ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 333|ئىنكاس: 8
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

‏كىرا ھەققى(ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

124

يازما

1899

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 202
يازما سانى:
124
تىللا:
1367
تۆھپە:
130
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
90 سائەت
ئاخىرقى:
2015-12-31

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاقيول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-4 03:04  



                                             كىرا ھەققى
                                                                (ھېكايە)
                                  ئېلى ياسىن

ھەر قېتىم ئابدۇبۇسقا چىققاندا ئۇنىڭ نەزىرى ئابدۇبۇس ئىچىدىن چىرايلىق قىز ئىزدەيىتتى،ئەگەر چىرايلىقراق بىرەرسى چىقىپ قالسا كۆڭلى يايراپ بىر ئاماللارنى قىلىپ شۇ قىز بىلەن تۇنىشىۋېلىشنى ئويلايىتتى،ئەگەر قىزلار بولمىسا كۆڭلى بىر قىسمىلا بولۇپ يېرىم سائەتلىك يول ئۇنىڭغا شۇنچىلىك زىرىكەرلىك تۇيۇلۇپ كىتەتتى،ھازىرمۇ شۇنداق بولدى،ئۇ قايىتىش ئۈچۈن ئابدۇبۇسقا چىقىۋىدى ئابدۇبۇس ئىچىدە ياش قىزلاردىن بىرەرسىمۇ يوق ساپلا قىررىق-ئەللىك ياشلاردىكى ئاياللار،ياشراق دېگەنلىرىنىڭمۇ قۇچىقىدا بىردىن بالا،چىرايىنى قورۇق،ساقال باسقان ئەرلەر،قېرى بۇۋاي-مۇمايلار،ئۇنىڭ كەيپى بىردىنلا ئۇچۇپ كەتتى،بۇ ئابدۇبۇسقا چىققانلىقىدىن پۇشايمان قىلىپ چۈشۈۋېلىپ باشقا ئابدۇبۇسقا ئالماشماقچى بولدىيۇ،لېكىن ئابدۇبۇسنى ئۇزاق ساقلاپ كىتىشتىن ئەنسىرەپ ئۇ خىيالىدىن ۋاز كەچتى،چۈنكى مۇشۇ ئابدۇبۇسمۇ ئالاھەزەل يېرىم سائەتچە ساقلىغاندا ئاران كەلگەنىدى،‹‹بەلكىم سەل تۇرۇپ بىرەرسى چىقىپ قالار›› دەپ ئويلىدى ئىچىدە ۋە ھەر قېتىم ئابدۇبۇس توختىغاندا ئابدۇبۇسقا چىقىۋاتقانلارغا ئۈمىدلىنىپ قارايىتتى،مانا ئابدۇبۇس قوزغۇلۇپ ئىككى قېتىم توختىدى،لېكىن ئىككىلا قېتىم ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولماي بىرىنچى قېتىمدا ئابدۇبۇسقا ھاسا تۇتىۋالغان بىر بۇۋاي چىقتى،ئىككىنچى قېتىم يەتتە-سەككىز ياشلاردىكى مەكتەپ فورمىسى كىيىپ كەينىگە توشقان سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن سومكا ئېسىۋالغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغىچىسىدىن بىرسى چىقتى،ئۇنىڭ كەيپىياتى ئۇچۇپ يېنىدىن تېلىفۇنىسنى ئېلىپ ئۇيۇنچۇقىنى ئېچىپ بىردەم بولسىمۇ زىرىكىشىنى باسماقچى بولدى،لېكىن تېلىفۇن كونۇپكىسىنى باسا باسمايلا تېلىفۇنىسنىڭ تۇكى تۈگەپ ئۇيۇنچۇقنىمۇ ئوينىيالمىدى،‹‹ تازىمۇ بىر دېتى يوق شوپۇركەن بۇ،ماشىنىنىڭ ناخشىسىنى بولسىمۇ قويغان بولسا... كالىدەك ھەيدەۋەرمەي›› ئۇنىڭ كۆزىگە شوپۇرمۇ سەت كۆرۈنىشكە باشلىدى،ئۇ ئىڭەك تىرىگەنچە بېشىنى دېرىزىگە تېرەپ سېرىتقا قارىدى،مانا چىرايلىق بىر قىز تاكسىدىن بىرنى تۇسىدى،بۇنى كۆرۈپ ئۇ ئېغىر خۇرسۇنۇپ قويدى‹‹ ھەي، ھازىر قىزلار تاكسىغىلا كۈنۈۋاپتۇ،بۇنداق قۇتۇر ئابدۇبۇسقا ھازىر قىزلار چىقمايدىغان بوپقاپتۇ،مەنمۇ تاكسى شوپۇرسى بولسام كاشكى، بايىقى شوپۇر پايدىنى ئالدىدە، ھېلىقى قىز تازا بىر ئويۇنچىدەك قىلىپ تۇرىدۇ...››ئويلىغانسىرى ئۇنىڭ كۆڭلى چىۋىن يەپ سالغاندەك ئەسكى بوپقالدى،ئابدۇبۇس بولمىسا تاماكىدىن بىرنى چەككەن بۇلاتتى.
ئابدۇبۇس بىر خىل سۈرئەتتە ماڭماقتا،ھازىر يولنىڭ يېرىمى دېگۈدەك تۈگىدى،ئەمدى ئۇنىڭ ئۈمىدى ئاساسى جەھەتتىن تۈگىگەنىدى،چۈنكى ئەمدى يول ئۈستىدە ئابدۇبۇس تۇسايدىغانلار ئاساسەن ئۇچۇرمايىتتى،ئۇ ئۇيقۇسى كەلمىسىمۇ بېشىنى دېرىزىگە يۈلەپ كۆزىنى يۇمدى،ئەتىراپتىكى ئىككى دېھقاننىڭ پارىڭى،كەينىدە ئولتۇرغان خۇتۇنلارنىڭ نىمىلەرنىدۇر دېيىشىپ كۈلۈشلىرى، قايسىدۇر بىرىنىڭ بالىسىنىڭ قىقىراپ يىغلىشى ئۇنى تېخىمۇ بىئارام قىلىشقا باشلىدى،‹‹تازىمۇ بىر ئابدۇبۇسقا چىقىپتىكەنمەن،ھەي،بىرەر قىز بولسىكەن كاشكى...›› بىرەرسى ئابدۇبۇسنى توسىغان بولسا كېرەك ماشىنا توختىدى،ئۇ دەرۇ كۆزىنى ئېچىپ ئىشىك تەرەپكە قارىدى،بېشىغا چىكىلەپ ياغلىق تېڭىۋالغان ئۇزۇن يوپكا كېيگەن ‏يىگىرمە ئۈچ ياشلاردىكى بىر قىز چىقتى، بۇقىزنىڭ تەققى تۇرىقىدىن ئۇنىڭ دېھقان قىز ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ چېقىپ تۇراتتى،ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا بۇنداق قىزلارغا ئۇ كۆز قىرىنىمۇ سېلىپ قويمايىتتى،ئۇنىڭ ئوبىكتى چىرايلىق ياسانغان شەھەرلىك قىزلار ھېچ بولمىسا كېيىنىشلىرىدىن زامانىۋىيراق تەسىر بىرىدىغان قىزلار ئىدى، بىراق ئابدۇبۇسقا چىققىنى تاغاردەك يەرگە سۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئۇزۇن يوپكا كىيگەن ياغلىقنىمۇ ياراشتۇرۇپراق ئارتمىغان،يۈزلىرىنى سەپكۈن قاپلىغان بىر قىز ئىدى،لېكىن ھەر ھالدا بۇ ئابدۇبۇسقا ياش بىر قىزنىڭ چىققانلىقى ئۇنى بايىقى زىرىكىشتىن قۇتۇلغاندەك ھىس قىلدۇردى،ئابدۇبۇستا ئولتۇرىدىغان ئورۇن بولمىغاچقا قىز تۇتقۇچنى تۇتۇپ ئۈرە تۇردى،قىز بىلەن ئۇنىڭ ئارلىقى يېقىن ئىدى،ئۇنىڭ نەزىرى قىزغا مەركەزلەشتى،ئۇ ئەمدى بىرەر چارە تېپىپ قىزغا گەپ قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن تۇنىشىۋالسا،ئاندىن ئالاقىلىشىش نۇمۇرىنى يېزىۋىلىپ كىيىنچە... ئۇنىڭدىكى ئۆتكۈر قۇرال كۆز ئىدى،ئۇ قىزغا شۇنچە تىكىلىپ تۇرغان بولسىمۇ قىز كۆرمەسكە سېلىپ باشقا ياققا قاراپ تۇرىۋالدى،‹‹ ھالىنىڭ يۇغانلىقىنى كۆر›› دېدى ئۇ ئىچىدە ۋە ئۇنىڭغا ئورۇن بۇشۇتۇپ بىرىپ شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشماقچى بولدى،بىراق بايا ئابدۇبۇسقا ھاسا تۇتىۋالغان بىر بۇۋاي چىققاندا ئۇ پەرۋا قىلماي ئولتۇرغان،ھېلىقى بۇۋاي بىردەم ئۆرە تورۇپ ئاخىرى بىرسى ئورۇن بوشۇتۇپ بەرگەندە ئاندىن ئولتۇرغانىدى،بايا ياشانغان ئادەمگە بۇشۇتۇپ بەرمەي ئەمدى ياش بىر قىزغا بۇشۇتۇپ بەرسە باشقىلار نىمە دەپ ئويلاپ قالىدۇ؟‹‹ ياق بۇ بولمايدىكەن›› بۇ خىيالدىن دەرھاللا ۋاز كەچتى ئۇ.
-بىلەت ئېلىۋىلىڭلار...
بىلەت ساتقۇچىنىڭ ئاۋازى بىلەن تەڭ ھەممە يانلىرىنى ئاختۇرۇپ بىلەت ئالغىلى پۇل تەييارلىغىلى تۇردى،‹‹ ئاخىرقى چارە مۇشۇ›› دېدى ئۇ ۋە يانچۇقىدىن ئىككى كىشلىك كىرا ھەققىنى ئالدىدە بىلەت ساتقۇچى كەلگەن ھامان:
-بۇ مېنىڭ بىلەن ماۋۇ قىزنىڭ،-دېدىدە ئىككى كىشلىك كىرا پۇلىنى بىلەت ساتقۇچىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى.
-ياق، بولدى، ئۆزۈم ئالىمەن،- قىز قىزىرىپ كەتتىدە پۇلنى بىلەت ساتقۇچىغا تەڭلىدى.
لېكىن بىلەت ساتقۇچى ئۇلارنىڭ تالاش تارتىشىغا ئانچە ئىرەن قىلمىغاندەك ئىككى بىلەتنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ قىزنىڭ پۇلىنى ئالمايلا باشقىلارنىڭ قېشىغا ماڭدى،ئۇ ئەمدى‹‹ئىشى›› نىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىدىن مەمنۇن بولغاندەك قىزغا تەبەسسۇم بىلەن قاراپ قويدىدە ئىشەنىچ بىلەن ئالدىغا قارىدى‹‹ سەتراق ئىكەن، مەيلىلا،چىرايلىقنى تېپىپ بولغىچە ئارلاشقاچ تۇرارمەن...›› مانا ئابدۇبۇسقا قىز چىقىۋىدى ئۇ باشقىچە روھلۇنۇپ بايىقى خىيالىدىكى زىرىكىش تۇمانلىرى قاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كەتكەندەك بولدى،ماشىنا ئاخىرقى بىكەتكە بىردەمدىلا كىلىپ بولغاندەك تۇيۇلۇپ يەنە بىردەم ماڭسىچۇ دەپ ئويلىدى.
ئابدۇبۇس توختاپ ھەممە يەرگە چۈشۈشكە تەييار بولدى، ئۇ قىزغا قارىۋىدى قىز خېجىل بولغاندەك يەرگە قاراپ:
-سىلىنى چىقىمدار قىلىپ بىلەت ئالغۇزدۇم،رەھمەت سىلىگە،-دېدى ۋە ئۇنىڭ قولىدىن بىر تال بىلەتنى ئېلىپ شوپۇرغا بەردىدە يەرگە چۈشتى.
-نىمە دېگىنىڭىز بۇ،ئۇنچىلىك پۇلغا چىقمدار بولغان بولمايمەن،-دېدى ئۇمۇ يەرگە چۈشكەندىن كېيىن ھېلىقى قىزدىن كۆزىنى ئۈزمەي،قىز نىمىگىدۇر ئۇڭايسىزلانغاندەك ئەتىراپقا قارايىتتى،بىر چاغدائۈچ-تۆت ياشلاردىكى بىر بالا يۈگۈرۈپ كەلگەنچە ھېلىقى قىزغا تاشلاندى:
-ئانا...
ئۇنىڭ ئارقىسىدىنمۇ بىر ئەر كەلدى:
-يائاللا،خوتۇن، ئەمدى كەلدىڭلىما، ئەجەپ ساقلاتتىڭلا...
ئايال بالىنى قۇچىقىغا ئېلىپ سۈيۈپ كەتتى،ۋە ئىرى بىلەن نىمىلەرنىدۇر دېيىشىپ بىكەتتىن چىقىپ كەتتى...
-ئىرى بار نىمىكەن ئەمەسمۇ،-ئۇنىڭ چىرايى ئاچچىقتىن كەكرى يۇتىۋالغاندەك تۈرۈلۈپ كەتتى،-ئەستا،بۇ قېتىممۇ بىكارغا پۇل چىقىم بولدىدە...
ئۇنىڭ ئىشى يەنە ئوڭغا تارتمىدى،ئۇ ھەر قېتىم تۇنىمايدىغان قىزلارنىڭ كىرا ھەققىنى تۈلەپ زىيان تارتىۋاتاتتى...
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
‏ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

21

تېما

1137

يازما

5183

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 404
يازما سانى:
1137
تىللا:
3858
تۆھپە:
58
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
263 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-23

تۆھپىكار ئەزاكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2014-11-4 13:33:22 | ئايرىم كۆرۈش
ھەجەپ ئوبدان بوپتۇ .ياخشى تئمىلىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزىلمىگەي،قەلەملەر بەركەت تاپقاي ئامىن
قاتتىق ياپما چىقان ئىشىكنى ،يىنىپ قايتا كىرىپ قالسەن.

38

تېما

545

يازما

2737

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 612
يازما سانى:
545
تىللا:
1729
تۆھپە:
152
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
332 سائەت
ئاخىرقى:
2016-2-4

مۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2014-11-4 18:07:17 | ئايرىم كۆرۈش
ئاخىرىنى ئوقۇپ كۈلۈپ كېتىپتىمەن....

ئەجەب ئوبدان بولدى،ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ.....

تىلى قىزىقارلىق چىقىپتۇ ھېكايىنىڭ....

21

تېما

687

يازما

4179

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 486
يازما سانى:
687
تىللا:
2757
تۆھپە:
210
جەۋھەر يازما:
7
توردا:
507 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىنادىر تىما مىدالىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2014-11-4 18:30:14 | ئايرىم كۆرۈش
خا خا خا .... تازا خوتۇن پۇرۇچ ئاداشكەندە بۇ ،  
    بۇ ھىكايىنى ئوقۇپ مۇھەممەت باغراشنىڭ ‹‹ئادەملەر ››دىگەن ھىكايىسى يادىمغا يىتىپ قالدى ، ئۇمۇ شۇنداق قىزىقارلىق ھەم شۇنداق تەربىيۋىي ئەھمىيەتكە ئىگە تولىمۇ ياخشى ھىكايە ئىدى ،
  بۇ ھىكايە ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ

تەكلىپ ، ھىلىقى قىزنى 23 ياشلىق قىز دەپ جەزىملەشتۇرمەي 23 -24 ياشلاردىكى قىز دەپ ئالسا تىخمۇ مۇۋاپىق بولار ئىكەن ، ئاپتۇرنىڭ پىرسۇناژ يىشىنى مۇكەممەلرۇش ئۇچۇن ۋاقىت جەريانى سۆزلىنىشى كىرەك بولىدۇ ئەمەسمۇ

چىپىلجاغلىق قىپ قويدۇق ، سەت ياخشىكەن ئەمما بۇ ھىكايە
كاللىدا خىيال بولۇش كىرەككەن جۇما كىشى

9

تېما

220

يازما

702

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 613
يازما سانى:
220
تىللا:
466
تۆھپە:
5
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
44 سائەت
ئاخىرقى:
2015-9-12

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2014-11-5 04:37:21 | ئايرىم كۆرۈش
          ئا ئاپتۇبۇستىكى بالىنى كىمدۇ دەپ قالماڭلار   ئۇ مەن             چاخچاقمۇ قىلدىم  راس شۇكەن دەپ قالماڭلار    .       مىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكىن بار  ئاپتۇبوستا  ئورۇن بولغان تەغدىردىمۇ  مەن ئۆرە تۇرىمەن   ،    يەنە كىلىپ ئىشىكنىڭ يېنىدا   ئۆزەمگە قۇلايلىق بولۇش ئۈچۈن .   مىغ - مىغ ئادەملەر تۇرسا،  يا پۇتىغا دەسسەپ ئاتلاپ ئۆمىلەپ يۈرۈپ چىقىپ كەتكىلى بولمىغاندىكىن    .
كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق، يۈرىگىدە نەشتىرى بار

57

تېما

494

يازما

3173

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 482
يازما سانى:
494
تىللا:
2514
تۆھپە:
51
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
215 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-20
6#
ۋاقتى: 2014-11-5 20:24:38 | ئايرىم كۆرۈش
سانجاي يوللىغان ۋاقتى  2014-11-5 04:37
ئا ئاپتۇبۇستىكى بالىنى كىمدۇ دەپ قالماڭلار   ئۇ م ...

سىزمۇ ماڭا ئوخشاشكەنسىزغۇ مىنىڭ تۇققۇنۇممۇ ياسىز

7

تېما

385

يازما

2588

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 259
يازما سانى:
385
تىللا:
1837
تۆھپە:
120
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
106 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2014-11-5 21:45:20 | ئايرىم كۆرۈش
بىلگيار يوللىغان ۋاقتى  2014-11-4 18:30
خا خا خا .... تازا خوتۇن پۇرۇچ ئاداشكەندە بۇ ،  
    بۇ ھىكا ...

يىشى ماس كەپتۇ ،
ئادەتتە دىھقان قىزلىرى 20 ياشتىلا ياتلىق بوپ بولىدۇ ،
كەچۈرۈڭ ئالدىڭىزغا ئۆتىۋالدىم ،

7

تېما

385

يازما

2588

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 259
يازما سانى:
385
تىللا:
1837
تۆھپە:
120
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
106 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2014-11-5 21:45:57 | ئايرىم كۆرۈش
ھازىر قى جەمىيەتنى بەكلا ياخشى قامچىلاپسىز ،
بەك ياخشى چىقىپتۇ ،

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2014-11-24 18:36:24 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى يىزىلىپتۇ  ،  بەكمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم .
قەلىمىڭىزگە  دەرت كەلمىسۇن !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:55 , Processed in 0.158562 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش