ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 485|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەنقەرە ۋە ئەنقەرەدىكى ئونىۋىرسىتلارھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
“
”

11

تېما

53

يازما

901

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 352
يازما سانى:
53
تىللا:
731
تۆھپە:
39
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
14 سائەت
ئاخىرقى:
2016-3-14
ئەنقەرە ۋە ئەنقەرەدىكى بىرقىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلار ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات

ئۇزۇندىن   بېرى  ئۇيغۇر   قېرىنداشلار  ئارىسىدا  تۈركىيەگە كېلىپ  ئوقۇشنى  ئارزۇ       قىلىدىغانلار ئىزچىل  كۆپ بولۇپ  كەلدى ،  بۇنىڭ بىلەن بىرگە  تۈركىيە ۋە تۈركىيەدىكى مەكتەپلەر  توغرىسىدىكى  ئەتراپلىق   ھەقىقى  ئۇچۇرلارنىڭ    ئۇيغۇر  تور  دۇنياسدىكى ئىھتىياجىمۇ ئىزچىل يوقىرى بولۇپ  كەلدى . بۇ سەۋەپتىن ، گەرچە كۆرگەن بىلگەنلىرىم بەك كۆپ بولمىسىمۇ ، يۇقىردىكى  تېمىدا  كۆپچىلىككە  ئازدۇر-كۆپتۇر  بىلىدىغانلىرىمنى  سۇنغۇم كەلدى ،  بەلكىم ئۇقۇش ئىشلىرىڭلارغا ياكى باشقا ئىشلىرىڭلارغا ياردىمى تېگىپ  قالا .  ئەلۋەتتە ، يازغانلىرىم ئاز بولمىغان  خاتالىقلار  ۋە  يېتەرسىزلىكلەردىن   مۇستەسنا  بولالمىغان بولىشى مۇمكىن ، مەلۇماتلىق قېرىنداشلارنىڭ  تۈزىتىپ قويىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن .

ئەنقەرە  ھەققىدە :

ئەنقەرە ،  تۈركىيە  جۇمھۇريىتىنىڭ  پايتەختى ، ئەنقەرە  ۋىلايىتىنىڭ  مەركىزى  بولۇپ  ، تۈركىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى ھېساپلىنىدۇ . 1923-يىلى 13-ئۆكتەبىر  رەسمى ھالدا تۈركىيە جۇمھۇريىتىنىڭ پايتەختى بولغان .  تۈركىيەنىڭ جوغراپىيىلىك  مەركىزىگە يېقىن بولغىنى ئۈچۈن ، تۈركىيەنىڭ  يۈرىكى دەپمۇ  تەرىپلىنىدۇ. 2012 –يىلىدىكى    نوپۇسى  4،965،542   .     ھاۋا-كېلىمات جەھەتتە بىرئاز  قۇرغاق بولۇپ ، ھۆل-يېغىن مىقدارى بەك كۆپ ئەمەس، ئاساسەن يۇرتىمىزدىكى قەشقەرنىڭ ھاۋا كېلىماتىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ ، لىكىن قەشقەردىكىدەك قۇم- بورانلىق ، چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى ئاساسەن  يوق .  يەر شەكلى بەك تۈزلەڭ ئەمەس ، ئېگەز-پەس دۆڭلۈك بولۇپ ، قاتناش جەھەتتە بىر ئاز قالايمىقان ، ئەلۋەتتە تەدرىجى ياخشىلىنىۋاتىدۇ . ئەنقەرە  گەرچە  ئىستانبولدەك  دېڭىز بويىغا  جايلاشقان  ، نەمخۇش ھاۋالىق  بولمىسىمۇ ، ئۆزگىچە ئالاھىدىكلىرى بار ، ئوقۇشقا ماس كېلىدىغان  مۇۋاپىق  شەھەر  ھېساپلىنىلىدۇ ،بولۇپمۇ داڭلىق ئونۋېرستىتلارنىڭ جايلاشقانلىقى ، ئۆگۈنۈش-تۇرمۇش چىقىمىنىڭ بىر قەدەر  تۆۋەنلىكى ،  كۈتۈپخانە  ۋە  تۈرلۈك  ماتېرياللارنىڭ  يېتەرلىكلىكى  بىلەن  تۈركىيەدىكى ئۆگۈنۈش قىزغىنلىقى يۇقىرى ، غايىسى يۈكسەك   ئۇقۇغۇچىلارغا ئەڭ  ماس  كېلىدىغان  شەھەرلىكى بىردەك  ئېتراپ  قىلىنىدۇ .كۆڭۈل ئاچىدىغان ، سايەھەت قىلىدىغان يەرلىرىمۇ يېتەرلىك بار .  ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سانىمۇ  خېلى كۆپ .

ئەنقەرەدىكى قىسمەن ئۇنىۋېرسىتېتلار ھەققىدە :

يوقىردا ئېيتىپ ئۆتۈلگەندەك ، ئەنقەرە گەرچە ئىستانبولدەك گۈزەل بولمىسىمۇ ، ئۇقۇغۇچىلار ئۈچۈن خېلىلا ئۇيغۇن بولغان بىر شەھەردۇر ، ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغاندا  ،   بولۇپمۇ ، ئۆز خىراجىتى بىلەن ئۇقۇماقچى بولغانلار ئالدىن ئويلىشىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن .  تۆۋەندە  بىر  قانچە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن  بىر  شەخسىي ئۇنىۋېرسىتېتنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن .

1.بىلكەنىت ئۇنىۋېرسىتېتى( Bilkent Üniversitesi) :
تۈركىيەنىڭ تۇنجى شەخسىي ئۇنىۋېرسىتېتى  بولۇپ ، 1984-يىلى قۇرۇلغان ، پۈتۈنلەي ئىنگىلىزتىلىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ . چەتئەلنىڭ بەزى  نوپۇزلۇق   ئالى مائارىپ تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا ، بىلكەنىت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيەدىكى ئوقۇتۇش سۈپىتى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ باھالانغان ھەم دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى 250 ئۇنىۋېرسىتېت ئىچىدىكى بىردىنبىر تۈرۈك ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ يەر ئالغان . بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۇلى ناھايىتى قىممەت ، بىلىشىمچە ،  تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى (خاندەلىك) ، بۇ مەكتەپ ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپاتى تەمىنلەيدۇ ، لىكىن ، ئوقۇش بېسىمى خېلىلا ئېغىر ، ئىزچىل تېرىشىپ يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئوقۇيالمىغانلارنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئاسانلا  كېسىلىدىغان ئەھۋاللار بار  . ئىقتىسادى يار بېرىدىغانلار  ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇيالىشىمۇ مۇمكىن (شەخسەن ئۆزۈم بۇنداق قىلىشنى  تەۋسىيە قىلمايمەن)، يەنىمۇ ئەتراپلىق چۈشەنگۈسى بارلار ،تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن مەكتەپ تورىغان كىرىپ چۈشۈنۈپ باقسا بولىدۇ .                                                               
http://www.bilkent.edu.tr

2.ئوتتۇرا شەرق تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتى(Orta Doğu Teknik Üniversitesi):
1956-يىلى 15-ئۆكتەبىر قۇرۇلغان بۇلۇپ ، ھازىر تۈركىيەدىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. بولۇپمۇ ،تەبىئى پەنلەرنىڭ ئوقۇتۇش ، تەتقىقات سۈپىتى ناھايتى ياخشى . ئنگىلىزتىلىدا دەرس ئۆتىلىدۇ.  بىلىشىمچە ، تۈركىيە دۆلەتلىك ئۇقۇش مۇكاپاتى (خاندەلىك)، بۇ مەكتەپ ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپاتى تەمىنلەيدۇ ،  مەكتەپ ئۆزى تاللىغان چەتئەللىك ئۇقۇغۇچىلارغىمۇ ئۇقۇش مۇكاپاتى بېرىدۇ ،لىكىن ، قۇبۇل قىلىش شەرئتى يۇقىرى . ھازىر بۇ مەكتەپتە  ئۇقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلار بار بولسىمۇ  لىكىن سانى  بەكلا ئاز.  ئۆگۈنۈش نەتىجىسى ياخشى ، ئېنگىلىزچە سەۋىيەسى يۇقىرى ، توفىل،ئايىلتىس قاتارلىق ئىمتىھانلاردا يۇقىرى نۇمۇر ئالغان قېرىداشلارنىڭ بۇ مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىپ سىناپ بېقىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن.مەكتەپنىڭ تور ئادرېسى
http://www.metu.edu.tr/

3.ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى( Ankara Üniversitesi):
1842-يىلى قۇرۇلغان مال دوختۇرلۇق فاكولتېتى ۋە 1859-يىلىدا قۇرۇلغان سىياسى بىلىملەر فاكولتېتىنىڭ ئاساسىدا 1946-يىلى ، بىر قانچە مەكتەپ ۋە فاكولتېتلارنى بىرلەشتۈرۈپ رەسمىي ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ قۇرۇلغان ."جۇمھۇريەتنىڭ تۇنجى ئۇنىۋېرسىتېتى "دېگەن گۈزەل نامىمۇ بار.جۇمھۇريەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ، مۇستاپا كامال ئاتاتۈرۈك فاكولتېتلارنىڭ قۇرۇلىشىغا ۋە تەرەققى قىلىشىغا ئالاھىدە يېتەكچىلك قىلغان ،ھەتتا بەزى تەتقىقات ساھەلىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرۈتكە بولغان.   مەكتەپ بىر قانچە رايونغا بۆلۈنگەن ، ئوقۇتۇش سۈپىتى خېلى يۇقىرى ، بولۇپمۇ ، تۈرۈكشۇناسلىق جەھەتتىكى  ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى دۇنيادا ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ ، ئۇندىن باشقا نۇرغۇن كەسىپلەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ ،سىياسەت ، خەلىقئارالىق مۇناسىۋەت دېگەندەك كەسىپلىرىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن نۇرغۇن داڭلىق ئەربابلار بار .  تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى(خاندەلىك)، بۇ مەكتەپ ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپاتى  تەمىنلەيدۇ.  مەكتەپنىڭ تور ئادرېسى
http://www.ankara.edu.tr/

4.غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ( Gazi Üniversitesi) :
1926-يىلى قۇرۇلغان ، جۇمھۇريەت تارىخىدا سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەرئۆتۈلگەن تۇنجى ئۇنىۋېرسىتېت . ئەڭ چوڭ ۋە ئۇل سالغۇچ پىداگوكىكا فاكولتېتىگە ساھىبتۇر. نۇرغۇن كەسىپلەر تەسسىس قىلىنغان ، ئوقۇتۇش سۈپىتى ياخشى ، تەتقىقات مەركەزلىرى خېلى كۆپ . ئەسلەھەلىرى بىر قەدەر تولۇق.  تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى (خاندەلىك) ، بۇ مەكتەپنىڭ ھەر قايسى كەسىپلىرى ئۈچۈن  ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن تەمىنلەيدۇ . بىلىشىمچە ، بۇ مەكتەپتە تۈرۈك مىللىيەتچى ئوقۇغۇچىلار خېلى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار  باشقا تۈرۈك ئوقۇغۇچىلار بىلەن خېلى ئاسانلا دوسلىشىپ ، راھەتچە چىقىشىپ يۈرەلەيدۇ(ئەلۋەتتە باشقا مەكتىپلەردىمۇ  مۇمكىن ) . بۇ مەكتەپنىڭ تور ئادرېسى
http://gazi.edu.tr/

5.ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى(Hacettepe Üniversitesi) :
1967-يىلى قۇرۇلغان ، بىر قانچە رايونغا بۆلۈنگەن . نۇرغۇن كەسىپ تەسسىس قىلىنغان بولۇپ ، تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى (خاندەلىك) ، بۇ مەكتەپنىڭ ھەر قايسى كەسىپلىرىدە ئۇقۇيدىغانلار ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن تەمىنلەيدۇ . مەكتەپنىڭ تور ئادرېسى
http://www.hacettepe.edu.tr/

6.يىلدىرىم بەيازېت ئۇنىۋېرسىتېتى (Yıldırım Beyazıt Üniversitesi):
2010-يىلى 21-ئىيولدا قۇرۇلغان ، گەرچە يېڭى قۇرۇلغان بولسىمۇ ، يۇقىرى تەلەپلىك ، باشلىنىش نوقتىسى بىر قەدەر يۈكسەك . خېلى كۆپ كەسىپلەرنى ئېنگىلىزتىلىدا ئۆتىدۇ . شارائىتى خېلى ياخشى . مەكتەپنىڭ توربەت ئادرېسى
http://www.ybu.edu.tr/



ئەسكەرتىش:
(1) يوقىردا ئەنقەرە شەھىرىنى ۋە ئەنقەرەدىكى بەزى ئونۋېرستېتلارنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ، قانداقتۇر بۇ يەرنى ئاجايىپ ياخشى ، مەكتەپلەرنى ئاجايىپ سۈپەتلىك ، سىزگە چوقۇم يارايدۇ دېمەكچى ئەمەسمەن ، ھەقىقەتەن بۇ يەرگە كېلىپ ئوقۇش ئېھتىياجىڭىز بولسا ، يوقاردىكى ئۇچۇرلاردىن ۋە باشقا ئۇچۇرلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ ،ئۆزىڭىزگە مۇۋاپىق دېگەن قارارنى چىقىرىپ  كەلسىڭىز بولىدۇ .  چۈنكى  بۇ يەرگە كېلىپ  ئىچكىردىكىدەك  ئېگىز بىنالار  يوقكەن ، شارائىتلىرى ئويلىغىنىمدىكىدەك ئۇنچىلا بەك ياخشى ئەمەسكەن دېگەندەك قاراشلار بىلەن  بىر ئاز  پۇشايمان قىلغانلارمۇ بولدى ، ھەتتا ئېرىشكەن ئوقۇش مۇكاپاتلىرىنى تاشلاپ قايتىپ كەتكەنلەر بار .
(2) يوقۇردا مەكتەپلەرنى تونۇشتۇرغاندا "تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى (خاندەلىك) ، ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن تەمىنلەيدۇ "  دېگەنلىك ، سىزنىڭ ئوقۇغۇڭىز  بولسىلا  سىزگە ئوقۇش  مۇكاپاتى بېرىدۇ دېگەنلىك ئەمەس ، سىز ئىلتىماس قىلىپ ئۇلار تەرىپىدىن تاللىنالىسىڭىز ئاندىن مۇكاپاتقا ئېرىشىپ ئوقۇيالايسىز .
(3)  تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى (خاندەلىك) ، قايسى مەكتەپنىڭ قايسى كەسپىگە ئوقۇش مۇكاپاتى تەمىنلەيدىغانلىقى ،ھەر يىللىق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش باشلانغاندا ئاندىن ئايدىڭ بولىدۇ . بەلكى ھەر يىلقى ئەھۋال پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن.


تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى توغرىسىدا ۋە ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلار ، كەسىپلەر ھەققىدە  تولۇق ۋە نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارغا ئېگە بولۇش ئۈچۈن  تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى تورىغا چىقىڭ .  تور ئادرېسى :
http://www.turkiyeburslari.gov.tr



ئاخىرىدا مىللەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى يۈكسەك غايىسى قىلغان ، ئىلىم-مەرىپەت يولىدا ھارماي  تېرىشىۋاتقان ئۇيغۇر سەبداشلارنىڭ ئانا تىل بايرىمىنى قۇتلۇقلاش بىلەن بىرگە  ئارزۇلىرىنىڭ  ئەمەلگە ئېشىشىنى تىلەيمەن .
                                                         
                                                            2014-يىل 21-فېۋرال    ئەنقەرە  

مەنبە-ئىزدەن تورى ۋاھاپ يازمىسى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

“
”

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2014-2-25 21:42:43 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈلمىسال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-26 02:42  

بۇلارنى كۆرۈپ تۈركىيىگە چىقىپ باققۇ م كىلىۋاتىدۇيا؟(ماگىپىمنى ؟ئەجەپ قاملاشماپتۇ.تۇرىۋەرسۇن بولدى)
تۈركىيىدە ئوقۇش ئارزۇسى بار قېرىنداشلىرىمىز  پايدىلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ
“
”

11

تېما

53

يازما

901

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 352
يازما سانى:
53
تىللا:
731
تۆھپە:
39
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
14 سائەت
ئاخىرقى:
2016-3-14
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-25 22:15:30 | ئايرىم كۆرۈش
گۈلمىسال يوللىغان ۋاقتى  2014-2-25 21:42
بۇلارنى كۆرۈپ تۈركىيىگە چىقىپ باققۇ م كىلىۋاتىدۇيا؟(م ...

ھى ھى بەك قىزىقچى ئىكەنسىز ھە ...

قارسام بۇ ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى ئىكەن . ئۇنداق بولغاندىن كىيىن ئوقۇغۇچىلار ئەلۋەتتە بولىدۇ دەپ ئويلاپ بۇ تېمىنى شۇ ئوقۇغۇچىلارمۇ پايدىلانسۇن دەپ يوللىدىم .تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇسى بار دوستلارنىڭ ئوقۇپ بىقىشىنى تەۋسىيە قىلمەن .
“
”

53

تېما

2256

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 32
يازما سانى:
2256
تىللا:
7544
تۆھپە:
729
جەۋھەر يازما:
10
توردا:
354 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپ

يەر
ۋاقتى: 2014-2-25 22:52:55 | ئايرىم كۆرۈش
ئىڭەك سىيلاپ ئاق چاچلىرىمنى ساناپ ئولتۇرۇپ كىتىمەندە مۇشۇ ئوقۇغۇچى، ئوقۇش توغرىسىدىكى گەپلەرنى كۆرسەم....

باھا سۆز

بەك سەت كۈلىۋەتتىم مائىنكاسقا لىكىن  ۋاقتى: 2014-2-26 02:43
“
”

11

تېما

53

يازما

901

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 352
يازما سانى:
53
تىللا:
731
تۆھپە:
39
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
14 سائەت
ئاخىرقى:
2016-3-14
5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-26 01:47:24 | ئايرىم كۆرۈش
گۈلۈم يوللىغان ۋاقتى  2014-2-25 22:52
ئىڭەك سىيلاپ ئاق چاچلىرىمنى ساناپ ئولتۇرۇپ كىتىمەندە  ...

ھى ھى ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ . ئىنشائاللاھ پەرزەنىتلىرىڭىزنى مۇشۇنداق ئىسىل يەرلەردە ئوقۇتۇشقا نىسىپ بولغاي .
“
”

10

تېما

1235

يازما

7786

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 21
يازما سانى:
1235
تىللا:
5604
تۆھپە:
641
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
387 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

6#
ۋاقتى: 2014-2-27 16:23:08 | ئايرىم كۆرۈش
ئارماندا ئايلىنىپ قالدى دە بۇ تۈركىيەدە ئوقۇش
سۇغا سالسا سۇ كۆتۈرەلمەس مىسقال تۆمۈرنى ، ئالتۇن بىرىپ ئالغىلى بولماس ئاغرىغان كۆڭۈلنى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:39 , Processed in 0.133111 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش