ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 127|ئىنكاس: 5
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇدا 15يىل كولا قۇتىسىنى يىغقان يىگىت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

60

تېما

125

يازما

987

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 526
يازما سانى:
125
تىللا:
832
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
70 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-11

كۆيۈمچان ئەزا


    27 ياشلىق ھېرىسمەن يىگىت ئۇدا 15يىل كوكا كولا قۇتىسىنى يىغقان

بىر قۇرۇق كولا بوتۇلكىسى قانچە پۇلغا يارايدۇ؟ئەسكى-تۈسكى يىغىدىغان ئاچاش سىزگە:بىر مو دەيدۇ.
لېكىن يوڭكاڭلىق يىگىت گەنيىلەي يىغىپ ساقلىغان 1000دىن ئارتۇق كولا بوتۇلكىسى(قۇتىسى)نىڭ ئەڭ ئەرزىنىمۇ 50يۈەن،ئەڭ قىممىتىنىڭ باھاسىنى خەلق پۇلى ئەمەس دوللار بىلەن ھېسابلاشقا توغرا كېلىدۇ.

‹‹گەنيىلەي›› 12يېشىدىن تارتىپ كوكا بوتۇلكىسى(قۇتىسى)يىغقان بولۇپ،ھازىرغا قەدەر 15يىل يىغقان،ئۇنىڭغا بۇلارنى يىغىشقا جەمئىي قانچىلىك پۇل كەتتى دەپ سورىسا ئۇ جاۋاب بېرەلمەيدۇ،لېكىن ئاشكارىلاشقا بولىدىغىنى 2000-يىلىدىن باشلاپ،
ئۇ كولا قۇتىسى يىغىشقا ئون مىڭ يۈەندىن ئارتۇق خەجلەپ بولغان.

ئۆتكەن يىلى،گەنيىلەي كوكو كولا شىركىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 125يىللىق خاتىرە كۈن مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىنغان،بىلىشىڭىز كېرەككى،پۈتۈن جۇڭگو يەنى شىياڭگاڭ،ئاۋمېن،تەيۋەننى قوشقاندىمۇ ئاران 25سان بېرىلگەن،مانا بۇنىڭ ئىچىدە گەنيىلەي بار،بۇ شەرەپكە ئېرىشىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئەلۋەتتە.گەنيىلەي بۇ يىل 27ياش،كاتىپلىق خىزمىتى قىلىدۇ،ئائىلىسىنىڭ شارائىتىمۇ ياخشى.ئۇ 12يېشىدىن تارتىپ يىغقان پۇللىرىغا ئاتا-ئانىسىدىن يوشۇرۇن ماگزىنلارغا بېرىپ كولا سېتىۋالغان،ئۇ ئىچىشنى مەقسەت قىلمىغان،پەقەت قۇرۇق بوتۇلكىسىنى يىغىشنىلا مەقسەت قىلغان،ئۇ :«نېمىشقىكىن بىلمەيمەن.ماڭا كولا بوتۇلكىلىرى بەك چىرايلىق كۆرۈنىدۇ،مېنىڭ ھەممىسىنى ئۆيۈمگە كۆچۈرۈپ كېلىۋالغۇم كېلىدۇ»دېگەن.
گەنيىلەينىڭ ئۆيىنىڭ تۆت تېمىنىڭ ھەممىسىدە ئەينەك جاھازا بار،ئىچىدە نەچچەيۈزلىگەن كولا بوتۇلكىسى بار بولۇپ،شەكلى،رەڭگى ھەرخىل،ئۇ:«بۇ پەقەت بىر قىسمى،ئۆيگە پاتقۇزامىغانلىقتىن،مەن باشقىلارنىڭ ئۆيىگىمۇ ۋاقىتلىق ساقلاپ بېرىشكە ئاپىرىپ قويغان»دېگەن.ئەمەلىيەتتە ئۇ كولا ئىچىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ،ئۇ سېتىۋالسىمۇ دائىم ئىچىدىكى كولانى تۆكىۋىتىپ قۇرۇق بوتۇلكىسىنى ئېلىپ قالىدۇ خالاس.ئۇنىڭ ساقلىغان كولا بوتۇلكىلىرى ئىچىدە قۇتىلىقى ئەڭ كۆپ،كۆپىنچىلىرى قۇرۇق،لېكىن ئەينەك بوتۇلكىلىقلىرى ئاغزىمۇ ئېچىلمىغان ئىچىدە كولا بار ھالەتتە.ئۇ:«ئاليۇمىن قۇتىلىقنى ئۇزۇن ساقلىغىلى بولمايدۇ،ۋاقىت ئۇزارغانسىرى شەكلى ئۆزگىرىپ چىرىپ كېتىدۇ،شۇڭا ئاليۇمىن قۇتىلىقنى سېتىۋىلىپ كەلگەندىن كېيىن ئىچىدىكى كولانى تۆكىۋىتىمەن»دېگەن،ئۇ ئاليۇمىن قۇتىلىقنى يىڭنە بىلەن تېشىپ ئاندىن كولانى چىقىرىۋىتىدۇ.بۇنداق قىلغاندا ئاليۇمىن قۇتىلىق كولامنىمۇ ياخشى ساقلىغىلى بولىدۇ دېگەن.
ئەينەك بوتۇلكىلىقنى بولسا ھېچقانداق چىقىلماي شۇ پېتى قويۇپ قويىدۇ،بەزى بوتۇلكىلىق كولانىڭ ئېغىزى يوق بولۇپ،ئۇ مۇشۇنىڭ ئۆزىنىڭ ماس كېلىدىغان ئېغىزىنى ئىزدەش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان،بىر قېتىم بىر ئېغىزنى توردىن تاپقان،لېكىن 50دوللار خەجلەپمۇ سېتىۋالالمىغان،ئۇ دۇنيادىكى مۇشۇنداق يىغىپ ساقلاش ھەۋەسكارلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ،بىر-بىرىدە كەم نەرسىلەرنى ئۆز-ئارا تولۇقلاشقان،گەنيىلەينىڭ ھازىرقى يىغىپ ساقلىغان نەرسىلىرىمۇ مۇشۇنداق ئۇسۇلدا كەلگەن.ئۇنىڭ يىغىپ ساقلىغان كولا بوتۇلكىلىرى ئىچىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرخىل شەكىللىك بوتۇلكىلىرى بار،مەسلەن 2008يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك نۇسخىسى،تەنتەربىيە چولپىنى نۇسخىسى،تەنتەربىيە ھەرىكىتى نۇسخىسى،كىنو-تىياتىر ناخشا چولپىنى نۇسخىسى،يېڭى يىللىق نۇسخا قاتارلىق نۇرغۇن خىللىرى بار.ئۇ:«مېنىڭ يىغقان بۇ بوتۇلكىلىرىمدا خەنزۇچە ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەت،خەنزۇچە مۇرەككەپ خەت،ياپون تىلى،كورىيە تىلى،ئىنگىلىز تىلى،ئەرەبى تىلى نۇسخىسى ھەممىسى بار»دېگەن.
گەنيىلەينىڭ يىغقان بوتۇلكىلىرى ئىچىدە،ئالدىنقى ئەسرىدىكى 20-يىللاردا ئەڭ دەسلەپتە كىرگەن كولا نۇسخسى بولغان ئەگرى بوتۇلكىلىق،فارماتسلىق نۇسخىسى،ئىسلاھات-ئىشىكنى ئېچىۋەتكەندىن كېيىنكى بىرىنچى تۈركۈم زاۋۇتتىن چىققان يېشىل رەڭلىق بوتۇلكىلىق،125يىللىقنى تەبرىكلەش خاتىرە يۈرۈشلۈكى دېگەندەك،بۇلارنى كۆپىنچىسى ھازىر ھەقىقەتەن تېپىلماس نۇسخىلىرىدىن بولۇپ قالغان .


    مەنبە:http://cocacola.karwan.cn/news_02.html
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئارتىس119-ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار، ياشاشنىڭ،سۆيۈشنىڭ،ئۆلۈشنىڭ!!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-3-12 17:55:13 | ئايرىم كۆرۈش
كوكاكولانىڭ پوتۇلكىسى ھەقىقەتەن بەك چىرايلىق  ، مەنمۇ ياخشى كۆرىمەن . لىكىن يىغىپ باقماپتىمەن .
ئادەم دىگەن ھەر خىل نەرسىلەرگە  ھەۋەس قىلىدىكەن .
تىمىڭىزغا  تەشەككۈ ر!
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

7

تېما

385

يازما

2588

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 259
يازما سانى:
385
تىللا:
1837
تۆھپە:
120
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
106 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-3-12 21:06:06 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ كۈندە  بىر  ئىككى بوتۇلكا ئىچىپ قۇيمەن ،لىكىن ما  ئاداشنىڭ ھەۋىسى  باشقىچە  ئىكەنغۇ ،

0

تېما

48

يازما

163

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 927
يازما سانى:
48
تىللا:
115
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
11 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-23

جانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-3-14 11:25:21 | ئايرىم كۆرۈش
پىسى كولا،  كىكوكولا،  دىگەنلەرگە  ئىشقىم يوق،    يۇرتۇم كولانى  ئىچىپ قويغان  ئەمما جىق ئەمەس . ئۇنىڭدىن   سوغۇق بولسىمۇ  قارىقات ياخشى  دەپ بىلىمەن..  
ھەممە ئۆز ئەسلىگە تەبئىيلىكىگە قايىتقانغا ئوخشاش  ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ  تۇپراققا قايتقىچىدۇر———شەجەرىم.

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

5#
ۋاقتى: 2016-3-14 11:33:55 | ئايرىم كۆرۈش
مەنغۇ كولا ۋە باشقا ھەرقانداق مېۋە شەربىتى دېگەنلەرنى ئىچمەيمەن . يەنىلا قايناقسۇ ياخشى ئۇلاردىن !
ئەمما ماۋۇ ئادەمنىڭ قىزىقىشى ئۆزگىچە ئىكەن . بەزىلەر پوچتا ماركىسىنى ساقلاشقا ، بەزىلەر پۇل -پىچەك دېگەنلەرنى ساقلاشقا ، قەدىمى يادىكار بۇيۇملارنى يىغىشقا ھەۋەس قىلىدۇ . بۇمۇ ھەركىمنىڭ ئۆز قىزىقىشىغا باغلىق ئىش شۇ ، قىزىقمىغانلار بىر تىيىنگە ئەرزىمەس نەرسە دەپلا بىلىدۇ خالاس !

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

6#
ۋاقتى: 2016-3-14 12:52:00 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ئۇزۇن بولدى جۇمۇ  ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا يۈز كىلەلمەي يۈرگىلى ، شۇڭا مىللى كارخانىلارنىڭلا ئىچىملىكلىرىنى ئىچىپ قويىمەن ئامالنىڭ بارىچە .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:29 , Processed in 0.124416 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش