە قاتارلىق ساھەلەرگىمۇ سىڭىپ كىرمەكتە ئىكەنلىكىدىن ياشلار ئاساسەن خەۋەردار ئىدى.“ (ئەپسۇسكى، بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مەنلىك (ئۆزلۈك) ۋە جەمىيەتشۇناسلىق تەتقىقات ساھەسىدە، − ئەگەر بۇنداق بىر ساھە ئۇيغۇر جەمىيىتىدە بار دېيىلگىنىدە − بۇ ھەقتىكى تونۇشلار 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئوتتۇرلىرىدىلا ئىنتايىن يۇمۇران ۋە يېپ-يېڭى بىلىم سۈپىتىدە ئىنتايىن ئاز زىيالىلار ئارىسىدا كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، تا يېقىنقى يىللارغىچىلا بۇ ھەقتىكى بىلىملەر بىرەر ئاددى ساۋات شەكلىدە بولسىمۇ ئومۇملىشىش مۇھىتىگە ئېرىشەلىگىنى يوق. گەرچە بۇ جەرياندا، ئىنتايىن ئاز ساندىكى زىيالى ياكى ياش ستۇدېنتلىرىمىز بۇ ھەقتىكى نەزەرىيەلەردىن ئاز-تۇلا خەۋەردار بولغان، بەزى ئىجادىيەتلىرىدە ئىنتايىن ئېھتىيات بىلەن تەقلىدىي پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، بۇ تۈر كىشىلىرىمىزنىڭ ئۇرۇنۇشلىرى يا قاتتىق ھاقارەتلەر ئاستىدا قالدى يا بولمىسا قىلچە تەسىر پەيدا قىلالمىدى. 21-ئەسىر ئۇيغۇر جەمىيىتى بەكلا كۆپ يېڭىلىقلارغا ھامىلىدەك قىلسىمۇ، بۇ تۈردىكى ئۇقۇملاردىن خەۋەردار بولۇش ھالىتىنى يەنىلا يوق دېيەرلىك دېيىش مۇمكىن. يەنى بىز يەنىلا پاۋلوپ، ماكارىنكوۋ قارىشى دائىرىسىدە، بەك بولۇپ كەتسە دارۋىنىزمنىڭ ئاتېيىزم ھالىغا كەلتۈرۈلگەن پسىخولوگىيە ئاساسىدا مەنلىك ۋە جەمىيەت تەتقىقات ئۇسلۇبىنى قۇرال قىلىپ كەلمەكتىمىز دېسەك تۇلا بەك خاتا بولماس. – ئا، ئابدۇلھەق بوران)
ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمىيەتشۇناسى رىچارد ل. پيېر، 1959-يىلى مۇنداق دەپ يازىدۇ: ”بۇ تەلىمات (فرېئۇدنىڭ ئېتىلوگىيىسى) ئامېرىكا بىلىم ساھەسىدىكى داھىلارنىڭ ئەڭ بەك چوقۇنىدىغان ئېتىلوگىيىسىگە ئايلاندى.“
فرېئۇد، 1900-يىلى تۇنجى مۇھىم ئەسىرى بولغان «چۈش تەبىرى» (چۈش ئۆرۈش) كىتاۋىنى ئېلان قىلىشىدىن باشلاپ ھەممە تالاش-تارتىش قىلىدىغان بىرسىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ، بىر باشلامچى، بىر داھى بولۇپ، ئۆمۈرى بويى روھى كېسەللىكلەر ھەققىدىكى ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەستايىدىل تىرىشقان. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئاڭلىق تەپەككۈر بىلەن ئەقلى كۈچنى ھەددىدىن ئارتۇق تەكىتلەيدىغان قاراشلارغا قارشى بىر ھەرىكەت دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇ ئىنتايىن كۆپ تەرەپلىمىلىك يازغۇچى بولۇپ، يېڭىدىن بىرەر تەجرىبە نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى ھامان ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بۇرۇنقى قاراشلىرىنى دەرھال تۈزىتىپ ياكى ئۆزگەرتىپ تۇراتتى. شۇنىڭغا قارىماي، ئۇنىڭ تەلىماتلىرىدىكى ھالقىلىق قاراشلار يەنىلا ئىزچىل تۈردە ئۆزگەرمەي ساقلىنىپ كېلىنمەكتە. ئۇ، ئىلاھىيەتچىلىك ئەقىدىلىرى ئاساسىدىكى تەتقىقات ئۇسۇللىرىنى چۆرۈپ تاشلاپلا قالماستىن، ئۇ تۈردىكى ئىدىيىلەرنىڭ ئوتتۇرغا قويغان خۇلاسىلىرىنى رەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، دىنى تۇيغۇ دېگەنلىك، بالىلارچە خاتا تۇيغىدىنلا ئىبارەت ئىدى.
فرېئۇد، دارۋىن ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىنى ئېغىر دەرىجىدە يوقتۇرىۋالغان بولغاچقا، ئۇنىڭ تەتقىقات ئوبىكتىۋى بولغان ئادەم، تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ تەدرىجى تەرەققىيات نەتىجىسىدە ئادەم بولۇپ شەكىللىنىپ قالغان، دېگەن پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش ئىدى. يەنى جانلىقلار كائىنات كۈچلىرىنىڭ ئانورگانىك ماددىلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى نەتىجىسىدە بۇ ئانورگانىك ماددىلارنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتى ئارقىلىقلا بارلىققا كەلگەن؛ بۇ نوقتىدىن ئالغاندا، ئادەممۇ بىر تۈرلۈك ھايۋان ۋە پەقەت ھايۋاندىنلا ئىبارەت دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ دېيىشى بويىچە، “ئادەم مەدەنىيەتكە قاراپ تەرەققى قىلىشى جەريانىدا ھايۋاناتلار دۇنياسى ئىچىدە ئۆز جىنىسلىرىغا ھۆكۈمدارلىق قىلىش ئورنىغا ئېرىشەلىگەن؛ ئەمما ئۇ، ئېرىشكەن بۇ ئەۋزەللىكىدىن رازى بولالمىغاچقا، ئۆزى بىلەن باشقا ھايۋان سۈپەتلىرى ئوتتۇرسىغا بىر چېگرا، ھاڭ سىزىۋالغان؛2 ھايۋانلاردا (理智) ئاڭ، يەنى ئەقىل-ئىدراك، بىلىش بولمايدۇ دەپ قاراپ، ئادەم ئۆزى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك روھنى ئاتا قىلىۋالغان، شۇنداق قىلىپ ئادەم ئىلاھى بىر ياراتقۇچىنىڭ ئەۋلادى بولىۋالغان. شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى ھايۋاناتلار دۇنياسىدىن پۈتۈنلەي ئايرىم بىر مەۋجۇدىيەت دەيدىغان بىر تونۇشنى ئوتتۇرغا قويىۋالغان. … بىزگە مەلۇمكى، بۇندىن يېرىم ئەسىر ئىلگىرى چارلىز دارۋىن بىلەن ئۇنىڭ ھىمايىچىلىرى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئىزباسارلىرىنىڭ كېيىنكى يىللاردىكى تەتقىقاتى ئادەم ھەققىدىكى بۇ تۈر قاراشلارغا خاتىمە بەردى. يەنى ئادەم ھايۋاندىن پەرقلىق مەخلۇقمۇ ئەمەس، شۇنىڭدەك ھايۋاندىن ئارتۇقچىلىقىمۇ يوق. ئادەم ھايۋاناتلار دۇنياسىدىن بارلىققا كەلگەن مەخلۇق، پەقەت ئۇ بەزى ھايۋانلارغا يېقىنىراق، يەنە بەزى ھايۋانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يىراقىراقلا بولغان، خالاس.”
فرېئۇد پۈتۈن ئۆمرى بويىچە ئادەم ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ چىقىش مەنبەسىنى خىمىيىلىك ۋە فىزىكىلىق دائىرە بويىچە چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان. ئۇنىڭ قىزىقىدىغىنى نېرۋا كېسەللىكلىرى، لابوراتورىيىدە تەجرىبە قىلىشلار ۋە روھى كېسەللىكلەر ئىدى. گەرچە ئۇنىڭ نەزىرىيىسى كەڭ دائىرىلىك ئىجتىمائى ئەھمىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، فرېئۇد ئىشىنىڭ بۇ تەرىپىگە قىزىقمايتتى. ئۇ، كىشىلەرنى قەلىبنىڭ يوشۇرۇن ئاڭ (يوشۇرۇن بىلىنگەن، بىلىنگەن ئاستى، يوشۇرۇنغان ئىدراك – ئا. بوران) قىسمىنىڭ ئادەم ئىش-ھەرىكىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى تەرەپكە دىققىتىنى بېرىشكە ئۈندەيتتى. ئۇ، ئادەم مېڭىسىنى زور بىر مۇز تاغقا ئوخشاتقان بولۇپ، بۇ مۇزتاغ چوققىسىنى ئادەمنىڭ ئاڭلىق چۈشىنەلەيدىغان، (ئاشكارە بىلىپ تەپەككۈر قىلالايدىغان، بىلىنگەن – ئا.ب) يەنى ئاشكارە ئاڭ قىسمىغا ئوخشاتقان بولۇپ، مېڭىنىڭ بۇ قىسمى سۇ ئاستىدا قالغان پۈتۈن مۇز تېغىغا ئوخشىتىلغان پۈتۈن بىلىنگەن قىسمىنىڭ ئىنتايىن ئاز قىسمىنىلا تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئاساسلىق بولغان، ئىرىسى بولغان، تۇغما بولغان ئىنتىلىش، ئارزۇ كۈچى ئۇنىڭ ھايۋانى ماھىيىتىدىن كېلىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ ئىنتىلىشلارنى مۇنداق ئىككى تۈرگە ئايرىش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ: ياشاشنى، كۆپىيىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھاياتىنى ساقلاش تۇغما قابىلىيەت كۈچى (ئىنىستىنكىت) بىرىنچى تۈرگە مەنسۈپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جىنىسى ئىستەك كۈچى ئەڭ مۇھىم ھاياتلىق كۈچى ھېساپلىنىدىكەن. فرېئۇدنىڭ مەشھۇر سۆزى بولسا “بارلىق ھاياتلىقنىڭ غايىسى ئۆلۈم.” فرېئۇد “ئەسلى مەن” (ئىد، ئۇيغۇرچىدا ئۆزلۈكنىڭ بىر تۈرى، تۈۋەنكى ئۆزلۈك، دەپمۇ ئېلىنىۋاتقاندەك. ئىپتىدائىي مەنلىك دېيىشمۇمۇمكىن– ئا،ب) دەپ ئاتىغان يۇشۇرۇن ئاڭدىكى ھايۋانى ئىقتىدارنىڭ كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئادەتتە جەمىيەت بىلەن زىدلىشىپ تۇرىدىغان، ئېتىك قائىدە تۈزۈمى بولمىغان بىر كۈچ ھېساپلىنىدىكەن. “بۇ تۈردىكى تۇغما قابىلىيەت ئەسلى مەننى كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ. ئەمما ئۇ تەشكىلچانلىقى بولمىغان، بىرلىككە كەلگەن ئىرادىسى بولمىغان بىر قابىلىيەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تۇغما ئارزۇسىنىڭ ھاياجانلىنىش تەلىۋىنى قاندۇرۇشنىڭلا خىيالىدا يۈرىدۇ. ئۇ پەقەت ھۇزۇرلىنىش پىرىنسىپىغىلا بوي سۇنىدۇ. لوگىكىلىق قانۇنلار، بولۇپمۇ زىددىيەت قانۇنلىرى ئەسلى مەننىڭ ھەرىكەت قىلىش جەريانىنى زادىلا چۈشەندۈرەلمەيدۇ. ئۇ يەردە پۈتۈنلەي زىد ھاياجانلار بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. … ئەسلى مەن تەبىئى ھالدا قىممەت قارىشىنى، ياخشىلىق-يامانلىق پەرقىنى، ئەخلاقى پەزىلەت ئۆلچەملىرىنى پەقەتلا تونىمايدۇ.”
فرېئۇد، ئادەم ئىزچىل تۈردە جەمىيەت بىلەن توقۇنۇش ھالىتىدە ياشايدۇ دەپ قارايدۇ. ئەخلاقى پەزىلەتلىك ئادەم ئۆزىنىڭ ھېسسىياتلىرىنى باستۇرۇپ تېزگىنلىيەلەيدۇ. ئەمما گۇناھكار ئادەم بولسا بۇ تۈردىكى ھېسسىياتلاردىن بەھرىمەن بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ دەپ قارايدۇ. فرېئۇد، پسىخوئانالىزشۇناسلىقنى بىرخىل “دېنامىكىلىق چۈشەنچە، بۇ تۈردىكى چۈشەنچە قەلب ئىچىگە يۇشۇرۇنغان تۇرمۇشنى ئۆزئارا تەقەززار قىلىدىغان ۋە ئۆزئارا چەكلىمە پەيدا قىلىدىغان كۈچلەرنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش جەريانى” دەپ قارايدۇ. ئادەمنىڭ ئىپتىدائى قابىلىيىتى ئۇنىڭغا سىرتتىن تېڭىلغان جەمىيەتنىڭ قائىدە-يۇسۇنلىرى بىلەن ئەخلاقى پەزىلەتلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە دۈچ كېلىپ تۇرىدىكەن.3 فرېئۇد تەرىپىدىن دەرىجىدىن تاشقىرى مەن (سۈپەرمەن، سۇپەر ئېگو) دەپ نام بېرىلگەن كېيىن ئوتتۇرغا چىقىپ شەكىللەنگەن مەسئولىيەت سموۋۇلى، ئاتا-ئانا تەربىيىسى ئارقىلىق بالىغا مەجبۇرى سىڭدۈرۈشتىن شەكىللەنگەن بولىدىكەن. ئەسلى مەن بىلەن سۈپەرمەن ئىزچىل تۈردە توقۇنۇش ئىچىدە تۇرىدىكەن. بۇ ئىككىسىنىڭ تالاش-تارتىشىدىن كېلىپ چىققان نەتىجە بولسا، ئادەم ئىش-ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولىدىغان مەن (ئېگو، كىشىگە بىلىنگەن مەن، بىلىنگەندىكى مەن، مەنلىك، ئۆزلۈك) تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىپ ئىش-ھەرىكەتلەرنى پەيدا قىلىدىكەن. بىلىنگەن مەن ئادەم روھى دۇنياسىدا مۇنداق ئورۇنغا ئىگە بولىدىكەن: ئۇ، ئەسلى مەن بىلەن دەرىجىدىن تاشقىرى مەن كۈچلىرىنى كېلىشتۈرۈشىدىن كېلىپ چىققان كۈچ بويىچە ئادەم ئىش-ھەرىكىتىنى روياپقا چىقىرىشقا مەسئۇل بولىدىكەن.
فرېئۇد، «پسىخوئانالىز ساۋادلىرى ھەققىدە لىكسىيىلەر» دېگەن كىتابىدا ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى ئاساسلىق دۈشمەنلىشىش ئۈستىدە توختىلىپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: “مەدەنىيەت ئامىللىرى مۇمكىن بولىدىغان ھەر بىر تەدبىردىن پايدىلىنىپ توسالغۇلارنى تۇرغۇزۇپ، ئادەمنىڭ ھۇجۇم قىلىش ماھىيىتىگە قارشى تۇرۇشنىلا مەقسەت قىلىدۇ. … شۇنداق قىلىپ، ئىنسانلار سۆيگۈ ساھەسىدە ئۆزىنى سۆيۈشى بوي سۇندۇرۇلغان ھالغا كەلتۈرىدۇ.”
فرېئۇد يەنە مۇنداق دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ: “ئۆچمەنلىك، كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى بارلىق دوستانە مۇناسىۋەتلەر ئىچىگە سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ؛ ئوبىكتىپقا بولغان ئۆچمەنلىكنىڭ يىلتىزى سۆيگۈدىنمۇ كونا.”
فرېئۇدنىڭ قارىشىچە، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئاساسى يۈزلىنىشى بالىلىق يىللىرىدىلا (5 ياش ئەتراپىدىلا) بېكىتىلگەن بولۇپ، بەزى ۋاقىتلار پەۋقۇلئاددە ئۆزگىرىش قىلىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن. بۇ خىل ئۆزگىرىشنى پسىخوئانالىز ئارقىلىق، يەنى فرېئۇدنىڭ داۋالاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپمۇ ئۆزگەرتىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن. ئېسىل پەزىلەت، ياخشىلىق قىلىش، شەخسىيەتچىلىك قىلماسلىق قاتارلىق مىجەزلەرنىڭ ھېچقايسى تەبىئى مىجەزلەر بولالمايدىكەن. ئەمما ئادەم ئەسلى مەننى تېزگىنلەش ياكى ئۇنىڭ يولىنى ئۆزگەرتىشنى ئۆگۈنەلىگىنىدە، بۇ تۈردىكى مىجەزلەرمۇ ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلايدىكەن. فرېئۇد، بۇنداق ھادىسىنى “سوبلىماتسىيىلىنىش” (بىر شەيئىنىڭ ئۆزگىرىپ باشقا بىر تۈستە قايتىدىن ئوتتۇرغا چىقىشى – ئا.ب) دەپ ئاتىغان. روھى كېسەللىكلەر بولسا بىر تۈرلۈك سۇپەرمەن ياكى بىر تۈرلۈك ئەخلاق ئۆلچەملىرى رىياللىققا بەك ماس كەلمەي قالغىنىدا، بىمارنى رىياللىقتىكى مەسىلىلەرگە ماس كېلەلمەي قېلىشىدىن شەكىللىنىدىغان چوڭقۇر قەلبىنىڭ توقۇشىنىڭ نەتىجىسىدىن بارلىققا كېلىدىغان روھى نورمالسىزلىق ھادىسە بولىدىكەن.
پسىخوئانالىزنىڭ ئادەتتىكى جەريانى بولسا ئىختىيارى خىيال قىلدۇرۇش ۋە چۈشىنى ئۆرۈشكە ئاساسلىنىپ ئىش قىلىدۇ. يەنى بىمار بىرەر سافادا ئۆزىنى بوش قويىۋېتىپ ئولتۇرىدۇ ياكى تۈز ياتىدۇ. دوختۇر ئۇنى خىيالىغا نېمە كەلگەن بولسا شۇنى ياكى بىرەر چۈشىنى ئېيتىپ بېرىشىگە يىتەكلەپ ئولتۇرىدۇ.
فرېئۇد، مۇۋاپىق شارائىت ئاستىدا، بىمار ئەسلىمىلىرىنى سۆزلەپ كېلىپ بەكلا ئاسان بالىلىق ۋاقىتلىرىنىڭ ئەسلىمىسى ئىچىگە غەرق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى كەشىپ قىلىدۇ. دوختۇر بۇ تۈردىكى ئەسلىمىلەر بىلەن بىمارنىڭ چۈشىنى چوڭقۇرلاپ يىشىپ چۈشىنىشىنى بىر يەرگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق بىمارنىڭ مىجەز-خاراكتىرىنى تونۇپ ئالالايدۇ. شۇنىڭدەك ئىپادىلەنگەن بۇ خاراكتىرنىڭ قايسى جەريانلارنى باشتىن كۆچۈرۈپ شەكىللەنگەنلىكىنىمۇ بىلەلەيدۇ. گۇنا ئىشلەش تۇيغىسىنى يەڭگىللەشتۈرۈش ھەمدە مەجبۇرى باستۇرىۋەتكەن ھەۋەسلىرىنىڭ قاندۇرۇلۇش يولىنى ئۆزگەرتىش ياكى ئۇنى سوبلىماتسىيىلەش (باشقا قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان ھەۋەسكە، ئارزۇغا ئايلاندۇرۇش – ئا.ب) قابىلىيىتىنى ئىشقا سېلىپ، بىمارنى روھى قالايماقانچىلىقنى يېڭىپ چىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن.
بۈگۈنكى كۈندە، روھى كېسەللىكشۇناسلار ئومۇمى يۈزلۈك قوبۇل قىلالايدىغان ۋە ئەمەلىيەتتە پايدىلانالايدىغان باشقا بىر نەزەرىيە يوق بولسىمۇ،4 كىشىلەر فرېئۇد نەزىرىيىلىرىنى ئۆز پىتى ئىشلىتىشنىمۇ بەك ماقۇل كۆرۈپ كېتىشمەيدۇ.
ئىش- ھەرىكەتچىلىك ئېقىمى
ئادەم ئىش-ھەرىكىتىتىنى تەتقىق قىلىش نەزىرىيىسىگە زىچ باغلىق بولغان تەتقىقاتلار، بەلكىم ئادەم مىجەز-خاراكتېر تەتقىقات ئىلىمىنىڭ “ئىككىنچى ئېقىمى” ھېساپلىنىشى مۇمكىن. بۇ جەھەتتىكى خۇلاسە خاراكتېرلىق نەزىرىيىنى جون ب. ۋاتسون (1878~1958) 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. ۋاتسون، خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پسىخولوگىيە پىروفىسسورى ئىدى. ئۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە رىياللىققا ئاساسلانغان ھالدا ئادەمنى ئىلمى ئۇسۇلدا تەتقىق قىلىپ، خۇددى فرېئۇدقا ئوخشاش، ئۇمۇ خىمىيىلىك ۋە فىزىكىلىق جەھەتلەردە ئادەم ئىش-ھەرىكىتىنى تەسۋىرلەشكە تىرىشقان بىرسى ئىدى.
“ئىش-ھەرىكەتچىلىك” دېگەن بۇ ئاتالغۇ، بۈگۈنكى كۈندە پسىخولوگىيە، جەمىيەتشۇناسلىق ۋە ھەر قايسى ئىش-ھەرىكەت ئىلىملىرىغا دائىر مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيىلەرنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، ۋاتسوننىڭ تەتقىقاتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە ئېدۋارد ساندېكس، كلارك خېل، جون دوغلاد، نېلا مىللى، ب. ف. سكېنا ۋە شۇنىڭدەك باشقا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ تۆھپىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. فىزىكا ساھەسىدە ئىلمى ئۇسۇلنى تەرەققى قىلدۇرغان نيۇتون بىلەن ئادەم تۈۋەن دەرىجىلىك ھايۋانلاردىن تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش ياساپ تەرەققى قىلىشىدىن پەيدا بولغان دەيدىغان دارۋىن ئىككىسى بۇ تۈردە ئادەم مىجەزىنى تەتقىق قىلىشنى باشلاپ بەرگەن كىشىلەر ھېساپلىنىدۇ، دېيىش مۇمكىن.
فرېئۇدنىڭ نەزىرىيىسى ئاساسەن ئالغاندا بىمارىنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ بېرىش ۋە بۇ ئاڭلىغانلىرى ئاساسىدا بىمارىنىڭ سوبىكتىپ ھالىتىنى ئانالىز قىلىش ئاساسىدا تىكلەنگەن بولسا، ئىش-ھەرىكەتچىلىك نەزىرىيىسى كەسكىن ئىلمى تەجرىبە ئۇسۇلىغا ئاساسەن ئوتتۇرغا قويۇلغان دېيىش مۇمكىن. شۇنىڭدەك، فرېئۇد ئادەم مىجەزىنىڭ ئاساسلىق تۈرتكە بولغۇچى كۈچىنىڭ مۇھىم نوقتىسىنى چوڭقۇر قەلىپتە روي بېرىدىغان ھاياجان ۋە تۈرتكە بولۇش ئۈستىگە قۇرغان بولسا، ئىش-ھەرىكەتچىلىك نەزىرىيىچىلىرى ئاساسلىق تۈرتكە بولغۇچى كۈچنىڭ سەۋەبى قىلىپ تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتىشىدۇ. شۇنىڭدەك ئىش-ھەرىكەتچىلىك نەزىرىيە تەتقىقاتىدا ئادەمنىڭ سوبىكتىپ دۇنياسىغا قىلچىمۇ ئورۇن بەرمەيدۇ. ۋاتسون بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: “ئىش-ھەرىكەتچىلىك يولىدىكى كىشىلەر سەزگۈ، بىلىش، تۇيغۇ، ھەۋەس، مەقسەت، ھەتتا كۆزقاراش بىلەن ھېسسىيات قاتارىدىكى سوبىكتىۋ ئېنىقلىمىسىغا تەۋە بارلىق ئاتالغۇلارنى لوغىتىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىدى.”
ۋاتسون، رۇسىيە پسىخولوگى ئىۋان پاۋلوپنىڭ تەسىرىگە بەكلا چوڭقۇر ئۇچىرىغان بىرسى ئىدى. پاۋلوپ، ئىتنىڭ ۋېلكا ئاۋازىنى ئاڭلىشى ھامان ئوتتۇرلۇقتا يەيدىغان نەرسە كۆرۈنمىسىمۇ شۈلگىيىنى ئاققۇزىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان ئىدى.5 بۇ خىل ھادىسە “شەرتلىك ئىنكاس” (شەرتلىك رېفلېكس) دەپ ئاتالدى.
ئىش-ھەرىكەتچىلىك پسىخولوگلىرى كۆزئالدىغا كەلتۈرۈش ياكى غىدىقلاش-ئىنكاس قايتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۆگۈنۈش جەريانىنى ئالاھىدە تەكىتلىشىپ، بۇ ئۇسۇلنى ئادەم ئىش-ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق ئىزاھاتى دەپ قوبۇل قىلىشىدۇ. فرېئۇد ئادەمنىڭ ئىچكى ھاياجىنىنى تەكىتلىسە، ئىش-ھەرىكەت پسىخولوگلىرى تاشقى شارائىت ياكى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئەھمىيەت بېرىشىدۇ. بۇ نوقتىدا بۇ ئىككى نەزىرىيە بىر-بىرسىدىن تۈپتىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.
ۋاتسون مۇنداق دەيدۇ: “كىشىلىك خاراكتېر ئادەم ئىش ھەرىكىتىنىڭ ئومۇمى ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى ئادەم ئىش ھەرىكىتىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك كۆزىتىش ئارقىلىق ئېنىق پەرق قىلىشقا بولىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئادەم مىجەزى بىزنىڭ ئادەت سىستېمىمىزنىڭ ئاخىرقى ئىپادىسىدىنلا ئىبارەت.”
ئىش-ھەرىكەتچىلىك پسىخولوگىيىسىنىڭ ئاساسلىق تەسۋىرى مۇنداق بولىدۇ: ئەخلاق − ئىلمى ئاساسى بولمىغان بىر نەرسە. چۇنكى، ئۇ ئەخلاق بىلەن مەدەنىيەتنىڭ نىسبى بولىشىنى تەكىتلەيدۇ. “ئىش-ھەرىكەتچىلىك پسىخولوگلىرى بىرەر ئالىم بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ تەتقىقات ئوبىكتىۋى بولغان ئادەمنىڭ ئەخلاقىغا قەتئى قىزىقمايدۇ؛ ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۈچۈن ئۇنىڭ قانداق بىر ئادەم ئىكەنلىكىگە زادىلا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.” ئادەم دېگەن بۇ مەخلۇق ھەرىكەتچان، ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بىر مەخلۇق بولۇپ، تۇرىۋاتقان مۇھىتىنىڭ پاسسىپ قۇربانىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىت ئۇ ئادەمنىڭ مىجەزىنى بەلگىلىگەن بولىدۇ.
بالىلىق دەۋرى ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم بىر دەۋىر. بۇ نوقتىدا، پسىخولوگىيىنىڭ بارلىق ئېقىملىرى ئوخشاش قاراشقا ئىگە دېيىش مۇمكىن. پسىخولوگلار بۇنداق ئورتاقلىق نوقتىسى ئاساسىدا ئاتا-ئانىنىڭ بالىلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدا ئۇلار بىلەن كەڭ قۇرساقلىق، بالىلىرىنىڭ تەلىۋىنى قاندۇرۇشنى ئاساس قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ مۇئامىلىلىرىگە چىڭ ئېسىلىۋالمايدىغان، بالىنىڭ يىمەك-ئىچمىكى، تازىلىق ئادەتلىرى، دەسلەپكە دەۋىرلەردىكى جىنىسى تەربىيەسى ۋە شۇنىڭدەك بىرەر خاتا قىلىپ سالغىنىدا ئاچچىقىنى بېسىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ دەۋردىكى ھەر قانداق بىر بېسىم بالىنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە روھى كېسەل پەيدا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى بىرلىشىپ ئەسەر يېزىپ كېلىۋاتقان گادنېر لىنس بىلەن كالۋېن خول ئىككىسى، ئادەم مىجەز-خاراكتىرى ھەققىدىكى ھەر تۈرلۈك نەزىرىيىلەرنى بىر-بىرسىگە سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىپ چىققاندىن كېيىن يوقۇرقىدەك قاراشلار ئۈستىدە خۇلاسە چىقىرىشىدۇ. ئۇلار، بۈگۈنكى ئىككى نەپەر ئىش-ھەرىكەتچىلىك پسىخولوگلىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىدۇ: “دولارد بىلەن مىشىل ئىككىسى، كىشىنىڭ كۆپۈنچە ھاللاردىكى بۇۋاقلىق دەۋرى بىلەن ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە شەكىللەنگەن يوشۇرۇن ئاڭلىرىدىكى ھېسسىياتلىق ھاياجانلىرى كېيىنكى ھاياتىدا كۆرۈلىدىغان ھېسسىيات مەسىلىلىرى ئۈچۈن ئاساس سېلىپ بېرىدۇ دەپ قارىشىدۇ. ئۇلار پسىخوئانالىزچىلارنىڭ قاراشلىرىغا قوشۇلىدۇ. ئۇلار بالا تۇغۇلۇپ ئالتە ياشقىچە بولغان تۇرمۇش تەجرىبىلىرى قورامىغا يەتكەن ۋاقتىدىكى مىجەز-خاراكتېرىنى بەلگىلەيدىغان ئىنتايىن مۇھىم ئامىل بولۇپ قالىدۇ دەپ قارىشىدۇ. بىز شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، پسىخولوگىيىلىك نورىمالسىز ھېسسىياتلار بالىلىق ۋاقىتلىرىدىلا شەكىللەنگەن بولۇپ قالماي،6 ئاساسلىقى ئۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ياراتقان مۇھىت كەلتۈرۈپ چىقارغان نورىمالسىز مىجەزلەردۇر.”
20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى بېشىدا، يالى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىنىستىتۇتى پسىخولوگىيە، نېرۋولوگىيە، سوتسىيالوگىيە ۋە ئىنسانشۇناسلىق قاتارىدىكى ئىلىملارنى بىر قىلىپ يۇغۇرۇشقا تىرىشىپ كۆرىدۇ. ئىش-ھەرىكەتچىلىك پسىخولوگىيىسىنىڭ ئاكتىپ تەرغىباتچىلىرىدىن بىرى بولغان كلارك خول يېتەكچىلىكىدە، داڭلىق ئىش-ھەرىكەتچىلىكشۇناسلار بۇ ئىنىستىتۇتقا يىغىلىدۇ. خولنىڭ تەسىرى ئاستىدا بۇ ئىنىستىتۇت تولۇق بىر ئەۋلات ياش جەمىيەتشۇناسلارغا ئىزچىل تۈردە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ كېلىدۇ.
فلاۋرد ۋ. ماتسون «پارچىلانغان قىياپەتلەر» دېگەن ئىدىيىۋى تارىخ ھەققىدىكى قىزىقارلىق كىتاۋىدا ۋاتسوننىڭ مۇنداق بىر ئابزاس سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن: “قىسقىسى، ئىش-ھەرىكەتچىلىك پسىخولوگلىرىنىڭ شۇئارى: ‘ماڭا بىر بۇۋاق بىلەن ئۇنى يېتىشتۈرگىدەك بىر دۇنيانى بېرىڭلار، مەن ئۇنى بىر غالجىرغا، ئېتىقاتلىق بىرسىگە، مودا بىرسىگە ئايلاندۇرالايمەن؛ ئۇنى ئىككى قولى بىلەن تاش-كېسەك ياكى ياغاچلاردىن بىنا ياسىيالايدىغان ھالغا كەلتۈرەلەيمەن. مەن ئۇنى بىر ئوغرى، بىر زەھەرلىك چېكىملىك خۇمارى بىرسىگە ئايلاندۇرالايمەن. مەن ئۇنى خالىغان تەرەپكە قاراپ تەرەققى قىلغان بىرسى قىلىپ يېتىشتۈرەلىشىم مۇمكىن. ئۇنى چەكسىز شەكىللەردە يېتىشتۈرەلىشىم مۇمكىن.”
ئىش-ھەرىكەتچىلىك پسىخولوگلىرى بىلەن فرېئۇد، دارۋىن قاتارلىقلارنىڭ ئوخشاش تەرىپى شۇكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئادەمنى پەقەتلا بىر تۈرلۈك ھايۋان تۈرى، ئادەم باشقا تۈردىكى ھايۋانلاردىن تۈپتىن پەرق قىلغىدەك يېرى يوق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىلا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتېرى، جەمىيەتكە قارشى تەرىپى بولىدۇ دەپ قارىشىدۇ. ۋاتسون «ئىش-ھەرىكەتچىلىك پسىخولوگىيىسى»(Behaviorism) دېگەن كىتاۋىدا “بىز شۇ چاغدا (1912-يىلىدا) خۇددى بۈگۈنكىدەك ئىشىنەتتۇقكى، ئادەم دېگەن بۇ مەخلۇق ئەسلىدە بىر ھايۋان تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭ باشقا ھايۋانلاردىن پەرقى ئۇنىڭ ئىپادىلىگەن ئىش-ھەرىكەت شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىنلا ئىبارەت ئىدى، … شۇنىڭدەك ئۇنىڭدىكى ياۋايىلىق ئارقا كۆرۈنىشى بىزدىكى كۆپ سانلىق كىشىلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلۇق، كەڭلىك دەرىجىسى ھەقىقەتەنمۇ قىياس قىلىنماس دەرىجىدە ئىدى” دەيدۇ.
ب. ف. سىچىنا، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر پىسىخولوگى، زامانىسىنىڭ ئىش-ھەرىكەتچىلىك پىسىخولوگىيىسىنىڭ مەدىھەچىسى ۋە ئۇنىڭ داھىسى ئىدى. ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى: “مېنىڭ كۆزىتىشىمدىكى بىر چاشقان بىلەن بىر ئادەمنىڭ ئىش-ھەرىكىتى ئوتتۇرسىدىكى بىردىن-بىر پەرق شۇكى (مۇرەككەپلىك نوقتىسىدىن ئالغاندىلا ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرۇشىنى ھېساپقا ئالمىغاندا)، تىل جەھەتتىكىلا پەرق دېيەلىشىم مۇمكىن.” ئۇلار ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ ماھىيەت جەھەتتە ئوخشاشلىقى سەۋەبىدىن، ئاسان بولسۇن دەپ، شۇنىڭدەك ئوبىكتىۋلىقىنى ساقلاپ قېلىشنى دەپ، ئىش-ھەرىكەتچىلىك پسىخولوگلارنىڭ تەتقىقات ئىشلىرى ئاساسەن ئالغاندا ھايۋان تەجرىبىلىرىنى ئاساس قىلىشقا مەركەزلىشىپ قالغان دېيىش مۇمكىن.
ئېتىك، ئەخلاقى ۋە قىممەت قاراشلىرىنىڭ ھەممىسى ئەسلىتىش ئارقىلىق ئۆگەنگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارىشىدۇ.7 ھەق-ناھەقلىكنىڭ بىردىن-بىر ئىسپاتلاش ئۆلچىمى مەدەنىيەتنى ساقلاپ قالالىشىدىلا كۆرۈلىدۇ دەپ قارىشىدۇ. سچېنا مۇنداق قارايدۇ: “ئىلمى مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش، بىزنى ھاياتلىقنىڭ مەڭگۈلۈك داۋاملىشىش ئاقىۋىتىنى ئويلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇ ئارقىلىق كۆز ئالدىمىزدىكى ئەركىنلىك، ھەققانىيەتلىك، بىلىش ۋە بەخت ئارقىلىق ئۆزىنى گولداشنى چەكلەشنىلا كۆزدە تۇتىدۇ. … ئەسلىدە، ئادەم ئەركىن ئەمەس دەيدىغان بۇ پەرەزنى ئىلمى ئۇسۇلدا ئىنسان ئىش-ھەرىكىتى تەتقىقاتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىۋېلىشقان.”
فرېئۇد بىلەن باشقا نېرۋولوگلار، شۇنىڭدەك پسىخىك سالامەتلىككە كۆڭۈل بولىدىغان پسىخولوگلارنىڭ تەتقىقاتى ئاساسەن ئالغاندا كىلىنكىلىق كۈزىتىشنى ئاساس قىلىشقا تايانغان بولۇپ، ئىش-ھەرىكەتچىلىك پسىخولوگلىرى بولسا ئالدىن تەپسىلى تېزگىنلەشكە بولىدىغان تەجرىبىخانا كۈزىتىشلىرىگە ئەھمىيەت بېرىشىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكىنىڭ پسىخولوگلىرى، جەمىيەتشۇناسلىرى ۋە باشقا ئالىملىرى نۇرغۇنلىغان تەجرىبىلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئىلمىي تەتقىقات ئۈچۈن ئاساس سۈپىتىدە پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلىشقان ئىدى. پروفېسسور كالېۋىن خول بىلەن پروفېسسور گادنېر لىنسېي ئىككىسى 1957-يىلى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن ئىدى: “قوزغىتىش-ئىنكاس قايتۇرۇش چۈشەنچىسىنى تەجرىبىخانا سىرتىدىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئالامەتلىرىدە پايدىلىنىش ئىشىنىڭ كۆپۈنچىسى يېقىنقى 25~30 يىل مابەينىدىكىلا ئىش. بۇ جەرياندا، ئالىملار بۇ ھەقتە زور مىقداردا تەجرىبە ماتېرىياللىرىنى توپلىدى. بولۇپمۇ يالى ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئىداخۋا ئۇنىۋېرسىتېتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ئۈمىدۋار ياش پسىخولوگلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. بۇ ياشلار بۇ تۈردىكى تەجرىبە مەلۇماتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ تېخنىكىلىق قابىلىيىتى بىلەن نەزىرىيىۋى قاراشلارنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ بەردى. يېقىندىن بۇيان، بۇ ساھەدىكى تەجرىبە ماتېرىياللىرىلا تېز سۈرئەت بىلەن قولغا كېلىش بىلەن قالماي، بىز مۇھاكىمىدىن ئۆتكۈزۈپ بولغان كۆزقاراشلارنى كېڭەيتىپ ۋە تۈزىتىپ بېرەلەيدىغان زور تۈركۈمدە ئالىملار ئوتتۇرغا چىقتى.”
ماتېسۇن، 1966-يىلى دېگەن بىر گېپى يوقۇرقىدەك ئومۇملاشقان قاراشلارغا زور تەسىرلەرنى كۆرسىتەلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. “ئىسپاتلاش مۇمكىن بولغان بىر ھەقىقەت، … ئىش-ھەرىكەتچىلىكنىڭ ئاساسلىق ئەقىدىسىگە تەجرىبىچىلىك ئالىملىرىنىڭ تەجرىبىخانىلىرىدىلا ماس كېلىپ قالماستىن، چۈشەنچە سىستېمىسى جەھەتتىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئېرىشەلىدى. شۇنىڭدەك، بىز مۇنداق دەپ قارىساقمۇ بەك ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتكەن ھېساپلانمايمىز: ئىش-ھەرىكەتچىلىك ئىلمى دېگەن بۇ ئۇمۇمى يۈزلۈك كېڭىيىپ بارغان ھەرىكەتنىڭ ئەڭ ئاكتىپ يېتەكچىلىرى ئابرۇيى راسا كۆتۈرىلىۋاتقان ئىش-ھەرىكەتچىلىك پسىخولوگىيىسىنىڭ تەشەببۇسچىلىرى ئىدى دېيىش مۇمكىن. ئۇنىڭدىنمۇ كېيىنىرەك (1968-يىلى)، ئەنگىلىيە، ياۋروپا، ھىندىستان، ئاۋىسترالىيە ئىش-ھەرىكەتچىلىك پسىخولوگىيە ئېقىمنىڭ بىرىنچى قول ماتېرىياللىرىغا ئىگە داڭلىق ئالىملاردىن تەشكىل قىلىنغان بىر گۇرۇپ خۇلاسىلاپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: بۇ جايلاردىكى ئىدىيىۋى ئېقىملار فرېئۇدىزمدىن ئىش-ھەركەتچىلىك ئېقىمىغا قاراپ يۈزلەندى.8
ئىككىنچى بۆلۈم
ئۈچىنچى پسىخولوگىيە ئېقىمى
ئابراھام ماسلوۋ ھەققىدە
بالىلىق دەۋرىدىكى ماسلوۋ، برۇكلىن رايونىدىكى يەھۇدىيلار بولمىغان رايوندا چوڭ بولغان بىردىن-بىر يەھۇدىي بالا ئىدى. ئۇ ئۆزى ھەققىدە توختىلىپ كېلىپ، “مېنىڭ ھالىتىمنى پۈتۈنلەي ئاق تەنلىكلەر ئوقۇيدىغان مەكتەپتە ئوقىۋاتقان بىردىن-بىر نېگىرغا ئوخشىتىش مۇمكىن ئىدى” دەيدۇ. ئەگەر بۈگۈنكى كۈندە پسىخولوگىيە ساھىسىدىكى ئەڭ ئاتاغلىق كىشىدىن بىرسى، شۇنىڭدەك باشقا قاراشتىكى پسىخولوگلارنىڭ بەكلا ئاز زەربىسىنى كۆرگەن بىرسىنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرى ھەققىدە بۇنداق يىتىملىك ھالىتىنى تەسۋىرلىشىگە ھېچ كىم ئىشەنمىسە كېرەك: “مەن ھەقىقەتەنمۇ يىتىمدەك چوڭ بولغان ئىدىم. بەكلا بەخىتسىز بالا ھېساپلىناتتىم. شۇڭا مەن قىرائەتخانىلاردا كىتاپ خالتىسى بولۇپ چوڭ بولغان ئىدىم. ئاساسەن بىرمۇ دوستۇم يوق ئىدى دېسەم خاتا بولماس.”
ياش ۋاقتىدا ماسلوۋ تەدرىجى پىشىپ يېتىلىشكە باشلاپ، ئارفېلد نوھس ھېيتىېخېيل، ھېنرگ پكسىن، توماس جېففېرسون، ئابراھام لېنكولىن، پلاتون ۋە سپىنزورا قاتارلىق پىشقەدەملەرنىڭ پەلسەپە ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلانغىدەك ھالغا كېلىشكە باشلايدۇ. ماسلوۋ، ۋېلھىلم گرىيوم ساموننىڭ «ئۆرپ-ئادەتلەر» كىتاۋىنى “ھاياتىمدىكى جۇمۇلاڭما چوققىسى” دەپ تونۇيدۇ.
شۇنداقتىمۇ، ماسلوۋ ياشلىق باھارىنىڭ ھەممىسىنىلا چوڭقۇرلاپ بىلىم ئېلىش ئۈچۈنلا سەرىپ قىلمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭمۇ بىر قىسىم ئەمەلى تەجرىبىلىرى بولغان ئىدى (شۆبىھسىزكى، بۇ تەرىپى ئۇنىڭ پىشىپ يېتىلگەن دەۋرلەردە ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان بىرسى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن دېيىش مۇمكىن). ئۇنىڭ ئەمەلى ئىشلارغا قاتنىشىش ۋاقتى ھەقىقەتەنمۇ بەكلا بالدۇر باشلانغان ئىدى. ئۇ ئەڭ دەسلىۋىدە مۇشتېرلارنىڭ ئۆيلىرىگە گېزىت توشىغۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. نۇرغۇن يازلىق تەتىللىرىنى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاچقان بىر شەخسى شىركىتىدە ئىشلەپ ئۆتكۈزىدۇ.9 ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىمۇ بۈگۈنكى كۈنگىچە ئەنە شۇ شىركەتنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە. بۈگۈن بۇ شىركەت ئىنتايىن روناق تاپقان چوڭ تىپتىكى ياغاچ كۈپ ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى ھالىغا، يەنى ھەممىباب ئىدىش-باك شىركىتىگە ئايلانغان.
ماسلوۋ بەكلا بالدۇر توي قىلغان بولۇپ، توي قىلغان ۋاقتىدا ئۇ ئارانلا 20 ياش ئەتراپىدا، كېلىن قىزمۇ 19 ياشتا ئىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: “مېنىڭ ھەقىقى ھاياتىم توي قىلغىنىمدىن كېيىن ۋە ۋاشېنگتونغا بارغىنىمدىن كېيىنلا باشلانغان دېسەم خاتا بولمايدۇ. مەن شۇ ۋاقىتتا ب. ج. ۋاتسون دېگەن كىشىنى بىلىپ قالغان ئىدىم. شۇنداق قىلىپ مەن ئىش-ھەرىكەتچىلىككە قىزىقىشقا باشلىدىم. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن بەكلا ھاياجانلانغان ئىدىم.” ئۇ، دوكتور خال خالونىڭ يىتەكچىلىكىدە مايمۇن تەتقىقاتىغا كىرىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇ، مايمۇننىڭ جىنىسى ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان كۈچنىڭ ئالاھىدىلىكى دېگەن تېمىدا دوكتۇرلۇق دېسىرتاتسىيىسىنى ياقلاپ چىققان ئىدى.
ئەمما ئۇ، گېستالىت پسىخولوگىيىسى بىلەن فرېئۇد پسىخولوگىيىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىش-ھەرىكەتچىلىك پسىخولوگىيىسىگە بولغان قىزىقىشى ئاستا-ئاستا پەسىيىپ قالىدۇ. ياش ماسلوۋ خانىمى ئۆزىگە تەۋە ئائىلە قۇرغانلىقىنى ھېس قىلغان ۋاقىتلاردا ماسلوۋ يەنە بىر نەرسىنى كەشىپ قىلىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: “بىزنىڭ تۇنجى بوۋىقىمىز بىزنىڭ پسىخولوگىيىلىك سەرگۈزەشتىلىرىمىزنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى. ئۇ، يەنى بوۋاق، مەن شۇنچە قىزىقىپ ئەتىۋارلاپ كەلگەن ئىش-ھەرىكەتچىلىك پسىخولوگىيىسىنى ماڭا شۇنچە ساددا بىر قاراش بولۇپ كۆرۈنىغان قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتتى. شۇندىن كېيىن مەن بۇنداق بىر تەلىماتقا پەقەتلا بەرداشلىق بېرەلمەس ھالغا كەلگەن ئىدىم. بۇنداق بىر تەلىمات ھەرگىزمۇ توغرا بولالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.” بىر قېتىم ئۇ، «دەۋرىمىز پسىخولوگىيىسى» ژۇرنىلىدىكىلەر بىلەن ئۆتكەزگەن سۆبەتتە مارى خارىگتون خورغا مۇنداق دەيدۇ: “مەن قولۇمدىكى بۇ كىچىككىنە سىھىرلىك جانىۋارغا قارىغىنىمچە بەكلا قايمۇقۇپ قالغان ئىدىم. ئۇنداق سىھىرلىك، تېزگىنلەش مۇمكىن بولمايدىغان تۇيغۇلىرى مېنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان ئىدى. … مېنىڭچە ھەر قانداق بىر بالىلىق بىرسى ھەرگىزمۇ ئىش-ھەرىكەتچىلىك پسىخولوگىيىسىنى قوبۇل قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس.”
30-يىللارغا كەلگەندە، ماسلوۋ قايتىدىن نيۇيوركقا قايتىپ كېلىپ، برۇكلىن ئىنىستىتۇتىنىڭ پسىخولوگىيە پروفىسورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئۇ ۋاقىتلاردىكى نيۇيورك شەھىرى بەكلا ئۆزگىچە بىر شەھەر ئىدى. ماسلوۋ بۇ شەھەرنى پسىخولوگىيە سىگنالى بېرىپ تۇرىدىغان بىر يەر دەپ ئاتايتتى. ئۇنىڭ ئۆزى مانا بۇ شەھەردە ئەڭ چوڭقۇر ئىلمى تەربىيىگە ئېرىشكەن ئىدى. بۇ ھەقتە ماسلوۋ مۇنداق دەيدۇ: “مەن ئۇ ۋاقىتلاردا فرېئۇد ياكى جيۇڭنى پەقەتلا كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ، ئادلېرنى ئۆيىدە كۆرگەن ئىدىم. ئادلېر ئائىلىسىدە ھەر جۇمە ئاخشىمى “جۇمە كەچلىك سۆھبىتى” ئۇيۇشتۇرۇپ تۇراتتى. مەن ئادلېر بىلەن بىر قانچە قېتىم سۆھبەتلەشكەن ئىدىم. … مەن يەنە باشقا نۇرغۇن كىشىلەر بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ باقتىم. مەسىلەن ئېرك فروم، كارلىن ھېنرى، لويىس بېنېدىكت ۋە ماكس ئوتتۇھوف قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئۇچىرىشىپ باققان ئىدىم. مەن شۇنداق ئېيتىشقا ھەقلىقمەنكى،10 مەن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى رەسمى ياكى خۇسۇسى ئوقۇتقۇچىلارغا ئېرىشەلىگەن تەلەيلىك بىرسى ئىدىم. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇ ۋاقىتلاردا ياۋروپا ئىدىيولوگلىرىنىڭ ئەڭ ئىسىل قىسمى ھىتلېردىن قېچىپ بۇ يەرگە يىغىلىۋاتقان دەۋرلەر بولۇپ، مەنمۇ ئەنە شۇنداق پەيتلەردە نىيۇيوركتا بولۇشتەك تەلەيلىك بىرسى ھېسابلىناتتىم. نىيۇيوركنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىگە يونان دەۋرىدىكى ئافىنادىن باشقا ھېچ قانداق بىر شەھەر ئېرىشىپ باققان ئەمەس. بۇ ئالىملارنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى مەن خېلى ياخشى تونۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدىم. مەن كىرىش سۆز قىسمىدا تىلغا ئالغان ئۇ كىشىلەر مېنىڭ ئەڭ زىچ ئالاقىلىشىپ تۇرغان، مېنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرغان كىشىلىرىم ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارسىدىكى ھەر قانداق بىرسىنى باشقىلاردىن ئالاھىدە ئادەم دەپ قاراش تەس. مەن ئۇلارنىڭ ھەر بىرسىدىن، مېنى ئوقۇتقان ھەر ئادەمدىن بىلىم ئالاتتىم. … ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا مېنىڭ ئوقۇتقۇچۇم ھېسابلىناتتى. مەن ئۆزەمنى ھەرگىزمۇ گولستېيىنچى ياكى فرومچى ۋە ياكى ئادلېرچى دېگەندەك قارىمايمەن. مەن تار دائىرىگە قاپسىلىپ قالغان ھېچقانداق بىر گۇرۇھقا قاتناشمايتتىم. مەن ھەممىسىدىنلا ئۆگىنىشكە تىگىشلىك نەرسىلەرنى ئۆگىنەتتىم. ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ قاراشلىرىدىن قېچىش دەيدىغان بىر ئادىتىم يوق ئىدى.”
ماسلوۋ يەنە چوڭقۇر تەسىرات پەيدا قىلغان باشقا كىشىلەرنىمۇ تىلغا ئالاتتى. مەسىلەن مارگىرت مىيد، گادنېر مورفى، لاۋرۇ مىير، كارل روگېر، كورت گېرستېيىن، گوردىن ئوۋپات قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىلا بۇ يېڭى پەن تارمىقىنىڭ يېتەكچىلىرى ھېسابلىناتتى.
1941-يىلى 7-دېكابىر (ئۇ كۈنى ياپونىيە ئاۋياماتكىلىرى − ئايروپلان پاراخودى ئامېرىكىنىڭ پورخاربۇر ئارىلىغا ھۇجۇم قىلغان، ئەتىسى ئامېرىكا ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغان كۈن)، خۇددى ئۇ باشقا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىۋەتكىنىگە ئوخشاش، ماسلوۋنىڭ ھاياتى تۈپتىن ئۆزگىرىش ياسىغان بىر كۈن ئىدى. يېشىمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغاچقا، داۋاملىق باشقىلار تەرىپىدىن يېتەكلىنىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ماسلوۋ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىنسانىيەت ئىش-ھەرىكىتى پەيدا بولىشىنىڭ ئورتاق نەزىرىيىسىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئىرادىسىگە كەلگەن بولۇپ، بۇنداق بىر نەزىرىيە دۇنياۋى خاراكتېرلىك ئەمەلىيەت ئاساسىغا تىكلىنىدىغان بىر نەزىرىيە بولىشى كېرەك ئىدى. بۇ نەزىرىيە بويىچە “تېنچلىق سۆھبەت ئۈستىلىدە پايدىلىنىشقا بولىدىغان پسىخولوگىيە” ئوتتۇرغا قويۇلىشى كېرەك ئىدى. بۇ مەقسەتتە، ماسلوۋ نۇرغۇنلىغان نەزىرىيىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ تەتقىق قىلىپ چىققان ئىدى.
“مەن قەتئىي تۈردە ئىنسانىيەتنىڭ ئۇرۇش، بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە ئۆچمەنلىكتىنمۇ گۈزەل بولغان نەرسىلەرنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقىشقا تىرىشىمەن.”
“مەن، بۈگۈنگىچە ئالىملار تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنماي كېلىنگەن مەسىلىلەرنى، يەنى دىن، شېئىر، قىممەت قارىشى، پەلسەپە ۋە سەنئەت مەسىلىلىرىنى ئىلىم پەن بويىچە تەتقىق قىلىشنى ئويلىنىشقا يىتەكلىمەكچىمەن.”
ماسلوۋ، كانادانىڭ ئالپۇتلىرىنىڭ شىمالىدىكى قارا تاپانلىق ھىندىئانلار قەبىلىسى بىلەن بىر مەزگىل بىرگە ياشىغان تەجرىبىسىگە ئاساسەن، ئۇلاردىن چوڭقۇر تەسىرلىنىدۇ. ماسلوۋ، ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقات كومىتىتىنىڭ ماددى ياردىمى ئاساسىدا بۇ ھىندىئانلار بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن بىر يازنى ئۆتكۈزىدۇ.11 ئۇنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەتقىقاتى بۇرۇنلا ئىپتىدائى مۇناسىۋەت ئۆزگىرىشلەر جەريانىدىكى دۈشمەنلىك قاراشلار بىلەن ۋەيرانچىلىق خاراكتىرىنىڭ يۈزدە نۆل بىلەن يۈزدە يۈزگە قاراپ ئۆزگىرىش جەريانىغا دىققەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتىنىڭ دائىرىسى بەكلا تار ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلسىمۇ، بۇ مەلۇماتلار ئىنسانلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق مىجەزىنىڭ ئىرىسىلىكتىن كەلگەن بولماي مەدەنىيەت ئامىللىرىدىن كېلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئېس قىلىدۇ.
ئۇ قەبىلىنىڭ مۇقىم نوپۇسى جەمئى سەككىز يۈز نەپەر بولۇپ، كېيىنكى ئون بەش يىل مابەينىدە ئارانلا بەش قېتىم مۇشلىشىپ جىدەللىشىش كۆرۈلگەنلىكىنى كەشىپ قىلىدۇ. “مەن بارلىق ئىنسانشۇناسلىق بىلەن نېرۋولوگىيىلىك بىلىملىرىمگە ئاساسەن جەمىيەت ئىچىدىكى دۈشمەنلىشىشنىڭ سەۋەبىنى تېپىشقا تىرىشتىم. ئەمما بۇ كىچىك جەمىيەتتە بىزگە مەلۇم بولغان چوڭ جەمىيەتلەردىكىگە قارىغاندا دۈشمەنلىشىش ئۇقۇملىرىنىڭ يوق دېيەرلىك ئاز ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.”
ماسلوۋ شۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش تەتقىقات ماقالىسىدا، ئۇنىڭ پۈتكۈل تەتقىقاتى جەريانىدا ۋەھشىلىك ياكى نىقاپلانغان بولسىمۇ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى پەقەتلا ئۇچراتمىدىم، دەيدۇ. ئۇ يەنە، بۇ قەبىلىدىكى بالىلار چوڭلار تەرىپىدىن ئاساسەن تەن جازاسى كۆرمەيدىكەن. بۇ قىزىل تاپان ھىندىئانلار ئاق تەنلىكلەرنى بالىلىرى بىلەن ئۆز ئىرقىدىكىلەرگە بەكلا رەھىمسىز مۇئامىلە قىلىدىكەن دەپ پەقەتلا كۆزگە ئىلمايدىغانلىقىنى سەزگەن.
«ئارزۇ ۋە خاراكتېر» دېگەن ئەسەر ماسلوۋنىڭ ئىككىنچى ئەسىرىدۇر. بۇ كىتاۋى ناشىر قىلىنغىنىدىن كېيىن، ماسلوۋ يەنە نۇرغۇنلىغان ئىلمى ماقالىلارنى، ئىلمى مەلۇمات دوكلاتلىرىنى، لىكسىيىلەرنى ۋە مەخسۇس ئەسەرلەرنى يېزىپ، كىتاپتا بايان قىلىنغان دەسلەپكى قاراشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرغان، تەپسىلى چۈشەندۈرگەن ياكى قايتا تۈزەتكەن.
ماسلوۋ، «رىيال مەۋجۇتلۇق پسىخولوگىيىسىگە قاراپ يۈزلىنىش توغرىسىدا» (Toward a Psychology of Being) دېگەن كىتاپنىڭ قايتا تۈزىتىلگەن نۇسخىسىغا يازغان كىرىش سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ: “بۇ كىتاپ 1962يىلى ئېلان قىلىنغىنىدىن بۇيان، پسىخولوگىيە ساھەسى ئىنتايىن زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كۆچۈردى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى سورۇنلاردا ئادەم ماھىيىتى پسىخولوگىيىسى (Humanistic Psychology) دەپ ئاتىلىپ كېلىنگەن بۇ پسىخولوگىيە بۈگۈن مەزمۇت ئۇل ئۈستىدە تىك تۇرماقتا. ئۈچىنچى خىل يول سۈپىتىدە ھەقىقەتەنمۇ رىياللىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلىگەن … بۇ پسىخولوگىيە رەسمىلىشىپ كەتكەن فرېئۇدچىلىق بىلەن تەڭ كېلەلىگىدەك ھالغا كەلدى. بۇ تۈر پسىخولوگىيە ھەققىدىكى ھەر تۈرلۈك ئىلمى ھۈججەتلەر تېز سۈرئەت بىلەن كۆپىيىشكە باشلىدى. ئەڭ مۇھىمى، بۇ پسىخولوگىيە رەسمى ئىشلىتىلىشكە باشلاندى. بولۇپمۇ مائارىپ، سانائەت، دىن، تەشكىلاتلار ۋە باشقۇرۇش ساھەلىرى، داۋالاش ساھەلىرى، ئۆزىنى ئوڭشاش جەھەتلەردە رەسمى ئىشلىتىلمەكتە. شۇنىڭدەك يەنە بۇ پسىخولوگىيە تەلىماتلىرىدىن پايدىلانغۇچىلار ئەقىللىقلارنى، يەنى ئالاھىدە قابىلىيەتلىكلەرنى تاللاش (پسىخىك سالامەتلىككە پايدىلىق ياردەم) ئورۇنلىرى، ژۇرنال ۋە شەخسىلەردىن تەشكىل تاپماقتا.”12
“ئەقىللىقلار” سۆزى، ماسلوۋنىڭ مەخسۇس بىر مەقسەت ئۈچۈن تەشكىللىنىش قارىشىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قويغان ئات. ماسلوۋ بۇ ئىسىمدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق “ئوتوپىيە” سۆزى بىلەن ئارلاشتۇرىۋېتىشتىن ساقلانماقچى بولىدۇ. چۇنكى ئوتوپىيە ئاتالغۇسى ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەيدىغان مەنىلەرنى ئىپادىلەيتتى. ماسلوۋنىڭ ئېنىقلىمىسى بويىچە، “ئەقىللىقلار” − مىڭ نەپەر ئۆزىنى كۆرسىتەلىگەنلەر ئىنسانلار بىلەن ئۇچرىشالمايدىغان بىر ئارالغا بېرىپ ئۆز ئالدىغا مەدەنىيەت قۇرۇش پانتازىيىسى بولۇپ، … ئەقىللىقلار دېگەننى “پسىخىك مۇكەممەللىككە ئېرىشىش يولىدىكىلەر” دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. …
باشقا تەلىماتلاردىن پەرقى
ماسلوۋ، باشقا تەلىماتلارنى، يەنى فرېئۇدچىلىقنى، ۋاتسونچىلىق بىلەن ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكەتچىلىكىنى ھەرگىز بىراقلا رەت قىلىپ تاشلايدىغانلاردىنمۇ ئەمەس. بەلكى، بۇ ئىككى خىل پسىخولوگىيە ئىقىمىنىڭ پايدىلىق بولغان، ئەھمىيەتلىك بولغان شۇنىڭدەك ئىنسانلار ئۈستىدە قوللىنىشقا بولىدىغان قىسىملىرىغا ئىجابى باھا بېرىدۇ ھەمدە بۇنداق تەرەپلىرىنى ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس سۈپىتىدە پايدىلىنىدۇ.
ماسلوۋ مۇنداق دەيدۇ: “مېنىڭ بۇ ئىككى تۈرلۈك ئومۇمى يۈزلۈك ئېتراپ قىلىنىپ كېلىنگەن پسىخولوگىيىگە قارىتا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە ئۇلارغا بەرداشلىق بېرەلمەسلىكتەك پسىخىك ھالىتىمنى كىشىلەرگە ھەقىقەتەنمۇ ئېنىق ئۇقتۇرۇپ بولالمايدىغانلىقىمنى سەزدىم. شۇنچە كۆپ كىشى، ئەگەر فرېئۇدنى ھىمايە قىلمايدىكەنسەن، دېمەك ئۇنىڭغا قارشى بىرسى ھېساپلىنىسەن، ئەگەر سەن ئىلمى پسىخولوگىيىنى قوللىمايدىكەنسەن، دېمەك سەن بۇ تۈر پسىخولوگىيىگە قارشى بىرسى ھېسابلىنىسەن، دېگەندەك تۇنۇشتا. مېنىڭچە بولغاندا، بۇ تۈردىكى قەتئى سادىق بولۇش پازىتسىيىلىرىنىڭ ھەممىسى بەكلا ساددا قاراش. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز، ئەنە شۇنداق تۈرلۈك-تۈمەن ھەقىقەتلەرنى بىر يەرگە كەلتۈرۈوپ، ئۇلاردىن مۇكەممەل بىر ھەقىقەت ھالىتىغا كەلتۈرۈش بولىشى كېرەك. شۇ چاغدىلا بىر تۈرلۈك ھەقىقەتنى مەڭگۈ تاشلىمايدىغان بولالايمىز.”
ماسلوۋ، نېرۋا كېسەللىكلىرى بىلەن روھى كېسەللىكلەرنى ساقايتىش ئۈچۈن، ئەڭ ئۇتۇغلۇق پسىخولوگ بىلەن ئەڭ ئۇستا نېرۋولوگ ھەر دائىم ئەڭ قىزىقارلىق نەزىرىيىلەرگە خىلاپلىق قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى سەزگەن. بار بولغان نەزىرىيىلەر ئادەم ئۈستىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بولالمايدۇ، شۇنىڭدەك مەۋجۇت پاكىتلارنى چۈشەندۈرۈپمۇ بولالمايدۇ.
ماسلوۋ، فرېئۇدنىڭ پەقەت نېرۋا كېسەللىكلىرى بىلەن روھى كېسەللىكلىرى بويىچىلا ئادەمنى تەتقىق قىلىمەن دېيىشتە چىڭ تۇرىۋېلىشىنى قاتتىق تەنقىت قىلىدۇ.13 شۇنىڭدەك فرېئۇدنىڭ بارلىق ئىسىل ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنى كېيىن ئۆگۈنىۋالغان ئىنسانلىقنىڭ ئەسلى ماھىيىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ ھۆكۈم قىلىشىنىمۇ توغرا قاراش دەپ قارىمايدۇ.
ماسلوۋ شۇنىڭغا قەتئى ئىشىنىدۇكى، ئەگەر بىرسى روھى ساغلاملىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدىكەن، ئۇنداق بىرسى روھى كېسەللىكنىڭمۇ نېمىلىكىنى پەقەتلا بىلەلمەيدۇ. ئەمما يالغۇز فرېئۇدلا ئەمەس، بەلكى خاممىرتون، خوبس، شوپېنخاۋيېر قاتارلىقلار كىشىلەر ئارىسىدىكى روھى ساغلام ئۈلگىلەرنى ئەمەس بەلكى داشقاللارنى كۈزىتىش ئارقىلىق ئۆز نەزەرىيىلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشقان. ئالىملار بەخت، خوشاللىق، رازىمەنلىك، خاتىرجەملىك، قېنىش، قىزىقىش، ئويۇن، سالامەتلىك، تەنتەنە قىلىش ۋە ئىچىگە كىرىپلا كېتىش قاتارىدىكى ئادەم ئىپادىلىرى (ئىش-ھەرىكىتى) نىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى قاراپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىشىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە بۇ ساھەدە رەھىمدىللىك، كەڭ قۇرساقلىق، دوستانىلىق قاتارىدىكى ياخشى تەرەپلىرىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىشمەي كېلىشتى. ئىلمى تەتقىقاتلارنىڭ مۇھىم نوقتىسىنى ئادەمنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى ئۈستىگە قويۇپ، ئادەمنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە، يوشۇرۇن ئىقتىدارىلىرىغا بەكلا ئاز كۆڭۈل بۆلىشتى ياكى پەقەتلا كۆڭۈل بولمەي كېلىشتى دەپ قارايدۇ.
ماسلوۋ مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: “ئەگەر بىرسى نېرۋىسى بۇزۇلغانلار، نېرۋا كېسەللەر، پسىخىكىلىق بۇزۇقلۇقلار، جىنايەتچىلەر بىلەن يولدىن چىققانلار ۋە روھى ئاجىز كىشىلەر تەتقىقاتى ئىچىگىلا چوڭقۇرلاپ كىرىپ كەتكەن بولىدىكەن، ئۇنداق بىرسى ئىنسانلارغا بولغان ئىشەنچىسىمۇ بارغانسىرى ئازىيىپ، ئاخىرى بېرىپ بارغانسىرى ‘ئەمەلىيەتچان’ بىرسىگە ئۆزگىرىپ ئادەم ئۆلچىمىنىمۇ شۇنچە پەس تۇتىدىغان، ئادەمگە بولغان ئۈمىدىمۇ شۇنچە ئازىيىپ كېتىدىغان بىرسىگە ئايلىنىدۇ. … شۇڭا، غەلىتە، نورىمال يېتىلەلمەي قالغان، قورامىغا يېتەلمىگەن ۋە ساغلام بولمىغان كىشىلەرنىلا تەتقىق قىلىش ئىچىگە پېتىپ قالغىنىدا، غەلىتە پسىخولوگىيە ۋە غەلىتە پەلسەپەنىلا ئوتتۇرغا قويالايدىغان بىرسىگە ئايلىنىدۇ. بۇنداق بولىشى كۈنسايىن ئېنىق ئىسپاتلىنىپ ئوتتۇرغا چىقماقتا. شۇڭا، ئەڭ ئومۇمى خاراكتېردىكى پسىخولوگىيە ئىلىمى چوقۇم ئۆزىنى تولۇق ئىپادىلىيەلىگەن ئادەملەرنى تەتقىق قىلىنىش ئاساسىغا تىكلىنىشى شەرت.”
دەل ئەنە شۇنداق چۈشەنچىلەر ماسلوۋ نەزەرىيىسىنى ئۆزىگە خاس مەنىگە ئىگە قىلغان. ئۇ، تاپالىغان ئەڭ قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مۇنداق خۇلاسىغا كەلگەن: “بۈگۈنكى كۈندە ئادەم قىياپىتى ھەققىدە تۈپكى بىر ئۆزگىرىش ئوتتۇرغا چىقماقتا. بۇ ئىش ئادەم ماھىيىتىگە چوڭقۇرلاپ كىرىش پەلسەپەسى ئاساسىدا بارلىققا كەلمەكتە. قالغان ئالاھىدىلىكلەر بۇنىڭ كەينىدىن ئوتتۇرغا چىقماقتا. … ئىنسان ماھىيىتىشۇناسلىق ۋە ئۈچىنچى پسىخولوگىيە ئېقىمى قارىشىدىكى ئادەم قىياپىتىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى نۇقسانسىز تۈردە شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، تارىختىن بۇيان بىز ئىزچىل تۈردە ئىنسان ماھىيىتى ھەققىدە يېتەرلىك باھا بېرىپ باقماي كەلگەن ئىكەنمىز. ئەمما بۇ تۈردىكى ئادەم قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىش، ئۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغىنى مۇقەررەر تۈردە بىر ئىنقىلاپ خاراكتېرلىق ھەرىكەت بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئىنقىلاپ دۇنيامىزنى، دۇنيادىكى بارلىق ئىشلىرىمىزنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇقەررەر. مەن شۇنداق بىر تارىخىي پەيىتتە تۇرماقتىمەنكى، بەزى تۆھپىلەرنى قوشالايدىغان پۇرسەتكە ئىگىمەن،14 شۇنىڭدەك روگېرس، گرستېيىن، ئوۋپوت قاتارىدىكى ئۈچىنچى ئىدىيىۋى ئېقىم ئىدىيولوگلىرى بىلەن بىرلىكتە بولالىغانلىقىمدىن ئۆزەمنى ئىنتايىن بەخىتلىك ھېس قىلماقتىمەن.”
يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، ئىش-ھەركەتچىلىك قارىشىدىكىلەر ھەر قاچان ئادەتتىكى ئادەم مىجەزىنى تەتقىق قىلىشقا مايىل بولۇپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئىستاتىستىكىلىق ئۇسۇللارغا بەكلا ئەھمىيەت بېرىشىپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ تەتقىق قىلىغانلىرى پەقەتلا رىياللىقتىكى كۆرۈنۈشلا بولۇپ، ھادىسىلارنىڭ قانداق روي بېرىدىغانلىقى بىلەن قانداق بولىشى كېرەكلىنى تەتقىق قىلىشمايدۇ. دوكتور جېنس 20-ئەسىردىكى ئىش-ھەرىكەت تەتقىقاتلىرى ستاتىستىكىلىق رەقەملەر بويىچە ئىنسان ئىش-ھەرىكىتىنى تەتقىق قىلغانلىقىغا ئىنتايىن ياخشى مىسال بولالايدۇ، دەيدۇ. خۇددى ماسلوۋنىڭ كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، “بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا 75 پىرسەنت بۇۋاقلارنىڭ 5 ياشقا كەلمەي تۇرۇپلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدىغانلىقى ئادەتتىكى ئەھۋال ئىدى. … شۇڭا بىز مۇنداق بىر ۋەزىيەتكە كىرىپ قالىمىز: بىز تەسۋىر قىلىنغان، قىممەت قارىشى بولمىغان ئىلمى ئۇسۇل نوقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، بۇنداق ئادەتتىكى ئەھۋاللار بىز ئارزۇلاپ كەلگەن ئەڭ ياخشى ھالەت دەپ قاراپ كەلگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ھازىرقى ئەھۋاللارغا رازى بولۇپ كېتىۋەردۇق.” ئادەتتىكى ئادەملەر تەتقىقاتى كىشىلەرنى “ياخشى ماسلىشالايدىغان” ئادەم قارىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، “ياخشى تەرەققى قىلالىغان” ئادەم قارىشىمىزنىڭ يېتىلىشىگە توسالغۇ بولۇپ كەلدى.
ئىش-ھەركەتچىلىك نەزىرىيىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھايۋان ئىش-ھەرىكىتى تەتقىقاتىنى ئاساس قىلغان ھالدا شەكىللەنگەن. ئەمما ماسلوۋ، ئادەم ئىش-ھەرىكىتى بىلەن ھايۋان ئىش-ھەرىكىتى ئوتتۇرسىدا بەكلا چوڭ پەرق بولىدىغانلىقىنى سېزىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە، ماسلوۋ، ھايۋان ماھىيىتىنى چوقۇم ياخشى ئەمەس دەيدىغان قاراشقىمۇ گۇمانلىق قارايدۇ. ئۇ، بىز ئادەمنىڭ ھايۋانلاردىن تەرەققى قىلىپ كەلگەن دەيدىغان قاراشنى قوبۇل قىلغانلىقىمىز سەۋەبىدىن ئادەم ئىش-ھىرىكىتى ھايۋانلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ دەپ قاراش ئاساسىدا ئىش كۆرۈپ كەلدۇق. شۇنداق بولغىنىدىمۇ بۇ تۈردىكى تۇغما قابىلىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەسكى دېيىشكە ئاساسىمىز يوق دەپ قارايدۇ. بىز، ئادەملەردىكى كۆپىيىشىدە كام بولسا بولمايدىغان جىنىسى ھاياجاننى چوقۇم ناچار مىجەز دەپ قارىشىمىز مۇمكىنمۇ؟ بىز ھەر دائىم ھايۋاناتلار دۇنياسىدا ياخشى مىجەزلەرنىڭ ھېچ بولمىغاندا يامان مىجەزلەرچىلىك كۆپ بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتقا كۆز يۇمالىشىمىز مۇمكىنمۇ؟ ھايۋانلاردىكى بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرى بەلكىم ئادەملەرنىڭكىدەك بۇنچە ئومۇملاشقان بولۇشىمۇ ناتايىن. ھايۋاناتلار ئالىمىدە ئۆزئارا ھەمكارلىق ئىشلىرىنى ھەرگىزمۇ ئاز دېيىشكە بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئوخشاش تۈردىكىلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى پەۋقۇلئاددە ئەھۋال دېگەندىن كۆرە، ئۇنى ئومۇمىيۈزلۈك بىر قانۇنىيەت دېگىنىمىز تېخىمۇ توغرا بولىشى مۇمكىن.
يەنە ئالايلۇق، بىزنىڭچە ئادەم ھايۋانلارنىڭ ئەڭ ئالى دەرىجىلىك تەدرىجى تەرەققىيات شەكلىدۇر دەپ قارىغىنىمىزدا، ئۇ ھالدا بىزنىڭ ھايۋانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزمۇ بىزگە ئەڭ يېقىن تۇرىدىغان ئادەمسىمان مايمۇن بولىشى كېرەك ئىدى. ماسلوۋ، ئادەمسىمان مايمۇن بىلەن مايمۇنلارنى كەڭ كۆلەملىك تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ بىر-بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ ئۆزئارا ھەمكارلىق ئاساسىدا ياشايدىغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ فرېئۇد تەسۋىرلىگەندەك ئۇنداق قىزغانچۇق، شەخسىيەتچى، تاجاۋۇزچىلىق يامىراپ كەتكەن ھالىتىنى ئۇچرىتالمايدۇ. “فرېئۇدچىلىق قارىشىدىكىلەر ئادەمنىڭ تۇغما قابىلىيىتى يامان بولغان ھايۋانى خاراكتېردە بولىدۇ،15 شۇڭا ئۇلار بۇ تۈردىكى تۇغما قابىلىيەتلەر يوشۇرۇشقا بولمىغىدەك دەرىجىدە ساراڭلىقتا، نېرۋا كېسەللىكلىرىدە، جىنايەتچىلەردە، روھى ئاجىزلاردا ياكى ساغلام تۇرۇغلۇق يامان يولغا كىرىپ قالغانلاردا ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ ئوتتۇرغا چىقىدۇ دەپ قارىشىدۇ. ئۇلار بۇنداق بىر ئېتىقات ئاساسىدا، ئادەملەردىكى ئاق كۆڭۈللۈك، ئەقىللىقلىق، ئەخلاقلىق قاراشلىرى كېيىن يېتىلدۈرگەن بىر تۈرلۈك ئۇيدۇرما مىجەزلەردۇر، بۇ مىجەزلەر تېگىدە يوشۇرۇنغان ئەسلى مىجەزلەردىن تۈپتىن پەرق قىلىدۇ” دەپ قارىشىدۇ. … “دارۋىننىڭ قاراشلىرى بىلەن بۇ تۈردىكى قاراشلار خۇددى بىر قازاندا پىشىپ چىققان تاماقتەك بىر-بىرسىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا دارۋېنمۇ ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى رېقابەتلىشىشلەرنىلا كۆرۈپ، ئەڭ كامىدا شۇنىڭچىلىك كۆپ ئوتتۇرغا چىقىدىغان ھەمكارلىق مىجەزلىرىگە پەقەتلا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.”
فرېئۇدچىلار بىلەن ئىش-ھەركەتچىلىك تەرەپتارلىرى ئادەم بىلەن ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى ئىزچىللىقنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنسانلارنىڭ ھايۋاناتلاردىن تۈپتىن پەرق قىلىدىغان پۈتۈنلەي ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىگە پۈتۈنلەي سەل قارايدۇ ياكى بۇنداق پەرقنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدۇ. ماسلوۋ بۇنداق قاراشتىكىلەرگە ئەگەر ھەر تۈردىكى ھايۋانلار بىر-بىرسىدىن پەرىق قىلىدىغان ئالاھىدە ئىقتىدارلارغا ئىگە دەپ قارالغىنىدا، ئىنسانلاردىمۇ ئەنە شۇنىڭغا ئوخشاش تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئۆزىگە خاس ئىقتىدارلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇشنىڭ نەرى خاتا؟ دەپ سۇئال قويىدۇ. “ئەگەر ھايۋاناتلاردىن پايدىلىنىپ ئادەمنى تەتقىق قىلىشقا ئۇرۇنغاندا، باشتىن تارتىپلا پەقەت ئادەمگىلا خاس بولغان ھەققانىيەت ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىش، ئۆزىنى قۇربان قىلىش، ئىزا تارتىش، مۇھەببەت، قىزىقچىلىق، سەنئەت، گۈزەللىك، ۋىژدان، نومۇس، ۋەتەنپەرۋەرلىك، غايە، شىئېر ھېسسىياتى، پەلسەپە، مۇزىك ۋە بىلىم قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە سەل قارىلىدۇ. ئىنسانلار بىلەن بارلىق ئەقىللىق ھايۋانلار ئوتتۇرسىدىكى ئورتاق ئالاھىدىلىكنى بىلمەكچى بولىدىكەنمىز، ھايۋانات پسىخولوگىيىسى ھەقىقەتەنمۇ زۆرۈر. ئەمما ئادەملەردىلا بار بولغان ياكى ئادەملەردىكى بارلىق ھايۋاناتلاردىن زور دەرىجىدە يوقۇرى ئورۇندا تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكلەرنى (ئالايلۇق، يوشۇرۇن ئۆگۈنۈش قابىلىيىتىگە ئوخشاش ئالاھىدىلىكلىرى) تەتقىق قىلىشنى ئويلايدىكەنمىز، بۇ يەردە ھايۋان پسىخولوگىيىسى پەقەتلا كارغا كەلمەي قالىدۇ.”
ئىش-ھەرىكەتچىلىك قارىشىدىكىلەر ھايۋانلار ئارقىلىق تەجرىبە ماتېرىيالى توپلاشقا ئالاھىدە باغلانغان بولۇپلا قالماستىن، ئۇلار يەنە كەپتەر بىلەن چاشقاندىن بۇ جەھەتتە پايدىلىنىشقا بەكلا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ماسلوۋ بۇنىڭغا بەكلا ھەيران قالىدۇ. چۇنكى، چاشقاندا بەزى فىزىيولوگىيىلىك ئىقتىدارلارنىڭ بولىشىدىن باشقا ئۇنىڭدا تۈزۈك بىر تۇغما قابىلىيەت يوق. بۇ تۈردىكى تەتقىقات ئۇسۇللىرىمۇ تۇغما قابىلىيەت-ئىستەك بەكلا كۈچلۈك، ئۇنى تېزگىنلەش، ئۆزگەرتىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس دەيدىغان پەرەزلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىغا سەۋەب بولماقتا. ماسلوۋ ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات ئاساسىدا، بۇ تۈردىكى قاراشلارنى بەكلا تار قاراش دەپ تەنقىت قىلىدۇ. “گەرچە بۇ تۈردىكى خۇلاسىلارنى سالمون بېلىقىغا، پاقىلارغا ۋە قۇلۇلىلارغا تەدبىقلاشقا بولغىنى بىلەن، ئىنسانلارغا تەدبىقلاشقا ھەرگىز مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. …” ماسلوۋ بۇ يەردە ئاق چاشقانغا قارىغاندا مايمۇننى ئىش-ھەرىكەت سەۋەبىنى تەتقىق قىلىشتا قوللىنىش بەكىرەك ئۇيغۇن كېلىشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. چۇنكى، مايمۇن چاشقانغا قارىغاندا ئادەمگە بەكىرەك يېقىن تۇرىدۇ.16 ماسلوۋ مۇنداق دەيدۇ: “ھەر تۈرلۈك ئىش-ھەرىكەتچىلىك ئېقىمىدىكىلەر ئادەمنى پاسسىپ، ئۆزگەمەس، ئاساسەن ئۆز تەغدىرىگە ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلالمايدىغان بىر مەخلۇق، دەپ رەھىمسىزلەرچە كېسىپ ھۆكۈم قىلىۋېتىدۇ.”
1920-يىلىدىن كېيىن، ئاساسەن ئالغاندا ئامېرىكىدىكى بارلىق ئىش-ھەرىكەتچىلىك ئېقىمىغا مەنسۈپ پسىخولوگىيە ئالىملىرى ئىنسان ئىش-ھەرىكىتىنى تەتقىق قىلىشنى بۇ تۈر “ئىلمىي ئۇسۇل” قېلىپى ئىچىدە قانات يايدۇرۇشقا باشلايدۇ. ئەگەر ئىلمى ئۇسۇل فىزىكا ۋە تېخنىكا مەسىلىلەر تەتقىقاتىدا تەڭداشسىز نەتىجىلەرنى ياراتالايدىغانلا بولىدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ ئۇسۇل ئىنسان مەسىلىلىرى تەتقىقاتىدىمۇ چوقۇم ئوخشاش تۈردىكى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، دەپ قارىشىدۇ. مانا بۇ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق پەرىزى ئىدى. ئىش-ھەرىكەتچىلىك ئېقىمىنىڭ ئالىملىرى ئادەمنى بىر مەۋجۇت جىسىم، كۈزىتىشكە بولىدىغان، ئەمما سۇئال-سوراق قىلمىسىمۇ بولىدىغان جىسىم دەپ قوبۇل قىلىپ تەتقىق قىلىشقا بولىدىغانلىقىغا قەتئى ئىشىنەتتى. ئادەمنىڭ ئۆزىنى تونۇشى، ئۇنىڭ ھېسسىياتلىرى، ئۇنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرى قاتارىدىكى سوبىكتىۋ ماتېرىياللارنىڭ ھېچقايسىنى بۇ تەتقىقاتتا كۆزدە تۇتۇش ھاجەتسىز دەپ قارىشاتتى. فرېئۇد، ئەنە شۇ تۈردە ئىنسان ئىش-ھەرىكىتىدە يوشۇرۇن ئاڭنىڭ ئوينايدىغان ھەل قىلغۇچ رولىنى، شۇنىڭدەك بىمارنىڭ ئۆز ئىش-ھەرىكىتى توغرىسىدا ئېيتىپ بەرگەنلىرىنىڭ ئەسلى سەۋەبلىرىگە قەتئى ئەھمىيەت بەرمەيتتى.
ماسلوۋ ئادەم خاراكتېرىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئۇنداق ئۇسۇلغا قەتئى قوشۇلمايدۇ. ماسلوۋ، ئەگەر بىز سوبىكتىپ ئامىللار بىلەن ئوبىكتىپ ئامىللارغا تەڭ ئەھمىيەت بەرگىنىمىزدىلا ئىنسان ماھىيىتىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ ئالالايمىز، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبىلىرى سوبىكتىۋ ئىپادىلىرىگە ئەھمىيەت بېرىش ئۇسۇلىنىڭ دائىم دېگىدەك ئەڭ ئۆنۈم بېرىدىغان ئۇسۇل بولىدىغانلىقىنى، ئەگەر بۇ تەرىپىگە ئەھمىيەت بېرىلمىگىنىدە، ئىنسان ئىش-ھەرىكىتىنىڭ مۇتلەق زور قىسمى قىلچە ئەھمىيەتسىز بىر ھالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ماسلوۋ ئىلمى ئۇسۇللارنى ھېچ قاچان ئىنكار قىلىپ باققانمۇ ئەمەس. ئۇ، بۇ جەھەتتە تېخىمۇ كەڭىرى تونۇش ئۇسۇلىنىلا تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، پسىخولوگلار فىزىكچىلارنىڭ، خېمىكلارنىڭ ۋە ماتېماتىكچىلارنىڭ پىكىرلىرىگە ھەددىدىن ئارتۇق ئېسىلىۋالغان. ئەمما بۇ تۈردىكى تەبىئى پەن ئالىملىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئېنىق فىزىكىلىق ۋە ماتېماتىكىلىق فورمۇلالار بىلەن ئىپادىلەشكە بولمايدىغان نەرسىلەرنى ھەرگىزمۇ بىلىم دەپ قاراش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
گەرچە ماسلوۋ بىلەن ئۈچىنچى پسىخولوگىيە ئېقىمىنىڭ قالغان بىر قىسىم پسىخولوگلىرى ئىش-ھەرىكەتچىلىك ئېقىمىدىكىلەر بىلەن فرېئۇد ئېقىمىدىكىلەرنىڭ نەزەرىيىلىرىگە بەك قوشۇلۇپ كەتمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىلمى پسىخولوگىيەسى بىلەن فرېئۇدنىڭ تېخنىكىلىق ئۇسۇللىرىنى يەنىلا پايدىلىق ئۇسۇللار دەپ قارايدۇ. شەرتلىك رېفلىكىسنى بىر تۈرلۈك ئۆگۈنۈش شەكلى دېيىش مۇمكىن. فرېئۇدنىڭ كارىۋىتىدا يېتىپ ئەركىن خىيال سۈرۈشمۇ ھەقىقەتەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ماسلوۋ، “مېنىڭچە، مېخانىك قارىشىدىكى بىلىم (ئۇنىڭ پسىخولوگىيىدىكى ئىپادىسى ئىش-ھەرىكەتچىلىك پسىخولوگىيە ئېقىمى بولۇپ نامايەن بولىدۇ) ھەرگىزمۇ قۇرۇق سەپسەتە ئەمەس. بەلكى بۇ بىلىم بەكلا تار مەنىلىك بولۇپ، ئومۇمى خاراكتېرلىك پەلسەپە ئۇقۇمىغا ئايلىنالماي قالغان، خالاس” دەپ ھېسابلايدۇ. فرېئۇد ئۈستىدە توختىلىپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ:17 “فرېئۇدنىڭ ئادەم تەسۋىرىنى ھەقىقەتەنمۇ مۇۋاپىق دەپ قاراش مۇمكىن ئەمەس. ئۇ ئادەمنىڭ ئىدىيىسىنى، ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدىغان ئارزۇلىرى بىلەن بىر قاتاردا ئادەمنىڭ بارلىق ئىلاھى سۈپەتلىرىنى چىقىرىپ تاشلىغان. … ئۇ بىزگە پسىخولوگىيىنىڭ كېسەللىككە دائىر قىسمىنىلا سۇنماقتا. شۇڭا بىز، ئۇنىڭ ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك قالغان يېرىمىنى تولۇقلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.”
فرېئۇد بىلەن قالغان تۇغما قابىلىيەتچىلىك تەرەپدارلىرى دائىم دېگىدەك ئەسلەش-ئۆگىنىش بىلەن رىفلىكىسلىق تەسىردىن ئىبارەت رىياللىققا بەكلا سەل قارىشىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىنچە ئىش-ھەرىكەتچىلىك ئېقىمىدىكىلەر بولسا مەيلى ياخشى بولسۇن ياكى ناچار بولسۇن، تۇغما ئىستەك-قابىلىيەتنى ئىنكار قىلىشىدۇ. ئەگەر ئادەمنىڭ ئىش-ھەرىكىتى ئىش-ھەرىكەتچىلىك تەرەپتارلىرى چىڭ تۇرىۋالغاندەك ئادەم بەدىنىنىڭ كىشىنى بىئارام قىلىدىغان جىددىلىشىشتىن قۇتۇلۇشنىلا مەقسەت قىلىدىغان مۇداپىيىلىنىش ھەرىكىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس بولغىنىدا، ئۇنداقتا ئىنسانلار قانداقلارچە تېخىمۇ ئەقىللىق، تېخىمۇ سۈپەتلىك بولۇپ تەرەققىياتقا ئېرىشەلىشى مۇمكىن؟ ئەگەر ھاياتلىق جەريانى جىددىلىشىشتىن قېچىشنىلا مەقسەت قىلغان بولسا، ئۇنداقتا ئادەم قانداقلارچىسىغا ھاياتقا بولغان ئىنتىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولىشى مۇمكىن؟ ئىش-ھەرىكەتچىلىك تەرەپدارلىرى ھايۋانلار ئۈستىدە تەتقىق قىلىشنىلا تەكىتلەشتە چىڭ تۇرىۋالغان بولغانلىقى ئۈچۈن بەلكىم ئادەملەردىكى ئارزۇ قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش ۋە خوشاللىقتىن ئىبارەت ئاكتىپچانلىق ئىنتىلىشلىرىغا سەل قارايدىغان بولىشىمۇ مۇمكىن. خۇددى ماسلوۋنىڭ ئېيتقىنىدەك، “خېلى كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدىغان باشقىچە نەزەرىيە جەھەتتىكى، كېلىنكىلىق جەھەتتىكى ۋە تەجرىبە جەھەتتىكى پىكىر يۈرگۈزۈشلەرنىڭ ھەممىسىلا بىرلا يۆلۈنۈشكە، يەنى تۇغما قابىلىيەت نەزەرىيىلىرىنى قايتىدىن باھالاش، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۇ ياكى بۇ شەكىللەردە قايتىدىن ئۆزىنى كۆرسىتىشلىرىنى قايتىدىن باھالىشى زۆرۈر بولۇپ قالماقتا. بۇ لارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى پسىخولوگلارنىڭ، جەمىيەتشۇناسلارنىڭ ۋە ئىنسانشۇناسلارنىڭ ئادەمدىكى ئۆزگىرىشچانلىقنى، جانلىقلىقنى، ماسلىشىشچانلىقنى ۋە ئۆگۈنۈش قابىلىيىتىنى تەكىتلەشلىرىدىن بىر تۈرلۈك گۇمان بىلەن قارىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، ئۆزىنى ئۆزى تېزگىنلەش قابىلىيىتى زامانىمىزدىكى پسىخولوگىيە نەزەرىيىلىرىنىڭ ئوتتۇرغا قويغان چەكلىرىدىن بەكلا كەڭ دائىرىلىك مەنىلەرگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە”.
ماسلوۋ، «ئىلمى پسىخولوگىيە» دېگەن كىتابىدا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇرۇن فىزىكىلىق مۇدېللەرنى ئىلمنىڭ ئاساسى دەپ قاراشلارنى تەنقىتلەشلەرنى كەڭ دائىرىلىك بىلەن چوڭقۇرلاپ بايان قىلىپ چىقىدۇ. ئۇ كىتابىدا، “بۇ كىتاب، بۇرۇن قايتا سېلىشتۇرۇپ كۆرۈلمىگەن ئەقىدىلەرنى، يەنى رەسمى ئىلىمنى بىلىمگە باشلاپ بارىدىغان بىردىن-بىر يول دەيدىغان، ياكى باشقىچە ئېيتقاندا بىردىن-بىر ئىشەنچىلىك يول دەيدىغان قاراشلارنى رەت قىلىدۇ. مەن، بۇ تۈردىكى كلاسسىك قاراشلارنى پەلسەپەلىك، تارىخى، پسىخولوگىيىلىك ۋە جەمىيەتشۇناسلىق نوقتىلىرىدىن قارىغاندا بەكلا يۇمىران، بەكلا ساددا قاراش دەپ قارايمەن” دەيدۇ.18
ئۈچىنچى پسىخولوگىيە ئېقىمىنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلى
روھى كېسەللىكلەر تەتقىقاتى، ئادەم خاراكتېرى تەتقىقاتىدا ھەقىقەتەنمۇ پايدىلىق بىر تەتقىقات. ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ يېتەرلىك بىر تەتقىقات ئەمەس. ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشقا تايانغاندا ھېچقانداق بىر مەسىلىنى ھەل قىلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر بىز روھى ساغلام بولمىغان ئادەمنى بىلمەكچى بولساق ئەڭ ئالدى بىلەن روھى جەھەتتە ساغلام بىرسىنى چۈشىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
ماسلوۋ، ئىنتايىن مۇھىم بولغان بۇنداق يېڭىچە بىلىم مەنبەسىنى پسىخولوگىيە بىلەن روھى كېسەللىكلەر بىلىمىدە پايدىلىنىشقا يىتەكلەشنى تەۋىسىيە قىلىدۇ. ماسلوۋنىڭ ئەقلىگە تۇيۇقسىز پەۋقۇلئاددە ساغلام يېتىلگەن ئادەمنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كىشىلەر ئادەم ۋە ئۇنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارلىرىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر مەلۇماتلارغا ئېرىشىش مۇمكىنلىكى كېلىدۇ. ماسلوۋ ئىنسانىيەتنىڭ بۇنداق ساغلام يېتىشكەن قىسمىنى “ئىزچىل تەرەققىي قىلىۋاتقان ئازسانلىق” دەپ ئاتايدۇ. بۇ خىل تەتقىقات ئۇسۇلىنىڭ تەپسىلاتىنى كېيىنكى بابتا بايان قىلىمىز.
ماسلوۋ، ئورتاق بىر ئىش-ھەرىكەت نەزەرىيىسى چوقۇم ئىش ھەرىكەتنىڭ ئىچكى جەھەتتىكى، ئەسلىدە بار بولغان ھەل قىلغۇچ ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەنلا قالماستىن، يەنە تاشقى جەھەتتىكى، مۇھىتتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. ئەمما فرېئۇد ئېقىمىدىكىلەر پەقەت ئالدىنقىسىغىلا ئەھمىيەت بەرگەن بولسا، ئىش-ھەرىكەتچىلىك ئېقىمىدىكىلەر بولسا پەقەت ئىككىنچى نوقتىغىلا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ئىدى. ئەسلىدە بۇ ئىككى تۈرلۈك كۆزقاراشنى بىرلەشتۈرۈش لازىم ئىدى. ئادەم ئىش-ھەرىكەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا پەقەت ئوبىكتىپ تەرەپلىرىنىلا تەتقىق قىلىش يېتەرلىك بولمايدۇ. ئەگەر بىز ئادەم ھەققىدە تولۇق بىلىمگە ئېرىشمەكچى بولىدىكەنمىز، چوقۇم سوبىكتىپ تەرەپلىرىنىمۇ تەتقىق قىلىشىمىز شەرت. بىز چوقۇم ئادەمنىڭ ھېسسىياتى، ھەۋىسى، ئارز-تەلەپلىرى ۋە غايىلىرىنىمۇ كۆزدە تۇتقان بولىشىمىز، شۇ ئارقىلىق ئادەمنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى چۈشىنىشكە تىرىشىشىمىز كېرەك.
ئىش-ھەرىكەتچىلىك ئېقىمىنىڭ ئالىملىرى ئۆز مىجەز-خاراكتېر ئالاھىدىلىكلىرى ئۇلارنىڭ چۈشىنىش قابىلىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئامىل بولۇپ كەلمەكتە. دوكتور ماسلوۋ، تۆۋەندىكىچە ئۆلچەملەرنى ئوتتۇرغا قويىدۇ: ئالىملار بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، ئۆزىگە ئىشەنچ ۋە شۇنىڭدەك ساغلام مىجەزگە ئىگە بولغىنىدىلا ئاندىن تەتقىق قىلماقچى بولىۋاتقان رىياللىقنى ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە تونۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ؛ ئالىملار كۆڭلى-كۆكسى ئازادە بولغان ھالدا مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشنى، ئۆزىنى مەقسەت قىلىپ ئەمەس بەلكى مەسىلىنى مەقسەت قىلىپ تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىشنى خالايدۇ؛ ئىش-ھەرىكەتچىلىك ئېقىمىغا مەنسۈپ ئالىملار ئىنتايىن كەڭ دائىرىلىك بىلىملەرگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ھەددىدىن ئارتۇق كەسىپىلەشتۈرىۋېتىشتىن پايدىلىق بىر ئۆنۈم ھاسىل قىلىش قىيىن. ماسلوۋنىڭ كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالىملار ئادەتتە بەكلا كەڭ دائىرىلىك قىزىقىشلىرى بولغان كىشىلەردۇر.19 ئارىستوتىل، ئەيىنىشتېيىن، دا فىنچ ۋە توماس جېففېرسونلار بۇنىڭغا ئەڭ تىپىك مىسال بولالايدۇ.
ئىنسانىيەت ئىش-ھەرىكىتى جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىقاتلار بىلەن شوغۇللانغۇچى كىشى تېخىمۇ مۇرەككەپ مەنتىقە، ئىجادىلىق، كەڭ دائىرىلىق قىزىقىش ۋە سەزگۈرلۈككە ئىگە بولىشى كېرەك. ئەنە شۇ چاغدىلا “رىياللىقنىڭ ھەممە تەرىپىنى كۆرەلەيدىغان بولىدۇ”، ئەنە شۇ چاغدىلا “رىياللىقنى ھەر تەرەپتى كۆرۈپ ئېلىشقا بولىدۇ”، ئەنە شۇ چاغدىلا بىر-بىرسىگە ئوخشىمايدىغان بارلىق بىلىملەرنىڭ بىر-بىرسىگە زىچ باغلىق بولىدىغانلىقى، بىر-بىرسىدىن ئايرىغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇلار ھەرگىزمۇ مۇستەقىل، بىر-بىرسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ساھەلەر ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ ئالالايدۇ. ئەگەر نەتىجە ئورنىغا تەدبىر، ئۇسۇل قاتتىق تەكىتلەنگىنىدە، ئىجتىمائىي پەن ئالىملىرى بىلەن باشقا ھەقىقەت ئاختۇرغۇچىلار ئوتتۇرسىدا پات-پاتلا زىدىيەتلەر ئوتتۇرغا چىقىدۇ. ئالىملارنى ھەقىقى بىلىمنىڭ ئىزدەنگۈچىلىرى دەپ قاراش كېرەك؛ بۇنداق ئىزدىنىش بىلەن پەقەت يوقۇرى دەرىجىلىك كەسىپى ئۇنۋان دېپلومىغا ئىگە كىشىلەرلا شۇغۇللانماسلىقى كېرەك. ئەنئەنىۋى بىلىم ئەسۋاپ ئۈسكۈنىلەرنىڭ، تېخنىكىلارنىڭ، تەرتىپلەرنىڭ، قۇرۇلمىلارنىڭ ئەھمىيىتىنى ھەددىدىن ئارتۇق تەكىتلىشىپ، مەسىلىلەرنى، شۆبھىلەرنى، قىيىنچىلىقلارنى، رولىنى ۋە نىشانىنى سەل قاراپ ئۆتكۈزىۋېتىشكە مايىل بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، تېخنىكا بىلەن “ئەسۋاپ مەشغۇلاتچىسى” نىڭ رولىنى ھەددىدىن ئارتۇق مۇبالىغىلەشتۈرىۋېتىپ، مەسىلىلەرنى، جاۋاپلارنى ۋە شۇنىڭدەك دۈچ كەلگەن گۇمانلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىنى بىر چەتكە قايرىپ قويىدۇ. تەدبىرنى ئاساس قىلىش دەپ قارايدىغان ئالىملار ھەر دائىم مەسىلىلەرنى تېخنىكىغا ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋېلىپ، تېخنىكىنىڭ مەسىلە ھەل قىلىشقا ماسلىشىپ بېرىشىغا بەك ئەھمىيەت بېرىپ كېتىشمەيدۇ. ئۇلار بىر يۈرۈش ئىلمىي دەرىجىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشقان بولۇپ، بۇلار ئىچىدىكى فىزىكىنى بيولوگىيىدىن بەكىرەل ئىلمى دەپ، بيولوگىيىنى پسىخولوگىيىدىن بەكىرەك ئىلمى دەپ، شۇنىڭدەك پسىخولوگىيىنى يەنە كېلىپ جەمىيەتشۇناسلىقتىن ئىلمى دەپ قارىشىۋالغان. نەتىجىدە، كىشىلەر ھەر قايسى ئىلىم-پەن تارماقلىرىنى بىر-بىرسىدىن ئايرىپ تاشلاپ، ئۇلار ئوتتۇرسىغا ئۆتكىلى بولمايدىغان قېلىن تام توسىۋېتىشىدۇ.
باشقا ئالىملارمۇ ماسلوۋنىڭ ئوتتۇرغا قويغان تېخىمۇ كەڭىرى، تېخىمۇ ئومۇمى، كۆپ تەرەپلىمە بىلىم تارماقلىرى ئۇسۇلى بويىچە ئادەم ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش كېرەك دەيدىغان تەلىۋىنى قوبۇل قىلىدۇ. دانىيىلىك داڭلىق ئىلىم پەلسەپە ئالىمى پ. ھېيىن بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن ئىدى: “بارلىق مەسىلىلەرنىڭ تەتقىقاتىدا، ئەگەر بىز بۇ مەسىلىلەرنى پارچىلارغا بۆلۈپ، خالىغىنىمىزچە پۇتاپ ئۆزىمىزگە مۇۋاپىقلاشقان ھالغا كەلتۈرىۋالغانىمىزدا، ئۇ مەسىلىلەر ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتقان بولىدۇ. ئەگەر سىز بىرەر مەسىلىنىڭ كۆپ قىسمىنى پۇتاپ چىقىرىۋەتكىنىڭىزدە، قالغان قىسمىنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق بىر پارچىغا ئايلىنىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولىسىز. ئەگەر سىز بىرەر مەسىلىنى بەلگىلىك مەنىگە ئىگە دەپ قارىغىنىڭىزدا، سىز ئۇ مەسىلىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق بىلىملىرى بىلەن بارلىق پائالىيەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ تەتقىق قىلغان بولىشىڭىز كېرەك.” بۇنىڭغا يەنە بىر مىسال قىلىپ، ياك لوبنى كۆرسىتىشىمىز مۇمكىن. كىشىلەر ئۇنىڭدىن سىز بىر نېرۋولوگمۇ، خېمىكمۇ، فىزىكمۇ، پسىخولوگمۇ ياكى بىر پەيلاسوپمۇ دەپ سورىغىنىدا، ياكتىن پەقەت بىرلا جاۋابقا ئېرىشەلەيدۇ: “مەن بىر مەسىلە ھەل قىلغۇچىمەن.”
ماسلوۋ، سىنانوننىڭ مىسالىدىن پايدىلىنىپ كەسىپى ئالىملارلا ئىنسانىيەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدىغان كىشىلەر ھېساپلانمايدۇ دەپ كۆرسىتىدۇ.20 سىنانون، كەسىپ ئەھلى بولمىغان كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر تەشكىلات بولۇپ، ئۇلار ئادەمنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك كېسىلىنى داۋالاش جەھەتتە كەسىپى خادىملارغا قارىغاندا تېخىمۇ بەك ئۈنۈملۈك داۋالىيالايدۇ. ماسلوۋ مۇنداق دەيدۇ: “سىنانون ۋەقەسى، بىزنى بىيروكراتىك ئىلىمنىڭ نەقەدەر بىمەنە ئىكەنلىكىنى تونۇشىمىزغا ياردەم بەرمەكتە. بىيروكراتىك ئىلىمگە ئاساسلانغاندا، بىر قىسىم ھەقىقەتلەرنى ئىلمىلىكى يوق دەپ ھۆكۈم قىلماي ئامالى يوق. پەقەت كلاسسىك ئۇسۇللار بويىچە ئىلمىي ماتېرىياللارنى توپلاشقا لاياقىتى بولغان كىشىلەرنىڭ يىغقان ھەقىقەت بىلىملىرىلا ھەقىقى بىلىم ھەقىقىتى ھېساپلىنىدۇ. … يەنى پەقەت دېپلوماتلار، دوكتورلار، ماگىستېرلار، كەسىپى خادىملارلا ئەقىللىق، ھەممىنى كۈزىتىپ كەشىپ قىلالايدىغانلار، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ مەسىلە يېشەلەيدىغانلار بولىشى كېرەكمۇ؟ … بارلىق كەسىپلەردە ئالى مەكتەپ ئۇنۋانىنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، ھەقىقى تەربىيە، بىلىم، ماھارەت، قابىلىيەت ۋە شۇنىڭدەك كەسىپكە بولغان مۇۋاپىقلىقىنىڭ ئەھمىيىتى يوق دېيىشكە بولارمۇ؟ بۇنداق قاراش ئاقىلانىلىق بولارمۇ؟ بۇنداق قاراشنىڭ ھەقىقەتەن بىرەر رولى بارمىدۇ؟”
ئىش-ھەرىكەتچىلىك ئالىملىرى قىممەت قارىشىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ. “ئىلمى تېخنىك” پسىخولوگلارنى پۈتۈنلەي خاتىرجەم ھالغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ئىزدىنىشكا جاسارەت قىلىش روھىغا ئېرىشتۈرەلمەيدۇ. نەتىجىدە ئالىملار ئۆزىنىڭكىنى ئىنتايىن ئوبىكتىپ بىلىم دەپ ئالدىنىپ كېتىۋېرىدۇ. ئۇلارنىڭ خۇلاسىسى ئېتىكىلىق جەھەتتە قىلچە يول قويۇشمايتتى. بۇ تۈردىكى ئالىملار ئېتىك، ئەخلاق، ھەق-ناھەق، ساغلاملىق ۋە كېسەللىك ھالەتلەرنىڭ جەمىيىتىمىز جاۋابىغا جىددى ئېھتىياجلىق مەسىلە بولۇپ تۇرىۋاتقانلىقىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقان ئىدى. بۇنداق بىر پسىخولوگىيە ھەددىدىن ئارتۇق ئەمەلىيەتچان بولۇپ، ھۇزۇرلىنىش، چاخچاقلىشىش، ئويۇن ئويناش، ئىستىتىكا، سەنئەت، كۆڭۈل ئېچىش، مۇھەببەتلىشىش، بەخىت قاتارىدىكى مۇھىم ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشىدۇ. ماسلوۋ بۇ يەردە ئەخلاق بىلەن روھى ھالەت مەسىلىلىرىنىڭمۇ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تەركىۋى قىسمى ئىكەنلىكىنى، بىلىمنىڭ بىر تەركىۋى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھەرگىزمۇ تەبىئەت دۇنياسى بىلەن زىتلىشىدىغان نەرسىلەر ئەمەسلىكىنى سېزىدۇ. شۇڭا ئۇ، ئىلىم، بىر تۈرلۈك جەمىيەت تەشكىلى ۋە ئىنسانىيەت پائالىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەقىقەتەنمۇ نىشانلىق، ئېتىك، ئەخلاق ۋە مەقسەتلىك بولىدىغانلىقىنى، ياكى ئاددى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە توغرا كەلگىنىدە، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ قىممەت قارىشىغا ئىگە بىر ئۇقۇم، دەپ كۆرسىتىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتى تەتقىقاتىدا ساپ “ئىلمى” جاۋاب تەلەپ قىلىمەن دېيىش نورمال ئەمەس. يەنى نۇرغۇنلىغان ساھەلەردىكى ئىلمى تەتقىقات ئۇسۇللىرى شۇنچىلىك ئاجىز ئىكەنكى، ھەتتا بۇنداق ئېنىق جاۋاب بېرەلىشى زادىلا مۇمكىن ئەمەس. مۇتلەق توغرا بىلىمگە ئىگە بولالماي تۇرغان بۈگۈنكى كۈندە، قولدا بار نەق بىلىملەرگە تايانماي ئامال يوق. ماسلوۋ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: “بىلىم مەسىلىسى، بىر تۈرلۈك سەۋىيە مەسىلىسىدۇر. بىر ئۆلۈش بىلىمنىڭ ئارتتۇرۇلۇشى ياكى بىر ئۆلۈش ئەشەنچنىڭ كۆپەيتىلگەنلىكى ھېچ ئىش قىلماي قول قوشتۇرۇپ جىم ئولتۇرغانغا قارىغاندا مىڭ ياخشى. … بەزىلەر ‘ئىلمىي’ بىلىملا ئىكەن،21 ئۇ چوقۇم ئېنىق بولىشى، قىلچە خاتاسىز بولىشى، خاتا چۈشىنىۋېلىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغان بولىشى، ئىسپاتلاشقا بولىشى، ئىزچىل ئوتتۇرغا چىقىدىغان بولىشى، كىشىلەر ئارا ئالماشتۇرۇشقا مۇمكىن بولىشى، مەنتىقىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بولىشى، تىل بىلەن ئىپادىلەشكە بولىشى ھەمدە ئاددى بولىشى شەرت دەپ چىڭ تۇرىۋالىدۇ. ئەگەر بۇنداق ئالاھىدىلىكلەر بولمايدىكەن، ئۇنداق بىلىم ئىلىم ھېسابلىنالمايدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلىشىدۇ. ئەمما بىلىم ئەڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرى ئۈچۈن، ئەڭ ئاخىرقى شەكلى بولغان ئىپتىدائى شەكلى ئۈچۈن، بىز ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە ھېس قىلالايدىغان ئەڭ دەسلەپكى دۈپۈلدەشلەر ئۈچۈن نېمە دېيىشىمىز كېرەك؟ بارلىق ئىپتىدائى بىلىملەرنى يىغىپ يۆگەپ بىلىم دائىرىسىگە ئېلىپ كىرىمەن دېسەك، پەقەت ئەنە شۇنداق بىلىملا بەلگىلىك توغرى تەرەپگە ئىگە دەپ قارىغىنىمىزدىلا بىزگە پايدىلىق، توغرا ھېسابلىنىدۇ.”
ماسلوۋ، ئاتوم نەزەرىيىسى ئۇسۇلى دەيدىغان تەتقىقات ئۇسۇلىغا تەنقىدى پازىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇنداق ئۇسۇل فىزىكا ساھەسىدە بەكلا ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇ ئۇسۇل بويىچە تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىشتا شەيئىلەرنى ھەرقايسى تەركىۋى قىسىملىرىغا پارچىلاپ، ئاندىن بۇ تەركىپلەرنى ئايرىم-ئايرىم تەتقىق قىلىدۇ. ئەمما ماسلوۋ ئادەمنى بىر پۈتۈنلۈك، بىر سىستېما شەكلىدە تەتقىق قىلىنىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. بۇنداق بىر سىستېمىدا ھەر قايسى قىسىملار باشقا قىسىملار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغانىكەن، ئۇ ھالدا بىر پۈتۈنلۈك ئاساسىدا تەتقىق قىلىنىشتىن باشقا ئۇسۇللاردىن پايدىلانغاندا قولغا كېلىدىغان جاۋابلارمۇ بىر تەرەپلىمىلىك جاۋابلار بولۇشتىن ساقلىنالمايدۇ. مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىش-ھەرىكەتچىلىك پسىخولوگلار ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە پارچىلار ھالىتىدە تۈرتكە كۈچلىرىنى، ھاياجانلارنى ۋە تۇغما قابىلىيەتلەرنى ئايرىپ ئايرىم-ئايرىم تەتقىق قىلىشقا تىرىشىدۇ. ماسلوۋ، بۇنداق قىلغاندا بىر پۈتۈنلۈك ئاساسىدا تەتقىق قىلغاندەك نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى سېزىدۇ. ماسلوۋ، بىر پۈتۈنلۈك ھالىتى ھەر قايسى پارچىلارنىڭ يىغىندىسىدىن ئارتۇق نەتىجە بېرىدۇ دەپ قارايدۇ.22
ئۈچىنچى بۆلۈم
ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەتقىقاتى توغرىسىدا
ماسلوۋنىڭ روھى ساغلاملىقنىڭ تىپىك مىساللىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتى، دەسلىۋىدە مەخسۇس ئىلمى تەتقىقات پىلانى بويىچە باشلانغان بولماستىن، ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ باشلانغان ئىدى. ماسلوۋ، بۇ تۈردىكى تەتقىقاتىنىڭ بۇنچە ھاياجان پەيدا قىلالىغىدەك نەتىجىنى بېرىدىغانلىقىنى زادىلا قىياس قىلمىغان ئىدى. گەرچە تەتقىقات ئۇسلۇبى ئىلمى ئۇسۇل تەلىۋىگە ئۇيغۇن كەلمىسىمۇ، ئېرىشىلگەن نەتىجە ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم بىر نەتىجە ئىدى. خۇددى ماسلوۋنىڭ دېگىنىدەك، “روھى ساغلاملىق بىلەن روھى كېسەللىك مەسىلىسى شۇنچىلىك زىچ باغلانغانكى، ھەر قانداق بىر ئۇچۇرنى قاچۇرۇپ قويۇشقا بولمايتتى. ئەگەر بىز ئەنئەنىۋىي ئۆلچەم بويىچە ئىشەنچىلىك دەپ قارىلىدىغان ماتېرىياللارغا ئىرىشىشنى ساقلايمىز دەيدىكەنمىز، ئۇ ھالدا ئۆمۈر بويى كۈتۈشكە مەجبۇر بولىمىز.”
ماسلوۋنىڭ ئۆزىنى تولۇق ئىپادىلىيەلىگەن كىشىلەرگە بولغان قىزىقىشى ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسىتىت يىللىرىدىلا باشلانغان ئىدى. ئۇ ئەينى ۋاقتىدا ئالاھىدە چوقۇنىدىغان ئىككى نەپەر پروفېسسورنى تولۇق چۈشىنىشنى بەكلا ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ ئىككىسى ماسلوۋنىڭ دوكتورلۇق ئۈنۋانىنى بەرگەن، شۇنىڭدەك نيۇيوركقا كەلگەن ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىدى. ئۇنىڭ قىزىقىشى بۇ ئىككى نەپەر مائارىپچىنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىق بۇنچىۋالا ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان نەرسىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى تەتقىق قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ماسلوۋ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى خاتىرلەپ يۈرگەن ۋاقتىدا، ئۇنىڭ كاللىسىغا تۇيۇقسىزلا بۇ ئىككى نەپەر ئادەمنىڭ كىشىلىك مىجەزلىرىنى سېلىشتۇرۇپ بېقىش ئويى كېلىدۇ. چۇنكى بۇ ئىككى كىشىدە قانداقتۇ بىر ئورتاق نوقتىلىرى باردەك قىلاتتى. بۇ كەشپىيات، ياش ماسلوۋنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ بۇلارغا ئوخشايدىغان ئادەملەرنى باشقا يەرلەردىنمۇ تاپقىلى بولارمۇ دېگەن خىيالغا كەلتۈرۈپ ئىزدىنىشكە ئۈندەيدۇ. ماسلوۋ، ئەنە شۇ شەكىلدە تولۇق پىشىپ يېتىلگەن كىشىلەر ئۈستىدە كەڭ كۆلەملىك تەتقىق قىلىش ئىشى باشلىنىپ كېتىدۇ.
ماسلوۋنىڭ تەتقىقات ئوبېكتىپلىرى ئۆز تونۇشلىرى، دوستلىرى، ھازىرمۇ ياشاۋاتقان ياكى ئۆلۈپ كەتكەن داڭلىق كىشىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن تاللانغان ئىدى. ئۇنىڭ تەتقىقات ئوبىكتىۋى ئۈچۈن تاللىۋالغان بىرىنچى تۈركۈم ياشلىرى ئىككى مىڭ نەپەر ستۇدېنت ئىدى.23 ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئاران بىرلا نەپىرىنىڭ تولۇق پىشىپ يېتىلگەن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى پەرق قىلىدۇ. كېيىن ئۇ بلاندېس ئىنىستىتۇتىدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن يۈزدە بىر پىرسەنت ئەڭ ساغلام دەپ قارالغان كىشىلەرنى تاللاپ چىقىدۇ.
ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرالىغان دېگەن بۇ ئېنىقلىما يەنىلانۇرغۇن مۇجىمەللىكلەر بىلەن تولغان بىر ئۇقۇمدۇر. ماسلوۋ، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرالىغان دېگەن بۇ ئۇقۇمنى “تەبىئى ئالاھىدىلىك، قابىلىيەت، يوشۇرۇن قابىلىيەت دېگەندەك ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق قېزىپ چىقىرىپ پايدىلىنىشنى بىلىدىغانلار دەپ تەرىپلەيدۇ. بۇنداق بىرسى، ئۆزىنىڭ ئارزۇلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، ئۇنداق بىرسى قولىدىن كېلىدىغان ئىشلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تولۇق ئورۇنداشقا تىرىشىدۇ.” ئەكسىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرالىغان دېمەك، ئۇنداق بىرسىدە پسىخولوگىيىلىك مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس، نېرۋا كېسەللىك ياكى روھى كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمايدۇ دېيىش مۇمكىن. ئۆزىنى تولۇق ئىپادىلىيەلىگەن بىرسى ئىنسانلىقنىڭ ئەڭ تىپىك نەمۇنىسى ھېساپلىنىدۇ، بۇنداق كىشىلەر ماسلوۋ كېيىن “ئىزچىل تەرەققى قىلىپ تۇرىدىغان ئاز ساندىكى كىشىلەر” دەپ ئاتىغىنىدەك ئادەملەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ماسلوۋ، ئىش-ھەرىكەتچىلىك ئىلىمىنىڭ ئادەتتىكى بىر ئوبىكتىپنى تەتقىقات ئوبىكتىۋى قىلىپ تاللىۋېلىشتەك ئەنئەنىۋى تەتقىقات ئۇسۇلىدىن ۋاز كېچىدۇ. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئۇسۇلىنى مۇنداق بىر قانچە مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ: ئەگەر سەن بىرەر ئادەمنىڭ بىر چاقىرىم يولنى قانچىلىك تېزلىكتە بېسىپ بولالايدىغانلىقىنى ياكى قانداق قىلغاندا ئەڭ تېز بېسىپ بولالايدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولساڭ، ھەرگىزمۇ ئادەتتىكىچە يۈگۈرەلەيدىغان بىرسىنى تەتقىقات ئوبىكتىۋى قىلىپ تاللىۋالالمايسەن. سېنىڭ تەتقىق قىلماقچى بولغىنىڭ ئەڭ تېز يۈگىرەيدىغان ئادەمنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولىشى بولۇپ، ئۇنداق بىرسى “توختىماي تەرەققى قىلىپ تۇرىدىغان ئاز ساندىكى ئادەم” قاتارىدىكى بىرسى بولىشى كېرەك. پەقەت شۇنداق بىرسى بولغىنىدىلا، سەن بىر ئادەمنىڭ بىر چاقىرىم ئارىلىقنى قانچىلىك تېز بېسىپ بولالايدىغانلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تېپىپ چىقالىشىڭ مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، ماسلوۋ يەنە بۇنداق مۇكەممەل بىرسىنى تاللاشتا ئادەمنىڭ بەزى خاتالىقلىرى، يېتەرسىزلىكلىرى ياكى قاملاشتۇرالماسلىقىدك يېتەرسىزلىكلىرىگە قاراپلا بەزى مۇكەممەللىك نامزاتلىرىدىن چىقىرىۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنىمۇ سېزىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، پۈتۈنلەي كام-كۈستىسىزلىكنى بۇنداق مۇكەممەللىك نامزاتلىرىنى تاللاش ئاساسى قىلىپ ئالالمايسەن دېگەنلىك بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ھەر قانداق بىر نامزات ئۇنداق مۇكەممەل ئۈلگە ھالىغا كېلەلىشى مۇمكىن ئەمەس.
شۇنىڭدەك يەنە، مۇنداقمۇ بىر مەسىلە مەۋجۇت: كېلىنكىلىق خىزمەتلەردىكى ئادەتتىكى تەلەپلەر بويىچە بارلىق ئۇچۇرلارنى ھەر قانداق ئەھۋالدا تولۇق قولغا كەلتۈرەلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئېھتىمالى بار تەتقىقات ئوبېكتىۋى تەتقىقات ئۈستىدە ئۆزىنى خاتىرجەم تۇتۇپ بېرەلىشى ناتايىن بولۇپ، كۆپۈنچە تەبىئى قىياپىتىنى ئىپادىلىيەلمەي، تەتقىقاتچىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرىنى قىزىقارلىق ھېس قىلىپ كۈلۈپ كېتىشى ياكى بولمىسا تەتقىقات قىلىنىشتىن يېرىم يولدا بىراقلا ۋاز كېچىشىمۇ مۇمكىن. ماسلوۋنىڭ دەسلەپكى يىللاردىكى تەجرىبىلىرى بىزگە شۇنى ئۇختۇرماقتىكى، يېشى چوڭ ئوبىكتىپلارنى پەقەتلا ۋاستىلىق تۈردە، ئېھتىياتكارلىق بىلەن تەتقىق قىلىشلا مۇمكىنكى، بىۋاستە تەتقىق قىلىش ئىشى ياشلارغىلا مۇۋاپىق كېلىدىكەن.
ھازىرمۇ ھاياتتا بولغان داڭلىق بىرسىنى تەتقىق قىلىشتا، ئۇنداق بىرسىنىڭ ئىسمىنى ھەرگىزمۇ ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئادەتتىكى ئىلمى تەتقىقات خىزمەتلىرىدىن مۇنداق ئىككى تۈرلۈك تەلەپنى قاندۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق: بىر ئىشنى قايتىلاپ تەكشۈرۈش، ھەمدە بۇ ئىشتىن ئېرىشىلگەن ماتېرىياللارنىڭ خۇلاسىسىنى ئاشكارە ئېلان قىلىشقا ئىمكان يوق. تارىخى شەخىسلەر ياكى داڭلىق كىشىلەرنى تەتقىق قىلىشتا،24 شۇنىڭدەك ئەھۋاللارنى ئاشكارە ئېلان قىلىشقا بولىدىغان ياشلار بىلەن بالىلار ئۈستىدىكى تولۇقلىما تەتقىقاتلار ئارقىلىق بۇنداق يېتەرسىزلىكلەردىن ساقلىنىشقا بولىدۇ.
ماسلوۋ ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنى “كۈزىتىش ئۈلگىلىرى، تولۇق بولمىغان كۈزىتىش ئۈلگىلىرى، يوشۇرۇن ياكى ئىېھتىمال بولغان كۈزىتىش ئۈلگىلىرى” دېگەن ئۈچ تۈرگە ئايرىيدۇ. بىرىنچى تۈردىكى ئۈلگىلەرگە ئابراھام لىنكولىن، توماس جېففېرسون، ئالبېرت ئەينىشتېيىن، ئىلىنو روزۋېلت، جېن ئادامس، ۋېلھېلم ئومس، سپىنزورا، ئالفورت سۋىچ ۋە ئاردېس خوكىنلى () قاتارلىق كىشىلەرنى كىرگۈزىدۇ. “تولۇق بولمىغان ئۈلگىلەر” ئۈچۈن 5 نەپەر دەۋرنىڭ ھايات كىشىلىرىنى تاللايدۇ. گەرچە بۇ ئۈلگىدىكى كىشىلەر تەلەپكە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن بولۇپ كېتەلمىسىمۇ، يەنىلا تەتقىقات ئوبىكتىۋى قىلىپ پايدىلىنىش قىممىتى بارلار ھېساپلىناتتى. يوشۇرۇن ياكى ئېھتىمال بولغان ئۈلگىلەر قاتارىغا ماسلوۋ 20 نەپەر ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئىلگىرلەۋاتقان ياشلارنى، شۇنىڭدەك گ. ۋ. كاف، ئوۋىن ۋ. دېبۇس، توماس ئېيجىنس، فرىز كرىسلېر، گيوتى، پاۋلوۋ كاساس، مارتىن بوپ، دانىلو دورس، يوھان ئې. مورگان، جون جىرس، داۋىد شىرپوت، يوھان ۋېل، د. ت. سۇزۇۋچ، ئادلېي ستىۋېنسون، شارون ئالكىن، روبېرت بروۋندىن، ر. ۋ. ئېيمسون، فرېدېرىخ دوگلاس، جوسىف شۋىنپېت، روبېرت بېنچلېر، ئىيدا تابىر، خالىد تاپمان، گيورگ ۋاشېنگىتون، كارل مونشېيىنگىل، جوسېف ھالدون، كامىل بىسارو، ئېدۋارد بېبلىن، گيورگ ۋېلھېلم روۋس، پىيېر رىنوۋ، ھ. ۋ. رانفىلوۋ، پىتېر كروپاتكىن، جون ئاركىگارت، توماس مول، ئېدۋارد برام، بىنجامېن فرانكىلىن، جون مول، ئورت خۇدمان قاتارلىق كىشىلەرنى تاللىۋالىدۇ. بۇ كىشىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئادەتلىرىنى، ئالاھىدىلىكلىرىنى، مىجەزلىرىنى ۋە قابىلىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ماسلوۋ روھى ساغلاملىق ئېنىقلىمىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئادەم ھەۋىسى نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى تەتقىقات ئۇسلوبى ئىش-ھەرىكەتچىلىك ئىلمى ئۈچۈن يېپ-يېڭى بىر ساھە ئېچىپ بېرىدۇ. ماسلوۋ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: “ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغانلار تەتقىقاتى ئارقىلىق، بىز بۈگۈن بارلىق ئاساسلىق چۈشەندۈرۈشلەرگە ئېرىشەلىشىمىز مۇمكىن. بۇ چۈشەندۈرۈشلەر پەيلاسوپلار ئۈچۈن ئېيتقاندا كونا، ئەمما بىز ئۈچۈن يېڭى نەرسىلەر ھېسابلىنىدۇ.”25
ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
ماسلوۋ تەتقىقات ئوبىكتىۋى قىلىپ تاللىۋالغان داڭلىق كىشىلىرىنى “ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرالىغانلار، ياكى ئۆزىنى تولۇق ئىپادىلىيەلىگەنلەر” دەپ ئاتايدۇ. ئۇ، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرالىغان كىشىلەر “پەقەت يېشى چوڭىراق بولغان كىشىلەر ئارىسىدىلا كۆرۈلىشى مۇمكىن. ئۇنداقلار دائىم دېگىدەك شەيئىلەرنىڭ ئاخىرقى ھالىتىنى كۆزدە تۇتىدىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ھەرگىز ئۆمۈر بويىچە ئاكتىپ ھالەتتە بولىدىغان جەريانلارغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرمەستىن، ئۇلۇغ غايىلارنى كۆزلەپ ھەرىكەت قىلىشىدۇ. بۇ بىر ئۆزگىرىش جەريانى ئەمەس بەلكى بىر تۈرلۈك مەۋجۇتلۇق ھالەتتۇر” دەپ قارايدۇ.
ئادەتتە ئۆزىنى ئىپادىلەشنى بىلىدىغان كىشىلەر 60 ياشلىق ياكى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ ياشتىكى كىشىلەر بولغاچقا، مۇتلەق كۆپ قىسم كىشىلەر ئۆزىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان كىشىلەر قاتارىغا كىرمەيدىكەن. مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر تۇراغلىق ھالەتتە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنداق كىشىلەر تېخى ئۆزىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان باسقۇچقا كېلەلمىگەن بولىدىكەن. ئەمما ئۇلار ئىزچىل تۈردە پىشىپ يېتىلىش يولىدا كىتىۋاتقان بولىدىكەن. ئۆزىنى ئىپادىلەش جەريانى دېگەنلىك ھەقىقى ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش، ياكى ئۇنى كەشىپ قىلىش، شۇ پەيتتىكى ياكى يوشۇرۇن ساقلانغان قابىلىيىتىنى كەشىپ قىلىش جەريانىدۇر، دەپ قارايدۇ. ماسلوۋ كېيىنكى ئەسەرلىرىدە، بەلكىم بۇنى ئەڭ تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان سۆز “تولۇق مىجەزلىك” بولىشى مۇمكىن دەپ ئېيتىدۇ. شۇنداقتىمۇ كۆپ ھوسۇللۇق، ئۇتۇغلۇق، تالانتلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى پسىخىك ساغلام، پىشىپ يېتىلگەن ياكى ئۆزىنى تولۇق ئىپادىلىيەلىگەنلەر دەپ قاراشقىمۇ بولمايدۇ. ئىنتايىن داڭلىق بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پىسىخىكىسىنى (مىجەز-خاراكتېرىنى − ئۇ.ت) ئۇنچە بەك ساغلام دەپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ. مەسىلەن ئالايلۇق، بارون، ۋان گوك، ۋاگنېر قاتارلىق كىشىلەر ئەنە شۇنداق ئىنتايىن ئۇتۇغلۇق ئەمما پسىخىكىسى ئۇنچە بەك ساغلام بولمىغان كىشىلەردىن ئىدى. داڭدار كىشىلەر تەتقىقاتى ئارقىلىق، بىر قىسىم روھى ساغلاملىق ھەققىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئالاھىدىلىكلەر بارغانسىرى ئېنىق ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلىدى. تۆۋەندە ئىنسانلارنىڭ ئېسىل ۋەكىللىرىنىڭ بىر قىسىم ئورتاق ئالاھىدىلىكلىرى بايان قىلىنىدۇ.
بەلكىم بۇ تۈردىكى ۋەكىللىك كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى قاتارىدا، ئۇلارنىڭ ھاياتنى كۈزىتىش قابىلىيىتىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش مۇمكىن. ئۇنداق كىشىلەر ھاياتنى ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ قىلغىنى بويىچە ئەمەس بەلكى ھەقىقى قىياپىتى بويىچە كۆزىتىدۇ. ئۇلار شەيئىلەرنى كۈزەتكىنىدە بىر تۈرلۈك ئوبىكتىپ پوزىتسىيە بىلەن كۈزىتىپ، ھېسسىياتنى بەك كۆپ ئارىلاشتۇرىۋالمايدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر باشقىلاردىن ئاڭلىغان نەرسىلەر تولۇق راياللىق ياكى تولۇق سەمىمى ئېيتىلغان نەرسىلەر بولمىسىمۇ، ھامىنى باشقىلاردىن ئۆزلىرى ئاڭلاشنى خالايدىغان گەپلەرنىلا ئاڭلاشنى خالايدۇ. ئەمما ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا بېقىنىپ كۈزىتىشلىرىنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئادەمگە توغرا ھۆكۈم قىلىشى بىلەن پەرەزلەرنى پەرق قىلىش قابىلىيىتىگىلا قارايدىغان بولساق، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا كېتىۋاتقان كىشىلەر ئادەتتىكى كىشىلەردىن بەكلا كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىشىمىز مۇمكىن. ئادەتتە، بۇنداق كىشىلەرنىڭ توي قىلىدىغان ئوبېكتىپ تاللىشىدا،26 ھەر قانچە يىتەرسىزلىكلەر كۆرۈلگىنىدىمۇ بەرىبىر ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا يەنىلا تاللاش قابىلىيىتى كۈچلۈك ھېسابلىنىدۇ.
ئۇلاردا ئەنە شۇنداق ئالاھىدە تونۇش قابىلىيىتى بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان كىشىلەر ھەر دائىم تېخىمۇ غەيرەتلىك، تېخىمۇ ئېنىق ھەق-ناھەق قارىشىغا ئىگە كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار كېلەچەكنى توغرا مۆلچەرلەش سەزگۈسىگە ئىگە كىشىلەردۇر. بۇ تۈردىكى تولۇق كىشىلىككە ئىگە كىشىلەر تېخىمۇ ئۆتكۈر كۈزىتىش قابىلىيىتىگە ئىگە، تېخىمۇ ئېنىق ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ بۇ تۈر قابىلىيىتى كىشىلەرنى چۈشىنىشلەردىلا ئىپادىلىنىپ قالماي، سەنئەت، مۇزىكا، سىياسەت ۋە پەلسەپەلىك چۈشىنىش قاتارلىق ھاياتتىكى نۇرغۇن ساھەلەردە گۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان بىرسى نىقاپلانغان ياكى قالايماقانلىشىپ كەتكەن رىياللىقنى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ توغرا كۈزىتەلەيدۇ.
شۇنداقتىمۇ بۇ تۈر كىشىلەر بىر تۈرلۈك كىچىك پىيىل مىجەزلىك كىشىلەردۇر. ئۇلار باشقىلارنىڭ دېگىنىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ بېرىدۇ، ھەمدە ئۆزىنىڭ ھەممىنى بىلىپ كەتكەن بىرسى ئەمەسلىكىنى، باشقىلاردىمۇ ئۇنىڭغا ئۆگەتكىدەك نەرسىلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئېتراپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق سەمىمى ۋە ئاق كۆڭۈللىكى، ئۆزىنى مۇۋاپىق تۈردە چۈشىنەلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىشىدىنمۇ كەلگەن بولىشى مۇمكىن. ئۇلاردىكى بۇ تۈر ئەھۋالنى سەبىلەرچە ساپلىقى ۋە ئۆزىنى چوڭ چاغلىماسلىقى دەپ تەسۋىرلىشىمىز مۇمكىن. يەنى سەبى بالىلاردا دائىم دېگىدەك ئەنە شۇ خىل ئاداۋەت ساقلىمايدىغان، بالدۇر ھۆكۈم قىلىۋەتمەي باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىيالايدىغان قابىلىيەت كۆرۈلىدۇ. بالىلار ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدا ساپ، تەنقىدى بولمىغان كۆزدە دۇنيانى كۈزىتىپ، مەسىلىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگىلا دىققەت قىلىدىغان، تالاش-تارتىش قىلىپ كەتمەيدىغان، ئىشلارنىڭ باشقىچە بولىشى مۇمكىنلىكىنىمۇ چىڭ تۇرۇپ تەكىتلەپ كەتمەيدىغان ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان كىشىمۇ ئۆزى بىلەن باشقىلار ئۈستىدىكى مىجەزلەرگە ئەنە شۇ خىلدا مۇئامىلە قىلىدۇ.
ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان ئادەمنىڭ بىلىشى ھەۋەس، غەم-ئەندىشە، قورقۇش، ئارزۇ، قاراملارچە خوش بولۇش ياكى ئۈمىدسىزلىنىش قاتارلىقلارنىڭ بۇرمىلاش تەسىرىگە بەك كۆپ ئۇچرىمايدۇ. ماسلوۋ بۇ تۈردىكى ھۆكۈم قىلماي بىلىشنى “مەۋجۇت بىلىش (پەيتتىكى، شۇ ئاندىكى بىلىش being congnition)” دەپ ئاتايدۇ. ئۇ، بۇنى يەنە “ھەۋەس ئارلاشمىغان بىلىش” دەپمۇ ئاتايدۇ. پەقەت “مەۋجۇت بىلىش” نىڭ بولىشىلا يېتەرلىك بولمايدۇ. خۇددى ماسلوۋ كۆرسەتكىنىدەك، ئۇ يەنە ھەددىدىن ئارتۇق كەڭ قۇرساق بولۇش، پەرقلەندۈرمەي قوبۇل قىلىش ھەمدە قىزىقىشتىن مەھرۇم قىلىش قاتارلىقلارنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا، بۇ تۈر تولۇق پىشىپ يېتىلگەن كىشىلەر ئىككى تۈرلۈك ئۇسلوپتا تۇنۇشقا مايىل بولىدۇ: چوڭقۇر ئويلىنىش شەكلىدە (مەۋجۇت بىلىش) ۋە كەسكىن شەكىلدە تونۇشقا مايىللىق كۆرسىتىدۇ. بىلىشنىڭ ئىككىنچى خىل ئۇسۇلىغا ئۆتكىنىدە، قارار قىلىش، ھۆكۈم چىقىرىش، تەنقىتلەش، پىلانلاش ۋە ھەرىكەت قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىلا مۇمكىن بولىدۇ.
ماسلوۋ، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان كىشىلەرنىڭ ھەر دائىم قىلچە تەمتىرىمەي ئۆزلىرى مۇھىم دەپ قارىغان خىزمەتنى، ۋەزىپىنى، مەسئولىيەتنى ياكى كەسىپنى بېرىلىپ ئىشلەيدۇ؛ چۇنكى ئۇلار ئىشقا قىزىقىدۇ؛27 شۇنداق بولغاچقا، ئىش قىلغاندا ئەستايىدىل ۋە ھەۋەسلىنىپ تۇرۇپ ئىشلەيدۇ؛ شۇڭىلاشقا بۇنداق بىرسىنىڭ ئىش بىلەن ئويۇن ئوتتۇرسىدىكى چېگراسىنىمۇ ئېنىق پەرق قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئۇلار ئۈچۈن ئىش دېمەك كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان، كىشىنى تولۇق خوش قىلىدىغان بىر مەشغۇلات ھېسابلىنىدۇ؛ دېمەك، ئۇلار ئۈچۈن بىرەر مۇھىم ئىشقا پۈتۈن زىھنى بىلەن بېرىلىپ كېتىش ئىلگىرىلەش، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە بەخىتلىك بولۇشنىڭ زۆرۈر شەرتى ھېسابلانسا كېرەك؟ ئەمما ئۇلار ئۈچۈن قىلغىدەك مۇھىم بىر ئىشنىڭ بولىشىلا كۇپايە قىلمايدۇ؛ يەنى ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان بىرسى بۇ ئىشنى ئەڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشى ئىشلىگەن بولىشى كېرەك؛ ئالايلۇق، ئەگەر ئۇنداق بىرسى بىر تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولغىنىدا، ئۇنداق بىرسى چوقۇم ئەڭ ئىسىل تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولىدۇكى، ھەرگىزمۇ پۇتلۇشۇپلا يۈرىدىغان ئادەتتىكى بىر دوختۇر بولمايدۇ؛ بۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، ئۆزىنى تېزگىنلەپ مەشق قىلىپ چېنىقىشقا، كۆڭۈل ئېچىشتەك ھالاۋەتلىك كۈنلەردىن ئىمكان بار ئۆزىنى يىراق تۇتۇشىغا ئۆزىنى مەجبۇر قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ.
ماسلوۋ، بارلىق ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان كىشىلەر تەتقىقاتىدا ئىجادىيلىق ھەممىسىگىلا ئورتاق بىر ئالاھىدىلىك ئىكەنلىكىنى، ئىجادچانلىقنىڭ ساغلاملىق، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە مۇكەممەل كىشىلىك دېگەندەك ئۇقۇملار بىلەن تەڭ قىممەتلىك مەنىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى سېزىدۇ. بۇ تۈر كەشپىياتچانلىققا ماس كېلىدىغان ئالاھىدىلىك بولسا جانلىقلىق، ئىستىخىيىلىك، جاسارەتلىك، خاتالىشىشتىن قورقماسلىق، ئوچۇق ئاشىكارىلىق ۋە كەمتەرلىك مىجەزلەر بولىدىكەن. يوقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، نۇرغۇن جەھەتلەردە بۇ تۈر كىشىلەرنىڭ ئىجاتچانلىقى كىچىك بالىنىڭ باشقىلارنىڭ مازاق قىلىشىدىن ئەنسىرەشنى تېخى ئۆگىنىپ بولالمىغان، ھەممە نەرسىگە يېپ-يېڭى كۆز بىلەن قىلچە باھالىماي قارايدىغان ۋاقتىدا ئىپادىلەيدىغان ئىجاتچانلىقى بىلەن بەكلا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. ماسلوۋ شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، ئادەم ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا، بۇ تۈردىكى ئالاھىدىلىكلىرى دائىم يوقۇلۇشقا باشلايدىكەن. ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان بىرسى، بۇ تۈردىكى نەرسىلەرگە يېڭىلىق كۆزى بىلەن قارايدىغان سەبى كۈزىتىش مىجەزىنى يوقاتمىغان كىشىلەر ھېسابلىنىدىكەن. بۇنداق كىشىلەر، ئۇنداق بالىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقۇتۇپ قويغان تەغدىردىمۇ، ئۇلارنى كېيىنكى ھاياتلىق پائالىيەتلىرى جەريانىدا بەرىبىر قايتا تېپىۋالالايدىغان بولىدىكەن. ماسلوۋ مۇنداق دەيدۇ: “ئاساسەن ھەر بىر بالا ئالدىن پىلان قىلماي تۇرۇپ بىرەر ناخشا، بىرەر قوشاق، بىرەر ئۇسۇل، بىرەر پارچە رەسىم ياكى بىرەر تىياتىر، بىرەر ئويۇننى لايىھىلەپ چىقالايدىكەن.”
ئىستىخىيىلىك دېگەننىمۇ ئىجادچانلىق بىلەن تەڭ مەنىدىكى بىر ئۇقۇم دېيىش مۇمكىن. ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان بىرسى ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى بەك قىسىپ يۈرمەيدۇ. شۇڭا، ئۇلار بەكلا تەبىئى، بەكلا ساددا بىر شەكىلدە ئاسانلا ئۆزىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ. ئۇلار ئۆز ھېسسىياتلىرىنى، ئۆز چۈشەنچىلىرىنى يۇشۇرۇپ يۈرۈش ياكى ياسالمىلىق قىلىش زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلىپ كەتمەيدۇ. ئىجادىيەت ئۈچۈن جاسارەت كېرەك، تىك تۇرالايدىغان جاسارىتى بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىجادىيەتتە تەنقىد ياكى مازاق قىلىنىشلارغا قەتئى پەرۋا قىلمايدۇلا ئەمەس، ھەتتا ئۆز مەدەنىيەت ئادەتلىرىنىڭ تەسىرىگە قارشى تىركىشەلەيدىغان روھقا ئىگە بولىدۇ. “بىزنىڭ ھەربىر ئۇلۇغ ئىجاتچىلىرىمىز … ئاساسەن ئالغاندا يالغۇز بېشىغا كونا شەيئىلەرگە زىت كېلىدىغان يېڭى شەيئىلەرنى ئىجات قىلىش جاسارىتىگە ئىگە كىشىلەردۇر. بۇ بىر تۈرلۈك قەھرىمانلىق كۆرسىتىش، يالغۇز بېشىغا جەڭ قىلىش، ئاشكارە تۈردە قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە ئۇرۇش ئېلان قىلىش ئىشىدۇر. بىرەر قېتىملىق چېكىنىشىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئەگەر مۇۋەپپىقىيەتلىك بىلەن ئىجاد قىلماقچى بولىدىكەن،28 چوقۇم ئۇنى يېڭەلەيدىغان بولىشى كېرەك.” شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار يېڭىچە ئەقىدىلەرگە قىلچىمۇ بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن قارىمايدۇ، بىلىمسىزلىك بىلەن خاتالىققا نىسبەتەن ئۇلار بەكلا كىچىك پىيىل؛ ئەمما بىرەر يېڭى ئىدىيىنى قوغداشتا قەتئى ئالدىدا مېڭىپ، كۆپچىلىكنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىدىن ئايرىلىپ قېلىش نوقتىسىدىن ئالغاندا ئۇلار بەكلا ئۆزىگە تەممەننا قويىدىغان كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. بۇنى مەلۇم نوقتىدىن ئالغاندا، ئۇلاردا ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئىشىغا بېرىلىپ كېتىش قابىلىيىتىدىن كەلگەن دەپ قارىشىمىز مۇمكىن. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئابرويىنى ساقلاپ قېلىشقا ئەمەس، بەلكى ئىشىنى پۈتتۈرۈشكە بەكىرەك قىزىقىدىغان بولغاچقا، ئۇلار بىر تەرەپتىن ئۆزىگە ئىشەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىگە ھۆرمەت قىلىدۇ.
ئۇلار جاسارەتلىك، قورقماس كىشىلەردىن بولغاچقا، ئاخماقانە خاتالىق سادىر قىلىپ قويۇشتىنمۇ قورقمايدۇ. ھەقىقى يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتىگە ئىگە بىرسى “خامخىياللار ئىچىگە پېتىپ قېلىش” ئالاھىدىلىكىگە ئىگە؛ بۇنداق بىرسى ئۆزىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئۇلۇغ ئويلىرىنىڭ ئاقىۋەتتە قىلچە قىممىتى بولمايدىغان خىياللار ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ. يېڭىلىق چىقىرىش قابىلىيىتىگە ئىگە بىرسى بەكلا ئەركىن كېلىدۇ. يەنى ئۇنداق بىرسى ۋاقىتقا قاراپ ئۆزىنى تېزگىنلەشنى، كونا ئادەتلىرىنى تۈزىتىشنى بىلىدۇ، ئۆزگىرىش ۋە تاللاش جەھەتلەردە ئادەتتىكىدەك مۇئامىلىدە بولالايدۇ. ئۇنداق بىرسى ھەرگىزمۇ قېتىپ قالغان، ھەرىكەتچان بولمىغان بىرسىلىرىدەك ئۇنداق تەتۈر شاماللاردىن قورقۇپ كەتمەيدۇ.
ماسلوۋ مۇنداق ھېسابلايدۇ: مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئىگە بولغان يېڭىلىق يارىتىش ئالاھىدىلىكىنى مەڭگۈ قېزىپ چىقىرىپ بولالمايدۇ. ئۇلار تالانت دېگەن بۇ ئالاھىدىلىكنىڭ بەلگىلىك ئىرىسىيەت ئاساسىغا ئىگە بىر نەرسە ئىكەنلىكىنىمۇ ئىنكار قىلمايدۇ. گەرچە بۇ جەھەتتە ھېچ كىم تەتقىق قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، بەزى ئالامەتلەر ئۇلۇغ قابىلىيەتلەرنى كېيىن قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىنلىكىنىمۇ، شۇنىڭدەك تۇغما بولىدىغانلىقىنىمۇ كۆرسەتمەكتە. ئەمما ماسلوۋ، ئۇلۇغ كىشىلەر يەنە بىر تەرەپتىن تىرىشچان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. “ئىلھام − بىر پۇلغا بىر تاغار سېتىۋالغىلى بولىدىغان نەرسە. ئەمما، ئىلھام كېلىشتىن تولىستوينىڭ «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» دەك بۇنداق ئاخىرقى مەھسۇللاتىنى ئوتتۇرغا چىقىرىش جەريانىدا يەنە نۇرغۇنلىغان جاپالىق ئەمگەك قىلىشقا، قاتتىق تەرتىپ-تۈزۈم بولىشى ۋە زور كۆلەملىك مەشىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. … ئەمىلى مەھسۇلاتنى پەيدا قىلالىشى، مەسىلەن داڭلىق بىر رەسىم، داڭلىق بىر رومان، داڭلىق بىر كۆۋرۈك، يېڭى كەشپىيات قاتارىدىكى يېڭى ئىجادىيەتلەر ھەم ئىجادىيەتچان خاراكتېرغا باغلىق ھەم باشقا خاراكتېرلىرىگە، يەنى يېزىش قابىلىيىتى، زىرىكمەي ئىشلىيەلىشى، جاپالىق تىرىشچانلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگىمۇ بېقىنغان بولىدۇ.”
ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان كىشىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇنداق بىرسىدە ئۆزى بىلەن توقۇنۇش ئەھۋالى بەكلا كام كۆرۈلىدۇ. ئۇنداق بىرسى ئۆزى بىلەن چىقىشالمايدىغان بىرسى ئەمەس. ئۇنداق بىرسىنىڭ مىجەز-خاراكتىرى ئۆزئارا زىچ ماسلاشقان بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە بولىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىك ئۇنداق بىرسىنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىنى يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىشقا قارىتالايدىغان بولىدۇ. “ئىشىنىش، ئاق كۆڭۈللۈك ۋە گۈزەل بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر مەدەنىيىتىمىزدىكى ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈستىدە ئادەتتىكىچە باغلىنىپ مەۋجۇت بولغان بولىدۇ. ئەمما نېرۋا كېسەللىكلەر ئۈستىدە بولسا بۇنداق ئۆزئارا باغلىنىش بەكلا نازۈك بولىدۇ. پەقەت تەدرىجى تەرەققىياتنى بېشىدىن كەچۈرگەن پىشىپ يېتىلگەن ئادەمدىلا، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان، ئۆزىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدىغان ئادەمدىلا بۇ باغ مۇستەھكەم باغلانغان، شۇنىڭدەك بارلىق ئەمەلى پائالىيەتلىرىدە بۇ باغلار بىرلىشىپ بىر پۈتۈنلۈككە ئايلىنىپ كەتكەن بولىدۇ.”29
دوكتور ماسلوۋ مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: بۇ كەشىپ، بارلىق ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن ئىدىيىسىنىڭ ئاساسلىق قائىدىلىرىدىن بىرسىگە تۈپتىن زىت يولغا باشلىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە دېيىش مۇمكىن. ئۇ ئاكسيومىدا، بىلىم قانچىكى ئوبىكتىپ، قانچىكى ئەمەلى، قانچىكى ئىلمى بولىدىكەن، ئۇ بىلىم ئەخلاق ۋە قىممەت قارىشىدىن شۇنچە يىراقلىشىدۇ دەپ قارايدۇ. ھازىرقى زامان بىلىمى رىياللىق بىلەن قىممەتنىڭ ئۆزئارا زىت، بىر-بىرسىنى يەكلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە باشلىدى. دوكتور ماسلوۋ، “ئەڭ مۇكەممەل ئادەم ئۈستىدىكى تەتقىقات بۇ تۈر ھازىرقى زامان ئىلمىنىڭ ئېتىقات قىلىدىغان تۈپكى پىرىنسىپىنى تەۋرىتىۋەتكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئىش-ھەرىكەتنىڭ توغرا-خاتالىقىنى بەلگىلەشتە بەلگىلىك بىر ئىلمى ئاساس بولىشى كېرەك. چۇنكى پسىخىكىلىق جەھەتتە ساغلام بولغان بىرسى تەلەپ قىلىدىغان نەرسىسىنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا توغرا، مۇۋاپىق نەرسە دەپ قارىغان نەرسىسىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. بۇ پىرىنسىپ بويىچە ئالغاندا، بۇ كىشىلەر بىھۇدە ۋاقىت ۋە مىڭە ئىشلىتىپ ئۆزىنى بۇ كىشىلەردىن قوغدايمەن دەپ يۈرىشى ھاجەتسىز. ئۇ كىشىلەر ئۆز ھەۋەسلىرىدىن قىلچىمۇ قورقۇپ يۈرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھاياجىنى ئەقىل بىلەن ماس كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىشتىيى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمى بىلەن بىردەك” بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاكادېمىكى پ. سوروجىن، راس، ھەقىقى نەرسىنىڭ ئەينى ۋاقتىدە يەنە كېلىپ ياخشى ۋە گۈزەل بولىدىغانلىقىنى كەشىپ قىلىدۇ. ماسلوۋ، “مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان كىشى ساغلام بىرسىلا بولغانىكەن”، بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتىنىڭ سوروجىننىڭ بۇ دېگىنىنى ئىسپاتلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ. ساغلام بىرسى ھەق-ناھەق، ياخشى-يامان دېگەندەك مەسىلىلەردە ھۆكۈم قىلىشتا قايمۇقۇپ يۈرمەيدۇ. بۇنداق كىشىلەر قىلچە قىينالمايلا ئۆزىنىڭ توغرا ھەرىكەت قىلغانلىق دەپ قارىغان تونۇشى بويىچە ئىش قىلىدۇ. ماسلوۋ، نۇرغۇنلىغان ئالىم ۋە ئىلاھىيەتشۇناسلارنىڭ قارىشىنىڭ ئەكسىچە روھى جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەر باشقىلارغا ياردەم قىلىشتىن ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئۇنداق بىرسى ئۈچۈن قىلچە ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلىمەيدىغان ھەرىكەتلەرلا ئۆزىنى كۆزلىگەنلىك ھېسابلىنىدىكەن. “ئۇنداق كىشىلەر باشقىلارنىڭ ھۇزۇرلىنىشىدىن مەننىڭ ھۇزۇرىغا ئېرىشەلەيدۇ. بۇ بىر مەنىدە ئۆزىنى كۆزلىمەسلىكنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك ئىپادىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.” ساغلام بىرسى بىر تۈرلۈك ساغلام ئۇسۇل بويىچە ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلىگەن بولىدۇ. بۇنداق ئۇسلۇب، ھەم ئۆزىگە، ھەم جەمىيەتكە پايدىلىق بولىدۇ.
بۇنداق ئۆزىنى كۆزلىمەيدىغان شەخسىيەتچىلىك پوزىتسىيىسى، يوقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ساغلام بىرسىنىڭ ئىشىغا ۋە ھۇزۇرلىنىشىغا تۇتقان مۇئامىلىسىغا باغلىقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئىپادىسىدۇر. ئۇنداق بىرسى ئويۇن ئويناشقا، ئىش قىلىشقا ئامراق كېلىدۇ؛ ئۇنداق بىرسىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر كۆڭۈل ئېچىشىقا ئايلانغان بولۇپ، مەخسۇس كەسىپى بىلەن قوشۇمچە كەسىپىنى بىر پۈتۈنلەشتۈرىۋالغان بولىدۇ. تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، ئۇلۇغ بىر ئىجادى رىقابەتكە دۈچ كېلىپ قالغىدەك بولغىنىدا، ياكى ئېرىشىشكە ئەرزىگىدەك بىرەر نىشان ياكى ئېغىر بىرەر تەھدىت ۋەياكى پەۋقۇلئاددە خەتەرلىك بىر پەيتكە دۈچ كېلىپ قالغىدەك بولغىنىدا، ساغلام بولغان كىشىنىڭ روھى دۇنياسى ھەممىدىن مۇقىم، بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە تۇرالايدۇ.30 ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان ئادەم تېخىمۇ ماسلىشىشچان مىجەزگە ئىگە بولۇش بىلەنلا قالماي، بىرلا خىل پوزىتسىيە بويىچە دۇنيانى كۈزىتەلەيدۇ. ئۇنداق بىرسى بىر ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن تېخىمۇ بىرلىككە كەلگەن بىر ئادەم ھالىغا كېلەلىگەچكە، ئۇنداق بىرسى بۇ دۇنيادا كۆرەلەيدىغىنىمۇ تېخىمۇ نۇرغۇن بىردەكلىك، تېخىمۇ نۇرغۇن بىردەكلىك ئېھتىماللىقلىرىلا بولىدۇ. دەل شۇنداق تونۇش ئۇسلۇبى ئۇلۇغ كەشپىياتچىلارنى ئەزەلدىن قىلچە مۇناسىۋەتسىز ئامىللار ئىچىدىن يېڭى نەرسىلەرنى تېپىپ چىقالايدىغان كىشىلەرگە ئايلاندۇرغان.
بۇ تۈر پىشىپ يېتىلگەن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئالغاندا، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوتتۇرسىدىكى كۈرەش ئۇلار ئۈچۈن بەكلا ئاسان بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار باشتىن ئاخىرى تېخىمۇ قىممەتلىك بولغان نەرسىلەرنىلا تاللايدۇ ۋە ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق تاللاشمۇ ئۇلار ئۈچۈن بەكلا ئاسان بىر ئىش. ياخشىلىق بىلەن يامانلىق بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولىدىغان ئەھۋال مەنلىكى بىردەك بولمايدىغان ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈستىدىلا كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭغا مىسال قىلىپ ماسلوۋ بەكلا كۆپ مەۋجۇت ئىلمى پاكىتلارنى كۆرسىتىدۇ. يەنى بالىلارنى قوبۇل قىلىش، ئاسىراش، قوغداش ۋە ھۆرمەت قىلىش، بالىنىڭ مىجەز-خاراكتىرىنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن بەكلا پايدىلىق. شۇنىڭدەك بۇلار يەنە كېلىپ بالىلارنىڭ تۇغما ھالدا بەكلا ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلىرى. بۇ تۈردىكى ھەۋەسلىنىشنىڭ بىردەكلىكىنى بۈگۈنكى كۈندە ھەمكارلىق ئاساسىدا ماسلىشىش دەپ ئاتىماقتا.
پىشىپ يېتىلگەن كىشىدە ساغلام بىر ئۆزىگە ھۆرمەت قىلىش مىجەزى بولىدۇ. بۇنداق ئۆزىگە ھۆرمەت قارىشى مەن قابىلىيەتلىكمەن، خىزمەت ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايمەن دېيىشكە ئاساسلانغان بولىدۇ. ئۇنداق بىرسى ھەر دائىم باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا تېگىشلىك ھۆرمەت قىلىشىغا ئۇچراپ تۇرسىمۇ، بۇنداق بىرسى بۇ تۈر باشقىلاردىن كېلىدىغان ھۆرمەتلىنىشكە بەك بېقىنىپمۇ كەتمەيدۇ. بۇنداق بىرسى نورىمال بولمىغان ھۆرمەتلىنىشكىمۇ ئېھتىياجلىق ئەمەس ۋە ئۇنداق ئورۇنسىز شۆھرەتكە ئەھمىيەت بېرىپمۇ يۈرمەيدۇ. ئۇنداق بىرسى مەنلىكىنى تىزگىنلەشنى بىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنى ئىنتايىن كۈچلۈل ھېس قىلىدۇ. ئۇنداق ئادەم ئۆزىگە، ئۆزىنىڭ تەغدىرىگە ھۈكۈمرانلىق قىلىدىغان بىرسى بولغىنى ئۈچۈن ئۆزىنى مەيۈسلۈك ئىچىگە تاشلاپ قويمايدۇ، ئۆزىنىڭ خاتالىقىقىدىن مەيۈسلىنىپ يۈرمەيدۇ. بۇ دېگەنلىك، ئۇنداق بىرسى پۈتۈنلەي مۇكەممەل بىرسى دېگەنلىكمۇ ئەمەس. ئۇلارمۇ خاتالىشىدۇ. ئەمما ئىنتايىن مۇۋاپىق بىر شەكىلدە خاتالىقىنى تۈزىتىپ كېتەلەيدۇ.
مىجەزى ساغلام بولغان ئادەم، بەكلا مۇستەقىل ياشىيالايدۇ. شۇنىڭغا قارىماي باشقىلار بىلەن بىرگە بولۇشقىمۇ ئامىراق. ئۇنداق بىرسى يالغۇزلۇقنى ساغلام بىر شەكىلدە ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما بۇنداق يالغۇزلۇق ھەرگىزمۇ ماسلىشالمايدىغان، بەكلا ئاسان رەنجىپ يۈرىدىغان كىشىلەردىكى كېسەللىك، يۇشۇرۇنچە ھەرىكەت قىلىش ئادىتى بولغان، كىشىلەردىن قورقۇپ يۈرىشىدىن كەلگەن يالغۇزلۇقىدىن تۈپتىن پەرق قىلىدۇ. بەزىلەر بۇنداق بىرسىنى بەكلا سوغۇق، يېقىنلاشقىلى بولمايدۇ دەپ قارىشى مۇمكىن. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇنداق بىرسى باشقىلار بىلەن بىرگە بولۇشنى ياخشى كۆرگىنى بىلەن باشقىلار بىلەن بىرگە بولۇشنى ئۆزلىرىگە ئېھتىياجلىق دەپ ھېساپلىمايدۇ. ئۇنداق بىرسى پۈتۈنلەي ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاشنى خالايدۇ. ئۇلارنىڭ قابىلىيىتى شۇنچىلىك يوقۇرى بولۇپ كېتىدۇكى، بەزىدە باشقىلار ئۇنىڭغا ئېسىلىۋالغاندەك ھېسياتلاردىمۇ بولىدۇ. ئۇلار ھەم جەمىيەتنىڭ ئەڭ تىپىك خاراكتېرلىك كىشىلىرى، شۇنىڭدەك ئامما ئىچىگە ئەڭ ئاسان سىڭەلەيدىغان،31 ئەڭ دوستانە تىپلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداق بىرسىنى جەمىيەتنىڭ ياكى مۇھىتنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنىدىغان بىرسى دېگەندىن كۆرە، ئۇلارنى قەلبىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغان، ئۆز تۇغما قابىلىيىتى بويىچە ۋە تەبىئى تەلىۋى بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغان كىشىلەر دېيىش توغرا بولىدۇ. “بۇنداق كىشىلەر باشقىلارغا بەكلا ئاز بېقىنىدىغان كىشىلەر بولغاچقا، ئۇلار يەنە كېلىپ باشقىلار بىلەن بەكلا كام زىتلىشىپ يۈرىدىغان كىشىلەردىن ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار بەكلا ئاز غەم يەيدۇ. بەكلا ئاز ئۆچمەنلىك قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ مەدىھلىشى ۋە ھېسسىياتىغىمۇ بەكلا ئاز ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئۇلار شان-شۆھرەت، ئالاھىدە ھوقۇق ۋە ئالاھىدە ئىش ھەققى دېگەنلەردىن بەك غەم يەپ يۈرمەيدۇ.”
ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان كىشىلەر ماسلوۋ ئېيتقاندەك “ئەركىن مىجەز-خاراكتىرلىك” ئالاھىدىلىككە ئىگە. كۆپچىلىكنىڭ قارشى پىكىرىگە دۈچ كەلگىدەك بولغىنىدىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۆز قارارىنى بېرەلەيدۇ. مەدەنىيەت بىلەن ئۇلارنىڭ قاراشلىرى ئوخشىماي قالغىدەك بولغىنىدا ئۇلار ئۆز مەدەنىيىتى بىلەن تاقابىل تۇرالايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىدا چوڭ ئىشلارغا بەك تەسىرى بولمايدىغان ئىشلارغا ئۇلار بەك چىڭ تۇرۇپ كەتمەيدۇ. مەسىلەن تىل، كىيىم-كېچەك ۋە زىننەتلىنىش، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىقلاردا بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ قارىشىدا ئاساسى پىرىنسىپقا بېرىپ تاقىلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۇلار قەتئى مۇستەقىل پىكىرلىك بولۇپ، ئۆز پىكىرىدە قەتئى چىڭ تۇرىدۇ. بۇ جەھەتتە ھەرگىزمۇ كۆپچىلىكنىڭ رايىغا قاراپ ئولتۇرمايدۇ.
ماسلوۋ تەتقىق قىلغان ئوبىكتىۋلار ئىچىدە، پەقەت بىرسىلا ئومۇملاشقان تەڭرىگە ئىشىنىدىكەن. ئەمما يەنە بىرسىنىڭ ئاتېيستلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىلا كائىناتنى مەنىگە ئىگە بىر مەۋجۇدىيەت دەپ قاراش بىلەن بىرگە ئىلاھى ھاياتقىمۇ ئىشىنىدىغان كىشىلەردىن ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك ئېنىق ھەق-ناھەقچىلىك قارىشىغا ئىگە بولىدىكەن. ئەمما بۇنداق قاراش قارغۇلارچە دىنى ئەقىدىلەرنى قوبۇل قىلىش شەكلىدە ئەمەس، بەلكى ئۆزىلىرىنىڭ دىنى ھايات تەجرىبىلىرىنى ئاساس قىلغان بولىدىكەن. شۇنداق بولىشىغا قارىماي، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى نۇرغۇن جەھەتلەردە ئۇلۇغ دىنلارنىڭ تەلىماتلىرىدىكى قىممەت قاراشلار بىلەن، غايىلار بىلەن بىردەكلىك بولىدىكەن. … “ئەگەر مەنلىكتىن ھالقىپ چىقالىسا، ھەقىقەت، ياخشىلىق، گۈزەللىكلەرنىڭ بىر پۈتۈنلىشىشى، باشقىلارغا ئۆزىنى بېغىشلاش، ئەقىلى قابىلىيەت، سەمىمى سادىقلىق، تەبىئىلىك، شەخسىيەتچىلىك بىلەن ئۆز ھەركەت ئىستىگىدىن ھالقىغان، تېخىمۇ يوقۇرى ئارزۇسى ئۈچۈن تۆۋەنىرەك ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىش، … ئۆچمەنلىكىنى، ۋەھشىلىك ۋە بۇزغۇنچىلىق مىجەزىنى ئازايتىپ، دوستانىلىقنى، رەھىمدىللىقنى … كۆپەيتىدىغان ئارزۇلاردا بولىدىكەن.”
بۇ تۈردىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەنلىكى (ئۆز، ئاڭدىكى مەن، بىلىنگەندىكى مەن، مەن، ئېگو، 自我 − ئۇ.ت) نى تېزگىنلىيەلىشى نىسبەتەن ئاسانغا توختايدىكەن. چۇنكى ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ھەقىقەتەنمۇ ئۇلار توغرا دەپ قارىغان شەيئى بىلەن بىردەك ھېسابلىنىدىكەن. ئۇلاردىكى قىممەت قاراش باشقىلارنىڭ ئېيتىپ بەرگەن شەيئىلەر ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى ھەقىقى دەپ قارىغان شەيئىلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدىكەن. “ئۇلار ھەرگىز قىلچە قىممەت قارىشى بولمىغان ماشىنا ئادەملەر دۇنياسىدا ياشىماستىن، تۇراغلىق بولغان قىممەت قارىشى سىستېمىسى ئىچىدە ياشايدۇ. …” ئۇلار مەسئولىيەتچانلىقنىڭ ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان كىشىلەر بولغاچقا، ئۇنداق كىشىلەر بەكلا مەسئولىيەتچان كېلىدۇ.32
ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت ئارزۇسى يېتەرسىزلىكلەر سەۋەبىدىن ئوتتۇرغا چىقىدۇ. يەنى ئۇنداق بىرسى پۈتۈن خىيالى بىلەن ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قاندۇرۇش، تەۋەلىكى (يۇرتى، مىللىتى، ئىرقى، جامائىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىق، مەنسۇپلۇق − ئۇ.ت) نى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، سويگۈ، ھۆرمەتلىنىش، مەنلىكىنى ھۆرمەتلەش قاتارىدىكى تۈپكى ئېھتىياجلىرىدىن ھەرىكەت ئارزۇسى (动机 ئىستەك، ئىچىكى تۈرتكە، موتىۋاتسىيە - ئۇ.ت) ئوتتۇرغا چىقىدۇ. ئەمما ساغلام ئادەمدىكى ھەرىكەت ئارزۇسى “ئاساسلىقى ئۇنىڭ تەرەققى قىلىشى، ئىشقا ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى بىلەن قابىلىيىتى تەلىۋىدىن ئوتتۇرغا چىقىدۇ”. باشقىچە ئېيتقاندا، ساغلام ئادەملەرنىڭ ھەرىكەت ئارزۇسى ئاساسەن ئالغاندا ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارزۇسىنىڭ تۈرتكىسىدىن كېلىدۇ. دوكتور ماسلوۋ شۇنىڭغا ئىشىنەتتىكى، مەقسەت، يەنى ھەرىكەت مەقسىدى () دېگەن بۇ سۆز مۇتلەق كۆپ ساندىكى پىشىپ يېتىلگەن كىشىلەر ئۈچۈن مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. پىشىپ يېتىلگەن بىرسى ئىستىخىيىلىك ھەرىكەت ئىنتىلىشىگە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ تەبىئى ئىشى ئۇلارنىڭ پەقەت ئۆزىنى ئىپادىلەشنىلا مەقسەت قىلغان دېيىش مۇمكىن. ماسلوۋ، ئىلمى پسىخولوگلار ھۇزۇرلىنىش، ئويۇن ئويناش، شۇنىڭدەك مەقسەتسىز، ئىختىيارى ھەرىكەتلەرگە پۈتۈنلەي سەل قاراپ كەلدى دەپ قارايدۇ. ماسلوۋ، ئىشنىڭ بۇ تەرىپىنى كۆپچىلىكنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك قوبۇل قىلىۋالغان بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر چوقۇم مەقسەتلىك بولىدۇ دەيدىغان ئىلمى نىزامنى قوبۇل قىلىۋالغانلىقىدىن كۆرىدۇ. ماسلوۋ بۇنداق بىر ئاكسىيومىغا قارشى چىقىپ، جىنىسى ھەۋىسىنى ئىپادىلەش ھەرىكىتى “بىر بولسا قىلچە مەقسەتسىز بولىدۇ ياكى بولمىسا جىنى ھەرىكىتىنى رازى قىلىش مەقسىدىگە قارىغاندا بەكلا ئاجىز بولىدۇ، …” دەپ قارايدۇ. كېيىن ئۇ، بۇنداق تۈپكى ئېھتىياجدىن ھالقىغان ھەرىكەتلەرنىڭ ھاياجىنىنى كېيىن كەلگەن مەقسەت (كېيىن ئورتىغا چىققان مەقسەت، موتىۋاتسىيە) دەپ ئاتايدۇ.
ماسلوۋنىڭ تەتقىقاتىدىكى بۇ تۈر ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغانلارنىڭ بارلىق ئىنسانىيەت ئىچىدە بەكلا ئاز قىسىمنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، بەلكىم ئارانلا بىر پىرسەنت قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. ئۇنداق كىشىلەر ئادەتتىكى كىشىلەردىن بەكلا كۆپ پەرق قىلىدۇ.شۇڭا، ئۇنداق ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان كىشىلەرنى ھەقىقى تۈردە چۈشىنەلەيدىغان كىشى سانى بەكلا ئاز. شۇنداقتىمۇ، بۇ تۈردىكى مۇنەۋۋەر كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت بىلەن قان-قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشىدۇ. ئۇلار ئىرقى، ئېتىقادى، سىنىپى، تەربىيىلىنىشى، سىياسى ئەقىدىسى ياكى تەن رەڭگى پەرقىگە قارىماي مىجەزى كېلىشىدىغان كىشىلەر بىلەن بىر تۈرلۈك دوستلۇق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. ئۇلاردىكى بۇنداق باشقىلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى قوبۇل قىلىشى پۈتۈنلەي سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مىللى چەكلىمىلەردىن ھالقىغان بولىدۇ.
بۇنداق كىشىلەر ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا باشقىلار بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر شەخسى دوستلۇق ئورنىتالايدۇ. ئادەتتە، ئۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ تۈر كىشىلەرمۇ ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا نىسبەتەن ساغلام، تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن ئادەملەر ھېسابلىنىدۇ. گەرچە بۇ تۈردىكى كىشىلەرنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ھەر قانچە چوڭقۇر دەپ قارىساقمۇ، بۇ تۈردىكى مۇناسىۋەتلەر ئادەتتە بەكلا ئاز كىشىلەر ئوتتۇرسىدىلا ئورنىتىلغان بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ يېقىن دوستلۇق ئورنىتىدىغان دائىرىسى بەكلا تار بولىدۇ. ئۇلار مىجەز-خاراكتېر، قابىلىيەت، ئىقتىدار قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى سەۋەپلىك، ئۇلار تەڭ ئىقتىداردىكى كىشىلەر بىلەن بەكىرەك قويۇق مۇناسىۋەت قىلىشىدۇ. بۇ تۈر كىشىلەر كۆپۈنچە ھاللاردا چوقۇنغۇچىلارنى، دوستلارنى ۋە شۇنىڭدەك “ئەگەشكۈچىلەر” نى ئۆزىگە جەلىپ قىلالايدىغان بولسىمۇ، بۇنداق بىر ئەھۋال كۆرۈلگىنىدە، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان كىشىلەر ئۆزىگە چوقۇنىدىغان كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت كۆپۈنچە ھاللاردا بىرلا تەرەپتىن كەلگەن مۇناسىۋەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈردىكى ساغلام كىشىلەر باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرىغا ئالاھىدە كەڭ قۇرساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.33 شۇنداقتىمۇ ئۇلار سەمىمىيەتسىزلىك قىلىشلارغا، يالغانچىلىقلارغا، رەھىمسىزلىكلەرگە ۋە شۇنىڭدەك ماختانچاقلىقلارغا ھەرگىزمۇ چىداپ تۇرالمايدۇ. ھەقىقى جىنايەت يۈز بەرگەن ۋاقىتلاردا ھەققانىيەت مەيدانىدا تۇرۇشنى ئۆزىگە مەجبۇرىيەت ھېسابلىشى، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئىپادىسىدۇر.
ماسلوۋ مۇنداق دەيدۇ: بۇ تۈر كىشىلەر ھەممىگە مەلۇم ئىدىيوم ھالىغا كەلگەن “قارشى جىنىستىكىلەر بىر-بىرىنى ئۆزئارا تارتىدۇ”، ۋە “شارائىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلار بىرلىشىش” دېيىشكە خىلاپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ تۈر ساغلام كىشىلەر ئۆزلىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان مىجەزلىك ئالھىدە كىشىلەرنى تاللاشقا مايىل كېلىدۇ. مەسىلەن سىنىپى، تەربىيىلىنىشى، دىنى ئېتىقادى، مىللى ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە شۇنىڭدەك تاشقى كۆرۈنىشى قاتارىدىكى ئالاھىدىلىكلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ. بۇ جەھەتتىكى يېتەرسىزلەر ساغلام كىشىلەرنى قورقۇتالمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ساداقەتلىك، راستچىل، رەھىمدىل، جەسسۇر بولىشىلا يېتەرلىك. “نەتىجىدە، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان كىشىلەر مىجەزى كېلىشكەن بىرسىنى چىق قەلبىدىن ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. … ئۇلار قانچىكى پىشىپ يېتىلگەن بولىدىكەن، ئۇنداق بىرسى ئوبىكتىپ تاللاشتا ھەممە قىزىقىدىغان كىلىشكەن، چىرايلىق، مەيدانلاردا ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرۈنىدىغان، تولۇق كۆكۈسلۈك، زىلۋا قاملاشقان بوي-تۇرقى، سىلىق، سۈيۈملۈك قاتاردىكى كۆرۈنۈشلەرگە شۇنچە ئاز دىققەت قىلىدىغان بولىدۇ. ئۇلار بەكىرەك قىزىقىدىغىنى بىر-بىرسىنى ياخشى كۆرۈشى قانچىلىك، ئاق كۆڭۈللۈكى قانچىلىك، ئېسىل پەزىلەتلىك ئەھۋالى قانچىلىك، قىزىقىشلىرى بىر-بىرىگە يېقىنمۇ، بىر-بىرسىگە كۆيۈنۈش ئەھۋالى قانچىلىك دېگەندەكلەر ئۇلارنى بەكىرەك قىزىقتۇرىدۇ.”
بۇ تۈردىكى ساغلام كىشىلەردىمۇ مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ ئەمەس، ئۇلاردىمۇ مەسىلە كۆرۈلىشى مۇمكىن. ئەمما ئادەتتە ئۇلارنىڭ دەرى ۋە مەسىلىلىرى نىسبەتەن ئاز بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەخىتتىن، خوشاللىقتىن بەھرىمەن بولىشى نىسبەتەن كۆپ بولىدۇ. ئۇلارنى ھەرگىزمۇ جىملا يۈرىدىغان كىشىلەر دەپ قارىماسلىقىمىز كېرەك. ئۇلارمۇ ئارىلاپ خاپا بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.بۇنداق بىرسى قۇرۇق پاراڭلاردىن، قېلىن گەپلەردىن، شۇنىڭدەك تۈگىمەس ئولتۇرۇشلاردىن بەكلا ئاسان زىرىكىدۇ. ئۇلارنىڭمۇ ئىچى پۇشىدۇ، ئۇلارمۇ غەم يەيدۇ، ئازاپلىنىدۇ ۋە ئۆزىدىن گۇمانلىنىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بولىدۇ. ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ خوشچاخچاق كېلىدۇ، ئەمما ئادەتتىكى كىشىلەردىن پەرقلىق بىر خوشچاخچاقلىققا ئىگە. ئۇنداق بىرسى باشقىلارنى مازاق قىلىدىغان ياكى باشقىلارنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكىدىغان چاخچاقلاردىن ھەرگىزمۇ لەززەتلەنمەيدۇ. ئۇلار ئەقىللىق ياكى چوڭقۇر مەنىلىك چاخچاقلارغا ئامىراق كېلىدۇ. بۇنىڭغا لىنكولىننىڭ قىزىقچىلىقى تىپىك مىسال بولىدۇ.
تولۇق پىشىپ يېتىلگەن بىرسىنىڭ باشقا بىرسى بىلەن ئورناتقان دوستلۇقى ئۇلار ئىككىسىگىلا ئەمەس ئەتىراپىدىكى كىشىلەرگىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. مەيلى دوستلار مۇناسىۋىتى بولسۇن، مەيلى ئەر-خوتۇن مۇناسىۋىتى بولسۇن ياكى ئاتا-بالا مۇناسىۋىتى بولسۇن، ھەرگىزمۇ پايدا مەنپەت كۆزلەنمەيدۇ. ساغلام كىشىلەر ئالاھىدە غۇرۇرلۇق بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارغىمۇ ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىدىغان بولىدۇ. ئېرىك فرومنىڭ قاراشلىرىمۇ بۇنداق قاراشنى تەستىقلاپ بەرمەكتە (ئېرىك فروم − قورقۇشتىن قۇتۇلۇش ئىستىگىنى ئاساس قىلغان ھالدا پسىخوئانالىزدا ئېقىم ياراتقان فرېئۇد تەلىماتىنىڭ تەنقىدى ۋارىسلىرىدىن بىرى. − ئۇ.ت). ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۆزىنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈشى، ھۆرمەت قىلىشى ماھىيەتتە باشقىلارنى ياخشى كۆرۈش بىلەن تەڭ كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭغا ھەرگىز زىت كەلمەيدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەردە ئۆزىگە بولغان ھۆرمەت، ئۆز ئىناۋىتىنى قىلىش يېتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلار بىلەنمۇ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان چوڭقۇر مۇناسىۋەت تىكلەپ كېتەلمەيدۇ. ماسلوۋ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:34 “بىز، ئىنتايىن گۈزەل بىر پارچە رەسىمنى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا ھېس قىلىدىغان ئىستىخىيىلىك چوقۇنۇش، چۈشۈنۈش، تەقدىرلەش ۋە خوشال بولۇشقا ئوخشايدىغان ساغلام ئادەم قەلبىدىكى ياخشى كۆرۈش شەكلى بىلەن ياخشى كۆرسەك بۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغىنىمۇ بارمۇ؟” ئۇلار باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە بەك كۆپ مۇھتاجلىق ھېس قىلمايدۇ. ھەتتا ئۇزۇن ۋاقىت يالغۇز قېلىشىغىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا يەنە باشقىلارغىمۇ سۆيگۈ بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ تۈر كىشىلەر باشقىلارنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرەلەيدىغان كىشىلەردۇر.
ئادەتتە، پسىخىكىلىق جەھەتتە ساغلام بىرسى، مۇستەھكەم، بەخىتلىك، ئۇزۇن داۋام قىلىدىغان نىكاھ قۇرۇشقا بەكىرەك مايىل كېلىدۇ. بۇنداق بىر توي ھەرگىزمۇ شەخسىيەتچىلىكنى كۆزلىمەيدىغان بىر توي بولماستىن بەلكى ساغلام بولغان ئۆزىنى كۆزلەش نىكاسى بولىدۇ. يەنى توي قىلغان ھەر ئىككىلا تەرەپ بىر-بىرسىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىدىن خوشال بۇلالايدۇ. گەرچە ئۇلار بىر-بىرسىگە ھەمرا بولۇشقا ئامراق بولغاندەك قىلغىنى بىلەن، ئۇلار بەرىبىر ئىنتايىن ئېغىر بېسىقلىق بىلەن بىر-بىرسىدىن ئۇزۇن مۇددەت ئايرىلىش ۋە ۋاپات بولۇشلارغىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. ساغلام بىر نىكاھتا، ھەر ئىككىلا تەرەپ قارشى تەرەپكە بولغان ئىشەنچىنى ۋە ئىززىتىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا بىر-بىرىنى تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. ماسلوۋنىڭ تەتقىقاتى ئىككى جىنىس ئوتتۇرسىدا تۈپلۈك بىر ئۆچمەنلىك بولىدۇ دەيدىغان كونا قاراشلارنى رەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىدا بۇنداق ئۆچلىشىش ساغلام بىر نىكاھتا ھەرگىز مەۋجۇت بولالمايدۇ. ناۋادا بىر تەرەپ راستىنلا ناچار بىرسى بولغىدەك قىلغىنىدا، ئۇ ھالدا يېقىن مۇناسىۋەت كۈچەيتىلگىنى بىلەنمۇ نىكاھنى ئاجىزلاشتۇرسا ئاجىزلاشتۇرىدۇكى، ھەرگىزمۇ مۇستەھكەملىيەلمەيدۇ. شۇڭا ساغلام نىكاھ ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەەىشىپ كۈنسايىن مۇستەھكەملىنىپ بارىدۇ.
ئوي تۇتۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئۇ ئىككىسى قارشى تەرەپ بىلەن بىرگە بولۇشنى تېخىمۇ خالايدىغان بولۇش بىلەنلا قالماي، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى جىنىسى مۇناسىۋەتمۇ كۈنسايىن مۇكەممەللىشىپ بارالايدۇ. يەنى ھېچ بولمىغاندا مەلۇم دەرىجىدە چوقۇم تېخىمۇ لەززەتلىك بولۇشقا باشلايدۇ. بۇنداق ساغلام نىكالىق ئەر-خوتۇن تۇرمۇشنىڭ ھەر تۈرلۈك شەكىللىرىنى ياخشى كۆرگىنىگە ئوخشاش، ئۇلار جىنىسى پائالىيەتلىرىنىمۇ بەكلا ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن جىنىسى ھەۋەس بىر تۈرلۈك سۆيگۈ مىسالى ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئەر-خوتۇندا باشقىلىرى بىلەن مۇھەببەتلىشىش ئارزۇلىرى بەكلا كام كۆرۈلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇ تۈر كىشىلەر يات جىنىستىكىلەرگە ھەر دائىم قىزىقىش بىلەن قارايدۇ، شۇنداق بولغاچقا ئۇلار باشقا جىنىسلىقلار بىلەن بەكلا ئاسان دوستلۇق قۇرالايدۇ.
ماسلوۋ باھالاپ كېلىپ، دوكتور جىنسنىڭ جىنىسى پائالىيەتلەر تەكشۈرۈشىدە ئادەتتىكى ئەھۋاللار بىلەن نورىمال ئەھۋاللارنى بىر-بىرسىگە ئارىلاشتۇرىۋەتكەن دەپ قارايدۇ. ئۆزىنى نامايەن قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغانلار ۋە ئۇلارنىڭ جىنىسى مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلىرى شۇنى ئېنىق بىلدۈرمەكتىكى، ئادەتتىكىدەك بولۇش ھەرگىزمۇ نورىماللىق ياكى ساغلاملىق ھېسابلىنىشى ناتايىن ئىكەن.
ئىسىل بىرسى بەزىدە ئىجابى تەنقىتلەرنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنىمۇ پەرق قىلالايدۇ. كىشىلەر ئادەتتە باشقىلارنى تەنقىتلىگىنىدە دائىم دېگىدەك نەپرەتلەنەەن ھالدا تەنقىتلەپ كېتىشىدۇ. ئەمما ماسلوۋ شۇنى سەزدىكى، بەزى ئەھۋاللاردا كۈيۈمچان بىرسى دوستلىرىنى ياكى سۆيگىنىنى كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا سادىر قىلىپ قالىدىغان ئەممە ئۆزى ھېس قىلىپ كېتەلمەيدىغان خاتالىقلاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇش كېرەك دەپ قارايدۇ.35 يەنى “سېنىڭ يېقىن دوستۇڭ بولسىمۇ ساڭا دىمەيدۇ” دەيدىغان كونىلارنىڭ دېگىنىنىڭ ئەكسىچە مۇئامىلە قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق كىشىلەر خرىستىيان دىنىنىڭ برودىخوف مەزھىپىنىڭ كىشىلەر ئوتتۇرسىدا بىر مەزگىللىك بىر-بىرسىنى رەنجىتىپ قويىدىغان ئىش بولسىمۇ سىر ساقلىماي مۇئامىلە قىلىش ئەيسا سۆيگۈسىدۇر دەيدىغان قاراشنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىۋالغان كىشىلەر دېيىش مۇمكىن. بۇ دىنى مەزھەمتىكىلەر ئەگەر بىرەرسىگە ھەقىقى ئەھۋالنى دېيىشكە جاسارىتى بولمىسا، شۇنىڭدەك كەينى كەينىدىن ئوخشاش خاتالىق سادىر قىلىش داۋام قىلىۋەرگىنىدىمۇ خاتالىقىنى كۆرسىتىشكە جاسارەت قىلالماسلىق ھەرگىزمۇ يېقىن دوستلۇقنىڭ ئىپادىسى ئەمەس دەپ قارايدۇ. ماسلوۋ بۇ تۈر ئىسىل مىجەزلىك كىشىلەر تەتقىقاتى ئاساسىدا مۇنداق بىر مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ: بۇ ئىشتا نېمە ئۈچۈن كىشىنى خوشال قىلىش بىلەن كىشىگە بەخىت كەلتۈرۈش ئۇسۇلى يوق؟ ئۇنىڭ تەتقىقاتى ئەپلاتون بىلەن سوكراتنىڭ ياخشىلىق ياخشىلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ دەيدىغان قارىشىنىڭ توغرا بىر قاراش ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئۇ، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرالىغان كىشىلەر تۇرمۇشتىن بەھرىلىنىشقا بەكرەك ئۇستا كېلىدىغانلىقىنى سېزىدۇ. بۇ دېگەنلىك بۇنداق كىشىلەردە دەرت، غەم، بىئاراملىق يوق دېگەنلىك بولماي، ئۇلار تۇرمۇشتىن تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ دېگەنلىكتۇر. ئۇنداق كىشىلەر تۇرمۇشتىن تېخىمۇ كۆپ لەززەت ئالالايدۇ، تۇرمۇشنى تېخىمۇ قىزىقارلىق ھېس قىلالايدۇ، دۇنيانىڭ ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ بەكىرەك ھېس قىلالايدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ قورقۇنچىسى ۋە ئەندىشىسى نىسبەتەن ئازىراق بولىدۇ، ئۇلار تېخىمۇ ئىشەنچلىك ھېس قىلالايدۇ ۋە تېخىمۇ ئازادە ھېس قىلالايدۇ. بۇنداق كىشىلەر زېرىكىشتىن، ئۈمىدسىزلىنىشتىن ۋە شۇنىڭدەك نومۇسقا قېلىشتىن ياكى بولمىسا مەقسىدى يوقلۇقتىن بەكلا ئاز غەم يەيدۇ. “بۇنداق ئادەملەر ئۇ ئىشنىڭ دەل ئۆزىنىڭ قىلماقچى بولغان، قىلىشقا تېگىشلىك بولغان، خوشاللىق بىلەن قىلىدىغان، ھىمايە قىلىدىغان ۋە شۇنىڭدەك ئىزچىل قىلىشقا ئامىراق ئىشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ تۈر كىشىلەر ھەر دائىم ئىستىخىيىلىك ھالدا ھەققانىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلىپ بارالايدۇ. ئەگەر بىرسىنىڭ روھى ھالىتى بىجىرىم بولاماي قالغىنىدا، بۇنىڭدەك بىر پۈتۈنلۈكى، ئاكتىپ مۇناسىۋىتى پارچىمۇ-پارچە بولۇپ كېتىپ، توقۇنۇشلار ئىچىگە پېتىپ قالىدۇ.”
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، “ئۆزىنى تولۇق ئىپادىلىيەلەيدىغانلار تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىن كەڭ دائىرىدە لەززەت ئالالىغىنىدا، ئاددى ئادەملەر بولسا ئارانلا مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن، غالىبىيەتلىرىدىن ياكى ھاياتىدىكى يوقۇرى پەللىلەر نبىلەن ئەڭ يۇقۇرى نوقتىغا ئېرىشكەنلىكىدىن ئىبارەت پەۋقۇلئاددە پەيتلەردىنلا لەززەتلىنەلەيدۇ” ئۆزىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان كىشىلەر تۇرمۇشتىن ھەرگىزمۇ زىرىكمەيدۇ، بۇنداق كىشىلەر ھەر قېتىملىق كۈن چىقىشتىن، كۈن ئولتۇرۇشتىن، نىكالىنىشتىن، تەبىئەتتىن لەززەتلىنەلەيدۇ.
ساغلام كىشىلەر ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا ھەققانىيەت، مەنتىق، ھەقىقەت، ئەمەلىيەت ۋە گۈزەللىكلەردىن بەكىرەك تەسىرلىنەلەيدىغان بولغاچقا، ئادەتتىكى قورامىغا يەتكەن كىشىلەرگە قارىغاندا بەكلا ئاز تەشۋىشلىنىدۇ. بۇ تۈر ساغلام كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى سەۋەبىدىن دۈچ كېلىدىغان ھەر قانداق بىر ئەھۋالغا تاقابىل تۇرالايدىغان بولغاچقا، تاشقى مۇھىت تەھدىتلىرىنىڭ تەسىرىگە بەك ئۇچرىمايدۇ. ئۇنداق كىشىلەر ئاساسەن ئالغاندا نامەلۇم ياكى سىھىرلىق نەرسىلەر تەرىپىدىن ھېچ قاچان ئۈركۈپ كەتمەيدۇ. ئەسلىدە، ئۇنداق كىشىلەر دائىم دېگىدەك ئەنە شۇنداق بىلىنمىگەن شەيئىلەر تەرىپىدىن جەلىپ قىلىنىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىك روھى كېسەل كىشىلەرنىڭ بىلمەيدىغان ياكى سىھىرلىك تۇيۇلغان نەرسىلەردىن قورقىشىغا سېلىشتۇرغاندا ئاسمان-زېمىن پەرق قىلىدىغان بىر ئالاھىدىلىك. ماسلوۋنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەيىنىشتېيىن ئەنە شۇنداق ھېچ نېمىدىن چۈچۈپ كەتمەيدىغان مىجەزلىك كىشىلەرنىڭ تىپىك ئۈلگىسى بولالايدىكەن:36 “بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن ئەڭ گۈزەل نەرسىلەر سىھىرلىك نەرسىلەردىن باشقىچە بولىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇلار بارلىق سەنئەت ۋە ئىلىم-پەننىڭ بۇلىقىدۇر.” ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرالىغان كىشىلەر ئەتراپىدىكى مۇھىتتىن بەكلا كام ئۈركۈيدىغان بولۇش بىلەن بىرگە، ئۆزىدىنمۇ بەكلا كام قورقىدىغان كىشىلەردۇر. بۇنداق بىرسى دانىشمەنلەرچە ئىپادە بىلەن ئۆزىنى ۋە ئۆزىنىڭ تەبىئى مىجەزىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق بىرسى روھى ساغلام بولمىغان بىرسىگە قارىغاندا ئۆزىنىڭ بۇنداق تەرەپلىرىگە بەكلا كام زىھىن سەرىپ قىلىدۇ.
ماسلوۋ يەنە تەتقىق قىلغان بۇ تۈر داڭلىق كىشىلەر ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىدىن يەنە ئۇلاردا مۇنداق بىر قانچە ئورتاق نوقتىلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى سېزىدۇ: بۇنداق كىشىلەر مەسىلىلەرگە ئوبىكتىپ ھالدا، مەسىلىنى مەركەز قىلغان ھالدا مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇنداق مۇئامىلە قىلالايدىغان بولۇش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن مەسىلە ئوتتۇرسىدا بەلگىلىك بىر ئارىلىق قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان پەۋقۇلئاددە مۇئامىلە قىلىش سوغوق مۇئامىلە قىلدى، ھاكاۋۇرلۇق قىلدى، مەنپەئەت كۆزلەپ مۇئامىلە قىلدى، ھەتتا دۈشمەنلىك كۆزى بىلەن مۇئامىلە قىلدى دېگەندەك بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇلار ئادەتتىن تاشقىرى بىر نوقتىغا مەركەزلىشىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇپ، بۇ تۈر ئالاھىدىلىكلىرى ئۇلارنى كۆڭلى بىر يەردە بولماسلىقتەك ھالەتلەرگە كىرىپ قىلىشىغىمۇ سەۋەب بولىشى مۇمكىن. چۇنكى ئۇلاردا ئۆزلىرىگە قارىتا بەكلا ئاز تۇقۇنۇش بولۇپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ھەر دائىم ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىشىغا مەركەزلىشىپ قالىدۇ. ئۇلار تۇرمۇشىنىڭ مەلۇم بىر ۋەزىپە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. ئۇلار ۋاستىلارغا ئەمەس بەلكى ئىشىنىڭ نەتىجىسىگە بەكىرەك قىزىقىدۇ.
بۇنداق كىشىلەر ئادەتتە بەكلا دوستانە كېلىدۇ. بالىلارغا بەكلا قىزىقىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇلار بالىلار بىلەن بەكلا ئاسان چىقىشىپ ئۆتەلەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار قابىلىيىتىنىڭ بەكلا كۈچلۈك بولىشى تۈپەيلىدىن بەزى ۋاقىتلاردا ئۇلار ئۆزىنىڭ بالىلىق مىجەزىگە يېڭىلىپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇلار كۆپەنچە ۋاقىتلاردا ياخشى ئاتا-ئانا بولۇپ كېتەلىشىمۇ ناتايىن. قىسقىسى، ئۇلار ئادەتتە مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرگە بەكلا سىلىق مۇئامىلە قىلالايدۇ، ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنى بېسىۋېلىش كۈچى كۈچلۈك. “ئۇلار بارلىق ئىنسانلارغا قارىتا چوڭقۇر تەۋەلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپ، بەزىدە رەنجىپ قالىدىغان، چىداشلىق بېرەلمەيدىغان ياكى يىرگىنىدىغان ئەھۋاللارغا چۈشۈپ قالغىدەك بولسىمۇ، يەنىلا ئىچ ئاغرىتىش ۋە دوستلارچە ياخشى كۆرۈش ھېسسىياتىغا تولۇپ تاشقان، … چىن قەلبىدىن ئىنسانىيەتكە ياردەم قىلىش ئويىدىلا بولۇپ يۈرىدۇ.”
ئۇلار تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشنى ئارزۇ قىلماستىن، كەڭ قۇرساق ۋە سەۋىرچان، چىداشچانلىق بىلەن ئاستا-ئاستا، تەرتىپ بىلەن ئۆزگىرىش ياساش يولىنى ئىزدىنىدۇ ياكى بۇنداق ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدۇ. گەرچە جەمىيىتىمىزدىكى ئادەتتىكى كىشىلەر دائىم دېگىدەك بىر بولسا ئەمەلىيەتكىلا ئەھمىيەت بېرىدۇ ياكى بولمىسا يالغۇز نەزەرىيىگىلا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەمما ئۆزىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان كىشىلەر بولسا ھەم نەزەرىيىگە ھەم ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇلار بەخىتلىك نەتىجىگە ئېرىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار ياخشىلىققا ياخشىلىق بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار رەھىمسىزلەرچە ئېزىش ۋە بوزەك قىلىشلارنىڭ ئېغىر جازاغا تارتىلىشىنى خالايدۇ. ئۇنداق بىرسى ياخشى ئىشلار بىلەن شوغۇللىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ جىنايەتلەرنىڭ جازالىنىشىنى، ياخشىلىقلارنىڭ مۇكاپاتلىنىشىنى، باشقىلارنىڭ قابىلىيىتىنى ماختاش ۋە ئۇنىڭدىن ھۇزۇر ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق بىرسى يېتەرلىك دەرىجىدە ئۆزىگە ھۆرمىتى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈشىگىمۇ ئېھتىياجلىق ئەمەس. لازىم بولغىنىدا ئۇ دۈشمەنلىشىشكىمۇ رازى بولىدۇ. ئۇنداق بىرسى جىمجىتچىلىقنى، خاتىرجەملىكنى ۋە شۇنىڭدەك ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنداق بىرسى ئىش ئۆنۈمى تۆۋەن بولۇشنى خالىماي، ئىشىنى تولۇق ۋە چىرايلىق پۈتكۈزۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.37 ئۇنداق ئادەم ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە دۇنيانى ئەسلى قىياپىتى بويىچە كۆرۈشنى خالايدۇ. شۇنىڭدەك يەنە دۇنيانىڭ يېتەرسىز تەرەپلىرىنىمۇ كۆرۈپ، ئىشلەش ئارقىلىق بۇنداق يېتەرسىزلىكلەرنى تۈزىتىشنى خالايدۇ. ئۇنداق بىرسىدىكى ئاجايىپ بىلىش قابىلىيىتى ھەر قانداق بىر مۇھىتتا شەيئىلەرنىڭ ئىجابى ۋە سەلىبى تەرەپلىرىنى تەڭ كۆرەلەيدىغان قىلىدۇ. ئۇنداق بىرسى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن خوشاللىق ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭدەك قالايماقان، تەرتىپسىزلىكلەرنى رەتلىك يولىغا سېلىشنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنداق كىشى باشقىلارغا بېخىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئىچى تارلىق قىلىش ياكى كىشىلەرنى كەچۈرمەسلىك مۇئامىلىسى ئاساسەن يوق دېيەرلىك. ئۇنداق بىرسى باشقىلاردىكى ئارتۇقچىلىقلاردىن ھۇزۇرلىنىدۇ ھەمدە باشقىلارنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالالايدۇ. ئۇنداق بىرسى ئىش قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئىشىنى تېخىمۇ ئۆنۈملۈك، تېخىمۇ رەتلىك، تېخىمۇ تېز پۈتتۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرالىغانلار ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار فرېئۇدنىڭ ئۇنداق ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا (ئەسلى مەن، ئىد ۋە ئىپتىدائى مەن – ئا.ب) پەقەتلا يامان نەرسىلەر، رەزىللىكلەر، ۋەھشىلىكلەر ۋە خەتەرلىكلەرلا بولىدۇ، دەيدىغان نەزەرىيىسىگە قاتتىق رەددىيە بېرىدۇ. قىسقىسى، ماسلوۋ نەزەرىيىسى بويىچە ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرالىغانلارنىڭ بىلىنگەن ئاستى (يوشۇرۇن ئاڭ – ئا.ب) ئىجادىي خاراكتېرگە، دوستانىلىققا، ئاكتىپلىققا ۋە ساغلاملىقق تولغان دەپ قارىلىدۇ.38
تۆتىنچى بۆلۈم
تۈپكى ئېھتىياج نەزەرىيىسى
ئابراھام ماسلوۋنىڭ ئىنسان مەقسەتلىك نەزەرىيىسى شەخستىن تارتىپ تا جەمىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگىچە ئىشلىتىشكە بولىدىغان بىر نەزەرىيە. ماسلوۋنىڭ قارىشىچە، تۆۋەندىكى بەزى قىياسلىرى مۇكەممەل بىر مەقسەت نەزەرىيىسى ئۈچۈن كام بولسا بولمايدىغان قاراشلار ھېسابلىنىدۇ:
شەخسىلەر ئادەتتە بىر پۈتۈنلۈك، ئورگانىك ھەرىكەت قىلىدىغان بىر پۈتۈن گەۋدىدىن ئىبارەتتۇر. ماسلوۋ مۇنداق دەيدۇ: “بىرەر ھەرىكەت ياكى بىرەر ئاڭلىق ئارزۇ، ئەگەر بىرلا خىل مەقسەتكە ئىگە بولۇپ قالسا، ئۇنداق ئەھۋالنى نورىمال ئەھۋال دەپ قاراشقا بولمايدۇ.” باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بەزى كىشىلەرلا ئەمەس، بەلكى بارلىق كىشىلەر مەقسەتنىڭ ھەيدەكچىلىكى بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ. مەسىلەن بىرسى قۇرسىقى ئاچقان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىلا بۇ ئاچلىقنى ھېس قىلغان بولىدۇ؛ ئۇنىڭ يېمەكلىك تەلەپ قىلىشى ئۇنىڭ ئاشقازىنىنىڭلا ئىستىگى بولۇپ قالماي، ئۇنىڭ پۈتۈن ئادىمىلىكىنىڭ ئىستىكى بولۇپ گەۋدىلىنىدۇ.
كىشىنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى نەپىسى بىلەن ئۇنىڭ ھاياجىنى بىر-بىرسى بىلەن باغلانغان بولىدۇ. بەلكىم بۇنداق دېيىش ئاچلىققا ئوخشاش تېخىمۇ تۈپكى تەلەپ ئۈچۈن بەلكىم توغرا بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئەمما سۆيگۈ قاتارىدىكى تېخىمۇ مۇرەككەپ تەلەپلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا شۆبىھسىزكى پۈتۈنلەي توغرا بولىدۇ.
بۇرۇن، مۇتلەق كۆپ ساندىكى تەتقىقاتچىلار، ئادەملەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئۇسلۇپ ۋە مەقسەت بويىچە پارچىلارغا ئايرىپ ئايرىم-ئايرىم تەتقىق قىلىش مۇمكىن دەپ قارىشاتتى. ئىنسانلارنىڭ مەقسىتىنى تولۇق چۈشىنىمەن دەيدىكەنمىز، چوقۇم ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىيىتىنى ياكى ئەڭ ئاخىرقى ناتىجىسىنى نوقتىلىق تەتقىق قىلىشىمىز كېرەككى، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ بۇ خىل غايىگە يېتىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرىنى مۇھىم ئورۇنغا قويىۋالماسلىقىمىز كېرەك. بىز كەڭ كۆلەمدىكى، مەدەنىيەتتىن ھالقىغان ئاساستا بىر تەتقىقات بىلەن شوغۇللانغىنىمىزدا، ھەر تۈردىكى مەدەنىيەتلەرنىڭ نىشانى، ئۇنىڭ بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن پايدىلانغان تەدبىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئومۇمى ھال ئالىدىغانلىقىنى سېزىپ ئالالايمىز. بۇ دېگەنلىك، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئاسمان-زېمىن پەرقلىق بولغاندەك قىلغىنى بىلەن، ئەڭ ئاخىرىقى نەتىجىسى ئاساسەن بىر-بىرسىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، دېگەنلىكتۇر.39 يەنى ئىنسانلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىۋاتقىنى باشتىن ئاخىرى ئۆزگەرمەيدىغان، ئىرىسىلەشكەن، تۇغما بولغان بىر قانچە تۈرلۈك ئېھتىياجلاردىنلا ئىبارەت دېگەنلىكتۇر. بۇ قاراش، ماسلوۋ تەلىماتىدىكى ئۆزىگە خاس ئاساسلىق چۈشەنچىدىن ئىبارەت. بۇ تۈر ئېھتىياجلار يالغۇز فىزىيولوگىيىلىك ئېھتىياجلا بولۇپ قالماي بەكلى ئەينى ۋاقتىدا يەنە پسىخولوگىيىلىك ئېھتىياج ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈر ئېھتىياجلار ئىنسانلارنىڭ ھەقىقى تۇغما ماھىيىتى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي، بۇ تۈردىكى ئېھتىياجلار بەكلا زەئىپ بولۇپ، بەكلا ئاسان بۇرمىلىنىپ كېتىشى، شۇنىڭدەك توغرا بولمىغان ئۆگىنىش ئۇسۇللىرى، ئادەتلىرى ۋە ئۆرف-ئادەتلەر تەرىپىدىن تېزگىنلىنىۋېلىشى مۇمكىن. ماسلوۋ، “بۇ نەرسىلەر ئادەم تەبىئىتىدە تۇغما بار نەرسىلەر بولۇپ، ھەر قانداق مەدەنىيەت ئۇلارنى يوق قىلىپ ئۈچۈرۈپ تاشلىيالىشى مۇمكىن ئەمەس. پەقەت بولۇپ كەتسە ئۇلارنى چەكلەپ تۇرالىشىلا مۇمكىن.” ئۇنىڭ بۇ دېگەنلىرى روشەنكى، مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ كېلىنىۋاتقان، قېدىمىي قاراشلارغا قارشى ئۇرۇش ئاچقانلىق بولۇپ نامايەن بولماقتا. بۇ قاراشتا، تۇغما قابىلىيەت، ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، ئۇ يامان خاراكتېرلىق بولىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ. ئەمما ماسلوۋنىڭ بۇ ھەقتىكى پەرىزى دەل بۇنىڭ ئەكسىنچە بولۇپ، بۇ تۈردىكى ئېھتىياجلار بەكلا ئاسان سەل قارىلىدىغان ۋە باستۇرىۋېتىلىدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولىدىكەن؛ بۇ تۈر تۇغما ئېھتىياجلار”ھەرگىز يامان خاراكتېردا بولماستىن بەلكى مۆتىدىل خاراكتىرلىق ياكى ياخشى خاراكتېرلىقتۇر” دەپ قارايدۇ.
ئەگەر بىرەر ئالاھىدىلىك تۆۋەندىكىچە ئەھۋاللارغا ئۇيغۇن كەلگىنىدە، ئۇلارنى بىر تۈرلۈك تۈپكى ئېھتىياج دەپ قاراش مۇمكىن ئىكەن:
“1. ئەگەر ئۇ كامچىل بولغىنىدا كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ؛
ئۇ بار بولغىنىدا كېسەللىكتىن ساقلىنىش مۇمكىن؛
ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندە كېسەللىك ساقىيىدۇ؛
ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە ئەركىن تاللاش ئىختىيارى بار بولغان بىر تۈرلۈك مۇھىت ئاستىدا، ئۇ ئېھتىياجدىن مەھرۇم بولۇپ قالغىنىدا ئادەم پۈتۈن زىھنى بىلەن شۇنى تېپىشقا ئۇرۇنىدىكى، باشقا ئېھتىياجلارنىڭ قاندۇرۇلىشىنى ئاختۇرۇپ يۈرمەيدۇ؛
ساغلام بىر كىشىدە، بۇنداق ئېھتىياج ھالىتى تۇرغۇن ھالدا، ئادەتتىكى تەلەپ كۆرۈنۈشىدە ياكى بىرەر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى سەزگىلى بولمىغىدەك ھالدا ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.”
بىئولوگىيىلىك ئېھتىياجلار
ئادەم ئېھتىياجلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ رۇشەن ئىپادىلىنىدىغان ئېھتىياج تۈرى، جان ساقلاش ئېھتىياجى، يەنى ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئېھتىياجىدۇر. ئىنسانلار ئۇزۇقلۇققا، ئىچىملىككە، تۇرالغۇ يەرگە، جىنىسى مۇناسىۋەتكە، ئۇيقۇغا ۋە ئوكسېگىن، يەنى ساپ ھاۋاغا ئېھتىياجلىق. ئەگەر بىر ئادەم ئۇزۇقلۇققا مۇھتاجلىق ھالىتىدە تۇرغاننىڭ ئۈستىگە غۇرۇرغا، سۆيگۈگىمۇ مۇھتاج بولۇپ تۇرىۋاتقىنىدا، بۇنداق بىرسى ئەڭ ئاۋال ئۇزۇقلۇق ئېھتىياجىنىلا ئويلايدۇ. ئەگەر بۇنداق بىرسى ئاچلىقىنى باستۇرۇش ئېھتىياجىدىن خاتىرجەم بولالمايدىغانلا بولىدىكەن، بۇ كىشى مۇتلەق تۈردە قالغان پۈتۈن ئېھتىياجلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ يېمەك ئېھتىياجىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇۋالىدۇ.40 “ئەگەر بىرسى قاتتىق ئاچلىق ھالىتىدە تۇرغىنىدا، ئۇنداق بىرسى يېمەكلىكتىن باشقا ھەرقانداق نەرسىگە قىزىقمايدۇ. ئۇنداق بىرسى چۈشىدىمۇ يەيدىغان نەرسە كۆرىدۇ؛ ئويلىغاندىمۇ يېمەكنىلا ئويلايدۇ؛ ئەسلىگەندىمۇ پەقەت يىمەكنىلا ئەسلەيدۇ. ئۇنداق بىرسى پەقەت يىمەكلىككىلا قىزىقىدىغان، پەقەت يېمەكنىلا ھېس قىلىپ يۈرىدىغان بىرسىگە ئايلانغان بولىدۇ. يەنى بۇنداق بىرسى يېمەكنىلا تەلەپ قىلىدىغان بىرسى ھېسابلىنىدۇ. … بىۇنداق بىرسىنى ھەقىقەتەنمۇ نان ئۈچۈنلا ياشاۋاتقان بىرسى دېيەلىشىمىز مۇمكىن.”
ماسلوۋ مۇنداق دەيدۇ: بىز ئىنسانلارنىڭ تەپسىلى ئېھتىياجىغا قاراپ فىزىئولوگىيىلىك ئۇزۇن بىر تىزىملىك تۈزۈپ چىقىرالىشىمىز مۇمكىن. ئەمما بۇنداق بىر تىزىملىك تۈزۈك بىر نېمە ئۇقتۇرالىشى ناتايىن. ئالايلۇق، بىز بىر مۇنچە ئوخشىمايدىغان تۇيغۇ ئەزالىرىنىڭ ھۇزۇرلىنىش ھادىسىلىرىنى ئىسپاتلاپ چىقالىشىمىز مۇمكىن. يەنى تەم، پۇراق، سىلاش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر قاتار ئادەم ئىش-ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجلارنى كۆرسىتەلىشىمىز مۇمكىن. شۇنىڭدەك يەنە، فىزىلوگىيىلىك ئېھتىياجلار ئالى دەرىجىلىك ئېھتىياجلارغا قارىغاندا بەكلا ئاسان پەرىقلەندۈرۈش ۋە بېكىتىپ چىقىشقا مۇمكىن بولسىمۇ، ئۇلارنى يەنىلا بىر-بىرسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز مۇستەقىل ھادىسىلەر دەپ مۇئامىلە قىلالمايمىز. ئالايلۇق، ئۆزىنى ئاچ ھېسابلاپ يۈرگەن بىرسى ئەسلىدە سۆيگۈ، خاتىرجەملىك ھېسسىياتى ياكى باشقا قايسى بىر ئالاھىدىلىكلىرى يېتەرلىك بولمىغان بىرى بولىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئەكسىچە، يەنە بەزى كىشىلەر تاماكا چېكىش ياكى سۇ ئىچىش ئىستىگى ياكى ھەرىكىتى بىلەن ئۆزىدىكى ئاچلىقنى قاندۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولىشىمۇ مۇمكىن. شۇنداق بولغاچقا، پۈتۈن ئادەم ئېھتىياجلىرىنى بىر-بىرسىگە باغلىنىشلىق ھادىسىلەر ھېسابلىنىدۇ.
فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجلار يەنە پسىخولوگىيىنىڭ ئىككى چوڭ ئېقىمى تەرىپىدىنلا تەڭ ئېتراپ قىلىنماقتا ۋە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. ئىش-ھەرىكەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئادەمدە پەقەتلا ئىرسىي ھېسسىياتلار مەۋجۇت بولىدىكەن. ماسلوۋنىڭ قارىشىچە، بۇنداق بىر خۇلاسە مۇنداق بىر ئەمەلىيەتنى مەنبە قىلىپ ئوتتۇرغا چىققان بولىشى مۇمكىن: ئىش-ھەرىكەتچىلىك ئېقىمىغا مەنسۈپ مۇتلەق كۆپ قىسىم تەتقىقاتلار ئاساسلىقى چاشقان ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان، ئەمما چاشقان فىزىئولوگىيىلىك تۈرتكىسىنى ئىپادىلىشىدىن باشقا، بىرەر تۈرتكىسىنىڭ بارلىقى ناتايىن.
ماسلوۋنىڭ قارىشىچە، ئىش-ھەرىكەتچىلىك پسىخولوگلىرى فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجلار ئادەم ئىش-ھەرىكىتىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارىشى ھەقىقەتەنمۇ خاتا ئەمەس. ئەمما بۇنداق كۈچلۈك تەسىر ئادەم فىزىلوگيىلىك ئېھتىياجى قاندۇرۇلماي تۇرىۋاتقان پەيتلىرىدىلا ئىپادىلىنىدۇ. ئەمما، مەدەنىي جەمىيەتتىكى كۆپ سانلىق كىشىلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتساق، بۇ تۈردىكى تۆۋەن دەرىجىلىك ئېھتىياجلار زور دەرىجىدە قاندۇرۇلغان بولىدۇ. “ئەگەر يەيدىغان نېنى بەكلا كۆپ، ئەمما ئۇ ناننىڭ ئىگىسى توق بولسا قانداق ئەھۋال ئوتتۇرغا چىقىشى مۇمكىن؟ − ماسلوۋ بۇ سۇئالغا يەنە ئۆزى جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ، − باشقا بىر ئېھتىياج (يەنى تېخىمۇ يوقۇرى دەرىجىلىك ئېھتىياج) دەرھال ئوتتۇرغا چىقىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئورگانىزىمغا ھۆكۈمران بولىدىغان كۈچ جىسمانى جەھەتتىكى ئاچلىق ئەمەس بەلكى يېڭىدىن ئوتتۇرغا چىققان تېخىمۇ يوقۇرى دەرىجىلىك ئېھتىياج كۈچىدۇر. ئەگەر بۇ ئېھتىياجلارمۇ قاندۇرۇلۇپ بولغىنىدا تېخىمۇ يوقۇرى دەرىجىلىك يېڭى ئېھتىياج ئوتتۇرغا چىقىدۇ ۋە شۇ تەرىقىدە داۋام قىلىدۇ.41 بىز يوقۇرىدا دەپ ئۆتكەن ئىنسانلىقنىڭ تۈپكى ئېھتىياجلىرى بىر بىر-بىرىدىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئېھتىياج قاتلاملىرىنى تەشكىل قىلىدۇ دېگىنىمىز دەل مۇشۇ خىل نۆۋەتلىشىپ ئوتتۇرغا چىقىش تەرتىۋىنى كۆزدە تۇتقان ئىدۇق.” ماسلوۋ، ئادەم پۈتۈن ئۆمۈرى بويىچە تىنماي ئېھتىياج قاندۇرۇشنى قوغلىشىش ئىچىدە ئۆتىدىغان، توختىماي ئېھتىياجلىرىنى ئىپادىلەپ تۇرىدىغان بىر مەخلۇق دەپ كېسىپ ئېيتىدۇ. “ئادەم پۈتۈن ئېھتىياجلىرىنى تولۇق قاندۇرالىغان سەۋىيەگە كېلىشى ئاساسەن يوق دېيەرلىك بولۇپ، بىر ئېھتىياج قاندۇرۇلغان ھالەتكە كېلە-كەلمەي يېڭى بىر ئېھتىياج دەرھال ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلايدۇ.”
بىخەتەرلىك ئېھتىياجى
فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجلار تولۇق قاندۇرۇلۇشقا ئېرىشكەندە، ماسلوۋنىڭ ئېيتقىنىدەك بىخەتەرلىك ئېھتىياجى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. چۇنكى، ساغلام ۋە نورىمال بىر ئادەمدە، بىخەتەرلىك ئېھتىياج ئادەتتە يېتەرلىك قاندۇرۇلغان بولىدۇ. شۇڭا، كىچىك بالىلارنى ياكى روھىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغان قۇرامىغا يەتكەن بىرسىنى كۈزىتىش ئارقىلىق بۇ تۈر ئېھتىياجنى كۈزىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئوبىكتى بولالايدۇ. بالىلار پسىخولوگلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار، بالىلار ئادەتتە پەرەز قىلىشقا بولىدىغان بىر دۇنيا بولىشىنى ئارزۇلايدىغانلىقىنى سەزگەن. بالىلار بىرلىك بولىشىنى، باراۋەرلىك بولىشىنى ھەمدە بەلگىلىك بىر قانۇنىيەتلىك بولىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ تۈردىكى ئامىللار كامچىل بولغىنىدا، ئۇنداق بىر بالا ئەنسىزلىشىپ خاتىرجەم بولالمايلا يۈرىدۇ. ئۇنىڭ خالايدىغىنى بەلگىلىك چەكلىمە دائىرىسىدە ئەركىنلىك بولىشى بولۇپ، ھەرگىزمۇ پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارىغا قويىۋېتىلىدىغان ئەركىنلىكنى خالىمايدۇ. ماسلوۋنىڭ قارىشى بويىچە ئالغاندا، بۇ نوقتا ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بەكلا زۆرۈر بولىدىكەن.
خاتىرجەم بولالمىغان ياكى روھىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان قۇرامىغا يەتكەن بىرسى، ھەرىكەتلىرىدە خۇددى خاتىرجەملىكىنى يوقاتقان كىچىك بالىلاردەكلا ھەرىكەت قىلىدىكەن. ماسلوۋ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: “بۇنداق بىر ئادەم بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بولغىنىدا ھەر دائىم چوڭ بىر بالا ساقلاپ تۇرغاندەكلا ھېسسىيات ئىچىدە بولىدۇ. ئۇنداق بىرسى ھەر دائىم بەكلا جىددى بىر ئىشقا تاقابىل تۇرغاندەكلا يۈرىدۇ. … روھى بىنورىقمال بولغان بىرسى گويا ھەر دائىم بىرسى ئۇنى قوغلاۋاتقاندەك ئالدىراپلا يۈرىدۇ. …” خاتىرجەم بولمىغان ئادەم تەرتىپلىك ۋە مۇقىملىقنى بەكلا زۆرۈر بىر ئېھتىياجى دەپ دەپ قاراپ، ئىمكان بار غەلىتە ياكى مۆلچەرلىيەلمىگەن ئىشلاردىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يىراق تۇرۇشنىڭ غېمىدىلا يۈرىدۇ. ساغلام بىرسىمۇ تەرتىپلىك ۋە مۇقىملىقنى ئارزۇ قىلىپ يۈرىدۇ. ئەمما بۇنداق بىرسىدىكى تەرتىپ ۋە مۇقىملىققا بولغان تەلىبى ھەرگىزمۇ بىنورىمال كىشىلەردىكىدەك ئۇنداق ھايات-ماماتلىققا بېرىپ تاقىشىدىغان چوڭ ئىشلار قاتارىدا ھېسابلانمايدۇ. يېتىلگەن بىرسى يېڭى نەرسىلەرگە، سىھىرلىق ھادىسىلەرگە بەلگىلىك دەرىجىدە قىزىقىش بولىدۇ.42
تەۋەلىك ۋە سۆيگۈ ئېھتىياجى
فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجلار بىلەن بىخەتەرلىك ئېھتىياجى قاندۇرۇلۇپ بولغىنىدا، سۆيگۈ ئېھتىياجى بىلەن تەۋەلىك (مەلۇم مەنىدە مۇھىتتا ئېتراپ قىلىنىش ياكى ئەتراپتىكىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىش، يۈرت، ماكان مەنىسىدە - ئا.ب) ئېھتىياجى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ماسلوۋ مۇنداق دەيدۇ: “ئەندى بۇ ئادەم باشقىلار بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان، يەنى ئۆز تەۋەلىكى دائىرىسىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان بىرسىگە ئايلىنىدۇ. بۇ ھالەتتىكى كىشى بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىشقا باشلايدۇ. ئۇ ئادەم بۇنى دۇنيادىكى باشقا ھەر قانداق نەرسىدىنمۇ ئۈستۈن دەپ قارايدىغان، ھەتتا بۇرۇن ئۆزىنىڭ قۇرسىقى ئېچىپ تارتىشىپ كەتكەن ۋاقىتلىرىدىكى سۆيگۈ ئوبېكتىۋىنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ياكى ئۇنچە بەك مۇھىم ھېساپلانمايدىغان نەرسىكەن دەپ دىمىقىدا كۈلۈپ قويىدىغان بولىدۇ.”
بىز بۇ يەردە ماسلوۋنىڭ تىلغا ئالغان سۆيگۈ دېگىنىنى جىنىسىي ئېھتىياج بىلەن ھەرگىزمۇ ئارلاشتۇرىۋالماسلىقىمىز كېرەك. جىنىسى سۆيگۈنى ساپ فزىئولوگىيىلىك ئېھتىياج قاتارىدا قايتىدىن تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: “ئادەتتە، جىنىسى پائالىيەت بەكلا كۆپ ئامىللارغا باغلىق بىر ھادىسە. … ئۇ ھەرگىز يالغۇز جىنىسى ئېھتىياج ئۈچۈنلا ئوتتۇرغا چىقمايدۇ. بەلكى باشقا ئېھتىياجلار تۈپەيلىدىنمۇ كۆرۈلۈشى، بۇلاردىن ئاساسلىقى سۆيگۈ ۋە ھېسسىيات ئېھتىياجىدىنمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن.” ماسلوۋ، بۇ ھەقتە كارل روگېسنىڭ سۆيگۈ ئېنىقلىمىسىغا بەكلا قايىل بولىدۇ: “سۆيگۈ دېمەك چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە قوبۇل قىلىش دېمەكتۇر.”
ماسلوۋنىڭ قارىشىدا فرېئۇد سۆيگۈنى جىنىسى ھەۋەس دەپ قارىشى بەكلا چوڭ خاتا ھېسابلىنىدىكەن. “تەبىئىي، بۇنداق خاتالاشقانلار يالغۇز فرېئۇد بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان ئەمەس. … پىكىر قىلىشقا قېرىق بولغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەرمۇ ئەنە شۇنداق خاتالىق سادىر قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ فرېئۇدنى غەرپ مەدەنىيىتى ئىچىدە بۇ قارىشى جەھەتتە ئەڭ كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان ۋەكىل خاراكتىرلىق بىرسى دەپ قاراش مۇمكىن. … فرېئۇدنىڭ ھەر تۈردىكى نەزەرىيەلىرى ئىچىدە كىشىلەر تەرىپىدىن ئەڭ كەڭ قوبۇل قىلىنغان قارىشىدىن بىرسى دەل شۇ مېھىر-شەپقەت – مەقسەت تەرىپىدىن تېزگىنلەنگەن جىنىسى ھەۋەس، دېگىنى ئىدى.”43
ماسلوۋ، پسىخولوگىينىڭ سۆيگۈ ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىنىڭ كىشىنى چۆچۈتكىدەك ئاز ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. “كىشىلەر، ئەستايىدىللىق بىلەن ئائىلە، توي قىلىش، جىنىسى تۇرمۇش قاتارلىقلار ھەققىدە ئەستايىدىللىق بىلەن مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان ئاپتورلارنىڭ سۆيگۈنى مۇھاكىمىسىدىكى ئەڭ ئۇيغۇن، ھەتتا ئەڭ ئاساسلىق قىسمى ئىكەنلىكىنى ئۈمىد قىلىشقا ھەققى بار. ئەمما مەن شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشنى زۆرۈر دەپ قارايمەنكى، مەن ئىشلىگەن ئۇ قىرائەتخانىدا بۇ مەسىلىنى ئاساسىي تېما قىلغان كىتابلار ئارىسىدا، ھەتتا بۇ مەسىلىنى ئەستايىدىللىق بىلەن مۇھاكىمە قىلغان بىرمۇ كىتاب يوق ئىدىدېيەلەيمەن. تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، ئۇ كۈتۈپخانىدا سۆيگۈ دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئۈستىدە تۇرغۇزۇلغان بىرمۇ كاتولوگ يوق ئىدى.”
ئەمما ماسلوۋ، سۆيگۈ كام بولغىنىدا ئۆسۈپ يېتىلىش چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ھەمدە يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىمۇ چەكلەپ قويىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. كىلىنكا دوختۇرلىرى، بالىلاردا سۆيگۈ ھەرگىزمۇ كام بولماسلىقى كېرەكلىكىن ھەردائىم بايقايدۇ. نۇرغۇنلىغان پسىخوپاتولوگلارمۇ سۆيگۈ ئېھتىياجىنىڭ باستۇرۇلىشى پسىخولىيىلىك بۇزۇلۇشنىڭ تۈپكى سەۋەبى دەپ قارىماقتا. ماسلوۋ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: “سۆيگۈ ئاچلىقى خۇددى تۇز يېتىشمەسلىك ياكى ۋىتامىن يېتىشمەسلىكىگە ئوخشاش بىر تۈرلۈك يېتىشمەسلىك كېسىلىدۇر. … بىز يود بىلەن ۋىتامىن C غا ئېھتىياجىمىز بار، بۇنىڭدىن ھېچكىم گۇمانلانمىسا كېرەك. مەن سىزلەرنى ئاگاھلاندۇرپ ئۆتىمەنكى، بىزگە ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان سۆيگۈمۇ خۇددى يوقۇرقىلاردىن قىلچە پەرق قىلمايدىغان ئېھتىياج تۈرىدۇر.”
ماسلوۋ ئۈچۈن ئېيتقاندا، سۆيگۈ دېگەنلىك، ئىككى كىشى ئوتتۇرسىدىكى ساغلام، قىزغىن بىر مۇناسىۋەت بولۇپ، ئۇ يەنە ئۆزئارا ئىشىنىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنداق بىر مۇناسىۋەتتە، ئىككى ئادەم قورقۇش دېگەننى چۆرۈپ تاشلاپ بىر-بىرىدىن ھەرگىز ئېھتىيات قىلىپ يۈرمەيدىغان بولىدىكەن. ئەگەر قاتاردا بىرسى ئۆزىنىڭ بىرەر ئاجىزلىقى ياكى يېتەرسىزلىكىنىڭ قارشى تەرەپكە بىلىنىپ قېلىشىدىن قورققىدەكلا بولىدىكەن، كۆپۈنچە ھاللاردا مۇتلەق تۈردە سۆيگۈ زەخمىلىنىشكە ئۇچرايدىكەن. كارل مېندېنگ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: “قارشى تەرەپنىڭ بىزنىڭ ھېسسىياتىمىزدىن لەززەتلىنەلمەسلىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بىز باشقىلارنىڭ ئادەت ۋە مەدەنىيىتىمىز تەرىپىدىن بىزگە مەجبۇرى تاڭغان ماسكىمىزنى قايرىپ تاشلاپ ئەسلى قىياپىتىمىزنى بىلىپ قېلىشىدىن قورقىدىغان ۋەھىمىلىك ھالىتىمىزنى ئاز-تۇلا ھېس قىلىشىمىزنىڭ ئۆزىلا سۆيگۈگە زىيان كەلتۈرەلىشى مۇمكىن. دەل شۇنداق ھېسسىيات بىزنى كىشىلەر بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەتتە بولىشىمىزغا جۈرئەت قىلالماسلىقىمىزنى، ئەكسىنچە يۈزەكى شەكىلدە دوستلۇقنى ساقلاپ، ئۆزىمىزنى تۆۋەن كۆرۈپ باشقىلارنى چۈشۈنىشىمىزنى، شۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ بىزنى بەك بىلىپ كەتمەسلىكىدىن ساقلىنىشقا ئۇرۇنۇشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.”
ماسلوۋ، “سۆيگۈ ئېھتىياجى سۆيگۈ بېرىش بىلەن سۆيگۈ ئېلىشقا چېتىلىدىغان بىر ھادىسە. … بىز چوقۇم سۆيگۈنى چۈشىنىشىمىز، سۆيگۈنى ئۆگۈنۈشكە، يارىتىشقا ۋە مۆلچەرلەشكە بولىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز زۆرۈر. ئۇنداق بولمايدىكەن، پۈتكۈل جاھان دۈشمەنلىك ۋە قىزغانچۇقلۇق ئىچىگە تولۇپ كەتكەن بولىدۇ.”
قەدىرلىنىش ئېھتىياجى
ماسلوۋ يەنە شۇنىمۇ سېزىدۇكى، كىشىلەرنىڭ ھۆرمەتلىنىشكە بولغان ئېھتىياجىنى مۇنداق ئىككى تۈرگە بۆلۈش مۇمكىن ئىكەن: ئۆزىنى قەدىرلەش ۋە باشقىلار تەرىپىدىن قەدىرلىنىش. ئۆزىنى قەدىرلەش دېگەن ئۆزىگە ئىشەنچ، قابىلىيەت، ئىقتىدار، ئۇتۇق، مۇستەقىل بولۇش ۋە ئەركىن بولۇش قاتارىدىكى ئارزۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. باشقىلار تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىش ئېھتىياجىدا بولسا،44 سالاپەت، ئېتراپ قىلىنىش، قوبۇل قىلىنىش، كۆڭۈل بۆلۈنۈش، مەۋقە، ئابرۇي ۋە ئەتىۋارلىق بولۇش قاتارىدىكى ئۇقۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. قەدىرلىنىش ئېھتىياجى ھەر ۋاقىت سېگمۇنت فرېئۇد تەرىپىدىن سەل قارىلىپ كېلىنگەن بىر ئېھتىياج ئىدى. ئەمما بۇنىڭغا ئادلېر بەكلا ئەھمىيەت بېرەتتى. يېتەرلىك ئەتىۋارلانغان بىرسى، ھەر دائىم ئىشىنچىگە تولغان، تېخىمۇ قابىلىيەتلىك بولۇپ، ئالاھىدە ئۈنۈملۈك ئىش قىلالايدىكەن. ئەمما كىشى يېتەرلىك ئەتىۋارلانمىغىنىدا ئۆزىنى كەمسىتىش، ئۈمىدسىزلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە قېلىپ، نەتىجىدە ئۈمىدىنى يوقۇتۇش ۋە ئەسەبىلىك ئالامەتلىرىنى ئىپادىلىشى مۇمكىن. “ئەڭ تۇراغلىق بولغان، نەتىجىدە ئەڭ ساغلام بولغان ئۆزىنى قەدىرلەش بولسا باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا بىلدۈرگەن تېگىشلىك بولغان ھۆرمەتنى ئاساس قىلغان بولۇپ، سىرتتىن كېلىدىغان نام-ئابروي، ئەتىۋارلاشلار بۇنداق بىر ئېھتىياجنى بېرەلمەيدۇ.”
ماسلوۋ بۇ ھەقتە بايان قىلىپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: بەلكىم ئەركىنلىكمۇ بىر تۈرلۈك تۈپكى پسىخىك ئېھتىياج ھېسابلىنىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ئىلمى ئاساسلار بەكلا يېتەرسىز. “ھەممىگە مەلۇم بولغان كېلىنكىلىق ماتېرىياللاردىن بىلىشىمىزچە، ھەقىقى ئەركىنلىكنى بىلىدىغان بىرسى، ھەرگىزمۇ بۇنداق ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ياكى ئاسانلا باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويمايدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئەركىنلىك ھەرگىزمۇ ئۆز بىخەتەرلىكىنى قۇربان قىلىش ھېساۋىغا قولغا كەلتۈرگەن ئەركىنلىك بولماستىن، تولۇق بىخەتەرلىك ئاساسىدا قولغا كەلگەن ئەركىنلىكتۇر. شۇنداقتىمۇ، بىز يەنىلا تۇغۇلۇشى بىلەنلا قۇل بولۇشقا مەھكۇم بىرىنىڭ ئەركىنلىك ھېسسىياتىمۇ يۇقۇرىقىدەك بولۇش-بولماسلىقىدىن ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز.”
ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئېھتىياجى
“بىر ئادەم، قانداق بىرسى بولالايدىغان بولسا، ئۇ ئادەم چوقۇم شۇنداق بىرى بولىشى شەرت.” ماسلوۋ، ئىنسان بالىسىدا ئۆسۈپ يېتىلىش، تەرەققىي قىلىش، يوشۇرۇن قابىلىيەتلىرىدىن پايدىلىنىش قاتارلىق پسىخىك ئېھتىياجلىرى بولىدىغانلىقىنى كەشىپ قىلىدۇ. ماسلوۋ بۇنى ئۆزىنى نامايەن قىلىش (ئۆزلۈكىنى ئىپادىلەش، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئۆزىنى تولۇق كۆرسىتىش دېگەندەك – ئۇ.ت) دەپ ئاتايدۇ. بۇ چۈشەنچە، ماسلوۋنىڭ ئادەم مۇددىئاسى نەزەرىيىسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر قىسمى. ماسلوۋ بۇ تۈردىكى ئېھتىياجنى يەنە مۇنداقمۇ تەسۋىرلەيدۇ: “بۇ بىر ئادەم ئۆزىنى بارغانسىرى ئادەمنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە ئوخشىشىنى، ئادەم پۈتكۈل يوشۇرۇن ئىقتىدارلىرىنىڭ ئىپادىلىنىشنى ئارزۇ قىلىشى.” ماسلوۋ، بىر ئادەم سۆيگۈ ئېھتىياجى بىلەن قەدىرلىنىش ئېھتىياجىنى خاتىرجەم قاندۇرۇش باسقۇچىغا ئېرىشەلىگەندىن كېيىن، ئۇ ئادەمدە ئۆزىنى ئىپادىلەش ئېھتىياجى كۆرۈلۈشكە باشلايدىغانلىقىنى كەشىپ قىلىدۇ.45
بىلىش ۋە چۈشىنىش ئارزۇسى
ماسلوۋ، روھى ساغلام بولۇشنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇ كىشىدە قىزىقىش ئالاھىدىلىكىنىڭ بولىشى دەپ قارايدۇ. ئەمما شۇنىمۇ قەتئى ئېتراپ قىلى كېرەككى، تا ھازىرغىچە يېتەرلىك ئىلمىي ماتىرىيال ۋە كېلىنكىلىق ماتېرىياللار بۇنىڭ بىر خىل تۈپكى ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقالىغىنى يوق. بۇرۇنقى نەزەرىچىلەردىن فرېئۇد، ئادلېر، جيۇڭ قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ بۇ ھەقتە بىرەر تەتقىقات بولغان ئەمەس. ماسلوۋ، تۈۋەندىكىچە بىر قانچە سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ قىزىقىشنىڭ پۈتكۈل ئىنسانلىقنىڭ بىر تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ: 1. ھايۋان ھەرىكىتىدە ھەر دائىم دېگىدەك بىر تۈرلۈك قىزىقىش ئىپادىسى كۆرۈلىدۇ؛ 2. تارىختىكى نۇرغۇنلىغان مىساللار شۇنى ئىسپاتلىماقتىكى، ئادەم ھەر قانچە خەۋىپ ئاستىدا قالغىنىدىمۇ بىلىم ئىزدىنىشىدىن توختىمايدۇ. ئالايلۇق، گالېلىي بىلەن كولومبۇلار ئەنە شۇنداق ئادەملەردۇر؛ 3. پسىخىك پىشىپ يېتىلگەنلەر ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، ئۇلار دائىم دېگىدەك سىرلىق بولغان، بىلىنمەي كېلىۋاتقان، مۆلچەرلەش مۇمكىن بولمايۋاتقان شەيئىلەرنى پۈتۈن قەلبى بىلەن بىرىلىپ كۈزىتىدۇ؛ 4. ماسلوۋنىڭ كېلىنكىلىق تەجرىبىلىرىدىن ئېلىنغان مىساللار شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، بۇرۇن ساۈلام بولغان قۇرامىغا يەتكەن بىر ئادەممۇ زېرىكىشلىكتە، بېسىم ئاستىدا قالىدىغان، تۇرمۇشقا بولغان قىزىقىشىنى يوقۇتىدىغان شۇنىڭدەك ئۆزىدىنمۇ زىرىكىدىغان ھالەتلەرگە چۈشۈپ قالالايدىكەن. بۇنداق ئالامەتلەر قابىلىيەتلىك كىشىلەردىمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدىكەن، ئەگەر بۇنداق كىشىلەر “مەنىسىز خىزمەت بىلەن شوغۇللانغىنىدا، مەنىسىز تۇرمۇش ئىچىگە چۆكۈپ قالغىنىدا، … مەن نۇرغۇنلىغان بۇنداق ھالدىكى خانىملار بىلەن ئۇچراشقان ئىدىم. ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ قابىلىيەتلىك ئەمما ھېچ قانداق بىر ئىش چىقىرالماي يۈرگەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ زېھنى تەدرىجى رودمىلىشىپ كەتكەن. ئۇلاردىن بەزىلىرى تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ ئۆزى تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدىغان بىرەر ئىشقا كىرىشكىنىدىن كېيىن، ئۇلاردىكى بۇ تۈر نئالامەتلەرمۇ ئاستا-ئاستا ئازىيىپ ياكى يوقۇلۇشقا باشلىغان. بۇ ئەھۋال مېنى شۇ ئويغا كەلتۈردى: بىلىم ئېلىش ئېھتىياجى ھەقىقەتەنمۇ بار بولغان بىر ئېھتىياج ئىكەن؛ 5. كىچىك بالىلاردا ھەقىقەتەنمۇ تۇغما قىزىقىش مەۋجۇت؛ 6. قىزىقىشقا بولغان قېنىش بىر تۈرلۈك سوبىكتىپ قېنىش ھېسابلىنىدۇ؛ كىشىلەر ئومۇمەن دېگىدەك ئۆگۈنۈش بىلەن بىلىنمىگەن نەرسىلەرنى كەشىپ قىلىش ئۇلارغا قېنىش تۇيغۇسى بىلەن بەخىتلىك تۇيغۇ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ.
كۆپلىگەن ئىش-ھەرىكەتچىلىك پسىخولوگلار، تەرتىپلىك، سىسرېمىلىق ۋە مۇقىملىق ئىزدىنىشى بىر تۈرلۈك مەجبۇرى خاراكتىرلىق روھىي كېسەللىك شەكلى دەپ قارىشىدۇ. ماسلوۋنىڭ قارىشىچە، بۇنداق قاراش مەلۇم نوقتىدىن توغرىدەك قىلغىنى بىلەن، ساغلام كىشىلەردىمۇ بۇنىڭدەك ئۇرۇنۇش كۆرۈلۈپ تۇرىدىكەن. ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەن قۇتۇلغۇسىز بىر ھالەتكە چۈشۈپ قالماسلىقى بىلەنلا ئۇلاردىن پەرقلىنىدىكەن. ماسلوۋنىڭ دېيىشى بويىچە ئېيتساق، “بەزىلەر بۇ جەرياننى مەنا ئاختۇرۇش جەريانى دەپ ئاتايدۇ. ئۇنداقتا، بىز ئادەمدە چۈشىنىش، تەشكىللەش، شەيئىلەرنى تەھلىل قىلىش، شەيئىلەرنى سىستىمىلاشتۇرۇشتەك بىر خىل ئارزۇسى بولىدۇ،46 شەيئىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ۋە مەنىلىرىنى ئاختۇرىدىغان بىر خىل ئارزۇسى بولىدۇ، قىممەت سىستېمىسى تىكلەپ چىقىش ئارزۇسى بولىدۇ دەپ پەرەز قىلىشىمىزغا بولىدۇ.”
گۈزەللىك ئېھتىياجى
ئىش-ھەرىكەتچىلىك پسىخولوگىيىسى ئادەمگە گۈزەللىكنىڭ قارىتا تۇغما ئېھتىياج بولىدىغانلىق ئېھتىماللىقىغا ھەر دائىم سەل قاراپ كەلدى. ماسلوۋ، ھېچ بولمىغاندا بەزى كىشىلەر ئۈچۈن گۈزەللىك ئېھتىياجىنىڭ ئالاھىدە كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى، بۇنداق كىشىلەر بەتبەشىرىلىككە بەكلا ئۆچ كېلىدىغانلىقىنى پەرق قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇرۇنلاردا ئوقۇغۇچىلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى، مۇھىتنىڭ چىرايلىق ياكى سەت بولىشى ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى پەرق قىلغان. ئەمەلىيەتتىمۇ، بەتبەشىرىلىك كىشىنى دۆتلەشتۈرۈپ كاللىسىنى ئىشلىمەس قىلىپ قويالايدىغانلىقى مەلۇم. دوكتور ماسلوۋ، ئەڭ كەسكىن بىئولوگىيىلىك مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئادەمنىڭ گۈزەللىكككە بولغان ئېھتىياجى خۇددى يېمەك-ئىچمىكىدە چوقۇم كالتسىيغا ئېھتىياجلىق بولغىنىدەك بىر ئېھتىياج بولۇپ، گۈزەللىك كىشىنى تېخىمۇ ساغلام ھالەتكە كېلىشى ئۈچۈن ياردىمى بولىدىكەن.
ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: ئادەمنىڭ گۈزەللىككە بولغان ئېھتىياجى ئۇ كىشىنىڭ مەنلىك ئوبرازىغا باغلىق بلىدىكەن. يەنى، گۈزەللىك تەسىرى بولماسلىقىدىن دېگەندەك ساغلام بولالمىغان كىشىلەر مەنلىك ئوبرازىنىڭ بەكلا يېتەرسىز بولغانلىقىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ تۇرىدىكەن. ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن رەتسىز بىرسى قىلچە چاڭ-توزاڭ بولمىغان بىرەر ئېسىل مېھمانخانىغا كىرىپ قالغىدەك بولغىنىدا ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ بۇنداق ھەشەمەتلىك يەرلەرگە “پەقەتلا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى” ھېس قىلىدۇ.
ئۇ روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى بولغان بىر دوستىنىڭ داۋالاۋاتقان كېسىلىدىكى قاتتىق كۆڭلى يېرىم بولۇش ۋەقەسىنى ھىكايە قىلىپ كېلىپ، ئۇ كىشىنىڭ ھەر دائىم ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان ئادىتى بارلىقى، ھەر دائىم ئۆزىنى ھېچ نېمىگە ئەرزىمەس بىرى ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ياشاشقىمۇ ئەرزىمەيدىغانلىقىنى سۆزلەركەندۇق. كېيىن بۇ كىشى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا بەل باغلىغىنىدىمۇ ئۆزىنى بىر ئەخلەتخانىدا ئېتىۋالغان ئىكەن. مانا بۇ، ئۆزىنى گۈزەللىكتىن بەھرى ئېلىشقا لايىق كۆرمەيدىغان كىشىلەردە كۆرۈلىدىغان بىر ئەھۋال.
ماسلوۋ يەنە، ساغلام يېتىلىۋاتقان بالىلارنىڭ ھەممىسىدىلا دېگىدەك گۈزەللىككە بولغان ئېھتىياجى بولىدىغانلىقىنى سەزگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىستېتىك زوقلىنىش ئېھتىياجىنىڭ پەيدا قىلىدىغان ھەۋەس، ھەر تۈرلۈك مەدەنىيەتتە، ھەر بىر دەۋردە ئومۇمىي يۈزلۈك كۆرۈلۈپ تۇرىدىغانلىقىنى پەرق قىلغان. ھەتتا بۇنداق ئېھتىياجلار تا ئىپتىدائىي قەبىلە دەۋرىلىرىدىمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدىغانلىقىنى پەرق قىلالىغان.47
تۈپكى ئېھتىياج قاندۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى
بىر ئادەمنىڭ نىيىتى (مۇددىئاسى، مەقسىدى، موتىۋاتسىيىسى)، ئىجتىمائىي مۇھىت ياكى جەمىيەت شەرت-شارائىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. تۈپكى ئېھتىياجلارنىڭ قاندۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرى قاتارىدا ماسلوۋ مۇنداق بىر قاتار شەرتلەرنى ئوتتۇرغا قويىدۇ: سۆز ئەركىنلىكى، باشقىلارغا زىيان كەلتۈرمەسلىك شەرتى ئاستىدا خالىغانچە سۆزلىيەلەيدىغان بولىشى؛ سوئال سوراش ئەركىنلىكى، ئۆزىنى قوغداش ئەركىنلىكى، ھەققانىي، سەمىمىي، تەڭلىك شۇنىڭدەك تەرتىپلىك بولۇش. ئەگەر بۇ ئالدىنقى شەرتلەر تەھدىتكە ئۇچرايدىغانلا بولىدىكەن، كىشىلەر بۇ تەھدىتكە قارىتا خۇددى تۈپكى ئېھتىياجلىرىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغىنىدا ئىپادىلەيدىغان ئىنكاسقا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىنكاس كۆرسىتىدىكەن. ماسلوۋنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، “بۇ ئالدىنقى شەرتلەرنىڭ ئۆزى ھەرگىز مەقسەت قىلىنمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، بۇلار ئۆزىلا مەقسەت بولغان تۈپكى ئېھتىياجلار بىلەن شۇنداق زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇكى، ھەتتا بۇ شەرتلەرمۇ مەقسەت ھالىغا كەلگەندەك بىر ھالەتكە كېلىدۇ. شۇڭا كىشىلەر بۇ تۈر شەرتلەرنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. چۇنكى بۇ شارائىتلار بولمىغىنىدا تۈپكى ئېھتىياج قاندۇرۇشتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن بولمايدۇ. ھېچ بولمىغاندا تۈپكى ئېھتىياج قاندۇرۇلۇش ئېغىر تەھدىتكە دۈچ كېلىدۇ.”
خېلى ۋاقىتلارغىچە ماسلوۋ ئۆزىنىڭ مەقسەت نەزەرىيىسىدە بىر تۈرلۈك يېتەرسىزلىك ھېس قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. يەنى بۇ نەزىرىيىسىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش مۇمكىن بولماي كېلىۋاتقان ئىدى: ئەگەر، پۈتكۈل ئىنسانلار ئىلگىرلەشكە ئىنتىلىپ تۇرغان ئىكەن، ئۇنداقتا يەنە نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئادەم ئۆز يوشۇرۇن كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرالمايدۇ؟ يېقىندىن بۇيان، ئۇنىڭ چۈشەنچىلىرىدە بەزى بۆسۈلۈشلەر كۆرۈلدى. ئۇ، تەلىماتىغا “بەسلىشىش” يەنى غىدىغلاش دەيدىغان بىر تاشقى مۇھىت دەيدىغان قوشۇمچە ئالدىنقى شەرتنى كىرگۈزىدۇ. ئەندى ئۇ، ئادەمدە قانداقتۇ بىر زىتلىق خاراكتىر كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، يەنى ئادەم بەزىدە پاسسىپلىشىش يۈزلىنىشى كۆرۈلۈپ تۇرسا، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا يەنە ھەرىكەتچانلىققا، تەرەققىي قىلىشقا مايىللىقمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدىكەن. ماسلوۋ بۇ ھالەتنى چۈشەندۈرگىنىدە، بۇنداق بولىشى فىزىئولوگىيىلىك سەۋەپلەردىن ئوتتۇرغا چىقىدىغان بىر ئەھۋال بولۇپ، ئادەم ئارام ئېلىشقا ياكى ئەسلىگە كېلىۋېلىشقا مۇھتاج. ئەمما بۇمۇ ئەينى ۋاقتىدا يەنە بىر تۈرلۈك مىجەز-خاراكتېر ئىنكاسى بولۇپ، ئادەم، ئۆزىگە ئېنېرگىيە – كۈچ توپلىۋېلىش ئېھتىياجىنى ھېس قىلىدىكەن. بىز بۇ قاراشنىڭ ئىلمىي ئىسپاتلىرىنى ۋاپات بولغان دوكتور گيورگ جېنسلېر گېپىپنىڭ كەڭ دائىرىلىك تەتقىقاتلىرى ئارىسىدىن تاپالىشىمىز مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭ «ئىنسانىيەت ئىش-ھەرىكىتىدىكى ئەڭ ئاز تىرىشچانلىق كۆرسىتىش پىرىنسىپى» دېگەن كىتابىدا بۇ ھەقتە خۇلاسە چىقىرىلغان.48
تۈپكى ئېھتىياجلارنىڭ تېخىمۇ ئېنىق ئالاھىدىلىكى
ئادەمنىڭ تۈپكى ئېھتىياجلىرى ئادەتتە يوقۇرىدا كۆرسىتىلگەندەك تەرتىپ بويىچە كۆرۈلىدۇ. ئەمما ھەممە ۋاقىتلا شۇنداق بولۇپ كېتىشىمۇ ناتايىن. ئالايلۇق، بەزى كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشىگە نىسبەتەن، ئۇلار ئۆزىنى تېخىمۇ ئەتىۋارلىق ھېس قىلىدىغان بولۇپ ئۆزگىرىشىمۇ مۇمكىن. ئۇزۇنغىچە ئىشسىز قالغان، ئۇزۇن يىل قۇرساق تويغۇزۇشنىڭلا غېمىدا قالغان بىرسى، چوڭقۇر قەلبىدىكى ئالىي ئېھتىياجلىرىغا بولغان ئېھتىياجى يوقۇلۇپ كېتىشى ياكى ئازىيىپ كېتىشى مۇمكىن. روھى بۇزۇلغان كېسەللەرنىڭ سۆيگۈ بىلەن دوستلۇققا بولغان ئېھتىياجى روشەنكى، پۈتۈنلەي بۇرمىلىنىپ بۇزۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، ئاقىۋەتتە ئۇلاردىكى سۆيگۈنى قوبۇل قىلىش بىلەن دوستلۇقنى قوبۇل قىلىش ئىشقى خوراپ تۈگەپ كەتكەن بولىدۇ. ئەلىۋەتتىكى، تارىختا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆز تۈپكى ئېھتىياجلىرىغا سەل قاراپ غايىۋى قۇربانلارغا ئايلىنىپ كېتىشىنىمۇ ئىنكار قىلالمايمىز.
كىشىلەرنىڭ تۈپكى ئېھتىياجىنى قامداپ كېتەلەيدىغان بىرەر مۇھىتتا تۇغۇلغان تەلەيلىك بىرسى ئۆزىنىڭ مىجەز-خاراكتېرىنى ئىنتايىن مۇكەممەل بىر شەكىلدە تەرەققىي قىلدۇرالىشى، ھەتتا ئۇزۇن مەزگىلگىچە بۇ تۈر تۈپكى ئېھتىياجلىرىدىن مەھرۇم بولۇپ قېلىش ياكى توسالغۇغا ئۇچرىشىغىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇپ يېتىلىشى مۇمكىن. ئادەمنىڭ بالىلىق ۋاقتىدا، بولۇپمۇ تۇغۇلۇپ ئىككى ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ تۈردىكى تۈپكى ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرىۋالغان بولىشى بەكلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خۇددى ماسلوۋنىڭ ئېيتقىنىدەك، “بالىلىق دەۋرىدىلا بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشىپ ئىرادىلىك بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلگەن بىرسى، كېيىنكى تۇرمۇشىدا ھەر قانچە تەھدىتكە ئۇچرىسىمۇ، ئۇنداق بىرسى يەنىلا بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ھەمدە ئىرادىلىك خاراكتېرغا ئىگە بولۇپ كېتەلەيدۇ.”
ماسلوۋ يەنە، كىشىلەرنى ئورتاق ئېھتىياج قاندۇرۇش تەرتىبىگە بەكلا چىڭ ئېسىلىۋالماسلىق كېرەك دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ. بىز ھەرگىزمۇ تاماققا بولغان ھەۋەس پۈتۈنلەي قاندۇرۇلۇپ بولۇنغاندىن كېيىنلا ئاندىن بىخەتەرلىك ئېھتىياج ئوتتۇرغا چىقىدۇ دەپ قارىۋالماسلىقىمىز كېرەك؛ ياكى بولمىسا بىخەتەرلىك ھەۋىسى پۈتۈنلەي قېنىپ بولغاندىلا ئاندىن سۆيگۈ ئېھتىياجى پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ دەپ تونىۋالماسلىقىمىز كېرەك. بىزنىڭ جەمىيىتىمىزدىكى بەكلا كۆپ كىشىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم تۈپكى ئېھتىياجى قىسمەن قاندۇرۇلغان، يەنە بىر مۇنچە تۈپكى ئېھتىياج تۈرلىرى تېخى قاندۇرۇلمىغان بولىدۇ. دەل شۇ قاندۇرۇلۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئېھتىياجلار كىشىىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى قاتتىق تېزگىنىگە ئېلىۋالالايدۇ. ئەگەر قايسى بىر ئېھتىياجى قاندۇرۇلىشى بىلەن تەڭ، ئۇ ئېھتىياج ئۇ كىشىنىڭ خاراكتېرىغا قايتا تەسىر كۆرسىتەلمەس بولۇپ ئۆزگىرەيدۇ. “بىرەر ئېھتىياج تۈرى قاندۇرۇلۇشى ھامان،49 ئۇ ئېھتىياج كىشىنىڭ تۈپكى ئېھتىياجلىق ھالىتىدىن چىقىپ كېتىدۇ.”
كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تۈپكى ئېھتىياجلىرىنى بەلكىم تونۇپ يېتەلىشى ياكى ھېس قىلالماي ئۆتكۈزىۋېتىشىمۇ مۇمكىن. “ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تۈپكى ئېھتىياجلىرىنى تونۇپ يېتەلىشى ھېس قىلالماي ئۆتكۈزىۋېتىپ قېلىشىدىن ئاز بولىدۇ. … شۇنداقتىمۇ مۇۋاپىق ئۇسۇل ۋە پىشىپ يېتىلگەن بىرسىنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ تۈردىكى تۈپكى ئېھتىياجلىرىنى ئاز-تۇلا پەرق قىلىپ ئالالىشىمۇ مۇمكىن.” خۇددى يوقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەندەك، ئادەم ئىش-ھەرىكىتى نۇرغۇنلىغان كۈچلەرنىڭ تەسىرىدە روياپقا چىقىدىغان بىر ئەھۋال. يەنى ئادەم ئىش-ھەرىكىتى بىر قانچە تۈرلۈك تۈپكى ئېھتىياجنىڭ بىرلىكتە تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ نەتىجىسىدە ئوتتۇرغا چىقىدىغان بىر ھادىسە بولىشىمۇ، كىشىلىك ئادەتلىرىنىڭ، بۇرۇنقى تۇرمۇش تەجرىبىلىرى، ئىقتىدارى ياكى قابىلىيىتى ۋە شۇنىڭدەك تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئوتتۇرغا چىقىدىغان بىر ھادىسە بولىشىمۇ مۇمكىن. ئالايلۇق، “ئۈستەل” دېگەن بۇ سۆزنى ئاڭلىغىنىمدا مېنىڭ ئەقلىمگە كېلىدىغىنى خاتىرەمدە قالغان بىرەر ئۈستەل ياكى ئورۇندۇقنى ئېسىمگە كەلتۈرۈشۈم مۇمكىن. شۇنداق ئىكەن، بۇنداق ئىنكاس قايتۇرۇشۇم يوقۇرىدا مەن ئېيتىپ ئۆتكەن تۈپكى ئېھتىياجلار بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق بىر ئىنكاس قايتۇرۇش ھېسابلىنىدۇ.
بەلكىم بۇرۇنقى پسىخولوگىيەلەردىن خەۋىرى بولغان كىشىلەر بۇنداق قاراش كۆپ قىسىم ئىش-ھەرىكەت پسىخولوگلىرى ئۈچۈن بەكلا ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان قاراشلاردىن بولىشى مۇمكىن. ماسلوۋ بۇ نوقتىنى “ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، قەتئىي گۇمان قىلىشقا بولمايدىغان، ھەتتا پەقەتلا رەددىيە بېرىشكە بولمايدىغان پسىخولوگىيە پىرىنسىپلىرى ئەتراپىمدىكى مۇھىت ئىچىدە يىمىرىلىپ كېتىدۇ. … راستچىل، ساپلىق ۋە ئىستېتىكىلىقلار ئوتتۇرسىدا بۈگۈنكى مەدەنىيەت مۇھىتىدىكى ئادەتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن مەجبورى تۈستە باغ قۇرالىشى مۇمكىن، بەلكىم روھى ساغلام بولمىغان كىشىلەردىكى ئەھۋال تېخىمۇ بەتەر بولۇىشى مۇمكىن. پەقەت مۇكەممەللەشكەن، پىشىپ يېتىلگەن، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرالىغان ھەمدە ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدىغان كىشىلەردىلا بۇ ئۇقۇملار بىر-بىرى بىلەن زىچ باغلىنىش ياسىيالىشى، پۈتكۈل ئەمەلىي پائالىيەتلىرىدە بۇنداق تۇيغۇلار بىر پۈتۈنلۈك ھالىدا نامايەن بولالىشى مۇمكىن. مەن بۇ يەردە مۇنداق بىر ئىزاھاتنى قوشۇپ ئۆتىمەن: باشقا كىشىلەر يۈكسەك ھاياجان ھالىتىدە تۇرىۋاتقىنىدىمۇ بۇنداق ئەھۋال روي بېرىشى مۇمكىن.
“ئەگەر بۇنداق بىر سېزىم نەتىجىسىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدىغانلا بولىدىكەن، بۇنداق ھادىسە بۈگۈنكى كۈندە بارلىق ئىلمىي قاراشلارنىڭ ئاساسى ئاكسىيومىلىرى بىلەن پۈتۈنلەي زىت ھالدا ئوتتۇرغا چىقىدۇ. بۇنداق ئاساسى پىرىنسىپ مۇنداق بىر پىرىنسىپتۇر: كىشىنىڭ بىلىشى قانچىكى ئوبىكتىۋ، كىشىنىڭ ھېسسىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماس بولۇپ روي بېرىدىغانلا بولىدىكەن، ئۇنداق ھالەت قىممەت قارىشىدىن شۇنچە يىراقلاشقان بولىدۇ. ئادەتتە زىيالىلار ئەمەلىيەت بىلەن قىممەتنى ھەر دائىم بىر-بىرسىگە زىت ئۇقۇم، بۇ ئىككىسى ھەرگىزمۇ بىر-بىرىگە ماس كەلمەيدۇ دەپ تونۇيدۇ.”50
تەرەققىيات ئېھتىياجى
ئالدىنقى بەتلەردە كۆرسىتىلگەن تۈپكى پسىخولوگىيىلىك ئېھتىياجلارنى دوكتور ماسلوۋ «مۇددا ۋە خاراكتېر» دېگەن كىتابىدا چوڭقۇرلاپ ئىزاھلاپ ۋە رەتكە تىزىپ تۈرلەرگە ئايرىپ چىقىدۇ. ماسلوۋ بۇ ھەقتە تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىقات قىلىپ، «مەۋجۇتلۇق پسىخولوگىيىسىگە ئۆتۈش يولى» دېگەن كىتابىدا بۇ تۈر تۈپكى ئېھتىياج پىرىنسىپلىرىغا كەڭ كۆلەملىك ۋە ئېنىق چۈشەنچىلەرنى بېرىپ ئۆتىدۇ.
ماسلوۋ بۇ جەرياندا تېخىمۇ يوقۇرى قاتلاملىق بىر قاتار يېپيېڭى ئېھتىياجلارنى كەشىپ قىلىدۇ. ئۇ بۇ ئېھتىياجلارنى تەرەققىيات ئېھتىياجى (يەنى مەۋجۇتلۇق قىممەتلىرى، ئىلگىرلەش ئېھتىياجى) دەپ ئاتاپ، قالغان تۈپكى ئېھتىياجلاردىن ياكى كام بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئوتتۇرغا چىقىدىغان ئېھتىياجلاردىن پەرقلەندۈرىدۇ. ئۇ، ئادەمنىڭ بۇ تۈردىكى ئالىي ماھىيىتى ئۇنىڭ تۈۋەن دەرىجىلىك ماھىيىتىنى ئاساس قىلغان، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئالى دەرىجىلىك ئېھتىياجلار “غۇلاپ چۈشىدۇ” دەيدۇ. ئۇ يەنە، “ئالىي ئېھتىياجلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، ئادەملىك پسىخولوگىيىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېغىرلىق نۇقتىسىدۇر. بۇ تۈردىكى ئېھتىياجلار بىئولوگىيىلىك ئاساسلارغا ئىگە، ئادەم ماھىيىتىنىڭ بىر قىسمى. …” شۇنداق ئىكەن، ئادەم دەسلەپتە بىر قاتار تۈپكى ئېھتىياجلار ئاساسىدا ھەرىكەت كۈچىگە ئېرىشىدۇ. ئادەمنىڭ بۇ تۈردىكى تۈپكى ئېھتىياجلىرى قاندۇرۇلغىنىدىن كېيىن، بۇ ئادەم تېخىمۇ يوقۇرى قاتلامغا يۈرۈش قىلىپ، تېخىمۇ يوقۇرى قاتلاملىق تۈپكى ئېھتىياجلاردىن ھاياتلىق ئېنېرگىيىسى ئېلىشقا باشلايدۇ دەيدۇ. خۇددى يوقۇردا توختىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ماسلوۋ بۇ كۈچنى كېيىن ئورتىغا چىقىدىغان ئىستەك (metamotıvatıon) دەپ ئاتايدۇ.
بۇ تۈر تېخىمۇ يوقۇرى دەرىجىلىك ئېھتىياجلار بىلەن تېخىمۇ يوقۇرى بالداقتا تۇرىۋاتقان بىرسى ئوتتۇرسىدا مەلۇم بىر پەرق بار؛ ئەمما ماسلوۋ بۇ تۈر پەرقنى سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشنىڭ بەكلا قىيىن ئىكەنلىكىنىمۇ سېزىدۇ. ئۇنىڭ پەرق قىلىشىچە، بۇنداق يوقۇرى پەللىدە تۇرىۋاتقان بىرسى بەكلا مول تۇرمۇش پائالىيەتلىرىگە ئىگە، شۇنىڭدەك بۇ تۈر تۇرمۇش پائالىيەتلىرىدە ئىستىخىيىلىك بىلەن پائالىيەت قىلىدىغان، ئىپادىلەشكە ئۇستا، بەكلا سەمىمىي، ھېچ نېمىدىن غەم قىلىپ كەتمەيدىغان، گۇيا چىقماقچى بولغان تاغ چوققىسىغا ئاللىمۇقاچان چىقىپ بولغاندەك، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ھالىتى تاغنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ تۆۋەنگە قاراپ سىرىلىپ چۈشكىلىۋاتقان بىرسىدەكلا روھى ھالەتتە ياشايدۇ. بۇ تۈردىكى قىممەت ئالاھىدىلىكلىرى بىر-بىرىگە باغلانغان بولىدۇ؛ ئەگەر بۇ ھەقتە بىرەر ئېنىقلىما بېرىشكە توغرا كەلسە قالغانلىرىغىمۇ شۇنداق توغرا ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ. ماسلوۋ، مەۋجۇتلۇق قىممىتى (بېىڭ-ۋالۇېس) نى كەشىپ قىلىپ قاتارغا تىزىپ چىقىدۇ:
“1. مۇكەممەللىك (بىر پۈتۈنلۈك، پۈتۈنلەشكەن، بىر مەنبەلىككە مائىل؛ ئۆزئارا باغلىنىشلىق؛ بىر خىللىق؛ تەشكىللىك؛ بىر پۈتۈن قۇرۇلمىلىق؛ ئىككى قۇتۇپنىڭ زىدتلىشىشىدىن ھالقىغان؛ رېتىملىق).51
2. تولغان (زۆرۈرىي؛ توغرا؛ دەل جايىدا؛ تەبىئىي شۇنداق؛ مۇۋاپىق؛ ئادالەتلىك؛ بىخەتەر؛ بەئەينى شۇنداق بولىشى كېرەك) .
3. تاماملانغان (ئاخرلاشقان؛ ئاخىرى چىقىرىلغان؛ ئادىل؛ تولۇق پۈتكەن؛ ئىشقا ئاشقان؛ تولۇق ئاخىرىغا يەتكۈزۈلگەن؛ ئېنىق سانى بولغان؛ تەغدىر).
4. ئادالەتلىك (ئادىل؛ تەرتىپلىك؛ قانۇنلۇق؛ شۇنداق بولىشى كېرەك)
5. جانلىقلىق (ئېنىق جەريانى بار؛ بۇرۇختۇرمىلىق بولمىغان؛ ئىستىخىيىلىك؛ تەبىئىي قائىدىسى بويىچە؛ تولۇق رولى بار)
6. موللۇق (پەرىقلىق؛ مۇرەككەپلىك؛ كىرىشىپ كەتكەن)
7. ساددا (سەمىمىي؛ ئاشكارە ئېتراپ قىلىش؛ مۇھىم نوقتىلىق؛ ئابىستراكىتلىق؛ ماھىيەتلىك؛ ئوچۇق قۇرۇلمىلىق)
8. گۈزەل (توغرا؛ كۆڭۈلدىكىدەك؛ تىگىشلىك؛ خالىس؛ شەپقەتلىك؛ سەمىمىيلىك)
9. ياخشى (توغرا؛ كۆڭۈلدىكىدەك؛ مۇقەررەر؛ ئادىل؛ رەھىمدىل؛ سەمىمىي)
10. ئالاھىدە (ئالاھىدە؛ ئۆز ئۇسلۇبى بولغان؛ ئوخشىشى يوق؛ ئاجايىپ يېڭىلىقچى)
11. يەڭگىل (ئىختىيارى؛ جىددىيلەشمەيدىغان؛ كۈرەشچان ياكى قىيىنچىلىققا چىداملىق؛ نازۈك؛ مۇكەممەل؛ ئىستېتىك كۆرۈنىدىغان)
12. كۆڭۈللۈك (چاخچاقچى؛ خۇشال-خۇرام؛ قىزىقارلىق؛ كۆڭۈللۈك؛ يۇمۇرلۇق؛ كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق؛ ئۆزىنى بەكلا يەڭگىل ھېس قىلىدىغان)
13. ئەمەلىيەتچان، راستچىل، سەمىمى (ئېتراپ قىلىدىغان؛ مۇرەككەپ بولمىغان؛ مول، تېگىشلىك؛ گۈزەل؛ ساپ، پاكىز؛ راستچىل؛ مۇكەممەل؛ ماھىيەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان)
14. ئۆزىنى قاندۇرۇش (ئىختىيارى؛ مۇستەقىل؛ يولۇققاندا خاتىرجەم؛ ئۆزى ھۆكۈم قىلىدىغان؛ مۇھىتتىن ھالقىغان؛ ئايرىلىپ تۇرىدىغان؛ ئۆز قائىسى بويىچە ياشايدىغان)”
پاكىتلار
«مۇددا ۋە ئۆزلۈك» دېگەن كىتاب 1954-يىلى نەشرى قىلىنغان ۋاقتىدا، كىتاپتا ئاز دېگەندە 12 ساھە بويىچە تۈپكى ئېھتىياج نەزەرىيىسى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.52 شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ماسلوۋ بۇ نەزەرىيەسى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پاكىتلارنى توپلاشقا تىرىشىپ كېلىدۇ.
يېپ يېڭى ئۇنىۋېرسال مۇددا نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرغا قويماقچى بولغانلىقىغا ئاساسلىق سەۋەبلەردىن بىرسى شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم بولغان سەۋەب شۇكى : بۇندىن بۇرۇنقى نەزەرىيىلەر ئادەم مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقتا بىر تەرەپتىن يېتەرسىز قالسا، يەنە بىر جەھەتتە بىلىنگەن بارلىق مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيتتى . ”… كىلىنكىلىق پسىخولوگلار ، روھىي كېسەللىك دوختۇرلار ، پسىخوئانالىزشۇناسلار ، ئىجتىمائىي خىزمەتچى خادىملار شۇنىڭدەك يەنە باشقا بارلىق كىلىنكىلىق دوختۇرلار ئىش-ھەركەتچىلىك نەزەرىيەلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، زادىلا پايدىلانمايدۇ. ئۇلار بىر تۈرلۈك بەكلا جاھىل پىكىر قىلىش ئۇسلۇبىدا چىڭ تۇرۇپ كەمتۈكلۈك نەزىرىيىسى ئاساسىدا ئومۇمىي يۈزلۈك ۋە ئەمەلىي قوللۇنۇشلۇق بىر تۈزۈلمىنى بەرپا قىلىشقا قەتئىي چىڭ تۇرماقتا ئىدى. شۇڭا ئۇلارنى نەزەرىيەچى دېگەندىن كۆرە قانداقتۇ بىر ئەمەلىي ئىش قىلغۇچىلار دېيىش مۇمكىن ئىدى.“ ئالايلۇق، ئىش-ھەرىكەتچىلىك قارىشىدىكىلەر سۆيگۈ ئېھتىياجى تۇغۇلۇشتىنلا بار بولغان ھادىسە بولماستىن كېيىن ئوتتۇرغا چىقىدىغان بىر ھادىسە دەپ قارىشاتتى. ”ئەمما ئومۇمىلاشقان كىلىنكىلىق تەجرىبىلەر بۇنى پەقەتلا ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ. ― دەيدۇ دوكتور ماسلوۋ، ― مېنىڭ بىلىشىمچە، بىرمۇ ئەمەلىي تەجرىبە يوقكى، بۇنداق قارالغان بىرمۇ سۆيگۈ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، يۇرت ھېسسىياتى، ھۆرمەتلىنىش ئىستىگى، چۈشىنىش ئارزۇسى قاتارلىقلارنىڭ ھېچقايسىدا كېيىن ئوتتۇرغا چىققان ئېھتىياج دېگەننى ئىپادىلەيدىغان بىرەر ئالامەت ئىسپاتلانغىنى يوق.“
بىر قانچە تۈرلۈك كىلىنكىلىق تەجرىبىلەردە ― مەسىلەن ۋ. گودنىڭ ئېلان قىلغان كىلىنكىلىق تەجرىبىلەردە، ― دارىلئاجىز ئورگانلىرىدىكى بالىلار، باشقا بارلىق فىزىيولوگىيىلىك ئېھتىياجلىرىنىڭ ھەممىسى دېگىدەك قاندۇرۇلغان بولىشىغا قارىماي، سۆيگۈگە ئېرىشەلمەي قالغانلىرىدا پسىخولوگىيىلىك نورمالسىزلىق ئالامەتلىرىنى ئىپادىلەيدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. ”ھەر بىر روھىي كېسەللىكلەر داۋالاش ئېقىمى، ھەربىر پسىخوئانالىز ئېقىمى، كىلىنكىلىق پسىخولوگىيە، جەمىيەت خىزمەتلىرى ياكى ھەر قانداق بىر بالىلار داۋالاش ئېقىمىدىكىلەر قالغان جەھەتلەردە ھەرقانچە پىكىر ئىختىلاپلىرى كۆرۈلىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئىنىستىنكىتلىق ياكى ئىنىستىنكىتلىققا ئوخشاپ كېتىدىغان ئېھتىياجلار ھەققىدىكى تەلىماتلارنى ئوتتۇرغا قويماي تۇرالماسلىقتەك ئورتاقلىقى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرماي قالمايتتى.“
ئاتاغلىق ئىنسانىيەتشۇناس ئاشلېي مونتاگ مۇنداق دەيدۇ: ”قولىمىزدىكى ئېسىل پاكىتلار شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، بۇۋاقلار سۆيگۈگە ئېھتىياجلىقلا بولۇپ قالماستىن يەنە سۆيگۈ بېرىشكىمۇ مۇھتاجلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئىپادىلىمەكتە. بۇۋاقلاردىكى بارلىق ئىنتىلىش، ئارزۇ ۋە ئىستەكلەر سۆيگۈگە ئېرىشىش ۋە بېرىش نوقتىسى ئاساسىدا ئىپىدىسىنى تاپماقتا. ئەگەر بۇۋاقلار بۇنداق سۆيگۈ ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگىنىدە بۇۋاق سۆيگۈ بېرىش ئىقتىدارىنىمۇ كۆرسىتەلمەيدۇ. ― بۇ ئەھۋال بۇۋاقلاردىلا شۇنداق بولۇپ قالماستىن بەلكى تا ئۆسمۈرلۈك دەۋرىلىرىگىچە ھەتتا قورامىغا يەتكىچە سۆيگۈ ئېلىپ بېرەلمەسلىك ئەھۋالىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.“
مونتاگ يەنە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى بىر قانچە قېتىملىق تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى تىلغا ئالغىنىدا، بۇ تەكشۈرۈشلىرىنىڭ نەتىجىسى ھەقىقەتەنمۇ كىىشىنى قاتتىق چۈچىتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن: بۇنىڭ تىپىك ئۈلگىسىدىن بىرسى شۇكى، ”دوكتور ھېنرىگ شاپت دوكلاتىدا، ئامېرىكىدىكى ئون نەچچە يەسلىخانىدا بىرسىدىن باشقا قالغانلارنىڭ ھەممىسىدىلا دېگىدەك بۇۋاقلار ئىككى ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كەتكەن.53 “ دوكتور مونتاگ بۇ ئاپەتنىڭ سەۋەبىنى بالىلاردا سۆيگۈگە ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن سەۋەب بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ماسلوۋنىڭ تۈپكى ئېھتىياج نەزەرىيىسى ”ئورگانىزىم ئەقلى“ بولغان ھايۋانلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان يۈزلەرچە تەجرىبىدىمۇ ئىسپاتلانغان ئىدى. ۋولت كېنۇن «ئورگانلار ئەقلى» دېگەن كىتابىدا (نېۋتون، 1932-يىلى) بۇ جەھەتتە كەڭ دائىرىدە بايان قىلىدۇ. كۇرت لىكت ئىختىيارى تاللىۋالغان ھايۋانلار ئۈستىدە قىلغان تەجرىبىلىرىدىمۇ، بۆرەك ئۈستى بېزىنى يوقاتقان ھايۋانلار يەيدىغىنىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ھاياتىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. ئۇ دوكلاتىدا يەنە بۆرەك ئۈستى بېزى راكىغا گرىپتار بولغان بىر بالا ئىنىستىنكىتلىق ھالدا زور مىقداردا تۇز يېيىش ئارقىلىق ھايات قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ۋ. ف. دافمۇ ئەگەر توخوغا يەپ ئىچىدىغىنىنى تاللاش ئىختىيارىغا قويۇلغىنىدا ئۇلارمۇ ھەر تۈرلۈك نەرسىلەرنى تاللاپ يەيدىغانلىقىنى سەزگەن. بەزى توخولار يەنە بەزى توخولارغا قارىغاندا بۇنداق ئارىلاشتۇرۇپ تاللاپ يېيىشكە تېخىمۇ قابىلىيەتلىك كېلىدىغانلىقىنى، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ باشقا توخولاردىن تېخىمۇ بەكرەك بەستلىك بولۇپ يېتىشىدىغانلىقىنى كۆرگەن؛ توخولار ئارىسىدىكى ئارىلاشتۇرۇپ يەم تاللاش ئىقتىدارى يوق بولغانلىرىغىمۇ تاللاش ئىقتىدارى يوقۇرى بولغان توخولار يەيدىغان يەملەرنى بېرىپ بېقىلغىنىدا ئۇلارنىڭمۇ بەستلىك ساغلام يېتىلىشكە باشلىغانلىقىنى، ئەمما ھەر قانچە بولسىمۇ ئەركىن تاللاپ يېيىش ئىقتىدارىغا ئىگە توخولارغا قارىغاندا بەرىبىر ئاجىز بولۇپ قالىدىغانلىقىنى كۆرگەن.
د. ۋ. لېۋمۇ كۈچۈكلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ھەر تۈردىكى ئېھتىياجلىرى ― ئالايلۇق سۈت ئېمىشى ― ئۈستىدە تەجرىبە ئۆتكەزگەن. بۇ جەرياندا ھايۋاننىڭ بىر ئېھتىياجى تولۇق قاندۇرۇلغىنىدا، بۇ ئېھتىياجىنىڭ يوقۇلىۋاتقانلىقىنى، ياكى بولمىسا بۇ ئېھتىياجىنى كېيىنكى ھاياتى بويىچە ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە ساقلاپ كېلىدىغانلىقىنى سەزگەن. ئەمما بۇ ئېھتىياجى بىرەر توسالغۇغا دۈچ كەلگىدەك بولسا بۇ ھايۋان مىجەز جەھەتتە نورىمالسىز ھالغا كېلىۋاتقانلىقىنىمۇ سېزىدۇ. لېۋ بۇ تۈر تەجرىبىنى باشقا ھايۋانلار ئۈستىدە سىناپ كۆرگىنىدە، ھەتتا بۇۋاقلار ئۈستىدە سىناق قىلىپ باققىنىدىمۇ يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش ئالامەتلەرنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقىنى سەزگەن. لېۋ يەنە بۇۋاقلاردىكى سۆيگۈگە ئېرىشىش ئېھتىياجى بىلەن ياخشى كۆڭۈل بۆلۈنگەن بۇۋاقلارنىڭلا يېتىلگەن ئادەم بولۇپ ئۆسەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. ئۇ يەنە ساغلام بىرسى بىلەن روھىي كېسەل بىرسىنىڭ ئائىلە ئارقا كۆرۈنىشىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ساغلام كىشىنىڭ بۇۋاق ۋاقتىدا، ئۇنىڭدىكى تۈپكى ئېھتىياجلارنىڭ تولۇق قاندۇرۇلۇپ بېقىلغانلىقىنى سېزىدۇ.
ئىلگىرى ئىش-ھەرىكەتچىلىك ئېقىمىنىڭ تېزگىنىدىكى ھومانىستلار يېقىنقى يىللاردا بەكلا كۆپ پاكىتلارنى قولغا كەلتۈرۈپ ماسلوۋنىڭ قاراشلىرىنى ئىسپاتلاپ چىقىدۇ. يەنى ”پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئاخىرقى ھەۋىسى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھېس قىلىدىغان ھەۋەسلىرىدەك ئۇنچىۋالا ئۆزگىرىشچان مۇرەككەپ بولمايدىغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ.“ شۇنىڭدەك يەنە بۇ تۈردىكى ئالاھىدىلىكلەر ئىرق ياكى كۈلتۈر ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئۆزگىرىپ قالمايدىغانلىقىمۇ دەلىللەنگەن. بۇ ھەقتە ماسلوۋ مۇنداق دەپ قارايدۇ: ”ھۇمانىست ساھەسىدە، دەسلىۋىدە ئەمەلىي ئىش ئورنىدا خىزمەت قىلغۇچىلار كۈلتۈر نىسبىلىك نەزەرىيىسىنىڭ تۇغۇلىشىغا رازى بولمايدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىدا،54 ھۇمانىست ئېقىمى ئىشارەت قىلىۋاتقان كىشى بىلەن كىشى ئوتتۇرسىدىكى پەرق ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى ئەمەلىي مەۋجۇت پەرقلەردىن بەكلا ئېغىر ھەمدە كىلىشەلمەسلىكلىرى كۆپ بولىدىكەن.“
دوكتور ماسلوۋ، كىلىنكىلىق ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئۆزىنىڭ تۈپكى ئېھتىياج نەزەرىيىسى ئۈچۈن دەلىل بولىدىغان ”ئالتۇن كانىغا“ ئېرىشەلىگەن ― بۇ ئىسپات، ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن تەجرىبىلەر بىلەن باشقا يۈزلىگەن داۋالىغۇچى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەجرىبىلىرىدۇر. ئۇنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن تەجرىبىلىرى ئۆزلىكسىز تۈردە شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تۈپكى ئېھتىياجلىرى قاندۇرۇلغان كىشىلەر ھەر ۋاقىت تېخىمۇ ساغلام، تېخىمۇ بەخىتلىك كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىش بېجىرىشلىرىمۇ شۇنچە ئۆنۈملۈك بولۇپ تۇرىدىكەن. ئەكسىنچە، تۈپكى ئېھتىياجلىرى توسالغۇغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدىلا روھىي غەلىتىلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن. بەك مۇھىم ھېسابلىنىپ كەتمەيدىغان ھەۋەسلەر ― تۈپكى ئېھتىياج تەۋەسىگە مەنسۈپ بولمايدىغان ھەۋەسلەر ― نىڭ قاندۇرۇلۇشى توسالغۇغا يولۇققىنىدا، ئىش-ھەركەتچىلىك ئېقىمىدىكىلەر بارلىق ھەۋەسلەر توسالغۇغا يولۇققىنىدا يامان ئاقىۋەت كۆرۈلىدۇ دەپ ھەر قانچە چىڭ تۇرغىنى بىلەن ھېچ قاچان ساغلاملىققا زىيانلىق كېسەللىك ئالامەتلەر كۆرسەتمەيدىكەن. ئادەمنىڭ ھەقىقىي ئۆزلۈكىنى داۋالاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر ― س. روگېس، ئې. فروم، ك. خورن قاتارلىقلار ― پايدىلىنىۋاتقان ئۇسۇل ئارقىلىق سۆيگۈنى، جاسارىتىنى ۋە ئىجادىي كۈچىنى ئارتتۇرۇپ، قورقۇنچىنى ۋە ئۆچمەنلىكىنى ئازايتىپ بېرىدىغانلىقىنى سەزگەن. بۇ شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، سۆيگۈ، جاسارەت، ئىجاتچانلىق قاتارلىق قابىلىيەتلەرنىڭ ھەممىسىلا تۇغما قابىلىيەت ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇلارنى قايەردىن كەلگەن دېيىش كېرەكلىكىنى بىلەلمەي قالىمىز. خۇددى روگېسنىڭ ئېيتقىنىدەك، ”ئادەم بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆزەمنى قانچىكى چوڭقۇرلاپ تونىيالىغان بولسام، ئۆزەمنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان ئورتاق نوقتىلىرىمنىمۇ شۇنچە كۆپ سېزەلەيمەن.“ ماسلوۋ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”ئەگەر چوڭقۇرلاپ كۈزىتىش ئارقىلىق بىرەر ئالاھىدىلىكنى قانچىكى كۈچلۈك ھېس قىلالىساق، دېمەككى بۇ ئالاھىدىلىكىمىزنى بىزدە ئەزەلدىن بار بولغان ئالاھىدىلىك دەپ ئېيتىشقا ھەقلىقمىز.“ ئۇندىن باشقا، خۇددى خۇرنى بايان قىلغىنىدەك ئەگەر بىرەر كېسەلگە ياردەم قىلىپ ئۇنىڭدىكى تىت-تىتلىقنى يوقىتالىغان، ئۇنىدا تېخىمۇ كۆپ دوستانىلىقنى ئوتتۇرغا چىقىرالىغان، دۈشمەنلىكنى كامايتالىغان بولىدىكەنمىز، دېمەككى سۆيگۈنىڭ ئادەم مىجەزىدە تۈپكى ئېھتىياج ئىكەنلىكىگە، ئۆچمەنلىكنىڭ ئۇنداق ئېھتىياج ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلالايمىز.“
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇنداق بىر جۈملە سۆز بىلەن خۇلاسىلىشىمىز مۇمكىن: تۈپكى ئېھتىياجلار توسالغۇغا يولۇققىنىدا مىجەزدىكى غەلىتىلىكنى پەيدا قىلىدۇ؛ تۈپكى ئېھتىياجلار قاندۇرۇلغىنىدا مەيلى روھىي جەھەتتىن ياكى فىزىئولوگىيە جەھەتىدە بولمىسۇن ھامىنى ئادەمنى ساغلاملاشتۇرىدۇ. ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرالىغانلار تەتقىقاتى، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان بىرسى مەيلى خالىغان بىر كۈلتۈر مۇھىتىدا ياشايدىغان بىرسى بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇنىڭ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىرى پۈتۈنلەي ئوخشاش نەرسىلەر بولىدىغانلىقى كەينى-كەينىدىن ئىسپاتلانماقتا. يوقۇرى پەللە ھالىتى (كىتابنىڭ 5-بابىدا توختىلىدۇ) شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ھەرقانداق بىر كىشىدە، ئۇ مەيلى ئەڭ ئادەتتىكى كىشى بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، چوقۇم ”يوقۇرى ئۆنۈملۈك پەيتى“ بولىدۇ. ئۇلار يوقۇرى پەللە ھالىتىغا ئېرىشكەن ۋاقتىدا ھەممىسىلا ئالىي دەرىجىلىك ئېھتىياجلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولىدۇ. بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، تۈپكى ئېھتىياجلار گېنىتىك مىراستۇر.55
ماسلوۋ ئىش-ھەركەتچىلىك ئېقىمى ئاساسىدىكى مائارىپ تەربىيىسى كۆرىۋاتقان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ھېچ كىم ئوتتۇرغا چىقىپ ئادەمدە بىلىم ئېلىش ئېھتىياجى بولىدۇ دەپ باقمىغان بولۇپ، ئەكسىنچە ھەممە ئوقۇتقۇچى ئادەمدە بىلىش ئىقتىدارى بولىدۇ دەپلا ئېيتىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما ماسلوۋنىڭ ئې. ل. ساندس ئىسىملىك بىر پروفېسسورىنىڭ تەتقىقاتلىرى ئۇنى چوڭقۇر ئويغا سېلىپ قويغان ئىدى: ئادەمدە بىر ئېھتىمالدا بىلىم ئېلىشقا بولغان بىر ئېھتىياج مەۋجۇت بولىشى، شۇنىڭدەك بىلىم ئېلىش قابىلىيىتىمۇ بولىشى مۇمكىن دەيتتى. ساندس بىلەن ئۇنىڭ بىر قىسىم كەسىپداشلىرى ئەقلى نومۇرى بەكلا يوقۇرى بولغان ― يەنى 180 نومۇردىن يوقۇرى ئەقل كۈچىگە ئىگە بالىلار ئۈستىدە تەتقىقات يۈرگۈزگەن. تەتقىقاتچىلار بۇ بالىلار ئارىسىدىكى ھەر بىر بالىدا قانداقتۇ بىر زادىلا بىلىمگە قانماسلىقتەك قىزىقىش بولىدىغانلىقىنى سېزىدۇ. ھەتتا بۇ تۈر قىزىقىش باشقا بىرسىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىگىمۇ ئېھتىياجلىق ئەمەسلىكىنى، ئۇلار كۈچلۈك تەشنالىق بىلەن، كۈچلۈك ھەرىكەتچانلىق ياكى كۈچلۈك ئېھتىياجغا ئوخشايدىغان بىر ھالەتتە ئۇلاردا روي بېرىدىغانلىقىنى كەشىپ قىلىشقان.
خارد، ئوقۇغۇچىسى بىلەن بىرگە مايمۇن ئۈستىدە بىر مۇنچە تەجرىبىلەرنى ئىشلىگىنىدە، مايمۇنلارنىڭ ھېچ بىر مۇكاپات بېرىلمەيدىغان بولسىمۇ پۈتۈن زېھنىنى ئىشقا سېلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى سەزگەن. بۇنى پەقەت بۇ مايمۇندا بىر تۈرلۈك تۇغما قىزىقىش بولسا كېرەك، ئۇلار قىيىن مەسىلىلەرنى يەشكىنىدە بەلكىم كۆڭلى خاتىرجەم بولسا كېرەك دەپلا چۈشەندۈرەلىشىمىز مۇمكىن.
ئارىستوتل بىلەن پاگسېنلاردەك بۇنداق بىر-بىرسىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى ئىدىيولوگ ھەمدە باشقا بەكلا كۆپ پەيلاسوپلارنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك ئىنسان بالىسىنىڭ تەرەققىيات ۋە ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستىگى بولىدىغانلىقىنى كۈزەتكەن ھەمدە بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن. روھىي كېسەللىكشۇناسلار، پسىخوئانالىزشۇناسلار ھەمدە پسىخولوگلار ئارىسىدا گولدىستېيىن، رانك، جيۇڭ، خولتاي، فروم، مېي، روگېس قاتارىدىكى كىشىلەرمۇ بۇ تۈر ئالاھىدىلىكلەرنىڭ تۇغما تەبىئەتلىك بولىدىغانلىقىنى كەشىپ قىلغان.
ماسلوۋ، شەرق پەلسەپەسىنىڭ بۇ قارىشىنى بەكىرەك ئىسپاتلاپ چىققانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئارىستوتىلنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ھەققىدىمۇ بەكلا كۆپ بىر نەرسىلەر يازغانلىقىنىمۇ ھېس قىلىدۇ. ماسلوۋ مۇنداق دەيدۇ: بىز ئارستوتىلنىڭ قاراشلىرىنى قوللاپ قۇۋەتلىيەلىشىمىز مۇمكىن. گۈزەل تۇرمۇش ئادەمنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى بىلەن بىردەك يۈرىيدۇ؛ ئەمما بىز شۇنىڭغا ئۇلاپلا ئۇ ئادەمنىڭ ھەقىقى ماھىيىتى ھەققىدە ھېچقاچان يېتەرلىك بىلىمگە ئىگە بولالمىغان ... ئالايلۇق بىر ئادەم ئەگەر ئارىستوتىلنىڭ ئېيتقىنىدەك سىرتقى كۆرۈنۈشىدىنلا ئىنسانىيەتنى كۈزەتكىنىمىزدە ئاخىرى مۇقەررەر تۈردە مۇنداق بىر چۈشەنچىنى ئوتتۇرغا قويۇشقا مەجبۇرمىز: ئادەمنىڭ ماھىيىتى ھەرىكەتسىز ئۆزگەرمەس بولىدۇ. ئارىستوتىل قۇللۇق تۈزۈم رىياللىقىنى تولۇق قوبۇل قىلىۋالغان؛ شۇنداق بولغاچقا ئۇ ئەجەللىك بىر خاتا خۇلاسىغا كېلىپ قالغان. يەنى قايسى بىر كىشى ئەگەر بىر قۇل بولغىنىدا، ئۇنىڭ ماھىيىتى مۇتلەق تۈردە قۇللۇق ماھىيىتىدە بولىدۇ،56 شۇڭا ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر قۇل پايدىلىق بولالايدۇ دەپ قارىغان.
(رەسىم ئورنى)
ئابراھام ماسلوۋ ئېھتىياج قاتلاملىرى تەرتىۋى
ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغانلار
راستچىل
ياخشىلىق
گۈزەللىك
تېتىكلىك
ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ
مۇكەممەللىك
زۆرۈرلۈك
تاماملىماق
ئادىللىق
تەرتىپلىك
ئاددىلىق
موللۇق
كۆڭۈل ئازادىلىك
يەڭگىللىك
ئۆزىدىن رازىلىق
مەنىلىك
(بۇنىڭ يوقۇرسىدىكى قاتلاملار تەرەققىيات ئېھتىياجلىرى، بار بولغان قىممەتلەر ياكى كېيىنكى ئېھتىياجلار، بۇ تەرتىپ بويىچە ئوتتۇرغا چىقىشى ناتايىن)
***
(بۇ قاتلامغىچە بولغان ئېھتىياجلار ئەڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلار، يەنى كام بولغانلىقتىن كۆرۈلىدىغان ئېھتىياجلار)
ئۆزىنى قەدىرلەش
قەدىرلىنىش
***
سۆيگۈ ۋە تەۋەلىك
***
بىخەتەرلىك ۋە كاپالەت
***
فىزىيولوگىيىلىك ئېھتىياجلار
ھاۋا، سۇ، يېمەك، تۇرالغۇ، ئۇيقا، جىنىسى تۇرمۇش
***
تاشقى مۇھىت
ئېھتىياج قاندۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرى
ئەركىن، ئادالەت
تەرتىپ
رىقابەت (غىدىقلىنىش)57
5-بۆلۈم
ئادەمنىڭ يوشۇرۇن
ئۈچىنچى بۆلۈم
ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەتقىقاتى توغرىسىدا
ماسلوۋنىڭ روھى ساغلاملىقنىڭ تىپىك مىساللىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتى، دەسلىۋىدە مەخسۇس ئىلمى تەتقىقات پىلانى بويىچە باشلانغان بولماستىن، ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ باشلانغان ئىدى. ماسلوۋ، بۇ تۈردىكى تەتقىقاتىنىڭ بۇنچە ھاياجان پەيدا قىلالىغىدەك نەتىجىنى بېرىدىغانلىقىنى زادىلا قىياس قىلمىغان ئىدى. گەرچە تەتقىقات ئۇسلۇبى ئىلمى ئۇسۇل تەلىۋىگە ئۇيغۇن كەلمىسىمۇ، ئېرىشىلگەن نەتىجە ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم بىر نەتىجە ئىدى. خۇددى ماسلوۋنىڭ دېگىنىدەك، “روھى ساغلاملىق بىلەن روھى كېسەللىك مەسىلىسى شۇنچىلىك زىچ باغلانغانكى، ھەر قانداق بىر ئۇچۇرنى قاچۇرۇپ قويۇشقا بولمايتتى. ئەگەر بىز ئەنئەنىۋىي ئۆلچەم بويىچە ئىشەنچىلىك دەپ قارىلىدىغان ماتېرىياللارغا ئىرىشىشنى ساقلايمىز دەيدىكەنمىز، ئۇ ھالدا ئۆمۈر بويى كۈتۈشكە مەجبۇر بولىمىز.”
ماسلوۋنىڭ ئۆزىنى تولۇق ئىپادىلىيەلىگەن كىشىلەرگە بولغان قىزىقىشى ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسىتىت يىللىرىدىلا باشلانغان ئىدى. ئۇ ئەينى ۋاقتىدا ئالاھىدە چوقۇنىدىغان ئىككى نەپەر پروفېسسورنى تولۇق چۈشىنىشنى بەكلا ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ ئىككىسى ماسلوۋنىڭ دوكتورلۇق ئۈنۋانىنى بەرگەن، شۇنىڭدەك نيۇيوركقا كەلگەن ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىدى. ئۇنىڭ قىزىقىشى بۇ ئىككى نەپەر مائارىپچىنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىق بۇنچىۋالا ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان نەرسىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى تەتقىق قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ماسلوۋ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى خاتىرلەپ يۈرگەن ۋاقتىدا، ئۇنىڭ كاللىسىغا تۇيۇقسىزلا بۇ ئىككى نەپەر ئادەمنىڭ كىشىلىك مىجەزلىرىنى سېلىشتۇرۇپ بېقىش ئويى كېلىدۇ. چۇنكى بۇ ئىككى كىشىدە قانداقتۇ بىر ئورتاق نوقتىلىرى باردەك قىلاتتى. بۇ كەشپىيات، ياش ماسلوۋنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ بۇلارغا ئوخشايدىغان ئادەملەرنى باشقا يەرلەردىنمۇ تاپقىلى بولارمۇ دېگەن خىيالغا كەلتۈرۈپ ئىزدىنىشكە ئۈندەيدۇ. ماسلوۋ، ئەنە شۇ شەكىلدە تولۇق پىشىپ يېتىلگەن كىشىلەر ئۈستىدە كەڭ كۆلەملىك تەتقىق قىلىش ئىشى باشلىنىپ كېتىدۇ.
ماسلوۋنىڭ تەتقىقات ئوبېكتىپلىرى ئۆز تونۇشلىرى، دوستلىرى، ھازىرمۇ ياشاۋاتقان ياكى ئۆلۈپ كەتكەن داڭلىق كىشىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن تاللانغان ئىدى. ئۇنىڭ تەتقىقات ئوبىكتىۋى ئۈچۈن تاللىۋالغان بىرىنچى تۈركۈم ياشلىرى ئىككى مىڭ نەپەر ستۇدېنت ئىدى.23 ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئاران بىرلا نەپىرىنىڭ تولۇق پىشىپ يېتىلگەن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى پەرق قىلىدۇ. كېيىن ئۇ بلاندېس ئىنىستىتۇتىدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن يۈزدە بىر پىرسەنت ئەڭ ساغلام دەپ قارالغان كىشىلەرنى تاللاپ چىقىدۇ.
ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرالىغان دېگەن بۇ ئېنىقلىما يەنىلانۇرغۇن مۇجىمەللىكلەر بىلەن تولغان بىر ئۇقۇمدۇر. ماسلوۋ، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرالىغان دېگەن بۇ ئۇقۇمنى “تەبىئى ئالاھىدىلىك، قابىلىيەت، يوشۇرۇن قابىلىيەت دېگەندەك ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق قېزىپ چىقىرىپ پايدىلىنىشنى بىلىدىغانلار دەپ تەرىپلەيدۇ. بۇنداق بىرسى، ئۆزىنىڭ ئارزۇلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، ئۇنداق بىرسى قولىدىن كېلىدىغان ئىشلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تولۇق ئورۇنداشقا تىرىشىدۇ.” ئەكسىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرالىغان دېمەك، ئۇنداق بىرسىدە پسىخولوگىيىلىك مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس، نېرۋا كېسەللىك ياكى روھى كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمايدۇ دېيىش مۇمكىن. ئۆزىنى تولۇق ئىپادىلىيەلىگەن بىرسى ئىنسانلىقنىڭ ئەڭ تىپىك نەمۇنىسى ھېساپلىنىدۇ، بۇنداق كىشىلەر ماسلوۋ كېيىن “ئىزچىل تەرەققى قىلىپ تۇرىدىغان ئاز ساندىكى كىشىلەر” دەپ ئاتىغىنىدەك ئادەملەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ماسلوۋ، ئىش-ھەرىكەتچىلىك ئىلىمىنىڭ ئادەتتىكى بىر ئوبىكتىپنى تەتقىقات ئوبىكتىۋى قىلىپ تاللىۋېلىشتەك ئەنئەنىۋى تەتقىقات ئۇسۇلىدىن ۋاز كېچىدۇ. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئۇسۇلىنى مۇنداق بىر قانچە مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ: ئەگەر سەن بىرەر ئادەمنىڭ بىر چاقىرىم يولنى قانچىلىك تېزلىكتە بېسىپ بولالايدىغانلىقىنى ياكى قانداق قىلغاندا ئەڭ تېز بېسىپ بولالايدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولساڭ، ھەرگىزمۇ ئادەتتىكىچە يۈگۈرەلەيدىغان بىرسىنى تەتقىقات ئوبىكتىۋى قىلىپ تاللىۋالالمايسەن. سېنىڭ تەتقىق قىلماقچى بولغىنىڭ ئەڭ تېز يۈگىرەيدىغان ئادەمنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولىشى بولۇپ، ئۇنداق بىرسى “توختىماي تەرەققى قىلىپ تۇرىدىغان ئاز ساندىكى ئادەم” قاتارىدىكى بىرسى بولىشى كېرەك. پەقەت شۇنداق بىرسى بولغىنىدىلا، سەن بىر ئادەمنىڭ بىر چاقىرىم ئارىلىقنى قانچىلىك تېز بېسىپ بولالايدىغانلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تېپىپ چىقالىشىڭ مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، ماسلوۋ يەنە بۇنداق مۇكەممەل بىرسىنى تاللاشتا ئادەمنىڭ بەزى خاتالىقلىرى، يېتەرسىزلىكلىرى ياكى قاملاشتۇرالماسلىقىدك يېتەرسىزلىكلىرىگە قاراپلا بەزى مۇكەممەللىك نامزاتلىرىدىن چىقىرىۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنىمۇ سېزىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، پۈتۈنلەي كام-كۈستىسىزلىكنى بۇنداق مۇكەممەللىك نامزاتلىرىنى تاللاش ئاساسى قىلىپ ئالالمايسەن دېگەنلىك بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ھەر قانداق بىر نامزات ئۇنداق مۇكەممەل ئۈلگە ھالىغا كېلەلىشى مۇمكىن ئەمەس.
شۇنىڭدەك يەنە، مۇنداقمۇ بىر مەسىلە مەۋجۇت: كېلىنكىلىق خىزمەتلەردىكى ئادەتتىكى تەلەپلەر بويىچە بارلىق ئۇچۇرلارنى ھەر قانداق ئەھۋالدا تولۇق قولغا كەلتۈرەلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئېھتىمالى بار تەتقىقات ئوبېكتىۋى تەتقىقات ئۈستىدە ئۆزىنى خاتىرجەم تۇتۇپ بېرەلىشى ناتايىن بولۇپ، كۆپۈنچە تەبىئى قىياپىتىنى ئىپادىلىيەلمەي، تەتقىقاتچىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرىنى قىزىقارلىق ھېس قىلىپ كۈلۈپ كېتىشى ياكى بولمىسا تەتقىقات قىلىنىشتىن يېرىم يولدا بىراقلا ۋاز كېچىشىمۇ مۇمكىن. ماسلوۋنىڭ دەسلەپكى يىللاردىكى تەجرىبىلىرى بىزگە شۇنى ئۇختۇرماقتىكى، يېشى چوڭ ئوبىكتىپلارنى پەقەتلا ۋاستىلىق تۈردە، ئېھتىياتكارلىق بىلەن تەتقىق قىلىشلا مۇمكىنكى، بىۋاستە تەتقىق قىلىش ئىشى ياشلارغىلا مۇۋاپىق كېلىدىكەن.
ھازىرمۇ ھاياتتا بولغان داڭلىق بىرسىنى تەتقىق قىلىشتا، ئۇنداق بىرسىنىڭ ئىسمىنى ھەرگىزمۇ ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئادەتتىكى ئىلمى تەتقىقات خىزمەتلىرىدىن مۇنداق ئىككى تۈرلۈك تەلەپنى قاندۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق: بىر ئىشنى قايتىلاپ تەكشۈرۈش، ھەمدە بۇ ئىشتىن ئېرىشىلگەن ماتېرىياللارنىڭ خۇلاسىسىنى ئاشكارە ئېلان قىلىشقا ئىمكان يوق. تارىخى شەخىسلەر ياكى داڭلىق كىشىلەرنى تەتقىق قىلىشتا،24 شۇنىڭدەك ئەھۋاللارنى ئاشكارە ئېلان قىلىشقا بولىدىغان ياشلار بىلەن بالىلار ئۈستىدىكى تولۇقلىما تەتقىقاتلار ئارقىلىق بۇنداق يېتەرسىزلىكلەردىن ساقلىنىشقا بولىدۇ.
ماسلوۋ ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنى “كۈزىتىش ئۈلگىلىرى، تولۇق بولمىغان كۈزىتىش ئۈلگىلىرى، يوشۇرۇن ياكى ئىېھتىمال بولغان كۈزىتىش ئۈلگىلىرى” دېگەن ئۈچ تۈرگە ئايرىيدۇ. بىرىنچى تۈردىكى ئۈلگىلەرگە ئابراھام لىنكولىن، توماس جېففېرسون، ئالبېرت ئەينىشتېيىن، ئىلىنو روزۋېلت، جېن ئادامس، ۋېلھېلم ئومس، سپىنزورا، ئالفورت سۋىچ ۋە ئاردېس خوكىنلى () قاتارلىق كىشىلەرنى كىرگۈزىدۇ. “تولۇق بولمىغان ئۈلگىلەر” ئۈچۈن 5 نەپەر دەۋرنىڭ ھايات كىشىلىرىنى تاللايدۇ. گەرچە بۇ ئۈلگىدىكى كىشىلەر تەلەپكە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن بولۇپ كېتەلمىسىمۇ، يەنىلا تەتقىقات ئوبىكتىۋى قىلىپ پايدىلىنىش قىممىتى بارلار ھېساپلىناتتى. يوشۇرۇن ياكى ئېھتىمال بولغان ئۈلگىلەر قاتارىغا ماسلوۋ 20 نەپەر ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئىلگىرلەۋاتقان ياشلارنى، شۇنىڭدەك گ. ۋ. كاف، ئوۋىن ۋ. دېبۇس، توماس ئېيجىنس، فرىز كرىسلېر، گيوتى، پاۋلوۋ كاساس، مارتىن بوپ، دانىلو دورس، يوھان ئې. مورگان، جون جىرس، داۋىد شىرپوت، يوھان ۋېل، د. ت. سۇزۇۋچ، ئادلېي ستىۋېنسون، شارون ئالكىن، روبېرت بروۋندىن، ر. ۋ. ئېيمسون، فرېدېرىخ دوگلاس، جوسىف شۋىنپېت، روبېرت بېنچلېر، ئىيدا تابىر، خالىد تاپمان، گيورگ ۋاشېنگىتون، كارل مونشېيىنگىل، جوسېف ھالدون، كامىل بىسارو، ئېدۋارد بېبلىن، گيورگ ۋېلھېلم روۋس، پىيېر رىنوۋ، ھ. ۋ. رانفىلوۋ، پىتېر كروپاتكىن، جون ئاركىگارت، توماس مول، ئېدۋارد برام، بىنجامېن فرانكىلىن، جون مول، ئورت خۇدمان قاتارلىق كىشىلەرنى تاللىۋالىدۇ. بۇ كىشىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئادەتلىرىنى، ئالاھىدىلىكلىرىنى، مىجەزلىرىنى ۋە قابىلىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ماسلوۋ روھى ساغلاملىق ئېنىقلىمىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئادەم ھەۋىسى نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى تەتقىقات ئۇسلوبى ئىش-ھەرىكەتچىلىك ئىلمى ئۈچۈن يېپ-يېڭى بىر ساھە ئېچىپ بېرىدۇ. ماسلوۋ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: “ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغانلار تەتقىقاتى ئارقىلىق، بىز بۈگۈن بارلىق ئاساسلىق چۈشەندۈرۈشلەرگە ئېرىشەلىشىمىز مۇمكىن. بۇ چۈشەندۈرۈشلەر پەيلاسوپلار ئۈچۈن ئېيتقاندا كونا، ئەمما بىز ئۈچۈن يېڭى نەرسىلەر ھېسابلىنىدۇ.”25
ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
ماسلوۋ تەتقىقات ئوبىكتىۋى قىلىپ تاللىۋالغان داڭلىق كىشىلىرىنى “ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرالىغانلار، ياكى ئۆزىنى تولۇق ئىپادىلىيەلىگەنلەر” دەپ ئاتايدۇ. ئۇ، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرالىغان كىشىلەر “پەقەت يېشى چوڭىراق بولغان كىشىلەر ئارىسىدىلا كۆرۈلىشى مۇمكىن. ئۇنداقلار دائىم دېگىدەك شەيئىلەرنىڭ ئاخىرقى ھالىتىنى كۆزدە تۇتىدىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ھەرگىز ئۆمۈر بويىچە ئاكتىپ ھالەتتە بولىدىغان جەريانلارغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرمەستىن، ئۇلۇغ غايىلارنى كۆزلەپ ھەرىكەت قىلىشىدۇ. بۇ بىر ئۆزگىرىش جەريانى ئەمەس بەلكى بىر تۈرلۈك مەۋجۇتلۇق ھالەتتۇر” دەپ قارايدۇ.
ئادەتتە ئۆزىنى ئىپادىلەشنى بىلىدىغان كىشىلەر 60 ياشلىق ياكى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ ياشتىكى كىشىلەر بولغاچقا، مۇتلەق كۆپ قىسم كىشىلەر ئۆزىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان كىشىلەر قاتارىغا كىرمەيدىكەن. مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر تۇراغلىق ھالەتتە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنداق كىشىلەر تېخى ئۆزىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان باسقۇچقا كېلەلمىگەن بولىدىكەن. ئەمما ئۇلار ئىزچىل تۈردە پىشىپ يېتىلىش يولىدا كىتىۋاتقان بولىدىكەن. ئۆزىنى ئىپادىلەش جەريانى دېگەنلىك ھەقىقى ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش، ياكى ئۇنى كەشىپ قىلىش، شۇ پەيتتىكى ياكى يوشۇرۇن ساقلانغان قابىلىيىتىنى كەشىپ قىلىش جەريانىدۇر، دەپ قارايدۇ. ماسلوۋ كېيىنكى ئەسەرلىرىدە، بەلكىم بۇنى ئەڭ تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان سۆز “تولۇق مىجەزلىك” بولىشى مۇمكىن دەپ ئېيتىدۇ. شۇنداقتىمۇ كۆپ ھوسۇللۇق، ئۇتۇغلۇق، تالانتلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى پسىخىك ساغلام، پىشىپ يېتىلگەن ياكى ئۆزىنى تولۇق ئىپادىلىيەلىگەنلەر دەپ قاراشقىمۇ بولمايدۇ. ئىنتايىن داڭلىق بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پىسىخىكىسىنى (مىجەز-خاراكتېرىنى − ئۇ.ت) ئۇنچە بەك ساغلام دەپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ. مەسىلەن ئالايلۇق، بارون، ۋان گوك، ۋاگنېر قاتارلىق كىشىلەر ئەنە شۇنداق ئىنتايىن ئۇتۇغلۇق ئەمما پسىخىكىسى ئۇنچە بەك ساغلام بولمىغان كىشىلەردىن ئىدى. داڭدار كىشىلەر تەتقىقاتى ئارقىلىق، بىر قىسىم روھى ساغلاملىق ھەققىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئالاھىدىلىكلەر بارغانسىرى ئېنىق ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلىدى. تۆۋەندە ئىنسانلارنىڭ ئېسىل ۋەكىللىرىنىڭ بىر قىسىم ئورتاق ئالاھىدىلىكلىرى بايان قىلىنىدۇ.
بەلكىم بۇ تۈردىكى ۋەكىللىك كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى قاتارىدا، ئۇلارنىڭ ھاياتنى كۈزىتىش قابىلىيىتىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش مۇمكىن. ئۇنداق كىشىلەر ھاياتنى ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ قىلغىنى بويىچە ئەمەس بەلكى ھەقىقى قىياپىتى بويىچە كۆزىتىدۇ. ئۇلار شەيئىلەرنى كۈزەتكىنىدە بىر تۈرلۈك ئوبىكتىپ پوزىتسىيە بىلەن كۈزىتىپ، ھېسسىياتنى بەك كۆپ ئارىلاشتۇرىۋالمايدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر باشقىلاردىن ئاڭلىغان نەرسىلەر تولۇق راياللىق ياكى تولۇق سەمىمى ئېيتىلغان نەرسىلەر بولمىسىمۇ، ھامىنى باشقىلاردىن ئۆزلىرى ئاڭلاشنى خالايدىغان گەپلەرنىلا ئاڭلاشنى خالايدۇ. ئەمما ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا بېقىنىپ كۈزىتىشلىرىنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئادەمگە توغرا ھۆكۈم قىلىشى بىلەن پەرەزلەرنى پەرق قىلىش قابىلىيىتىگىلا قارايدىغان بولساق، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا كېتىۋاتقان كىشىلەر ئادەتتىكى كىشىلەردىن بەكلا كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىشىمىز مۇمكىن. ئادەتتە، بۇنداق كىشىلەرنىڭ توي قىلىدىغان ئوبېكتىپ تاللىشىدا،26 ھەر قانچە يىتەرسىزلىكلەر كۆرۈلگىنىدىمۇ بەرىبىر ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا يەنىلا تاللاش قابىلىيىتى كۈچلۈك ھېسابلىنىدۇ.
ئۇلاردا ئەنە شۇنداق ئالاھىدە تونۇش قابىلىيىتى بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان كىشىلەر ھەر دائىم تېخىمۇ غەيرەتلىك، تېخىمۇ ئېنىق ھەق-ناھەق قارىشىغا ئىگە كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار كېلەچەكنى توغرا مۆلچەرلەش سەزگۈسىگە ئىگە كىشىلەردۇر. بۇ تۈردىكى تولۇق كىشىلىككە ئىگە كىشىلەر تېخىمۇ ئۆتكۈر كۈزىتىش قابىلىيىتىگە ئىگە، تېخىمۇ ئېنىق ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ بۇ تۈر قابىلىيىتى كىشىلەرنى چۈشىنىشلەردىلا ئىپادىلىنىپ قالماي، سەنئەت، مۇزىكا، سىياسەت ۋە پەلسەپەلىك چۈشىنىش قاتارلىق ھاياتتىكى نۇرغۇن ساھەلەردە گۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان بىرسى نىقاپلانغان ياكى قالايماقانلىشىپ كەتكەن رىياللىقنى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ توغرا كۈزىتەلەيدۇ.
شۇنداقتىمۇ بۇ تۈر كىشىلەر بىر تۈرلۈك كىچىك پىيىل مىجەزلىك كىشىلەردۇر. ئۇلار باشقىلارنىڭ دېگىنىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ بېرىدۇ، ھەمدە ئۆزىنىڭ ھەممىنى بىلىپ كەتكەن بىرسى ئەمەسلىكىنى، باشقىلاردىمۇ ئۇنىڭغا ئۆگەتكىدەك نەرسىلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئېتراپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق سەمىمى ۋە ئاق كۆڭۈللىكى، ئۆزىنى مۇۋاپىق تۈردە چۈشىنەلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىشىدىنمۇ كەلگەن بولىشى مۇمكىن. ئۇلاردىكى بۇ تۈر ئەھۋالنى سەبىلەرچە ساپلىقى ۋە ئۆزىنى چوڭ چاغلىماسلىقى دەپ تەسۋىرلىشىمىز مۇمكىن. يەنى سەبى بالىلاردا دائىم دېگىدەك ئەنە شۇ خىل ئاداۋەت ساقلىمايدىغان، بالدۇر ھۆكۈم قىلىۋەتمەي باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىيالايدىغان قابىلىيەت كۆرۈلىدۇ. بالىلار ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدا ساپ، تەنقىدى بولمىغان كۆزدە دۇنيانى كۈزىتىپ، مەسىلىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگىلا دىققەت قىلىدىغان، تالاش-تارتىش قىلىپ كەتمەيدىغان، ئىشلارنىڭ باشقىچە بولىشى مۇمكىنلىكىنىمۇ چىڭ تۇرۇپ تەكىتلەپ كەتمەيدىغان ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان كىشىمۇ ئۆزى بىلەن باشقىلار ئۈستىدىكى مىجەزلەرگە ئەنە شۇ خىلدا مۇئامىلە قىلىدۇ.
ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان ئادەمنىڭ بىلىشى ھەۋەس، غەم-ئەندىشە، قورقۇش، ئارزۇ، قاراملارچە خوش بولۇش ياكى ئۈمىدسىزلىنىش قاتارلىقلارنىڭ بۇرمىلاش تەسىرىگە بەك كۆپ ئۇچرىمايدۇ. ماسلوۋ بۇ تۈردىكى ھۆكۈم قىلماي بىلىشنى “مەۋجۇت بىلىش (پەيتتىكى، شۇ ئاندىكى بىلىش being congnition)” دەپ ئاتايدۇ. ئۇ، بۇنى يەنە “ھەۋەس ئارلاشمىغان بىلىش” دەپمۇ ئاتايدۇ. پەقەت “مەۋجۇت بىلىش” نىڭ بولىشىلا يېتەرلىك بولمايدۇ. خۇددى ماسلوۋ كۆرسەتكىنىدەك، ئۇ يەنە ھەددىدىن ئارتۇق كەڭ قۇرساق بولۇش، پەرقلەندۈرمەي قوبۇل قىلىش ھەمدە قىزىقىشتىن مەھرۇم قىلىش قاتارلىقلارنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا، بۇ تۈر تولۇق پىشىپ يېتىلگەن كىشىلەر ئىككى تۈرلۈك ئۇسلوپتا تۇنۇشقا مايىل بولىدۇ: چوڭقۇر ئويلىنىش شەكلىدە (مەۋجۇت بىلىش) ۋە كەسكىن شەكىلدە تونۇشقا مايىللىق كۆرسىتىدۇ. بىلىشنىڭ ئىككىنچى خىل ئۇسۇلىغا ئۆتكىنىدە، قارار قىلىش، ھۆكۈم چىقىرىش، تەنقىتلەش، پىلانلاش ۋە ھەرىكەت قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىلا مۇمكىن بولىدۇ.
ماسلوۋ، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان كىشىلەرنىڭ ھەر دائىم قىلچە تەمتىرىمەي ئۆزلىرى مۇھىم دەپ قارىغان خىزمەتنى، ۋەزىپىنى، مەسئولىيەتنى ياكى كەسىپنى بېرىلىپ ئىشلەيدۇ؛ چۇنكى ئۇلار ئىشقا قىزىقىدۇ؛27 شۇنداق بولغاچقا، ئىش قىلغاندا ئەستايىدىل ۋە ھەۋەسلىنىپ تۇرۇپ ئىشلەيدۇ؛ شۇڭىلاشقا بۇنداق بىرسىنىڭ ئىش بىلەن ئويۇن ئوتتۇرسىدىكى چېگراسىنىمۇ ئېنىق پەرق قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئۇلار ئۈچۈن ئىش دېمەك كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان، كىشىنى تولۇق خوش قىلىدىغان بىر مەشغۇلات ھېسابلىنىدۇ؛ دېمەك، ئۇلار ئۈچۈن بىرەر مۇھىم ئىشقا پۈتۈن زىھنى بىلەن بېرىلىپ كېتىش ئىلگىرىلەش، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە بەخىتلىك بولۇشنىڭ زۆرۈر شەرتى ھېسابلانسا كېرەك؟ ئەمما ئۇلار ئۈچۈن قىلغىدەك مۇھىم بىر ئىشنىڭ بولىشىلا كۇپايە قىلمايدۇ؛ يەنى ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان بىرسى بۇ ئىشنى ئەڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشى ئىشلىگەن بولىشى كېرەك؛ ئالايلۇق، ئەگەر ئۇنداق بىرسى بىر تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولغىنىدا، ئۇنداق بىرسى چوقۇم ئەڭ ئىسىل تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولىدۇكى، ھەرگىزمۇ پۇتلۇشۇپلا يۈرىدىغان ئادەتتىكى بىر دوختۇر بولمايدۇ؛ بۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، ئۆزىنى تېزگىنلەپ مەشق قىلىپ چېنىقىشقا، كۆڭۈل ئېچىشتەك ھالاۋەتلىك كۈنلەردىن ئىمكان بار ئۆزىنى يىراق تۇتۇشىغا ئۆزىنى مەجبۇر قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ.
ماسلوۋ، بارلىق ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان كىشىلەر تەتقىقاتىدا ئىجادىيلىق ھەممىسىگىلا ئورتاق بىر ئالاھىدىلىك ئىكەنلىكىنى، ئىجادچانلىقنىڭ ساغلاملىق، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە مۇكەممەل كىشىلىك دېگەندەك ئۇقۇملار بىلەن تەڭ قىممەتلىك مەنىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى سېزىدۇ. بۇ تۈر كەشپىياتچانلىققا ماس كېلىدىغان ئالاھىدىلىك بولسا جانلىقلىق، ئىستىخىيىلىك، جاسارەتلىك، خاتالىشىشتىن قورقماسلىق، ئوچۇق ئاشىكارىلىق ۋە كەمتەرلىك مىجەزلەر بولىدىكەن. يوقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، نۇرغۇن جەھەتلەردە بۇ تۈر كىشىلەرنىڭ ئىجاتچانلىقى كىچىك بالىنىڭ باشقىلارنىڭ مازاق قىلىشىدىن ئەنسىرەشنى تېخى ئۆگىنىپ بولالمىغان، ھەممە نەرسىگە يېپ-يېڭى كۆز بىلەن قىلچە باھالىماي قارايدىغان ۋاقتىدا ئىپادىلەيدىغان ئىجاتچانلىقى بىلەن بەكلا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. ماسلوۋ شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، ئادەم ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا، بۇ تۈردىكى ئالاھىدىلىكلىرى دائىم يوقۇلۇشقا باشلايدىكەن. ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان بىرسى، بۇ تۈردىكى نەرسىلەرگە يېڭىلىق كۆزى بىلەن قارايدىغان سەبى كۈزىتىش مىجەزىنى يوقاتمىغان كىشىلەر ھېسابلىنىدىكەن. بۇنداق كىشىلەر، ئۇنداق بالىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقۇتۇپ قويغان تەغدىردىمۇ، ئۇلارنى كېيىنكى ھاياتلىق پائالىيەتلىرى جەريانىدا بەرىبىر قايتا تېپىۋالالايدىغان بولىدىكەن. ماسلوۋ مۇنداق دەيدۇ: “ئاساسەن ھەر بىر بالا ئالدىن پىلان قىلماي تۇرۇپ بىرەر ناخشا، بىرەر قوشاق، بىرەر ئۇسۇل، بىرەر پارچە رەسىم ياكى بىرەر تىياتىر، بىرەر ئويۇننى لايىھىلەپ چىقالايدىكەن.”
ئىستىخىيىلىك دېگەننىمۇ ئىجادچانلىق بىلەن تەڭ مەنىدىكى بىر ئۇقۇم دېيىش مۇمكىن. ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان بىرسى ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى بەك قىسىپ يۈرمەيدۇ. شۇڭا، ئۇلار بەكلا تەبىئى، بەكلا ساددا بىر شەكىلدە ئاسانلا ئۆزىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ. ئۇلار ئۆز ھېسسىياتلىرىنى، ئۆز چۈشەنچىلىرىنى يۇشۇرۇپ يۈرۈش ياكى ياسالمىلىق قىلىش زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلىپ كەتمەيدۇ. ئىجادىيەت ئۈچۈن جاسارەت كېرەك، تىك تۇرالايدىغان جاسارىتى بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىجادىيەتتە تەنقىد ياكى مازاق قىلىنىشلارغا قەتئى پەرۋا قىلمايدۇلا ئەمەس، ھەتتا ئۆز مەدەنىيەت ئادەتلىرىنىڭ تەسىرىگە قارشى تىركىشەلەيدىغان روھقا ئىگە بولىدۇ. “بىزنىڭ ھەربىر ئۇلۇغ ئىجاتچىلىرىمىز … ئاساسەن ئالغاندا يالغۇز بېشىغا كونا شەيئىلەرگە زىت كېلىدىغان يېڭى شەيئىلەرنى ئىجات قىلىش جاسارىتىگە ئىگە كىشىلەردۇر. بۇ بىر تۈرلۈك قەھرىمانلىق كۆرسىتىش، يالغۇز بېشىغا جەڭ قىلىش، ئاشكارە تۈردە قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە ئۇرۇش ئېلان قىلىش ئىشىدۇر. بىرەر قېتىملىق چېكىنىشىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئەگەر مۇۋەپپىقىيەتلىك بىلەن ئىجاد قىلماقچى بولىدىكەن،28 چوقۇم ئۇنى يېڭەلەيدىغان بولىشى كېرەك.” شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار يېڭىچە ئەقىدىلەرگە قىلچىمۇ بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن قارىمايدۇ، بىلىمسىزلىك بىلەن خاتالىققا نىسبەتەن ئۇلار بەكلا كىچىك پىيىل؛ ئەمما بىرەر يېڭى ئىدىيىنى قوغداشتا قەتئى ئالدىدا مېڭىپ، كۆپچىلىكنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىدىن ئايرىلىپ قېلىش نوقتىسىدىن ئالغاندا ئۇلار بەكلا ئۆزىگە تەممەننا قويىدىغان كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. بۇنى مەلۇم نوقتىدىن ئالغاندا، ئۇلاردا ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئىشىغا بېرىلىپ كېتىش قابىلىيىتىدىن كەلگەن دەپ قارىشىمىز مۇمكىن. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئابرويىنى ساقلاپ قېلىشقا ئەمەس، بەلكى ئىشىنى پۈتتۈرۈشكە بەكىرەك قىزىقىدىغان بولغاچقا، ئۇلار بىر تەرەپتىن ئۆزىگە ئىشەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىگە ھۆرمەت قىلىدۇ.
ئۇلار جاسارەتلىك، قورقماس كىشىلەردىن بولغاچقا، ئاخماقانە خاتالىق سادىر قىلىپ قويۇشتىنمۇ قورقمايدۇ. ھەقىقى يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتىگە ئىگە بىرسى “خامخىياللار ئىچىگە پېتىپ قېلىش” ئالاھىدىلىكىگە ئىگە؛ بۇنداق بىرسى ئۆزىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئۇلۇغ ئويلىرىنىڭ ئاقىۋەتتە قىلچە قىممىتى بولمايدىغان خىياللار ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ. يېڭىلىق چىقىرىش قابىلىيىتىگە ئىگە بىرسى بەكلا ئەركىن كېلىدۇ. يەنى ئۇنداق بىرسى ۋاقىتقا قاراپ ئۆزىنى تېزگىنلەشنى، كونا ئادەتلىرىنى تۈزىتىشنى بىلىدۇ، ئۆزگىرىش ۋە تاللاش جەھەتلەردە ئادەتتىكىدەك مۇئامىلىدە بولالايدۇ. ئۇنداق بىرسى ھەرگىزمۇ قېتىپ قالغان، ھەرىكەتچان بولمىغان بىرسىلىرىدەك ئۇنداق تەتۈر شاماللاردىن قورقۇپ كەتمەيدۇ.
ماسلوۋ مۇنداق ھېسابلايدۇ: مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئىگە بولغان يېڭىلىق يارىتىش ئالاھىدىلىكىنى مەڭگۈ قېزىپ چىقىرىپ بولالمايدۇ. ئۇلار تالانت دېگەن بۇ ئالاھىدىلىكنىڭ بەلگىلىك ئىرىسىيەت ئاساسىغا ئىگە بىر نەرسە ئىكەنلىكىنىمۇ ئىنكار قىلمايدۇ. گەرچە بۇ جەھەتتە ھېچ كىم تەتقىق قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، بەزى ئالامەتلەر ئۇلۇغ قابىلىيەتلەرنى كېيىن قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىنلىكىنىمۇ، شۇنىڭدەك تۇغما بولىدىغانلىقىنىمۇ كۆرسەتمەكتە. ئەمما ماسلوۋ، ئۇلۇغ كىشىلەر يەنە بىر تەرەپتىن تىرىشچان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. “ئىلھام − بىر پۇلغا بىر تاغار سېتىۋالغىلى بولىدىغان نەرسە. ئەمما، ئىلھام كېلىشتىن تولىستوينىڭ «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» دەك بۇنداق ئاخىرقى مەھسۇللاتىنى ئوتتۇرغا چىقىرىش جەريانىدا يەنە نۇرغۇنلىغان جاپالىق ئەمگەك قىلىشقا، قاتتىق تەرتىپ-تۈزۈم بولىشى ۋە زور كۆلەملىك مەشىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. … ئەمىلى مەھسۇلاتنى پەيدا قىلالىشى، مەسىلەن داڭلىق بىر رەسىم، داڭلىق بىر رومان، داڭلىق بىر كۆۋرۈك، يېڭى كەشپىيات قاتارىدىكى يېڭى ئىجادىيەتلەر ھەم ئىجادىيەتچان خاراكتېرغا باغلىق ھەم باشقا خاراكتېرلىرىگە، يەنى يېزىش قابىلىيىتى، زىرىكمەي ئىشلىيەلىشى، جاپالىق تىرىشچانلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگىمۇ بېقىنغان بولىدۇ.”
ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان كىشىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇنداق بىرسىدە ئۆزى بىلەن توقۇنۇش ئەھۋالى بەكلا كام كۆرۈلىدۇ. ئۇنداق بىرسى ئۆزى بىلەن چىقىشالمايدىغان بىرسى ئەمەس. ئۇنداق بىرسىنىڭ مىجەز-خاراكتىرى ئۆزئارا زىچ ماسلاشقان بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە بولىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىك ئۇنداق بىرسىنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىنى يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىشقا قارىتالايدىغان بولىدۇ. “ئىشىنىش، ئاق كۆڭۈللۈك ۋە گۈزەل بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر مەدەنىيىتىمىزدىكى ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈستىدە ئادەتتىكىچە باغلىنىپ مەۋجۇت بولغان بولىدۇ. ئەمما نېرۋا كېسەللىكلەر ئۈستىدە بولسا بۇنداق ئۆزئارا باغلىنىش بەكلا نازۈك بولىدۇ. پەقەت تەدرىجى تەرەققىياتنى بېشىدىن كەچۈرگەن پىشىپ يېتىلگەن ئادەمدىلا، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان، ئۆزىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدىغان ئادەمدىلا بۇ باغ مۇستەھكەم باغلانغان، شۇنىڭدەك بارلىق ئەمەلى پائالىيەتلىرىدە بۇ باغلار بىرلىشىپ بىر پۈتۈنلۈككە ئايلىنىپ كەتكەن بولىدۇ.”29
دوكتور ماسلوۋ مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: بۇ كەشىپ، بارلىق ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن ئىدىيىسىنىڭ ئاساسلىق قائىدىلىرىدىن بىرسىگە تۈپتىن زىت يولغا باشلىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە دېيىش مۇمكىن. ئۇ ئاكسيومىدا، بىلىم قانچىكى ئوبىكتىپ، قانچىكى ئەمەلى، قانچىكى ئىلمى بولىدىكەن، ئۇ بىلىم ئەخلاق ۋە قىممەت قارىشىدىن شۇنچە يىراقلىشىدۇ دەپ قارايدۇ. ھازىرقى زامان بىلىمى رىياللىق بىلەن قىممەتنىڭ ئۆزئارا زىت، بىر-بىرسىنى يەكلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە باشلىدى. دوكتور ماسلوۋ، “ئەڭ مۇكەممەل ئادەم ئۈستىدىكى تەتقىقات بۇ تۈر ھازىرقى زامان ئىلمىنىڭ ئېتىقات قىلىدىغان تۈپكى پىرىنسىپىنى تەۋرىتىۋەتكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئىش-ھەرىكەتنىڭ توغرا-خاتالىقىنى بەلگىلەشتە بەلگىلىك بىر ئىلمى ئاساس بولىشى كېرەك. چۇنكى پسىخىكىلىق جەھەتتە ساغلام بولغان بىرسى تەلەپ قىلىدىغان نەرسىسىنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا توغرا، مۇۋاپىق نەرسە دەپ قارىغان نەرسىسىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. بۇ پىرىنسىپ بويىچە ئالغاندا، بۇ كىشىلەر بىھۇدە ۋاقىت ۋە مىڭە ئىشلىتىپ ئۆزىنى بۇ كىشىلەردىن قوغدايمەن دەپ يۈرىشى ھاجەتسىز. ئۇ كىشىلەر ئۆز ھەۋەسلىرىدىن قىلچىمۇ قورقۇپ يۈرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھاياجىنى ئەقىل بىلەن ماس كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىشتىيى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمى بىلەن بىردەك” بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاكادېمىكى پ. سوروجىن، راس، ھەقىقى نەرسىنىڭ ئەينى ۋاقتىدە يەنە كېلىپ ياخشى ۋە گۈزەل بولىدىغانلىقىنى كەشىپ قىلىدۇ. ماسلوۋ، “مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان كىشى ساغلام بىرسىلا بولغانىكەن”، بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتىنىڭ سوروجىننىڭ بۇ دېگىنىنى ئىسپاتلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ. ساغلام بىرسى ھەق-ناھەق، ياخشى-يامان دېگەندەك مەسىلىلەردە ھۆكۈم قىلىشتا قايمۇقۇپ يۈرمەيدۇ. بۇنداق كىشىلەر قىلچە قىينالمايلا ئۆزىنىڭ توغرا ھەرىكەت قىلغانلىق دەپ قارىغان تونۇشى بويىچە ئىش قىلىدۇ. ماسلوۋ، نۇرغۇنلىغان ئالىم ۋە ئىلاھىيەتشۇناسلارنىڭ قارىشىنىڭ ئەكسىچە روھى جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەر باشقىلارغا ياردەم قىلىشتىن ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئۇنداق بىرسى ئۈچۈن قىلچە ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلىمەيدىغان ھەرىكەتلەرلا ئۆزىنى كۆزلىگەنلىك ھېسابلىنىدىكەن. “ئۇنداق كىشىلەر باشقىلارنىڭ ھۇزۇرلىنىشىدىن مەننىڭ ھۇزۇرىغا ئېرىشەلەيدۇ. بۇ بىر مەنىدە ئۆزىنى كۆزلىمەسلىكنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك ئىپادىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.” ساغلام بىرسى بىر تۈرلۈك ساغلام ئۇسۇل بويىچە ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلىگەن بولىدۇ. بۇنداق ئۇسلۇب، ھەم ئۆزىگە، ھەم جەمىيەتكە پايدىلىق بولىدۇ.
بۇنداق ئۆزىنى كۆزلىمەيدىغان شەخسىيەتچىلىك پوزىتسىيىسى، يوقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ساغلام بىرسىنىڭ ئىشىغا ۋە ھۇزۇرلىنىشىغا تۇتقان مۇئامىلىسىغا باغلىقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئىپادىسىدۇر. ئۇنداق بىرسى ئويۇن ئويناشقا، ئىش قىلىشقا ئامراق كېلىدۇ؛ ئۇنداق بىرسىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر كۆڭۈل ئېچىشىقا ئايلانغان بولۇپ، مەخسۇس كەسىپى بىلەن قوشۇمچە كەسىپىنى بىر پۈتۈنلەشتۈرىۋالغان بولىدۇ. تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، ئۇلۇغ بىر ئىجادى رىقابەتكە دۈچ كېلىپ قالغىدەك بولغىنىدا، ياكى ئېرىشىشكە ئەرزىگىدەك بىرەر نىشان ياكى ئېغىر بىرەر تەھدىت ۋەياكى پەۋقۇلئاددە خەتەرلىك بىر پەيتكە دۈچ كېلىپ قالغىدەك بولغىنىدا، ساغلام بولغان كىشىنىڭ روھى دۇنياسى ھەممىدىن مۇقىم، بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە تۇرالايدۇ.30 ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان ئادەم تېخىمۇ ماسلىشىشچان مىجەزگە ئىگە بولۇش بىلەنلا قالماي، بىرلا خىل پوزىتسىيە بويىچە دۇنيانى كۈزىتەلەيدۇ. ئۇنداق بىرسى بىر ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن تېخىمۇ بىرلىككە كەلگەن بىر ئادەم ھالىغا كېلەلىگەچكە، ئۇنداق بىرسى بۇ دۇنيادا كۆرەلەيدىغىنىمۇ تېخىمۇ نۇرغۇن بىردەكلىك، تېخىمۇ نۇرغۇن بىردەكلىك ئېھتىماللىقلىرىلا بولىدۇ. دەل شۇنداق تونۇش ئۇسلۇبى ئۇلۇغ كەشپىياتچىلارنى ئەزەلدىن قىلچە مۇناسىۋەتسىز ئامىللار ئىچىدىن يېڭى نەرسىلەرنى تېپىپ چىقالايدىغان كىشىلەرگە ئايلاندۇرغان.
بۇ تۈر پىشىپ يېتىلگەن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئالغاندا، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوتتۇرسىدىكى كۈرەش ئۇلار ئۈچۈن بەكلا ئاسان بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار باشتىن ئاخىرى تېخىمۇ قىممەتلىك بولغان نەرسىلەرنىلا تاللايدۇ ۋە ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق تاللاشمۇ ئۇلار ئۈچۈن بەكلا ئاسان بىر ئىش. ياخشىلىق بىلەن يامانلىق بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولىدىغان ئەھۋال مەنلىكى بىردەك بولمايدىغان ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈستىدىلا كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭغا مىسال قىلىپ ماسلوۋ بەكلا كۆپ مەۋجۇت ئىلمى پاكىتلارنى كۆرسىتىدۇ. يەنى بالىلارنى قوبۇل قىلىش، ئاسىراش، قوغداش ۋە ھۆرمەت قىلىش، بالىنىڭ مىجەز-خاراكتىرىنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن بەكلا پايدىلىق. شۇنىڭدەك بۇلار يەنە كېلىپ بالىلارنىڭ تۇغما ھالدا بەكلا ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلىرى. بۇ تۈردىكى ھەۋەسلىنىشنىڭ بىردەكلىكىنى بۈگۈنكى كۈندە ھەمكارلىق ئاساسىدا ماسلىشىش دەپ ئاتىماقتا.
پىشىپ يېتىلگەن كىشىدە ساغلام بىر ئۆزىگە ھۆرمەت قىلىش مىجەزى بولىدۇ. بۇنداق ئۆزىگە ھۆرمەت قارىشى مەن قابىلىيەتلىكمەن، خىزمەت ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايمەن دېيىشكە ئاساسلانغان بولىدۇ. ئۇنداق بىرسى ھەر دائىم باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا تېگىشلىك ھۆرمەت قىلىشىغا ئۇچراپ تۇرسىمۇ، بۇنداق بىرسى بۇ تۈر باشقىلاردىن كېلىدىغان ھۆرمەتلىنىشكە بەك بېقىنىپمۇ كەتمەيدۇ. بۇنداق بىرسى نورىمال بولمىغان ھۆرمەتلىنىشكىمۇ ئېھتىياجلىق ئەمەس ۋە ئۇنداق ئورۇنسىز شۆھرەتكە ئەھمىيەت بېرىپمۇ يۈرمەيدۇ. ئۇنداق بىرسى مەنلىكىنى تىزگىنلەشنى بىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنى ئىنتايىن كۈچلۈل ھېس قىلىدۇ. ئۇنداق ئادەم ئۆزىگە، ئۆزىنىڭ تەغدىرىگە ھۈكۈمرانلىق قىلىدىغان بىرسى بولغىنى ئۈچۈن ئۆزىنى مەيۈسلۈك ئىچىگە تاشلاپ قويمايدۇ، ئۆزىنىڭ خاتالىقىقىدىن مەيۈسلىنىپ يۈرمەيدۇ. بۇ دېگەنلىك، ئۇنداق بىرسى پۈتۈنلەي مۇكەممەل بىرسى دېگەنلىكمۇ ئەمەس. ئۇلارمۇ خاتالىشىدۇ. ئەمما ئىنتايىن مۇۋاپىق بىر شەكىلدە خاتالىقىنى تۈزىتىپ كېتەلەيدۇ.
مىجەزى ساغلام بولغان ئادەم، بەكلا مۇستەقىل ياشىيالايدۇ. شۇنىڭغا قارىماي باشقىلار بىلەن بىرگە بولۇشقىمۇ ئامىراق. ئۇنداق بىرسى يالغۇزلۇقنى ساغلام بىر شەكىلدە ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما بۇنداق يالغۇزلۇق ھەرگىزمۇ ماسلىشالمايدىغان، بەكلا ئاسان رەنجىپ يۈرىدىغان كىشىلەردىكى كېسەللىك، يۇشۇرۇنچە ھەرىكەت قىلىش ئادىتى بولغان، كىشىلەردىن قورقۇپ يۈرىشىدىن كەلگەن يالغۇزلۇقىدىن تۈپتىن پەرق قىلىدۇ. بەزىلەر بۇنداق بىرسىنى بەكلا سوغۇق، يېقىنلاشقىلى بولمايدۇ دەپ قارىشى مۇمكىن. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇنداق بىرسى باشقىلار بىلەن بىرگە بولۇشنى ياخشى كۆرگىنى بىلەن باشقىلار بىلەن بىرگە بولۇشنى ئۆزلىرىگە ئېھتىياجلىق دەپ ھېساپلىمايدۇ. ئۇنداق بىرسى پۈتۈنلەي ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاشنى خالايدۇ. ئۇلارنىڭ قابىلىيىتى شۇنچىلىك يوقۇرى بولۇپ كېتىدۇكى، بەزىدە باشقىلار ئۇنىڭغا ئېسىلىۋالغاندەك ھېسياتلاردىمۇ بولىدۇ. ئۇلار ھەم جەمىيەتنىڭ ئەڭ تىپىك خاراكتېرلىك كىشىلىرى، شۇنىڭدەك ئامما ئىچىگە ئەڭ ئاسان سىڭەلەيدىغان،31 ئەڭ دوستانە تىپلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداق بىرسىنى جەمىيەتنىڭ ياكى مۇھىتنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنىدىغان بىرسى دېگەندىن كۆرە، ئۇلارنى قەلبىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغان، ئۆز تۇغما قابىلىيىتى بويىچە ۋە تەبىئى تەلىۋى بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغان كىشىلەر دېيىش توغرا بولىدۇ. “بۇنداق كىشىلەر باشقىلارغا بەكلا ئاز بېقىنىدىغان كىشىلەر بولغاچقا، ئۇلار يەنە كېلىپ باشقىلار بىلەن بەكلا كام زىتلىشىپ يۈرىدىغان كىشىلەردىن ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار بەكلا ئاز غەم يەيدۇ. بەكلا ئاز ئۆچمەنلىك قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ مەدىھلىشى ۋە ھېسسىياتىغىمۇ بەكلا ئاز ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئۇلار شان-شۆھرەت، ئالاھىدە ھوقۇق ۋە ئالاھىدە ئىش ھەققى دېگەنلەردىن بەك غەم يەپ يۈرمەيدۇ.”
ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان كىشىلەر ماسلوۋ ئېيتقاندەك “ئەركىن مىجەز-خاراكتىرلىك” ئالاھىدىلىككە ئىگە. كۆپچىلىكنىڭ قارشى پىكىرىگە دۈچ كەلگىدەك بولغىنىدىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۆز قارارىنى بېرەلەيدۇ. مەدەنىيەت بىلەن ئۇلارنىڭ قاراشلىرى ئوخشىماي قالغىدەك بولغىنىدا ئۇلار ئۆز مەدەنىيىتى بىلەن تاقابىل تۇرالايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىدا چوڭ ئىشلارغا بەك تەسىرى بولمايدىغان ئىشلارغا ئۇلار بەك چىڭ تۇرۇپ كەتمەيدۇ. مەسىلەن تىل، كىيىم-كېچەك ۋە زىننەتلىنىش، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىقلاردا بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ قارىشىدا ئاساسى پىرىنسىپقا بېرىپ تاقىلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۇلار قەتئى مۇستەقىل پىكىرلىك بولۇپ، ئۆز پىكىرىدە قەتئى چىڭ تۇرىدۇ. بۇ جەھەتتە ھەرگىزمۇ كۆپچىلىكنىڭ رايىغا قاراپ ئولتۇرمايدۇ.
ماسلوۋ تەتقىق قىلغان ئوبىكتىۋلار ئىچىدە، پەقەت بىرسىلا ئومۇملاشقان تەڭرىگە ئىشىنىدىكەن. ئەمما يەنە بىرسىنىڭ ئاتېيستلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىلا كائىناتنى مەنىگە ئىگە بىر مەۋجۇدىيەت دەپ قاراش بىلەن بىرگە ئىلاھى ھاياتقىمۇ ئىشىنىدىغان كىشىلەردىن ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك ئېنىق ھەق-ناھەقچىلىك قارىشىغا ئىگە بولىدىكەن. ئەمما بۇنداق قاراش قارغۇلارچە دىنى ئەقىدىلەرنى قوبۇل قىلىش شەكلىدە ئەمەس، بەلكى ئۆزىلىرىنىڭ دىنى ھايات تەجرىبىلىرىنى ئاساس قىلغان بولىدىكەن. شۇنداق بولىشىغا قارىماي، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى نۇرغۇن جەھەتلەردە ئۇلۇغ دىنلارنىڭ تەلىماتلىرىدىكى قىممەت قاراشلار بىلەن، غايىلار بىلەن بىردەكلىك بولىدىكەن. … “ئەگەر مەنلىكتىن ھالقىپ چىقالىسا، ھەقىقەت، ياخشىلىق، گۈزەللىكلەرنىڭ بىر پۈتۈنلىشىشى، باشقىلارغا ئۆزىنى بېغىشلاش، ئەقىلى قابىلىيەت، سەمىمى سادىقلىق، تەبىئىلىك، شەخسىيەتچىلىك بىلەن ئۆز ھەركەت ئىستىگىدىن ھالقىغان، تېخىمۇ يوقۇرى ئارزۇسى ئۈچۈن تۆۋەنىرەك ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىش، … ئۆچمەنلىكىنى، ۋەھشىلىك ۋە بۇزغۇنچىلىق مىجەزىنى ئازايتىپ، دوستانىلىقنى، رەھىمدىللىقنى … كۆپەيتىدىغان ئارزۇلاردا بولىدىكەن.”
بۇ تۈردىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەنلىكى (ئۆز، ئاڭدىكى مەن، بىلىنگەندىكى مەن، مەن، ئېگو، 自我 − ئۇ.ت) نى تېزگىنلىيەلىشى نىسبەتەن ئاسانغا توختايدىكەن. چۇنكى ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ھەقىقەتەنمۇ ئۇلار توغرا دەپ قارىغان شەيئى بىلەن بىردەك ھېسابلىنىدىكەن. ئۇلاردىكى قىممەت قاراش باشقىلارنىڭ ئېيتىپ بەرگەن شەيئىلەر ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى ھەقىقى دەپ قارىغان شەيئىلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدىكەن. “ئۇلار ھەرگىز قىلچە قىممەت قارىشى بولمىغان ماشىنا ئادەملەر دۇنياسىدا ياشىماستىن، تۇراغلىق بولغان قىممەت قارىشى سىستېمىسى ئىچىدە ياشايدۇ. …” ئۇلار مەسئولىيەتچانلىقنىڭ ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان كىشىلەر بولغاچقا، ئۇنداق كىشىلەر بەكلا مەسئولىيەتچان كېلىدۇ.32
ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت ئارزۇسى يېتەرسىزلىكلەر سەۋەبىدىن ئوتتۇرغا چىقىدۇ. يەنى ئۇنداق بىرسى پۈتۈن خىيالى بىلەن ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قاندۇرۇش، تەۋەلىكى (يۇرتى، مىللىتى، ئىرقى، جامائىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىق، مەنسۇپلۇق − ئۇ.ت) نى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، سويگۈ، ھۆرمەتلىنىش، مەنلىكىنى ھۆرمەتلەش قاتارىدىكى تۈپكى ئېھتىياجلىرىدىن ھەرىكەت ئارزۇسى (动机 ئىستەك، ئىچىكى تۈرتكە، موتىۋاتسىيە - ئۇ.ت) ئوتتۇرغا چىقىدۇ. ئەمما ساغلام ئادەمدىكى ھەرىكەت ئارزۇسى “ئاساسلىقى ئۇنىڭ تەرەققى قىلىشى، ئىشقا ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى بىلەن قابىلىيىتى تەلىۋىدىن ئوتتۇرغا چىقىدۇ”. باشقىچە ئېيتقاندا، ساغلام ئادەملەرنىڭ ھەرىكەت ئارزۇسى ئاساسەن ئالغاندا ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارزۇسىنىڭ تۈرتكىسىدىن كېلىدۇ. دوكتور ماسلوۋ شۇنىڭغا ئىشىنەتتىكى، مەقسەت، يەنى ھەرىكەت مەقسىدى () دېگەن بۇ سۆز مۇتلەق كۆپ ساندىكى پىشىپ يېتىلگەن كىشىلەر ئۈچۈن مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. پىشىپ يېتىلگەن بىرسى ئىستىخىيىلىك ھەرىكەت ئىنتىلىشىگە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ تەبىئى ئىشى ئۇلارنىڭ پەقەت ئۆزىنى ئىپادىلەشنىلا مەقسەت قىلغان دېيىش مۇمكىن. ماسلوۋ، ئىلمى پسىخولوگلار ھۇزۇرلىنىش، ئويۇن ئويناش، شۇنىڭدەك مەقسەتسىز، ئىختىيارى ھەرىكەتلەرگە پۈتۈنلەي سەل قاراپ كەلدى دەپ قارايدۇ. ماسلوۋ، ئىشنىڭ بۇ تەرىپىنى كۆپچىلىكنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك قوبۇل قىلىۋالغان بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر چوقۇم مەقسەتلىك بولىدۇ دەيدىغان ئىلمى نىزامنى قوبۇل قىلىۋالغانلىقىدىن كۆرىدۇ. ماسلوۋ بۇنداق بىر ئاكسىيومىغا قارشى چىقىپ، جىنىسى ھەۋىسىنى ئىپادىلەش ھەرىكىتى “بىر بولسا قىلچە مەقسەتسىز بولىدۇ ياكى بولمىسا جىنى ھەرىكىتىنى رازى قىلىش مەقسىدىگە قارىغاندا بەكلا ئاجىز بولىدۇ، …” دەپ قارايدۇ. كېيىن ئۇ، بۇنداق تۈپكى ئېھتىياجدىن ھالقىغان ھەرىكەتلەرنىڭ ھاياجىنىنى كېيىن كەلگەن مەقسەت (كېيىن ئورتىغا چىققان مەقسەت، موتىۋاتسىيە) دەپ ئاتايدۇ.
ماسلوۋنىڭ تەتقىقاتىدىكى بۇ تۈر ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغانلارنىڭ بارلىق ئىنسانىيەت ئىچىدە بەكلا ئاز قىسىمنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، بەلكىم ئارانلا بىر پىرسەنت قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. ئۇنداق كىشىلەر ئادەتتىكى كىشىلەردىن بەكلا كۆپ پەرق قىلىدۇ.شۇڭا، ئۇنداق ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان كىشىلەرنى ھەقىقى تۈردە چۈشىنەلەيدىغان كىشى سانى بەكلا ئاز. شۇنداقتىمۇ، بۇ تۈردىكى مۇنەۋۋەر كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت بىلەن قان-قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشىدۇ. ئۇلار ئىرقى، ئېتىقادى، سىنىپى، تەربىيىلىنىشى، سىياسى ئەقىدىسى ياكى تەن رەڭگى پەرقىگە قارىماي مىجەزى كېلىشىدىغان كىشىلەر بىلەن بىر تۈرلۈك دوستلۇق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. ئۇلاردىكى بۇنداق باشقىلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى قوبۇل قىلىشى پۈتۈنلەي سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مىللى چەكلىمىلەردىن ھالقىغان بولىدۇ.
بۇنداق كىشىلەر ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا باشقىلار بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر شەخسى دوستلۇق ئورنىتالايدۇ. ئادەتتە، ئۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ تۈر كىشىلەرمۇ ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا نىسبەتەن ساغلام، تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن ئادەملەر ھېسابلىنىدۇ. گەرچە بۇ تۈردىكى كىشىلەرنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ھەر قانچە چوڭقۇر دەپ قارىساقمۇ، بۇ تۈردىكى مۇناسىۋەتلەر ئادەتتە بەكلا ئاز كىشىلەر ئوتتۇرسىدىلا ئورنىتىلغان بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ يېقىن دوستلۇق ئورنىتىدىغان دائىرىسى بەكلا تار بولىدۇ. ئۇلار مىجەز-خاراكتېر، قابىلىيەت، ئىقتىدار قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى سەۋەپلىك، ئۇلار تەڭ ئىقتىداردىكى كىشىلەر بىلەن بەكىرەك قويۇق مۇناسىۋەت قىلىشىدۇ. بۇ تۈر كىشىلەر كۆپۈنچە ھاللاردا چوقۇنغۇچىلارنى، دوستلارنى ۋە شۇنىڭدەك “ئەگەشكۈچىلەر” نى ئۆزىگە جەلىپ قىلالايدىغان بولسىمۇ، بۇنداق بىر ئەھۋال كۆرۈلگىنىدە، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان كىشىلەر ئۆزىگە چوقۇنىدىغان كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت كۆپۈنچە ھاللاردا بىرلا تەرەپتىن كەلگەن مۇناسىۋەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈردىكى ساغلام كىشىلەر باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرىغا ئالاھىدە كەڭ قۇرساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.33 شۇنداقتىمۇ ئۇلار سەمىمىيەتسىزلىك قىلىشلارغا، يالغانچىلىقلارغا، رەھىمسىزلىكلەرگە ۋە شۇنىڭدەك ماختانچاقلىقلارغا ھەرگىزمۇ چىداپ تۇرالمايدۇ. ھەقىقى جىنايەت يۈز بەرگەن ۋاقىتلاردا ھەققانىيەت مەيدانىدا تۇرۇشنى ئۆزىگە مەجبۇرىيەت ھېسابلىشى، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئىپادىسىدۇر.
ماسلوۋ مۇنداق دەيدۇ: بۇ تۈر كىشىلەر ھەممىگە مەلۇم ئىدىيوم ھالىغا كەلگەن “قارشى جىنىستىكىلەر بىر-بىرىنى ئۆزئارا تارتىدۇ”، ۋە “شارائىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلار بىرلىشىش” دېيىشكە خىلاپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ تۈر ساغلام كىشىلەر ئۆزلىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان مىجەزلىك ئالھىدە كىشىلەرنى تاللاشقا مايىل كېلىدۇ. مەسىلەن سىنىپى، تەربىيىلىنىشى، دىنى ئېتىقادى، مىللى ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە شۇنىڭدەك تاشقى كۆرۈنىشى قاتارىدىكى ئالاھىدىلىكلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ. بۇ جەھەتتىكى يېتەرسىزلەر ساغلام كىشىلەرنى قورقۇتالمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ساداقەتلىك، راستچىل، رەھىمدىل، جەسسۇر بولىشىلا يېتەرلىك. “نەتىجىدە، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغان كىشىلەر مىجەزى كېلىشكەن بىرسىنى چىق قەلبىدىن ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. … ئۇلار قانچىكى پىشىپ يېتىلگەن بولىدىكەن، ئۇنداق بىرسى ئوبىكتىپ تاللاشتا ھەممە قىزىقىدىغان كىلىشكەن، چىرايلىق، مەيدانلاردا ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرۈنىدىغان، تولۇق كۆكۈسلۈك، زىلۋا قاملاشقان بوي-تۇرقى، سىلىق، سۈيۈملۈك قاتاردىكى كۆرۈنۈشلەرگە شۇنچە ئاز دىققەت قىلىدىغان بولىدۇ. ئۇلار بەكىرەك قىزىقىدىغىنى بىر-بىرسىنى ياخشى كۆرۈشى قانچىلىك، ئاق كۆڭۈللۈكى قانچىلىك، ئېسىل پەزىلەتلىك ئەھۋالى قانچىلىك، قىزىقىشلىرى بىر-بىرىگە يېقىنمۇ، بىر-بىرسىگە كۆيۈنۈش ئەھۋالى قانچىلىك دېگەندەكلەر ئۇلارنى بەكىرەك قىزىقتۇرىدۇ.”
بۇ تۈردىكى ساغلام كىشىلەردىمۇ مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ ئەمەس، ئۇلاردىمۇ مەسىلە كۆرۈلىشى مۇمكىن. ئەمما ئادەتتە ئۇلارنىڭ دەرى ۋە مەسىلىلىرى نىسبەتەن ئاز بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەخىتتىن، خوشاللىقتىن بەھرىمەن بولىشى نىسبەتەن كۆپ بولىدۇ. ئۇلارنى ھەرگىزمۇ جىملا يۈرىدىغان كىشىلەر دەپ قارىماسلىقىمىز كېرەك. ئۇلارمۇ ئارىلاپ خاپا بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.بۇنداق بىرسى قۇرۇق پاراڭلاردىن، قېلىن گەپلەردىن، شۇنىڭدەك تۈگىمەس ئولتۇرۇشلاردىن بەكلا ئاسان زىرىكىدۇ. ئۇلارنىڭمۇ ئىچى پۇشىدۇ، ئۇلارمۇ غەم يەيدۇ، ئازاپلىنىدۇ ۋە ئۆزىدىن گۇمانلىنىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بولىدۇ. ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ خوشچاخچاق كېلىدۇ، ئەمما ئادەتتىكى كىشىلەردىن پەرقلىق بىر خوشچاخچاقلىققا ئىگە. ئۇنداق بىرسى باشقىلارنى مازاق قىلىدىغان ياكى باشقىلارنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكىدىغان چاخچاقلاردىن ھەرگىزمۇ لەززەتلەنمەيدۇ. ئۇلار ئەقىللىق ياكى چوڭقۇر مەنىلىك چاخچاقلارغا ئامىراق كېلىدۇ. بۇنىڭغا لىنكولىننىڭ قىزىقچىلىقى تىپىك مىسال بولىدۇ.
تولۇق پىشىپ يېتىلگەن بىرسىنىڭ باشقا بىرسى بىلەن ئورناتقان دوستلۇقى ئۇلار ئىككىسىگىلا ئەمەس ئەتىراپىدىكى كىشىلەرگىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. مەيلى دوستلار مۇناسىۋىتى بولسۇن، مەيلى ئەر-خوتۇن مۇناسىۋىتى بولسۇن ياكى ئاتا-بالا مۇناسىۋىتى بولسۇن، ھەرگىزمۇ پايدا مەنپەت كۆزلەنمەيدۇ. ساغلام كىشىلەر ئالاھىدە غۇرۇرلۇق بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارغىمۇ ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىدىغان بولىدۇ. ئېرىك فرومنىڭ قاراشلىرىمۇ بۇنداق قاراشنى تەستىقلاپ بەرمەكتە (ئېرىك فروم − قورقۇشتىن قۇتۇلۇش ئىستىگىنى ئاساس قىلغان ھالدا پسىخوئانالىزدا ئېقىم ياراتقان فرېئۇد تەلىماتىنىڭ تەنقىدى ۋارىسلىرىدىن بىرى. − ئۇ.ت). ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۆزىنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈشى، ھۆرمەت قىلىشى ماھىيەتتە باشقىلارنى ياخشى كۆرۈش بىلەن تەڭ كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭغا ھەرگىز زىت كەلمەيدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەردە ئۆزىگە بولغان ھۆرمەت، ئۆز ئىناۋىتىنى قىلىش يېتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلار بىلەنمۇ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان چوڭقۇر مۇناسىۋەت تىكلەپ كېتەلمەيدۇ. ماسلوۋ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:34 “بىز، ئىنتايىن گۈزەل بىر پارچە رەسىمنى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا ھېس قىلىدىغان ئىستىخىيىلىك چوقۇنۇش، چۈشۈنۈش، تەقدىرلەش ۋە خوشال بولۇشقا ئوخشايدىغان ساغلام ئادەم قەلبىدىكى ياخشى كۆرۈش شەكلى بىلەن ياخشى كۆرسەك بۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغىنىمۇ بارمۇ؟” ئۇلار باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە بەك كۆپ مۇھتاجلىق ھېس قىلمايدۇ. ھەتتا ئۇزۇن ۋاقىت يالغۇز قېلىشىغىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا يەنە باشقىلارغىمۇ سۆيگۈ بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ تۈر كىشىلەر باشقىلارنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرەلەيدىغان كىشىلەردۇر.
ئادەتتە، پسىخىكىلىق جەھەتتە ساغلام بىرسى، مۇستەھكەم، بەخىتلىك، ئۇزۇن داۋام قىلىدىغان نىكاھ قۇرۇشقا بەكىرەك مايىل كېلىدۇ. بۇنداق بىر توي ھەرگىزمۇ شەخسىيەتچىلىكنى كۆزلىمەيدىغان بىر توي بولماستىن بەلكى ساغلام بولغان ئۆزىنى كۆزلەش نىكاسى بولىدۇ. يەنى توي قىلغان ھەر ئىككىلا تەرەپ بىر-بىرسىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىدىن خوشال بۇلالايدۇ. گەرچە ئۇلار بىر-بىرسىگە ھەمرا بولۇشقا ئامراق بولغاندەك قىلغىنى بىلەن، ئۇلار بەرىبىر ئىنتايىن ئېغىر بېسىقلىق بىلەن بىر-بىرسىدىن ئۇزۇن مۇددەت ئايرىلىش ۋە ۋاپات بولۇشلارغىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. ساغلام بىر نىكاھتا، ھەر ئىككىلا تەرەپ قارشى تەرەپكە بولغان ئىشەنچىنى ۋە ئىززىتىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا بىر-بىرىنى تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. ماسلوۋنىڭ تەتقىقاتى ئىككى جىنىس ئوتتۇرسىدا تۈپلۈك بىر ئۆچمەنلىك بولىدۇ دەيدىغان كونا قاراشلارنى رەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىدا بۇنداق ئۆچلىشىش ساغلام بىر نىكاھتا ھەرگىز مەۋجۇت بولالمايدۇ. ناۋادا بىر تەرەپ راستىنلا ناچار بىرسى بولغىدەك قىلغىنىدا، ئۇ ھالدا يېقىن مۇناسىۋەت كۈچەيتىلگىنى بىلەنمۇ نىكاھنى ئاجىزلاشتۇرسا ئاجىزلاشتۇرىدۇكى، ھەرگىزمۇ مۇستەھكەملىيەلمەيدۇ. شۇڭا ساغلام نىكاھ ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەەىشىپ كۈنسايىن مۇستەھكەملىنىپ بارىدۇ.
ئوي تۇتۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئۇ ئىككىسى قارشى تەرەپ بىلەن بىرگە بولۇشنى تېخىمۇ خالايدىغان بولۇش بىلەنلا قالماي، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى جىنىسى مۇناسىۋەتمۇ كۈنسايىن مۇكەممەللىشىپ بارالايدۇ. يەنى ھېچ بولمىغاندا مەلۇم دەرىجىدە چوقۇم تېخىمۇ لەززەتلىك بولۇشقا باشلايدۇ. بۇنداق ساغلام نىكالىق ئەر-خوتۇن تۇرمۇشنىڭ ھەر تۈرلۈك شەكىللىرىنى ياخشى كۆرگىنىگە ئوخشاش، ئۇلار جىنىسى پائالىيەتلىرىنىمۇ بەكلا ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن جىنىسى ھەۋەس بىر تۈرلۈك سۆيگۈ مىسالى ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئەر-خوتۇندا باشقىلىرى بىلەن مۇھەببەتلىشىش ئارزۇلىرى بەكلا كام كۆرۈلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇ تۈر كىشىلەر يات جىنىستىكىلەرگە ھەر دائىم قىزىقىش بىلەن قارايدۇ، شۇنداق بولغاچقا ئۇلار باشقا جىنىسلىقلار بىلەن بەكلا ئاسان دوستلۇق قۇرالايدۇ.
ماسلوۋ باھالاپ كېلىپ، دوكتور جىنسنىڭ جىنىسى پائالىيەتلەر تەكشۈرۈشىدە ئادەتتىكى ئەھۋاللار بىلەن نورىمال ئەھۋاللارنى بىر-بىرسىگە ئارىلاشتۇرىۋەتكەن دەپ قارايدۇ. ئۆزىنى نامايەن قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغانلار ۋە ئۇلارنىڭ جىنىسى مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلىرى شۇنى ئېنىق بىلدۈرمەكتىكى، ئادەتتىكىدەك بولۇش ھەرگىزمۇ نورىماللىق ياكى ساغلاملىق ھېسابلىنىشى ناتايىن ئىكەن.
ئىسىل بىرسى بەزىدە ئىجابى تەنقىتلەرنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنىمۇ پەرق قىلالايدۇ. كىشىلەر ئادەتتە باشقىلارنى تەنقىتلىگىنىدە دائىم دېگىدەك نەپرەتلەنەەن ھالدا تەنقىتلەپ كېتىشىدۇ. ئەمما ماسلوۋ شۇنى سەزدىكى، بەزى ئەھۋاللاردا كۈيۈمچان بىرسى دوستلىرىنى ياكى سۆيگىنىنى كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا سادىر قىلىپ قالىدىغان ئەممە ئۆزى ھېس قىلىپ كېتەلمەيدىغان خاتالىقلاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇش كېرەك دەپ قارايدۇ.35 يەنى “سېنىڭ يېقىن دوستۇڭ بولسىمۇ ساڭا دىمەيدۇ” دەيدىغان كونىلارنىڭ دېگىنىنىڭ ئەكسىچە مۇئامىلە قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق كىشىلەر خرىستىيان دىنىنىڭ برودىخوف مەزھىپىنىڭ كىشىلەر ئوتتۇرسىدا بىر مەزگىللىك بىر-بىرسىنى رەنجىتىپ قويىدىغان ئىش بولسىمۇ سىر ساقلىماي مۇئامىلە قىلىش ئەيسا سۆيگۈسىدۇر دەيدىغان قاراشنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىۋالغان كىشىلەر دېيىش مۇمكىن. بۇ دىنى مەزھەمتىكىلەر ئەگەر بىرەرسىگە ھەقىقى ئەھۋالنى دېيىشكە جاسارىتى بولمىسا، شۇنىڭدەك كەينى كەينىدىن ئوخشاش خاتالىق سادىر قىلىش داۋام قىلىۋەرگىنىدىمۇ خاتالىقىنى كۆرسىتىشكە جاسارەت قىلالماسلىق ھەرگىزمۇ يېقىن دوستلۇقنىڭ ئىپادىسى ئەمەس دەپ قارايدۇ. ماسلوۋ بۇ تۈر ئىسىل مىجەزلىك كىشىلەر تەتقىقاتى ئاساسىدا مۇنداق بىر مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ: بۇ ئىشتا نېمە ئۈچۈن كىشىنى خوشال قىلىش بىلەن كىشىگە بەخىت كەلتۈرۈش ئۇسۇلى يوق؟ ئۇنىڭ تەتقىقاتى ئەپلاتون بىلەن سوكراتنىڭ ياخشىلىق ياخشىلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ دەيدىغان قارىشىنىڭ توغرا بىر قاراش ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئۇ، ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرالىغان كىشىلەر تۇرمۇشتىن بەھرىلىنىشقا بەكرەك ئۇستا كېلىدىغانلىقىنى سېزىدۇ. بۇ دېگەنلىك بۇنداق كىشىلەردە دەرت، غەم، بىئاراملىق يوق دېگەنلىك بولماي، ئۇلار تۇرمۇشتىن تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ دېگەنلىكتۇر. ئۇنداق كىشىلەر تۇرمۇشتىن تېخىمۇ كۆپ لەززەت ئالالايدۇ، تۇرمۇشنى تېخىمۇ قىزىقارلىق ھېس قىلالايدۇ، دۇنيانىڭ ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ بەكىرەك ھېس قىلالايدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ قورقۇنچىسى ۋە ئەندىشىسى نىسبەتەن ئازىراق بولىدۇ، ئۇلار تېخىمۇ ئىشەنچلىك ھېس قىلالايدۇ ۋە تېخىمۇ ئازادە ھېس قىلالايدۇ. بۇنداق كىشىلەر زېرىكىشتىن، ئۈمىدسىزلىنىشتىن ۋە شۇنىڭدەك نومۇسقا قېلىشتىن ياكى بولمىسا مەقسىدى يوقلۇقتىن بەكلا ئاز غەم يەيدۇ. “بۇنداق ئادەملەر ئۇ ئىشنىڭ دەل ئۆزىنىڭ قىلماقچى بولغان، قىلىشقا تېگىشلىك بولغان، خوشاللىق بىلەن قىلىدىغان، ھىمايە قىلىدىغان ۋە شۇنىڭدەك ئىزچىل قىلىشقا ئامىراق ئىشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ تۈر كىشىلەر ھەر دائىم ئىستىخىيىلىك ھالدا ھەققانىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلىپ بارالايدۇ. ئەگەر بىرسىنىڭ روھى ھالىتى بىجىرىم بولاماي قالغىنىدا، بۇنىڭدەك بىر پۈتۈنلۈكى، ئاكتىپ مۇناسىۋىتى پارچىمۇ-پارچە بولۇپ كېتىپ، توقۇنۇشلار ئىچىگە پېتىپ قالىدۇ.”
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، “ئۆزىنى تولۇق ئىپادىلىيەلەيدىغانلار تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىن كەڭ دائىرىدە لەززەت ئالالىغىنىدا، ئاددى ئادەملەر بولسا ئارانلا مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن، غالىبىيەتلىرىدىن ياكى ھاياتىدىكى يوقۇرى پەللىلەر نبىلەن ئەڭ يۇقۇرى نوقتىغا ئېرىشكەنلىكىدىن ئىبارەت پەۋقۇلئاددە پەيتلەردىنلا لەززەتلىنەلەيدۇ” ئۆزىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان كىشىلەر تۇرمۇشتىن ھەرگىزمۇ زىرىكمەيدۇ، بۇنداق كىشىلەر ھەر قېتىملىق كۈن چىقىشتىن، كۈن ئولتۇرۇشتىن، نىكالىنىشتىن، تەبىئەتتىن لەززەتلىنەلەيدۇ.
ساغلام كىشىلەر ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا ھەققانىيەت، مەنتىق، ھەقىقەت، ئەمەلىيەت ۋە گۈزەللىكلەردىن بەكىرەك تەسىرلىنەلەيدىغان بولغاچقا، ئادەتتىكى قورامىغا يەتكەن كىشىلەرگە قارىغاندا بەكلا ئاز تەشۋىشلىنىدۇ. بۇ تۈر ساغلام كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى سەۋەبىدىن دۈچ كېلىدىغان ھەر قانداق بىر ئەھۋالغا تاقابىل تۇرالايدىغان بولغاچقا، تاشقى مۇھىت تەھدىتلىرىنىڭ تەسىرىگە بەك ئۇچرىمايدۇ. ئۇنداق كىشىلەر ئاساسەن ئالغاندا نامەلۇم ياكى سىھىرلىق نەرسىلەر تەرىپىدىن ھېچ قاچان ئۈركۈپ كەتمەيدۇ. ئەسلىدە، ئۇنداق كىشىلەر دائىم دېگىدەك ئەنە شۇنداق بىلىنمىگەن شەيئىلەر تەرىپىدىن جەلىپ قىلىنىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىك روھى كېسەل كىشىلەرنىڭ بىلمەيدىغان ياكى سىھىرلىك تۇيۇلغان نەرسىلەردىن قورقىشىغا سېلىشتۇرغاندا ئاسمان-زېمىن پەرق قىلىدىغان بىر ئالاھىدىلىك. ماسلوۋنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەيىنىشتېيىن ئەنە شۇنداق ھېچ نېمىدىن چۈچۈپ كەتمەيدىغان مىجەزلىك كىشىلەرنىڭ تىپىك ئۈلگىسى بولالايدىكەن:36 “بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن ئەڭ گۈزەل نەرسىلەر سىھىرلىك نەرسىلەردىن باشقىچە بولىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇلار بارلىق سەنئەت ۋە ئىلىم-پەننىڭ بۇلىقىدۇر.” ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرالىغان كىشىلەر ئەتراپىدىكى مۇھىتتىن بەكلا كام ئۈركۈيدىغان بولۇش بىلەن بىرگە، ئۆزىدىنمۇ بەكلا كام قورقىدىغان كىشىلەردۇر. بۇنداق بىرسى دانىشمەنلەرچە ئىپادە بىلەن ئۆزىنى ۋە ئۆزىنىڭ تەبىئى مىجەزىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق بىرسى روھى ساغلام بولمىغان بىرسىگە قارىغاندا ئۆزىنىڭ بۇنداق تەرەپلىرىگە بەكلا كام زىھىن سەرىپ قىلىدۇ.
ماسلوۋ يەنە تەتقىق قىلغان بۇ تۈر داڭلىق كىشىلەر ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىدىن يەنە ئۇلاردا مۇنداق بىر قانچە ئورتاق نوقتىلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى سېزىدۇ: بۇنداق كىشىلەر مەسىلىلەرگە ئوبىكتىپ ھالدا، مەسىلىنى مەركەز قىلغان ھالدا مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇنداق مۇئامىلە قىلالايدىغان بولۇش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن مەسىلە ئوتتۇرسىدا بەلگىلىك بىر ئارىلىق قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان پەۋقۇلئاددە مۇئامىلە قىلىش سوغوق مۇئامىلە قىلدى، ھاكاۋۇرلۇق قىلدى، مەنپەئەت كۆزلەپ مۇئامىلە قىلدى، ھەتتا دۈشمەنلىك كۆزى بىلەن مۇئامىلە قىلدى دېگەندەك بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇلار ئادەتتىن تاشقىرى بىر نوقتىغا مەركەزلىشىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇپ، بۇ تۈر ئالاھىدىلىكلىرى ئۇلارنى كۆڭلى بىر يەردە بولماسلىقتەك ھالەتلەرگە كىرىپ قىلىشىغىمۇ سەۋەب بولىشى مۇمكىن. چۇنكى ئۇلاردا ئۆزلىرىگە قارىتا بەكلا ئاز تۇقۇنۇش بولۇپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ھەر دائىم ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىشىغا مەركەزلىشىپ قالىدۇ. ئۇلار تۇرمۇشىنىڭ مەلۇم بىر ۋەزىپە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. ئۇلار ۋاستىلارغا ئەمەس بەلكى ئىشىنىڭ نەتىجىسىگە بەكىرەك قىزىقىدۇ.
بۇنداق كىشىلەر ئادەتتە بەكلا دوستانە كېلىدۇ. بالىلارغا بەكلا قىزىقىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇلار بالىلار بىلەن بەكلا ئاسان چىقىشىپ ئۆتەلەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار قابىلىيىتىنىڭ بەكلا كۈچلۈك بولىشى تۈپەيلىدىن بەزى ۋاقىتلاردا ئۇلار ئۆزىنىڭ بالىلىق مىجەزىگە يېڭىلىپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇلار كۆپەنچە ۋاقىتلاردا ياخشى ئاتا-ئانا بولۇپ كېتەلىشىمۇ ناتايىن. قىسقىسى، ئۇلار ئادەتتە مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرگە بەكلا سىلىق مۇئامىلە قىلالايدۇ، ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنى بېسىۋېلىش كۈچى كۈچلۈك. “ئۇلار بارلىق ئىنسانلارغا قارىتا چوڭقۇر تەۋەلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپ، بەزىدە رەنجىپ قالىدىغان، چىداشلىق بېرەلمەيدىغان ياكى يىرگىنىدىغان ئەھۋاللارغا چۈشۈپ قالغىدەك بولسىمۇ، يەنىلا ئىچ ئاغرىتىش ۋە دوستلارچە ياخشى كۆرۈش ھېسسىياتىغا تولۇپ تاشقان، … چىن قەلبىدىن ئىنسانىيەتكە ياردەم قىلىش ئويىدىلا بولۇپ يۈرىدۇ.”
ئۇلار تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشنى ئارزۇ قىلماستىن، كەڭ قۇرساق ۋە سەۋىرچان، چىداشچانلىق بىلەن ئاستا-ئاستا، تەرتىپ بىلەن ئۆزگىرىش ياساش يولىنى ئىزدىنىدۇ ياكى بۇنداق ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدۇ. گەرچە جەمىيىتىمىزدىكى ئادەتتىكى كىشىلەر دائىم دېگىدەك بىر بولسا ئەمەلىيەتكىلا ئەھمىيەت بېرىدۇ ياكى بولمىسا يالغۇز نەزەرىيىگىلا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەمما ئۆزىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان كىشىلەر بولسا ھەم نەزەرىيىگە ھەم ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇلار بەخىتلىك نەتىجىگە ئېرىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار ياخشىلىققا ياخشىلىق بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار رەھىمسىزلەرچە ئېزىش ۋە بوزەك قىلىشلارنىڭ ئېغىر جازاغا تارتىلىشىنى خالايدۇ. ئۇنداق بىرسى ياخشى ئىشلار بىلەن شوغۇللىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ جىنايەتلەرنىڭ جازالىنىشىنى، ياخشىلىقلارنىڭ مۇكاپاتلىنىشىنى، باشقىلارنىڭ قابىلىيىتىنى ماختاش ۋە ئۇنىڭدىن ھۇزۇر ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق بىرسى يېتەرلىك دەرىجىدە ئۆزىگە ھۆرمىتى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈشىگىمۇ ئېھتىياجلىق ئەمەس. لازىم بولغىنىدا ئۇ دۈشمەنلىشىشكىمۇ رازى بولىدۇ. ئۇنداق بىرسى جىمجىتچىلىقنى، خاتىرجەملىكنى ۋە شۇنىڭدەك ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنداق بىرسى ئىش ئۆنۈمى تۆۋەن بولۇشنى خالىماي، ئىشىنى تولۇق ۋە چىرايلىق پۈتكۈزۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.37 ئۇنداق ئادەم ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە دۇنيانى ئەسلى قىياپىتى بويىچە كۆرۈشنى خالايدۇ. شۇنىڭدەك يەنە دۇنيانىڭ يېتەرسىز تەرەپلىرىنىمۇ كۆرۈپ، ئىشلەش ئارقىلىق بۇنداق يېتەرسىزلىكلەرنى تۈزىتىشنى خالايدۇ. ئۇنداق بىرسىدىكى ئاجايىپ بىلىش قابىلىيىتى ھەر قانداق بىر مۇھىتتا شەيئىلەرنىڭ ئىجابى ۋە سەلىبى تەرەپلىرىنى تەڭ كۆرەلەيدىغان قىلىدۇ. ئۇنداق بىرسى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن خوشاللىق ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭدەك قالايماقان، تەرتىپسىزلىكلەرنى رەتلىك يولىغا سېلىشنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنداق كىشى باشقىلارغا بېخىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئىچى تارلىق قىلىش ياكى كىشىلەرنى كەچۈرمەسلىك مۇئامىلىسى ئاساسەن يوق دېيەرلىك. ئۇنداق بىرسى باشقىلاردىكى ئارتۇقچىلىقلاردىن ھۇزۇرلىنىدۇ ھەمدە باشقىلارنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالالايدۇ. ئۇنداق بىرسى ئىش قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئىشىنى تېخىمۇ ئۆنۈملۈك، تېخىمۇ رەتلىك، تېخىمۇ تېز پۈتتۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرالىغانلار ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار فرېئۇدنىڭ ئۇنداق ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا (ئەسلى مەن، ئىد ۋە ئىپتىدائى مەن – ئا.ب) پەقەتلا يامان نەرسىلەر، رەزىللىكلەر، ۋەھشىلىكلەر ۋە خەتەرلىكلەرلا بولىدۇ، دەيدىغان نەزەرىيىسىگە قاتتىق رەددىيە بېرىدۇ. قىسقىسى، ماسلوۋ نەزەرىيىسى بويىچە ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرالىغانلارنىڭ بىلىنگەن ئاستى (يوشۇرۇن ئاڭ – ئا.ب) ئىجادىي خاراكتېرگە، دوستانىلىققا، ئاكتىپلىققا ۋە ساغلاملىقق تولغان دەپ قارىلىدۇ.38
تۆتىنچى بۆلۈم
تۈپكى ئېھتىياج نەزەرىيىسى
كۈچى
20-ئەسىرگە يېڭىدىن كىرىۋاتقان ۋاقىتلاردا، ئامېرىكىلىق داڭلىق بىر پسىخولوگ ۋە پەيلاسوپ ۋېلھىلم ئومس، ئادەتتىكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ بارلىق يوشۇرۇن كۈچىنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىنىلا ئىشلىتەلەيدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلغان ئىدى. ئومس بۇ دېگىنىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم كەشپى دەپ ھېسابلايدۇ. «بىز ئۆزىمىزنىڭ بولۇشقا تېگىشلىك ئادەم بولۇشىمىزغا سېلىشتۇرغاندا، بىز پەقەت ئارانلا يېرىمىغىچە ئۆزىمىزنى ئۇيغاق تۇتالىغان ھېسابلىنىمىز. بىزنىڭ قىزغىنلىقىمىز زەربە يەپ كەتكەن بولۇپ، بىزدىكى قابىلىيەت ئىستىقبالىمىزنىڭ مەنزىرىسى تولۇق ئېچىلالماي قالغان. بىز مىڭىمىزدىكى ھەمدە ۋۇجۇدىمىزدىكى مەنبەلەردىن ئاران بەكلا ئاز بىر قىسمىنىلا ئىشقا سالالىغان ھېسابلىنىمىز.» قانداقتۇ بىر سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، يەنى بەلكىم ھەر تۈرلۈك ئىلىملەر روھىي كېسەللىكلەرگە، ئادەتتىكى ئادەم دېيىلگەن ھەمدە ھايۋانلار تەتقىقاتدىكى ئاچ كۆزلۈك، روھىي كېسەللىكشۇناس ھەمدە ئىش-ھەرىكەتچىلىك تەتقىقاتچىلىرى بۇنداق بىر مۇھىم ھۆكۈمگە پەقەتلا دىققەت قىلىشمىغان. ھەرقانداق بىر سەۋەپتىن كەلگەن بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، يېقىنقى 50-60 يىل جەريانىدا ئادەمدىكى يوشۇن ئىقتىدار بىلەن بۇنداق يوشۇرۇن كۈچىنى قانداق قىلغاندا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچ بىر تەتقىقات بىلەن شوغۇللانمىدى. 1967-يىلىغا يېقىن، بۇ ساھەدىكى باشلامچىلاردىن بولغان سوتسىيال پسىخولوگ دوكتور ھېربېرت ئوتتو مۇنداق دەيدۇ: «يېقىنقى 50 يىل مابەينىدە ئىنسان يوشۇرۇن قابىلىيىتى دېگەن بۇ تېما سوتسىيالوگلار بىلەن ئىش-ھەرىكەت تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي سەل قاراپ كېلىندى. ئۇلار بۇ ئىشنى ھېچ قاچان بىر تەتقىقات تېمىسىنىڭ مەركىزى سۈپىتىدە قولغا ئېلىپ باقمىدى.»
دوكتور ماسلوۋ، ئىنسان مۇددىئاسى ھەققىدىكى بۇ ئومۇمىي نەزىرىيىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ساھەسىدە، يەنى ئىنساندا تېخى ئىشلىتىلمەي ساقلىنىۋاتقان كۈچلۈك يوشۇرۇن قابىلىيەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇ، بارلىق بوۋاقلاردا ياكى ھېچ بولمىغاندا بارلىق بوۋاقلاردا دېگىدەك تۇغۇلۇشىدىنلا پسىخولوگىيىلىك تەرەققىيات ئۈچۈن يوشۇرۇن قابىلىيىتى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئېھتىياجىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.58
پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئىچىدە بىر پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدىغان قابىلىيەتلىك كىشىلەر ئۈستىدە تەتقىقات قىلىش ئارقىلىق شۇنى بىلەلەيمىزكى، ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى دېگىنىمىز زادى نېمە؟ ماسلوۋ، مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەردە چوقۇم ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئېھتىياجىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ۋە بۇنداق ئېھتىياجنى ئىشقا ئاشۇرۇش مايىللىقى بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتى. ئەمما ئەمەلىيەتتە ھەممىلا ئادەمدە بۇنداق بىر ئىقتىدار بار بولىدىغاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن، بەكلا ئاز كىشىنىڭ ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش باسقۇچىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقى ھەيران قالارلىق ئىدى. بۇنىڭ قىسمەن سەۋەبى، كىشىلەر ئۆزىدىكى بۇنداق بىر يوشۇرۇن ئىقتىدارىنىڭ بولىدىغانلىقىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز، كىشىلەر نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ، شۇنىڭدەك يەنە ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ نېمە پايدىسى بارلىقىدىنمۇ خەۋىرى يوق.
ماسلوۋ، ئولىمپىك ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن چىمپىيونلارنى ھەردائىم ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرالىغانلارغا مىسال قىلىپ كۆرسىتەتتى. بىر چىمپىيون، ئۆز تەنھەرىكەتچىلەريوشۇرۇن قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇش ساھەسىدە زادى قانچىلىك قابىلىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. شۇنىڭدەك بۇنداق بىرسى يېتەلىگەن نىشانىنى قالغان ئىسپورتچىلارغىمۇ ئۆلچەم قىلىپ بەلگىلەپ بېرەلەيدۇ. ماسلوۋ ياش ۋاقىتلىرىدا يېنىك ئاتلىتكا ئەترىتىگە قاتنىشىپ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش خىيالىنى قىلىپ باققان ئىدى. ئۇ كۈنلەردە 4 مىنۇت ئىچىدە 1 مىل (1609 مېتر) ئۇزۇنلۇقنى يۈگىرەپ بولۇش قەتئىي مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىلاتتى. ئەمما ئاقىۋەتتە ئادەم قىلالمايدۇ دەپ قارالغان بۇ ئىشنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكى ئادەم بالىسى ئىسپاتلاپ بەردى. ھەر قېتىملىق رېكورت بۇزۇش ھادىسىسى ئادەم يوشۇرۇن ئىقتىدارى بۇ تۈرلەر بويىچە ئاز-ئازدىن بولسىمۇ ئۆرلىشىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە ئىدى.
گەرچە ماسلوۋ ئادەم دېگەن بۇ ئۇقۇمدا ئادەم بالىسى تۇغۇلۇشىدىنلا بار بولىدىغان ئىرىسىيەت جەھەتتىكى پەرق ئېھتىمالىنىمۇ چەتكە قاقمىغىنى بىلەن، يەنىلا ئادەم يوشۇرۇن قابىلىيىتىنىڭ ھامىنى مەۋجۇت دەپ قارايتتى. ھەر بىر ئادەمدە بۇ تۈردىكى ئۈستۈن يوشۇرۇن كۈچكۈچلەر بولىشى مۇمكىن بولسىمۇ، بۇنداق يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى ئۆلچەش ئۇنداق ئاسان ئىشمۇ ئەمەس ئىدى. "بىز بىر كىشىنىڭ كەلگۈسىدە زادى قانچىلىك بويى ئۆسىدىغانلىقىنى ئۆلچىيەلمەيمىز. بىز پەقەت بۇ كىشىنىڭ ھازىر قانچىلىك ئىگىزلىكىنىلا ئۆلچىيەلەيمىز؛ بىز ئەڭ مۇۋاپىق شارائىت ئاستىدا بىر ئادەمنىڭ زادى قانچىلىك زىرەكلىشەلەيدىغانلىقىنى بىلەلمەيمىز، بىز پەقەت بۈگۈن بۇ كىشىنىڭ قانچىلىك ئەقىللىق بىرسى ئىكەنلىكىنىلا بىلەلىشىمىز مۇمكىن." شۇڭا، بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغىنى، بۇ تۈردىكى نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىشكە سەۋەب بولىدىغان ئاتاغلىق كىشىلەرنى پەقەتلا كۈزىتەلىشىمىز، بۇ تۈردىكى "ئولىمپىك ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكۈچىلەرنى كۈزىتەلىشىمىزلا مۇمكىن." ئۇلارنىڭ زادى قايسى دەرىجىدە ئىش بېجىرەلىشىنى كۈزىتەلىشىمىزلا مۇمكىن.
ماسلوۋ شۇنىڭغا تولۇق ئىشىنىدۇكى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەردە كەشىپ قىلىش، ئۆزلىكىدىن تەرەققىي قىلىش، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، قىزىقسىنىش، تىنماي يېتىلىش، باشقىلارنى سۆيۈش ۋە باشقىلار تەرىپىدىن سۆيۈلۈش بولىدۇ. ھەمدە ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرغۇچىلاردا بار بولغان باشقا ھەممە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولىدۇ. بىرەر كىشىدىكى ئىش ھەرىكەتلەردە كۆرۈلۈدىغان ناچار ئىللەتلەر ئۇنىڭدىكى تۈپكى ئېھتىياجلارنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن تارتىپ ئېلىنىشىدىن ئوتتۇرغا چىقىدىغان مىجەزلەردۇر. ئالايلۇق بۇنداق بىرسىدىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئاز-تۇلا ئۆزگىرىپ ياخشىلانغان بولىدىكەن، دېمەك بۇنداق بىرسى ئۆزىدىكى ھەقىقىي يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاتلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ كىشى تېخىمۇ ساغلام، تېخىمۇ نورىمال كىشىلەر تەرىپىگە قاراپ ئۆزىنى تۈزەۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.59 فرېئۇد بىزگە مۇنداق دەيتتى: ھەرقانداق كىشىنىڭ كەچۈرمىشى ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئىش-ھەرىكىتىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. تەرەققىي قىلىش نەزەرىيىسى بىلەن ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نەزەرىيىسىنى بىلگەندىن كېيىن، بىز چوقۇم شۇنىمۇ چۈشىنىپ يېتەلەيمىز: كېلەچىكىمۇ غايە، ئۈمىد، مەسئولىيەت، ۋەزىپە، پىلانى، مەقسىدى، ئىشقا ئاشرۇلمىغان يوشۇرۇن قابىلىيىتى، بۇرچى، تەغدىرى، ماكان تەۋەلىكى قاتارىدىكى شەكىللەر بويىچە بىر ئادەمنىڭ ئەمەلىي ھاياتىدا ساقلانغان بولىدۇ.
ماسلوۋ، ئاسپىرانتلىرىغا يەتمەكچى بولىدىغان تىرىشچانلىق كۆرسىتىش غايىسىنى پەۋقۇلئاددە يوقۇرى قىلىپ بەلگىلىۋېلىشقا رىغبەتلەندۈرەتتى. شۇڭا ھەر دائىم ئوقۇغۇچىلىرىدىن سەن ھاياتىڭدا قانداق بىر داڭلىق ئەسەر يېزىپ چىقىشنى پىلانلاۋاتىسەن، ياكى قانداق ئۇلۇغ بىر ۋەزىپىنى ئورۇنداشنى پىلان قىلدىڭ دەپ سورايتتى. ئەمما ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنىڭ بۇنداق سۇئاللىرىغا ھەر دائىم غۇدراپ قوياتتى. شۇڭا ئۇلار ماسلوۋنىڭ بۇنداق سوراشلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇناتتى. ئەمما ماسلوۋ ئۇلاردىن «ئەگەر سەن ئۆزەڭنى بىر پسىخولوگ قىلىپ يېتىشتۈرۈشنى پىلانلىغان ئىكەنسەن، ئۇنداقتا سەن ئىنتايىن ئاكتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلايدىغان پسىخولوگ قىلىپ يېتىشتۈرۈشنى ئويلامسەن ياكى پاسسىپ پسىخولوگ قىلىپ يېتىشتۈرۈشنى پىلانلامسەن؟ ياكى ياخشى بىر پسىخولوگ قىلىپ يېتىشتۈرۈشنى خالامسەن ياكى ناچار بىر پسىخولوگ قىلىپ يېتىشتۈرمەكچى بولىسەن؟ ئەگەر سەن يېپ-يېڭى ئالدىنقى قاتاردا بىر ئەسەر يېزىشنى ئۆزەڭگە غايە قىلمىساڭ ئۇنداق بىر ئەسەرنى باشقا كىم يېزىپ چىقسۇن دەيسەن؟ - دەپ سورايتتى. - ئەگەر سەن تىرىشىش يولۇڭدا قەستەنگە ھۇرۇنلۇق قىلىش يولىنى تۇتىۋالساڭ، بەك كۈچ چىقارمايدىغان ئاسان يولنى تاللىۋالماقچى بولساڭ، شۇنى كېسىپ ئېيتالايمانكى، سەن مۇقەررەر بىر بەخىتسىز بىرى بولۇپ چىقىسەن. سەن كەلگۈسىدە چوقۇم قولىڭدىن كېلىدىغان ئىشلاردىن قىلالايدىغان ئىشلاردىن ھەر دائىم ئۆزەڭنى قاچۇرۇپلا يۈرىدىغان بىرسىگە ئايلىنىپ قالىسەن.»
ئادەم دېگەندە، جاھانغا پاتمايدىغان، دەبدەبىلىك خام خىياللىرى بولغىنىدىلا مەن چوقۇم پلاتوندىن ئۆتۈپ كېتىدىغان بىرسى بولالايمەن دېيەلەيدىغان ئىرادىسى بولىدىغان بىرسى بولالىشى مۇمكىن. نىشانىنى ئەنە شۇنداق يوقۇرى قىلىپ بەلگىلىۋالالايدىغان كىشىلەردىمۇ ئىرادىسى بوشاپ كېتىدىغان پەيتلىرى بولىشى مۇمكىن. چۇنكى ئۇنداق بىرسى ئۆزىنىڭ ھامىنى يېتەرسىز تەرەپلىرى بار دەپ ھېس قىلىپ تۇرىدىغان بولىدۇ. ئەمما بۇنداق بىرسى ھەر دائىم پلاتوننىڭمۇ چوقۇم بۇنداق ئاجىز نوقتىلىرى، جاسارەت قىلالمايدىغان ئىشلىرى، ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەپ قالىدىغان ۋاقىتلىرى بولىشى چوقۇم، شۇنىڭغا قارىماي قانداقلا بولمىسۇن، ئۇ چوقۇم تىرىشىشتىن بوشاشمىغان دەپ ئىشىنىدۇ. ماسلوۋ بىزگە ئادەمدىكى يوشۇرۇن كۈچىگە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خىياللاردا بولماسلىقى كېرەك، ئادەمنىڭ ماھىيىتى مۇتلەق تۈردە ئالغا ئىلگىرلەش ئىنتىلىش كۈچىگە ئىگە شەكىلدە يارىتىلغان، ئەمما بىز ئەينى ۋاقىتتا يەنە ئادەمنىڭ ماھىيىتىدە دەل بۇنىڭ ئەكسى تۈرتكە كۈچىنىڭمۇ بولىدىغانلىقىنى ، چېكىنىش، ئىلگەىرلەشتىن قورقۇش، ئۆزىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇنىمايدىغان كۈچىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك دەيدۇ.
ئۆزىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدىغان كىشىلەر تەتقىقاتىدا، ماسلوۋنىڭ كەشپىياتلىرىدىن بىرى، بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك ئۇلاردا مۇتلەق تۈردە يوقۇرى پەللە تۇيغۇلىرى دېگەن ھادىسىنى ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. يەنى ئەڭ مۇكەممەل پەيىتتە تۇرىۋاتقىنىدا، ئۇنداق بىرسى ئالاھىدە سەمىمىي، كۈچلۈك بەخىت، تەلۋقىلەرچە خۇشاللىق، ئىنتايىن مۇكەممەللىك ياكى ئاجايىپ خالىس پەيتلەرنى ياشىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، ئەڭ ساغلام كىشىلەرلا بۇنداق ئەڭ يوقۇرى پەللە تەسىراتىغا ئىگە بولالايدۇ دەپ كېسىپ ئېيتىشقا بولمايدۇ. ماسلوۋ يەنە60 باشقىلارغا ئەڭ ئېسىل بىر مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويىۋاتقان پەيتىدە، ئۇ كىشىنىڭ «ھاياتىم بويىچە پەقەت بۈگۈنلا ئەڭ خۇشالللىقنىڭ تەمىنى تېتىماقتىمەن، ئەڭ بەخىتلىك پەيتلەرنى ياشىماقتىمەن، ئەڭ لەززەتلىك پەيتلەرنى ياشىماقتىمەن» دەپ تەسۋىرلەپ بېرەلەيدىغانلىقىنى سەزگەن.
شۇ سەۋەبتىن، يوقۇرى پەللە تەسىراتىغا ئېرىشكەن پەيتتى، ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى ئۆز رولىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرالايدىغان، ئۆزىنى ئەڭ كۈچلۈك ھېس قىلىدىغان، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئەڭ كۈچلۈك، ئۆزنىڭ ۋاقتىنى ئەڭ مۇكەممەل پايدىلانالايدىغان بىردىن-بىر پەيتى ھېسابلىنىدىكەن. بىز بۇ يەردە ئەڭ يوقۇرى پەللە تەسىرات پەيتىنى بىر ماتورغا ئوخشىتايلى، بۇ ماتورنىڭ بارلىق پورشىنلىرى تۇيۇقسىزلا ھەرىكەتكە كېلىپ ئەڭ ياخشى ھالىتىدە ھەرىكەتلىنىشكە باشلايدۇ. نەتىجىدە ھېچقاچان كۆرۈلمىگەن بىر شەكىلدە ئەڭ يوقۇرى چەكتە كۈچ چىقىرىشقا باشلايدۇ؛ بولمىسا بۇ ماتورمۇ بۇرۇن نۇرغۇن قېتىم ناچار ئىشلەپ باققان پەيتلىرىمۇ بولغان، ئۇ پات-پاتلا پاقىلداپ ئىس پۈركۈپ تۈزۈك قوزغىلالماي قالىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بولغان ئىدى. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش كەشپىياتچى، ماھىر تەنھەركەتچى، رەھبەر، شىركەت باش درېكتورى قاتاردىكىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يوقۇرى پەللە ھالىتىدە خۇددى شۇ ماتورنىڭ ئىشلىشىگە ئوخشاش ئەڭ ئۆنۈملۈك پەللە ھالىتىنى باشتىن كەچۈرگەن. يوقۇرى پەللە ھالىتىدە تۇرغان بىرسى ئادەتتىكى ۋاقىتلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ كەسكىن، تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ زېھنىنى يىغالايدىغان، باشقىلارنىڭ قارشى چىقىشلىرىغىمۇ تېخىمۇ كۈچلۈك بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىمۇ شۇنچە كۈچلۈك، ئۆزىنى تېخىمۇ كۈچلۈك تىزگىنلىيەلەيدىغان ھالەتكە ئېرىشەلەيدۇ. سىرتتىن كۈزەتكۈچىگە نىسبەتەن ئالغاندا، بۇنداق بىرسى ئادەتتىكى ۋاقىتلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىشەنچىلىك، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىنتىلىپ تۇرىدىغان، تېخىمۇ ھەمكارلاشقۇچى بىرى بولۇپ كۆرىنىدۇ.
ئادەتتە داۋالاش جەريانىدىمۇ بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئەھۋاللارغا دۈچ كېلىشىمىز مۇمكىن. كارل روگېس، بۇنداق يوقۇرى پەللە پەيتىنى «تولۇق جارى بولۇش پەيتى» دەپ تەرىپلەيدۇ. بۇنداق بىر پەيت تولۇق بىر پۈتۈنلۈك ھالىغا ئېرىشكەن پەيتىدە، كىشى ئادەتتىكى ۋاقىتلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ تىخىمۇ ئەركىن رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان، ئۆز ئىقتىدارىنى تېخىمۇ مۇكەممەل ئىپادىلىيەلەيدىغان شۇنىڭدەك ئۇنداق بىرسى ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىدىن ھەمدە كەلگۈسىگە بولغان تۇيغۇلىرىدىن شۇنچە مۇكەممەل ھالقىپ ئۆتەلەيدىغان بولىدۇ. بۇنىڭدەك كۈچلۈك بەخىتلىك پەيتلىرىدە گۇمانلىنىش، قورقۇش، چەكلىمىلەردىن قېچىش، ھېسسىياتلىنىش ھەمدە ئاجىزلىق قاتارلىق مىجەزلىرىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلغان، ئۇنىڭدا پات-پات خاتىرجەمسىزلىنىش تۇيغۇلىرى پۈتۈنلەي يوقالغان بولىدۇ.
بۇنداق يوقۇرى پەللە ھالىتىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار بەكلا كۆپ. ئالايلۇق بىرەر داڭلىق مۇزىكىنى ئاڭلىغىنىدا، تەنتەربىيە جەھەتتە تەڭداشسىز نەتىجىگە ئېرىشكەنلىرىدە، بىرەر قېتىملىق ئەڭ مۇكەممەل جىنىسى مۇناسىۋەت قىلىۋالغىنىدا، ھەتتا مۇكەممەل بىر قېتىم ئۇسۇل ئوينىۋالغىنىدىمۇ بۇنداق ھالەتكە ئېرىشىش ئىمكانىغا ئېرىشەلىشى مۇمكىن. «بۇلاردىن مەلۇمكى، گويا ھەر قېتىملىق ھەقىقىي تۈردە بىرەر ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ چىرايلىق تەسىرات ياكى ئەنە شۇنداق ئەڭ ھەققانىي، ئەڭ گۈزەل قىممەتتىكى بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىلا يوقۇرى پەللە ھالىتىنى پەيدا قىلالىشى مۇمكىن ئىكەن.»
تۈۋەندە بىز دوكتور ماسلوۋنىڭ خاتىرىسىدىكى بەزى مىساللارنى كۆرۈپ چىقايلى: «مەلۇم بىر ياش ئانا ئاشخانا ئۆيىدە يولدىشى بىلەن بالىلىرىغا ناشتىلىق تەييارلاش ئالدىراشچىلىقىدا ئىدى. قۇياش نۇرى ئۆيگە چۈشىدۇ، بالىلىرى رەتلىك ھەم پاك-پاكىزى كىيىنىپ تامىقىنى ييىشكىنىچە بىر-بىرى بىلەن تىنماي بىر نېمىلەر دېيىشەتتى. يولدىشى بولسا كۆڭۈللۈك بىر شەكىلدە بالىلىرى بىلەن بىر نېمىلەر دەپ ئادەتتىكىچە گەپ تالىشىپ قوياتتى. ئەممە دەل شۇ پەيتتە ئانا ئۇلارغاقارىغىنىچە بالاچاقىلىرىنىڭ شۇ پەيتتىكى بەخىتلىك قىياپىتى ئۇنىڭغا ئاجايىپ گۈزەل كۆرۈنۈپ كېتىدۇكى، بۇنىڭدىن چەكسىز سۆيگۈ ھېسسىياتىغا كېلىپ ئۆزىنى چەكسىز بەخىتلىك بىرسى ھېس قىلىپ ھەقىقىي تۈردە يوقۇرى پەللە ھالىتىنى ياشايدۇ.61
«爵士 ئوركىستىر ئۆمىكىدە داپ چېلىپ بېرىپ تاپقان پۇلى بىلەن مىدىتسىنا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن مەلۇم بىر ياش، ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتكەندە ماڭا مۇنۇلارنى دەيدۇ: ئۇ ئۆزىنىڭ داپ چېلىش ھاياتى جەريانىداداپ چېلىۋاتقىنىدا 3 قېتىم يوقۇرى پەللە تۇيغۇسى ياشىغانلىقىنى، شۇ پەيتتە ھەقىقەتەنمۇ دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق داپچىمەن ھېسابلىغانلىقىنى، خۇددى شۇنىڭدەك داپ چېلىش ۋەزىپىسىنىمۇ ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە ئورۇندىغانلىقىنى ھېس قىلغان. »
«باشقا بىر ئايال ساھىپخان بىر قېتىملىق كەچلىك ئولتۇرۇش تەييارلىغان. شۇ چاغدا ئۇ پۈتۈن ئىشلىرىنى شۇنداق قۇسۇرسىز پۈتتۈرگەن ئىدىكى، ئۇ ئاخشىمى كۆپچىلىك ھەقىقەتەنمۇ پۇخادىن چىققىچە كۆڭۈل ئېچىشقان. زىياپەت ئاخىرلاشقان، مېھمانلار تارقىلىپ ئەڭ ئاخىرقى مېھمىنىنى ئۇزۇتۇپ بولۇپ بىر ئورۇندۇقنى تارتىپ ئولتارغىنىچە ئەتراپقا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتكىنىدە بۇ ئايال شۇنداق خۇشال ھالەتنى ياشىغان ئىدىكى، ھەقىقەتەنمۇ ئەڭ بەخىتلىك تۇيغۇلار بىلەن يوقۇرى پەللە ھالىتىنى ياشىغان.»
يوقۇرى پەللە ھالىتىنى ياشاۋاتقان كىشى ئۆزىنى ئەڭ مۇكەممەل بىرسى ھېس قىلىپلا قالماي، ئۆزىنى ئەڭ جاسارەتلىك، تېخىمۇ تولۇق پۈتۈنلەشكەن بىرى ھېسابلايدىكەن. شۇنىڭدەك يەنە ئۇنىڭ قارىشىدا پۈتكۈل دۇنيا شۇنداق گۈزەللىشىپ، شۇنچە مۇكەممەللىشىپ، شۇنچە نۇقسانسىز بىر پۈتۈن بولۇپ شۇنچە رىيال بولۇپ كۆرىنىدىكەن. ئادەتتىكى بىر كىشىگە نىسبەتەن ئالغاندىمۇ بىر قېتىملىق يوقۇرى پەللە تەسىرات باسقۇچىغا كىرگەن ۋاقتى ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن يوقۇرى پەللە پەيتىنىڭ قانداق بىر مۇكەممەل بىر پەيت ئىكەنلىكىنى ئەڭ ياخشى ھېس قىلالايدىكەن. ماسلوۋ، تەخمىنەن بىرەر يۈزدەك كىشى ئۈستىدە بۇ ھالەت ھەققىدىكى ھەر تۈرلۈك تەسۋىرلىرىنى ئاڭلاپ، بۇنداق يوقۇرى پەللە پەيتى ھەققىدە قانداق ئوتتۇرغا چىققان بولىشىدىن قەتئىي نەزەر بىر قانچە دائىم قوللىنىدىغان سۆزلەرنى رەتلەپ چىققان. بۇ بىر قاتار سۆزلەر ئۆزىنى تولۇق ئىپادىلىگۈچىلەر ئۈچۈن تەڭ قىممەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنىمۇ سەزگەن. بۇ سۆزلەر ھەقىقىي، سەمىمىي، مۇكەممەل، ئىككى قۇتۇپلۇق نوقتىدىن ھالقىغان، جانلىق، ئۆزگىچە، ئەڭ گۈزەل، زۆرۈر، تولۇق، ئادىل، رەتلىك، ساپ، مول، تەبىئىي، ئىچىدىن قايناپ چىققان، يېتەرلىك دېگەنلەردىن تەشكىل تاپىدىكەن.
دېمەك يوقۇرى پەللە ھالىتى ھەقىقەتەنمۇ داۋالاشقا ئەڭ پايدىلىق ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدىكەن. يەنى روھىي كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يوقۇتۇشقا پايدىلىق بولىدىكەن. ماسلوۋ، بىر قىسىم پسىخولوگ بىلەن باشقا بىر قىسىم كىشىلەردىن بۇنىڭدەك بىر مۇنچە دوكلاتلارغا ئېرىشكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسىدىلا دېگىدەك يوقۇرى پەللە تەسىراتى شۇنداق چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنكى، بۇنىڭ تەسىرىدە بەزى كېسەللىك ئالامەتلىرى پۈتۈنلەي يوق بولۇپ كېتەلەيدىكەن. مۇۋاپىق شارائىت ئاستىدا، بۇنداق تەسىرات بىر كىشىنى مەڭگۈلۈك ئۆزگەرتىۋىتەلىشى مۇمكىن ئىكەن. دوكتور ئا. خوف زابوي كېسەلمەنلەرنى ساقايتالىشى ئۈچۈن دەل شۇنداق يوقۇرى پەللە پەيتىنى پەيدا قىلىشنى ئىشقا سالغان. يەنى مۇزىكا، كۆز بىلەن كۆرۈپ غىدىغلىنىش، كۆرسەتمىلەر، موسكالىن بىلەن ل. س. د. (بۇ ئىككىلا دورا خىيال كۆرگۈزىدىغان كۈچلۈك دورىلار) لاردىن پايدىلىنىپ زابوينى يوقۇرى پەللە ھېسسىيات ھالىغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقان. بۇلار ئىچىدە يوقۇرى پەللە ھېسسىيات ھالىتىغا كىرەلمىگەن كېسەللىكلەردىن ھېچ قايسى ھاراق خۇمار ئادىتىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن.62
دوكتور ماسلوۋ يەنە، بەكلا كۆپ كىشى بېشىدىن ئۆتكەن ئەڭ خۇشال، ئەڭ بەخىتلىك پەيتلىرىنى سۆزلەپ يۈرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنىمۇ سەزگەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇنداق تۇيغۇغا كەلگەن ۋاقىتلىرىنى ئوچۇق ئاشكارە ھەممە كىشىگە سۆزلەپ يۈرۈشكە بولىدىغان تۇيغۇلار ئەمەس دەپ قارىشىدىكەن. چۇنكى بەكلا كۆپ كىشى بۇنداق تۇيغىغا كەلگەن ۋاقىتلىرىدىن قورقىدىكەن ياكى نومۇس قىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇنداق يوقۇرى پەللە پەيتى ئىلمىي ھېسابلانمايمىش. بەكلا كۆپ كىشى بۇنداق ھاياجانلانغان پەيتىدە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنى ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق بەخىتلىك ھېس قىلىشىدىكەن. خوشاللىقىدىن ئىچىگە پاتماي يايراپ كېتىدىكەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇنداق بىرسى باشقىلارنى، پۈتكۈل دۇنيانى قىزغىن سۆيۈش ھالىتىغا كېلىدىكەن، ھەتتا بۇنداق بەخىتكە تولغان بىر دۇنيا ئۈچۈن ئۆزىمۇ بىرەر ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش ئارقىلىق ياشىغان لەززەتلىك مىنوتلىرىنىڭ قەرزىنى تۆلەش ئارزۇسىغا كېلىپ كېتىدىكەن. ماسلوۋ يەنە يوقۇرى پەللە تۇيغۇغا كەلگەن پەيتلىرى بارلىق دىنى مەزھەپ، دىنى ئۆرپە ئادەتلەر بويىچە ئېرىشىلىدىغان ھېسسىياتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا ئېرىشىلىدىغان ئورتاق ئالاھىدىلىك بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ھەر قانداق بىر دىن، ھەرقانداق بىر دەۋردە، ھەر قانداق بىر مەدەنىيەت مۇھىتىدا ياشايدىغان كىشىلەرمۇ ئوخشاشلا سۆزلەر بىلەن بۇنداق سىھىرلىك يوقۇرى پەللە تەسىراتىنى تەسۋىرلىشىدىكەن. بۇ بىر قىزىقىشقا ئەرزىيدىغان ئەھۋال ھېسابلانماسمۇ؟
ۋىلھېلم ئومس، بۇنداق تەسىرات پەيتىنى «سىھىرلىك تەسىرات» دەپ ئاتايدۇ. ھەمدە بۇ تەسىرات پەيتىنى تەپسىلى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. ماسلوۋمۇ بۇ ھەقتە بەرگەن دوكلاتىدا، دىنغا ئېتىقات قىلىدىغان كىشى ياكى ئۆزىنى بىرەر دىنغا ئېتىقات قىلىمەن دەپ قارايدىغان بىرسى مۇتلەق تۈردە بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشاش دېگىدەك سۆزلەر بىلەن بۇنداق پەيتىنى تەسۋىرلىشىدىكەن. شۇڭا ئۇ، بۇنداق تەسىراتقا كىلىشلەرنى تەبىئەتتىن ھالقىغان مەزمۇنلار ئارىسىدىن ئىلغاپ چىقىرىۋېلىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن. ماھىيەتتە بۇنداق يوقۇرى پەللە تەسىراتلارمۇ ئەسلىدە تەبىئىي تەسىراتلار ئىكەن. ئاتېست ھېسابلىنىدىغان فرېئۇدمۇ ئەنە شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان تەسىرات پەيتىنى تەسۋىرلەپ كېلىپ، ئۇنىڭغا «بىپايان دېڭىزدەك كەڭىرى تۇيغۇ» دەپ نام بېرىدۇ.
ماسلوۋ، يوقۇرى پەللە ھېسسىيات پەيتى، كىشى رىيال دۇنيانىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى تېخىمۇ مۇكەممەل چۈشىنەلەيدىغان بولىدۇ، بۇنداق پەيتتە ئۇلار بەكلا كۆپ پەيلاسوپ ۋە ئىلاھىيەتشۇناسقا ئوخشاش ىياللىقنىڭ بىر پۈتۈنلۈك تەرىپىنى كۈزەتكەن بولىدۇ دەپ كېسىپ ھۆكۈم قىلىدۇ.63
6. پسىخىك تەرەققىيات
|