|
ئەنقەرە ۋە ئەنقەرەدىكى بىرقىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلار ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات
ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئارىسىدا تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار ئىزچىل كۆپ بولۇپ كەلدى ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈركىيە ۋە تۈركىيەدىكى مەكتەپلەر توغرىسىدىكى ئەتراپلىق ھەقىقى ئۇچۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تور دۇنياسدىكى ئىھتىياجىمۇ ئىزچىل يوقىرى بولۇپ كەلدى . بۇ سەۋەپتىن ، گەرچە كۆرگەن بىلگەنلىرىم بەك كۆپ بولمىسىمۇ ، يۇقىردىكى تېمىدا كۆپچىلىككە ئازدۇر-كۆپتۇر بىلىدىغانلىرىمنى سۇنغۇم كەلدى ، بەلكىم ئۇقۇش ئىشلىرىڭلارغا ياكى باشقا ئىشلىرىڭلارغا ياردىمى تېگىپ قالا . ئەلۋەتتە ، يازغانلىرىم ئاز بولمىغان خاتالىقلار ۋە يېتەرسىزلىكلەردىن مۇستەسنا بولالمىغان بولىشى مۇمكىن ، مەلۇماتلىق قېرىنداشلارنىڭ تۈزىتىپ قويىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن .
ئەنقەرە ھەققىدە :
ئەنقەرە ، تۈركىيە جۇمھۇريىتىنىڭ پايتەختى ، ئەنقەرە ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى بولۇپ ، تۈركىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى ھېساپلىنىدۇ . 1923-يىلى 13-ئۆكتەبىر رەسمى ھالدا تۈركىيە جۇمھۇريىتىنىڭ پايتەختى بولغان . تۈركىيەنىڭ جوغراپىيىلىك مەركىزىگە يېقىن بولغىنى ئۈچۈن ، تۈركىيەنىڭ يۈرىكى دەپمۇ تەرىپلىنىدۇ. 2012 –يىلىدىكى نوپۇسى 4،965،542 . ھاۋا-كېلىمات جەھەتتە بىرئاز قۇرغاق بولۇپ ، ھۆل-يېغىن مىقدارى بەك كۆپ ئەمەس، ئاساسەن يۇرتىمىزدىكى قەشقەرنىڭ ھاۋا كېلىماتىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ ، لىكىن قەشقەردىكىدەك قۇم- بورانلىق ، چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى ئاساسەن يوق . يەر شەكلى بەك تۈزلەڭ ئەمەس ، ئېگەز-پەس دۆڭلۈك بولۇپ ، قاتناش جەھەتتە بىر ئاز قالايمىقان ، ئەلۋەتتە تەدرىجى ياخشىلىنىۋاتىدۇ . ئەنقەرە گەرچە ئىستانبولدەك دېڭىز بويىغا جايلاشقان ، نەمخۇش ھاۋالىق بولمىسىمۇ ، ئۆزگىچە ئالاھىدىكلىرى بار ، ئوقۇشقا ماس كېلىدىغان مۇۋاپىق شەھەر ھېساپلىنىلىدۇ ،بولۇپمۇ داڭلىق ئونۋېرستىتلارنىڭ جايلاشقانلىقى ، ئۆگۈنۈش-تۇرمۇش چىقىمىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەنلىكى ، كۈتۈپخانە ۋە تۈرلۈك ماتېرياللارنىڭ يېتەرلىكلىكى بىلەن تۈركىيەدىكى ئۆگۈنۈش قىزغىنلىقى يۇقىرى ، غايىسى يۈكسەك ئۇقۇغۇچىلارغا ئەڭ ماس كېلىدىغان شەھەرلىكى بىردەك ئېتراپ قىلىنىدۇ .كۆڭۈل ئاچىدىغان ، سايەھەت قىلىدىغان يەرلىرىمۇ يېتەرلىك بار . ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سانىمۇ خېلى كۆپ .
ئەنقەرەدىكى قىسمەن ئۇنىۋېرسىتېتلار ھەققىدە :
يوقىردا ئېيتىپ ئۆتۈلگەندەك ، ئەنقەرە گەرچە ئىستانبولدەك گۈزەل بولمىسىمۇ ، ئۇقۇغۇچىلار ئۈچۈن خېلىلا ئۇيغۇن بولغان بىر شەھەردۇر ، ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغاندا ، بولۇپمۇ ، ئۆز خىراجىتى بىلەن ئۇقۇماقچى بولغانلار ئالدىن ئويلىشىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن . تۆۋەندە بىر قانچە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىر شەخسىي ئۇنىۋېرسىتېتنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن .
1.بىلكەنىت ئۇنىۋېرسىتېتى( Bilkent Üniversitesi) :
تۈركىيەنىڭ تۇنجى شەخسىي ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ ، 1984-يىلى قۇرۇلغان ، پۈتۈنلەي ئىنگىلىزتىلىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ . چەتئەلنىڭ بەزى نوپۇزلۇق ئالى مائارىپ تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا ، بىلكەنىت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيەدىكى ئوقۇتۇش سۈپىتى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ باھالانغان ھەم دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى 250 ئۇنىۋېرسىتېت ئىچىدىكى بىردىنبىر تۈرۈك ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ يەر ئالغان . بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۇلى ناھايىتى قىممەت ، بىلىشىمچە ، تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى (خاندەلىك) ، بۇ مەكتەپ ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپاتى تەمىنلەيدۇ ، لىكىن ، ئوقۇش بېسىمى خېلىلا ئېغىر ، ئىزچىل تېرىشىپ يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئوقۇيالمىغانلارنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئاسانلا كېسىلىدىغان ئەھۋاللار بار . ئىقتىسادى يار بېرىدىغانلار ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇيالىشىمۇ مۇمكىن (شەخسەن ئۆزۈم بۇنداق قىلىشنى تەۋسىيە قىلمايمەن)، يەنىمۇ ئەتراپلىق چۈشەنگۈسى بارلار ،تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن مەكتەپ تورىغان كىرىپ چۈشۈنۈپ باقسا بولىدۇ .
http://www.bilkent.edu.tr
2.ئوتتۇرا شەرق تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتى(Orta Doğu Teknik Üniversitesi):
1956-يىلى 15-ئۆكتەبىر قۇرۇلغان بۇلۇپ ، ھازىر تۈركىيەدىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. بولۇپمۇ ،تەبىئى پەنلەرنىڭ ئوقۇتۇش ، تەتقىقات سۈپىتى ناھايتى ياخشى . ئنگىلىزتىلىدا دەرس ئۆتىلىدۇ. بىلىشىمچە ، تۈركىيە دۆلەتلىك ئۇقۇش مۇكاپاتى (خاندەلىك)، بۇ مەكتەپ ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپاتى تەمىنلەيدۇ ، مەكتەپ ئۆزى تاللىغان چەتئەللىك ئۇقۇغۇچىلارغىمۇ ئۇقۇش مۇكاپاتى بېرىدۇ ،لىكىن ، قۇبۇل قىلىش شەرئتى يۇقىرى . ھازىر بۇ مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلار بار بولسىمۇ لىكىن سانى بەكلا ئاز. ئۆگۈنۈش نەتىجىسى ياخشى ، ئېنگىلىزچە سەۋىيەسى يۇقىرى ، توفىل،ئايىلتىس قاتارلىق ئىمتىھانلاردا يۇقىرى نۇمۇر ئالغان قېرىداشلارنىڭ بۇ مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىپ سىناپ بېقىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن.مەكتەپنىڭ تور ئادرېسى
http://www.metu.edu.tr/
3.ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى( Ankara Üniversitesi):
1842-يىلى قۇرۇلغان مال دوختۇرلۇق فاكولتېتى ۋە 1859-يىلىدا قۇرۇلغان سىياسى بىلىملەر فاكولتېتىنىڭ ئاساسىدا 1946-يىلى ، بىر قانچە مەكتەپ ۋە فاكولتېتلارنى بىرلەشتۈرۈپ رەسمىي ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ قۇرۇلغان ."جۇمھۇريەتنىڭ تۇنجى ئۇنىۋېرسىتېتى "دېگەن گۈزەل نامىمۇ بار.جۇمھۇريەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ، مۇستاپا كامال ئاتاتۈرۈك فاكولتېتلارنىڭ قۇرۇلىشىغا ۋە تەرەققى قىلىشىغا ئالاھىدە يېتەكچىلك قىلغان ،ھەتتا بەزى تەتقىقات ساھەلىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرۈتكە بولغان. مەكتەپ بىر قانچە رايونغا بۆلۈنگەن ، ئوقۇتۇش سۈپىتى خېلى يۇقىرى ، بولۇپمۇ ، تۈرۈكشۇناسلىق جەھەتتىكى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى دۇنيادا ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ ، ئۇندىن باشقا نۇرغۇن كەسىپلەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ ،سىياسەت ، خەلىقئارالىق مۇناسىۋەت دېگەندەك كەسىپلىرىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن نۇرغۇن داڭلىق ئەربابلار بار . تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى(خاندەلىك)، بۇ مەكتەپ ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپاتى تەمىنلەيدۇ. مەكتەپنىڭ تور ئادرېسى
http://www.ankara.edu.tr/
4.غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ( Gazi Üniversitesi) :
1926-يىلى قۇرۇلغان ، جۇمھۇريەت تارىخىدا سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەرئۆتۈلگەن تۇنجى ئۇنىۋېرسىتېت . ئەڭ چوڭ ۋە ئۇل سالغۇچ پىداگوكىكا فاكولتېتىگە ساھىبتۇر. نۇرغۇن كەسىپلەر تەسسىس قىلىنغان ، ئوقۇتۇش سۈپىتى ياخشى ، تەتقىقات مەركەزلىرى خېلى كۆپ . ئەسلەھەلىرى بىر قەدەر تولۇق. تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى (خاندەلىك) ، بۇ مەكتەپنىڭ ھەر قايسى كەسىپلىرى ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن تەمىنلەيدۇ . بىلىشىمچە ، بۇ مەكتەپتە تۈرۈك مىللىيەتچى ئوقۇغۇچىلار خېلى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار باشقا تۈرۈك ئوقۇغۇچىلار بىلەن خېلى ئاسانلا دوسلىشىپ ، راھەتچە چىقىشىپ يۈرەلەيدۇ(ئەلۋەتتە باشقا مەكتىپلەردىمۇ مۇمكىن ) . بۇ مەكتەپنىڭ تور ئادرېسى
http://gazi.edu.tr/
5.ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى(Hacettepe Üniversitesi) :
1967-يىلى قۇرۇلغان ، بىر قانچە رايونغا بۆلۈنگەن . نۇرغۇن كەسىپ تەسسىس قىلىنغان بولۇپ ، تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى (خاندەلىك) ، بۇ مەكتەپنىڭ ھەر قايسى كەسىپلىرىدە ئۇقۇيدىغانلار ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن تەمىنلەيدۇ . مەكتەپنىڭ تور ئادرېسى
http://www.hacettepe.edu.tr/
6.يىلدىرىم بەيازېت ئۇنىۋېرسىتېتى (Yıldırım Beyazıt Üniversitesi):
2010-يىلى 21-ئىيولدا قۇرۇلغان ، گەرچە يېڭى قۇرۇلغان بولسىمۇ ، يۇقىرى تەلەپلىك ، باشلىنىش نوقتىسى بىر قەدەر يۈكسەك . خېلى كۆپ كەسىپلەرنى ئېنگىلىزتىلىدا ئۆتىدۇ . شارائىتى خېلى ياخشى . مەكتەپنىڭ توربەت ئادرېسى
http://www.ybu.edu.tr/
ئەسكەرتىش:
(1) يوقىردا ئەنقەرە شەھىرىنى ۋە ئەنقەرەدىكى بەزى ئونۋېرستېتلارنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ، قانداقتۇر بۇ يەرنى ئاجايىپ ياخشى ، مەكتەپلەرنى ئاجايىپ سۈپەتلىك ، سىزگە چوقۇم يارايدۇ دېمەكچى ئەمەسمەن ، ھەقىقەتەن بۇ يەرگە كېلىپ ئوقۇش ئېھتىياجىڭىز بولسا ، يوقاردىكى ئۇچۇرلاردىن ۋە باشقا ئۇچۇرلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ ،ئۆزىڭىزگە مۇۋاپىق دېگەن قارارنى چىقىرىپ كەلسىڭىز بولىدۇ . چۈنكى بۇ يەرگە كېلىپ ئىچكىردىكىدەك ئېگىز بىنالار يوقكەن ، شارائىتلىرى ئويلىغىنىمدىكىدەك ئۇنچىلا بەك ياخشى ئەمەسكەن دېگەندەك قاراشلار بىلەن بىر ئاز پۇشايمان قىلغانلارمۇ بولدى ، ھەتتا ئېرىشكەن ئوقۇش مۇكاپاتلىرىنى تاشلاپ قايتىپ كەتكەنلەر بار .
(2) يوقۇردا مەكتەپلەرنى تونۇشتۇرغاندا "تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى (خاندەلىك) ، ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن تەمىنلەيدۇ " دېگەنلىك ، سىزنىڭ ئوقۇغۇڭىز بولسىلا سىزگە ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىدۇ دېگەنلىك ئەمەس ، سىز ئىلتىماس قىلىپ ئۇلار تەرىپىدىن تاللىنالىسىڭىز ئاندىن مۇكاپاتقا ئېرىشىپ ئوقۇيالايسىز .
(3) تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى (خاندەلىك) ، قايسى مەكتەپنىڭ قايسى كەسپىگە ئوقۇش مۇكاپاتى تەمىنلەيدىغانلىقى ،ھەر يىللىق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش باشلانغاندا ئاندىن ئايدىڭ بولىدۇ . بەلكى ھەر يىلقى ئەھۋال پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن.
تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى توغرىسىدا ۋە ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلار ، كەسىپلەر ھەققىدە تولۇق ۋە نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارغا ئېگە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى تورىغا چىقىڭ . تور ئادرېسى :
http://www.turkiyeburslari.gov.tr
ئاخىرىدا مىللەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى يۈكسەك غايىسى قىلغان ، ئىلىم-مەرىپەت يولىدا ھارماي تېرىشىۋاتقان ئۇيغۇر سەبداشلارنىڭ ئانا تىل بايرىمىنى قۇتلۇقلاش بىلەن بىرگە ئارزۇلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى تىلەيمەن .
2014-يىل 21-فېۋرال ئەنقەرە
مەنبە-ئىزدەن تورى ۋاھاپ يازمىسى |
|