ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 175|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئاپا بىز ئۇيغۇر ئەمەسمۇ؟؟؟؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

94

يازما

402

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1009
يازما سانى:
94
تىللا:
308
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-28

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

  تىلىۋېزوردىن بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىشىپ چىقىۋاتقان ئېلانلاردىن بىزار بولۇپ ئاكامنىڭ ئوغلى بىلەن بىردەم بالىلارچە ئويۇن ئوينىغىم كەلدى-دە، دادامنىڭ بۇ ئەتىۋالىق نەۋرىسىگە ئاتاپ تۈرلۈك ئويۇنچۇقلار ۋە بالىلار كىتابلىرى بىلەن تولدۇرۇۋەتكەن كىچىك ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلدىم. ئىشىكنى ئەمدى ئاچاي دىيىشىم بىلەن ئۆي ئىچىدىن ئاكامنىڭ ئوغلىنىڭ شۇنداق غەزەپلىنىپ ۋارقىراۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم:
-مەن دېگەن ئۇيغۇي، شىژ ئەشكىكەنشىژ، بىژ ئۇيغۇي...
-مەنمۇ سېنى ئۇيغۇي ئەمەسكەن دىمىدىم، ئۇيغۇر ئەمەسكەن دېدىمغۇ، ئۇيغۇر بولساڭ ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى بىلمەيدىكەنسەنغۇ؟؟
-شىژ ئەشكى، شىژ بىلەن ئوينىمايمەن، كىچىك ئاپا، كىچىك ئاپا...
-نىمە بولدۇڭ قوزام؟-ئۇنىڭ تىپچەكلەپ ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلاپ تاقەت قىلالماي دەرھال ئۆيگە كىردىم.
-بۇ قىژنى كەتكۈژۈڭ، ئۇ ئەشكى ئەشكى قىژ، بىژنى ئۇيغۇي ئەمەش دەيدۇ،-ئۇ ئۈمچەرىگەن ھالدا كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ دەرھال ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى. ئۇنىڭ چەك قويۇلمىغان بالىلارچە تاتلىق  گەپ قىلغىنىدىن كۆڭلۈم ئېرىپ ئۇنى دەرھال قۇچىقىمغا ئالدىم.
-ئىككىڭلار ئالدىرىماي سۆزلەڭلار، ھە زۇلپىقار ساقام، سەن ئالدىدا دەمسەن ياكى بۇ قىزچاق دىسۇنمۇ؟
  بىر سائەتنىڭ ئالدىدا بىرىنچى قەۋەتتىكى قوشنىمىز ئەر-ئايال ئىككىسى بىر جىددى ئىش بىلەن سىرىتقا چىقىدىغان بولۇپ قېلىپ، كەلگەندە ئاچىقىپ كېتىمىز دەپ قىزىنى قويۇپ ئەكىرگەندە، شەنبە-يەكشەنبە دەم ئېلىش بىلەن بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەن ئاكامنىڭ ئوغلى شۇنداق خوش بولۇپ سەكرەپ، ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ھېلى ئويۇنچۇق بېرىپ ھېلى يەيدىغان نەرسە بېرىپ قىلىدىغان قىلىق تاپالماي قالغان ئىدى. ئارىدىن بىرەر سائەت ئۆتمەيلا ئىككىسىنىڭ رەنجىشىپ قالغىنىنى كۆرمەمدىغان؟؟....
بۇ ئىككىسى تەڭ دىمەي بىر يىلنىڭ بالىلىرى ئىدى. زۇلپىقار ئوغۇل بولغاچقىمۇ قىزچاقتىن بىر لىك ئېگىز ئىدى، بىراق ئىككىسى سۆز قىلسا قىزچاقنىڭ شۇنداق تولۇق، پىششىق گەپلىرى بىزنىڭ بۇ ئەركە نەۋرىنىڭ ھەممىنىڭ ئەركىلىتىشى بىلەن ئەركىلەپ سۆزلەپ كۆنۈپ قالغان گەپلىرى ئالدىدا ئۇنى ھەدىسىدەك كۆرسىتەتتى.
-نېمە بولدى؟ قېنى سەن دىگىنە زۇلپىقار؟
-مەن بوۋام موماملارنىڭ ئۆيىدىكى دەنشىدىكى دوڭخۇاپىيەن ياخشى ئەمەس دىيەنناۋدىن يوۋشىجى ئوينايلى دىسەم بۇ قىز ئۇنىمىدى.
-ئۇنداق ئەمەس، مەن سەن ئوينىساڭ ئوينا، مەن موماڭلارنىڭ ئۇخلايدىغان ئۆيىدىكى تىلىۋىزوردا كارتون فىلىمنى كۆرىۋېرەي دىسەم ئۇ تىزگىنەكنى بەرمىدى.
-يالغان، مەن ئۇ نەرسىنى ئالمىدىم. مېنىڭ ئالغىنىم ياۋكوڭ تۇرسا، ئۇ قىز تىزگىنەكنى بەر، بەر دەيدۇ..
-سەن شۇ تىزگىنەكنى بەرمىدىڭغۇ؟؟
-ئۇ قىز يەنە مېنى ئۇيغۇي ئەمەس دېدى.
-ھوي بۇ قانداق گەپ، نىمىشقا ئۇنداق دېدىڭىز؟
-ئۇ ئۇيغۇر ئەمەسكەن، ساپما كەشنى توشەي دەپ تۇرۇۋالدى، مەن ئۇنى كەش دېگىن دىسەم مېنى ئورۇس دېدى،-قىزچاق بىردىنلا كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ چۇڭۇلداشقا باشلىدى،-ئۇ يەنە  تىزگىنەكنى قولىدا تۇتۇۋىلىپ ماڭا بەر دىسەم، بۇ دېگەن ياۋكوڭ، تىزگىنەك دېگەن نېمە دەپ تۇرۇۋالدى. ئاپام دادام ماڭا ئۆزىمىزنىڭ تىلىنى، ئۆزىمىزنىڭ گېپىنى دېيەلمىسەك بىز ئۇيغۇر بولالمايمىز دېگەن، ئۇ ئۇيغۇرچە گەپلەرنى بىلمىسە قانداق ئۇيغۇر بولىدۇ ھەدە؟؟
-ھە؟؟.....
  كىچىككىنە تېخى بەش ياشقىمۇ توشمىغان قىزچاقنىڭ سوئالى بىلەن بېشىمدىن بىر چېلەك سۇ قۇيۇۋەتكەندەك بولۇپ كەتتىم. نېمە دىيىشىمنى بىلەلمەي، مىھمانخانىدا دادام-ئاپاملار بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئاكام يەڭگەمنى چاقىردىم:
-ئاكا، يەڭگە، بۇ ياققا كىرىڭلار....
  مەن بۇ ئىككىسىنىڭ دەۋاسىنى ئۇلارغا ئىتتىرىپ قويۇپ ئىشىك يوچۇغىدىن قاراپ تۇردۇم.
  كىچىككىنە قىزچاق نىمىلەرنىدۇر دەپ ئۇلارغا سوئال قوياتتى، ئاكام بىلەن يەڭگەمنىڭ گاھ تاتىرىپ، گاھ قىزىرىپ مىللەتنىڭ چوڭ بىر ئوقۇتقۇچىسى ئالدىدا تۇرغاندەك تەرلەپ-پىشىپ تۇرغان ھالىتى ماڭا ئۆز ئانا تىلىمىزنى قەدىرلىيەلمەيۋاتقان، ئانا تىلىمىزنىڭ قەدرىنى قىلالمايۋاتقان، بالىلارغا ئالدى بىلەن ئانا تىل، ئاندىن يات مىللەت تىلى ئۆگىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى «ئۆزىنى بىلگەندە ئۆزگىنى بىلگىلى بولىدۇ» دېگەن قىممەتلىك تەپەككۇر مېۋىلىرىنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلىپ يەتمىگەن، ئويلىنالمايۋاتقان ئەر-ئاياللىرىمىزنىڭ ئايانچلىق قىياپىتىنى كۆرسىتىۋاتقاندەك قىلاتتى...(بۇ قاتاردا قىزچاقنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرەلمەي ئۆزۈمنى دالدىغا ئالغان مەنمۇ بار ئىدىم ئەلۋەتتە

مەنبە: ئانا دىيار مۇنبىرى .2014.يىلى 01. ئاي
بۇ تىمنى  ئانا دىيار مۇنبىرىدا   كۆرگەن باشقىلارمۇ كۆرەپ باقسۇن دەپ يوللىدىم
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئەقىللىق ئايال ئېرىنى  پادىشا قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ پادىشانىڭ خانىشى بولۇپ ياشىسا
دۆت ئەقلى يوق  ئايال ئېرىنى قۇل  قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ قۇلنىڭ خوتۇنى بول
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-3-9 10:29:20 | ئايرىم كۆرۈش
بۇنداق ئەھۋاللار ھازىر نۇرغۇن ئائىلىلەردە بۇلۇپمۇ شەھەرلەردە بەكرەك كۆپ ئۇچىرايدۇ . مۇھىتنىڭ تەسىرىدىن يەنە كىلىپ ئاتا -ئانىلارنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىمىز بار .

1

تېما

97

يازما

321

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1008
يازما سانى:
97
تىللا:
224
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
71 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-21
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-3-9 16:00:52 | ئايرىم كۆرۈش
ئېسىل ئەسەركەن...  ھازىر بالىلىرى خەنزۇچە يا .ئىنگلىزچە سۆزلىسۇن ئىشقىلىپ ئۇيغۇرچە سۆزلىيەمىسىلا تالانتلىق بولغان بولىدۇ.
مەن كىم؟

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-3-10 17:57:09 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى مەن بۇرۇن ئوقۇغان ، ھەم تەربىيە ئالغان ئىدىم .
يەنە بىر قىتىم ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغىنىڭىزدىن مىننەتدارمەن .
يوللىغىنىڭىزغا  تەشەككۈ ر!
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

8

تېما

172

يازما

526

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 797
يازما سانى:
172
تىللا:
354
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
57 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
5#
ۋاقتى: 2016-3-21 10:54:58 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ ھازىر  سائەپ ئۇيغۇر تىلىدا  سۆلەش  ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن ھازىر ،يا ئۇيغۇرغا  ھىساپ  ئەمەس ،يا خەنزۇغا ،شۇنداقلارنى  كۆرسەم  ئىچىم ئاچچىق بۇپ قالىدۇ
بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتەر

39

تېما

94

يازما

402

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1009
يازما سانى:
94
تىللا:
308
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-28

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

6#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-21 21:41:35 | ئايرىم كۆرۈش
بۇلىقىم يوللىغان ۋاقتى  2016-3-21 10:54
مەنمۇ ھازىر  سائەپ ئۇيغۇر تىلىدا  سۆلەش  ئۈچۈن تىرىشىۋا ...

ئەمسە  قىچىر دەيلى  يا ئۇيغۇر  ياكى خەنزۇ  بولمىغاندىكىن  ھى ھى   (چاخچاق )  ھە  
ئەقىللىق ئايال ئېرىنى  پادىشا قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ پادىشانىڭ خانىشى بولۇپ ياشىسا
دۆت ئەقلى يوق  ئايال ئېرىنى قۇل  قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ قۇلنىڭ خوتۇنى بول
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 13:13 , Processed in 0.146118 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش