|
ھەر بىر ئاتا -ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ ياراملىق ئادەم بۇلۇپ چىقىشى ئۈچۈن تېرىشىدۇ . كېچە -كۈندۈز ئويلايدىغان غەملىرىمۇ شۇ بولسا كېرەك . بۇرۇن بىلمەيتتۇق ، ئاتا -ئانىمىز ئالى مەكتەپتە ئوقۇغىنىمىزدا ئايدا تۇرمۇش پۇلىمىزنى سېلىپ بەرگىچە كۆزلىرىمىز تۆت بۇلۇپ كېتەتتى . ئەمما مانا ھازىر ھېس قىلدىمكى ئاتا -ئانىلىرىمىز بىز ئۈچۈن يىمەي ، ئىچمەي شۇ ئىقساتنى جەملەپ بېرەتتىكەن . ھازىرقى بالىلار بەختلىك دەيدۇ نۇرغۇن ئادەملەر ، بۇ سۆزغۇ راست . چۈنكى بىزنىڭ دەۋرىمىزدە يوق نەرسىلەر بار ھەتتا ئۇيۇنچۇقلارغىچە ...لېكىن قاراپ باقسام يەنىلا بىزنىڭ ئاشۇ ئۇيۇنلىرىمىزغا يەتمەيدۇ . بىزلەر مانا ئەمدىلىكتە شۇ بالىلىرىمىزنى ئەينى چاغدىكى تۇرمۇشنى ، ئەينى چاغدىكى زاغرىنى ، ئەينى چاغدىكى ئاشۇ توپىغا مىلىنىپ ئولتۇرۇپ ئوينايدىغان ئۇيۇنلارنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىنماي شەھەرمۇ -شەھەر ، يېزىمۇ- يېزا ئۇلارنى ئايلاندۇرۇپ تۇنۇتۋاتىمىز . مەقسىدىمىز نېمە دېگەندە ، يەنىلا ئەسلىمىزنى ، نەسلىمىزنى ئۇلارنىڭ تۇنۇپ يېتىشى ئۈچۈندۇر . كېچە -كۈندۈز خىزمەت قىلىۋاتىمىز ، مەقسەت شۇ ئۇلارنى يىتەرلىق ئىقسات بىلەن تەمىنلىمىسەك ، يامان يوللارغا كىرىپ قالمىسۇن دەپ !
بەزىدە ئائىلىدە ئەر -ئايال ئوتتۇرىسىدا چۆمۈچ قازانغا تېگىپ كېتىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ ، تۇرمۇشچىلىقتا يوق دېەىلى بولمايدۇ بۇنداق ئىشلارنى . مۇشۇنداق چاغلاردىمۇ يەنىلا ئەر -ئايالنى بىر -بىرىدىن ئايرىماي باغلاپ تۇرىدىغان مۇھەببەت دەيمىز ، لېكىن يەنىلا شۇ مۇشۇ پەرزەتلەر . مۇشۇ باللىرىمىز ئۈچۈن بەزىدە نۇرغۇن ئىشلارغا قۇربانلىق بېرىشكە توغرا كېلىدۇ .
دېمەك ئارزۇلىرىمىز ئېسىل ، ئاللا ئېگەم بىزگە مەدەت بېرىپ ، ھەممىمىزنى ئارزۇ -ئارمانلىرىمىز غا يەتكۈزگەي . شۇنداقلا مۇسلىمە ھەدەمنىڭمۇ ئوغلىنىڭ ئالى مەكتەپنى نەتىنجىلىك پۈتۈرۈپ قايتىپ كېلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن . |
|
|
|
|
|
|