ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوقۇغۇچى مۇنبىرىمىز تور رادىئوسىنىڭ سەرخىل پىروگىراممىلىرىدىن زوق ئېلىپ كېلىۋاتقان،كۈي سۆيەر ئەزىزلەر. ھەممىڭلارغا مۇنبەر رىياسەتچىسى دىلدوس ۋە يىڭى رىياسەتچى دوستۇڭلار گۈلمىسالدىن ئوتلۇق سالام بولسۇن.

قەدىرلىك مۇنبەرداشلار ،مۇنبرىمىز تور رادىئوسىنىڭ كۆزنەك پىروگىراممىلىرىنىڭ بىرى بولغان‹‹تەلەپ ۋە تەقدىم›› پىروگراممىسى توققۇز سان ئىشلىنىپ ،دوستلارنىڭ قەلىپ رىشتىنى باغلاشتا بەلگىلىك رول ئويناپ كەلدى.
گۈل - گۈلىستان باغلار رەڭگارەڭ گۈللەرنىڭ خۇشپۇراق چىچىشى بىلەن كىشى قەلبىنى مەھلىيا قىلىدۇ ، ئەلۋەتتە ئۆز نۆۋىتىدە پىروگىراممىنىڭ مۇشۇنداق كۆزنەك پىروگىراممىغا ئايلىنىشىنى مۇنبەردىكى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ قممەتلىك تەكلىپ -پكىرلەرنى بىرىپ قوللىشى ۋە قىزغىنلىق بىلەن ناخشا تەلەپ قىلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ .
مەن سىلەرنىڭ يىڭى رىياسەتچى دوستۇڭلار ، پىروگرامما ئىشلەش جەھەتتە بەلكىم يىتەرسىزلىكلەردىن خالى بولالمىغان بولىشىم مۇمكىن ، شۇڭا مىنىڭ رىياسەتچىلىك قىلىش ئۇسلۇبۇمغا قارىتا قىممەتلىك تەنقىدى پىكىر بىرىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن . ( يىغلاپ تۇرۇپ ئاڭلىساممۇ ، كۈلۈپ تۇرۇپ تۈزىتىمەن - دە ..)
پىروگراممىنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن قىممەتلىك پىكىرىڭلار ۋە قوللىشىڭلارغا مۇھتاج بىز .
قىنى ئەمىسە دوستلار بۈگۈنكى گۈلدەستىمىز سىلەر ئۈچۈن !!!
مىكرافۇن ئالدىدا:دىلدوس ئابدىرېھىم ، گۈلمىسال
نازارەتچىلەر: دىلشىر، تىلسىم ،
ئاۋازغا ئېلىپ كىرىشتۈرگۈچى تېخنىك:دىلدوس ئابدىرېھىم.
سۈزۈك نۇسخىسنى چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى چىكىپ چۈشۈرۈڭ
 |