ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 289|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كۆڭۈل ئېچىشنى بىلمەيدىغانلار (ئاتىكەم)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

كۆڭۈل ئېچىشنى بىلمەيدىغانلار


نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىپ كېلەمدۇق، كۆڭلىڭنى ئېچىپ قۇيايمۇ، كۆڭۈل ئاچقىلى بارىمىز ، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى قىلىمىز، كۆڭلۈم بەكمۇ ئېچىلىپ قالدى   دېگەندەك، كۆڭۈل ئېچىش توغرىسىدىكى پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.
بۇ يەردىكى كۆڭۈل ئېچىشنىڭ مەنا-مەقسىدى مەخسۇس ئويۇن-تاماشا سورۇنلىرىغا بېرىش ھەم ئۆزلىرى ئويۇن-تاماشا سورۇنلىرى تۈزۈشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، پەقەت ئويۇن-تاماشا سورۇنلىرى ئارقىلىقلا كۆڭۈل ئېچىشتىن ئىبارەت بىر تەرەپلىمە بېقىندىلىق مۇناسىۋەت ھەممەيلەنگە بىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنداقتا، ئويۇن-تاماشا سورۇنلىرىغا بارمىسا ياكى ئويۇن-تاماشا سورۇنلىرى تۈزمىسە كۆڭۈل ئاچقىلى بولمامدۇ دېگەن سۇئالنى ئۆزىگە ھەم باشقىلارغا قۇيۇپ باققانلار قانچىلىكتۇ! شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆڭۈل ئەسلىدە ئۇچۇق بولمامدۇ، ياكى يېپىلىپ ۋە ئېتىلىپ قالغان بولامدۇ دېگەندەك سۇئاللارنى ئويلاپ باققانلار بارمىدۇ؟  شۇنداقلا، كۆڭۈلنى ئاچقىلى ئاتايىتەن باشقا يەرگە بېرىش، بىر ئادەمنىڭ كۆڭلىنى باشقا ئادەمنىڭ ئېچىپ قۇيۇشى، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئۆز ئورنىدا ھەم ئۆزىلا ئاچالماسلىقى دېگەندەك ئوي-خىياللارغىمۇ كەلمەي قالمايمىز.

شۇڭا، كۆڭۈل ئېچىش دېگەن مۇشۇ  چۈشەنچە توغرىلىق تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئەرزىيدۇ دەپ ئويلىدۇم. چۈنكى، بىزنىڭ كۆڭۈل ئېچىشقا بولغان چۈشەنچىمىز، ئاساسەن ئويۇن-تاماشا، ئۇسسۇل-تانسا، يەپ-ئىچىش، ھاراق-شاراپ، جىنسى-شەھۋەت قاتارلىق شەكىل-ھەۋەسلەر بىلەن قاندۇرۇلۇشتا نامايەن بولىدىغانلىقى-بولىۋاتقانلىقى ئۈستىدە بولغاچقا،  كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىشنىڭ ئەسلى مەنىسىنى تاپالماي قايمۇقۇپ كەتكەن ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئەپسۇسلۇق بىلەن ئويلىماي تۇرالمايمىز. شۇنداقلا، ئاشۇنداق ئۇسۇل-شەكىللەر بىلەن كۆڭۈل ئېچىش ئادىتىنىڭ ئومۇملىشىپ قالغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندىمۇ، كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىش جەھەتتە يېتەكلىنىشنىڭ تاشلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنىمۇ ھېس قىلماي تۇرالمايمىز.
چوڭدىن-كىچىككىچە، ئەردىن-ئايالغىچە، شەھەردىن-سەھراغىچە، بايدىن-نامراتقىچە، ئوقۇغۇچىدىن بالىلارغىچە بولغانلار ئارىسىدا كۆڭۈل ئېچىشنى يۇقىرىدا دىيىلگەندەك ئۇسۇل-سورۇنلاردا ئېلىپ بېرىش ئادىتىنىڭ يۈزلىنىپ كېتىشىنىڭ بىنۇرمال ئىكەنلىكىنى ئويلىماي تۇرالمايمىز.

چۈنكى، كۆڭۈل ئېچىش ئادەمنىڭ خوشال بولۇشىنى مەقسەت قىلىدۇ. ئادەمنىڭ ۋاقتى مەنا ھەم قىممەتكە ئىگە بولغاندا خوشاللىق پەيدا بولىدۇ. ئادەم ئىگە بولغان مەنا بىلەن قىممەت باشقىلارنى رازى قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ.  شۇنداقلا، باشقىلاردىن رازى بولغان ئادەم مۇشۇ ۋاقىتتىكى مەنا بىلەن قىممەتنى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ. ئەمما، مەخسۇس ئويۇن-تاماشا سورۇنلىرى ئارقىلىقلا كۆڭۈل ئاچىمەن دەپ بېرىپ، بۇ ئورۇنلار ھەقىقى كۆڭۈل ئېچىشقا ماس-مۇۋاپىق كەلمىگەچكە، كۈتكىنىنىڭ ئەكسىچە مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ مەنا ھەم قىممەتتىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتقانلارمۇ ئاز بولمايۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، ئۆز كۆڭلىنى قانداق ئېچىش جەھەتتە تەربىيەسىز قېلىپ گاڭگىراپ يۈرگەنلەر  ئاتالمىش كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ئارقىلىق، ھەر خىل خۇمار قىلىدىغان زەھەر چېكىشكە ئۆگىنىپ قالىدىغان ھەم پاھىشە-ھەمجىنىسلار بىلەن بىللە بولۇپ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالىدىغان ئەھۋاللارنى ئويلىغىنىمىزدا، تىنەپ كەتكەن كۆڭۈل ئېچىشنىڭ قانداق ئېچىنىشلىق تەغدىر-ئاقىۋەتلەرگە گىرىپتار بولىدىغانلىقى ئىچىمىزنى ئاچچىق قىلماي قالمايدۇ. دېمىسىمۇ، نىيەت توغرا بولمىسا نەتىجە كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ.
ئەسلىدە كۆڭۈل ئېچىش دېگەن كۆڭۈللۈك سورۇنلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلسا، ئۈنۈمى، ئەھمىيىتى، قىممىتى بولىدىغانلىقى كۆڭۈل ئېچىشنى ئىزدەپ يۈرگەنلەرگە ئۆگىتىلىشى، بىلدۈرۈلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما، ئاتا-ئانىلاردىن تارتىپ بالىلارغىچە كۆڭۈل ئېچىشنى ئاساسەن ئويناش بىلەن يەپ-ئىچىش دەپ چۈشۈنىۋالغان بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىشقا بولغان چۈشەنچە-كۆزقارىشىنى ئىسلاھ قىلىش، توغرىلاش زۆرۈر بولۇپ بولىۋاتىدۇ.

ھەممەيلەنگە مەلۇم بولسا كېرەك، كۆڭۈل ئەسلى ئوچۇق بولىدۇ. ئۇنىڭغا قانداق نەرسىلەرنى قاچىلاشنى تاللاش ھەم ئادەتلىنىش كۆڭۈلنىڭ يۈزلىنىشنى بەلگىلەپ قۇيىدۇ. ئوچۇق كۆڭۈلنى ئاچىمىز دەپ يۈرۈپ ئويۇن-تاماشا سورۇنلىرىنى ئىزدەپ يۈرۈش كۆڭۈلنى ئويۇن-تاماشىغا كۆندۈرۈپ قۇيۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جامائەت، مەدەنىيەت خارەكتېرلىق ھالەتتە كۆڭۈل ئېچىشنى ئويۇن-تاماشا سورۇنلىرىدىن ئىزدەپ يۈرۈشتىن ئىبارەت تەپەككۇر قىڭغىرلىقى كىشىلەرنىڭ قىممەت ئېڭىدىكى ئېغىر ئېغىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مانا مۇشۇنداق كۆڭۈلنى قانداق ئېچىش توغرىسىدا جامائەت خارەكتېرلىق چۈشەنچىنىڭ توغرا بولماسلىقى جامائەتلەشكەن ھالدىكى يامان ئىشلارنىڭ ئەۋج ئېلىشىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ. بولۇپمۇ، ئائىلىلەر، مەھەللە-يۇرتلار، ھەتتا مىللەت قاتلىمى بويىچە زەھەر چېكىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشىنى كۆڭۈل ئېچىش دەپ چۈشۈنۈش بىلەن مۇناسىۋەتسىز دىيەلەمدۇق! ياق! دىيەلمەيمىز. "ئىشەك ئىشەكتىن كىيىن قالسا قولىقىنى كەس" دېگەندەك، خۇددى ئىشەكتەك زەھەر چېكىدىغانلار كۆڭۈل ئاچىمىز دەپ بىرسى بىرسىنى دوراپ بۇ توپقا قېتىلىۋاتىدۇ. ئەمما، ئادەملەر دۆت دەپ قارايدىغان ئىشەكلەر بەدەننى زەھەرلەيدىغان زەھەرنى پۇراپ بېقىپلا يىمەيدۇ. لېكىن، ئاشۇ ئىشەكچىلىكمۇ بولالمايدىغان ئادەملەر ئىسمى بىلەن پۇرىقىدىن زىيان قىلىدىغانلىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان زەھەرنى چېكىپ ئاتالمىش "كۆڭۈلىنى ئېچىۋاتىدۇ". يەنە، نىكاھلاپ پاك-پاكىز خوتۇن ئالىدىغان ھەم نىكاھلىنىپ سەمىمىي-سادىق ئەرگە تېگىدىغان مەدەنىيەت ئۆرۈپ-ئادىتىگە ئىگە بولغان ئەر-ئاياللار كۆڭۈل ئاچىمىز دەپ، بىلمەسلىك بىلەن ئەقىل-ئەخلاقتىن چەتنەپ كەتكەن كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ، نىكاھنىڭ ھۆرمىتىنى-قىممىتىنى قىلماي، نىكاھ سىرتىدا بۇزۇقچىلىق قىلىپ يۈرۈپ، مەينەتچىلىك بىلەن بۇلغۇنۇپ، ئەيدىزگە دۇچار بولىشىۋاتىدۇ. "كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ، كۆڭۈل ئاپىرىپ ھەر يەرگە تاشلايدۇ" دېگەننى بىلمەيدىغاندەك، كۆڭۈل ئېچىشنىڭ يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش ھالىتىدە جامائەتلىشىش-جەمىيەتلىشىش ئەھۋالى زەھەرخۇمارلار بىلەن ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ قۇيرىقى ئۈزۈلمىگەن ھالدا پەيدا بولۇشىغا  سەۋەپ بولىۋاتىدۇ دېمەي تۇرالمايمىز. چۈنكى، بىر-بىرسىدىن ئەگىشىپ زەھەر چېكىدىغانلار ھەم نىكاھ سىرتىدا قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار "قازانغا يولۇقساڭ قارىسى، يامانغا يولۇقساڭ يالىسى" دېگەندەك، كۆڭۈل ئاچىمىز دەپ، زەھەرگە قۇل بولۇش بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشتىن ئىبارەت دەرت-ئەلەمگە ئۇچراپ يۈرگەنلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەغدىرىنىڭ سەۋەبى كۆڭۈل ئېچىشنى بىلمەسلىكنىڭ ئاقىۋىتىدۇر.

دېمەك، يۇرتىمىزدا ھەم خەلقىمىزدە زەھەر چېكىش بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ باشقا يۇرت-خەلقلەر بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندا، نىسبەتەن گەۋدىلىك بولۇشىنىڭ مانا مۇشۇنداق كۆڭۈل ئېچىش كۆزقارىشى بىلەن ئۇسۇلىنىڭ ئېنىق-توغرا بولمىغانلىقى  بىلەن مۇھىم سەۋەپ-نەتىجىلىك مۇناسىۋىتى بار. شۇڭا، كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئەكسىچە كۆڭۈلنى قاراڭغۇلاشتۇرىدىغان ئورۇن-سورۇنلارغا بارماسلىقىمىز، بەلكى، سەيلى-ساياھەت قىلىشىمىز، كىتاب-ماتىرىيال كۆرۈشىمىز، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىمىز، سۆھبەت ئاڭلاپ بىلىم ئېلىپ ئىلمىي سۆھبەتلەرگە قاتنىشىمىز... دېگەندەك، ئۈنۈملۈك، مەنىلىك، كۆڭۈللۈك ئۆتۈدىغان پائالىيەتلەر بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى تاللىشىمىز ھەم شۇنىڭغا ئادەتلىنىشىمىز كېرەك. شۇنداقلا، چوڭلارنى پات-پات يوقلاپ ئۇلارنىڭ ھەم ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىشىمىز، بالىلارنىمۇ كۆڭۈللۈك مۇھىتلار بىلەن تەبىئەت قوينىغا باشلاپ بېرىپ ئۇلارنىڭ شاتلىقلىرىدىن كۆڭلىمىزنى شاتلاندۇرۇشىمىز كېرەك. كۆڭۈل ئېچىشتا ئۆزىمىزنىلا ئەمەس، باشقىلارنىمۇ ئويلىغاندا ئاندىن كۆڭلىمىز ھەقىقىي ئېچىلىپ يايرىيالايدىغان بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق ھەقىقىي كۆڭۈل ئېچىشنى ئۆگىنىشىمىز ھەم باشقىلارغا، ئەۋلاتلارغا، شۇنداقلا ياشلارغا ئۆگىتىشىمىز كېرەك. توغرا ئۇسۇلدا كۆڭۈل ئېچىش كۆڭۈلگە ئەبىدى ھوزۇر ئاتا قىلىدۇ. كۆڭۈل ئاچىمەن دەپ زەھەر، ئەيدىز دېگەندەك دەرت-ئەلەملەرگە دۇچار بولۇپ قېلىش ئەسلىدە قەيەردە قانداق كۆڭۈل ئېچىشنى بىلمەسلىكنىڭ، توغرا ئۇسۇلدا كۆڭۈل ئېچىشقا ئۆگىتىلمەسلىكنىڭ ئاقىۋىتىدۇر.

دېمەك، ئادەمنىڭ كۆڭلى ئەسلىدە ناھايىتى ساپ، دۇرۇس، پاكىز، مېھىر-مۇھەببەتلىك بولىدۇ. ئۇنىڭغا نېمە قاچىلاشنى بىلىش-بىلمەسلىك تەربىيەلەنگەن كۆڭۈل بىلەن مۇھىتقا باغلىق بولىدۇ.

مەنبە: يارپ مۇنبىرى  http://www.yarp.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=5243
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-27 12:02:37 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسلىدە  باشقۇرغۇچىلار  باشقا مۇنبەرلەردىن تىما يۆتكەپ كەلمەسلىكى كىرەك ئىدى ، لىكىن بۇ تىما  ماڭا  بەك تەسىر قىلغىنى ئۈچۈن ، ھەممەيلەن تەڭ ئوقۇپ تەربىيە ئالايلى دەپ يوللۇدۇم .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-2-29 11:02:38 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى تېما ئېلىپ كەپسىز جانىم ، دېمىسىمۇ بۇ ھەقتە كاللىمىزنى سېلكىۋېتىپ ئويلانساق توغرا بۇلىدۇ . مەن باشقىنى دېمەي ئۆزەمنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى تەجىربەمنى دەپ ئۆتسەم :
ئىلگىرى مەنمۇ كوڭۈل ئېچىش دېسە ئاشۇنداق داقا -دۇمباق بار جايلارنىلا ئويلايتتىم ، كېيىن ئوئيلاپ باقسام بۇ خىيالىم خاتا ئىكەن . شۇندىن بېرى تۇرمۇش ، خىزمەت بېسىملىرىدا چارچىغىنىمدا باللىرىمنى ئېلىپ ساياھەتكە چىقىدىغان ، تەبىئەت بىلەن كۆپ مۇڭدىشىدقغان بولدۇم ، شۇڭا دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى  ‹سېنىڭ بارمىغان يېرىڭ قالمىدى› دەيدىغان بولدى . بۇنداق قىلسام ئاشۇ بېسىملار يىنىكلەش بىلەن ، باللىرىممۇ تەبىئەتتىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلالايدىكەن . يەنە كېلىپ بەزىدە تۇرمۇشتا ئەر -ئايال ياكى خىزمەت جەريانىدا كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ئۇچۇرسام ، ئالدى بىلەن ئاۋازىنى قۇيۇۋېتىپ ئادەم يوق يەردە ناخشا ئېيتىمەن ، ياكى بولمىسا مۇنبەرگە كىرىپ قىزىقارلىق ئىنكاستىن نەچچىنى يازىمەن . بۇنىڭلۇق بىلەن ئالىكۈچۈكلىرىم نەلەرگىدۇر كېتىدۇ . يەنە بەزىدە بازارغا چىقىپ داڭلىق ماركىلىق دۇكانلارنى ئارلايمەن ، كۆزۈمنىڭ پىتىنى ئۆلتۈرۈپ كېلىمەن . شۇنىڭدىنمۇ غەۋغا كۆتۈرۋاتقان كۆڭلۈم پەس كويغا چۈشىدۇ . مانا بۇ مېنىڭ كەيپىياتىمنى ياخشىلاشتىكى ئاماللىرىم .

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-3-3 22:42:50 | ئايرىم كۆرۈش
كىتاب ئوقۇش -مەن ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى كۆڭۈل ئېچىش . ئۇنىڭدىن باشقا دوستلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشمۇ بار. لىكىن مېنىڭ كۆڭلۈم داۋاملىق ئوچۇق تۇرامدىكىن دەيمەن.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:48 , Processed in 0.131375 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش