بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gvzalnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-6-9 11:03
سېغىنش كۈيى
ئاپتۇرى: نازىم تەھرىرلىگۈچى : مەغرۇر
بىلمەيمەن قاچانلاردىن باشلاپ قەلبىمدە بىر خىل يېقىملىق كۈي ياڭراشقا باشلىدى. بۇ كۈي شۇنچە يېقىملىق ئىدىكى ئۆزۈممۇ بۇ غايىۋى تۇيغۇنىڭ قانداقتۇر بىر سېھرى كۈچىدە مەستخۇش بولۇپ بەخىت كوچىسىنى خىيالەن كىزىپ چىقاتتىم، ئەمدى بىلسەم بۇ ئەسلى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدىن ياڭرىغان سېغىنىش كۈيىنىڭ دەل ئۆزى ئىكەن ئەمەسمۇ...
نەچچە مىڭ رەت توۋا دەيمەن ئىنسان قەلبىدىن ياڭرىغان بۇ كۈينىڭ شۇنچە ياڭراق،شۇنچە يېقىملىق ئىكەنلىكىگە ئۆزۈممۇ ئىشەنمەي قالدىم،ئەمما بۇ شەكسىز ئىشىنىشكە بولىدىغان كۆز ئالدىمدىكى نۇرلۇق رىئاللىق ئىدى.
بۇ رىئاللىقىمدا سەن پەقەت سەنلا بار ئىدىڭ ئەزىزىم ، قەلبىمدىن ياڭرىغان بۇ يېقىملىق كۈينىڭ ئىجادچىسى، مېنى بەخت تەختىگە يول ئالغۇزغان ئادەمنىڭ «ئۆزۈڭ» ئىكەنلىكىدە ھىچبىر شەك يوقتۇر، چۈنكى بۇ يېقىملىق كۈينى سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن يازغان تۇرساڭ...بىلەمسەن سېنى سېغىنىمەن، سېنىڭ مېنى خاپا قىلىشلىرىڭنى، ماڭا كۈيۈنىشلىرىڭنى،مەن ئۈچۈن ئەنسىرەشلىرىڭنى،سېنى ياخشى كۆرىمەن دېيىشلىرىڭنى،«پارەم»دەپ چاقىرىپ كۈلۈمسىرىگنىڭچە ئالەمنىمۇ ئىللىتالىغۇچى شۇ ئاتەش مىھىرلىرىڭ بىلەن سەن قەلبىمنىڭ بىر قىسمى دىيىشلىرىڭنى، سەن ھاياتىم كەبى مۇھىم دىيىشلىرىڭنى سېغىنىمەن، بىلەمسەن سېنىڭ بارلىقىڭنى سېغىنىمەن ئەزىزىم...مەن سېنى سېغىنغان شۇ دەملەردە سېنىڭمۇ مېنى سېغىنىدىغانلىقىڭنى ھەم بىلىمەن...چۈنكى بۇ تەقدىرداش،قىسمەتداش،قەلىبداش يۈرەكلەردىن ياڭرىغان سېغىنىش كۈيىدۇر...
كىم دېگەن بولغيتى «كۆزدىن يىراق،كۆڭۈلدىن يىراق»دەپ،ئەمما كۆزلىرىم سەندىن يىراقتا تۇرسىمۇ،سېغىنىشنىڭ سىرلىق ئەمما لەززىتى بىر ماڭىلا ئايان بولىدىغان شۇ ئۈزۈلمەس كۈيلىرىدە قەلبىم يەنىلا توختىماستىن بىر سېنىڭ پەقەت بىر سېنىڭلا ئىسمىڭنى زىكىر قىلىپ چاقىرىشقا باشلايدۇ،مانا بۇ ھەقىقەت «كۆڭۈل كۆزۈم»تۇيغان رىئاللىقنىڭ ماڭا قىلغان ھىممىتى...
سېنى سېغىنىمەن ئەزىزىم،بىلەمسەن ساڭا بولغان ئۇشبۇ مۇھەببەتلىك سېغىنىشىمنى كىچە ئاسمىنىدىكى نۇرانە يۇلتۇزلارغا ھەركۈنى دىگۈدەك سۆزلەپ كەلدىم،شۇ ئارقىلىق ساڭا بولغان سېغىنىشىمغا باھانە تاپماق بولاتتىم، كىچىدىكى نۇرانە يۇلتۇزلارنىڭ جىمىرلىشىدىن شۇ سېغىنىشلىرىمغا جاۋاپ تاپماق بولاتتىم،چۈنكى مېنىڭ نەزىرىمدە ئاسماندىكى ئەڭ نۇرانە يۇلتۇز سەن ئىدىڭ جېنىم.
سېنى سېغىنىمەن ئەزىزىم،ئۇيقۇلۇق چۈشلىرىمدە سېنى كۆرمەك بولىمەن،ئوڭۇمدا ھەم، سېغىنىش ئاتلىق بۇ كۈيدىن سېنىڭ سىمايڭنى، ئىزلىرىڭنى تاپماق بولۇپ تىپىرلاپ خىيالىمدىكى شۇ بەخىت كوچىسىنى كىزىپ ھارمايمەن قىسقىسى قەلبىمدىكى ئەشۇ سەندىن ئۆزگە ھىچكىم چۈشەنمەيدىغان دەرت-ئازاپلىرىمنىڭ تېگىگە يىتەلىگۈچى ئەزىزىمنى سېغىنىمەن،سەن قەلبىمدىكى شۇ ئازاپلىرىمغا مەلھەم بولالايسەن،چۈنكى سەن ئۆزۈڭ دېگەندەك مېنىڭ قەلبىمسەن.
سېنى سېغىنمەن،چۈنكى مەن ئەمدى ئۆزۈم ئارزۇ-ئارمان قىلغان سېغىنىش مۇدداھىمنى ھەقىقىي بىر رەت تونۇپ تاپالىغان ئىدىم ئەزىزىم، شۇڭا بۇرۇن بىراۋلارنى سېغىنىپ ۋىسال كۈتۈش بەدىلىگە تالاي ئازاپلارغا دۇچار بولۇپ پۇچىلانغان بۇ ئاسىي يۈرىكىم ئەمدى پەقەت كۈلكىسى بىلەن بىر سېنىلا سېغىنىدۇ،بىر سەندىنلا ۋىسال كۈتىدۇ...
سېنى سېغىنىمەن، بۇ سېغىنىشلىق كۈيلىرىم ئەمدى پەقەت بىر ساڭىلا خاس، سېنى سېغىنىمەن. شۇ سېغىنىشلىرىمنىڭ تېگىگە يىتەلەيدىغان ئەزىزىمنى سېغىنىمەن.
كەل ئەزىزىم قول تۇتۇشۇپ تەقدىرداش، قەلىبداش قوش يۈرەكلەر ياڭرىغان بۇ يېقىملىق كۈيلىرىمىزنى مەڭگۈگە ياڭرىتىپ بەخت كوچىسىغا ئۈمىد بىلەن ئاتلىنايلى...
مەنبە :سېغىنىش ھىسلىرى |