|
27 ياشلىق ھېرىسمەن يىگىت ئۇدا 15يىل كوكا كولا قۇتىسىنى يىغقان
بىر قۇرۇق كولا بوتۇلكىسى قانچە پۇلغا يارايدۇ؟ئەسكى-تۈسكى يىغىدىغان ئاچاش سىزگە:بىر مو دەيدۇ.
لېكىن يوڭكاڭلىق يىگىت گەنيىلەي يىغىپ ساقلىغان 1000دىن ئارتۇق كولا بوتۇلكىسى(قۇتىسى)نىڭ ئەڭ ئەرزىنىمۇ 50يۈەن،ئەڭ قىممىتىنىڭ باھاسىنى خەلق پۇلى ئەمەس دوللار بىلەن ھېسابلاشقا توغرا كېلىدۇ.
‹‹گەنيىلەي›› 12يېشىدىن تارتىپ كوكا بوتۇلكىسى(قۇتىسى)يىغقان بولۇپ،ھازىرغا قەدەر 15يىل يىغقان،ئۇنىڭغا بۇلارنى يىغىشقا جەمئىي قانچىلىك پۇل كەتتى دەپ سورىسا ئۇ جاۋاب بېرەلمەيدۇ،لېكىن ئاشكارىلاشقا بولىدىغىنى 2000-يىلىدىن باشلاپ،
ئۇ كولا قۇتىسى يىغىشقا ئون مىڭ يۈەندىن ئارتۇق خەجلەپ بولغان.
ئۆتكەن يىلى،گەنيىلەي كوكو كولا شىركىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 125يىللىق خاتىرە كۈن مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىنغان،بىلىشىڭىز كېرەككى،پۈتۈن جۇڭگو يەنى شىياڭگاڭ،ئاۋمېن،تەيۋەننى قوشقاندىمۇ ئاران 25سان بېرىلگەن،مانا بۇنىڭ ئىچىدە گەنيىلەي بار،بۇ شەرەپكە ئېرىشىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئەلۋەتتە.گەنيىلەي بۇ يىل 27ياش،كاتىپلىق خىزمىتى قىلىدۇ،ئائىلىسىنىڭ شارائىتىمۇ ياخشى.ئۇ 12يېشىدىن تارتىپ يىغقان پۇللىرىغا ئاتا-ئانىسىدىن يوشۇرۇن ماگزىنلارغا بېرىپ كولا سېتىۋالغان،ئۇ ئىچىشنى مەقسەت قىلمىغان،پەقەت قۇرۇق بوتۇلكىسىنى يىغىشنىلا مەقسەت قىلغان،ئۇ :«نېمىشقىكىن بىلمەيمەن.ماڭا كولا بوتۇلكىلىرى بەك چىرايلىق كۆرۈنىدۇ،مېنىڭ ھەممىسىنى ئۆيۈمگە كۆچۈرۈپ كېلىۋالغۇم كېلىدۇ»دېگەن.
گەنيىلەينىڭ ئۆيىنىڭ تۆت تېمىنىڭ ھەممىسىدە ئەينەك جاھازا بار،ئىچىدە نەچچەيۈزلىگەن كولا بوتۇلكىسى بار بولۇپ،شەكلى،رەڭگى ھەرخىل،ئۇ:«بۇ پەقەت بىر قىسمى،ئۆيگە پاتقۇزامىغانلىقتىن،مەن باشقىلارنىڭ ئۆيىگىمۇ ۋاقىتلىق ساقلاپ بېرىشكە ئاپىرىپ قويغان»دېگەن.ئەمەلىيەتتە ئۇ كولا ئىچىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ،ئۇ سېتىۋالسىمۇ دائىم ئىچىدىكى كولانى تۆكىۋىتىپ قۇرۇق بوتۇلكىسىنى ئېلىپ قالىدۇ خالاس.ئۇنىڭ ساقلىغان كولا بوتۇلكىلىرى ئىچىدە قۇتىلىقى ئەڭ كۆپ،كۆپىنچىلىرى قۇرۇق،لېكىن ئەينەك بوتۇلكىلىقلىرى ئاغزىمۇ ئېچىلمىغان ئىچىدە كولا بار ھالەتتە.ئۇ:«ئاليۇمىن قۇتىلىقنى ئۇزۇن ساقلىغىلى بولمايدۇ،ۋاقىت ئۇزارغانسىرى شەكلى ئۆزگىرىپ چىرىپ كېتىدۇ،شۇڭا ئاليۇمىن قۇتىلىقنى سېتىۋىلىپ كەلگەندىن كېيىن ئىچىدىكى كولانى تۆكىۋىتىمەن»دېگەن،ئۇ ئاليۇمىن قۇتىلىقنى يىڭنە بىلەن تېشىپ ئاندىن كولانى چىقىرىۋىتىدۇ.بۇنداق قىلغاندا ئاليۇمىن قۇتىلىق كولامنىمۇ ياخشى ساقلىغىلى بولىدۇ دېگەن.
ئەينەك بوتۇلكىلىقنى بولسا ھېچقانداق چىقىلماي شۇ پېتى قويۇپ قويىدۇ،بەزى بوتۇلكىلىق كولانىڭ ئېغىزى يوق بولۇپ،ئۇ مۇشۇنىڭ ئۆزىنىڭ ماس كېلىدىغان ئېغىزىنى ئىزدەش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان،بىر قېتىم بىر ئېغىزنى توردىن تاپقان،لېكىن 50دوللار خەجلەپمۇ سېتىۋالالمىغان،ئۇ دۇنيادىكى مۇشۇنداق يىغىپ ساقلاش ھەۋەسكارلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ،بىر-بىرىدە كەم نەرسىلەرنى ئۆز-ئارا تولۇقلاشقان،گەنيىلەينىڭ ھازىرقى يىغىپ ساقلىغان نەرسىلىرىمۇ مۇشۇنداق ئۇسۇلدا كەلگەن.ئۇنىڭ يىغىپ ساقلىغان كولا بوتۇلكىلىرى ئىچىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرخىل شەكىللىك بوتۇلكىلىرى بار،مەسلەن 2008يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك نۇسخىسى،تەنتەربىيە چولپىنى نۇسخىسى،تەنتەربىيە ھەرىكىتى نۇسخىسى،كىنو-تىياتىر ناخشا چولپىنى نۇسخىسى،يېڭى يىللىق نۇسخا قاتارلىق نۇرغۇن خىللىرى بار.ئۇ:«مېنىڭ يىغقان بۇ بوتۇلكىلىرىمدا خەنزۇچە ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەت،خەنزۇچە مۇرەككەپ خەت،ياپون تىلى،كورىيە تىلى،ئىنگىلىز تىلى،ئەرەبى تىلى نۇسخىسى ھەممىسى بار»دېگەن.
گەنيىلەينىڭ يىغقان بوتۇلكىلىرى ئىچىدە،ئالدىنقى ئەسرىدىكى 20-يىللاردا ئەڭ دەسلەپتە كىرگەن كولا نۇسخسى بولغان ئەگرى بوتۇلكىلىق،فارماتسلىق نۇسخىسى،ئىسلاھات-ئىشىكنى ئېچىۋەتكەندىن كېيىنكى بىرىنچى تۈركۈم زاۋۇتتىن چىققان يېشىل رەڭلىق بوتۇلكىلىق،125يىللىقنى تەبرىكلەش خاتىرە يۈرۈشلۈكى دېگەندەك،بۇلارنى كۆپىنچىسى ھازىر ھەقىقەتەن تېپىلماس نۇسخىلىرىدىن بولۇپ قالغان .
مەنبە:http://cocacola.karwan.cn/news_02.html |
|