ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 1613|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

<<قوزى>>دىن <<قون>>غا نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

24

تېما

96

يازما

326

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 710
يازما سانى:
96
تىللا:
230
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
48 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزا

                                                     <<قوزى>>دىن <<قون>>غا نەزەر
                                                            (كۈزىتىش ۋە مۇلاھىزە)

             يېزىق بارىلىققا كىلىشتىن ئىلگىرى تارىخ ئاساسەن ئەپسانە رىۋايەتلەر،چۆچەك قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ساقلىنىپ قالغان.يېزىق بارىلىققا كەلگەندىن كىيىنمۇ،رىۋايەت چۆچەكلەر  يەنىلا تارىخنىڭ باشقا نۇرغۇن تەرەپلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ كەلدى.ئۇغۇزخاننىڭ يۈرۈشلىرى،ئەرگىنە قۇندىكى ھاياتلىق،شاھنامە جەڭلىرى...گەرچە بۇلار ھەقىقى تارىخ بولمۇسىمۇ،لىكىن ئىزدىنىپ كۆرسەك ئۇنىڭ ئىچىدىن ھەقىقى تارىخنىڭ ئىزنالىرىنى تاپالىشىمىز مۇمكىن.قېنى بىز رىۋايەتكە بىرلەشتۈرۈپ،<<قوزى>>دىن<<قون>>نى سۇراپ باقايلى.

           بىز ئۇيغۇرلاردا <<قۇزى>>نى سۆيۈملىك مەنىسىدە ئىشلىتىمىز.مەسىلەن:قۇزام،-دىگەندەك.يەنە كىلىپ بۇ سۆزنىڭ مىڭ يىل بۇرۇنقى مەنىسىمۇ <<باھار گۈلى>>،<<باھار يۇلتۇزى>> دىيىلگەنتى.<<ئالتۇن يارۇق>>،<<قۇتادغۇبىلىك>>تىمۇ بۇ دىيىلمە رۇشەنلىكتۇر.<<مەڭگۈ تاش تېكسىتلىرى(كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى)>>گە قارايدىغان بولساق ،قەدىمقى تۈرك ۋە ئۇيغۇر يۈرۈشلىرى بايان <<بۆرە>>،<<ئات>>-ئارمىيە ھەيۋىسى،<<قون(qon)>>(قوي)سۆزى قۇشۇن ئولجا سۈپۈتىدە،دېپلۇماتىك ئاتالغۇ...غەلبە-بايرامغا تەنتەنەقىلىنغان.<<نۇرۇز>>بايرىمى،<<باھار يۇلتۇزى>> ھەققىدىكى كۆپلىگەن گۈزەل ئەپسانى-رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندىمۇ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئىتقات قىلىشتىن بۇرۇنقى <<كۆك تەڭرى>>گە چۇقۇنغان دەۋىرلىرىدە ،<<كۆك تەڭرىگە ئىتقات قىلغان ئاشۇ قەدىمقى ئۇيغۇرلار كۆكتە جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارنىڭ ئورۇنلىششىغا قاراپ،ئۇلارنى ئوخشىمىغان سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلەشكەن.ئۇلارنىڭ تۇنۇشىچە،ئاققۇزا يۇلتۇزىنى ئىنسانلارغا بەخت ئاتا قىلغۇچى...>>(1)باھار يۇتۇزى دىگەن ئەقىدە بويىچە،ئاققۇزا ئېيىنىڭ باشلانغان كۈنىنى <<نۇرۇز>>بايرىمى قىلىپ بەلگىلىگەن.<<ئەرگىنە قۇن>>دىمۇ<<غەربى تۇرا قەبىلىلىرىنىڭ...كۆك ياللىق بۆرە...يول باشلاپ...ئەرگىنە قۇن...>>(2)دىگەن جايدىن چىقىپ كەتكەن كۈنىنى ئۆزىنىڭ مىللى بايرىمى قىلىپ بەلگىلىگەنلىك توغرىسىدىكى رىۋايەت،ئۇغۇز ئەپسانىسىگە ئوخشاش كائىنات ۋە تەبىئەت سىزىملىرى سىڭىپ كەتكەن <<نۇرۇز>>بايرىمىنىڭ كىلىش مەنبەسىنى ئېچىپ بەرسە كىرەك.

          ئارغۇلار(قەدىمقى تۈرك،ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن)<<...قوي،قۇزىنى(قۇن)دەپ،قوي ئاران ئۆتىدىغان تار جىرالارنى (قونجىرا)دەپ ...>>(3)ئاتىشى بىلەن <<ئەرگىنە قون>>رىۋايىتىدىكى تۇرا قەبىلىلىرى<<...بۇ جىرادىن چىقىپ كىتىدىغان يولنى تاپالماي...ئاخىرى...ئوت يېقىپ،رۇدىلارنى ئېرىتىپ،بىرتۆگە پاتقۇدەك يول ئاچىدۇ...>>(4)دىگەن ۋەقەسىدە بىر ئورۇننىڭ جۇغراپېيلىك سىزمىسى بارلىقىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ..ئۇنداقتا بۇ ئورۇننى قايەر،-دەپ قاراش مۇۋاپىق؟

             <<ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى>>دە <<قون>>()ھون دەپ ئېلىنغان. ھون،تۈركلەر تارىختا يايلاق كىشىلىرى بوپ شۆھرەتلىنىپ،ياۋرۇپاغىچە ئات چاپتۇرغانلىغى جاھان ئەھلىگە مەلۇم.تەبئېيكى ئول دەۋردە،مال-چارۋا يايلاقلىقلارنىڭ جېنى،<<كۆك بۆرە>> قەيسەر روھىغا،ئات قانتى ھىساپلىناتتى.ئۇنداقكەن،<<قوي>>نىڭ<<قون>>،<<ئات>>نىڭ<<قولان>>(贺赖)دەپ ناملىششى،شۇنداقلا بۇ نامدىكى <<قون>>،<<قولان>>نىڭ ئۇلار كىملىكىگە ۋاريانتلىششى  ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.<<تەڭرى قامچىسى ئاتتىلا>>كىتاپتا،ھونلار توتېمى بولغان بۆرىنى <<قوربات>>دەيدىغانلىقى ۋە بايرام مۇراسىملىرىنى بۇ نام بىلەن ئەزىز لەيدىغانلىقى قەيىت قىلىنغان.ھالبۇكى،كۆك تۈرك،ئورخۇن دەۋرانىدا <<...بۆرىنى(قورت)دەپ...>>(5)ئىمپىرىيە گىرىبى قىلىشى تارىختا بار...دىيارىمىزدا ھىلىھەم بىرقىسىم ئاتا-ئانىلىرىمىز،گۈل قىزلىرىنى ئەركىلىتىپ،<<قورت>>دەيدىغىنىمۇ يادىمدا.

           قەدىمقى ئەجداتلىرىمىزدا <<كۆك>>كە چوقۇنۇش ئادىتى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ،بۇ تەرپىگە <<ئوغۇزنامە>>ئورانى باھاسىز...بولسا،<<جۇ نامە.تۈركلەر تەزكىرىسى>>،<<شەجرەئى تۈرك>>،<<جامىئول تاۋارىخ>> مۇئەييەن تارىخى ئاساس كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ.بۇنىڭدىن ئېيتىشقا بولۇدىكى،<<تەڭرى>>سۆزى دەل قەدىمقى <<كۆك بۆرى>>گە بولغان ئىتقاد دەۋرىنىڭ يالدامىسىتى.شۇڭا،يورتىمىز<<تەڭرى تاغلىرى>>مۇ ئۇ نامغا مەڭگۈلىك ناملانغان...ھەتتا ياۋرۇپا ئۆتمۈشىدىكى ئاتتىلا،بۇ ھۆرمەتنى ئۇنتۇپ قالمىغان.   بىز ئويغۇرلارنىڭمۇ ئېسلام مۇھىتىدىكى چوڭ بايرىمىمىز<<قوربان>>ھېيىت،<<قوربان>>نامى بىلەن قەدىرىلىنىدۇ.ئەجەپلىنەرلىكى<<قون>>سۆزى <<قوربات>>بىلەن<<قورت>>ھەم<<قوربان>>غا سۆز تومۇرى بولۇپ كەلگەندەكلا تويغۇ يورۇيدۇ...بونىڭچە،  <<قوربات>>،<<قورت>>بىلەن<<قوربان>>دا،تارىخى فونتىكىلىق موناسىۋەت بارمۇ-يوق؟بۇنى ئايرىم تىما سۈپۈتىدە مۇھاكىمىگە قويدۇق.

            شۇنى ئالاھىدە دەپ ئۆتۈشكە بولۇدىكى،تورالارنىڭ<<...پايانسىز بىر مۇنبەت يايلاققا چىقىپ...قايتىدىن ئۇلارنى جىلغىدا قورشاپ تۇرغان دۈشمەنلىرىنى...>>(6)تارمار قىلىشى بەجايىكىم،ئولۇغ ئالىم پىردەۋسى يازغان <<شاھنامە>>جەڭلىرى ئارا،توران باتۇرلىرىنىڭ قەيسەر ئوبىرازىنى ئالدىمىزدا جاللاندۇرىدۇ.بۇ رىۋايەتتە يەنە تورالارنىڭ بىر تۆگە پاتقۇدەك يول ئېچىپ،كۆك ياللىق بۆرىنىڭ يول باشلىشى بىلەن ياپيىشىل،چۆپلىرى ئېرغاڭلاپ تۇرىدغان،زۇمرەت سۇلىرى شاقىراپ ھەيۋەت بىلەن ئېقىپ تۇرغان پايانسىز بىر مۇنبەت يايلاققا چىقىشى دەل بىزگە ھېلىقى جۇغراپېيلىك ئورۇنغا تاۋاپ <<قونجىراپ>>نىڭ ھويلىسى<<پىلال>>،جۈملىدىن قاراقورۇم،پامىر يايلاقلىرىنى كۆز ئالدىمىزغا ئىلاستىك رىئاللاشتۇرىدۇ.<<پىلال>>سۆزى ئويغۇرچە نام،ئۇنى بەزىدە بىلال(ئەرەپچە-ھاۋالىق،سالقىن)دەپمۇ ئاتايدۇ.مەنىسى،ھۆللىك،نەملىك،سۇلۇق دىگەن بولۇپ،ئەنە شۇ رىۋايەتتىكى مەنزىرە تەسۋىرىگە تولىمۇ يانداشقان دىيىشكە بولىدۇ.يەنە كىلىپ رايۇنىمىزنىڭ ئاتۇش،ئاقسۇ تەۋەلىكىدىكى ناھىيە يېزىلىرىنىڭ نامى ئەنە شۇ<<پىلال>>ئىسمى بىلەن ناملاشقان.مەسىلەن:ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ پىلال يېزىسى دىگەندەك.

         بىراق،بەزى تارىخى ماتىرىياللاردا <<قونجىراپ>> ئۆي،ماكانغا تەققاسلانغان.مەسىلەن:<<تاشقورغان تارىخ ماتىرىيللىرى>>دا<<قونجىراپ دىگەن بۇ نام تاجىكچە سۆز بولۇپ،خۇن(ئۆي)ژىرەف(جىرا،جىلغا)دىگەن ئىككى سۆزدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ،تەلەپپۇز جەھەتتىن سەل ئۆزگىرىپ كەتكەن>>(7)دىسە،<<تاجىكلارنىڭ غەيرى ماددىي مەدەنىيىيەت تەتقىقاتى>>دا<<خونجىراپ تاجىكچە(پاناھلىق جىرا)ياكى(راھەت يايلاق)دىگەن سۆز(ئويغۇرچە قونجىراپمۇ دىيىلىدۇ)>>(8)دىگەن.مىسالغا بۇ ئىككى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئۆلگە قىلغاندىمۇ قونجىراپنىڭ مەنىسىگە تاجىكچە ئىزاھ بەرگەندە ئازراق زىدىيەتلىك تەرەپنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس.يەنە كىلىپ تاجىكچە<< ئۆي>> دىگەن مەنىدىكى <<خانە>>بىلەن ئويغۇرچە<<قون>>نىڭ مەنە پەرقى ناھايىتى چوڭ.<<جىرا>>دىگەن سۆزگە كەلسەك،بۇ سۆزنىڭ تىلىمىزدا مىڭ يىلدىن كۆپ تارىخى كەچۈرمىشى تا ھازىرمۇ ئىستىمالىمىزدا راۋان قوللىنىلىدۇ .

        بۇنىڭغا كۆرە،<<قون>>،<<قوربات>>،<<قورت>>،<<قوربان>>،<<قولان>>،<<قونجىراپ>>،<<ئەرگىنە قون>>،<<كۆك>>،<<نورۇز>>ئاتالمىسى،<<قوزى>>نىڭ قەدىم تىل تارىخىمىزدا قانچىلىك قانداشلىق ۋە ئۆزلىكلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ.

         دىمەك بىز يوقارقىلاردىن ھازىرقى<<قوزى>>ناھايىتى بورۇن <<قون>>دەپمۇ قوللىندىغان تارىخىدىن ئازكەم ساۋاقلارنى تونىدۇق.ھازىرغا كەلگەندە،<<قون>>سۆزى يەنە ئانا يورتىمىزدا موھىم توپىنىمىيلىك ئورۇننىڭ ھالقىسى بولۇپ،ئەجداتتىن ئەۋلاتقا گىنزىسلانغانلىقىنى قايتا ئەسكە سېلىپ تورۇپتۇ.شۇڭا،<<قونجىراپ>>نى قوي ئاران ئۆتىدىغان ئولۇغ سۇلۇق تار جىلغا دىگەن رىۋايەتلىك مۇتىفقا ئېلىش بىرقەدەر تارىخقا ئويغۇن،-دەپ قاراش ئانچە ھەيران قالارلىق ئەمەس.چۈنكى،<<ئەرگىنە قون>>رىۋايىتىدە شۇ تار جىلغا تورالارنىڭ ھاياتلىق يولى بولغان ئەمەسمۇ؟
         خولاسە كالام:<<قوزى>>قانچىلىك سۆيۈملىك بولسا،<<قون>>شۇنچىلىك قەدىرلىكتۇر.

       ئىزاھاتلار:
       (1)ئابدۇكىرىم راخمان:<<12.نورۇز بايرىمى(تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرىسلىك،ئەدەبىيات،2-قىسىم)>> شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتى 1999-يىلى6-ئاي1-نەشىرى،119-بەت.
       (2)شېرىپىدىن ئۆمەر:<<ئويغۇر كىلاسسىك تارىخىدىن ئچرىكلار>> شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1981-يىل نەشىرى،78-بەت.
       (3)ئابدۇشۈكۈر موھەممەتئىمىن:<<يىپەك يولىدىكى توققۇز ھىكىمەت>> شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى 2001-يىل نەشىرى،287-بەت.
       (4) (2)گە قارالسۇن.
       (5)ئەسئەت سۇلايمان:<<ئويغۇر توتېم مەدەنىيىتى>> شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى 2001-يىل نەشىرى،79-بەت.
       (6) (2)گە قارالسۇن.
       (7)<<تاشقورغان تارىخ ماتىرىياللىرى(2)(ئىچكى ماتىرىيال)>> قەشقەر ئويغۇر نەشىرىياتى 2001-يىل نەشىرى،400-بەت.
       (8)شىرىن قوربان:<<تاجىكلارنىڭ غەيرى ماددىي مەدەنىيەت تەتقىقاتى>> شىنجاڭ ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى،58-بەت.

       پايدىلانما ماتىرىياللار:
       (1)ئەسئەت سۇلايمان:<<ئويغۇر توتېم مەدەنىيىتى>> شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى 2001-يىل نەشىرى.
       (2)يۈسۈپجان ياسىن:<<تەڭرى قامچىسى ئاتتىللا>>،شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى 2000-يىل نەشىرى.
       (3)ئوبۇلقاسىم پىردەۋسى:<<شاھنامە>>،مەركىزى مىللەتلەر نەشىرىياتى 1999-يىل نەشىرى.
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
رەۋزى تۈسسەفا
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-11-22 11:36:38 | ئايرىم كۆرۈش
تارىخى  تىمىلارنى بەك  ياخشى كۆرىمەن .
تىمىڭىزغا  تەشەككۈ ر!
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

24

تېما

96

يازما

326

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 710
يازما سانى:
96
تىللا:
230
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
48 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزا

ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-22 14:22:34 | ئايرىم كۆرۈش
ئاتىكەم يوللىغان ۋاقتى  2015-11-22 07:36
تارىخى  تىمىلارنى بەك  ياخشى كۆرىمەن .
تىمىڭىزغا  تەشەك ...

ماقالەمدە بوشلۇقلار تولا...لوگىكىلىق خۇلاسەم ئاجىز...شۇنداقتىمۇ بۇ گەپنى دەپباقماي بولمىدى.شۇڭا تەنقىدى تەلەپ-پىكىرىڭىزنى كۆپرەك بىرىشىڭىزنى سۇرايمەن.دوسلارنىڭ يارىدىىمىدە ماقالە ماتىرىيالىنى داۋاملىق پۇشۇرماقچى...رەھمەت
رەۋزى تۈسسەفا

14

تېما

541

يازما

3199

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 582
يازما سانى:
541
تىللا:
2451
تۆھپە:
202
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
422 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-11-22 15:33:56 | ئايرىم كۆرۈش
بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ياخشى تىمىلارنى يوللاپ تۇرۇڭ.
سۆيگۈ سەۋداسى ھېچبىر يىگىت قەلبىنى ،  ۋۇجۇدىنى مىنىڭدەك پۇچۇلمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن  .

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2015-11-22 16:38:53 | ئايرىم كۆرۈش
ئايدى يوللىغان ۋاقتى  2015-11-22 14:22
ماقالەمدە بوشلۇقلار تولا...لوگىكىلىق خۇلاسەم ئاجىز...ش ...

مەن  بەك بۇرۇنقى تارىخنى  تازا  بىلىپ كەتمەيمەن  ،  قاراخانىلار  ، سەئىدىيە  ياكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى توغرىسىدا  ئازراق  بىلىمەن .
شۇڭا  لوقما  سالالمىدىم .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:04 , Processed in 0.132166 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش