قاپقارا كۆمۈردىن ئىللىيدۇ يۈرەك
بەرگەچكە ئىنسانغا مېھىر - ھارارەت
قاپقارا كۆمۈردىن ئىللىيدۇ يۈرەك
تۈگەر بىركۈنى قالماس بىر تىيىن
قىلغان ياخشىلىق ، ئېھساندىن بۆلەك
ئاچنىڭ دەردىنى توق بىلمەس دەيدۇ. ئۆزى توق ، ئەمما ئاچنىڭ دەردى ئۈچۈن دەرد تارتىدىغان يۈرەكنى پەرىشتىنىڭ يۈرىكى دەيمەن...
پەرزەنتلىرىدىن بالدۇرلا ئايرىلغان ،ھېچقانداق يۆلەنچۈكى بولمىغان شارائىت ئاستىدا ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ جۈپ قولىغا تايىنىپ ھاياتىنى داۋام ئىتىۋاتقان قەيسەر ، جاپاكەش ئاتا-ئانىلىرىمغا «غەيرەت قىلىڭلار!»دىگۈم بار! ئەلبەتتە بۇ شۇ غەمگۈزارلىرىمىزنىڭ تاللىشى ئەمەس ، پەرزەنتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئەمەس! ئاتا- ئانىسىنىڭ ياشىنىپ قالغان ، كىسەلچان بولۇپ ئاجىز ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ،مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ،پەرزەنتلىك بۇرچىنى ئۇنتۇپ ،ئۆز ئاتا ئانىسىنى تاشلاپ كەتكەن ۋاپاسىز، بىكۆيۈم پەرزەنىتلەرگە لەنەتلەر بولسۇن! پەرزەنتى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتاپ،قەيسەرلىك بىلەن ياشاۋاتقان،تىرىشىۋاتقان ئاتا-ئانىلارغا مەدەتلەر ئۈزۈلمىسۇن! ياشلىقىنى، زېھنىنى، مېھرىنى شۇ بالىلارغا بېغىشلىغان پىداكار ئاقكۆگۈل ئاتا - ئانىلىرىمغا ئاپىرىن!
مېھىر-مۇھەببەت دۇنيادىكى بارلىق جانلىقلارغا ئورتاق بولغان، تەرجىمە كەتمەيدىغان،كۆرەلمىسىمۇ، ئاڭلىيالمىسىمۇ، سۆزلىيەلمىسىمۇ ....ئوخشاشلا ھېس قىلغىلى بولىدىغان قىممەتلىك تۇيغۇ! بىزنىڭ ئانىلىرىمىز تۇتقان ئۆي سۇلتان-سارايدىنمۇ ھەشەمەتلىك. چۈنكى بۇ ئۆيدە ئانىنىڭ ھىدى ، ئانىنىڭ مېھرى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ . ئانىلار مانا مۇشۇنداق مېھنەتسىز ئۇلۇغ زات . بۈگۈن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگىنىم شۇكى ئانىلىرىمىز يالغۇز قاپتۇ . بىزنىڭ مىھرىمىزگە ،بىزنىڭ كۆيۈنۈشىمىزگە ئېھتىياج بولۇپ ئولتۇرۇپتۇ، قەھرىتان سوغوقتا ، تۇرمۇشنىڭ رەھىمسىزلىكى تۈپەيلى ئۆز يۈرۈكىنى گۈلخان قىلىپ بىر ئائىلىنى ئىسستىپتۇ ، شۇ زەپىران چىرايلارغا خۇنۇكلىشىپ كەتكەن كۆزلەرگە قاراپ يۈرۈكۈم ئېزىلىپ كەتتى . جاندىن ئۆتىدىغان بۇ سوغوقتا چاۋا (ئوتۇننىڭ پارچىللىرى)نى تېرىپ ئىسسىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىپتۇ ، ئانىللىرىمنىڭ قولىنى تۇتقان ۋاقتىمدا كۆز ياشلىرىمنى توختىتالمىدىم . بۆشۈك تەۋرەتكەن جۈپ قوللار ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە چاك - چاك يېرىلغان ئىدى.
بۈگۈن مەن يەنە تۇربا سۈيىگە تەشنا خەلقىمنى كۆردۈم . جاندىن ئۆتىدىغان بۇ زىمىستاندا شۇنچە يىراق ئۆستەڭدىن ئىچىملىك سۇ ئەكىلىۋاتقان ھالەتنى كۆرۈپ يۈرۈكۈم پىچاق تىققاندەك بولۇپ كەتتى .
بۈگۈن شامال يېزىسىدىكى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيتىمىز ئۈچۈن مىھرىنى ، سېخى قوللىرىنى ئايىمىغان بارچە ئەزىزلىرىمگە چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرۈمەن ! ھەممىڭلارنىڭ ئەجىرىنى بەرسۇن !
مەن بۇ يەردە ئەيتاۋۇر ئۇنى-بۇنى قىلىۋەتتىم دىگەن مەقسەتتە گەپ قىلمىدىم ، پەقەت مۇشۇنداق قىيىنچىلىقى ئېغىر ئانىللىرىمىزغا مىھىرلىك قولىمىزنى سۇنۇشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى جەمئىيەتكە بىلدۈرمەكچى . قىممەت باھالىق كىيىم كىچەك، زىبۇ-زىننەت كوچىسىدا ھارماي قاتراۋاتقان ، ھاياتىغا نۆل پىرسەنىت پايدىسى يوق ھاراق-تاماكا ئوتىدا كۆيىۋاتقان يۈرەكلەرگە بىر ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكچى . مېھىر ئاتا قىلايلى ئېھتىياجلىقلارغا! مېھىر بېرەيلى بېرەلەيدىغان چېغىمىزدا...
مۇيەسسەر ئەمەت
52016.01.0
پائالىيەت خۇلاسىسى
2016–يىلى 1- ئاينىڭ 5 – كۈنى جەمئىيىتىمىزدىكى ھەرساھە ئاقكۆڭۈل كىشىلىرىمىزنىڭ قوللىشى بىلەن شامال يېزىسىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار توققۇز ئائىلىنىڭ ئىسسىنىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى . ياردەم قولىنى سۇنغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەمگە ئېرىشكۈچىلەر ھەم ئەترىتىمىز نامىدىن تەشەككۈر ئېيتىمىز .
پائالىيەتنى ئالاھىدە قوللىغان شەخس ئورۇنلار :
ئەلبەتتە مۇنبىرىمىزدىكى ھەربىرەيلەنگە شەخسەن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن .
تۆۋەندە پائالىيەت جەريانىدىكى رەسىملەر : |