ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 425|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

فرېئۇد لىكسىيىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

77

يازما

200

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1040
يازما سانى:
77
تىللا:
123
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
21 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

سىگموند فرېئۇد

پسىخوئانالىز ساۋادى ھەققىدە

يېڭى لىكسىيىلەر


Say yayinevi

Sigmund Freud

Psikanaliz Üzerine
(Psikanalize Yeni Giriş Dersleri)
1983 birinci baskı, 2010 onbeşinci baskı
(Özgün Adı: Neue Folge der Vorlesungen zur Einführung in die Psychoanalyse 1933)
Çeviren: A. Avni Öneş

تەرجىمە قىلغۇچى: ئا. بوران

قوشۇمچە ماتېرىيال:

پسىخوئانالىز ساۋادى ھەققىدە لىكسىيىلەر
Öteki Freud Dizisi  Cilt 1
Sigmund Freud
Psikoanalize Giriş Dersleri
Türkçesi: Selçuk Budak
1994 birinci, 1997 ikinci baskı
Özgün Adı: “Introductory Lectures on Psychoanalysis”

مۇندەرىجە
فرېئۇدنىڭ ھاياتى ۋە كۆزقاراشلىرى
كىرىش سۆز
بىرىنچى بۆلۈم  ئۇنۇتقاقلىق ئادەتلىرىمىز
بىرىنچى لىكسىيە  مۇقەددىمە
ئىككىنچى لىكسىيە  ئۇنۇتقاقلىق (باش قىسمى)
ئۈچىنچى لىكسىيە  ئۇنۇتقاقلىق (ئوتتۇرسى)
تۆتىنچى لىكسىيە  ئۇنۇتقاقلىق (ئاخىرسى)
ئىككىنچى بۆلۈم  چۈش
بەشىنچى لىكسىيە  دۈچ كېلىنگەن قىيىنچىلىقلار ۋە دەسلەپكى ئۇرۇنۇش
ئالتىنچى لىكسىيە  ئالدىنقى شەرت ۋە تەبىر بېرىش ئۇسۇلى
يەتتىنچى لىكسىيە  چۈشلەرنىڭ ئاشكارە قىسمى ۋە يۇشۇرۇن قىسمى
سەككىزىنچى لىكسىيە  بالىلار چۈشى
توققۇزىنچى لىكسدىيە  چۈشتىكى چەكلىنىشلەر
ئونىنچى لىكسىيە  چۈشتىكى سىموۋۇللاشتۇرۇش
ئون بىرىنچى لىكسىيە  چۈشنىڭ شەكىللىنىشى
ئون ئىككىنچى لىكسىيە  بىر قىسىم چۈش تەبىر ئۈلگىلىرى
ئون ئۈچىنچى لىكسىيە  چۈشلەرنىڭ ئەسلى ئالاھىدىلىكى ۋە بالىلارچە ئىپادىسى
ئون تۆتىنچى لىكسىيە  ئارزۇ قاندۇرۇش
ئۈچىنچى بۆلۈم  نېرۋا ئاجىزلىق تەلىماتلىرى
ئون بەشىنچى لىكسىيە  مۇجمەللىكلەر ۋە تەنقىتلەر
ئون ئالتىنچى لىكسىيە  پسىخوئانالىز ۋە پسىخولوگىيىلىك داۋالاش
ئون يەتتىنچى لىكسىيە  ۋاستىلىق ئىپادىلەشنىڭ مەنىسى
ئون سەككىزىنچى لىكسىيە  كۆڭۈل يارىلىرىنى ئۇنۇتالماسلىق ۋە ئاڭسىزلىق
ئون توققۇزىنچى لىكسىيە  تىركىشىش ۋە باستۇرىۋېتىش
يىگىرمىنچى لىكسىيە  كىشىلەرنىڭ جىنىسى تۇرمۇشى
يىگىرمە بىرىنچى لىكسىيە  لىبىدونىڭ يېتىلىشى ۋە جىنىسى تەشكىلاتلىنىش
يىگىرمە ئىككىنچى لىكسىيە  ئىلگىرلەش ۋە چېكىنىش ھەققىدە بەزى قاراشلار: ئېتىمولوگىيە
يىگىرمە ئۈچىنچى لىكسىيە  كۆڭۈل يارىلىرىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى
يىگىرمە تۆتىنچى لىكسىيە  ئادەتتىكى روھى ھالەت
يىگىرمە بەشىنچى لىكسىيە   غەم
يىگىرمە ئالتىنچى لىكسىيە  لىبىدو نەزەرىيىسى ۋە ئۆزىنى ياخشى كۆرۈش
يىگىرمە يەتتىنچى لىكسىيە  چۈشىنى سۆزلەتكۈزۈش
يىگىرمە سەككىزىنچى لىكسىيە  ئانالىز ئۇسۇلىدا داۋالاش

فرېئۇدنىڭ ھاياتى ۋە كۆزقاراشلىرى
سىگمۇند فرېئۇد، 1856-يىلى 6-ماي كۈنىسى ئاۋۇسترو-ۋېنگىر ئىمپىرىيىسى تەۋەسىگە جايلاشقان (بۈگۈنكى چېخقا تەۋە) موراۋىيىنىڭ فرېيبېرگ دېگەن كىچىك بىر شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. فرېئۇدنىڭ سەكسەن ئۈچ ياشلىق ئۇزۇن ھايات جەريانىنى ئاساسەن بەكلا تىنچ ئۆتكەن بىر ھايات دەپ قاراش مۇمكىن بولغاچقا، بۇ جەرياننى ئۇزارتىپ ھىكايىلەشتۈرۈپ تولۇق بايان قىلىشقا يارىغىدەك داغ-دۇغىلىق بىر ھايات دەپ ھېساپلاشقىمۇ بولمايدۇ.
ئوتتۇرا بۇرجۇئازىيە سىنىپىغا مەنسۈپ يەھۇدىي بىر ئائىلىنىڭ پەرزەنتى بولغان فرېئۇد، ئاتىسىنىڭ ئىككىنچى ئايالىدىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ چوڭى ئىدى. ئۇنىڭ ئائىلىدىكى تۇتقان ئورنى نىسبەتەن ئۆزگىچە بولۇپ، ئاتىسىنىڭ بىرىنچى ئايالىدىن تۇغۇلغان قۇرامىغا يەتكەن ئىككى ئوغلىمۇ بار ئىدى. يەنى فرېئۇدنىڭ ئىككى ئۈگەي ئاكىسى ئۆزىدىن يىگىرمە ياشتەك چوڭ، ئۇلاردىن بىرسى توي قىلىپ بىر بالىلىقمۇ بولغان ئىدى. مۇنداق ئېيتقاندا فرېئۇد ئۆزىدىن چوڭ ئوغۇللۇق بىر تاغا سۈپىتىدە دۇنياغا كەلگەن دېيىشكە بولاتتى. ئۇنىڭ ئۆزىدىن چوڭ ئۇ جىيەنى فرېئۇدنىڭ بالىلىق دەۋرىدە ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ يەتتە ئۇكىسىچىلىك مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىدى.
سىگمۇندنىڭ يۇڭ سودىسى بىلەن شوغۇللىنىپ كەلگەن ئاتىسى، فرېئۇد تۇغۇلغىنىدىن كېيىن ئىقتىسادىي ئەھۋالى كۈنسايىن ناچارلىشىپ، قىيىنچىلىق ئىچىگە پېتىپ قالغان ئىدى. شۇ سەۋەپتىن، فرېئۇد ئەندىلا ئۈچ ياشقا كىرگەن بىر ۋاقىتتا ئاتىسى ئائىلىسى بويىچە فرېيبېرگدىن كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، مانچېستىرغا كۆچۈپ كەتكەن ئىككى ئۈگەي ئاكىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىن باشقىلار بىر يىلغا قالماي كۆچۈپ يۈرۈپ ئاخىرى ۋيېناغا كېلىپ ماكانلىشىدۇ. فرېئۇد ھاياتىنىڭ بەزى يىللىرىدا ئەنگىلىيىدە تۇرىۋاتقان ئاكىلىرىنىڭ يېنىغا بېرىۋېلىشنى چوڭقۇر قەلبىدە ئاڭسىز تۈردە ئارزۇ قىلىپ ئۆتىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ بۇ خىيالى ئارزۇسى سەكسەن يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاران ئەمەلگە ئاشىدۇ.
فرېئۇدنىڭ ۋيېنادىكى بالىلىق دەۋرى ئاساسەن ئالغاندا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ. ئەمما، ئاتىسى بۇ ئوغلىنىڭ زىرەك ۋە تىرىشچان ئىكەنلىكىنى سېزىپ، ھەر قانچە چىقىم بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە فرېئۇد ئەندىلا توققۇز ياشقا كىرگەن كۈنلەردە «گىمنازيە» (ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ) گە قوبۇل قىلىنىش ئىمتىھانىدىن ئۆتىدۇ. ئۇ، بۇ مەكتەپتىكى سەككىز يىللىق ئوقۇشىنىڭ كېيىنكى ئالتە يىلىنى ئىزچىل تۈردە ئەلاچى بولۇپ ئوقۇيدۇ. ئۇ، ئون يەتتە ياش ۋاقتىدا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىدە كېيىن نېمە ئىش بىلەن شوغۇللىنىشى ھەققىدە ئېنىق بىر پىكىرگە كېلەلمىگەن ئىدى. ئەمما ئۇ، بۇ جەرياندا پۈتۈن دەرسلەر بويىچە كەڭ دائىرىلىك بىلىم ئاساسىنى تىكلەشكە تىرىشىدۇ. ئالى مەكتەپكە كىرەلىشى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، قايسى كەسىپنى تاللىشى ھەققىدىمۇ بىرەر پىلانى يوق ئىدى.
فرېئۇد، بىر قانچە قېتىم ”ھاياتىمنى دوختۇر بولۇپ ئۆتكۈزۈشكە ھېچقاچان قىزىقىپ باقمىدىم“، دەپ كېسىپ ئېيتقان بولۇپ، ”ئاساسەن ئالغاندا تەبىئى نەرسىلەرگە قارىغاندا ئادەم بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە بەكىرەك قىزىققان ئىدىم“ دەيتتى. ئۇ، يەنە بىر يەردە مۇنداق دەيدۇ: ”بالىلىق دەۋرىمدە جاپا تارتىۋاتقان ئىنسانلارغا ياردەم قىلىش ئارزۇسىدا بولغانلىقىمنى ئەسلەيمەن. … ئۆسمۈر ۋاقىتلىرىمدا دۇنيانىڭ سىرلىرىنى كەشىپ قىلىش، ئەگەر مۇمكىن بولسا ئىنسانىيەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئىشلىرىغا بىرەر تۆھپە قوشۇش ئارزۇسى بىلەن ياشىغان ئىدىم.“ ئۇ يەنە بىر يەردە كېيىنكى يىللاردىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”تەبىئەت بىلىملىرى مىدىتسىنا ۋە پسىخولوگىيىلىك داۋالاش ساھەلىرىدە پۈتۈن ھاياتىم بويىچە داۋام قىلغان ئۆزەمنى قاچۇرغان ھالدا تەھلىل يۈرگۈزۈش بىلەن شوغۇللىنىش جەريانىدا، مەندىكى قىزىقىش بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكى، يەنى چوڭقۇر پىكىر قىلىشقا كۈچۈم يەتمەيدىغان ياش ۋاقىتلىرىمدىكى مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ كەلگەن مەدەنىي مەسىلىلەرگە بولغان قىزىقىشىمنى قايتىدىن ئويغاتقان دېيىشىم مۇمكىن.“
فرېئۇدنىڭ دېيىشىدىن قارىغاندا، ئۇ ۋاقىتلاردا ئىلمىي ساھەدە كەسىپ تاللاش ئىشىنى، مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرىۋاتقىنىدا قاتناشقان بىر قېتىملىق كىتاپ ئوقۇش ئۇسۇلى كۇرىسىدا (كېيىنچە خاتا ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان) گيوتېنىڭ سۆزى دەپ ئوقۇلغان ”تەبىئەت“ ھەققىدە بەكلا مۇبالىغىلەشتۈرۈپ يېزىلغان بىر قېتىملىق ئىلمىي دوكلاتتىن تەسىرلىنىشى بەلگىلىگەن دېيىش مۇمكىن. ئەمما، ئۇ دەۋرلەردە پەن بىلىملىرىنى تاللىشىدا، ئۇنىڭدەك بىرسى ئۈچۈن بەزى ئىجتىمائىي توسالغۇلار تۈپەيلىدىن مىدىتسىنا كەسىپى ئەڭ مۇۋاپىق تاللاش ھېساپلىناتتى. نەتىجىدە، 1873-يىلىنىڭ كۈز ئايلىرىدا، يەنى ئون يەتتە ياش ۋاقتىدا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مىدىتسىنا ستۇدېنتى بولۇش ئۈچۈن تىزىملىتىدۇ. ئەمما ئۇ، مىدىتسىنا دەرسلىرىگە بەك ئۆزىنى ئۇرۇپمۇ كەتمەيدۇ. شۇڭا، دەسلەپكى بىر-ئىككى يىل ئىچىدە دوختۇرلۇققا بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمىغان ھەر تۈردىكى قوشۇمچە دەرسلەرگىمۇ تەڭ قاتنىشىپ يۈرىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئاۋال بىيولوگىيە دەرسىنى، كەينىدىنلا فىزىيولوگىيە دەرسىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگۈنىدۇ. ئۈچىنچى يىلىدا سېلىشتۇرما ئاناتومىيە پروفىسسورى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇق ئورنىدا بەرگەن يىلان بېلىقى ئاناتومىيىسىنى تەپسىلى تەتقىق قىلىش ۋەزىپىسى (بۇ ئىش ئۈچۈنلا تۆت يۈزدىن ئارتۇق بېلىق ئەۋرىشكىسىنى پارچىلاپ كۈزىتىپ چىقىدۇ)، ئۇنىڭ شوغۇللانغان تۇنجى تەتقىقات ئىشى بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئىشتىن كېيىن، برۇك رەھبەرلىكىدىكى فىزىيولوگىيە لابوراتورىيىسىدە ئاسىستانت بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ يەردە ئالتە يىل بويىچە پۈتۈن زىھنى بىلەن قىزىقىپ ئىشلەيدۇ. فرېئۇد، ئەمەلىي بىلىملەرنى ئەنە شۇ تەجرىبىخانىدا قولغا كەلتۈرگەن دېيىشكە بولاتتى. ئۇ يىللىرى، ئاساسلىقى، مەركىزى نېرۋا سىستېمىلىرىنىڭ ئاناتومىيىسى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار بىلەن شوغۇللانغان بولۇپ، بۇ جەرياندا رەسمىي ئىلمىي ماقالىلارنى يېزىپ ئېلان قىلىشقا كىرىشىدۇ. ئەمما فرېئۇدنىڭ بۇ لابوراتورىيىدە ئىشلەپ ئالىدىغان مائاشى توي قىلىپ ئۆي-ئۇچاقلىق بولىشىغا پەقەتلا يەتمەيتتى. شۇڭا ئۇ، 1881-يىلىسى دوختۇرلۇق كەسىپى بىلەن شوغۇللىنالىشى ئۈچۈن دوختۇرلۇق دېپلومى ئېلىۋالمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. شۇڭا ئۇ، بىر يىلدىن كېيىن شۇنچە قىزىققان برۇك تەتقىقات يۇرتىدىكى ئىشىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ يەردىن چىقىپ، ۋيېنا ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسىغا پراكتىكانت دوختۇر بولۇپ ئىشقا كىرىدۇ.
ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى كەسىپ ئۆزگەرتىشىگە ئاساسلىقى مۇنداق بىر ئىش سەۋەپ بولغان ئىدى: 1882-يىلىنىڭ ئىيۇل ئېيىدا سۆيگۈنى بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ چاي ئىچىرىپ قويىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن غېمى ئۆي تۇتۇش تەييارلىقى ئۈچۈنلا ئۆتىدۇ. توي قىلىدىغان قىزى بولغان ھامبۇرگنىڭ ئابرويلۇق يەھۇدىي ئائىلىرىدىن كەلگەن مارتا بېرنايس، ئۇ يىللىرى ۋيېنادىكى ئۆيىدە تۇرماي ئاساسەن شىمالى گېرمانىيىدىكى ئۆيىدە تۇراتتى. بۇ جەرياندا، يەنى پۈتۈشكەندىن كېيىنكى تۆت يىل جەريانىدا مارتا، فرېئۇدنىڭ يېنىغا بىر قانچە قېتىم كېلىپ يەنە دەرھال گېرمانىيىدىكى ئۆيىگە قايتىپ كېتەتتى. شۇڭا بۇ ئىككى ئاشق-مەشۇق، ھەر كۈنى دېگىدەك يېزىشىدىغان ئاشق مەكتۇپلىرى ئارقىلىقلا سۆزلىشەلەيتتى. فرېئۇد، مىدىتسىنا ساھەسىدە چوقۇم داڭق چىقىرىمەن دەپ قاتتىق غەيرەت بىلەن تىرىشماقتا ئىدى. شۇڭا ئۇ دوختۇرخانىلارنىڭ پۈتۈن بۆلۈملىرىدە دېگىدەك بىر مۇددەتتىن ئىشلەپ پراكتىكا قىلىپ چىقىدۇ. ئۇزۇنغا قالماي مېڭە ئاناتومىيىسى بىلەن مېڭە پاتولوگىيىسى كەسىپىنى نوقتىلىق ئۆگىنىشكە كىرىشىدۇ. بۇ جەرياندا، كوكايىننى داۋالاش ئىشلىرىدا دائىرىلىك مەس قىلغۇچى سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىغا دائىر چوڭ ھەجىملىك بىر پارچە ئىلمىي ماقالە تەييارلاپ ئېلان قىلىدۇ. كوللېر دېگەن بىر كۆز دوختۇرى بۇ ماقالىدىكى كوكايىننى دائىرىلىك مەس قىلغۇچى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىق ھەققىدىكى قىسمىنى كۆرگىنىدىن كېيىن بىۋاستە سىناق قىلىپ ناركوز ساھەسىدە داڭ چىقىرىۋالىدۇ. ئۇ يىللىرى فرېئۇد تېزراق توي قىلىۋېلىشنى دەپ ۋاقىتنى قىسقارتىش ئۈچۈن ئىككى تۈرلۈك لايىھەسى ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا ئىدى: بىرىنچى پىلانى، ۋيېنادا، ئەنگىلىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى لېكتورلۇق دەرىجىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ياردەمچى دوتسېنتلىق ئۈنۋانى (لېكتورغا تەڭ) نى قولغا كەلتۈرۈش؛ يەنە بىر پىلانى، پارىژدىكى ئاتاغلىق روھى كېسەللىكلەر دوختۇر چاركوتنىڭ يېنىغا بېرىپ بىر مەزگىل پراكتىكا قىلىپ كېلىش ئۈچۈن يول خراجىتى ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى. ئەگەر بۇ ئىككى پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغىنىدا، كەلگۈسىدە ئۇنىڭ كەسىپى ئورنى ھەقىقەتەنمۇ مۇستەھكەم ئاساسقا ئېرىشكەن ھېساپلىناتتى. دېگەندەك، فرېئۇد قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشلەر نەتىجىسىدە 1885-يىلى بۇ ئىككى پىلانىنىڭ ھەر ئىككىسىنىلا ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
پارىژدىكى سالپېيترا دېگەن داڭلىق نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا چاركوتقا شاگىرت بولۇپ ئۆتكۈزگەن ئايلاردا، فرېئۇدنىڭ كەلگۈسى كەسىپ يولىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان، ئىنسانىيەت ئىلىمىدىمۇ تەڭداشسىز بىر ئىنقىلاپ پەيدا قىلىدىغان ئۆزگىرىش ئاساسى تىكلىنىدۇ. ئۇنىڭ شۇ كۈنگىچە شوغۇللىنىپ كەلگەن ئىلمىي پائالىيەتلىرى ئاساسەن دېگىدەك جىسمانى ئورگانلار ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار بىلەن ئۆتكەن ئىدى. پارىژدىكى ئىشىمۇ مىڭە ئۈستىدە ھېستىرىيىلىك تەتقىقاتلار بىلەن شوغۇللىنىش ئىدى. ئۇ دەۋرلەردە چاركوت ھېستىرىيە بىلەن گىپنوزلىق مەسىلىلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان بىرسى ئىدى. فرېئۇدنىڭ يۇرتىدىكى كىشىلەر بۇ تۈر مەسىلىلەر بىلەن شوغۇللانغانلارنى بەك ئەتىۋارلاپ كەتمەيتتى. ئەمما ئۇنىڭ پۈتۈن ھېسيادى بۇ تۈر ئىشلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، چاركوتنىڭ بۇ مەسىلىلەردە پەقەت مىڭە پاتولوگىيىسىنىڭ بىر تارمىقى دەپلا مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىغا قارىماي، فرېئۇد بۇ مەسىلىلەرنى ئاڭ پائالىيەت رايونى تۈزۈلىشىنى تەتقىق قىلىشىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى قىلىشقا بەل باغلايدۇ.
فرېئۇد، 1886-يىلىنىڭ ئەتىياز كۈنلىرى ۋيېناغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن روھى كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈچۈن شەخسى ئامبۇلاتورىيىدىن بىرنى ئېچىپ، ئۇزۇنغا قالماي خېلىدىن بېرى كەينىگە سۈرۈپ كېلىۋاتقان توي قىلىش ئىشىنى ھەل قىلىپ ئۆيلىنىۋالىدۇ. ئەمما ئۇ يەنىلا مىڭە پاتولوگىيىسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرىدىن تولۇق ۋاز كەچمىگەن ئىدى: بۇ جەرياندا نوقتىلىق قىلىپ شۇ ۋاقىتتا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كېلىۋاتقان بالىلار مىڭە پارالىچ كېسەللىكى ئۈستىدە يەنە بىر قانچە يىل تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يەنە ئۇنۇتقاقلىق ھەققىدىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىلمىي ماقالىدىن بىرنى يېزىپ چىقىدۇ. ئەمما ئۇ، نېرۋا ئاجىزلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئىشلىرىغا بەكىرەك قىزىقىشقا باشلىغان ئىدى. نېرۋا ئاجىزلىقنى داۋالاش جەريانىدا قىلچە رولى بولمىغان ئېلېكتىرلىق داۋالاشنى سىناق قىلىپ بىر نەتىجە چىقىرالمىغاندىن كېيىن، گىپنوزلۇق (ھىپنوز، سۇنئىي ئۇخلىتىشتىن كېيىن، سۇنئىي جۆيلىتىپ سۆزلىتىش ئارقىلىق كېسەلنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدىكى چۈشەنچىلىرىنى كۈزىتىش مەقسەت قىلىنغان بىر خىل سۇنئىي روھ ئانالىز قىلىش ئۇسۇلى − ئۇيغۇرچە تەرجىماندىن − ئۇ.ت) ئانالىز ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش يولىغا بۇرۇلىدۇ. 1888-يىلى، ليېباۋلت بىلەن بېرنھېيم ئىككىسى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرغاندەك كۆرۈنگەن بۇ ئۇسۇلنى ئۆگەنمەكچى بولۇپ فرانسىيىنىڭ نەنسى شەھىرىگە بارىدۇ. ئۇ يەردە گىپنوز ئۇسۇلنىڭمۇ پسىخولوگىيىلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. شۇندىن كېيىن روھى ئاجىزلىق كېسەللىكلىرىنى باشقىچە بىر ئۇسۇل قوللىنىپ داۋالاشنىڭ يوللىرىنى ئاختۇرۇشقا كىرىشىدۇ. فرېئۇد، ئۆزىدىن خېلىلا چوڭ ياشلىق دوستى، ۋيېنالىق دوكتور جوسېف برېۋېرنىڭ ئون يىللار بۇرۇن ھىستېرىيىلىك (بۇ ئەسلىدە ئاياللار جىنىسى يول كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئاتالغۇ بولۇپ، فرېئۇد بۇ سۆزنى جىلىخور، تىرىككەك، ئېغىر غەم بېسىۋالغان ۋە بەكلا خىيالپەرەس قاتارىدىكى رىياللىققا ماسلىشالماسلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان يامان مىجەزلىك روھى ھالەت، نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلى قاتارلىقلارنى ئىپادىلەيدىغان ئورتاق بىر ئاتالغۇ سۈپىتىدە پايدىلانغان. نەتىجىدە ۋيېنا تىببى ساھەسىدىكىلەر ئۇنى بۇ جەھەتتە ئەر بىمارلارنى داۋالاشتىن چەكلەشكە ئۇرۇنغان. − ئۇ.ت) بىر قىزنى ئىنتايىن يېڭىچە ئۇسلۇپ بىلەن داۋالاپ ساقايتالىغانلىقىدىن خېلى بۇرۇنلا خەۋىرى بار ئىدى. ئۇ، دوستىنى بۇ ئۇسۇلنى قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە ماقۇل كەلتۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بۇ ئۇسۇلنى باشقا بىر قانچە بىمار ئۈستىدە سىناق قىلىپ خېلىلا قايىل قىلارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇ ئۇسۇل، ھىستېرىلىك ھالىتى، يەنى مىجەزىي كېسەللىكنىڭ ئۇنتۇپ كەتكەن روھىي ئازاپ (كۆڭۈل يارىسى) سەۋەبلىرىنىڭ ۋاستىلىق ئوتتۇرغا چىقىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر ئالامەت دەپ پەرەز قىلىش ئاساسىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان بىر داۋالاش ئۇسۇلى ئىدى. بۇ داۋالاش ئۇسۇلى، مۇۋاپىق ھېسسىياتلارغا تايىنىپ ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن روھى ئازاپلارنى قايتا ئېسىگە كەلتۈرەلىشى ئۈچۈن بىمارنى ھىپنوز قىلىش ئارقىلىق سۇنئىي ئۇيقۇ ھالىتىگە كەلتۈرىدىغان بىر ئۇسۇل ئىدى. فرېئۇد، دەسلىۋىدىن باشلاپلا بۇ ئۇسۇلنى نەزەرىيىۋى جەھەتتىن ئۆزگەرتىپ يېڭىدىن شەكىللەندۈرۈشكە كىرىشىدۇ. بۇ ئۆزگەرتىلىش، ئاخىرى برېۋېر بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. ئۇزۇنغا قالماي، بۇ يېڭى داۋالاش ئۇسۇلى پسىخوئانالىز دەپ نام بېرىلىدىغان نەزەرىيىلەر سىستېمىسىنى مۇكەممەل تۈردە تەرەققىي قىلدۇرىشىنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىدۇ.
فرېئۇدنىڭ تا ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرغىچە ئىلمىي خادىم سۈپىتىدە تونۇلۇشى پۈتۈنلەي بۇ ۋەقەگە باغلانغان ھالدا شۇ مەزگىللەردىن باشلانغان، ئېنىقىراق ئېيتقاندا 1895-يىلىدىن باشلانغان دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ياراتقان ئىنتايىن كەڭ ساھەلەرگە بېرىپ چېتىلغان نەتىجىلىرى، نەزەرىيىۋىي ۋە ئەمەلىي جەھەتلەردە قاتتىق تەنقىدلەردىن قۇتۇلالماسلىقىغا سەۋەب بولىدۇ. شۆبھىزكى، ئۇنىڭ ئوتتۇرغا قويغان ئىجابى نەزەرىيىلىرىنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلۇش جەريانىغا بىر نەچچە جۈملە بىلەن باھا بېرىش بەكلا قىيىن. شۇنداقتىمۇ پىكىر قىلىش ئادەتلىرىمىزگە كۆرسەتكەن تىپىك تەسىرلەرنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىشىمىزنىڭ زىيىنى بولمىسا كېرەك. بۇ جەرياندا فرېئۇدنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا دائىر ۋەقەلەرنىمۇ قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
فرېئۇدنىڭ ۋيېنادىكى ھاياتىنى تۇلا بەك قىزىقارلىق ئۆتكەن بىر ھايات دەپمۇ ئېيتالمايمىز. فرېئۇدنىڭ 1891-يىلىدىن تارتىپ قىرىق يەتتە يىلدىن كېيىن لوندونغا كۆچۈپ كېتىشىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئولتۇرغان بىنا جايلاشقان قوراسى، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئولتۇرۇشلۇق ئۆيى بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەخسى كلىنىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ بەخىتلىك ئائىلە ھاياتى، شۇنىڭدەك كۈنسايىن كۆپىيىپ بارغان ئائىلە ئەزالىرى (ئۇ، ئۈچ ئوغۇل، ئۈچ قىز پەرزەنت كۆرىدۇ) ھېچ بولمىغاندا فرېئۇدنىڭ مەخسۇس ئىلمى خادىم سۈپىتىدە پائالىيەت قىلىشى جەريانىدا دۈچ كەلگەن خاپىلىق ۋە قىيىنچىلىقلاردا تەسەللى بەرگۈچى مۇھىم ئامىل بولغان ئىدى. مىدىتسىنا ساھەلىرىدە ئۇنىڭغا قارشى كۆرۈلگەن ئېغىر تەنقىتلەرگە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىلا سەۋەپ بولۇپ قالماستىن، ۋيېنانىڭ ئەمەلىي مۇھىتىگە ھۈكمۈران بولۇپ تۇرىۋاتقان كۈچلۈك يەھۇدىي دۈشمەنلىكىنىڭ تەسىرىمۇ ئەڭ كامىدا ئىجادىيەتلىرى پەيدا قىلغان يامان قاراشلارچىلىك تەسىر پەيدا قىلغان دېيىش مۇمكىن. مەسىلەن، ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت پروفېسسورلۇقىغا تەيىنلىنىش ئىشى سىياسىي يول ئارقىلىق ئىزچىل تۈردە كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.
ئۇنىڭ دەسلەپكى ھاياجانلىق تەتقىقات يىللىرى ھەقىقەتەنمۇ قىزىق ئىدى. ئالايلۇق، ئۇنىڭ قۇلاق-بۇرۇن-ئېغىز ساھەسىدە مۇتەخەسسىسلەشكەن، ئەمما ئادەم بىيولوگىيىسى بىلەن ھاياتلىق جەريانىدىكى دەۋرىلىك ھادىسىلەرنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىگىمۇ كۈچلۈك قىزىقىدىغان ئىستىقباللىق، ئەمما بەكلا تۇراقسىز مىجەزلىك بېرلىنلىق ۋىلخېلم فىليېس (Wilhelm Fliess) دەيدىغان بىر دوختۇر بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتى ھەقىقەتەنمۇ قىزىقارلىق بىر مۇناسىۋەت ئىدى. ئون بەش يىل بويىچە، يەنى 1887-يىلىدىن 1902-يىلىغا كەلگىچە بولغان ئارىلىقتا فرېئۇد ئۇنىڭ بىلەن ئىزچىل خەت-ئالاقە قىلىپ تۇرغان ئىدى. شۇ چاغدا يازغان خەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، كۆزقاراشلىرىنىڭ بىخلىنىشلىرىنى، يازماقچى بولغان ماقالە-كىتاپلىرىنىڭ تەپسىلى لايىھىلىرىنى فىليېسقا ئۇدۇللۇق خەۋەر قىلىپ تۇرغان. بۇ خەتلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ”ئىلمىي پسىخولوگىيە لايىھىسى“ نامىدىكى قىرىق مىڭ سۆزلۈك بىر تەتقىقاتى ئىدى. 1895-يىلى يازغان بۇ تەتقىقات تېمىسىنى فىزىيولوگىيىدىن كۆڭلى سوۋۇپ پسىخولوگىيىگە قاراپ يۈزلەنگەن فرېئۇدنىڭ كەسىپى ئورنىدىكى بۇرۇلۇش نوقتىسى دەپ قوبۇل قىلىش مۇمكىن. ئۇنىڭ بۇ تەتقىقات تېمىسىدىن مەلۇمكى، ئۇ، دەسلىۋىدە پسىخولوگىيىلىك ھادىسىلەرنى نوقۇل نېرۋولوگىيىلىك ئۇقۇملار بىلەنلا چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان. ئۇنىڭ بۇ تەتقىقات ماقالىسى بىلەن ئۇنىڭ فىليېسكە يازغان خەتلىرى بەخىتكە يارىشا بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قالغان. بۇ خەتلەر فرېئۇدنىڭ كۆزقاراشلىرىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدىن خەۋەر تېپىشىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك ئۇچۇر بولۇپ قالدى. بۇ خەتلەردىن پسىخوئانالىزدىكى كېيىنكى تەرەققىياتلارنىڭ شۇ ۋاقىتلاردىلا فرېئۇدنىڭ كاللىسىدا يېتىلىشكە باشلىغانلىقىنى كۆرىۋېلىشىمىز مۇمكىن.
بۇ جەرياندا، فىليېس بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن باشقا ھېچ كىمدىن بىرەر ياردەم كۆرمىگەن ئىدى. كېيىن ئۇ، ۋيېنادا بىرلەپ-ئىككىلەپ دېگەندەك بىر قانچە شاگىرت يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا تىرىشىپ باققان بولسىمۇ، ئارىدىن ئون يىل ۋاقىت ئۆتكەندە، يەنى 1906-يىلى بىر قىسىم شىۋىسسارىيىلىك پسىخولوگ دوختۇرلار ئۇنىڭ كۆزقاراشلىرىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىشىدىن كېيىنلا ئاندىن ئۇنىڭ ئەھۋالىدا تۈپكى ئۆزگىرىش كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ئۇ دوختۇرلار ئارىسىدا زۇرىخ روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ مەسئۇل دوختۇرى بلېۋلېر بىلەن ئۇنىڭ ئاسىستانتى ك. گ. جيۇڭ (Jung تۈركچىدە ياڭ دەپ ئېلىنغان − ئۇ.ت) ئىككىسى ئەڭ مۇھىم كىشىلەر ئىدى. ئۇلار پسىخوئانالىزنىڭ كېڭىيىشىدە باشلامچىلىق رول ئوينايدۇ. 1908-يىلى، سالتىسبۇرگتا بىر قېتىملىق خەلقارالىق پسىخوئانالىزچىلار يىغىنى تەشكىل قىلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە، 1909-يىلى فرېئۇد بىلەن جيۇڭ ئىككىسى بىر يۈرۈش ئىلمىي دوكلات بېرىش ئۈچۈن ئا ق ش گە تەكلىپ قىلىنىدۇ. شۇندىن باشلاپ فرېئۇدنىڭ بىر مۇنچە كىتاپ-ماقالىلىرى نۇرغۇن تىللاردا تەرجىمە قىلىنىش، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پسىخوئانالىزچىلار گۇرۇپپىلىرى تەشكىل قىلىنىپ روھىي ئاجىزلىق كېسەللىرىنى داۋالاش ئىشلىرى باشلىنىپ كېتىدۇ. ئەمما پسىخوئانالىزنىڭ تەرەققىيات جەريانى نۇرغۇنلىغان ئەگرى-توقاي يوللارنى بېسىپ ئۆتۈشتىنمۇ خالى بولالمايدۇ. بۇ جەرياندا، ھەر خىل كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا ئوخشىمىغان ئېقىملار شەكىللىنىشكە باشلاپ، بىر-بىرسىنى ئاسانلىقچە قوبۇل قىلالمايدىغان چوڭقۇر ئايرىمىچىلىقلار كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ئالايلۇق، 1911-يىلى فرېئۇدنىڭ ۋيېنادىكى ئەڭ يېقىن، ئەڭ كۈچلۈك ھىمايىچىلىرىدىن بىرى بولغان ئالفرېد ئادلېر، فرېئۇدتىن ئايرىلىپ چىقىپ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىشقا كىرىشىدۇ. ئۇنىڭدىن يەنە بىر قانچە يىل ئۆتكەندە جيۇڭمۇ ئۆز ئالدىغا بۆلۈنۈپ چىقىۋالىدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىنلا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلايدۇ. بۇ ۋەقەمۇ پسىخوئانالىزنىڭ خەلقارالىق سەۋىيىدە كېڭىيىشىگە توسالغۇ بولۇپ بېرىدۇ. ئۇزۇنغا قالماي، فرېئۇدنىڭ روھى ھالىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان ھادىسە يۈز بېرىدۇ: قىزى بىلەن بەكلا ئامراق نەۋرىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇلارمۇ ئازلىق قىلغاندەك، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ئون ئالتە يىلى بويىچە ئۇنى ئازاپلايدىغان يامان خاراكتېرلىق ئېغىز ئۆسمە (ئىڭەك راك) كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. ئەمما بۇ ئازاپلارنىڭ ھېچ قايسى فرېئۇدنىڭ ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلىرىغا توسالغۇلۇق قىلالمايدۇ. ئۇ، كۆزقاراشلىرىنىڭ مەزمونىنى كېڭەيتىشكە، ھەر كۈنى دېگىدەك تېخىمۇ كۆپ ئەمىلىلەشتۈرۈش ساھەلىرىنى (بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەن ساھەلەر بويىچە) ئوتتۇرغا قويۇش ئىشىنى توختاتماي داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، فرېئۇد دۇنيادىكى ئىنتايىن مۇھىم كىشىلەردىن بىرسىگە ئايلىنالايدۇ. ئەمما ھېچ قانداق بىر ئىش ئۇنى 1936-يىلى سەكسەن ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە مەركىزى لوندونغا جايلاشقان دۇنيانىڭ ئەڭ كونا ئىلمى تەشكىلاتى بولغان ئورگاننىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن پەخىرلىك ئورۇنغا (ئاكادېمىك − ئۇ.ت) لايىق كۆرگىنىچىلىك (Corresponding Member of Royal Society) خوشال قىلالمىغان ئىدى. پرېزدېنت روزۋېلتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى مۆلچەرلەنگەن داڭلىق قىزىققۇچىلىرىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ئۇنىڭغا بېرىلگەن بۇ شەرەپلىك ئۈنۋان، بىر ھېساپتا فرېئۇدنى 1938-يىلى ھىتلېر گېرمانىيىسى ئاۋۇسترىيىگە بېسىپ كىرگىنىدە مىللەتچى سوتسيالىزمچىلار (ناتسىتلار) نىڭ ئەڭ قوپال مۇئامىلە قىلىشلىرىدىن ساقلاپ قالالىغان دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى بۇنداق مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ: ئۇنىڭ بارلىق كىتابلىرى فاشىستلار تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىپ كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ. بۇ ئۈنۋاننىڭ ھىمايىسىگە قارىماي، فرېئۇد ۋيېنادىن قېچىپ چىقىشقا مەجبۇر بولىدۇ: شۇ يىلى ئىيۇل ئېيىدا ئائىلىسىنىڭ بىر قىسم ئەزالىرى بىلەن بىرگە سەكسەن يىللىق ئارزۇسى بولغان لوندونغا بېرىپ ماكانلىشىدۇ. فرېئۇد، 1939-يىلى 23-سىنتەبىر كۈنىسى لوندوندا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدۇ.
فرېئۇدنى ئىنقىلاپ خاراكتېرلىق زامانىۋىي نەزەرىيە قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى دەپ تونۇش، ئۇنىڭ نامىنى ئەيىنىشتېيىن بىلەن بىر قاتاردا قويۇش، مەتبۇئات سەھىپىلىرىنىڭ ئۆزگەرمەس خەۋەر تېمىسىغا ئايلانغان ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي مۇتلەق كۆپ كىشىلەر بۇ ئىككى ئادەم ياراتقان نەزەرىيىلىرىنىڭ ھېچ بىرسىنى ئېنىق چۈشىنەلمەي كەلمەكتە.
فرېئۇدنىڭ كەشىپ قىلغان نەزەرىيىلىرىنى بىر-بىرسىگە زىت بولۇپ كۆرۈنىدىغان مۇنداق ئۈچ تۈرگە ئايرىش مۇمكىن: تەتقىقات ۋاستىسى؛ بۇ ۋاستىغا تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈلگەن كەشىپىياتلار؛ بۇ كەشىپلەردىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان ئىلمىي پەرەزلەر. ئەمما تەتقىقاتلىرىنىڭ ھەممىسىنىلا سەۋەپ-نەتىجە قانۇنىنى ئورتاق قانۇنىيەت دەپ ئىشەنگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراش مۇمكىن. فىزىكىلىق قاراشلار نوقتىسىدىن ئالغاندا بۇنداق بىر ئىتىقاتنى، برۇكنىڭ لابوراتورىيىسىدىكى تەجرىبىلىرىدىن، شۇنىڭدەك يەنە ئاخىرقى ھېساپتا خېلمخولتز ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىلمىي روھىدىن ئالغان دېيىش مۇمكىن. ئەمما فرېئۇد بۇنداق بىر ئېتىقاتنى ئۆز ۋاقتىدا زادىلا كېلىشتۈرگىلى بولمايدۇ دەپ قارالغان ئاڭ-تەپەككۈر ساھەسىگىمۇ ئېلىپ كىرىدۇ. بۇ نوقتىدىن ئالغاندا، فرېئۇدنى ئوقۇتقۇچىسى بولغان پسىخولوگ مېينېرتنىڭ تەسىرىگە يولۇققان، ۋاستىلىق تۈردە ھېربېرت پەلسەپەسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
فرېئۇد، ئادەم روھىي دۇنياسىنى ئىلمىي ئۇسۇل بويىچە تەتقىق قىلىشنىڭ تۇنجى قۇرالنى (ئۇسۇلنى) بىرىنچى بولۇپ كەشىپ قىلغان بىرى ئىدى. داڭلىق ئىجادىي يازغۇچىلارنىڭ روھىي جەريانلىرىنى ئايرىم-ئايرىم چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىپ چىققان. ئەمما فرېئۇدتىن بۇرۇن روھىي دۇنيانى (ئاڭ تەپەككۈر رايونىنى) بۇنداق سىستېمىلىق تەتقىق قىلىش ئۇسۇلى يوق ئىدى. شۇڭا ئۇنى، بۇ ئۇسۇلنى بىر-بىرلەپ تەتقىق قىلىپ چىققان، تەتقىقات جەريانىدا دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى ئۆزى يالغۇز ھەل قىلىشقا مەجبۇر بولغان بىردىن-بىر كەشپىياتچى دېيىشكە بولىدۇ. برېۋېرنىڭ ھېستىرىيە تەتقىقاتىدا ئوتتۇرغا قويغان ئۇنۇتۇلغان كۆڭۈلسىزلىكلەر مەسىلىسى ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە ئوتتۇرغا قويغان تۇنجى قېتىملىق، بەلكىم ئەڭ ئاساسلىق مەسىلە ھېساپلىناتتى. چۇنكى، بۇ تۈر ھادىسىلەر روھىي تۈزۈلۈشتىكى سىرتتىن كۈزەتكۈچىگە ياكى شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ئاشكارە بىلىنمەيدىغان، ئەمما ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ تۇرىدىغان بىر ئاڭ تەپەككۈر رايونىدىن بىشارەت بەرمەكتە ئىدى. فرېئۇد كىشى ھېس قىلالمايدىغان بۇنداق روھى تەپەككۈر رايونىنى يوشۇرۇن ئاڭ (تۈركچە ئاتالغۇلارغا ئاساسلىنىپ سۆز ياساشقا توغرا كەلسە، بىلىنگەن ئاستى، بىلىنگەن سىرتى، بىلىنگەن تاشقىرىسى دېگەندەك ئاتاشقىمۇ بولىدۇ − ئۇ.ت) دەپ ئاتايدۇ. بۇنداق ئاڭ تەپەككۈر رايونلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە گىپنوز (ھىپنوز) ئانالىزلىرىمۇ كۆرسىتىپ بەرمەكتە ئىدى. بۇ تۈردىكى ئانالىزلاردا ئادەم پۈتۈنلەي ئويغاق ھالىتىدە ئانالىز قىلىنىۋاتقان ئىشلارنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەن بولىشىغا قارىماي، بۇ تۈردىكى ئانالىز ئۇسۇلىغا تايىنىپ ئۇنۇتۇلغان كونا خاتىرىلىرىنى قايتىدىن ئەسلەپ ئاشكارە ئاڭ دائىرىسىگە كەلتۈرەلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇنداق بولغىنىدا، بۇنداق يۇشۇرۇن ئاڭ قىسىمىنى ئېتىۋارغا ئالمايدىغان ھېچ بىر ئاڭ تەتقىقاتى ھېچ قانداق روھى پائالىيەت جەريانىنى ئېنىق ئوتتۇرغا چىقىرالمايدۇ دېيىش مۇمكىن. يوشۇرۇن ئاڭدىكى تەپەككۈر جەريانلىرىنى قانداق قىلىپ ئوتتۇرغا چىقىرىش كېرەك؟ فرېئۇد دەسلىۋىدە بۇ مەسىلىنى گىپنوز يولى بىلەن تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئوتتۇرغا چىقىرىش پەرىزىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. برېۋېر بىلەن فرېئۇد ئىككىسىنىڭ دەسلىۋىدە قوللانغان ئۇسۇلى دەل شۇ ھىپنوز قىلىش ئۇسۇلى ئىدى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئۇسۇلنىڭ توغرا ئۇسۇل ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭدىن ئېلىنىدىغان نەتىجىلەر قالايماقان، بەكلا تۇتۇق بولىدىغانلىقىنى، بەزىدە ھەتتا ھېچ بىر نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى سېزىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، فرېئۇد ھىپنوزلۇق ئانالىز ئۇسۇلىدىن تەدرىجى تۈردە ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا كېيىنكى ۋاقىتلاردا ”ئەركىن ئەسلىتىش“ دەپ نام بېرىدىغان پۈتۈنلەي يېڭىچە بىر ئۇسۇلدىن پايدىلىنىشقا كىرىشىدۇ. روھى تۈزۈلىشى ئانالىز قىلىنىدىغان كىشىدىن، شۇ كۈنگىچە ھېچكىم ئىشلىتىپ باقمىغان خىيالىغا نېمە كەلسە شۇنى ئەركىن سۆزلىتىشتىن شەكىللەنگەن بۇ ئىنتايىن ئاددى ئۇسۇلنى روھى پائالىيەت ئانالىز ئۇسۇلى قىلىپ تاللىۋالىدۇ. ئۇنىڭ روھ پائالىيەتلىرىنى ئانالىز قىلىشتا بۇنداق كەسكىن بۇرۇلۇش قارارغا كېلىشى ئۇنى ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالدۇرارلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ. بۇ ئۇسۇل قارىماققا بەكلا ئاددى ئۇسۇلدەك كۆرۈنگىنى بىلەن، فرېئۇد بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ قەلبنىڭ چوڭقۇر سىرلىرىنى كۈزىتىشنىڭ يېڭىچە ئىمكانىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى كۆرۈنۈشتە بەكلا ئاددى ئۇسۇل دېيىشىمىزدىكى سەۋەپ، ئەركىن ئەسلىتىش ئىشى بىر يېرىگە كەلگىچە راۋان ماڭغاندەك قىلغىنى بىلەن، مەلۇم نوقتىغا كەلگىنىدە يەنە ئۈزۈلۈپ قالاتتى. يەنى، بۇ ئۇسۇل بىلەن روھى ئانالىز قىلىنىۋاتقان كىشى بىر يېرىگە كېلىپ دەيدىغانغا ھېچقانداق بىر گەپ تاپالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالاتتى. نەتىجىدە، بىمارنىڭ ئاڭلىق روھىدىن (ئادەمنىڭ ئۆزىگە ئاشكارە بىلىنگەن ئېڭىدىن − ئۇ.ت) مۇستەقىل بولغان بىر خىل كۈچ ئوتتۇرغا چىقىپ، داۋالاش بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلىپ تۇرىۋالىدىغان ”تىركىشىش“ (تىرەجەش − ئۇ.ت) ھادىسىسىنى پەيدا قىلاتتى. بۇ ھادىسە، پسىخوئانالىزنىڭ ئىنتايىن مۇھىم نەزەرىيە ئاساسلىرىدىن بىرىنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئاساس بولۇپ قالىدۇ. يەنى، ئاڭ تەپەككۈر تۈزۈلىشى ئەسلىدە ئىنتايىن ھەرىكەتچان بىر رايون ئىكەنلىكى، بەزى قىسىملىرى ئاڭلىق (بىلىنىدىغان − ئۇ.ت) تۈردە ھەرىكەت قىلسا، يەنە بەزى قىسىملىرى ئاڭسىزلىق (بىلىنمەيدىغان، ئىگىسىدىن يوشۇرۇنچە − ئۇ.ت) تۈرىدە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى، بۇ ئىككى قىسىم بەزىدە بىر-بىرسى بىلەن ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلسا، يەنە بەزىدە ئۆزئارا زىتلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى بىر قاتار روھىي پائالىيەت رايونلىرىدىن تۈزۈلىدۇ دەيدىغان قاراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇ ئىشلار ئاخىرقى ھېساپتا ئورتاق ئالاھىدىلىك بولۇپ ئىپادىلەنسىمۇ، فرېئۇدنىڭ دەسلەپكى يىللاردىكى روھىي كېسەللىكلەرنى كۈزىتىپ تەتقىق قىلىش ئىشلىرى ئاساسەن ئالغاندا بۇ تۈر كېسەللىكلەرنىڭ ”تىركىشىشى“ نى يېڭىپ چىقىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش، بۇنداق تىركىشىپ تۇرىۋېلىشنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان نەرسىلەرنى ئوتتۇرغا چىقىرىش ئۈستىگە مەركەزلەشكەن ئىدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش يولى فرېئۇدنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان پەۋقۇلئاددە كۈزىتىش ئارقىلىقلا تېپىلىدۇ: بۈگۈن بىز بۇ ئۇسۇلنى ئۆزىنى ئۆزى ئانالىز قىلىش (تۈركچىدە ئۆز چۈزۈم دەپمۇ ئېلىنغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ يوشۇرۇنغان روھى پائالىيەتلىرىنى يېشىش، ئۆزىنى ئۆزى پسىخوئانالىز قىلىش ئارقىلىق يوشۇرۇڭ ئاڭ دائىرىسىنى تونۇش دېگەندەك − ئۇ.ت) دەپ ئاتىماقتىمىز. تەلىيىمىزگە، فرېئۇدنىڭ فلىيېسكە يازغان خەتلىرى بۇ جەرياننىڭ بىرىنچى قول ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىمەكتە. بۇ ئانالىز ئۇسۇلى، بىزنى روھىي تۈزۈلۈش جەھەتتىكى يوشۇرۇن ئاڭ جەريانلىرىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى كەشىپ قىلىش، يوشۇرۇن ئاڭ ئۇچۇرلىرىنىڭ بىلىنگەن ھالغا كېلىش سەۋەپلىرىنى تونۇش، شۇنچە كۈچلۈك تىركىشىش كۆرسىتىشىنىڭ سەۋەپلىرىنى تېپىپ چىقىش، كېسەللىكلىرىدىكى تىركىشىشنى يېڭىپ چىقىش ياكى بۇنىڭدىن قېچىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى شەكىللەندۈرۈش جەريانلىرىدىن خەۋەردار بولۇش، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ تۈر بىلىنمىگەن يوشۇرۇن ئاڭ جەريانلىرى بىلەن بىلىنگەن ئاشكارە ئاڭ جەريانلىرىنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپلىرى ئوتتۇرسىدىكى تۈپكى پەرقلەرنى بىلىش ئىمكانىيىتىنى بېرىدۇ. شۇ ئارقىلىق بۇ ئۈچ نوقتىنىڭ ھەر بىرسىنى باھالاش ئىمكانىيىتىمىز تۇغۇلغان بولىدۇ. مانا بۇلار، فرېئۇدنىڭ ئىنسان روھىي تۈزۈلمىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىمگە قوشقان ئەڭ چوڭ تۆھپىسى ھېساپلىنىدۇ.
فرېئۇ، روھىي تۈزۈلمىدىكى (ئاڭ تەپەككۈر رايونىدىكى − ئۇ.ت) يوشۇرۇن ئاڭ قىسمىنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيىسى بىۋاستە جىسمانى تۇغما كۈچىدىن كەلگەن بىر-بىرسىگە پۈتۈنلەي زىت ئىستەكلىرىنىڭ (ئارزۇلىرىنىڭ) تەسىرىدىن شەكىللەنگەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. بۇ قىسىم تەپەككۈر رايونى، ئىستەكلىرىنى دەرھال قاندۇرۇش يوللىرىنى ئاختۇرۇش مەقسىتىدە، باشقا ھەرقانداق بىر ئىشنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشقا ھەر دائىم تەييار تۇرىدۇ؛ يەنى، بۇ يوشۇرۇن ئاڭ رايونى رىياللىققا ماسلىشىش، تاشقى خەۋپلەردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى مەقسەت قىلىدىغان ئاشكارە ئاڭ رايونى بىلەن ھەر دائىم زىتلىشىپ تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تۈر ئىپتىدائىي تەلەپلەر ئاساسەن ئالغاندا جىنىسى تەلەپ ياكى ۋەيران قىلغۇچى ئارزۇ تۈرىدە نامايەن بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، يوقۇرى دەرىجىدە ئىجتىمائىيلاشقان، تېخىمۇ كۆپ مەدەنىي بولغان ئاشكارە ئاڭ باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن ئىزچىل تۈردە توقۇنۇش ھالىتىدە پائالىيەت قىلىدۇ دەپ قارىلىدۇ. بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتلار، فرېئۇدنى بالىلارنىڭ ئۇزۇنغىچە يوشۇرۇپ كېلىدىغان جىنىسى ھەۋەسكە قىزىقىش مىجەزەنى، يەنى ئودىپۇس مۇرەككەپلىكىنى كەشىپ قىلىشىغا باشلاپ بارىدۇ.
ئۇنىڭ ئۆز ئۆزىنى ئانالىز قىلىشى يەنە بىر تەرەپتە چۈش كۆرۈشنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى تەتقىق قىلىش پۇرسىتىنىمۇ يارىتىپ بېرىدۇ. روھى كېسەللىك ھادىسىلىرىغا ئوخشاش، چۈش كۆرۈش ھادىسىلىرىمۇ يوشۇرۇن ئاڭ رايونىدىكى باشقۇرغۇچى كۈچى بىلەن يەنە بىر ئاڭ رايونى بولغان ئاشكارە ئاڭ رايونىنىڭ باشقۇرغۇچى كۈچى ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش ياكى يارىشىش جەريانىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، چۈش پارچىلىرىنى ئايرىم-ئايرىم كۈزىتىپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق بىمارنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدىكى مەزمونلار ئاشكارىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك چۈش كۆرۈش ھادىسىسى ئاساسەن ئالغاندا ئومۇمىي خاراكتېرلىك بىر ھادىسە بولغانلىقى ئۈچۈن، چۈش تەبىرى يوشۇرۇن ئاڭ رايونىدىكى تىركىشىشنى ئوتتۇرغا چىقىرىشتا ئەڭ قىممەتلىك ئانالىز ئۇسۇلىغا ئايلىنىدۇ.
پسىخوئانالىزنىڭ ئاخىرقى بىر ئالاھىدىلىكى، چۈشلەرنى تەپسىلى تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى، فرېئۇد تەرىپىدىن ئاساسلىق ھەمدە ئىككىلەمچى ئاڭ تەپەككۈر جەريانى دەپ ئاتالغان ھادىسىلەردە ئاڭ پائالىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن قىسىملىرى ئوتتۇرسىدا يۈز بېرىدىغان ھادىسىلەرگە قاراپ ئاڭ تەپەككۈر رايونىنى گۇرۇپپىلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. يەنى ئاڭ تەپەككۈر رايونىنىڭ يوشۇرۇن قىسمى (يوشۇرۇن ئاڭ رايونى − ئۇ.ت) دا تەپەككۈر پائالىيەتلىرىنى تېزگىنلەش ياكى بىر قانچە خىل تەلەپلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا قاندۇرۇلۇش ئىستەكلىرىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان بىر ئەھۋال يوقلىقى مەلۇم بولىدۇ: يەنى ھەر بىر ئىستەك باشقا بارلىق ئىستەكلەردىن مۇستەقىل ھالدا ئۆزىنى قاندۇرۇش پېيىدىلا يۈرىدىكەن؛ بىر خىل تەلەپ قاندۇرۇش ئىستىگى يەنە بىر تەلەپنىڭ توسالغۇسىغا دۈچ كەلمىگەن ئاساستا ھەرىكەت قىلىدىكەن؛ ئۇ يەردە زىدىيەتلەرنىڭ قىلچە رولى بولمايدىكەن، يەنى ئۇ يەردە زىدىيەت دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت ئەمەس دېيىش مۇمكىنكەن؛ شۇنداق بولغاچقا، يوشۇرۇن ئاڭ رايونىدا ئەڭ زىت بولغان ئىستەكلەرمۇ بىر ئارىدا شەكىللىنەلەيدىكەن ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىكەن؛ يوشۇرۇن ئاڭ رايونىنىڭ تەپەككۈر پائالىيەتلىرىمۇ ھەر قانداق بىر مەنتىقىغا قەتئىي بوي سۇنمايدىكەن؛ ئاز-تۇلا ئوخشاپ كېتىدىغانلىكى نەرسىلەر بىر خىل نەرسە قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىۋېرىلىدىكەن؛ ياخشى نەرسىلەر يامان نەرسىلەر بىلەن تەڭ قاتاردا كۆرۈلىدىكەن؛ تۈپتىن زىت ئىستەكلەرگە باغلىق بولغان نەرسىلەرمۇ يوشۇرۇن ئاڭ رايونىدا پەۋقۇلئاددە تۈردە بىر-بىرسىگە ئۆزگىرىپ تۇرالايدىكەن؛ قىلچە ئەقىلغا سىغمايدىغان ئەسلىمىلەر تىزمىسىنىڭ ئورنىغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان باشقا بىر ئەسلىمە ئۆتىۋالالايدىكەن. مانا بۇ، ئادەم مېڭىسىدىكى سىرتقا ئېنىق مەلۇم بولماي يوشۇرۇن پائالىيەت قىلىپ تۇرىدىغان يوشۇرۇن ئاڭ رايونىنىڭ ئاساسلىق تەسۋىرى. فرېئۇد، بىرلەمچى ئاڭ تەپەككۈر جەريانغا (يوشۇرۇن ئاڭ رايون ھەرىكىتىگە − ئۇ.ت) تەۋە پائالىيەت جەريانىنىڭ ئاڭلىق چۈشەنچىگە (مېڭىمىزدىكى ئاشكارە ئاڭ رايون پائالىيەت تەۋەسىگە − ئۇ.ت) سىڭىپ كىرىشى چۈشتىكى ھادىسىلەرنىلا ئەمەس، بەلكى باشقا نورىمال ياكى پاتولوگىيىلىك بىر مۇنچە روھى ھادىسىلەردە كۆرۈلىدىغان غەلىتىلىكلەرنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغانلىقىنى پەرق قىلىدۇ.
فرېئۇدنىڭ كېيىنكى تەتقىقاتلىرى ئاساسەن ئالغاندا بۇ دەسلەپكى قاراشلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە بېيىتىش بىلەن ئۆتكەن دېسەك بەك مۇبالىغە ھېساپلانمىسا كېرەك. بۇ تەلىماتلاردىن پايدىلىنىپ روھى كېسەللىرى بىلەن مىجەز كېسەللىكلىرىنىلا چۈشەندۈرۈشكە بولۇپ قالماي، بەلكى يەنە خاتا سۆزلەپ سېلىش، چاخچاق ۋە يۇمۇر، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى، سىياسى تەشكىلاتلار بىلەن دىنى ئەقىدە قاتارلىق ئادەتتىكى ئىجتىمائىي جەريانلارنىڭمۇ ھەرىكەت مېخانىزملىرىنى چۈشەندۈرۈشلەرگىمۇ كېڭەيتىشكە بولىدۇ؛ بۇ تەلىماتلار، بەزى ئەھۋاللاردا بىر مۇنچە ئەمەلى قوللانما بىلىملىرىگە، يەنى ئارخىلوگىيە، ئانتروپولوگىيە (ئىنسانشۇناسلىق − ئۇ.ت)، كرىمىنولوگىيە (جىنايەتشۇناسلىق − ئۇ.ت)، مائارىپشۇناسلىق قاتارىدىكى بىرمۇنچە بىلىم تەتقىقاتى ئۈچۈنمۇ يېپ-يېڭى تەپەككۈر يوللىرىنى ئېچىپ بېرەلىشى مۇمكىن؛ دەرۋەقە، پسىخوئانالىتىك داۋالاشلاردا كۆرىلىدىغان ھادىسىلەرنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيتتى. ئاخىردا يەنە، فرېئۇدنىڭ غايىسى بولغان، بۇ تۈردىكى كۈزىتىشلەر ئاساسىدا تېخىمۇ ئومۇمىي چۈشەنچىلەردىن تەشكىل تاپقان ”مېتا پسىخولوگىيە“ (ئومۇمى پسىخولوگىيە − ئۇ.ت) دەپ ئاتالغان نەزەرىيىنى ئوتتۇرغا قويۇش ئۈچۈنمۇ ئاساس شەكىللەندۈرەلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەپسۇسكى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇنىڭ بىر غايە بولىشىغا قارىماي ھەر دائىم بۇ بىر ۋاقىتلىق ئىلمىي پەرەز ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرماقتا. دېگەندەك، فرېئۇد ئۆمۈرىنىڭ كېيىنكى دەۋرىلىرىدە ”يوشۇرۇن ئاڭ“ دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ بەكلا مۈجىمەل، ئەمەلى قوللىنىشلاردا بەكلا كۆپ زىدىيەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاڭ رايونى ھەققىدە يېڭى ئىجابى چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرغا قويىدۇ؛ يەنى، بۇ تۈردىكى ئاڭ رايونىدىكى ئىستىخىيىلىك ھەرىكەتلەرگە مەسئۇل بولىدىغان مەۋھۇم ئورگانغا ”ئىد“ (ئىپتىدائىي مەن، ئەسلى مەن، بىلىنمىگەندىكى مەن؛ بۇ ئاتالغۇ ئېنگىلىزچىدىكى ”ئىت“ يەنى ئۇ دېگەن سۆزگە يېقىن مەنىگە ئىگە. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئادەم ئۆزىگە مەلۇم بولماي پائالىيەت قىلىدىغان روھى دۇنياسى − يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولغان يۇشۇرۇن ئاڭدىكى مەننى، يەنى ئىپتىدائى مەننى، شۇ ئادەم ئۆزىگە يات ھېساپلاپ ”ئۇ“ دەپ ئاتىۋېلىشى دېيىش مۇمكىن. − ئۇ.ت) دەپ، رىياللىققا ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان قىسىمغا مەسئۇل بولىدىغان ئورگانغا ”ئېگو“ (مەن، بىلىنگەندىكى مەن − ئۇ.ت) دەپ، ھەۋەسلەرگە تەنقىدى مۇئامىلە قىلىدىغان، ئەخلاقى مىزان بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان باشقۇرۇش ئورگىنىغا ”سۇپەر ئېگو“ (دەرىجىدىن تاشقىرى مەن، نازارەتچى مەن، ئەخلاقلىق، ۋىژدانلىق مەن − ئۇ.ت) دەپ نام بېرىدۇ؛ شۆبىھسىزكى، (كاللىمىزدىكى ھەر قايسى ئاڭ رايونلىرىنىڭ تەپەككۈر پائالىيەتلىرىنى باشقۇرىدىغان) بۇ يېڭى باشقۇرغۇچى ئورگان چۈشەنچىسى نۇرغۇنلىغان مۇجىمەللىكلەرنى ئوڭۇشلۇق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيتتى.
يوقۇرقى قىسقىچە ئىزاھاتلار، كىتاپخانلارغا فرېئۇدنىڭ ھاياتى مېڭىمىزدىكى ئاڭ ھادىسىلىرىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكلىرىنى كەشىپ قىلىش بىلەن ئۆتكەن بىر ھايات ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇم قاراشقا ئىگە قىلىدۇ دەپ ئىشىنىمەن. شۇنىڭغا قارىماي، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ھەققىدە بىر مۇنچە يامان قاراشلاردا بولۇپ كەلدى. شۇنچە مۇھىم كەشپىيات يارتقان بىرسىدىن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق تەلەپلەردە بولساق قانداق بولار؟ ياكى فرېئۇدنىڭ زادى قانداق بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ زىغىرلاپ يۈرسەك توغرا بولارمۇ؟ بەلكىم ئۇ كۆڭلىمىزدىكىدەك بىرسى بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئەمما كىشىلەرنىڭ ئۇلۇغ كىشىلەرگە بولغان قىزىقىشلىرىنى قايىل قىلىپ پۈتتۈرگىلى بولمايدۇ؛ ئۇنداق كىشىلەر رازى بولغىدەك چۈشەندۈرۈشكە ئېرىشەلمىگىنىدە، مۇقەررەر تۈردە ئەپسانىۋىي چۈشەندۈرۈشلەرگە مۇراجەت قىلىش يولىغىمۇ كىرىپ كېتىدۇ. فرېئۇد دەسلەپكى كىتاپلىرىدىن ئىككىسىدە («چۈش تەبىرى» بىلەن «كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى پسىخوپاتولوگىيە»)، ئىلمىي قارىشىنى ئوتتۇرغا قويىشى ئۈچۈن بەكلا كۆپ شەخسىلەرگە ئائىت ماتېرىياللارنى مىسال قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، ياكى بولمىسا بەلكىم ئەنە شۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، ئۇنى باشقىلارنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا ئارىلىشىۋالغان دەپ قاتتىق تەنقىتلەندى ھەمدە بۇ ھەقتە بەكلا كۆپ بوھتانلار ئوتتۇرغا چىققان دېيىش مۇمكىن. مەسىلەن، دەسلەپكى بىر رىۋايەتتە، بەلكىم ئەڭ ساپ دىللىق بىلەن توقۇلغان دېيىشكە بولىدىغان بۇ ئەپسانىدا، فرېئۇدنى جامائەت ئەخلاقىنى بۇزۇشقا ئۆزىنى ئاتىغان بىر ئەخلاقسىز دەپ قارىلانغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھىكايىلاردا بىر-بىرسىگە زىت كېلىدىغان مۇنداق باھالارمۇ كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ: كۈچلۈك ئەخلاقلىق ئادەم، ئىنتىزامنى قاتتىق تەكىتلەيدىغان ئادەم، رەھىمسىز مۇستەبىت، ئۆزىنىڭكىنىلا راستقا چىقىرىدىغان ئادەم، كۈلۈشنى بىلمەيدىغان ئادەم، بەخىتسىز ئۆتكەن بىر ئادەم دېگەندەك تەسۋىرلەشلەرمۇ ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلايدۇ. ئۇنى ئازىراق بولسىمۇ چۈشىنىدىغان كىشىلەر بۇ تۈردىكى باھالاشلارنىڭ ئەمەلىيەتكە قەتئى ماس كەلمەيدىغان پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپلەر ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. بۇ تۈر تەسۋىرلەشلەرنىڭ بەزىلىرى كېيىنكى يىللاردىكى جىسمانى ئازاپلىنىشلارنىڭ چىرايىدا ئىپادىلىنىشىدىن ئوتتۇرغا چىققان بولىشىمۇ مۇمكىن؛ شۇنداقتىمۇ، ئوتتۇرلۇقتا تارقىلىپ يۈرگەن ئاغرىق كۈنلىرىدە تارتىلغان قوپال كۆرۈنۈشتىكى رەسىملىرىدىن بىرسى بۇ تۈر غەيرى قاراشلارنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىغا سەۋەپ بولغان بولىشى مۇمكىن. ئەسلىدە ئۇ، قىزىققۇچىلارنىڭ رەسىمىنى تارتىۋېلىشىنى ھەرگىزمۇ خالىمايتتى؛ سەنئەت ساھەسىدىكىلەرمۇ پسىخوئانالىز كەشپىياتچىسىنى دائىم دېگىدەك قوپال، قورقۇنۇشلۇق بىرسى قاتارىدا ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقى ئېنىق. خۇداغا شۈكرى، شۇنىڭغا قارىماي تېخىمۇ چىرايلىق، ئۈلگە بولۇشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۈلگىلىك رەسىملىرىمۇ خېلى كۆپ ساقلانغان ئىدى. مەسىلەن: ئەڭ چوڭ ئوغلىنىڭ دادىسىغا مۇناسىۋەتلىك «ئەسلىمىلەر» دېگەن كىتاۋىدا كۈرسىتىلگىنىدەك (مارتىن فرېئۇد، 1957؛ گلورى رېفلېكتېد)، دەم ئېلىشقا چىققان كۈنلىرىدە ياكى بالىلىرى بىلەن بىرگە بولغان ۋاقىتلىرىدا تارتىلغان شۇ پەيتكە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرمۇ خېلى كۆپ ساقلىنىپ قالغان ئىدى. بۇ كىتاپ گەرچە قىممىتى يوقۇرى ۋە قىزىقارلىق بىر كىتاپ ھېساپلانمىسىمۇ، ئۆلچەملىك دەپ قارالغان باشقا بيوگرافىيە ئەسەرلەرنىڭ نۇرغۇن جەھەتلەردىكى كام تەرەپلىرىنى تولۇقلاپ، فرېئۇدنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشى ھەققىدە بەزى مۇھىم ئىشلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ. بۇ تۈردىكى رەسىملەرنىڭ بەزىلىرىدىن فرېئۇدنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردا يۈز-كۆزى تولغان كىلىشكەن بىر يىگىت ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالالىشىمىز مۇمكىن؛ ئەمما ئۇنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا، بولۇپمۇ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ھەتتا كېسەل بولۇشىدىن بۇرۇن ئۇنىڭ رەسىملىرىدىن ياش ۋاقتىدىكىدەك يۈزنى كۆرەلمەيمىز. شۇنداقتىمۇ، كېيىنكى رەسىملىرىدە ئۇنىڭ چىراي شەكلىگە ئوخشاش ئۇنىڭ بەدىنىمۇ (فرېئۇد ئورتا بويلۇق بىرسى ئىدى) جىددى، سەزگۈر بېقىشلىق بىرسى بولۇپ كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ قىياپىتى ھەقىقەتەنمۇ جىددى تۈستە ئىدى. ئەمما ئۇ رەسمى سورۇنلاردىكى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە بەكلا مۇلايىم، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئايايدىغان يۇمشاق مىجەزلىك بىرسى ھېساپلىناتتى؛ قالغان ۋاقىتلاردا خوش چىراي، قىزىقارلىق چاخچاخلار بىلەن كىشىنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرىدىغان، ھەمسۆھبەت بىرسى ھېساپلىناتتى. ئائىلىسىگە بولغان ئامراقلىقىنى كۆرسىڭىز، ئۇنى ھەقىقەتەنمۇ سۈيۈملۈك بىر ئائىلە باشلىقى ئىكەن دەپ ئويلىماي تۇرالمايسىز. ئۇنىڭ ئىشتىن سىرتقى قىزىقىشلىرىنىڭ تۈرى بەكلا كۆپ ئىدى. چەتئەل ساياھىتىگە چىقىش، سەھرالارغا بېرىپ دەم ئېلىش، تاغقا چىقىپ ئايلىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە بەكلا ئامراق ئىدى. سەنئەت ئەسەرلىرىگە، ئارخىلوگىيىگە، ئەدەبىياتقا، ۋە شۇنىڭدەك بەكلا نۇرغۇن ئىشلارغا قىزىقاتتى. بۇنداق قىزىقىشلىرى ئۇنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىنى ئالاتتى. فرېئۇد يالغۇز نېمىسچىنىلا ئەمەس، باشقا بىر مۇنچە تىللاردىكى ئەسەرلەرنىمۇ بەكلا راۋان ئوقۇيالايتتى. ئېنگىلىزچە بىلەن فرانسۇزچىنى بەكلا ياخشى بىلەتتى. شۇنىڭدەك ئىسپانچە بىلەن ئىتالىيانچىنىمۇ خېلىلا ياخشى بىلەتتى. ئۇنىڭ ئالى مەكتەپتە ئالغان بىلىملىرىنىڭ ئاساسى تەبىئىي پەن بىلىملىرى ئاساسىغا تىكلەنگەنلىكىنىمۇ ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك (ئۇنىۋېرسىتېتتا قىسقا مۇددەتلىك پەلسەپە تاللانما دەرسىنىمۇ ئالغان). فرېئۇد مەكتەپتىكى ۋاقتىدا كلاسسىك ئەسەرلەرگىمۇ قىزىققان بولۇپ، بۇ قىزىقىشىنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىدۇ. ئون يەتتە ياش ۋاقتىدا مەكتەپتىكى ساۋاغداشلىرىنىڭ بىرسىگە يازغان بىر پارچە خېتى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇ خەتتە مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىدا ئالغان ھەر تۈردىكى نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ كېلىپ، لاتىنچىدا ۋىرگىلدىن بىر ئابزاس، گرىكچىدىنمۇ ئەڭ مۇھىمى ئودىپۇس رېكستىن ئوتتۇز ئۈچ مىسرا تەرجىمە قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ (ئېمىل فلۇس. بۇ خەت، فرېئۇدنىڭ خەت-ئالاقىلىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان).
خۇلاسىلىغىنىمىزدا، ئەنگىلىيىدىكى ۋىكتوريىچە تەربىيىلىنىش شەكلىنى ئەڭ ياخشى ئۈلگە دەپ باھالايدىغىنىمىزغا ئوخشاش، فرېئۇدنىمۇ ئەنە شۇنداق مۇكەممەل تەربىيىلەنگەن دەپ باھالىيالىشىمىز مۇمكىن. فرېئۇدنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەتكە بولغان قىزىقىش شەكلى ئەلىۋەتتە بىزدىن پەرق قىلىدۇ. ئۇ قاتتىق لىبىرالىست بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەخلاقى قاراشلىرى ئۇ ياشىغان دەۋرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە تەۋە قاراشلارغا ئوخشىمايدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۇنى ھاياجان ئىچىدە ياشىغان، بېشىدىن شۇنچە ئېغىر كۈنلەرنى كەچۈرگەن بىرسى بولىشىغا قارىماي ھېچقانداق بىر ئازاپ ھېس قىلماي ياشىغان بىرسى دەپ تونىشىمىز مۇمكىن. قەتئى راستچىل، ساداقەتلىك بولىشى، ئۇنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى ئىدى. ئۇ، ھەرقانچە يېڭىلىقچى، زىيالى سۈپەت ياكى باشقىلاردىن پەرقلىق ئالاھىدە بىرسى بولغانلىقىغا قارىماي، دۈچ كەلگەن ھەر قانداق بىر قاراشقا سەل قارىمايدىغان، زىيالىلارغا خاس ئوچۇق سۆزلۈك بولىشى ئۇنىڭ ئەنە شۇنداق ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بەزى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بولىشى بەلكىم ئېتىقاتسىزلىقىنى يوشۇرماسلىقى ۋە باشقىلارغا ياردەم قىلىشقا ئامىراقلىقى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنلىكى بولۇپ، بۇ تۈردىكى ئالاھىدىلىكلىرى كىشىلەرنى ئىزچىل تۈردە ھەيران قالدۇرۇپ كەلگەن بولىشى مۇمكىن. ئۇ ئەقىللىق بولىشىغا قارىماي، ئادەتتە بەكلا ساددا بىرسى ئىدى. بەزىدە ئۇ تەنقىدى قاراشتىكى بىرى بولۇش بىلەن بىرگە، باشقىلارغا ئاسانلا ئىشىنىپ قالىدىغان ئاجىزلىقىمۇ بار ئىدى. مەسىلەن: بىر مىسىر ئالىمى ياكى فلولوگىغا ئوخشاش ئۆز كەسىپى ساھەسىنىڭ سىرتىدىكى مەسىلىلەردە ئۆتكۈر كۈزىتىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دېگەنلىرىگىمۇ ئاسانلا ئىشىنىپ قالاتتى. بەزىدە بىلىدىغان ئادەملىرى ئارىسىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئەيىپلىرىنىمۇ پەرق قىلالمايتتى. ئەمما فرېئۇدمۇ بىزگە ئوخشاش بىر ئادەم دەپ تونۇش غۇرۇرىمىزغا تېگىپ كېتىدىغاندەك قىلسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭدىن بەكلا يوقۇرى تەلەپتە بولدۇق. ئەسلىدە، ئۇ كۈنلەرگىچە ئادەتتىكى ئاشكارە ئاڭدىن باشقا بىلىنمىگەن روھى رايونلارنى ھېچكىم ئېتراپ قىلماي كېلىۋاتقان بىر دەۋردە، ئىنسان روھى پائالىيەت رايونلىرىنى تۇنجى بولۇپ بىر پۈتۈن ھالىتىدە كۆرەلىگەن، چۈشكىمۇ تۇنجى بولۇپ ئىلمىي تەبىر بېرەلىگەن، بالىلاردىكى جىنىسىلىككە دائىر ھادىسىلەرنى تۇنجى بولۇپ تونۇپ ئالالىغان، بىرلەمچى ۋە ئىككىلەمچى تەپەككۈر جەريانلىرى ئوتتۇرسىدىكى پەرقلەرنى تۇنجى بولۇپ كۆرسىتىپ بېرەلىگەن بىرسىدە، قىسقىچە ئېيتقاندا يوشۇرۇن ئاڭ (ئۆزىمىزگە بىلىنمىگەن روھى ئورگانلىرىمىز) نى بىز ئۈچۈن تۇنجى قېتىم ھەقىقى تۈردە تونۇتقان بىرسىدە، بۇ تۈردىكى مىجەزلەرنىڭ بولىشىنى قىياس قىلىش، ئۇنىڭ شۇنچە ساددىلىقىغا ئىشىنىش ھەقىقەتەنمۇ تەس.
              − جامېس ستىراچېي (James Strachey)

كىرىش سۆز
مەن، «پسىخوئانالىز ساۋادى» نامىدىكى بۇ كىتاۋىمنى پسىخوئانالىز ئىلىم ساھەسىدە بۈگۈنگىچە ئېلان قىلىنغان ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېردىكى بىر قاتار كىتاپلار بىلەن رىقابەتلىشىشنى مەقسەت قىلىپ يازغان ئەمەسمەن. مېنىڭ بۇ كىتاۋىم 1915~1916- ۋە 1916~1917-يىللار ئارىسىدىكى ئىككى قىش مەۋسۈمىدە دوختۇر ۋە قىزىققۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان لىكسىيىمگە قاتناشقۇچى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلىگەن دەرسلىرىمدىن تەشكىل تاپماقتا.
بۇ كىتاپتا كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئالاھىدىلىكلەر ھەمدە بۇ كىتاۋىمغا مەنبە بولۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئاممىباب شەكىلدە تونۇشتۇرۇش ئاساسلىق مەقسەت قىلىندى. مەن بۇ لىكسىيىلىرىمنى نوقۇل ئىلمىي ئەسەرلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ئېغىر ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن يېزىپ ئىپادىلەشكە ئۇرۇنمىدىم. ئەسلىدىلا بىر ئاددى ساۋات ئەسىرىنى بۇنداق يېزىشقىمۇ بولمايتتى. نورىمال ئەھۋاللاردا، لىكسىيە سۆزلەيدىغان بىرسى ئىككى سائەتتەك داۋام قىلىدىغان دەرس جەريانىدا دەرس ئاڭلىغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلالىشى ئۈچۈن كېرەكلىك پۈتۈن ئاماللارنى ئېشقا سېلىشقا تىرىشىدۇ ۋە بۇنىڭغا مەجبۇر. ھەر بىر نوقتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئادەتتە بەزى مەسىلىلەرنى قايتا-قايتا تەكرارلاشقا مەجبۇر بولىشىمۇ مۇمكىن. ئالايلۇق، چۈش تەبىرى نوقتىسىدا مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان بىر مەسىلە كېيىن روھىي كېسەللىكلەر نوقتىسىدا قايتا ئوتتۇرغا چىقىدىغان ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. مەسىلىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىش شەكلى سەۋەبىدىن بەزى مۇھىم مەسىلىلەر (مەسىلەن بىلىنگەن ئاستى، يوشۇرۇن ئاڭ) چوڭقۇرلاپ تەھلىل قىنىماي كېلىندى. يەنى بۇ مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدىغان مەلۇماتلار تولۇق قولغا كەلمىگەن ۋاقىتلاردا ئۇ مەسىلە قايتا-قايتا ئوتتۇرغا چۈشۈپ تۇردى.
پسىخوئانالىز ماتېرىياللىرىدىن تولۇق خەۋىرى بار كىشىلەر بۇ «ساۋات» تىن، تەپسىلى بايان قىلىنغان ماتېرىياللاردا كۆرگىنىدىن ئارتۇق بىلىمگە ئېرىشەلمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ پسىخوئانالىزنى يىغىنچاقلاپ ئىپادىلەش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، بەزى يېڭى مەسىلىلەرنى (غەم بىلەن ھىستېرىيە، يەنى تەرسالىق، جىلىخورلۇق خىيالى تەسۋىرلەرنىڭ مەنبەلىرىنى) نىمۇ ئوتتۇرغا قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم. بۇ تۈردىكى مەسىلىلەر بۈگۈنگىچە ئېنىق چۈشەندۈرۈلمەي كېلىنگەن ئىدى. شۇڭا، بۇ لىكسىيىدە بۇ ھەقتىكى بەزى ماتېرىياللارنىمۇ تەپسىلى ئوتتۇرغا قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم.
                    − فرېئۇد
                             1917-يىلى باھار، ۋيېنا

بىرىنچى بۆلۈم
ئۇنۇتقاقلىق ئادەتلىرىمىز
(1915~1916 قىش پەسىلى)
بىرىنچى لىكسىيە
مۇقەددىمە
خانىملار، ئەپەندىلەر. سىلەرنىڭ ئوقۇغان ياكى ئاڭلىغانلىرىڭلار ئاساسىدا پسىخوئانالىز ھەققىدە قانچىلىك مەلۇماتقا ئىگە ئىكەنلىكىڭلارنى پەرەز قىلالمايمەن. شۇنداق بولغاچقا، بۇ لىكسىيىلەر (پسىخوئانالىز ساۋادلىرى) سىلەرنى پسىخوئانالىزدىن پەقەتلا خەۋىرى يوق، بۇ ھەقتە ئاز-تۇلا ئومۇمىي ساۋاتقا ئېھتىياجلىق بولۇپ بۇ يەرگە يىغىلغان دەپ پەرەز قىلىش ئاساسىدا رەتلەپ يېزىلدى.
شۇنداقتىمۇ، سىلەر پسىخوئانالىز دېگەن بۇ ساھەنى، روھى كېسەللىكلەرنىڭ تىببى جەھەتتە داۋالاش مەقسىتىدە ئوتتۇرغا قويۇلغان بىر داۋالاش ئۇسۇلى دەپ تونۇيدىغانلىقىڭلارنى پەرەز قىلالىشىم مۇمكىن. ئەمما بۇ دەرسلەردە، بۇ ساھەدىكى ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئادەتتىكى كېسەل داۋالاش ئۇسلۇبىدىن تۈپتىن پەرق قىلىدىغان ئۇسلۇپلار بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىنى، ھەتتا نۇرغۇنلىغان تەلىماتلىرىنىڭ كېسەل داۋالاشنى مەقسەت قىلمىغان ھالدا ئوتتۇرغا قويۇلغانلىقى ھەققىدىكى ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئۇچرىشىسىلەر. ئادەتتە دوختۇرلار بىر بىمارغا ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالاشتا يېپ-يېڭى بىر داۋالاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇش ۋاقتىدا، ئۇ يېڭى داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ كېسەل داۋالاشقا بەك ئۇيغۇن بولۇپ كەتمەيدىغان تەرەپلىرىنى زىغىرلاپ تونۇتۇپ يۈرمەيدۇ. ئۇ دوختۇر، ئۇنداق بىر يېڭى داۋالاش ئۇسۇلنىڭ كېسەلنى ساقايتالايدىغانلىقى ھەققىدە بۇ بىمارغا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشقا بەكىرەك كۈچ چىقىرىپ چۈشەندۈرۈشكىلا تىرىشىدۇ. مېنىڭچە بولغاندا، دوختۇرلارنىڭ بۇ قىلغىنىنى خاتا دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. چۇنكى، دوختۇرلار بىمارنىڭ ئىشەنچىنى ئارتتۇرۇش ئارقىلىق كېسەلنى ساقايتىش ئىمكانىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈشنىلا مەقسەت قىلىدۇ. ئەمما روھى ئاجىزلىق كېسەللىكلىرىنى پسىخوئانالىز ئۇسۇلى بىلەن داۋالاشنى تاللىۋالغىنىمىزدا، بىز دوختۇرلار ئۇنىڭغا باشقا كېسەللەرگە مۇئامىلە قىلغاندىن تۈپتىن پەرقلىق مۇئامىلىدە بولىمىز. يەنى بۇ ئۇسۇلنىڭ قىيىنلىقى، ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغانلىقى، تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ۋە پىداكارلىق كۆرسىتىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە كېسەلنى جىكىلەشكە تىرىشىمىز. شۇنىڭدەك يەنە داۋالاشتا بىمارغا چوقۇم ساقايتالايمەن دەپ كەسكىن ۋەدە قىلىپمۇ كەتمەيدىغانلىقىمىزنى، ساقىيىش ئۇنىڭ داۋالاشقا تۇتىدىغان مۇئامىلىسىگە باغلىق بولىدىغانلىقىنى، بۇ تۈر داۋالاش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلالىشى، داۋالاشقا ماسلىشىپ بېرەلىشىگە باغلىق بولىدىغانلىقىنى، سۆزلىشىش مۇددىتىنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىدىن زىرىكمەسلىكى كېرەكلىكى قاتارلىقلارنى ئالدىن ئۇختۇرۇپ قويىمىز. ئىشىنىمەنكى، كېيىنچە سىلەرمۇ بۇ قىلغىنىمىزدىن قايىل بولۇپ، مۇنداق قارىماققا خاتا مۇئامىلە قىلىنغاندەك كۆرۈنگەن بۇ تۈردىكى مۇئامىلىمىزنى تەستىقلاش ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەپلەرنىمۇ كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان بولىسىلەر.
شۇ سەۋەپتىن، سىلەرگىمۇ خۇددى روھى ئاجىز كېسەللەرگە قىلغان مۇئامىلەمگە ئوخشاش پوزىتسىيىدە بولىۋاتقانلىقىمغا قاراپ، مېنىڭ تۆۋەندىكى ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمغا ھەيران بولماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن: سىلەرگە بۇندىن كېيىنكى لىكسىيەمنى ئاڭلاش ئۈچۈن سىنىپىمغا كەلمەسلىكىڭلارنى رەسمى تۈردە ئالدىن ئەسكەرتىپ قويماقچىمەن. يەنى، بۇنداق بىر تەلىماتنى قوبۇل قىلالىشىڭلار ئۈچۈن پسىخوئانالىزنى ئاساس قىلغان بىر لىكسىيىنى ئاڭلاش شەرت دېيىش ھەقىقەتەنمۇ توغرا بولمايدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە سىلەرنى تولۇق قايىل قىلىش بەكلا قىيىنغا توختايدىغانلىقىنى ئالدىن ئەسكەرتىپ قويۇشنى زۆرۈر دەپ قارايمەن. يەنى، بۈگۈنگىچە يولغا قويۇلىۋاتقان بارلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى، پىكىر قىلىش ئادەتلىرىمىز سىلەرنى پسىخوئانالىزغا قارشى كىشىلەردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن چارىلەردىن پايدىلىنىپ كېلىنگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، بۇ ساھەدە ھەر بىرىڭلاردا بۇ يېڭى تەلىماتلارنى قوبۇل قىلالىشىڭلار ئۈچۈن زۆرۈر بولغان نەرسىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەنلىكىنىمۇ تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن. بۇ يەردە سىلەرگە بايان قىلماقچى بولغانلىرىمدىن پسىخوئانالىز ھەققىدە دەرھال نەتىجە ئالالايسىلەر دەپ كېسىپ ئېيتالماسلىق بىلەن بىرگە، سىلەرگە مۇنداق دەپ ئېنىق ئېيتالايمەن: مېنىڭ بۇ يەردە سۆزلىمەكچى بولغانلىرىمدىن پسىخوئانالىز تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىش يوللىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ياكى بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ قانداق قىلىپ كېسەل داۋالاشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە كارغا كەلگىدەك بىرەر بىلىمگە ئېرىشەلمەيسىلەر. شۇنداقتىمۇ، ئەگەر ئاراڭلاردىن بىرسى پسىخوئانالىز بىلەن ۋاقىتلىق تونۇشۇپ چىقىشقىلا رازى بولماي، ئۇنى ئىزچىل تۈردە تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا ھەۋەس قىلغىدەك بولسا، ئۇنداق بىرسىنى تېخىمۇ تولۇق قايىل قىلىشقا كۈچ چىقىرىش بىلەنلا قالماي، ئۇ كىشىنى مۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ ئۆتىشىممۇ مۇمكىن: بۈگۈنكى شارائىتتا، بۇنداق بىر كەسىپنى تاللاش، بىرەر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇپ ئۇتۇققا ئېرىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولۇش دېگەنلىك بولىدۇ؛ پسىخوئانالىز پراكتىكانتى بولۇپ ئىش باشلاپ، كېيىن بۇنىڭغا تايىنىپ تۇرمۇشۇڭلارنى قامداشقا رازىلىق بەرگىنىڭلاردا، قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى ھېچ كىم چۈشەنمەيدىغانلىقىنى، قىلغانلىرىڭلارغا ھېچ كىمنى ئىشەندۈرەلمەيدىغانلىقىڭلارنى، قىلغان ھەر بىر ئىشىڭلارغا كىشىلەر گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى، ھەتتا بۇ دۇنيادا تېپىلىدىغان بارلىق جىن-ئالۋاستىلارنى ئۈستىڭلارغا ھەيدەشكە ئۇرۇنىدىغان بىر جامائەتچىلىك ئارىسىغا كىرىپ قالىدىغانلىقىڭلار بىر مۇقەررەرلىك بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىمەن. شۇنىڭدەك يەنە، بۈگۈنكى كۈندە ياۋرۇپادا داۋام قىلىۋاتقان يۈگەندىن چىقىپ تېزگىنلەشكە بولمىغىدەك دەرىجىدە ھەممە يەرگە يامىراپ كەتكەن ئۇرۇش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان قاراشلار، بۇ تۈردىكى يامان نىيەتلىك روھلارنىڭ سانىنى شۇنداق كۆپەيتىۋەتتىكى، بۇلار قوشۇلۇپ سىلەرنىڭ بۇنداق بىر كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىشىڭلارنى پۈتۈنلەي چەكلىۋېتىشىمۇ مۇمكىن.
ئەمما، پسىخو ئانالىز كەسىپى شۇنچە ئېغىر شارائىتلار ئىچىدە قالغىنىغا قارىماي، يېڭى-يېڭى كەشپىياتلار ئۈچۈن ۋەدە بېرىپ تۇرىۋاتقان، بەكلا كۆپ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ كېلىۋاتقان بىر ساھە. ئەگەر ئاراڭلاردىن بىر قانچىڭلار بۇنداق بىر يولدا مېڭىشقا قىزىققىدەك بولسا، شۇنىڭدەك مېنىڭ شۇنچە قىلغان ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمغا پەرۋا قىلماي، كېيىنكى لىكسىيىلىرىمنىمۇ ئاڭلاش ئۈچۈن كەلمەكچى بولغىنىدا، ئۇلارنى تېخىمۇ كۈچلۈك قايىل قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. شۇنداقتىمۇ، سىلەرنى پسىخوئانالىزنىڭ يوقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان قىيىن تەرەپلىرىدىن خەۋەردار قىلىش مېنىڭ بۇرچۇم ۋە بۇلاردىن خەۋەردار بولۇشمۇ سىلەرنىڭ ھەققىڭلار دەپ قارايمەن.
مەن بۇ لىكسىيىلىرىمنى پسىخوئانالىز ئۆگۈنۈش ۋە ئوقۇتۇش جەريانىدا دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى تونۇشتۇرۇشتىن باشلىماقچىمەن. مىدىتسىنا ئوقۇتۇشىدا بۇنداق مەسىلىلەرگە پات-پاتلا دۈچ كېلىپ تۇرىسىلەر ھەمدە كېيىن بۇنداق ئەھۋاللارغا كۆنۈپمۇ قالىسىلەر. مەسىلەن، مىدىتسىنا دەرسلىرىدە ئاناتومىيىدە قوللىنىدىغان بىرەر رېئاكتىپنى، خىمىيىلىك بىرەر رېئاكسىيىنىڭ قايسى بىر چۆكمىسىنى، نېرۋىنلارنىڭ سېگنال بېرىشى نەتىجىسىدە بىرەر موسكولنىڭ قايسى شەكىلدە ئۇزۇراپ-كىرىشىدىغانلىقىنى كۆرەلەيسىلەر. ئۇنىڭدىن كېيىن كېسەللەر بىلەنمۇ ئۇچرىشالايسىلەر. كېسەللىكلەرنىڭ ئالامەتلىرىنى، پاتولوگىيىلىك (كېسەللىك پەيدا بولۇش جەريانى) جەريانلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى، ھەتتا نۇرغۇن ئەھۋاللاردا كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنىمۇ يېپىق مۇھىت ئىچىدە كۆرەلەيسىلەر. تاشقى كېسەللىكلەر بالىنىسىدا كېسەلگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئېلىنغان ئەمەلىي تەدبىرلەرنىمۇ كۆرەلەيسىلەر. بۇ تۈردىكى ئەمەلى ئىشلارغا بىۋاستە قاتنىشىشىڭلارمۇ مۇمكىن. ھەتتا پسىخولوگىيىلىك داۋالاشلاردىمۇ ھەر تۈرلۈك ئۆزگىرىپ تۇرغان چىراي شەكىللىرىنى، گەپ قىلىش شەكلىنى ھەمدە ھەرخىل مۇئامىلىلىرىنىمۇ بىۋاستە كۆرەلەيسىلەر، شۇ ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئەمەلى كۈزىتىش تەجرىبىلىرىگە ئېرىشەلىشىڭلار مۇمكىن. شۇنداق بولغاچقا، بىر مىدىتسىنا ئوقۇتقۇچىسى خۇددى بىر مۇزىي زىيارىتىگە ئاپارغان يىتەكچى، تەرجىماندەك رول ئوينايدۇ. سىلەر بولساڭلار كۆرگەزمىگە قويۇلغان نەرسىلەر بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىش ئارقىلىق ھېسسى تۇيغۇلارغا ئېرىشىپ يېڭى كېسەللىك ھادىسىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئىپادىلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولالايىسىلەر.
ئەمما پسىخوئانالىزدىكى ئىشلار بۇنىڭغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. پسىخوئانالىز ئۇسۇلىدا داۋالاشلاردا بىمار بىلەن ئانالىزچى ئوتتۇرسىدا بىر-بىرسى بىلەن سۆزلىشىشتىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىش يوق. بىمار گەپ قىلىپ بېرىدۇ. ئۇ بۇرۇنقى ھاياتلىق ئەسلىمىلىرىنى، كۈندىلىك كۈزىتىشلىرىنى، دەرتلىرىنى، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ۋە روھى ئىستەكلىرىنى، ھەر تۈرلۈك ئىشلارغا تۈرتكە بولغا قەلبىنىڭ سىرلىرىنى ئىخرار قىلىپ دوختۇرغا سۆزلەپ بېرىدۇ. بۇ جەرياندا دوختۇر جىم ئولتۇرۇپ ئاغرىقنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بېرىدۇ، ئارىلاپ كېسەلنىڭ خىيال دۇنياسىنى مەلۇم يۈزلىنىشكە يىتەكلەپ تۇرۇش ئۈچۈن گەپ سوراپمۇ تۇرىدۇ. ئاغرىقنى رىغبەتلەندۈرۈپ، دىققىتىنى بەزى تەرەپلەرگە بۇراپ پىكىر يۈرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ تۇرىدۇ. بەزىدە كېسەلنىڭ چۈشىنەلمىگەن ئوي-پىكىرلىرىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، كېسەلنىڭ قەلبىدە پەيدا قىلغان قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىشتەك ھېسسىيات ئىنكاسلىرىنى كۈزىتىپ تۇرىدۇ. كېسەللىرىمىزنىڭ كىنولاردىكىدەك كۆز بىلەن كۆرۈشكە بولىدىغان، قول بىلەن تۇتۇشقا بولىدىغان نەرسىلەردىنلا تەسىرلىنىدىغان ساۋاتسىز يېقىنلىرى، ”سۆھبەتلىشىش ئارقىلىقلا كېسەللىك ئۈستىدە بىرەر تەسىر پەيدا قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ بار-يوقلىقى“ دىن قاتتىق گۇمان قىلىدىغانلىقىنى تارتىنماي ئۇچۇق سۆزلەپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. شۆبىھسىزكى، بۇ تۈردىكى قاراشلار قالاق، ئىلمىي بولمىغان قاراشلاردىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ تۈردىكى كىشىلەر كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ”پەرەز قىلىش“ قا بەكىرەك ئىشىنىدۇ. بەزى سۆزلەر بۇرۇنقى زامانلاردا سىھىرلىق تۈسلەرگە پۈركىۋېتىلگەن ئىدى. بۇ تۈردىكى سىھىرلىك تۈسكە كەلتۈرۈلگەن سۆزلەرگە بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئاساسەن ئىشىنىلمەكتە. يەنى كىشىلەر بەزى كىشىلەرنى سۆز ئارقىلىق ماختاپ ئۇچۇرىۋىتەلىسە، يەنە بەزىدە ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پاتۇرىۋىتەلىشى مۇمكىن. بىر ئوقۇتقۇچى، بىلىمىنى ئوقۇغۇچىلىرىغا بىلدۈرۈشتە يەنىلا شۇ سۆزلەش ئۇسۇلىغا تايىنىدۇ. بىرەر ئىلاھىي مۇزىكا ھەمرالىقىدا ئاڭلىغۇچىلىرىنى سۆزگە تايىنىپ ھەر تەرەپكە يېتەكلەش مۇمكىن، ئۇلارنىڭ ھۆكۈم قىلىش، ئىنكاس قايتۇرۇشلىرىغا تەسىر كۆرسىتەلىشى مۇمكىن. كەلىمىلەر ھاياجان پەيدا قىلالايدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئادەتتە كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشلەردە ۋاستە بولۇش رولىنى ئوينىيالايدۇ. شۇ سەۋەپتىن كەلىمىلەرنىڭ پسىخولوگىيىلىك داۋالاشلاردا ئىشلىتىلىشىنى ھەرگىزمۇ تۈۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ. شۇڭا، ئەگەر كېسەل بىلەن ئانالىز دوختۇرى ئوتتۇرسىدا بولۇپ ئۆتكەن سۆزلەرنى ئاڭلىيالىغان بولساڭلار ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالغان بولار ئىدىڭلار.
ئەمما بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاش ئىمكانىيىتىمىز يوق. چۇنكى پسىخوئانالىز ئۇسۇلى بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىۋاتقىنىدا بولۇپ ئۆتكەن سۆھبەتلەر ھەرگىزمۇ باشقا ئاڭلىغۇچى بولۇشىنى قوبۇل قىلالمايدۇ؛ بۇ تۈر سۆھبەت جەريانىنى باشقىلارنىڭ كۈزىتىپ ئولتۇرىشى مۇمكىن ئەمەس. باشقا كېسەللىكلەرنى تونۇشتۇرۇشقا بولغىنىدەك، نېرۋائاجىزلىق ياكى ھىستېرىيە كېسىلىنى بىر قېتىملىق پسىخولوگىيە دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارغا ئەلىۋەتتە تونۇشتۇرۇشقا بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا كېسەلنىڭ پەقەت تۆككەن دەرتلىرىنى، كېسەللىك ھادىسىلىرىنىلا ئوتتۇرغا قويۇشقا بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ بىمارنىڭ دوختۇرغا مەخسۇس ھېسسىيات بىلەن باغلىنىپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلگىنىدە ئانالىز مەلۇماتلىرى يەنىلا دوختۇر-بىمار ئارىسىدىلا ئوتتۇرغا چىقىشى مۇمكىن؛ مۇناسىۋەتسىز بىرسى ئانالىز مۇھىتىدا كۆرۈلىشى ھامان سۆھبەت ئۆزلىكىدىن ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. چۇنكى، بۇ تۈردىكى يوشۇرۇن ئاڭ مەلۇماتلىرى جەمىيەتتىكى ھەر قانداق بىر كىشىدىن يوشۇرۇشى كېرەك بولغان، ھەتتا بىمار ئۆزىمۇ قوبۇل قىلالمايدىغان چوڭقۇر قەلبكە يوشۇرۇنغان ئەڭ خۇسۇسى مەسىلىلەر ھېساپلىنىدۇ.
شۇنداق بولغاچقا، پسىخوئانالىتىك داۋالاش سورۇنلىرىغا سىرتتىن كۈزەتكۈچى سۈپىتىدىمۇ قاتنىشالمايمىز. بۇ مەسىلە ھەققىدە پەقەت ۋاستىلىق مەلۇماتلا ئالالىشىمىز مۇمكىن. يەنى، ئېنىق ئېيتقاندا، پسىخوئانالىز داۋالاش جەريانىنى پەقەت باشقىلارنىڭ ئېيتىپ بېرىشىگە ئاساسەن بىلەلەيسىز. ئەگەر شۇنداق دېيىش مۇۋاپىق دەپ قارالغىدەك بولسا، مەلۇماتلارنى ئىككىنچى قولدىن ئېرىشكەنلىكىڭىز ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى تەلەيلىك ھېساپلىسىڭىز بولىدۇ. بۇ يەردە سىزنى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىگەن كىشىنىڭ قانچىلىك ئىشەنچىلىك بىرسى ئىكەنلىكى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
قىسقا ۋاقىت ئۈچۈن بولسىمۇ، ئۆزىڭىزنى بىر پسىخولوگىيە دەرسىگە قاتنىشىۋاتقان بىرسى ئەمەس، بەلكى بىرەر تارىخ دەرسىنى ئاڭلاۋاتقان بىرسى دەپ پەرەز قىلىڭ: بۇ چاغدا ئوقۇتقۇچىڭىزنى ئۇلۇغ ئىسكەندەرنىڭ ھاياتىنى، ئۇنىڭ ھەربىي يۈرۈشىدىكى غالىبىيەتلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقان بىرسى دەپ ئالايلى. سىز بۇ ئوقۇتقۇچىڭىزنىڭ دېگەنلىرىنى نېمىگە ئاساسلىنىپ راس بولغان ئىشلار دەپ ئىشىنىسىز؟ ئەسلىدە بۇ يەردىكى مەسىلە پسىخوئانالىزدىكى ئەھۋالدىنمۇ بەكىرەك ئىشەنچىسىز بولىشى كېرەك ئىدى. چۇنكى، بىزنىڭ بۇ تارىخ پروفېسسورىمىز ئىسكەندەرنىڭ يېنىدىن كەلگەن بىرسى ئەمەستە. پسىخوئانالىزچى بولغان ئوقۇتقۇچى ھېچ بولمىغاندا ئۆزىمۇ بىرگە رول ئالغان ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىۋاتقان بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ تارىخچىنىڭ دېگەنلىرىنى ئىسپاتلايدىغان نەرسىلەر بىلەن پات-پات ئۇچرىشىپ تۇرىشىمىزمۇ مۇمكىن. يەنى، بۇنداق نەرسىلەر بىر بولسا ئۆز ۋاقتىدا ياشىغان ياكى ئۇ دەۋرگە نىسبەتەن يېقىن بىر ۋاقىتلاردا ياشىغان كونا يازغۇچىلارنىڭ يازغانلىرى، مەسىلەن ديودورۇس، پلۇتارچ، ئاررىيان ۋە باشقىلارنىڭ يازغانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر كەلتۈرۈپ ئىسپاتلىيالىشىمىز مۇمكىن. تارىختا ئۆتكەن بىرەر پادىشاھنىڭ راس ئۆتكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن تەڭگىلىرى ۋە ھەيكەللىرىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتەلىشىمىز مۇمكىن؛ ئىسۇس ئۇرۇشىنى بايان قىلغان پوپمىيان چاخچۇق نەقىشلىرىنىڭ بىر پارچە رەسىمىنى قولدىن-قولغا ئۆتكۈزۈپ ئايلاندۇرۇپ كۆرسىتەلىشىمىز مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ ئېنىق ئېيتماقچى بولغىنىمىزدا، بۇ تۈر ھۈججەتلەرنىڭ ھەممىسىلا قېدىمقى ئەجداتلارنىڭمۇ ئىسكەندەرنىڭ ياشىغانلىقىغا، قولغا كەلتۈرگەن غالىبىيەتلىرىنىڭ راس بولغان ئىش ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنىلا كۆرسىتىدۇ. سىز دەل بۇ نوقتىدىن ئۇ ۋەقەلەر ھەققىدە تەنقىدى قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرغا قويالىشىڭىز، ئىسكەندەر ھەققىدە دېيىلگەن ھەر بىر ۋەقەلىكنىڭ ئۇنچە ئىشەندۈرەرلىك ئەمەسلىكىنى، ياكى بولمىسا يىپىدىن يىڭنىسىغىچە ئىسپاتلاپ چىقىش مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويالىشىڭىز مۇمكىن؛ ئەمما ئۇلۇغ ئىسكەندەرنىڭ راست ياشىغان-ياشىمىغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ ئۇ دەرسنى تاشلاپ سىنىپتىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنمەيمەن. سىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى پىكىرىڭىزنى مۇنداق ئىككى تۈرلۈك پەرەز بەلگىلىشى مۇمكىن: بىرىنچى پەرەز، تارىخچىنىڭ ئۇنىڭ راس ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدىغان بىر نەرسىنىڭ راستلىقى ئۈستىدە سىزگە كاپالەت بېرىش ئۈچۈن مەلۇم بىر ئەسكەرتىشتە بولمىغانلىقىغا قارىشىڭىز مۇمكىن؛ ئىككىنچىسى بولسا بار بولغان تارىخ كىتاپلىرىنىڭ ھەممىسىدىلا ۋەقەلىكلەرنى ئاساسەن ئالغاندا بىر-بىرسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان سۆزلەر بىلەن بايان قىلغانلىقىغا قارىشىڭىز مۇمكىن. تېخىمۇ كونا مەنبەلەرنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكىنىڭىزدە، شۇنىڭغا ئوخشايدىغان تەسىرلەرنى، يەنى مەلۇمات مەنبەلىرىنىڭ ئىشەندۈرەرلىك سۆزلىرى ۋە شاھىت بولغۇچىلارنىڭ دېگەنلىرى بىلەن بىر يەردىن چىققانلىقى قاتارلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىشىڭىز مۇمكىن. بۇ خىل تەتقىقاتىڭىزنىڭ نەتىجىسى شۆبھىسىزكى، ئىسكەندەر ۋەقەسىگە قارىتا ئىشەندۈرگۈچى رول ئوينايدۇ. شۇنداقتىمۇ مۇسا بىلەن نەمرۇدقا ئوخشاش خاراكتېرلەردىكى ئەھۋال تېخىمۇ مۇرەككەپ. ئاخىرىدا يەنە، پسىخوئانالىز مەسىلىسىدە سىزگە مەلۇمات بەرگەن كىشىنىڭ قانچىلىك ئىشەندۈرۈش قابىلىيىتىگە ئىگە بولىشىمۇ سىزنىڭ ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە ئىشىنىش-ئىشەنمەسلىكىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
شۇنىڭدەك يەنە مۇنداقمۇ سۇئال سوراش ھەققىڭىز بار. دېگەندەك،  پسىخوئانالىزچى ئۈچۈن ئېنىق بىر ئىسپاتلىغۇچى بولمىغىنىدا، بۇ جەرياننى كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىمۇ بولمىغاچقا، ئادەم پسىخوئانالىزنى قانداق ئۆگۈنىشى، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ راسلىقىغا قانداق ئىشىنىشى كېرەك؟ پسىخوئانالىزنى ئۆگىنىش ھەقىقەتەنمۇ قىيىن؛ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگۈنەلىگەنلەرنىڭ سانىمۇ بەكلا ئاز. ئەمما ئوتتۇرلۇقتا ئەمەلىيەتكە تەتبىق قىلىشقا بولىدىغان بىر ئۇسۇل ھەقىقەتەنمۇ بار. بىرەرسى پسىخوئانالىزنى ئۆز مىجەز-خاراكتېرىنى تەتقىق قىلىشقا تايىنىپ ئۆزئالدىغا ئۆگۈنەلىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما بۇنداق ئۆگىنىش، ئۆز كۆزى بىلەن كۈزىتىپ ئۆگۈنۈش دېگەندەك مىتوتلاردىن تۈپتىن پەرق قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ لازىم بولغىنىدا بۇ جەھەتتە باھا بېرەلىگىدەك ھالغا كېلەلىشى مۇمكىن. ئازىراق تېخنىك تەربىيىسى ئارقىلىقلا ئۆزى ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىشقا بولىدىغان دائىم كۆرۈلىدىغان ئاددى روھىي ھادىسىلەرمۇ بەكلا كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ يول ئارقىلىقمۇ ئانالىزچىنىڭ دېگەنلىرىنى تەستىقلاشقا بولىدىغان، پسىخوئانالىز چۈشەنچىلىرىگە قايىل بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن. ئەمما بۇنداق ئاددى ئۇسۇل بىلەن يوقۇرى ئۆرلىمەكچى بولغاندا بەلگىلىك قىيىنچىلىق ۋە چەكلىمىلەر ئوتتۇرغا چىقىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇستا بىر ئانالىزچى تەرىپىدىن ئانالىز قىلىنىپ، ئانالىزنىڭ تەسىرلىرىنى ئۆزى ئۈستىدە تەجرىبە قىلىپ كۆرگىنىدە، ئانالىزچىدىن بەزى سىرلىق تېخنىكىلارنى ئۆگىنىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، تېخىمۇ تېز ئالغا ئىلگىرلىيەلىشى مۇمكىن. شۆبھىسىزكى، بۇنداق ئۆگۈنۈلگەن ئۇسۇلنى پەقەت بىرلا ئادەم ئۈستىدە سىناق قىلىشقا بولىدۇ. بىر گۇروھ كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە بىرلا ۋاقىتتا بۇنداق ئانالىز ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ.

پسىخوئانالىز بىلەن تونۇشماقچى بولغىنىڭلاردا دۈچ كېلىدىغان يەنە بىر توسالغۇغا ھەرگىزمۇ پسىخوئانالىز سەۋەپچى ئەمەس؛ پسىخوئانالىزچى بولىشىڭلار ئۈچۈن ھېچ بولمىغاندا دوختۇرلۇقتا ئوقۇغان بىرسى بولۇشىڭلار شەرت بولىدىغانلىقى سەۋەبىدىن، بۇ توسالغۇنى پەيدا قىلىدىغان تەرەپ سىلەر ئۆزەڭلار بولۇپ قالىسىلەر. يەنى سىىلەرنىڭ مىدىتسىنا ساھەسىدە بۇرۇن ئالغان بىلىملىرىڭلاردىن شەكىللەنگەن ئەقىدە، كۆزقاراشلىرىڭلار سىلەرنى پسىخوئانالىزغا يېقىنلاشتۇرماسلىق ئۈچۈن ئالاھە كۈچلۈك رول ئوينىغان دېيىش مۇمكىن. ئالايلۇق، سىلەر مىدىتسىنا دەرسلىرىدىن ئورگانىزملارنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپلىرى كېسەللىك پەيدا بولىشى ئۈچۈن ئاناتومىيىلىك ئاساسلارنى تەشكىل قىلىدۇ؛ بۇلار يەنە كېلىپ خىمىيەلىك ۋە فىزىكىلىق ئامىللار ئارقىلىق ئىزاھلاشقا بولىدىغان ئامىللاردۇر؛ بۇلار يەنە بيولوگىيىلىك پىرىنسىپلارغا ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك، دەيدىغان قاراشلار ئاساسىدا يېتىشتۈرۈلدىڭلار. بۇ جەرياندا سىلەرنى بۇ مۇجىزە خاراكتېرىدىكى مۇرەككەپ ئورگانىزم تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يوقۇرى پەللىسى بولغان ئاڭ پائالىيەت رايونلىرىنىڭ ھەرىكەت پىرىنسىپلىرىنى ئۆگۈنۈشكە ئازىراقمۇ يىتەكلىمىگەن. شۇ سەۋەپتىن، پسىخولوگىيىلىك تەھلىل قىلىش جەريانلىرى سىلەرگە بەكلا يات بىلىنىدىغان، بىلىمدىن يىراق بىر ساھە بولۇپ قالغان. نەتىجىدە سىلەر ئاڭ-تەپەككۈر جەريانىغا دائىر تەتقىقاتلارغا گۇمان بىلەن قارايدىغان، ئۇنىڭغا ئىلمىيلىك بىلەن قاراش مۇۋاپىق ئەمەس دەپ ھېساپلايدىغان ھالغا كەلتۈرۈلدىڭلار. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەر ئىشتىن سىرتقى قىزىققۇچىلارنىڭ، ئەدىپ-شائىرلارنىڭ، تەبىئەت پەلسەپەچىلىرىنىڭ (ئون توققۇزىنچى ئەسىر باشلىرىدا گېرمانىيىدە ئاساسى ئورۇندا تۇرغان شىللىڭنىڭ پانتازىيىلىك ”تەبىئەت پەلسەپەسى“ دېگەنگە ئىشىنىدىغانلار كۆزدە تۇتۇلماقتا − ن) ھەمدە سىرلىقلاشتۇرغۇچىلار، يەنى ئىلاھىيلاشتۇرغۇچى، مىستىتىكچىلەرنىڭ قولىغا قالدى. بۇ تۈردىكى روھى چەكلىمىلەر سىلەرنىڭ مىدىتسىنا قاراشلىرىڭلارغا زىيان كەلتۈرىدىغانلىقى ئېنىق؛ چۇنكى، ھەر تۈرلۈك كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىدە مەلۇم بىر قائىدىگە بوي سۇنۇشقا توغرا كېلىدىغىنىغا ئوخشاش، بىمارلىرىڭلارمۇ سىلەرگە ئۆزىنىڭ روھى نىقاپلىرىنى بەلگىلىك بىر قائىدە بويىچە ئېچىپ كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇنداق پەرەز قىلىمەنكى، سىلەرمۇ بۇ تۈردىكى بىمارلىرىڭلارنىڭ داۋالىنىشىنى بىر تۈرلۈك جازالاش سۈپىتىدە قەتئى رولى يوق دەپ تونىيدىغان ئىشتىن سىرتقى قىزىققۇچىلارغا، موللا-قارىيلارغا ۋە روھانىيلارغا تاشلاپ بېرىشكە مەجبۇر بولىسىلەر.
ئوقۇتۇش تۈزۈمىمىزدىكى بۇنىڭغا مەجبۇر قىلىدىغان ئاجىزلىقلىرىمىزغا كۆرسىتىلگەن باھانىلاردىن مېنىڭمۇ خەۋىرىم بار. تىببى بىلىمدە بۇ يىتەرسىزلىكلىرىمىزنى چۈشەندۈرەلىگىدەك بىرەر پەلسەپەلىك ئاساسىمىزمۇ يوق. مەيلى پەرەز ئاساسىدىكى پەلسەپەلەر بولسۇن، مەيلى دېئاگنوز قويۇش پسىخولوگىيىسى ياكى مەيلى تەجرىبە (يەنى سەزگۈ ئورگانلىرىنىڭ فىزىيولوگىيىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بولغان) پسىخولوگىيىسى دېيىلگەن نەرسىلەر بولسۇن، ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئوقۇتۇشلادا بەدەن بىلەن روھ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە سىلەرگە بىلىم بېېرەلىگىدەك ياكى بولمىسا روھىي پائالىيەتلەردە كۆرۈلىدىغان نورىمالسىزلىقلارنى چۈشەندۈرۈشكە ياردىمى بولىدىغان بىرەر ئاچقۇچ بىلەن تەمىنلىيەلىگىدەك ئىقتىدارى يوق. مىدىتسىنانىڭ بىر تارمىقى بولغان پسىخولوگىيىلىك داۋالاشلار روھى كېسەللىكلەردىكى ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈشكە، كىلىنكىلىق ئورتاق دياگنوز قويۇش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرغا قويۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنىمۇ ئىنكار قىلمايمىز. شۇنىڭغا قارىماي پسىخولوگىيە دوختۇرلىرىمۇ يالغۇز دىياگنوز قويۇشتىكى پەرەزلىرىنى ئىلمى پەرەز دەپ ئاتاشنىڭ زادى قانچىلىك دەرىجىدە توغرا بولىدىغانلىقىغا ئېنىق بىر نېمە دېيەلمەي كەلمەكتە. بۇ تۈردىكى كىلىنكىلىق ئورتاق پاتولوگىيىلىك چۈشەنچىلەرنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى، مېخانىكىسى ياكى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرى جەھەتلەردە ھېلىغىچە ئېنىق مەلۇماتلارغا ئىگە ئەمەس. روھى دۇنيانىڭ ئورگانىزمدىكى ئاناتومىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان ياكى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان، ۋە ياكى بۇ ئاساستا كۈزىتىشكە بولىدىغان ھېچ قانداق بىر ئۆزگىچە ئورگان، ئالاھىدىلىك تېپىلمىدى. روھىي كېسەللىكلەر مەخسۇس ئورگانلار ئۈستىدە كۆرۈلىدىغان بىرەر كېسەللىكنىڭ باشقا بىر قوشۇمچە تەسىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىققان بولسا ئىدى، ئۇنى داۋالاش ئۈچۈنمۇ ماددى ئاساس بولالايدىغانغا يول ئېچىلغان بولاتتى.
پسىخوئانالىزنىڭ تولدۇرماقچى بولغان بوشلۇقمۇ دەل شۇ ئىدى. پسىخوئانالىز، پسىخولوگىيىلىك داۋالاشتا يېتەرسىز قالغانلىقىنى ھېس قىلدۇرغان پسىخولوگىيىلىك ئاساسلار بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشتى. جىسمانى ۋە روھىي كېسەللىكلەرنى بىر-بىرىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئاساسىدا مەلۇم بولىدىغان ئورتاق بىر ئاساسنى ئوتتۇرغا چىقىرىشنى ئۈمىد قىلاتتى. پسىخوئانالىز بۇ مەقسەتنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا مەيلى ئاناتومىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە، مەيلى خىمىيىلىك تەسىرىگە ياكى فىزيولوگىيىلىك جەريانلىرىغا يات بولغان ھەر تۈردىكى ئېھتىماللىقلاردىن يىراق تۇرۇپ، يالغۇز پسىخولوگىيە جەھەتتىكى قوشۇمچە چۈشەنچىلەر بويىچە ئىش قىلىشقا تىرىشتى. شۇ سەۋەپتىن پسىخوئانالىز ئۇسۇلى سىلەرگە ھە دېگەندىلا غەلىتى بولۇپ تۇيۇلارمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن.
مەن تۆۋەندە مۇھاكىمە قىلماقچى بولىۋاتقان قىيىنچىلىقلاردىن سىلەرنىڭ بۇرۇن ئالغان بىلىمىڭلار ياكى روھى مۇئامىلەڭللارنى سەۋەپچى بولغان دەپ تەنقىت قىلىپمۇ ئولتۇرمايمەن. پسىخوئانالىز ئىلمىي پەرەزلىرىدىن ئىككىسى پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن بىر ھاقارەت ھېساپلانماقتا. شۇ سەۋەپتىن كىشىلەر بۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلىدە بولماي كەلمەكتە. بۇ پەرەزلەردىن بىرسى ئىلمىي ساھەدىكىلەرنىڭ چىقارغان ئالدىن ھۆكۈملىرىگە خىلاپ كەلگەن بولسا، يەنە بىرسى ئېستېتىك ۋە ئەخلاقى جەھەتلەردە چىقىرىلغان ئالدىن ھۆكۈملەرگە زىت كېلىپ قالماقتا. بۇ تۈردىكى ئالدىن ھۆكۈملەرنى تولا بەك يامان كۆرۈپمۇ كەتمەسلىكىمىز كېرەك. بۇ تۈر ئالدىن ھۆكۈملەر بەكلا كۈچلۈك ھۆكۈملەر بولۇپ، بىر ۋاقىتلاردا ھەقىقەتەنمۇ پايدىلىق بولغان، ھەقىقەتەنمۇ ئاساس بولۇش رولىنى ئوينىغان ئاساسلاردۇر. بۇلارنىڭ داۋامىنى ساقلاپ كەلگەن كۈچ ھېسسىيات كۈچلىرى بولۇپ، بۇ كۈچلەر بىلەن كۈرەش قىلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.
پسىخوئانالىزنىڭ ھەممىگە ئايان بولۇپ كېتەلمەيۋاتقان قاراشلىرىدىن بىرىنچىسى، روھىي ھالەت (ئەقلىي تەپەككۈر ھالىتى، روھىي پائالىيەت ھالىتى، يوشۇرۇن ئاڭ تەپەككۈر ھالىتى − ئۇ.ت) جەريانلار ئۆز تەۋەسىدە بىلىنمەيدىغان (يوشۇرۇن، ئاڭسىز) بولىدىغانلىقى، پۈتكۈل روھىي ھالەت پائالىيەتلىرىدىن بەكلا ئاز بەزى مۇستەقىل پائالىيەتلەر بىلەن بەزى ئاڭ تەپەككۈر رايونلىرىلا بىلىنگەن (ئۆزىگە ئاشكارە) بولىدۇ دەپ ھېساپلايدىغانلىقىدۇر. بۇنىڭ تەتۈرسىچە، چوڭقۇر روھىي پائالىيەت ھالىتىدە بولغانلار (يوشۇرۇن ئاڭ − ئۇ.ت) بىلەن بىلىنگەن (ئاشكارە ئاڭ) تۈستە بولغانلارنى بىر-بىرسىگە تەڭ (كىشىگە مەلۇم − ئۇ.ت) دەپ قاراشقا ھەممىمىزنىڭ كۆنۈك ئىكەنلىكى سىلەرگە مەلۇم. بىلىنگەننى (ئاشكارە ئاڭ پائالىيەتلىرىنى دېمەكچى − ئۇ.ت) روھى ھالەتنىڭ تەرىپلىنىش ئالاھىدىلىكى دەپ، پسىخولوگىيىنى بولسا بىلىنگەن مەزمونىنى تەتقىق قىلىش دەپ تەرىپلەيمىز. ھەقىقەتەنمۇ بۇلارنىڭ ئۆزئارا تەڭ قىممەتلىك بولىشى بىزگە شۇنداق توغرا قاراش بولۇپ كۆرۈنىدۇكى، بۇنداق قاراشقا زىت بولىشى بىزگە بەكلا ئېنىق قۇرۇق سەپسەتە بولۇپ تۇيۇلىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي، پسىخوئانالىز بۇ تۈردىكى زىدتلىقنى ئوتتۇرغا قويماي تۇرالمايدۇ. روھىي ھالەت بىلەن بىلىنگەن ھالەتنى تەڭ ئورۇنغا قويۇشنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايدۇ (فرېئۇدنىڭ «بىلىنگەن ئاستى» يەنى يوشۇرۇن ئاڭ دېگەن بىر ماقالىسىنىڭ باش قىسمىدا بۇ مەسىلە تەپسىلى مۇزاكىرە قىلىغان − ن). روھى بولغان قىسمى ھېس قىلىش، ئويلىنىش ۋە ئارزۇ قىلىش دېگەندەك جەريانلار دەپ قارايدۇ. شۇنىڭدەك ئاڭسىز ئويلىنىش، خىيالىغا كەلمەيدىغان ئارزۇ قاتارىدىكى ئىشلاردىن تەشكىل تاپىدۇ دەپ قاراشتا چىڭ تۇرىدۇ. بۇنداق قاراشتا بولغىنىدا يەنە ھەر بىر كىچىك پىيىل ئىلمىي قاراشقا دوستانىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلماقچى بولغان بىرسىنىڭ قىزىقىشىنىمۇ قوبۇل قىلماي قوپاللىق بىلەن بىر چەتكە ئىتتىرىۋېتىپ، سىرلىقلاشتۇرۇلۇشقا، سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇشقا ھەۋەس قىلىدىغانلاردەك تەلۋىلىكلەرگە، خۇراپى بىر نەزەرىيە دەپ گۇمانلىنىپ قارايدىغان ئىشەنمەسلىكلىرىگىمۇ پىسەنت قىلمايدۇ. ئەمما سىلەر، خانىملار، ئەپەندىلەر، ”روھى ھالەت بولغانىكەن چوقۇم بىلىنگەن ھالەت بولىشى كېرەك“ دەيدىغان ئابىستراكىت بىر ئىپادىنى ئالدىن ھۆكۈم قىلىۋەتكەنلىك دەپ قاراشتا نېمە ئۈچۈن مېنىڭ راس دەپ چىڭ تۇرىۋالغانلىقىمنى سىلەر ھازىرچە چۈشىنىپ كېتەلمەيسىلەر. بىلىنگەن ئاستى (بۇنداق بىر نەرسىنى بار دەپ قوبۇل قىلغىنىمىزدا) نى رەت قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەرىكەتلەرنى، بۇنداق ئىنكار قىلىنىشتىن قولغا كەلتۈرەلەيدىغان ئەۋزەللىكلەرنىمۇ پەرەز قىلىپ كېتەلمەيسىلەر. روھى ھالەتتە بولغان بىلەن بىلىنگەن ھالەتتە بولغاننى تەڭ قىلىۋېلىش ياكى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ بىر نېمە دېيىش مەسىلىسى ھاۋانچىدا سۇ سوقۇشقا ئوخشايدۇ. ئەمما سىلەرگە ۋەدە قىلىمەنكى، بىلىنمەيدىغان روھى ھالەت جەريانىنىڭ مەۋجۇت بولىدىغانلىق پەرىزى، دۇنيادا ھەمدە بىلىمدە كىشىلەرنى يېپ-يېڭى، ھەل قىلغۇچ يولىغا قاراپ يېتەكلىمەكتە.
پسىخوئانالىزنىڭ قورقماي ئاتقان بۇ تۇنجى قەدىمى ئارقىلىق سىلەرگە بىلدۈرمەكچى بولغان ئاتقان ئىككىنچى قەدەم ئوتتۇرسىدىمۇ يېقىن مۇناسىۋەت بارلىقى ھەققىدە ئوخشاشلا بىرەر نەرسە خىيالىڭلارغا كەلمەسلىكى مۇمكىن. پسىخوئانالىزنىڭ كەشپىياتلىرىدىن بىرسى سۈپىتىدە ئوتتۇرغا قويغان بۇ ئىككىنچى نەزەرىيە، ئاتالغۇنىڭ ھەم تار مەنىسى ھەم كەڭ مەنىسى بويىچە پەقەت جىنىسى دەپ تەرىپلەشكىلا بولىدىغان ئىنىستىنكىتلەرنىڭ (تۇغما ئىستەك، تۇغما قابىلىيەتلەرنىڭ − ئۇ.ت) نېرۋا كېسەللىكلىرى بىلەن روھى كېسەللىكلىرىنىڭ سەۋەپ-نەتىجىلىكىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى، بۈگۈنگىچە پەقەتلا چۈشەنگىلى بولمىغان بىر رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان بىر نەزەرىيە ھېساپلىنىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە، بۇ نەزەرىيە يەنە شۇ جىنىسى ھەۋەسلەرنىڭ ئادەم روھى دۇنياسىنىڭ ئەڭ يوقۇرى مەدەنىي، سەنئەت ۋە ئاممىۋىي ئىجادىيەتلەرگە سەل قاراشقا بولمايدىغان زۆرۈر تۆھپىلەردە بولغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرغا قويغان بىر نەزەرىيە (جىنىسى ھەۋەسلەر، 20-لىكسىيىنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدۇ. − ئا).
تەجرىبىلىرىمگە ئاساسەن ئېيتالايمەنكى، پسىخوئانالىىتىك تەتقىقاتلارنىڭ بۇ خۇلاسىسىغا بولغان ئۆچمەنلىك، دۈچ كېلىنگەن ئەڭ مۇھىم تىركىشىش بولۇپ كەلدى. بۇ قاراشلارنى قايسى تۈردە چۈشەندۈرگەنلىكىمنى بىلىشنى خالامسىلەر؟ مەدەنىيەتنىڭ، ئىچكى قابىلىيەتلەرنىڭ قاندۇرۇلۇش ھېساۋىغا ھاياتلىق ئېھتىياجلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا شەكىللەنگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك مەدەنىيەتنىڭ ئاساسەن ئالغاندا ئىزچىل تۈردە قايتا يارىتىلىپ كېلىنگەنلىكىگە، چۇنكى ئىنسانىيەت جەمىيىتىگە يېڭىدىن قوشۇلغان ھەر بىر ئادەمنىڭ پۈتۈن جامائەتچىلىك پايدىسىغا بۇ تۈر تۇغما ھەۋەس قاندۇرۇش ئارزۇسىنى داۋاملىق قۇربان قىلىپ كەلگەنلىكىگە ئىشىنىمىز. بۇ تۈردىكى ئىشلارغا بېرىلگەن تۇغما روھىي كۈچلەر ئىچىدە جىنىسى ھەۋەس كۈچى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ؛ بۇ جەرياندا بۇ تۈر تۇغما ھەۋەس ئىلاھىلاشتۇرۇلىدۇ. يەنى جىنىسى مەخسەتلىرىدىن قېيىپ ئىجتىمائىي نوقتىدا تېخىمۇ يوقۇرى، جىنىسىلىك بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان باشقا مەخسەتلەرگە يۈزلەندۈرىلىدۇ. ئەمما بۇنداق تەشكىللەش مۇقىم ئەمەس. چۇنكى جىنىسى تۇغما ھەۋەسلەر ئاسانلىقچە كۆۈندۈرۈلۈشكە بولىدىغان ھەۋەسلەردىن ئەمەس، مەدەنىيەت كارۋىنىغا قوشۇلىدىغان ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، جىنىسى تۇغما كۈچلىرىنىڭ بۇ مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى رەت قىلىش ئېھتىمالى ھەر دائىم مەۋجۇت. جامائەتچىلىك، مەدەنىيەت ئۈچۈن، جىنىسى تۇغما ھەۋەسلىرىنى ئەركىن قويىۋەتكەندە، ئۆزىنىڭ ئەسلى ئارزۇسىغا (دەسلىۋىدىكى جىنىسى ھەۋەس قاندۇرۇش ئارزۇسىغا) قايتىپ كېتىشى بەكلا چوڭ خەۋىپ كەلتۈرىشى مۇمكىن دەپ ئىشىنىدۇ (مەدەنىيلىك بىلەن تۇغما ھەۋەس كۈچلىرى ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەت مەسىلىسى فرېئۇدنىڭ «مەدەنىيەت ۋە نارازىلىقلار» دېگەن 1930-يىلى يېزىلغان ماتېرىيالىدا تەپسىلى تەھلىل قىلىنغان). شۇ سەۋەپتىن، جامائەتچىلىك، ئەزالىرىنىڭ بۇ خەۋىپلىك تۇيغۇلىرىنى قايتا ئەسلەپ قېلىشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ ھەمدە جىنىسى تۇغما ھەۋەس كۈچىنى بىلىپ قېلىشىنى ياكى جىنىسى تۇرمۇشنىڭ كىشىلەر ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بولىدىغانلىقىنىڭ بىلىنىشىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا تىرىشىلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، تەربىيە ۋاستىلىرىغا تايىنىپ دىققەتنى بۇ تۈر قاراش ساھەسىنىڭ پۈتۈنلەي سىرتىدا قالدۇرۇلىشىغا تىرىشىلىدۇ. دەل شۇ سەۋەپتىن پسىخوئانالىتىك تەتقىقاتلارنىڭ بۇنداق بىر خۇلاسىغا كېلىشىنى ھېچكىم خالىماي، ئۇنىڭ ئورنىغا ئېستېتىك نوقتىسىدىن يىرگىنىشلىك، ئەخلاقى نوقتىدا نۇمۇس ياكى خەتەرلىك بىر ئىش دەپ ھۆكۈم قىلىشنى خالىشىدۇ. ئەمما بۇ تۈردىكى نارازىلىقلار ئىلمى تەتقىقات تارمىقىنىڭ ماددى خۇلاسىسى دەيدىغان قاراشلارغا قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ؛ ئەگەر بۇ ئىش ئاشىكارىلانغىدەك بولسا، ئىلمىي ئاتالغۇلارنى قايتىدىن ئويلىنىش مەسىلىسىنى پەيدا قىلىۋېتىدۇ. خالىمىغان بىر ئىشنى ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئەمەس دەپ ئىنكار قىلىش ئىنسان مىجەزىگە خاس بىر ئالاھىلىك بولۇپ، بىر قېتىم ئىنكار قىلىۋالدىمۇ بولدى، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇندا قاراشقا قارشى نەزەرىيىلەرنى (باھانىلارنى) ئوتتۇرغا تۆكىۋېتىدۇ. شۇندىن كېيىن جامائەتچىلىكمۇ قوبۇل قىلالمايدىغان نەرسىنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ ئۇنىڭغا ھەرگىز يېقىن يولىمايدىغان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ پسىخوئانالىز پاكىتلىرىنى مەنتىقى، ئەمەلى قاراشلار بويىچە مۇنازىرە قىلىشقا كىرىشىدۇ؛ شۇنىڭغا قارىماي بۇ تۈردىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىلا ھېسسىياتقا تايىنىپ ئوتتۇرغا چىقىرىلغان نەرسىلەر بولۇپ، جامائەتچىلىك بۇ تۈردىكى نارازىلىقلارنى بۇلارغا قارشى تۇرىدىغان ھەر بىر قاراشقا قارشى ئالدىن ھۆكۈم سۈپىتىدە پايدىلىنىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئەمما، خانىملار، ئەپەندىلەر، بىز بۇ تۈردىكى مۇنازىرىلەرگە سەۋەپچى بولىۋاتقان قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويغان ۋاقتىمىزدا ئالدىن ھۆكۈم قىلىۋېتىش پوزىتسىيىسىدە بولمىغانلىقىمىزدا چىڭ تۇرالايمىز. بىز قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە ئوتتۇرغا قويغانلىقىمىزغا ئىشەنگەن بىر رىياللىقىنى تونۇتماقچى بولغان ئىدۇق. ئىلمىي پائالىيەتلىرىمىزدىكى پاكىتلارغا قارشى ئوتتۇرغا قويۇشقان پەرەزنى ئاساس قىلىشقان ئەنسىرەشلىرىنىڭ ھەقلىق ئاساسلارغا تايانغان-تايانمىغانلىقىىنى تەكشۈرۈپمۇ ئولتۇرماي، بۇ تۈردىكى پەرەز ئارقىلىق ئوتتۇرغا قويغان ئاركىشىشلىرىنى شەكسىز تۈردە رەت قىلىۋېتىش ھەققىمىز بار دەپ ئېيتالايمىز.

خۇلاسىلىغىنىمىزدا، بۇلار پسىخوئانالىزغا بولغان قىزىقىشىڭلارنىڭ ئالدىدىكى بىر قانچە توسالغۇلاردۇر. بۇ توسالغۇلار ئىشقا كىرىشىش ئۈچۈن بەلكى لازىم بولغىنىدىنمۇ ئارتۇق قىيىنچىلىق پەيدا قىلىۋېتىشى مۇمكىن. ئەمما سىلەر بۇ توسالغۇلار پەيدا قىلىدىغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭەلەيدىغانغا ئىشەنچ تۇرغۇزالىغان ۋاقتىڭلاردىلا بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلالايسىلەر.

ئىككىنچى لىكسىيە
ئۇنۇتقاقلىق
(باش قىسمى)
خانىملار، ئەپەندىلەر، لىكسىيىمىزنى يول كۆرسىتىشلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق باشلايمىز. مۇنداق قىلايلى: تەھلىل قىلماقچى بولغان تېما سۈپىتىدە كەڭ تارقالغان، ھەممىگە مەلۇم بولغان، ئەمما بەك تەتقىق قىلىنمىغان، شۇنىڭدەك ساغلام كىشىلەردىمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان بەزى ۋەقەلەرنى تاللىۋالايلى. بۇلار، ھەممە كىشىدە دېگىدەك كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ”ئۇنۇتقاقلىق“ (”Fehlleistungen“ دېگەن بۇ سۆز ”خاتالىشىش“، ”ئۇنتۇپ قېلىش“ ياكى ”ئېزىپ كېتىش“ دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. فرېئۇدتىن بۇرۇن بۇنداق بىر ئورتاق ئۇقۇم يوق ئىدى. ئېنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن مۇنداق بىر ئاتالغۇ ياساپ چىقىرىلغان: ”Parapraxes“. شۇڭا، بۇ سۆزنى توپ-توغرا تەرجىمە قىلىشقا بولىدىغان تۈركچە سۆز تاپماق ھەقىقەتەنمۇ تەس. ئەمما تەرجىمە قىلىنىۋاتقا نەرسە ئۇسۇلغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە بولغاچقا، بۇ ئاتالغۇنى نەق ئىپادىلەيدىغان سۆزدىن بىرنى ياساپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىرغىچە بار بولغان تەرجىمىلەردە بۇ سۆز ”خاتالىشىشلار، خاتا ھەرىكەتلەر“ دېگەندەك بەكلا ئاددى، بەكلا تۇتۇق ۋە ئىستىمالدا بار بولغان، يەنى تېخنىكىلىق ئاتالغۇ سۈپىتىگە ئىگە بولمىغان ئىپادىلەشلەرنى ئۇچرىتىمىز. بۇ ئاتالغۇنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تېخنىك ئاتالغۇ تەرجىمىسى ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن مەن بۇ ئاتالغۇنى بۇ نەشرىيات ئۈچۈن قىلغان فرېئۇد ئەسەرلىرى تەرجىمەمدە ئۇنۇتقاقلىق ئەيىۋى − ئۇيغۇرچىدا ”ئۇنۇتقاقلىق“ دەپلا ئېلىندى − دەپ ئالدىم. 1901-يىلى بېسىلغان «كۈندىلىك تۇرمۇش پسىخوئانالىزى» دېگەن كىتاب بۇ ئاتالغۇنىڭ تەھلىلىگە بېغىشلانغان. بۇ لىكسىيە بىلەن بۇنىڭ كەينىدىكى ئىككى لىكسىيىدە ئىشلىتىلگەن ھەرخىل مىسال ۋە چاخچاقلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى، يەنى تەخمىنەن قىرىقتىن ئارتۇق مىسال يوقۇردىكى كىتاپتىمۇ مىسال كەلتۈرۈپ ئېلىنغان. فرېئۇد، ئوقۇتۇش ئۇسلۇبى ھەققىدىكى ماقالىلىرىدا، نەزەرىيىلىرىگە كىرىش سۆز بولسۇن ئۈچۈن خۇددى بۇ كىتاپتا بولغىنىدەك ئەڭ مۇۋاپىق ماتېرىيال سۈپىتىدە ئۇنۇتقاقلىقنى پات-پات تىلغا ئالغان. بۇلار ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ پسىخولوگىيىلىك تەتقىقاتلىرىنىڭ ئەڭ كونا تېمىلىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئالماقتا. −ت.ت) نامى بىلەن تونۇلماقتا. مەسىلەن، بىر نەرسە ھەققىدە بىر نېمە دېمەكچى بولىۋاتقان بىرسى ئېزىپ كېتىپ دېمەكچى بولغان سۆزنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ئاتالغۇنى ئىشلىتىپ سېلىشى مۇمكىن (ئېزىپ كېتىش)؛ بۇنىڭدەك ئەھۋال يېزىقچىلىقلاردىمۇ كۆرۈلىشى مۇمكىن. بۇنداق خاتالىق سادىر قىلغۇچى كىشى بۇ سۆز ئۇنىڭ دېمەكچى بولغان سۆزى ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ دەپ سېلىشىمۇ، بىلمەي دەپ سېلىشىمۇ مۇمكىن. ياكى بولمىسا بىر نېمە ئوقىۋاتقان ۋاقتىدا ئوقۇۋاتقان سۆزىنى باشقا بىر سۆزگە ئالماشتۇرۇپ ئوقۇۋېلىشىمۇ مۇمكىن (خاتا ئوقۇۋېلىش)، ياكى بولمىسا ئاڭلاش ئورگانلىرىدا بىرەر بۇزۇقلۇق بولماي تۇرۇغلۇق بىرسىنىڭ دېگەن قايسى بىر سۆزىنى خاتا ئاڭلىۋېلىشىمۇ مۇمكىن (خاتا ئاڭلىۋېلىش). بۇنداق ھادىسىلەرنىڭ يەنە بىر گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ تەكتىدىمۇ ئۇنۇتقاقلىق (Vergessen) سەۋەپ بولىدۇ؛ ئەمما بۇ نوقسانلار ئىزچىل نوقسانلار بولماستىن، ۋاقىتلىق بىر ھادىسە. مەسىلەن، بىرسى بەكلا ياخشى بىلىدىغان بىرسىنىڭ ئىسمىنى پەقەتلا ئېسىگە كەلتۈرۈلمەي قېلىشى ياكى قىلماقچى بولغان بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كېيىن ئېسىگە ئالالايدۇ. يەنى ئۇ نەرسىلەر شۇ پەيتتىلا ئېسىگە كەلمەي تۇرىۋالىدۇ. ئۈچۈنچى تۈردىكىلەردە بۇنداق ۋاقىتلىق ئالاھىدىلىك يوق. مەسىلەن: ئادەم بىرەر نەرسىنى بىر يەرگە قويۇپ كېيىن قويغان يېرىنى ئۇنتۇپ قېلىپ تاپالماي ئاۋارە بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق قويغان يېرىنى ئۇنتۇپ قېلىش (Verlegen) ياكى بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇنتۇپ قېلىپ تاپالماسلىق (Verlieren) ئەھۋاللىرى دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە باشقا ئۇنتۇپ قېلىش ھادىسىلىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ قارايدىغان بۇ تۈردىكى ئېسىگە كەلتۈرەلمەسلىك ۋەقەلىرىنى توغرا چۈشىنىش ئورنىغا ئۆزىمىزگە ھەيران قالىدىغان ھەتتا ئۆزىمىزدىن ئەنسىرەپ قالىدىغان ئىشلارغا پات-پاتلا دۈچ كېلىپ تۇرىمىز. بۇلارغا يەنە، ئۆتكۈنچى خاراكتېرىدىكى مەخسۇس خاتالىشىش (Irtrümer) تۈرلىرىنىمۇ قوشۇپ قاراش مۇمكىن. بۇنداق ۋەقەلەر قىسقا مۇددەتلىك ئۇنتۇش ۋەقەلىرى بولۇپ ، ھەر دائىم كۆرۈلمەيدىغانلىق ئېنىق. شۇڭا بۇنداق خاتالىشىش ۋەقەلىرى ھەر تۈرلۈك ئىشلاردا دائىم يولۇقۇپ تۇرىدۇ.
بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى ئىچكى جەھەتتە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك بولغان ”ver“ (نېمىسچە) بوغۇمى بىلەن ئىپادىلەنگەن ھادىسىلەر تەۋەسىگە كىرىدۇ. بۇنداق ۋەقەلەر ئەنسىرىگىچىلىكى يوق ئۆتۈپ كېتىدىغان ئىشلار بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەك دىققەت قىلىپ كېتىشكىمۇ ئەرزىمەيدۇ. بىرەر نەرسىنى تاپالماي قېلىش (قاراپ تۇرۇپ كۆرمەسلىك، قولىدا تۇرۇغلۇق تاپالماسلىق − ئۇ.ت) ۋەقەلىرىگە ئوخشاش، بۇ تۈردىكى كەمچىلىكلەرگە ئادەتتە بەك ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ. شۇڭا، بۇنداق ئۇششاق ئىشلارغا بەك دىققەت قىلىپ كەتمەيمىز. ئۇنىڭدىن بەك ھاياجانلىنىپمۇ كەتمەيمىز.

مەن بۇ دەرستە ئەنە شۇنداق ئۇششاق ئىشلارغا دىققىتىڭلارنى تارتماقچىمەن. بۇ دېگەنلىرىمگە قاراپ ئارىسالدا بولغان ھالدا مۇنداق دەپ نارازىلىق بىلدۈرۈشىڭلار مۇمكىن: ”چەكسىز كەتكەن بۇ دۇنيادا شۇنچە كۆپ دۈچ كېلىپ تۇرغىنىمىزدەك، كاللىمىزنىڭ ئىنتايىن چەكلىك نېرۋا تومۇرلىرى ئارىسىدا يېشىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان شۇنچە كۆپ سىرلار تۇرغان، روھىي كېسەللىكلىرى ساھەسىدىمۇ شۇنچە نۇرغۇن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىشلار تۇرۇغلۇق، بۇنچە ئەھمىيەتسىز مەسىلىلەر ئۈستىدە كۈچ سەرىپ قىلىپ ۋاقىت ئىسىراپ قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ بەش ئەزاسى ساق بىرسى سىرلىق بىر نەرسىنى كۆردۈم، ئۇلارنى سېزەلىدىم دېيىشىنى، يەنە بىرسىنىڭ ھېچنېمىدىن ھېچنىمە يوق كۆڭلىدىن چىقىرالمايدىغان بىرسى تەرىپىدىن ئازاپلىنىۋاتقانلىقىنى خىيال قىلىپ ئولتۇرۇپ كېتىشىنى، ياكى ھەممە بالىنىڭ قۇرۇق گەپلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرغان قۇرۇق ۋەھىمە پەيدا قىلىدىغان قاراشلارنى پۈتۈن زىھنىنى سەرىپ قىلىپ تالاش-تارتىش قىلىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرەلىگەن بولسا ئىدىڭىز، بەلكىم پسىخوئانالىز ھەققىدە بىرەر قاراشقا كېلىشىمىزنى پەرەز قىلىش مۇمكىن ئىدى. ئەمما يولدىكى ئورۇندۇقتا ئولتارغان بىرسىنىڭ ئاغزىدىن دېمەكچى بولغىنىدىن باشقىچە بىرەر سۆز چىقىپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبى ياكى بىر ئائىلە ئايالنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاچقۇچ ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلىرىنىڭ قويغان يېرىنى تاپالماسلىقىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە باش قاتۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلماقچى بولسىڭىز، كەچۈرۈڭ، بىز ۋاقتىمىزنى، كۈچىمىزنى تېخىمۇ پايدىلىق ئىشلارغا ئىشلىتىشنى ئويلايمىز.“

بۇنداق نارازى بولۇشىڭلارغا مۇنداق دەپ جاۋاپ بېرىمەن: سەۋىر قىلىڭلار خانىملار، ئەپەندىلەر! مېنىڭچە بولغاندا، سىلەر تەنقىتلەشتە سەل چېكىدىن ئاشۇرىۋەتتىڭلار. پسىخوئانالىز، ھېچ قاچان ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىلەن شوغۇللانمايدىغاندەك بىر كۆرۈنۈشتە بولمايدىغانلىقى راس. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇنىڭ كۈزىتىش ماتېرىياللىرى ئادەتتە باشقا بىلىملەر تەرىپىدىن بەكلا ئەھمىيەتسىز دەپ قارىلىپ بىر چەتكە تاشلاپ قويۇلغان ئۇششاق ھادىسىلەردىن، يەنى مۇنداق ئېيتقاندا، ھادىسىلەر دۇنياسىنىڭ پارچىلىرىدىن قولغا كېلىدۇ. ئەمما تەنقىتلىرىمىزدە مەسىلىلەرنىڭ ئېغىرلىقىنى، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئېنىق كۆرۈلىش شەكلى بىلەن ئارىلاشتۇرىۋەتكەن ھېساپلانمامسىلەر؟ بەزى شارائىتلاردىلا ۋە بەزى پەيىتلەردە بەكلا زەيىپ كۆرۈنگەن نەرسىلەر بىلەن ئوتتۇرغا چىقىدىغان ئالاھىدە مۇھىم نەرسىلەر بولالماسمۇ؟ بۇلارغا ھەر تۈرلۈك مىساللارنى كەلتۈرۈشۈم ئۇنچە بەك قىيىن ئەمەس. مەسىلەن، ئەگەر سىز ياش بىر يىگىت بولسىڭىز، ئۇششاق ئىشلاردىن باشلاپ ياش بىر قىزنىڭ قەلبىنى قولغا كەلمەيتتىڭىزمۇ؟ ياكى بولمىسا بۇ ئىشتا ھە دېگەندىلا ئوچۇق-ئاشكارە ئاشىق ئېلانىنى ياكى ھاياجانلىق بىر قۇچاقلىشىشنى ئۈمىد قىلامتىڭىز؟ قىزنىڭ قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزدە باشقىلار تەرىپىدىن پەرق قىلالمىغىدەك بىر بېقىشى سىزگە يېتەرلىك بولماسمىدى؟ قولىڭىزنى بىرەر سېكونت بولسىمۇ كۆپىرەك سىقىپ قويغىنىدەك كىچىككىنە بىر ھەرىكەت سىزگە يەتمەسمىدى؟ ئەگەر سىز، بىرەر جىنايەتنى تەكشۈرىۋاتقان رازۋىتچىك بولغىنىڭىزدا، جىنايەت سەھنىسىدە قاتىل كەينىگە ئادرىسى يېزىلغان بىر پارچە رەسىمىنى تاشلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئىزدەۋاتقان ئادەمنىڭ كىچىككىنە بولسىمۇ غۇۋا بىر ئىز قالدۇرىشىدىن رازى بولماي رەنجىپ يۈرەرمىدىڭىز؟ قىسقىسى، ئۇششاق كۆرۈنۈشلەرنى ھەرگىزمۇ سەل چاغلىماسلىقىمىز كېرەك؛ ئەنە شۇنداق ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنىڭ ياردىمىدە تېخىمۇ چوڭ بىرەر ئىشنىڭ ئىزىنى تاپالىشىمىز مۇمكىن. ھەتتا مەنمۇ خۇددى سىلەرگە ئوخشاش كائىناتنىڭ، بىلىم ساھەسىنىڭ چوڭ-چوڭ مەسىلىلىرىنى كەشىپ قىلىشقا قىزىقىدىغانلا بولىدىكەنمىز كەشپىيات پۇرسىتىنىڭ چوقۇم ئاۋال ماڭا يېقىنلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەمما قائىدە سۈپىتىدە، ئۆزىنى ئۇنداق چوڭ مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ئاتاشنىڭ چوڭ كەشپىيات يارىتىشقا بەك ياردىمى بولمايدىغانلىقىنىمۇ تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. كىشى ھە دېگەندىلا چوڭ بىر مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ئاتىۋەتكىنىدە، ئادەم كۆپۈنچە ھاللاردا ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن بۇ چوڭ ئىشتا تۇنجى قەدىمىنى تاشلاشتىلا ئۆزىنى تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىشى مۇمكىن. ئىلمىي پائالىيەتلەردە شۇ پەيتتە ئالدىمىزدا تۇرغان، تەتقىق قىلىش ئىمكانىيىتى بولغان ئىشلار بىلەن شوغۇللىنىش، كىشىگە تېخىمۇ كۆپ ئۈمىد بېغىشلىيالايدۇ. دۈچ كەلگەن ئۇششاق ھادىسىلەر بىلەن چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنىڭ باشقا ھادىسىلەر بىلەنمۇ بەلگىلىك بىر مۇناسىۋىتى بولىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئالدىراپ ھۆكۈم چىقىرىۋەتمەي ئەستايىدىللىق بىلەن تەتقىق قىلغىنىدا، شۇنىڭدەك تەلىيى ئوڭ كېلىپ بەرسە چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش يولىغا كىرگىلى بولىدۇ. ساغلام كىشىلەردىكى ئۇنۇتقاقلىق كامچىلىقىغا ئوخشاش قارىماققا ئەھمىيەتسىزدەك بىلىنگەن مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەندە، قىزىقىشىڭلارنى داۋامللاشتۇرالىشىڭلار ئۈچۈن مېنىڭ سىلەرگە بېرىدىغان مەسلىھەتىم شۇنچىلىك.

بىز ئەندى، پسىخوئانالىز ھەققىدە قىلچىمۇ ساۋادى بولمىغان بىرسىنى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى مەسىلىلەرگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سوراپ باقايلى. ئۇنداق بىرسىنىڭ ھە دېگەندىلا بېرىدىغان جاۋابى ”قوي بۇ ئىشنى، بۇنداق ئۇششاق ئىشلار چۈشەندۈرۈشكە ئەرزىيدىغان ئىشلاردىن ئەمەس. بۇنداق ۋەقەلەر شۇنداقلا توغرا كېلىپ قالغان ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار.“ دېگەندەك بىر نەرسىلەر دەيدىغانلىقى ئېنىق. ئۇ كىشى بۇ گەپلىرى بىلەن نېمە دېمەكچى؟ ھەر قانچە ئۇششاق ئىشلار بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئورتاق ھادىسىلەردىن پەرق قىلىدىغان بۇ تۈر پەۋقۇلئاددە ھادىسىلەر، يەنى يۈز بەرمەسلىكى كېرەك بولغان يەردە كۆرۈلگەن بۇنداق ھادىسىلەرنىڭ كۆرۈلىشى نورىمال ئەھۋال دېمەكچىمۇ؟ ئەگەر تەبىئىي ھادىسىلەرنىڭ بەلگىلىنىشىدە بۇنداق سەل قاراشلارغا يول قويغىنىمىزدا، بۇنداق ئەھۋال، بىلىمنىڭ ھاياتلىق پەلسەپەسى (Weltanschauung) دېگىنىنى پۈتۈنلەي ئەخلەتخانىغا چۆرىۋېتىش كېرەك دېگەنلىك بولىدۇ. بۇنداق بىر ئىشقا دىنىي ھايات پەلسەپەسىنىڭمۇ ئۇنىڭدىن بەكىرەك ئەھمىيەت بىلەن قارايدىغانلىقى، چۇنكى، تەڭرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىرادىسى بولماي تۇرۇپ بىرەر قۇشقاچنىڭمۇ ئۆگزىدىن چۈشۈپ كەتمەيدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق كاپالەت بېرىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتىمىز. مېنىڭچە بولغاندا، بۇ دوستىمىز دەسلەپكى جاۋابىدىن مەنتىقىلىق بىرەر خۇلاسە چىقىرىشتا چوقۇم ئىككىلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇ كىشى پىكىرىنى ئۆزگەرتىپ، ھەرقانداق شەكىلدە بولمىسۇن بۇنداق ھادىسىلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىشكە كىرىشكەن ۋاقتىدا بۇنىڭغا چوقۇم بىرەر جاۋاپ تاپقىلى بولىدۇ دەپ تۇرىۋېلىشى مۇمكىن. بۇ يەردە سەۋەبىنى تاپقىلى بولىدۇ دەۋاتقان ئۇششاق سۆز خاتالىقلىرى، ئەقلى جەھەتتە كۆرۈلۈپ قالىدىغان ئۇششاق ئەيىپلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە ئېزىپ كەتمەي سۆزلەيدىغان بىرسى (1) خوشياقمايۋاتقان، ھارغىن بىرسى بولغىنىدا، (2) ھاياجان ئىچىدە بولغان بولسا ۋە (3) باشقا ئىشلار بىلەن بەكلا مەشغۇل بولىۋاتقان بىرسى بولغىنىدا، ئۇنداق بىرسىدە خاتا دەپ سېلىش ۋەقەسى كۆرۈلىشى مۇمكىن. ئۇنداق بىرسىنىڭ راستىنلا يوقۇرقىدەك ئەھۋاللاردا بولغانلىقىنى ئىسپاتلاش قىيىن ئەمەس. ئادەم ھارغىن بولغىنىدا، بېشى ئاغرىۋاتقىنىدا ياكى بېشىنىڭ بىر تەرىپى ئاغرىش ئالدىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتقىنىدا گېپىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار ھەقىقەتەنمۇ كۆپ كۆرۈلىشى مۇمكىن. يەنە شۇنداق ئەھۋاللار ئاستىدا مەخسۇس ئىسىملارنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار ئاسانلا ئوتتۇرغا چىقىشى مۇمكىن. بەزى كىشىلەر مەخسۇس ئىسىملارنى ئۇنتۇش ۋەقەسى سادىر قىلىشى بىلەن دائىرىلىك باش ئاغرىقىم قوزغۇلۇشقا يېقىنلاشتى دېيىشكە ئادەتلىنىپ قالغان (بۇنداق ئەھۋال فرېئۇدنىڭمۇ بېشىغا كەلگەن − ت.ت). ھاياجان ئىچىدىكى ۋاقتىمىزدىمۇ گەپ قىلىۋاتقىنىمىزدا ياكى باشقا ئىشلاردا پات-پات خاتا قىلىپ قويىشىمىز مۇمكىن. بۇنداق ھاللاردىمۇ ”كەمچىلىك“ سادىر بولىدۇ. كۆڭلىمىز خاتىرجەم ئەمەس ۋاقىتلىرىمىزدا، يەنى خىيالىمىز باشقا بىر نەرسىدە بولغان ۋاقتىمىزدا مەقسىدىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىشىمىز، ئويلىمىغان باشقىچە ئىش-ھەرىكەتلەردە بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن. بۇنداق خاتىرجەمسىز ھاللارغا بىزگە مەلۇم بولغان مۇنداق بىر مىسالنى كەلتۈرىشىمىز مۇمكىن: «ھەپتىلىك ھەجىۋى ژورنال» دىكى كېيىنكى سانىدا يازماقچى بولغان مەسىلىلەر كاللىسىغا كىرىۋالغانلىقى ئۈچۈن كۈنلۈكىنى ئۇنتۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر شەپكىنى خاتالىشىپ كېيىۋالغان بىر پروفىسسور تەسۋىرلەنگەن. بىز ھەممىمىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا خىيالىمىزنى باشقا بىر ئىشقا بېرىۋەتكىنىمىز سەۋەبىدىن كۆڭلىمىزگە پۈككەن ئىشىمىزنى، بەرگەن ۋەدىمىزنى ئۇنتۇپ قالىدىغان مىساللارنى ھەممىمىز كۆپلەپ كەلتۈرەلىشىمىز مۇمكىن.
بۇ تۈر ئىشلار بىر ھېساپتا بىزنىڭ كۈتكىنىمىزدەك ئۇنچە بەك قىزىقارلىق بولماي قالغان تەغدىردىمۇ، يەنىلا مەنتىقىلىق، ئېنىق كۆرۈنىشى مۇمكىن. قېنى ئەمسە، بىز شۇ ئۇنۇتقاقلىق ھادىسىسىنى تېخىمۇ يېقىندىن كۈزىتەيلى. بۇ تۈردىكى ھادىسىلەرنىڭ كۆرۈلىشىگە باھانە قىلىپ كۆرسىتىلگەن ئالدىنقى شەرتلەر ھەممە ۋاقىت بىر خىل بولۇپ كېتەلمەيدۇ. كېسەللىكلەر بىلەن قان ئايلىنىش سىستېمىسىدا كۆرۈلگەن كاشىلىلار نورىمال ھەرىكىتىدىكى كاشىلا كۆرۈلىشىنىڭ فىزىيولوگىيىلىك سەۋەبى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن؛ ھاياجانلىنىش (جىددىلىشىش)، ھارغىنلىق ۋە دىققەتنىڭ چېچىلىپ كېتىشى قاتارلىقلار بولسا پسىخو-فىزىيولوگىيىلىك ھادىسىلەر دەپ دېئاگنوز قويۇشقا تېگىشلىك بولغان يەنە بىر ئامىللارنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ كېيىنكى ئامىللار نەزەرىيە جەھەتتە ئاسانلىقچە چۈشەندۈرۈلىشى مۇمكىن. ھارغىنلىق بىلەن دىققىتىنى يىغالماسلىق ھادىسىلىرى، بەلكىم يەنە ئادەتتىكى جىددىلىشىشلارمۇ دىققەتنىڭ چېچىلىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولۇپ بېرىشى مۇمكىن. بۇلارمۇ ھەرىكىتىنى قالايماقانلاشتۇرۇپ دىققەتنىڭ چېچىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەگەر ئىش شۇنداق بولغىنىدا، ھەرىكەت جەريانى ئاسانلا قالايماقانلىشىپ كېتىشى ياكى بولمىسا مەركەزى نېرۋا ئورگىنىغا تولۇق قان يەتكۈزۈپ بېرەلمەسلىككە ئوخشاپ كېتىدىغان ھەل قىلغۇچ تەسىر پەيدا قىلىپ، دىققەتنىڭ چېچىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇ سەۋەپتىن بۇ ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسىدە مەيلى ئورگانلاردا بولسۇن ياكى روھى جەھەتتە بولسۇن، ئاخىرى بېرىپ دىققەتنى يىغالماسلىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
بۇنداق ئەھۋال، بىز پسىخوئانالىزچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بىرەر مەنىگە ئىگە ئەمەس. شۇڭا، بۇ تۈردە ئوتتۇرغا چىققان ئىشلارنى بىزگە مۇناسىۋىتى بولمىغان ھادىسىلەر دەپ بىر چەتكە تاشلاپ قويىشىمىز مۇمكىن. ئەمما بىز، بۇنداق مەسىلىلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ كۈزەتكىدەك بولساق، قولغا كەلتۈرگەنلىرىمىز ئۇنۇتقاقلىققا مۇناسىۋەتلىك بولغان دىققەتنى يىغىش قائىدىسىگە پەقەتلا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى، ھېچ بولمىغاندا، تەبىئىي ھالدا بۇنىڭدىن بىرەر نەتىجە چىقىرىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىمىز. بۇ تۈردىكى ئۇنۇتقاقلىق نوقسانلىرى بىلەن ئۇنۇتقاقلىقنىڭ ھارغىنلىق، دىققەتنىڭ چېچىلىپ كېتىشى ياكى جىددىلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن، ھەر جەھەتتە نورىمال كۆرۈنگەن كىشىلەردىمۇ ئوتتۇرغا چىقىدىغانلىقىنى ئۇچرىتالايمىز. تەبىئىكى، ئەگەر ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن قايتىدىن بۇنداق خاتالىق سادىر قىلغان كىشىلەرنىڭ يالغۇز ئۇنۇتقاقلىق سادىر قىلىشىنىڭ تېگىدە ئۇلارمۇ قوبۇل قىلمايدىغان بىرەر ھاياجانلىنىش ھادىسىسىنىڭ كۆرۈلىش ئېھتىمالىنى ئىناۋەتكە ئالمىغىنىمىزدىلا شۇنداق دېيەلىشىمىز مۇمكىن. بىرەر ھادىسىنى، بۇنىڭغا قارىتا دىققىتى ئارتقان ۋاقتىدا كۆرۈلۈپ، دىققەت ئازالغىنىدا كۆرۈلمەيدۇ دېيەلمەيمىز. كىشىلەر ئۇنچە بەك دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ كەتمەي تۇرۇغلۇقمۇ ئىستىخىيىلىك شەكىلدە، شۇنىڭدەك پۈتۈنلەي خاتىرجەملىك ئىچىدە قىلالايدىغان ئىشلار ھەققىدە بەكلا كۆپ مىساللارنى كەلتۈرەلىشىمىز مۇمكىن. يولدا كېتىۋاتقان بىر ئادەم، نەگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلمەي تۇرۇپمۇ يولدىن ئېزىپ كەتمەي بارىدىغان يېرىگە بارالايدۇ. مۇنداق ئېيتقاندا، بۇنى بىر قانۇنىيەت دېيىشىمىزگىمۇ بولىدۇ. ماھارەتلىك بىر پيانىست، قىلچە ئويلاپ تۇرمايلا بېسىلىشى كېرەك بولغان پەدىلەرنى باسالايدۇ. توغرا، ئارىلاپ خاتا بېسىپ سالىدىغان ئەھۋاللارنىمۇ يوق دېيىشكە بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئىختىيارسىز چېلىشقا كىرىشكىنىدە خاتالىشىش پۇرسىتىنى ئارتتۇرىۋېتىدىغان ئىش بولسا ئىدى، ئۇزۇن مەزگىللىك سىناق قىلىش نەتىجىسىدە بۇنداق پۈتۈنلەي ئۆزىنى يوقاتقان ھالدا بېرىلىپ چېلىش باسقۇچىغا كىرگىنىدە بۇنداق خاتالىشىش ئېھتىمالى ئەڭ يوقۇرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بولىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئەمىلىيەتتە، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، كىشىلەر ئادەت قىلغان نۇرغۇن ئىشلاردا قىلىۋاتقان ئىشىغا دىققىتىنى قىلچە مەركەزلەشتۈرمىگەن بىر ئەھۋالدا پۈتۈنلەي ئىستىخىيىلىك ھەرىكەتلەر بىلەن ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا قىلىۋاتقان ئىشىنى پۈتۈنلەي خاتاسىز دېگىدەك پۈتتۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلىمىز. بەلكىم بۇنداق ئەھۋاللار ھاياجانلىنىشنىڭ نەتىجىسى دەپ قارىلىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنداقتا ھاياجان نېمە ئۈچۈن دەل بۇنىڭ ئەكسىچە كىشىنىڭ دىققىتىنى قىلىۋاتقان ئىشقا مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟ ئەگەر بىرەرسى مۇھىم بىر قېتىملىق نۇتقىدا ياكى مەخسۇس مۇناسىۋەت باغلاشلاردا پىلانلىغان گېپىنىڭ دەل ئەكسىچە سۆزنى دەپ سالغان بولسا، بۇنداق ئەھۋالنى پسىخو-فىزىيولوگىيە قاراشلىرى بىلەن ياكى دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش قائىدىسى بىلەن چۈشەندۈرۈش تەس.
ئۇنۇتقاقلىق ھادىسىسى يۈز بېرگەن ئەھۋاللاردا، بىزگە چۈشىنىكسىز بولىۋاتقان، بۈگۈنگىچە چۈشەندۈرۈپ ئىزاھلاش مۇمكىن بولماي كەلگەن بىر مۇنچە ئۇششاق قوشۇمچە ھادىسىلەر مەۋجۇت. بىرەر ئىسىمنى ۋاقتىنچە ئۇنتۇپ قالغىنىمىزدا، بۇنىڭدىن ئىچىمىز پۇشۇپ، ئۇ ئىسىمنى ئېسىمىزگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قاتتىق باش قاتۇرۇشتىن ئۆزىمىزنى تۇتىۋالالماي قالىمىز. بۇنداق ئەھۋاللاردا، دىققىتىمىزنى ”تىلىمىزنىڭ ئۇچىدىلا تۇرغان“ ھەمدە دېيىلىشى ھامان قايتا ئېسىمىزگە كەلتۈرەلەيدىغان بۇنداق سۆزنى ئېسىمىزگە كەلتۈرۈشنى نېمە ئۈچۈن ئاسانلىقچە ئىشقا ئاشۇرالمايمىز؟ ياكى بولمىسا: ئۇنتۇپ قېلىش ئەيىۋىمىز بىر-بىرسىگە ئۇلۇشۇپ زىنجىرسىمان شەكلىدە كەينى-كەينىدىن خاتالاشتۇرۇپ بارىدىغان، بىر خاتالىق يەنە بىر خاتانىڭ ئورنىنى بېسىپ كېلىدىغان ھادىسىلەرمۇ بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا ئاۋال ئۇ كىشى پۈتۈشكەن ۋاقتىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. كېيىنكى قېتىمدا ئۇ كىشى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىققا تېرىشقان بولسىمۇ، بۇ قېتىم كۆرۈشۈش ۋاقىتنى خاتا يېزىۋالغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. ياكى بولمىسا ئادەم باشقا نەرسىلەرنى ئېسىگە كەلتۈرۈش ۋاستىسىغا تايىنىپ ئۇنتۇپ قالغان سۆزنى ئەسلەشكە تىرىشىدۇ، ۋە بۇ جەرياندا بىرىنچى سۆزنى ئەسلىشى ئۈچۈن ياردىمى بولىدىغان يەنە بىر ئىسىمنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئۇنۇتۇلغان ئىككىنچى ئىسىمنى ئاختۇرىۋاتقىنىدا ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۈچىنچى بىر ئىسىمنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ ۋە شۇ تەرىقىدە تەكرارلىنىپ داۋام قىلىدۇ. بەكلا كۆپ كۆرۈلىدىغان شۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال ھەرىپ تىزغۇچى ئۇنۇتقاقلىقى دەپ نام بېرىشكە بولىدىغان مەتبە (يېزىق) خاتالىرىمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇ تۈردىكى كىشىنى بىئارام قىلىدىغان باسما خاتاسىنىڭ، سوتسىيال دېموكىراتچى بىر گېزىتتا كۆرۈلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بىر قېتىملىق مۇراسىمغا مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە مۇنۇلار يېزىلغان: ”قاتناشقۇچىلار ئىچىدە جانابى كورنپرىنزمۇ بار ئىدى.“ ئەتىسى بۇ خاتا ئۈچۈن بىر پارچە ئېلان بېرىپ خاتاسىغا تۈزىتىش بېرىشكە تىرىشقان بولۇپ، بۇ گېزىت كەچۈرۈم سوراپ كېلىپ، ”شۆبھىسىزكى، كنورپرىنز دەپ يېزىشىمىز كېرەك ئىدى.“ (مەقسەت قىلىنغىنى ”Kronprinz“، يەنى شاھزادە ياكى ئورۇنباسار ئىدى، ئەمما ”korn“ يەنى كۆممەقوناق، ”knorr“ بولسا تومپاي، پورسېمىز دېگەندەك مەنىلەرگە ئىگە − ن) دەپ يازىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا ”مەتبە خاتاسى دېگەن شەيتاننىڭ قايمۇقتۇرىشى سەۋەبىدىن“ ياكى بولمىسا ”ھەرىپ تىزىش بالاسى“ دەپ باھانە كۆرسىتىشىدۇ. بۇ سۆزلەرمۇ ھېچ بولمىغاندا مەتبە خاتالىرى مەسىلىسىدىكى پسىخو-فىزىيولوگىيىلىك نەزەرىيە بويىچە چۈشەندۈرۈشلەردىنمۇ چوڭقۇر مەنىلەرگە ئىگە.
يادلاتقۇزۇش ئارقىلىقمۇ سۆز خاتالىقى پەيدا قىلىشقا بولىدىغانلىقىدىن خەۋىرىڭلار باردۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق بىر سەھنە دىيالوگىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشىمىز مۇمكىن. شىللېرنىڭ تىياتىرىدىكى مۇھىم بىر كۆرۈنىشىدە ئورلىيانسلىق بىر قىزنىڭ پادىشاھقا ”der Connetable schickt sein Schwert zurück“ (نازىر قېلىچىنى قايتۇرىۋەتتى) دېگەن خەۋەرنى كەلتۈرىدىغان خەۋەرچى رولىنى شاگىرت بىر رولچىغا بېرىدۇ. رىپىتىس قىلىش ۋاقتىدا ئۇستا رولچىلاردىن بىرسى، تەمتىرەپ تۇرغان شاگىرت رولچىغا سەھنىگە چىقىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىقتا سەھنىدە دەيدىغان سۆزلەرنىڭ ئورنىغا قايتا-قايتا ”der Komforabel schickt sein Pferd zurück“ (ھارۇۋىكەش ئېتىنى قايتۇرىۋەتتى) دېگۈزۈپ شاڭخو قىلىدۇ (بۇ يەردە بىر مۇجىمەللىك باردەك قىلىدۇ. ئەسلىدە، يەنى ئويۇننىڭ بىرىنچى پەردە ئىككىنچى كۆرۈنىشىدە نازىرنى ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئوختۇرغان پادىشاھنىڭ ئۆزى ئىدى − ت.ت). دېگەندەك شاڭخو قىلىش مەقسىدىگىمۇ يېتىدۇ: بايىقى شاگىرت رولچى شۇنچە ئەسكەرتىلگىنىگە قارىماي، بەلكىم ئەسكەرتىلگىنى ئۈچۈنلا بولسا كېرەك، سەھنىگە چىققىنىدا ئوخشاش خاتانى قايتا تەكرارلايدۇ.
دىققەت چېچىلىش قائىدىسى ئۇنۇتقاقلىق خاتالىقىنىڭ تەپسىلى ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن بۇ نەزەرىيىنى خاتا دەپ قاراشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. بۇ نەزەرىيە، تولۇق قايىل قىلارلىق ھالغا كېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىر تولۇقلىما قوشۇشقا توغرا كەلگەن بولىشىلا مۇمكىن. ئەمما بەزى ئۇنۇتقاقلىقلاردا پۈتۈنلەي باشقا بىر نوقتىدىن قاراشقا توغرا كېلىدۇ.
بۇ مەقسىدىمىزگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇنۇتقاقلىق تۈرلىرىدىن بىرى بولغان خاتا سۆزلەپ سېلىشنى مىسالغا ئالايلى. ئەمما خاتا يېزىپ سېلىش ياكى خاتا ئوقۇپ سېلىشلارنىمۇ مىسال قىلىپ كۈزىتىشىمىز مۇمكىن ئىدى (ئۇنۇتقاقلىققا دائىر بۇ ئۈچ لىكسىيە بويىچە فرېئۇدنىڭ ئەڭ كۆپ مىسالغا ئېلىپ سۆزلىگەن ئۇنۇتقاقلىق ئۈستىدىكى مىساللىرىنىڭ ھەممىسىنىلا خاتا سۆزلەپ سېلىشتىن ئالغانلىقى تەرجىمان نوقتىسىدىن ئالغاندا ھەقىقەتەنمۇ تەلەيسىزلىك ئىدى. چۇنكى، خاتا سۆزلەپ سېلىش، تىل قائىدىلىرى سەۋەبىدىن بىرەر تىلنىڭ تۈزۈلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، تەرجىمە قىلىش ھەقىقەتەنمۇ قىيىن. شۇنداقتىمۇ بۇنداق مىساللارنى ئارتۇق ئىزاھلاپ ئولتۇرۇش ئورنىغا ئۆلچەملىك نەشرىدىكى ئىشلىتىلىشكە ماسلاشقان ئاساستا فرېئۇدنىڭ ئالغان مىساللىرىنى ھاشىيىدە ياكى تىرناق ئىچىدە چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتىم. − ت. ت). بىز ھازىرغىچە كىشىلەرنىڭ قايسى ۋاقىتلاردا ۋە قايسى ئەھۋاللاردا خاتا سۆزلەپ سېلىشنى سادىر قىلىدىغانلىقى ئۈستىدىلا ئىزدىنىپ كېلىپ، بۇنىڭ ئۈچۈنلا بىر جاۋاپقا ئېرىشتۇق. شۇنداقتىمۇ دىققىتىمىزنى باشقا تەرەپكە بۇراپ، نېمە ئۈچۈن ئۇ خىل ئەمەس بۇ خىل خاتا سۆزلەپ سېلىش كۆرۈلىدىغانلىقىنى كۈزىتىپ، خاتا سۆزلەپ سېلىشنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەپ بولغان نەرسىگە دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرىشىمىز مۇمكىن ئىدى. بۇ مەسىلە يېشىلمەي قالغان ۋە خاتا سۆزلەپ سېلىشتا كۆرۈلگەن نەرسە چۈشەندۈرۈلمەي قالغان مۇددەت بويىچە فىزىيولوگىيىلىك چۈشەندۈرۈش تېپىلغىنىدىمۇ، بۇ ئىش پسىخولوگىيىلىك نوقتىدىن ئالغاندا تەسەددۈپلەرگە مۇناسىۋەتلىك بىر ۋەقە ھالىتىدە قالغانلىقىنى كۆرەلەيسىز. ئەگەر بىرەر سۆزنى خاتا قىلىپ سالماقچى بولسام بۇنى ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللاردا سادىر قىلالىشىم ئېنىق. توغرا سۆزنىڭ ئورنىغا مىڭلارچە باشقا سۆز ئارىسىدىن بىرسىنى تاللىۋالالىشىم، سانسىزلىغان ئۇسۇللاردىن بىرسى بىلەن خاتالىشىشىم مۇمكىن. ئۇنداقتا، مېنى بەلگىلىك بىر ئەھۋالدا بەلگىلىك بىر خاتا سۆزلەپ سېلىشقا مەجبۇر قىلىدىغان بىرەر نەرسە بارمۇ، ياكى بولمىسا بۇ ئەھۋال ئىختىيارى بىر تاللاش، بىر پەۋقۇلئاددىلىق مەسىلىسىمۇ ياكى ئېنىق چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان، ئېنىق جاۋاپ تاپقىلى بولمايدىغان تۈردىكى بىر مەسىلىمۇ؟
ئەسلىدە، 1895-يىلىسى ئىككى يازغۇچى، مېرىنگېر بىلەن مايېر (ئۇلارنىڭ بىرسى فلولوگ، يەنە بىرسى پسىخولوگىيە دوختۇرى) ئىككىسى ئۇنۇتقاقلىق مەسىلىسىگە بۇ نوقتىدا تۇرۇپ جاۋاپ تېپىشقا تىرىشقان ئىدى. بۇ جەھەتتە ئۈلگە توپلىغان، بۇ ئۈلگىلەرنى نوقۇل تەرىپلەش ئۇسۇلى بويىچە تەھلىل قىلىشقا كىرىشكەن ئىدى. بۇ دېگەنلىرىم ئەلىۋەتتىكى بۇ تۈر مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ چۈشەندۈرۈشنىڭ بىرەر ئۇسۇلىنى ئوتتۇرغا قويالىشى مۇمكىن. بۇ ئىككى يازغۇچى، خاتا سۆزلەپ سېلىشنىڭ مەقسەت قىلغان نۇتقىغا كىرگۈزىۋالغان ھەر تۈرلۈك ئارىلاشتۇرىۋېتىش تۈرلىرىنى ”ئورۇن ئالماشتۇرۇش“، ”تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلار (ئارزۇلار)“، ”كېيىنكى سوزۇق تاۋۇشلار (مۇداپىيەلەر)“، ”بىرىكمىلەر (بىرلەشمىلەر)“ ۋە ”ئالماشتۇرۇشلار (تۇرغۇنلۇق)“ دەپ گۇرۇپپىلارغا ئايرىغان ئىدى. ئەندى مەن بۇ يازغۇچىلارنىڭ ئالدىن پەرەز قىلىشقان گۇرۇپپىلىرىدىن بەزى مىساللارنى كەلتۈرۈپ باقاي. ئورۇن ئالماشتۇرۇشقا دائىر بىر مىسال: ”مىلولىق ۋېنۇس“ دېيىش ئورنىغا ”ۋېنۇسلۇق مىلو“ (سۆزلەرنىڭ تەرتىۋىنى ئالماشتۇرۇش)؛ ئالدىنقى سوزۇق تاۋۇشلارغا (ئارزۇ) بىر مىسال، ”es war mir auf der Schwest … auf der Brust so schwer“ (نىيەت قىلغان سۆزى مۇنداق ئىدى: ”پۈتۈن ئېغىرلىقى بىلەن مەيدەمگە يېتىۋالدى“. مەنىسىز ”Schwest“ سۆزى، ”schwer“ نىڭ، يەنى ئېغىرلىقى بىلەن، ”schw“ قىسمىنىڭ كۈتكىنى سەۋەبىدىن ”Brust“ نىڭ، يەنى كۆكرەكنىڭ ئارىلاشتۇرىۋىتىلگەن ھالىدۇر. − ت.ت) ۋە كەينى سوزۇق تاۋۇشقا (مۇداپىيە) مىسال قىلىپ خاتا تەلەپپۇز قىلىنغان ۋە ھەممىگە مەلۇم بولغان رومكا سوقۇشتۇرۇشنى كۆرسىتىشىمىز مۇمكىن: ”Ich fordre Sieauf, auf das Wohl unseres Chefs aufzustossen“ (anzustossen نىڭ ئورنىغا قويىۋالغان) (غوجايىنىمىزنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن بىلجىرلاشنى، يەنى قەدەھ كۆتۈرۈش دېگەنگە ئالماشرۇرۇلغان سۆزنى، تەكلىپ قىلىمەن − ت.ت). بۇ ئۈچ خىل خاتا سۆزلەپ سېلىش تۈرلىرى ئادەتتە بەك كۆپ كۆرۈلمەيدۇ. سوزۇق تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش (قىسقارتىۋېتىش) ياكى ئارىلاشتۇرىۋېتىشتىن كەلگەن خاتا سۆزلەپ سېلىش مىساللىرىغا كۆپىرەك دۈچ كېلىپ تۇرىمىز. مەسىلەن يولدا بىر ئەپەندى بىر خانىمغا مۇنداق دېگەن: ”كەچۈرۈڭ خانىم، سىزگە begleit-digen نى تەكلىپ قىلماقچىمەن.“ ”begleiten“ (ھەمرا بولۇش) سۆزىگە قوشۇمچە قىلىپ قوشما سۆز (مەنىسىز بىر سۆز − ت.ت) بولغان ”beleidigen“ (ھاقارەت قىلىش) سۆزىنى يۇشۇرۇپ قالغان (ئېسىمگە كەلگىنىدە دەپ قوياي، ئۇ كىشىنىڭ يولدىكى ئايالنى قولغا كەلتۈرۈشتە پەقەتلا تەلىيى چىقمايدۇ). ئورنىغا قويۇشقا مىسال قىلىپ مېرىنگېر بىلەن مايېر، ”Ich gebe die in den Brief kasten“ (”Brüt kasten“ نىڭ ئورنىغا) (Praparate خەت ساندۇقىغا، يەنى ئىنكىباتور ئورنىغا قويىۋالغان) سۆزىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.
بۇ يازغۇچىلار يىغقان ئۈلگىلىرىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئاساسلىرى بەكلا يىتەرسىز ئىدى. بىر سۆزلەمدىكى تاۋۇشلار بىلەن بوغۇملارنىڭ بەلگىلىك بىر ”بىرلىشىش قىممىتى“ گە (تەڭپوڭلۇققا) ئىگە ئىكەنلىكىنى، يوقۇرى تەڭپوڭلۇقتىكى بىر بوغۇمنىڭ قىستۇرۇلىشى ئۇنىڭدىن ئاجىز تېڭپوڭلۇقتىكى بىر بوغۇمنى بۇزىۋېتىش رولىنى ئوينىيالايدىغان تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىگە ئىشەنگەن ئىدى. بۇ يەردە بەك ئومۇملىشىپ كەتمىگەن ئالدى جاراڭلىقلار بىلەن كەينى جاراڭلىقلار مىساللىرىنى ئاساس قىلىۋالغانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرماقتا؛ بىر قىسىم تاۋۇشلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئورنىدا تاللىنىشىنىڭ (ئەگەر بۇنداق بىر ئەھۋال مەۋجۇت بولغىنىدا)، قالغان خاتا سۆزلەپ سېلىش ۋەقەلىرىگە نىسبەتەن قىلچە تەسىرى بولمايدۇ. قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان خاتا سۆزلەپ سېلىش ھادىسىلىرى بىر سۆزنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭغا ئەڭ بەك ئوخشاپ كېتىدىغان باشقا بىر سۆزنى سۆزلەپ سېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس دەپ قارىشىدۇ؛ نۇرغۇن كىشىلەر بۇنداق ئوخشىشىپ كېتىشنى خاتا سۆزلەپ سېلىشنى تولۇق ئىزاھلاپ بېرەلەيدۇ دەپ قارىشىدۇ. مەسىلەن، بىر قېتىمقى ئېچىلىش مۇراسىمىدا مەلۇم بىر پروفىسسور مۇنداق دېگەن دەپ ئالايلى: ”مېنىڭدىن بۇرۇن سەھنىگە چىققان جانابى پروفىسسورنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى تەغدىرلەشكە (geneigt، يەنى مايىللىق) تەرەپتار ئەمەسمەن“ (geeigent، يەنى سالاھىتىگە ئىگە دېگەننىڭ ئورنىغا بۇ سۆزنى ئىشلىتىپ سالغان). ياكى بولمىسا يەنە بىر پروفىسسورمۇ مۇنداق دېگەن بولسۇن: ”چىشىنىڭ كۆپۈيۈش ھالىغا كەلگىنىدە، بىر مۇنچە Versuchungen (كۈشكۈرتۈشكە)، كەچۈرۈڭلار، Versuche (تەجرىبىگە) قىلىنىشقارىماي …“
ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان، شۇنىڭدەك ئەڭ بەك چۈچىتىدىغان خاتا سۆزلەپ سېلىشلار ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكىنىڭ دەل ئەكسىنى دەپ سېلىشىدۇر. بۇنداق ئەھۋاللاردا، تاۋۇشلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە، ئوخشاشلىق تەسىرلىرىگە يېقىنمۇ كەلمەيدىغانلىقى ئېنىق؛ بىز، بۇنىڭ ئورنىغا ئارلاشتۇرۇپ قويۇشلارنىڭ كۈچلۈك نەزەرىيىلىك يېقىنداشلىقى بار، بولۇپمۇ بىر-بىسى بىلەن يېقىن روھى مۇناسىۋەتكە ئىگە دەپ ئېيتالىشىمىز مۇمكىن. بۇ تۈردىكى ۋەقەلەرگە ئۆتكەن ئىشلاردىنمۇ مىساللارنى كەلتۈرەلىشىمىز مۇمكىن. ئالايلۇق، پارلامېنت ئاستىدا قۇرۇلغان گۇرۇپپا باشلىقىمىز بىر قېتىملىق ئېچىلىش مۇراسىم نۇتقىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن باشلىغان ئىدى: ”ئەپەندىلەر، زالدا يېتەرلىك ساندا كۆپسانلىق بارلىقىنى كۆردۈم. شۇڭا يىغىننى يېپىق دەپ ئېلان قىلىمەن.“
بىزگە مەلۇم بولغان سۆرەپ چىقىش (تۈركچىدە چاغرىشىم − ئۇ.ت) ھادىسىسىنىڭ يەنە بىر شەكلى، بىر خىل ئارلاشتۇرىۋېتىش سۈپىتىدە تۇيدۇرماستىن تەسىر كۆرسىتىشى، شۇنىڭدەك ئىنتايىن ئەپسىز ئەھۋاللاردا كۆرۈلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ھېرمان فون خېلمخولتزنىڭ بالىسى داڭلىق كەشپىياتچى ۋە سانائەتچى ۋېرنېر فون سيېمېنس (Siemens) نىڭ قىزى بىلەن توي قىلغان مۇراسىم سەھنىسىدە سۆلەنگەن تەبرىك سۆزلەرنىڭ بىرىدە، بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن قەدەھ كۆتۇرۇشنى باشلاپ بېرىش ئىشى داڭلىق فىزىيولوگ دۇ بورىس-رېيموندقا تاپشۇرۇلىدۇ. شۆبھىسىزكى، ھەقىقەتەنمۇ قالتىس بىر نوتۇق سۆزلىۋېتىدۇ. ئەمما ئۇ سۆزىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ: ”قىسقىسى، يېڭى سيېمېنس بىلەن ھالسكې شىركىتىگە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن!“ بۇ ئىسىملار ھەقىقەتەنمۇ كونا شىركەت ئىسملىرى ئىدى. بىر تۈرككە نىسبەتەن قوچ بىلەن ساپانچى شىركەتلەر گۇرۇپپىسى نېمىنى ئىپادىلىسە ، بۇ ئىككى ئىسىمنىڭ بىر يەرگە كېلىشى بىر نېمىس ئۈچۈنمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش مەنىنى بىلدۈرەتتى (تەرجىمان بۇ يەردە ئەسلى ئارگىنالدىكى ئىسىملار ئورنىغا تۈركلەرگە چۈشىنىشلىك بولسۇن ئۈچۈن تۈركىيىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تىرستلىرىدىن كوچ − قوشقار بىلەن سابانجى – ساپان ھەيدىگۈچى، ساپان ياسىغۇچى − نىڭ ئىسمىنى مىسال ئۈچۈن ئالماشتۇرۇپ تەرجىمە قىلغان. ئەسلى ئارگېنالدا ”ريېدېل بىلەن بېۋتېل ئىككىسى بىر ۋيېنالىق ئۈچۈن نېمىنى ئىپادىلىسە“ دەپ ئېلىنغان بولۇپ، بېۋتېل دېگىنى ۋيېنادىكى داڭلىق توقۇمچىلىق ماگىزىنىنىڭ ئىسمى. تەبىئىكى، سېيمېنس بىلەن ھالسكې ئىككىسىلا داڭلىق ئېلكتر ئېنجىنېرلىرى ئىدى. − ت.ت ۋە ئۇ.ت).53
شۇنداق بولغاچقا، خاتا سۆزلەپ سېلىشنىڭ سەۋەپلىرى ئارىسىغا پەقەت تاۋۇشلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس ئوخشاشلىقلىرىنىلا ئەمەس بەلكى سۆزلەرنىڭ بىر نېمىگە ئىشارەت قىلىشلىرىنىمۇ قوشۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەنلا كۇپايە قىلمايدۇ. بەزى ۋەقەلەردە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى بىر جۈملىدە دېيىلگەن، ياكى پەقەت خىيال قىلىنغان بىر نەرسىنى ھېساپقا ئالمىغىنىمىزدا بىرەر خاتا سۆزلەپ سېلىشنى چۈشىنەلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. بۇ يەردە مېرىنگېر تەرىپىدىن ئوتتۇرغا قويغان ئەمما تېخىمۇ يىراق مەنبەدىن كەلگەن ساقلاپ قېلىش ئارزۇسى كۆزدە تۇتۇلماقتا. شۇنى ئېتراپ قىلىمەنكى، بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە ئويلانغىنىمىزدا، بۇلاردىن كېيىن خاتا سۆزلەپ سېلىشنى چۈشىنىشتىن تېخىمۇ يىراقتا تۇرغانلىقىمىزنى ھېس قىلماقتىمەن.
شۇنىڭغا قارىماي، بۇ ئاخىرقى كۈزىتىشىمىزدە ھەممىمىزنىڭ بۇ تۈر خاتا سۆزلەپ سېلىشلار ھەققىدە ئېنىق بىر كۈزىتىشكە ئېرىشكەنلىكىمىزنى، بۇنداق كۈزىتىشلەرنى يەنىمۇ تەپسىلى ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدىغانلىقىنى دېيىشىمدە خاتالاشمىغانلىقىمنى ئۈمىد قىلىمەن. ئادەتتە خاتا سۆزلەپ سېلىشنى پەيدا قىلىدىغان شارائىتلارنى، ئۇنىڭدىن كېيىن خاتا سۆزلەپ سېلىش پەيدا قىلغان غەلىتى نەتىجىسى ئوتتۇرغا چىقارغان تەسىرلەرنى تەھلىل قىلدۇق. ئەمما بۇ يەرگە كەلگىچى بولغان ئارىلىقتا خاتا سۆزلەپ سېلىش پەيدا قىلغان نەرسىنىڭ تېگىگە قارىماستىن ئۆز ئالدىغا قولغا ئېلىنىپ-ئېلىنماسلىقىغا دىققەت قىلمىدۇق. ئەگەر بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەكچى بولغىنىمىزدا، ئاقىۋەتتە بىر قىسىم مىساللاردا خاتا سۆزلەپ سېلىشنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئۆز تەۋەسىدە مەلۇم مەنىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى تىلغا كەلتۈرەلىگىدەك جاسارەتكە چوقۇم ئېرىشەلەيمىز. ”بىرەر مەنىگە ئىگە“ دېيىش بىلەن نېمىنى كۆزدە تۇتىمىز؟ خاتا سۆزلەپ سېلىش نەتىجىسىنىڭ ئۆز تەۋەسى ئىچىدە پۈتۈنلەي كۈچكە ئىگە روھى ھادىسە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆز مەقسىدىنىلا ئويلايدىغان مەزمونىنى، مەنىسى بار بىرەر ئىپادە سۈپىتىدە باھالاپ-باھالىيالماسلىقىمىزنى كۆزدە تۇتىمىز. ھازىرغىچە ئىزچىل تۈردە ”خاتا سۆزلەپ سېلىشلار“ ئۈستىدىلا توختالدۇق. ئەندى قارىساق بۇ مەسىلە شۇنداق كۆرۈنۈشكە باشلىدىكى، خۇددى بەزى ۋاقىتلاردا خاتا ھەرىكەتلەر پەقەتلا ئارزۇ قىلىنغان ياكى يۈز بېرىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقان باشقا بىر ئىشنىڭ ئورنىنى ئېلىۋالغان، ئۆز ئىچىدە بەكلا نورىمال بىر ھەرىكەت بولۇپ بىلىنمەكتە.
خاتا سۆزلەپ سېلىشلار ئۆز ئالدىغا بىرەر مەنىگە ئىگە بولىشىدىن ئىبارەت بۇ رىياللىق، بەزى كېسەللىك ۋەقەلىرىدە بەكلا ئېنىق كۆرۈلمەكتە. يوقۇرىدىكى مىسالدا كۆرۈلگىنىدەك، قۇرۇلتاي گۇرۇپپا باشلىقى يىغىننى ئوچۇق دېيىش ئورنىغا يېپىق دەپ ئېلان قىلغان ۋاقتىدا، خاتا سۆزلەپ سېلىش كۆرۈلىدىغان شارائىتلارغا دائىر بىلىمىمىزنىڭ تېگىدە، خاتا سۆزلەپ سېلىش ھادىسىسىنىڭ بىر مەنىسى بولىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىشقا مايىللىقىمىزنى كۆرسىتىشىمىز مۇمكىن. كومىسسىيە باشلىقىنىڭ كۆڭلىدە شۇ قېتىملىق يىغىندىن بىرەر پايدىلىق ئىش چىقمايدىغانلىقى، شۇڭا يىغىننى باشلاش ئورنىغا ئاخىرلاشتۇرۇشتىن خوشال بولىدىغانلىقى ئېنىق. بۇ تۈردىكى خاتا سۆزلەپ سېلىشنىڭ مەنىسىنى ئوتتۇرغا چىقىرىشتا، ياكى باشقىچە ئېيتقاندا، شۇنداق مۇلاھىزە قىلىشتا ئۇنچە بەك قىينىلىپ كەتمەيمىز. ئالايلۇق، بىر ئايالنىڭ يەنە بىر ئايالغا كۆرۈنۈشتە ئالاھىدە ھەيران بولغان ھالدا: ”بېشىڭىزدىكى شۇ چىرايلىق يېڭى شىلەپىنى ئۆزىڭىز aufgepatzt (قاملاشمىغان بىر سۆز بولۇپ، ئۈنۈپ چىققان يېرىدىن ئورىۋالغان دېگەن مەنىدىكى aufgeputzt ئورنىدا ئىشلىتىلگەن) ئوخشىمامسىز؟“ دېگەن بولسۇن. ھېچقانداق ئاق كۆڭۈل بىر ئىلمىيلىك بۇ خاتا سۆزلەپ سېلىشنىڭ تېگىدە ”بۇ شىلەپىڭىز Patzerei (نىكاسىز بىر مۇناسىۋەت) كە ئوخشامدۇ نېمە؟“ دېگەن مەنىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلالمايدۇ. ياكى بولمىسا شوخلۇقى بىلەن داڭ چىقارغان بىر ئايال بىر قېتىم مۇنداق دەيدۇ: ”يولدۇشۇم دوختۇردىن قايسى تۈردىكى تاماق پەرھىزىگە ئەمەل قىلىشىم كېرەكلىكىنى سورىدى. ئەمما دوختۇر ھېچقانداق تاماق پەرھىزىگە ئېھتىياجلىق ئەمەسلىكىمنى ئېيتتى. خالىغان نەرسىنى يەپ-ئىچەلىگىدەكمەن.“ بۇ يەردىمۇ خاتا سۆزلەپ سېلىشنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك ئېنىق مەنىسى كۆرۈلىدۇ: قەتئى چىڭ تۇرۇش پىلانلانغان بىر پروگراممىسى بارلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولىدۇ.
خانىملار، ئەپەندىلەر. خاتا سۆزلەپ سېلىش ھادىسىلىرى بىلەن بۇ تۈردىكى ھادىسىلەردىن بىر قانچىسىنىلا ئەمەس، بەلكى ئادەتتە نۇرغۇن قىسمىنىڭ مەلۇم مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلىگىنىمىزدە، خاتا سۆزلەپ سېلىش ھادىسىلىرىنىڭ بۈگۈنگىچە خەۋىرىمىز بولمىغان مەنىسى، ئېنىق بىر شەكىلدە بۇ سۆزلەرنىڭ ئەڭ قىزىقارلىق ئالاھىدىلىكىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، باشقا ھەر قانداق مەنىلەرنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق بىر ئەھۋالدا، بارلىق فىزىيولوگىيىلىك ياكى پسىخو-فىزىيولوگىيىلىك تەسىرلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۆزىمىزنى مەناغا، يەنى خاتا سۆزلەپ سېلىشنىڭ مەناسى بىلەن مەقسىدىنىڭ ساپ پسىخولوگىيىلىك تەتقىقاتى ئىچىگە ئاتىيالىشىمىز مۇمكىن. شۇنداق بولغاچقا، بۇ ئاقىۋەتنى مۇھىم مىقتاردا كۈزىتىشلەر بىلەن سىناق قىلىشنى ئۆزىمىزگە ۋەزىپە قىلىۋېلىشىمىز مۇمكىن.
ئەمما بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىشتىن ئاۋال سىلەرنى باشقا بىر يولدىن مېنىڭ كەينىمدىن كېلىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن. ئىجادىي بىر يازغۇچى سىموۋۇللاشتۇرۇلغان بىر نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن خاتا سۆزلەپ سېلىشتىن ياكى بولمىسا باشقا بىر خاتالىشىشتىن پايدىلىنىدىغانلىقى ئىزچىل كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان بىر ئەھۋال. بۇنىڭ ئۆزىلا، خاتالىشىشنى، ئالايلۇق، خاتا سۆزلەپ سېلىشنى مەنىلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا يېتىپ ئاشىدۇ. چۇنكى، يازغۇچى بۇ ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ مەخسۇس يازغان بولىدۇ. بۇ يەردە كۆرۈلگىنى يازغۇچىنىڭ راستىنلا خاتا يېزىپ سېلىپ، بۇ خاتاسىنى كېيىن پېرسۇناژلىرىدىن بىرسىنىڭ خاتا سۆزلەپ سېلىشىغا ئايلاندۇرىۋالغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس؛ يازغۇچى، بۇ تۈر خاتالىشىش ھادىسىلىرىدىن پايدىلىنىپ بىزنى بىر ئىشقا جەلىپ قىلماقچى بولىدۇ؛ بىزمۇ بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ بېقىشىمىز مۇمكىن؛ يازغۇچى بۇ يەردە ئۇنۇتقاقلىقنى شۇ پېرسۇناژنىڭ دىققەتسىزلىكىنى ياكى ھارغىنلىقىنى، ياكى بولمىسا بىرەر مىگرەن كېسىلىگە گىرىپتار بولىشىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئەمەس. يازغۇچى بۇ يەردە خاتا سۆزلەپ سېلىشنى بىرەر مەنىگە قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولغىنىدىمۇ بۇنىڭ بۇ تۈر ئالاھىدىلىكىنى مۇبالىغىلەشتۈرمەكچىمۇ ئەمەسمىز. بۇلارنى بىر چەتكە قويۇپ تۇرايلى، بىرەر خاتا سۆزلەپ سېلىش ھادىسىسى ئەمەلىيەتتە مەنىسىز، پەۋقۇلئاددىلىققا باغلىق روھى ھادىسە بولىشى، ياكى ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللاردىلا بىرەر مەنىگە ئىگە بولالىشى مۇمكىن؛ ئەمما يازغۇچى شۇنىڭغا قارىماي ئۆز مەقسىدى ئۈچۈن پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلىپ بۇ خاتا سۆزلەپ سېلىشنى مەلۇم بىر مەنىگە ئىگە قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئەقلىلەشتۈرۈش ھوقۇقىنى قوغداپ قالماقچى بولىدۇ. خاتا سۆزلەپ سېلىشلار مەسىلىسىدە ئىجادىي يازغۇچىلاردىن، فلولوگلاردىن ۋە پسىخولوگىيە دوختۇرلىرىدىن ئەمەلىيەتتە ئۆگىنىدىغانلىرىمىزدىنمۇ ئارتۇق نەرسىلەر ئۆگۈنەلىشىمىزنىڭ ھەيران قالغىدەك يېرى يوق.
بۇنىڭغا مۇنداق بىر مىسالنى شىللېرنىڭ «ۋاللېنستېيىن» دە (بىرىنچى پەردە، بەشىنچى كۆرۈنۈش) ئۇچرىتالايمىز. ئالدىنقى بىر كۆرۈنۈشتە ماكس پىكولومىنى، سوتتا ئىسىلزادە دۈك (ۋاللېنستېيىننى، − دۈك، ياكى دۇك، غەرب ئەللىرىدە شاھزادىدىنلا كېيىن تۇرىدىغان ئىسىلزادىلارغا بېرىلگەن ئاقسۈڭەكلىك ئۈنۋانى − ئۇ.ت) نى چىڭ تۇرۇپ ئاقلاپ چىققان بولۇپ، لاگىر يولىدا ۋاللېنستېيىننىڭ قىزىغا ھەمرا بولۇپ ساياھەتكە چىققىنىدا ئەھمىيىتىنى ھېس قىلغان ياراشتۇرۇشنىڭ خوشاللىقىنى ھەۋەسلىنىپ تۇرۇپ سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇ سەھنىدىن چۈشكەن ۋاقتىدا دادىسى (ئوكتاۋىيو) بىلەن ئوردا ئىشپىيونى كۇيىستېنبېرگ، خىيال ئىچىگە پېتىپ قالىدۇ. بەشىنچى كۆرۈنۈش مۇنداق داۋاملىشىدۇ:
كۇيىستېنبېرگ: ماڭا قارا، گېپىمنى ئاڭلا! بۇ ئىش شۇ پىتى قالامدۇ؟ … دوستۇم! شۇنداق كېتىپ قېلىشىغا يول قويىمىزمۇ. … بۇ ختالىقتىن كېيىن ئۇنىڭ كېتىشىگە يول قويامدۇق؟ … ئۇنى دەرھال قايتۇرۇپ كېلىپ … كۆزلىرىنى ئېچىپ قويىشىمىز كېرەك ئەمەسمۇ؟
ئوكتاۋىيو (چوڭقۇر خىيال ئىچىدىن چىققان ھالدا): بۈگۈن ئۇ مېنىڭ كۆزلىرىمنى ئېچىپ قويدى، … مەن ھازىر خالىغىنىمدىنمۇ ئارتۇقىنى كۆرمەكتىمەن.
كۇيىستېنبېرگ: نېمىنى كۆردۈڭ؟
ئوكتاۋىيو: بۇ سەپەرنىڭ پالاكىتىنى!
كۇيىستېنبېرگ: ئەمما … نېمىشكە؟ بۇ يەردە نېمە ئىشلار بولدى؟
ئوكتاۋىيو: كەل، بۇ يەرگە كەل دوستۇم! ۋاقىتنى زايا قىلماي بۇ قاراڭغۇلۇق ئىشلارنى ئىز بېسىپ قوغلاپ مېڭىشىم كېرەك. … ئەندىلا كۆرۈشكە باشلىغان كۆۈزلىرىمدىن پايدىلىنىشىم كېرەك. … يېنىمغا كەل! (كۇيىستېنبېرگنى كەينىدىن ئەگەشتۈرۈپ ماڭىدۇ)
كۇيىستېنبېرگ: ئەندى قانداق قىلىمىز؟ نەگە ماڭدىڭ؟
ئوكتاۋىيو: ئۇ (خانىم) نىڭ قېشىغا …
كۇيىستېنبېرگ: كىمنىڭ (قايسى خانىمنىڭ) قېشىغا دېدىڭ؟
ئوكتاۋىيو: (گېپىنى تۈزىتىۋېلىپ): ئىسىلزادە دۈكنىڭ قېشىغا. كەتتۇق ئەمىسە.
ئوكتاۋىيو بۇ يەردە ”ئۇ كىشىنىڭ قېشىغا“ (تۈركچىدە ئەر-ئايالنى پەرقلەندۈرىدىغان قوشۇمچە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەردە كۆرۈلگەن خاتا سۆزلەپ سېلىش ھادىسىسىمۇ تەرجىمىدە يوقاپ كەتتى. − ن. − ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە جىنىس پەرقى تىرناق ئىچىدە مەجبورى كۆرسىتىلدى − ئۇ.ت)، يەنى دۇكنىڭ قېشىغا دېمەكچى ئىدى. ئەمما خاتا سۆزلەپ سېلىپ، ”to her“ (ئايالنىڭ قېشىغا) دېيىش بىلەن ھېچ بولمىغاندا ياش جەڭچىنى قىزغىن تېنچلىقپەرۋەر قىلغان نەرسىنى ئېنىق كۆرگەنلىكىنى بىزگە كۆرسەتمەكچى بولغان.
تېخىمۇ كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلالايدىغان يەنە بىر مىسالنى، ئوتتو رانك (1910-يىلى) تەرىپىدىن شېكىسپيېردىمۇ ئۇچراتقان. مەسىلەن، «ۋېنېدىكلىك سودىگەر» دېگەن ئەسەرنىڭ تەلەيلىك ئاشقنىڭ ئۈچ قۇتا ئالتۇن-ياقۇت قۇتىسىنىڭ بىرسىنى تاللاش تەسۋىرلەنگەن مەشھۇر كۆرۈنۈشىدىن چىقىرىدۇ؛ بۇ يەردە رانكنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى مىسالغا ئېلىشىم ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى ئويلايمەن:
”شېكىسپيېرنىڭ «ۋېنېدىكلىك سودىگەر» دېگەن ئەسىرىدە (ئۈچىنچى پەردە، ئىككىنچى كۆرۈنۈش)، قىزىقتۇرۇش نوقتىسىدىن ئالغاندا بەكلا كۆپ نىقاپلانغان ھەۋەسلەر يوشۇرۇنغان، ئالاھىدە ھۈنەر ئىشلىتىپ سۆزلەتكۈزۈلگەن بىر خاتا سۆزلەپ قويۇش ھادىسىسى بار. ۋاللېنستېيندىكى فرېئۇدنىڭ دىققىتىنى تارتقان خاتا سۆزلەپ قويۇشتىكىگە ئوخشاش، بۇ يەردىمۇ ئاپتورنىڭ بۇ تۈردىكى ئۇنۇتقاقلىق ھادىسىسىنىڭ مەنىسى بىلەن بۇ خاتالىشىش ئوتتۇرغا چىقىش جەريانىنى بەكلا ئېنىق چۈشەنگەنلىكىنى، شۇ نەرسىنىڭ تاماشىبىنلار ئۈچۈنمۇ مۇۋاپىق كېلىدىغانلىق پەرىزىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. دادىسىنىڭ ئويلىغىنىغا ئاساسەن توي قىلىدىغان ئادىمىنى چەك تارتىپ تاللاشقا مەجبۇر بولغان پارتىيا، شۇ ۋاقىتقا كەلگىچە ياخشى كۆرمەيدىغان تەكلىپ قويغۇچىلاردىن بەختكە يارىشا قېچىپ قۇتۇلۇپ كەلگەن ئىدى. ئاخىرىدا ياخشى كۆرۈپ قالغان نامزاتلاردىن بىرى بولغان باسسانىيو بىلەن ئۇچراشقىنىدىن كېيىن، ئۇنىڭمۇ خاتا قۇتىنى تاللاپ سېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئۇنىڭغا خاتا قۇتىنى تاللىۋالغىدەك بولسىمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنى ئويلايدۇ. ئەممە بۇ ئويى قىلغان قەسىمىگە خىلاپ ئىدى. بۇ ئىككى قۇتۇپ ئارىسىدا شائىر ياش قىز ياخشى كۆرۈپ قالغان نامزاتقا مۇنداق دەيدۇ:
يالۋۇرۇپ كېتەي، تەلەي سىناشتىن ئاۋال بىر-ئىككى كۈن كۈتۈپ تۇر. چۇنكى خاتا تاللاپ سالساڭ، دوستلۇقىمىزدىن مەھرۇم بولۇپ قالىمەن؛ شۇڭا يەنە ئازىراق كۈتۈپ تۇر، ئىچىمدىن بىر نەرسە (ئەمما بۇ ئاشققا ئوخشىمايۋاتىدۇ) ماڭا دەيدۇكى، سېنىڭدىن ئايرىلمايمەن …
… توغرا بولغان قۇتا قايسى بولىشى مۇمكىن،
بۇنى ساڭا دەپ بېرەلىشىم مۇمكىن ئىدى، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن قەسەم بەرگەنمەن، ھەرگىزمۇ ئېيتالمايمەن بۇ سىرنى، ۋە سەن مېنىڭدىن ئايرىلىپ قالىسەن؛ ئەگەر دەپ بەرسەم قەسەم بەرگەنلىكىم ئۈچۈن، بىر گۇناھنى تەلەپ قىلىشىمغا سەۋەپچى بولۇپ قالىسەن، كۆزلىرىڭگە لەنەت، مېنى كۆرۈشنى خالىمىدى ۋە ئىككى پارچە قىلىۋەتتى؛ يېرىمىم ساڭا، يەنە بىر يېرىمىم سېنىڭ، - يەنى مېنىڭ؛ ئەمما مېنىڭ بولغانىكەن، ئۇمۇ سېنىڭ دېمەكتۇر، يەنى ھەممىسى سېنىڭ.
ياش قىز، ئەسلىدە ئۇ يىگىتكە ئالاھىدە نىقاپلانغان بىر يىپ ئۇچىنى بەرمەكچى بولغان ئىدى. چۇنكى ئۇ، بۇ ئىشنى نامزات تاللاشتىن ئاۋاللا ئۆزىنىڭ پۈتۈنلەي ئۇنىڭغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئۇنىڭدىن يوشۇرۇپ كەلگەن ئىدى؛ شائىر بۇ يەردە قىزنىڭ خاتا سۆزلەپ سېلىشىدىن ئاجايىپ قاملاشقام پسىخولوگىيىلىك سەزگۈرلۈك ئوتتۇرغا چىقارغان نەرسىمۇ دەل شۇ ئىدى. شائىر، بۇ سەنئەت قۇرالىدىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپتىن ئاشقنىڭ بەرداشلىەق بەرگىلى بولمىغىدەك دەرىجىدە چۈشەنگىلى بولمايدىغان مىجەزىنى، شۇنىڭدەك يەنە يىگىتنىڭ تاللاش مەسىلىسىدە ھېس قىلغان تاماشىبىنلارنىڭ گۇمان قىلىشىدىن ساقلىنىش يولىنى تاپالىغان ئىدى.“
پورتىيانىڭ ئاقىۋەتتە خاتا سۆزلەپ سېلىشتىكى ئىككى سۆزلەمنى قانداق قىلىپ ماسلاشتۇرالىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ بىر-بىرسى بىلەن ماس كەلمەيدىغانلىقىنى قانداق قىلىپ يېشەلىگەنلىكىنى، شۇنىڭغا قارىماي ئەسلى ئىشنى خاتا سۆزلەپ سېلىش ۋاستىسى ئارقىلىق ئوتتۇرغا قويۇشنى قانداق قىلىپ ئىپادىلىيەلىگەنلىكىگە دىققەت قىلىڭ:
”ئەمما مېنىڭ ئىكەن سېنىڭ دېمەكتۇر، يەنى ھەممىسى سېنىڭ.“
بەزى ۋاقىتلاردا، تىببى بىلىملەردىن باشقا ساھەدىكى بىر زىيالىنىڭ دېگەن بىرەر سۆزى بىلەن، ئۇنۇتقاقلىقنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرەلىگەنلىكى، بۇلارنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقلىرىمىزنى ئالدىن ئالا كۆرەلىگەن ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلدى. گيوتېنىڭ ”نەدە بىر چاخچاق ئوتتۇرغا چىقسا، چوقۇم شۇ يەردە يوشۇرۇن بىر مەسىلە بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ“ دەپ ئېيتقان ھەجىۋىشۇناس لىچتېنبېرگنى (1742~1799) نى بىلىسىلەر. بەزىدە چوڭقۇر مەزمونىنى يېشىپ ئوتتۇرغا چىقىرالايتتى. لىچتېنبېرگنىڭ «چوڭقۇر مەنىلەر ۋە ھەجىۋى چۈشەنچىلەر» (1853) دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق سۆزلەرنى ئۇچرىتىمىز: ”خومېروسنى شۇنچە كۆپ قېتىم ئوقۇدىكى، پەرەز قىلىش (ئاڭنوممېن) سۆزىنى ھەر قېتىم ’ئاگامېمنون‘ دەپ ئوقۇۋالاتتى.“ مانا بۇ، ئوقۇش خاتالىقى نەزەرىيىسىنىڭ يىغىندىسى ئىدى (لىچتېنبېرگ، فرېئۇدنىڭ ئەڭ ئەتىۋارلايدىغان يازغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، يېزىق بىلىملىرىدىن بىرمۇنچىسى «چاخچاقلار ۋە يوشۇرۇن ئاڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى» (1905) دېگەن كىتاپتا مۇھاكىمە قىلىنغان ئىدى. بۇ مىسال 4-لىكسىيىدە قەيتا مۇھاكىمە قىلىنىدۇ − ن).
كېيىنكى دەرسىمىزدە بۇ يازغۇچىلارنىڭ ئۇنۇتقاقلىق ھادىسىسى ھەققىدىكى قاراشلىرىغا قوشۇلۇپ-قوشۇلمايدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىپ ئۆتىمىز.
… … …

يىگىرمە سەككىزىنچى لىكسىيە
ئانالىز ئۇسۇلىدا داۋالاش
خانىملار، ئەپەندىلەر، − بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغان دەرسىمنىڭ تېمىسى ھەممىڭلارغا مەلۇم. داۋالاش ئۆنۈمى ئاساسەن ئالغاندا سۆزلەتكۈزۈش، يەنى چۈشەندۈرۈشكە تايىنىلىدىغانلىقى ئوتتۇرغا قويۇلىشى بىلەن، پسىخوئانالىز ئۇسۇلى بويىچە داۋالاشلاردا نېمە ئۈچۈن بىۋاستە چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلانمىغانلىقىمىزنى سورىغان ئىدىڭلار. شۇنىڭدەك يەنە چۈشەندۈرۈشنىڭ بۇنداق مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىدىن قارىغاندا پسىخولوگىيىلىك كەشىپلىرىمىزنىڭ ماددى ئاساسلارغا تايىنىدىغانلىقى مەسىلىسىدە ھازىرغىچە چىڭ تۇرۇپ-تۇرالماسلىقىمىز مەسىلىسىگە قارىتا گۇمانلىق قارايدىغانلىقىڭلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتكەن ئىدىڭلار. مەنمۇ سىلەرگە بۇ جەھەتتە تەپسىلى جاۋاپ تەييارلاپ كېلىدىغانلىقىمنى ئېيتقان ئىدىم.
بىۋاستە چۈشەندۈرۈش ئىشى، كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ سىرتقا كۆرۈنۈشىنى مەقسەت قىلىدىغان بىر چۈشەندۈرۈلۈش، داۋالىغۇچى سالاھىتىڭىز بىلەن كېسەللىكنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشى ئوتتۇرسىدىكى بىر تىركىشىشنى كۆزدە تۇتماقتا. چۈشەندۈرۈش ئىشىدا بۇ تۈر بىمار ئىنكاسلىرىغا دىققىتىڭىزنى بەرمەي، بىمارىڭىزدىن بۇ تۈر ئىنكاسلارنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىدىكى سىرتقا ئىپادىلەشلىرىنى باستۇرۇلغان ھالدا تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىسىلەر. بېرنھېيىم (Bernheim) مۇ ئۆزىگە خاس چۈشىنىش قابىلىيىتىگە تايىنىپ، چۈشەندۈرۈش ئىشى گىپنوزنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى ئىكەنلىكىنى، گىپنوزنىڭ ئۆزىمۇ ئەسلىدە چۈشەندۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى، بىر قېتىملىق چۈشەندۈرۈش ھالىتى دەپ قارايتتى (فرېئۇد، كېيىنچە بېرنھېيىمنىڭ بۇنداق قارىشىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ – ن)؛ بېرنھېيىم يەنە چۈشەندۈرۈش (تەلكىن − ياكى تەھلىل قىلىش دەپ تەرجىمە قىلىش كېرەكمىدى؟ − ئۇ.ت) نى گىپنوزدىكى چۈشەندۈرۈش بىلەن ئوخشاش نەتىجىلەرنى بېرەلەيدىغان ئويغاق ھالەتتە قوللىنىش لازىملىقىنى تاللىۋالغان ئىدى.
سىلەر تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن قايسىنى تاللىيالىشىڭلار مۇمكىن: يەنى سىلەر تەجرىبىنىڭ كۆرسەتكىنىنى تاللامسىلەر ياكى نەزەرىيىۋى پەرەزلەرنى؟

مۇنداق قىلايلى، بىز ئاۋال بىرىنچى خىل تاللاشنى كۆرۈپ چىقايلى. مەن، 1889-يىلىسى نانسىيدە زىيارىتىگە بارغان بېرنھېيىمنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان ئىدىم. مەن ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈش توغرىلىق يازغان كىتاۋىنى نېمىسچىغا تەرجىمە قىلىپ بەرگەن ئىدىم (فرېئۇد ئەسلىدە ئۇنىڭ ئىككى پارچە كىتاۋىنى تەرجىمە قىلغان ئىدى. – ن). دەسلىۋىدە چەكلىگۈچى چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن برېۋېر (Breuer) نىڭ بىماردىن سۇئال سوراشتىن پايدىلىنىپ داۋالاش ئۇسۇلىنى بىرلىكتە قوللىنىپ گىپنوزلاپ داۋالاشنى ئۇدا بىر قانچە يىل ئىشلەتكەن ئىدىم. شۇ سەۋەپتىن گىپنوزلاش ياكى چۈشەندۈرۈش – تەھلىل قىلىپ داۋالاشنىڭ نەتىجىلىرىگە تايىنىپ تولۇق تەجرىبە ئاساسلىرىم بار دەپ ئېيتالىشىم مۇمكىن. ئەگەر كونا دوختۇرلۇق ئەندىزىسى بويىچە ئەڭ مۇۋاپىق داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ تېز، ئىشەنچىلىك ۋە بىمار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان بولىشى لازىم دەپ قارالغىنىدا، بېرنھېيىمنىڭ ئۇسۇلى بۇ شەرتلەردىن ھېچ بولمىغاندا ئىككى خىلىنى كاپالەتلەندۈرەلەيتتى. ئانالز ئۇسۇلى داۋالاشتىن خېلىلا تېز، ھەتتا قىياس قىلىنماس دەرىجىدە تېز ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن بولۇپ، بىماردا قىلچىمۇ نارازىلىق ياكى بىرەر مەسىلە پەيدا قىلماي داۋالاش مۇمكىن بولاتتى. ئەمما دوختۇر ئۈچۈ ئېيتقاندا بۇ جەريان ئۇزۇن مۇددەتلىك بىرلا تۈر ئىش ھالىغا ئايلىنىپ قالاتتى: ھەر خىل ئەھۋاللاردا بىرلا تۈرلۈك ئۇسۇل، ئوخشاش شەكىل ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئىنتايىن رەڭدار كېسەللىك ئىنكاسلىرىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىنى چەكلەپ، مەنا جەھەتتە ھېچ نەرسىنى بىلمەي تۇرۇپ ئىشقا سېلىنىدىغان بىر ئۇسۇل ھېساپلىناتتى. يەنى بۇ ئۇسۇل ئىلمى پائالىيەت بولۇشتىن چىقىپ، 492

(تۈۋەندىكىلەر فرېئۇدنىڭ يوقۇرىدا مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن 28 لىكسىيىلىك دەرسى سۆزلىنىپ، ئارىدىن 16 يىل ۋاقىت ئۆتكەندە داۋاملاشتۇرۇپ سۆزلىگەن يېڭى لىكسىيە كىتاۋىنىڭ تۈركچىدىن ۋە خىتايچىدىن تەرجىمىسى)

يېڭى لىكسىيەلەر

كىرىش سۆز
پسىخوئانالىز ئاددى ساۋات لىكسىيىلىرى 1915~1916- ۋە 1917~1918-يىلاردا ئىككى قىش مەۋسۈم دەرسلىرىدە ۋيېنا روھى كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ ئىلمى دوكلات زالىدا بارلىق پاكولتېتلاردىن كەلگەن بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلەنگەن لىكسىيىلەر ئىدى. لىكسىيىلەرنىڭ دەسلەپكى قىسىمى ئالدىن تەييارلىق قىلىنماستىنلا بىۋاستە سۆزلەنگەن بولۇپ، كېيىن بۇ لىكسىيىلەر دەرھال بېسىپ تارقىتىلغان ئىدى. كېيىنكى قىسمى بولسا يازدا سالسبۇرگدا تۇرغان ۋاقتىمدا يېزىلغان بولۇپ، شۇ يىلىنىڭ قىش ئايلىرىدا سۆزلەنگەن ئىدى. ئۇ چاغلاردا زىھنىم خۇددى پاتىپون تەخسىسىگە ئوخشاش ماڭا سادىق ۋاقىتلار ئىدى.
ئەندى بۇ يېڭى سۆزلىنىدىغان لىكسىيىلەرگە كەلسەك، بۇ لىكسىيىلەر ھەرگىزمۇ بىرەر دەرستە سۆزلەنگەن ئەمەس. بۇ كۈنلەردە مەنمۇ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئارىلاپ بولسىمۇ دەرس سۆزلىشىم ئۈچۈن ئىمكان بەرمىگىدەك دەرىجىدە ياشىنىپ قالدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېغىز بوشلۇقۇمنى كەينى-كەينىدىن  ئوپراتسىيە قىلىش نەتىجىسىدە كۆپچىلىك ئالدىغا چىقىپ نوتۇق سۆزلىيەلمەس ھالغا كەلتۈرۈلدۇم. ئەگەر مەن بۇ لىكسىيىلىرىمنى سۆزلەش ئۈچۈن ئاڭلىغۇچىلار ئالدىغا چىقىشىمغا توغرا كەلگىنىدە، سەھنىدە ئىشارەت بىلەن سۆزلەشتىن باشقا ئىش قولۇمدىن كېلىشى ناتايىن. بەلكىم مېنىڭ بۇ ھالىم، سۆزلىمەكچى بولغانلىرىمنى تېخىمۇ چۈشىنەرلىك قىلىپ سۈزلىيەلمەسلىكىمگە بىر باھانە بولۇپ بېرىشىمۇ مۇمكىن.
مەن بۇ قېتىم سۆزلىمەكچى بولغان يېڭى لىكسىيىلىرىمنى بۇرۇنقىلىرىنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچىمۇ ئەمەسمەن. بۇ قېتىمقى لىكسىيىلىرىم شۇ بۇرۇن سۆزلىگەن كونا لىكسىيىلىرىمنىڭ سىزغان سىزىقىدىن ھەرگىز چىقمايدۇ. بۇ قېتىمقى لىكسىيەم ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر مەزمۇن تەشكىل قىلالمايدىغانلىقى ئۈچۈن، بەزى تىڭشىغۇچىلارنى ئۆز ئالدىغا قىزىقتۇرالىغىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولىشىمۇ ناتايىن. مېنىڭ بۇ قېتىمقى لىكسىيىلىرىم بۇرۇن سۆزلىگەن لىكسىيىلىرىمنى تولۇقلاش، ئۇنىڭ داۋامى بولۇش رولىنى ئوينىيالىشى مۇمكىن. بۇ قېتىملىق لىكسىيەلىرىم بۇرۇنقى لىكسىيىلەر بىلەن مۇنداق ئۈچ تۈر مۇناسىۋىتى بولىشى مۇمكىن: بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى لىكسىيىدە ئون بەش يىل بۇرۇن ئوتتۇرغا قويۇلغان، بۈگۈن قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈلگەن بىلىملىرىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قاراشلىرىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنىمۇ كۆزدە تۇتقان ھالدا بۈگۈن قايتىدىن ئوتتۇرغا قويۇلۇشى، يەنى تەنقىدى تۈزىتىشلەردىن ئۆتكۈزۈلىشى لازىم بولغان تېمىلار بىر-بىرلەپ كۆرسىتىپ ئۆتۈلىدۇ. قالغان ئىككى گۇرۇپ لىكسىيەلەر بىرىنچى قېتىملىق لىكسىيىلەرنى تەييارلاش ۋاقتىدا تېخى مەلۇم بولمىغان نەرسىلەرنى ياكى مەخسۇس بىر بۆلۈم قىلىپ سۆزلەشكە ئەرزىمىگەن مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يېڭى لىكسىيىنىڭ بىر قىسمى كونا-يېڭى لىكسىيىلىرىمىزنىڭ مەزمونىنى بىر پۈتۈن ھالغا كەلتۈرۈشكىمۇ ياردەمچى بولالايدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولالىغىنىدا، كىشىلەرنى ئارماندا قويمىغان بولىمەن.
1كونا لىكسىيىلەردىكىگە ئوخشاش بۇ لىكسىيىلەرمۇ بىرەر يېڭى بىلىم بىلەن تەمىنلىيەلمەيدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يېڭى لىكسىيىلىرىمىزمۇ كەسىپى پسىخوئانالىزچىلارغا خىتاپ قىلىنغان ئەمەس. بۇ لىكسىيىلەر تېخى ئەندىلا ئىسپاتلانغان يېڭى بىلىم دەپ ئۈمىد قىلىنىغان بۇ يېڭى بىلىملەردىن يېڭىدىن خەۋەر تاپقان سەۋىيىلىك، مەدەنىيەتلىك كىشىلەرنىڭ يېڭىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان بۇ بىلىمنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن، ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىدىن خەۋەردار بولىشىغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن يېزىلدى.
بۇ قېتىمقى لىكسىيىدە مەن تاشقى كۆرۈنۈشىدىن ئۆز پىتى ساقلاپ قېلىش، پسىخوئانالىزنى ئاددىلاشتۇرۇلغان، تولۇق تەتقىق قىلىپ ئاخىرىغا يەتكۈزۈلگەن رەسمى بىلىم سۈپىتىدە ئوتتۇرغا قويۇلۇشتىن ساقلىنىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلدىم. شۇڭا مەن بۇ لىكسىيىلىرىمدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى يوشۇرۇش ياكى ئاق قالغان يەرلىرىنى، چۈشىنىكسىز قالغان يەرلىرىنى ئاتلاپ ئۆتۈشكە ھەرگىز ئۇرۇنمىدىم. بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق بىر بىلىم ساھەسى مېنىڭدەك بۇنداق كىچىك پىيىللىك كۆرسىتىپ ماختىنىۋېلىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ باققان ئەمەس. ئەسلىدە بۇ بىر نورىمال ئەھۋال بولۇپ، جامائەتچىلىك ئىلمى خادىملاردىن بۇنىڭدىن باشقىچە بولۇشىنىمۇ ئۈمىد قىلىشمايدۇ. بىرەر ئاسترونومىيە كىتاۋىنىڭ ھەر قانداق بىر ئوقۇغۇچىسى ئۇ بىلىمنىڭ قاراڭغۇلۇقلار ئىچىدە غايىپ بولۇپ كىتىۋاتقان چوڭقۇر تەرەپلىرى تونۇشتۇرۇلۇشى بىلەنلا ئۈمىدسىزلىك ئىچىگە پېتىپ قېلىش ياكى ئۆزىنى بىلىمدىن ئۈستۈن ھېساپلاشنى ھەرگىزمۇ خىيالىغا كەلتۈرمەيدۇ. ئەمما پسىخولوگىيىدە ئەھۋال ئۇنىڭغا ئوخشاپ كەتمەيدۇ. بۇ ساھەدە  ئىلمى تەتقىقات جەھەتتە كىشىنىڭ قابىلىيەتسىزلىكى ھەممە جەھەتتە مانا مەن دەپلا ئوتتۇرغا چىقىپ قالىدۇ. پسىخولوگىيىدىن ئىلمى تەرەققىيات تەلەپ قىلىنماستىن بەلكى ئۇنىڭغا قايىل بولۇشلا تەلەپ قىلىنىدىغاندەك، يېشىلمىگەن ھەر بىر مەسىلە، ھەر بىر چۈشىنىكسىزلىك پسىخولوگىيىنىڭ بىر ئەيىۋى قاتارىدا تەتقىقاتچىغا زەربە بولۇپ تىگىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ روھى ھالەت ھەققىدىكى بىلىملىرىنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرىدىغان ھەر قانداق بىرسى، بېشىغا كېلىدىغان بۇنداق ناھەقچىلىككە بەرداشلىق بەرمەي ئىلاجى يوق.
             − سىگمۇند فرېئۇد
                     1932-يىلى ياز − ۋيېنا

بىرىنچى لىكسىيە
(يەنى 29-لىكسىيە)
چۈش تەلىماتىنىڭ قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈلىشى
خانىملار، ئەپەندىلەر، … ئون بەش يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئارىسى ئۈزۈلۈپ قالغان بۇ ۋاقىت ئىچىدە پسىخوئانالىز ئېرىشكەن يېڭى مەزمۇنلار ھەققىدە، بەلكىم ئەڭ ياخشى مەزمۇنلار ئۈستىدە مېنىڭ بىلەن مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن قايتىدىن بىر يەرگە كەلدىڭلار. ھەر تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئالدى بىلەن دىققىتىڭلارنى چۈش ھەققىدىكى بىلىمنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى تەرەپكە بۇراشنىڭ ھەقىقەتەنمۇ توغرا بىر ئۇسۇل بولىدىغانلىقىنى ئويلىدىم. پسىخوئانالىز تارىخىدا مەخسۇس ئورۇن ئالغان بۇ بىلىم، پسىخوئانالىز دەۋرىنىڭ ئېنىق باشلانغۇچ نوقتىسى بولۇپ ئوتتۇرغا چىققان ئىدى. پسىخوئانالىز، دەل شۇ چۈش تەتقىقاتىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ روھى ھالەت داۋالاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش جەريانىدا چوڭقۇر روھى ھالەت پسىخولوگىيىسىگە قاراپ قەدەم تاشلىغان ئەمەسمىدى؟ بۇ يېڭى بىلىم چۈش تەبىرىدىنمۇ مۇھىم، ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان باشقا ھېچقانداق بىر بىلىمنى ئوتتۇرغا قويمىدى دېيىشىمىز مۇمكىن. ھەتتا بۇ بىلىمنىڭ ھېچ بىر تارمىقىنى چۈش تەبىرى ئىلىمىگە تەڭلەشتۈرەلمەيمىز. چۈش تەبىر ئىلمىنى خەلق ئاممىسىنىڭ ئېتىقاتلىرى ۋە سىرلىقلاشتۇرۇلغان دۇنياسىدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن نامەلۇم بىر دۇنيا دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئىلىمنىڭ ئېرىشكەن چۈشەندۈرۈش شەكلىنىڭ يېڭىلىگى بىر ئۆلچەم تېشى بولۇش رولىنى ئوينىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن پايدىلانغانلىقى كىملەرنىڭ پسىخوئانالىز سىرلىرىنى ئۆگۈنۈشكە مۇۋاپىق كېلىپ، كىملەرنىڭ بۇنى چۈشىنەلمەيدىغانلىقىنى ئېنىق تۈردە كۆرسىتىپ بېرەلىگەن. نامەلۇم بولۇپ تۇرىۋاتقان نېرۋا ئۇيۇنلىرىنىڭ تېخى مۇكەممەللىشىپ بولالمىغان ياردەمچىلىكىنى قالايماقان قىلىۋەتكەن ئۇ قىيىن كۈنلەردە، چۈش ئۆرۈش ئۇسۇلى مەن ئۈچۈن ئىشەنچلىك بىر ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى. مۇجىمەل بىلىملىرىمنىڭ توغرا بولىشىدىن بەزى ۋاقىتلاردا گۇماندا قالغان ۋاقىتلىرىممۇ بولغان ئىدى. ئەمما تۇتۇق، ئەسەبىلىك بىلەن تولغان بىر چۈشنى ئېنىق، چۈشىنەرلىك روھى دۇنياغا قاراپ يۈزلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالىغىنىمدىن كېيىن، ئىشەنچىمنىڭ جايىدا كېتىۋاتقانلىقىنى قوبۇل قىلايتتىم.
شۇنداق قىلىپ، بىر تەرەپتىن چۈش ئىلىمىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن پسىخوئانالىزنىڭ بۇ جەرياندىكى ئۆزگىرىشىنى ئومۇمى يۈزلۈك كۈزىتىش، يەنە بىر جەھەتتە بۇ كۈزىتىشىمنىڭ چۈشىنەرلىك بولىشىغا، باھالاش ئىمكانىيىتىنىڭ بولىشىغا نىسبەتەن جامائەتچىلىكنىڭ چۈشىنىشى جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈشكە بولىدىغان ئۇتۇقلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىش بولۇپمۇ بىز ئۈچۈن ئالاھىدە جەلىپ قىلارلىق بىر ئىش ھېساپلىناتتى. مەن سىلەرگە شۇنىمۇ ئالدىن ئۇقتۇرۇپ قويۇشۇم كېرەككى، بۇ ئىككى نوقتىدا سىلەر چوقۇم پۇشماندا قالىسىلەر.
قېنى، 1913-يىلىدىن بۇيان بۇ بىلىمىمىزنىڭ ئېنىق تەتقىقات نەتىجىلىرى بېسىلغان «Internationfle Zeitschrift für (arztliche) Psychoanalyse» (خەلقارالىق تىببى پسىخوئانالىز ژورنىلى) نىڭ بەتلىرىنى ھەممە بىرلىكتە ۋاراغداپ كۆرەيلى. بۇ ژورنالنىڭ تۇنجى سانىدا چۈش ئىلىمىنىڭ ھەر تۈرلۈك نوقتىلىرىنى تەتقىق قىلغان نۇرغۇنلىغان ”چۈش تەبىرى توغرىسىدا“ (چۈش ئۆرۈش توغرىسىدا دېيىشمۇ مۇمكىن − ئۇ.ت) دېگەن ماقالىلارنى ئۇچرىتالايمىز. ئەمما قالغان سانلىرىغا قارايدىغان بولساق، بۇ تۈردىكى تەتقىقاتلارنىڭ بارغانسىرى ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى، ئاخىرى بېرىپ بۇرۇن ئىزچىل بېسىلىپ تۇرغان بۇ بۆلۈمنىڭ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى كۆرىمىز.
ئۇ ۋاقىتلاردا ئانالىزچىلار، ئەندى كىتاپخانلارغا بۇ ھەقتە ئۆگەتكىدەك ھېچقانداق بىلىم قالمىغاندەك، چۈش بىلىمى ئاخىرقى پەللىسىگە يېتىپ بولغىنىدەك قاراشقا كېلىپ قالغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەمما بىزنى، بىزنىڭ سىرىمىزدىن بىۋاستە خەۋىرى بولمىغان كىشىلەر، بىزنىڭ مېھماندوستلىقىمىزدىن رازى بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، بىزنىڭ ئۇچىقىمىزدا ئۇلار ئۆزىنىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئېشىنى پىشىرىپ يۈرگەن بارلىق پسىخولوگىيە دوختۇرلىرى، پسىخولوگلار، ئىلمنىڭ، ماقالىلارنىڭ جەلىپ قىلغۇدەك مەنبەلىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش كويىدا يۈرگەن ئۇ ئاتالمىش ئىلمى خادىملار بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدىن بۇ بىلىم ھەققىدە نېمىلەرنى بىلەلىگەنلىكىنى سورىغىدەك بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى سىلەرگە قايىل قىلغىدەك جاۋاپ بېرەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى بارلىق چۈشلەر جىنىسى خاراكتېردە بولىدىغانلىقىغا ئوخشاش بىزدىكىلەر تەرىپىدىن تولۇق قوبۇل قىلىپ كەتمەيدىغان بەزى فورمىلالارغا چىڭ ئېسىلىۋېلىپ، بۇ فورمۇلالارنىڭ داڭقىنى چىقىرىۋېتىشتى. ھەممىدىن مۇھىمى، چۈشلەرنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان نەرسىنىڭ چۈش تەبىر جەريانى ئىكەنلىكىنى كەشىپ قىلغىنىمىزغا ئوخشاش ھەقىقەتەنمۇ ئەھمىيەتلىك ھېساپلىنىدىغان نەرسىلەر كىشىلەر ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوتتۇز يىل بۇرۇنقىسىدەك يات بولىۋاتقان نەرسىلەر ئىدى.
بۇنداق دېيىشكە ھەققىم بار. چۇنكى، ئۇ ۋاقىتلاردىن بېرى تەبىر بېرەلىشىم ئۈچۈن چۈشلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن ياكى چۈشلەرنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە مەلۇمات تەلەپ قىلىدىغان، ھەر بىر قۇرىدا چۈش تيورىلىرىمىزنى چۈشىنەلمىگەنلىكى ئوچۇق بىلىنىپ تۇرغانلىقىغا قارىماي «چۈش تەبىرى» كىتاۋىمنى ئوقۇپ چىققانلىقىدا چىڭ تۇرىۋالىدىغان كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنلىغان خەتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدىم. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى چۈش ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىمىز ھەققىدە قىسقىچە بىر خۇلاسە چىقىرىشىمىزغا توسالغۇ بولالمايدۇ. ئۆتكەن قېتىمدا، شۇ ۋاقىتقىچە ئاشكارە ئېلان قىلىشقا بولمىغان بۇ تۈر روھى جەھەتتىكى ھادىسىلەرنى چۈشىنىشكە باشلىغىنىمىزنى كۆرسىتىدىغان بىر قاتار لىكسىيەلەرنى سۆزلەپ ئۆتكەنلىكىمنى ئۇنۇتمىغانسىلەر ھەقىچان.
ئەندى بىز، بىر ئادەم، ئانالىز قىلىنىۋاتقان بىر بىمارنىڭ كۆرگەن چۈشىنى بىزگە سۆزلەپ بېرىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلايلى. بۇ ئىشنى بىزگە دېيىش ئارقىلىق، بىمارنى ئانالىز قىلىپ داۋالاش بىلەن شوغۇللىنىۋاتىمەن دېگەننى ئۇقتۇرماقچى بولىۋاتىدۇ دەپ قارىشىمىز مۇمكىن. ئەلىۋەتتىكى، بىرسىنىڭ چۈشىنى ئېيتىپ بېرىش يولى ئارقىلىق باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىمەن دېيىش بەك توغرا ئۇسۇل ھېساپلانمايدىغانلىقى ئېنىق. چۇنكى، چۈشلەر ئاممىۋى سۆھبەتكە قاتنىشىش ياكى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىش ۋاستىسى ئەمەس. ئەسلىنى سۈرۈشتە قىلغاندا، ئۇ چۈشنى كۆرگۈچى دوختۇرىغا نېمىنى دېمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى بىز بىلەلمەيمىز. ھەتتا بىمارنىڭ ئۆزىمۇ نېمە دېمەكچى بولىۋاتقانلىقىدىن خەۋىرى بولماسلىقى مۇمكىن. بۇ ئىشتا ۋاقىتنى ئۇزارتماي قانداق بىر يول تۇتىشىمىزنى بەلگىلىۋېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئانالىز قىلىشنى بىلمەيدىغان دوختۇرلارنىڭمۇ دېگىنىدەك، چۈش، چۈش كۆرگۈچىنىڭ ياخشى ئۇخلىيالمىغانلىقىنى، مېڭىسىنىڭ ھەممە جەھەتتە تولۇق ئارام ئالالمىغانلىقىنى، مېڭىسىدىكى بەزى يەرلەرنىڭ بىلىنمىگەن بىر قىسىم ئىنكاسلىرى تەسىرىدە ئۇيغاق قېلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ئەمما بۇنى قېدىمقى بىر ئۇسۇل بىلەنلا ئەمەلگە ئاشۇرالىغانلىقىنىڭ بىر ئىشارىتى دەپ پەرەز قىلىنىشى مۇمكىن. بىز بۇ ئەھۋالدا كېچىدىكى بىئاراملىقىنىڭ ھېچقانداق روھى قىممىتى بولمىغان بۇ ئاقىۋەتنى يەنىمۇ زىغىرلاپ ئويلىنىپ ئاۋارە بولۇش ھاجەتسىز دەيدىغان ئەركىنلىكىمىزدىن مەھرۇم بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن. چۇنكى، يوقۇرقىدەك قاراشتا بولغىنىمىزدا، سۆزلەنگەن بۇ چۈشنى تەھلىل قىلىپ زادى نېمىگە ئېرىشەلىشىمىز مۇمكىن؟
بىز شۇنىمۇ ئېنىق دىيەلىشىمىز مۇمكىنكى، يوقۇرىدىكى چۈشىنىكسىز چۈشنىڭمۇ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى، نۇرغۇن مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان روھى ھادىسە بولىشى لازىملىقىنى، خۇددى ھەر قانداق بىر سىرىنى پاش قىلىشقا ئوخشاش بۇ چۈشنىمۇ ئانالىز قىلىشتا پايدىلىنالىشىمىز مۇمكىنلىكىنى ئۆزىمىزچە ئويلىغان بولىشىمىز، بۇ ئانالىزنى قىلىپ بېقىشنى تەلەپ قىلىشىمىز مۇمكىن. بۇ ئىشىمىزنىڭ توغرا بولۇش-بولماسلىقىنى پەقەت ئەمەلىيەتلا ئىسپاتلاپ بېرەلىشى مۇمكىن. ئەگەر بىر چۈشتىن ئەھمىيەتلىك بىرەر مەنىنى چىقىرىش قابىلىيىتى بىزگە بېرىلگەن بولسۇن. بۇ ئىشتا تەبىئى ھالدا يېڭى نەرسىلەرنى بىلىۋېلىش، ھادىسىلەرنى تونۇش قابىلىيىتىمىزنىڭ بارلىقىنى ئۈمىد قىلىپ يۈرىمىز. ئەگەر بۇنداق بىر ئۈمىدتە بولالمىساق ھەقىقەتەنمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالغان بولىمىز.
مانا ئەندى ئىشىمىزنىڭ راستىنلا تەس ئىش ئىكەنلىكىنى، تېمىمىزنىڭ ھەقىقەتەنمۇ تېپىشماقلار بىلەن تولغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايسىلەر. بىز بىر چۈشنى قانداق قىلىپ ئادەتتىكى سىرىنى ئېيتىپ بېرىش ھالىغا ئايلاندۇرالىشىمىز مۇمكىن؟ بىمارنىڭ بەزى ئىشلىرىنى ئاشكارىلىشى بىز ئۈچۈنلا چۈشىنىكسىز بولۇپ قالماي، ئۇنىڭ ئۆزىگىمۇ چۈشىنىكسىز بولىدىغانلىقىنى ئۇنىڭغا قانداق چۈشەندۈرەلەيمىز؟
خانىملار، ئەپەندىلەر، كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، ئەندى مەن گېنېتىك چۈشەندۈرۈشكە ئەمەس بەلكى دوگماتىك بىر چۈشەندۈرۈش يولىغا كىرمەكچىمەن. ئالدى بىلەن ئىككى تۈرلۈك يېڭى قاراش، ئىككى خىل يېڭىچە نام بېرىش ئارقىلىق چۈش مەسىلىسىدە دۈچ كەلگەن ئەھۋالىمىزنى تۈزىتىشكە تىرىشىپ كۆرمەكچىمەن. ئاتالغۇ سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن چۈش دېگەنگە چۈشەنچە دەپ، كۆرۈنگەن چۈش بىلەن ئۇنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇنغان مەنىسىنى ئاختۇرماقچى بولغان مەنىگە يوشۇرۇنغان چۈش چۈشەنچىلىرى دەپ ئاتاپ تۇرايلى. بۇنداق نام بېرىۋالغىنىمىزدىن كېيىن، قىلىدىغان ئىشىمىز مۇنداق بولىدۇ: كۆرۈنگەن چۈشنى يوشۇرۇن چۈشكە ئايلاندۇرۇش ھەمدە چۈش كۆرگۈچىنىڭ روھى ھالتىگە زىت شەكىللىنىشنىڭ قانداق قىلىپ ئوتتۇرغا چىقىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش. بىرىنچى قىلىدىغان ئىشىمىز چۈشنى ئەمەلى كۆرۈنۈشلەر بويىچە قاتارغا تىزىش، ئۇلارنى چۈش تەبىرىگە (چۈش ئۆرۈشكە − ئۇ.ت) ئۇيغۇن ھالغا كەلتۈرۈش، ئۇلارنى مەلۇم بىر تېخنىكىلىق ئۇسۇلغا ماس كېلىدىغان ھالغا كەلتۈرۈش بولىدۇ؛ ئىككىنچى قىلىدىغان ئىشىمىز، بۇ چۈش ماتېرىياللىرىنى نەزەرىيە بويىچە قاتارغا تىزىپ چىقىش بولۇپ، بۇ ئىككىلەمچى قاتار، چۈشكە تەبىر بېرىش ئىشىمىزنىڭ تەھلىل قىلىنىشىغا يارايدىغان ھالغا كەلتۈرۈلگەن بولىشى كېرەك. يەنى بۇ بىر قانۇنىيەتلىك ھالىغا كەلتۈرۈشتىنلا ئىبارەت. چۈشكە تەبىر بېرىش ئۇسۇلى ھالىغا كەلتۈرۈلگەن بۇ قانۇنىيەتلىك، ھەر ئىككىلا ئىشتا يىپىدىن يىڭنىسىغىچە كۆرۈلىشى كېرەك.
بۇ نوقتىغا كەلگەندىن كېيىن ئىشنى نەدىن باشلىشىمىز كېرەك؟ چۈش ئۆرۈش ئۇسۇلىمىزدىن ئىش باشلىساق بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. بۇ نوقتىدا ئىشلار بىر قەدەر ئاسانلىشىپ، سىزنى بەكىرەك قىزىقتۇرىدىغان ھالەت شەكىللىنىشكە باشلايدۇ.
بىمار بىزگە چۈشەندۈرۈپ بېرىشىمىزگە تېگىشلىك بىر چۈشنى سۆزلەپ بەردى دەپ تۇرايلى. بىمارىمىز چۈشىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقىنىدا ئۆزىمىزنى تۇتىۋېلىپ ئويلىغانلىرىمىزنى سۆزلىمەي جىم ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئولتارغان بولايلى. ئەندى قانداق قىلىمىز؟ ئۇنىڭ كۆرگەن چۈشىنى سۆزلەپ بېرىشىگە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاز ئارىلىشىشقا تىرىشىمىز. ئەمما بىمارنىڭ كۆرگەن چۈشى بىزنى پۈتۈنلەي قىزىقتۇرماي تۇرالمايدىغان تەپسىلاتلار بىلەن تولۇپ تاشقانلىقىمۇ ئېنىق. بۇنداق ئەھۋال بىر بولسا پۈتۈنلەي ئۇيدۇرۇلغان شىېر تۈسىدە، بىر-بىرسى بىلەن تولۇق ماسلاشقان ۋەقەلىك شەكلىنى ئېلىشى ياكى بولمىسا چىگىش، چۈشىنىكسىز، ئاساسەن ھۇشىسىز ھالغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئەھۋالنى ئىپادىلىگەن بولىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ سۆزلەپ بېرىۋاتقان چۈشىدە نۇرغۇنلىغان مەنىسىز ياكى ئىنچىكە نوقتىلار بولىشىمۇ مۇمكىن. چۈش كۆرگۈچى، سۆزلەپ بېرىۋاتقان بۇ چۈشىدىكى بۇ پارچىلارنى روشەن كۆرەلىگەن بولىشىمۇ، ياكى بولمىسا قاپقانلار بىلەن تولغان، چىگىشلەشكەن تۇتۇق ھالەتتە كۆرگەن بولىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ تەسۋىرلەپ بېرىۋاتقان چۈشىنى ئۇنىڭ مىڭىسى ئېنىق ھېس قىلالىشى ياكى تۇتۇق تۇماندەك ھېس قىلىشىمۇ مۇمكىن. چۈشىدىكى ئەڭ ئۆزگۈرۈشچان پېرسۇناژلار بەزىدە ئوخشاش بىر چۈش ئىچىدە، بىر قانچە پارچىلارغا تارقالغان ھالدا كۆرۈنىشىمۇ مۇمكىن. ئەڭ ئاخىرىدا، بۇ چۈشى ئەھمىيەت بەرگىدەك باشقىچە بىر ئىشنى ئەسلىتەلمەسلىكىمۇ، ياكى بولمىسا ئەڭ خوشال قىلارلىق ياكى ئەڭ بەك كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلىدىغان ھاياجانلىنىشلارنى پەيدا قىلىدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولىشىمۇ مۇمكىن.
كۆرۈلگەن بىر چۈشتىكى نۇرغۇنلىغان ئوخشىمايدىغان كۆرۈنۈشلىرىنى ھېچ بىر مەنا ئىپادىلىيەلمەيدىغان قۇرۇق بىر ئىش ئۈچۈنلا تەھلىل قىلىۋاتساق كېرەك دەپ ئويلاپ قالماڭلار. بۇنىڭ دەل ئەكسىچە، بىز بۇ قالايماقان كۆرۈنۈشلەرگە تەبىر بېرىشىمىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدىغان نۇرغۇنلىغان پارچىلارغا ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن ھەر دائىم سەگەك بولىشىمىز كېرەك. شۇنداقتىمۇ بىز بۇ پارچىلارنى كېيىن قايتىدىن كۆزدى كەچۈرۈشىمىز ئۈچۈن ۋاقتىنچە بىر يانغا قويۇپ تۇرىمىز. بىز ئەسلى مېڭىشقا تېگىشلىك يولىمىزغا، بىزنى چۈشكە تەبىر بەرگۈزىدىغان يولغا يېتەكلەيدىغان يولغا قاراپ ئىلگىرلەيمىز. يەنى، چۈش كۆرگۈچىنى، ئۇنىڭ ئۆزىنىمۇ كۆرگەن چۈشى پەيدا قىلغان كۆرۈنۈشلىرىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىككە، پۈتۈن دىققىتىنى كۆرگەن چۈشىدىكى ھەر قايسى پارچىلار ئۈستىگە دىققەت قىلىشىغا يىتەكلەش، بۇ پارچىلار سەۋەبىدىن كۆڭلىگە كېلىۋاتقان ئويلىرى ئوتتۇرغا چىققانسىرى بۇ ئويلاۋاتقانلىرىنى بىزگە سۆزلەپ بېرىشىنى ئەسلىتىپ تۇرىمىز.
بۇ ئىشتا ’ئېتراپ قىلىش‘ لاردىن ’ئاشىكارىلاش‘ لاردىن پايدىلىنىشتا قوللىنىشقا بولىدىغان ئادەتتىكى ئۇسۇللاردىن باشقا مەخسۇس تېخنىك ئۇسۇل يوقمىدۇ؟ بۇنداق بىر ئۇسۇل ھەققىدە بىر نەرسە دېمەسلىكىمىزدە بىر قاتار پەرەزلەرنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشەنسەڭلار كېرەك بەلكىم: نېمىلا بولسا بولسۇن، بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرايلى. … بىمارنىڭ كۆرگەن چۈشىنىڭ پارچىلىرىنى قانداق تەرتىپ بويىچە كۆزدىن كۆچۈرىمىز؟ بۇ ھەقتە بىر مۇنچە ئۇسۇل مەۋجۇت: چۈش پارچىلىرىنىڭ چۈش ھىكايىسىدا كۆرۈلگەن ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىۋىگە قاراپ  تەھلىل قىلىشىمىز مۇمكىن. بۇ ئۇسۇلنى ئەڭ ئىشەنچىلىك كلاسسىك ئۇسۇل دەپ ھېساپلاشقا بولىدۇ. ياكى بولمىسا چۈش كۆرگۈچىنى چۈشىدىكى كۈنلەرنىڭ قايسى كۈنلەرنىڭ قالدۇقلىرى ئىكەنلىكىنى تاللىشىغا ياردەمچى بولىشىمىز مۇمكىن. چۇنكى، بىز سىناق قىلىۋاتقان چۈش مىسالىدا بىزگە ئاساسەن ئالغاندا ھەر بىر چۈش كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا بىر قانچە ئەسلىمە قالدۇقلىرىنىڭ ئارىلاشمىسى شەكلىدە، ياكى چۈش كۆرگەن كۈنى يۈز بەرگەن بىر ياكى بىر قانچە ۋەقەنى نەچچە خىل نىقاپلانغان شەكىلدە ئىپادىلەشكە ئۇرۇنۇلۇشى كۆرۈلىشىمۇ مۇمكىن.
ئەگەر بىرەر ئەسكە كەلتۈرۈش ھادىسىسىنى تەپسىلى كۈزىتىپ كۆرىدىغان بولساق، بەزىدە چۈشلەرنىڭ بەكلا كونا ۋاقىتلارنىڭ كۆرۈنىشى ئارقىلىق بىمارنىڭ دەسلىۋىدە چۈشىنىڭ ئۆزگىچە شەكلىنىڭ ئېنىق كۆرۈنىشى، ئەقىلگە قاتتىق تەسىر قىلىشىدىن كېلىدىغان تەسىرلەر تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا ئەڭ مۇھىم ئىش ھېساۋىدا ئەسلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەسلىدە چۈش كۆرگۈچىگە بۇنداق كونا ئەسلىمىلەرنىڭ كۆرۈنىشىنى ئوتتۇرغا چىقىرىشى ئۇنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر بىر يەرلىرىدە مۇھىم دەپ قارىلىۋاتغان ئارزۇلارنى تېخىمۇ ئاسان ئوتتۇرغا قويىۋېلىشى مۇمكىنلىكى بىزگە مەلۇم.
ئەسلىدە ئىشنىڭ مۇھىم تەرىپى ئەنە شۇ يوشۇرۇنغان ئارزۇ قىسمىنى قولغا كەلتۈرۈش بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مەقسەتكە يېتىشتە قايسى ئۇسۇلدىن پايدىلىنىش مەسىلىسى ئۇنچە بەك مۇھىم ھېساپلانمايدۇ. بۇ تۈردىكى ئەسلىمىلەر بىر قېتىم قولغا كېلىشى بىلەن بۇ ئەسلىمىلەرنىڭ بىزنى ئەڭ كۆپ ئۆزگىرىشچان پاكىتلار بىلەن تەمىنلەپ بېرىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بۇلار شۇ كۈنىدىكى، يەنى چۈش كۆرگەن شۇ كۈنىدىكى ئۇزۇندىن بېرى شەكىللىنىشكە باشلىغان ۋەزىيەتنىڭ، چۈشەنچىلەرنىڭ پايدىلىق ياكى پايدىسىز مۇنازىرىلەردىكى قاراش ۋە سۇئاللارنىڭ ئەسلىمىلىرىدۇر. بۇ ۋاقىتتا بىمار بەزىدە توختىماي سۆزلەپ كەتسە، يەنە بەزىدە تۇيۇقسىزلا جىمىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ كۆپ قىسمى چۈش پارچىلىرىنىڭ بىرسى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. بۇ پارچىلار ئاز-ئازدىن ئوتتۇرغا چىقىرىلغانلىقى ئۈچۈن بۇلارنىڭ ھەيران بولغىدەك بىر يېرى يوق. شۇنداقتىمۇ بەزى ۋاقىتلاردا ئانالىز قىلىنىۋاتقان كىشىنىڭ بۇرۇن مۇنداق گەپلەرنى قىلغانلىقىمۇ كۆرۈلىدۇ: ”ئېسىمگە كەلگەچكە بۇلارنى دەپ قويدۇم.“
ئەگەر ئانالىز قىلغۇچى دىققىتىنى بۇ تۈر قاراشلار ئۈستىگە مەركەزلەشتۈرگىدەك بولسا، بۇ قاراشلارنىڭ ھەرىكەت قىلىش يۆلۈنىشىگە ئوخشاش چۈشلەرنىڭ تەركىۋى بىلەنمۇ ئورتاقلاشقان باشقا تەرەپلىرىنىڭمۇ بولىدىغانلىقىنى دەرھال سېزىپ ئالالايدۇ. بۇلار، چۈشنىڭ بارلىق تەرەپلىرىنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە يورۇتۇپ بېرىپ، ئارىسىدىكى بوش قالغان يەرلەرنى تولۇقلاپ، غەلىتى كۆرۈنۈشلەر يىغىندىسىنى چۈشىنەرلىك ھالغا كەلتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئەنە شۇ ماتېرىياللار ئاساسىدا چۈش مەزمونى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى چۈشەندۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش زۆرۈر. بۇ مۇناسىۋەتلەر ئەسلەنگەن نەرسىلەرنىڭ بىر تۈرلۈك خۇلاسىسى بولىدۇ. شۇنداق، بۇ خۇلاسە ھازىرچە مەلۇم بولماي كېلىۋاتقان قانۇنىيەتلەرگە ئاساسەن ئىشلەنگەن، ھەر بىر قىسمى بىر مۇنچە پارچىلار ئارىسىدىن تاللاپ چىقىرىلغان ۋەكىل خاراكتېرلىق خۇلاسىغا ئوخشاش ئوتتۇرغا چىقىدۇ. شۆبھە يوقكى، پايدىلانغان چۈش ئۆرۈش ئۇسۇلىمىزنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ چۈشنىڭ ئورنىنى ئالغان نەرسىنى، روھى مەسىلىنىڭ نېمىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلەلىشىمىز، ئۇنى غەلىتە ئالاھىدىلىكلىرىدىن، ئاجايىپ كۆرۈنۈشلىرىدىن ۋە چىگىشلىكلەردىن تازىلاپ چىقالىشىمىز مۇمكىن بولىدۇ.
بۇ يەردە مۇنداق بىر خاتا قاراشتا بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەجبۇرمەن: چۈش سەۋەپچى بولغان ئەسلىنىشلەرنى يوشۇرۇن چۈش چۈشەنچىلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرىۋەتمەسلىكىمىز كېرەك. بۇنداق چۈشەنچىلەر ئەسلەنمىلەر (تۈركچىدە چاغىرىشتىرمالار دەپ ئېلىنغان بولۇپ، قوپال تەرجىمە قىلغاندا ئۇنتۇلغان بۇرۇنقى خاتىرىلەرنى چاقىرتىپ كېلىش، ۋاستىلىق ئەسلەتكۈزۈش دېيىش مۇمكىن. يەنى باشقا مىساللار ۋاستىسى بىلەن خىيالىغا كەلمەي تۇرغان شەيئىلەرنى ئەسلىتىشتىن، ياكى يىتەكلەپ ئەسلىتىشتىن ئوتتۇرغا چىققان ئەسلىمە، ۋاستىلىق ئەسلەنمە دېگەنلىك بولسا كېرەك. − ئۇ.ت) نىڭ ئارىسىغا تەڭگىتەڭ ئارىلىشىپ ئوتتۇرغا چىققان بولىدۇ. ئەسلەنمىلەر بىر تەرەپتىن يوشۇرۇن چۈشەنچىلەرنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن بىزگە لازىملىق بولغاندىنمۇ ئارتۇق ئۇنسۇرلارنى بېرىدۇ. يەنى بىمارنىڭ زىھنى، چۈش چۈشەنچىلىرىگە يېقىنلىشىپ ئوتتۇرغا چىقىرىشقا مەجبۇر بولۇنغان بارلىق جەريانلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەسلەنمىلەر چۈشتىكى ئەسلى چۈشەنچىلەرگە يېقىنلىشىپ تۇرۇپ قالغان، يېقىنلاشقاندىن كېيىن ئۇلار بىلەن بىرگە بۇرۇنقى خاتىرىلەر ئارقىلىق يەڭگىل تىگىپ ئۆتۈشتىن باشقىچە بىرەر تەسىر پەيدا قىلالمىغان بولىدۇ. بىز دەل بۇ نوقتىدا ئوتتۇرغا چىقىپ بۇرۇنقى خاتىرىلەر (تۈركچىدە ئانىشتىرمالار دەپ ئېلىنغان. يەنى زىھنىدە ئانتلاشتۇرۇلغان، خاتىرە ھالىغا كەلتۈرۈلگەن مەنىلەردە بولۇپ، پەرىزىمچە ئۇنتۇلغان خاتىرىلەر دەپ تەرجىمە قىلىشقىمۇ بولار − ئۇ.ت) نى تولۇق ئەسلىتىپ ئالىمىز، لازىملىق خۇلاسىلارنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز ۋە ئانالىز قىلىنىۋاتقان كىشىنىڭ يالغۇز ئەسلەنمىلەر ئىچىدە ئېيتىپ بەرگەنلىرىنىلا باھالايمىز. شۇ ۋاقىتتا چۈش كۆرگۈچىنىڭ تەمىنلىگەن ئامىللاردىن ئېيتىپ بەرمىگەنلىرىنى ئېيتىپ بەرگەنلىرى ئىچىگە بۇراپ، خۇددى ئۆز خاھىشىمىزگە، ئۆز مىجەزىمىزگە ئاساسەن رەتكە سېلىۋاتقاندەك قىياپەتتە كۆرۈنىمىز. راس دېمىسىمۇ، بىزنىڭ ئىشقا سالغان ئۇسۇلىمىزنى ئابىستراكىتلاشقان چۈشەندۈرۈش ۋاستىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش، شۇ ئاساستا ماقۇللىماق ئۇنچە ئاسان ئىشمۇ ئەمەس. شۇنداقتىمۇ سىلەر ئۆزەڭلار بۇ تۈر ئانالىزنى ئۆزەڭلار قىلىپ كۆرۈڭلار ياكى بولمىسا يازغانلىرىڭلارنىڭ بىزگە بەرگىنىڭلار ئىچىدىن ئەڭ ياخشى تاللانغان بىر ئۈلگىنى تاللاپ ئېلىڭلار. شۇ چاغدا بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر باھالاشنىڭ مەجبۇرى تۈردە ئۆزىنى قوبۇل قىلدۇرىۋالغانلىقى شەكلىگە ئىشىنىپ قالىسىلەر.
چۈشلەرگە تەبىر بېرىشتە ئادەتتە، بولۇپمۇ چۈش كۆرگۈچىنىڭ قاتلاملىق ئەسلەنمىلىرىگە (يوقۇرىدا ئىزاھلىغىنىمغا قوشۇمچە سۈپىتىدە، چۈشتىكى بىرەر كۆرۈنۈشنى كۆزئالدىغا كەلتۈرىۋاتقىنىدا خىيالىغا كەلگەن باشقا بىر ئىش، بىرەر سۆزدىن باشقا ئىشلارنى ئىختىيارسىز كۆزئالدىغا كەلتۈرۈش، ئېسىگە كەلتۈرۈش ھادىسىسى – ئۇ.ت) باغلىق بولغاندەك قىلساقمۇ، چۈش پارچىلىرىغا نىسبەتەن بىتەرەپ مۇئامىلىدە بولىمىز. چۇنكى بۇنداق مۇئامىلىدە بولۇشقا مەجبۇرمىز. ئورتاق بىر قائىدە سۈپىتىدە بۇنداق چۈش پارچىلىرىغا قاراپ قالساق ئۇنىڭدىن بىرەر قاتلاملىق ئەسلەنمىگە ئېرىشەلمەي قالىمىز. بۇنداق ئەھۋاللاردا چۈش پارچىلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ قالغانلارنىڭ ھەر دائىم يەنە شۇ پارچە ئىچىدە تۇرۇپ قالىدىغانلىقىنى دەرھال پەرق قىلالىشىمىز مۇمكىن. بۇنداق ئىشلار سان جەھەتتە ئانچە كۆپ ئەمەس. كۆپ قېتىملىق ئەمەلىيەتلەر بىزگە نۇرغۇن قېتىملاپ بۇلار باشقا نەرسىلەرنىڭ سىموۋۇلى بولىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. چۈشتىكى باشقا پارچىلارغا نىسبەتەن ئۇنداق پارچىلارغا ئېنىق مەنا بېرىلىشى كېرەك. ئەمما بۇ ئىشلار ئايرىم-ئايرىم ئىشلىنىشى شەرت ئەمەس.
بۇنداق سىموۋۇللارنىڭ كەڭ دائىرىلىك بولىشى بىز ئادەتلەنمىگەن مەخسۇس قائىدىلەر بويىچە ئوتتۇرغا چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ تۈردىكى سىموۋۇللارنىڭ نىمە مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار بولغانلىقى سەۋەبىدىن،  ھەمدە ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىغا قارىماستىن چۈش كۆرگۈچىگە ئەمەس، بەلكى بىزگە ئۇنى ئۆرۈش ئۈچۈن قىلچە ئۇرۇنمىساقمۇ چۈشلەر ئاشكارە شەكىلدە نامايەن بولىشى مۇمكىن. شۇنىڭغا قارىماي ئەسلىدە چۈش كۆرگۈچى كىشى ئۆزىمۇ بىر تېپىشماققا دۈچ كېلىپ قالىدۇ. ئەمما ئالدىنقى لىكسىيىلىرىمدە سېموۋۇللاشتۇرۇش ھەققىدە بىز قولغا كەلتۈرگەن مەلۇماتلار ھەققىدە خېلى كۆپ نەرسىلەرنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىم ئۈچۈن، بۇ مەسىلە ھەققىدە قايتا توختۇلىشىم ھاجەتسىز دەپ قارايمەن.
مانا بۇ، بىزنىڭ چۈش ئۆرۈش ئۇسۇلىمىز. شۇنداقتىمۇ بۇ ئۇسۇلدىن ”بارلىق چۈشلەرگە تەبىر بېرىش ئىشىدا پايدىلىنىشىمىزنىڭ ئىمكانىيىتى بارمۇ؟“ دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن. ”ياق، پايدىلىنالمايسىلەر. ئەمما بۇ ئۇسۇلنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىسپاتلىيالايدىغان، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىقىغا سەۋەپ كۆرسىتىپ بېرەلىگىدەك دەرىجىدە نۇرغۇنلىغان چۈشلەرنى ئۆرۈپ بېرەلىشىمىز مۇمكىن.“ دېگەن جاۋابنى بېرەلىشىمىز مۇمكىن. نېمە ئۈچۈن؟
بۇ سۇئالغىمۇ جاۋاپ بەرگىنىمدە، مۇنداق بىر مۇھىم نوقتىغا تۈزىتىش بېرىپ ئۆتمەكچىمەن. شۇنىڭدەك چۈشنىڭ شەكىللىنىشىدە بىمارنىڭ روھى ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە توختۇلۇشقا مەجبۇرمىز. چۇنكى، تەبىر بېرىش ئىشى بەزىدە ئاز-تۇلا يوقۇرى، يەنە بەزىدە تۈۋەن، يەنە بەزىدە بۆسۈپ ئۆتكىلى بولمىغىدەك (ھېچ بولمىغاندا بىزدە بار بار بولغان ئۇسۇللارغا تايىنىپ)، يەنە بەزى ئەھۋاللاردا بۇ ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ ئوتتۇرسىدا بىر يەردە تىرىكىشىشلەرگە دۈچ كېلىشى مۇمكىن.
بۇ جەرياندا بۇ تۈردىكى تىركىشىشلەرنىڭ ئىپادىلىرىگە ئەھمىيەت بەرمەي ئۆتكىزىۋىتەلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. بەزى ھاللاردا بىمار توختىماستىن قاتلاملىق ئەسلەنمىلەرنى ئېيتىپ بېرىشى مۇمكىن، شۇ پەيتتە تۇنجى ياكى ئىككىنچى بىر چۈشەندۈرۈش ئۆزلىكىدىن ئوتتۇرغا چىقىشىمۇ مۇمكىن.
يەنە بەزى ھاللاردا بولسا، بىمار سۆزلەشتىن توختاپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قېلىشى، بىزمۇ بۇنداق ۋاقىتتا چۈشنىڭ مەنىسىنى بىلەلىشىمىزگە ئەسقاتقىدەك ئۇچۇرلارنى قولغا كەلتۈرمەي تۇرۇپ، بىرەر كۆزقاراش زىنجىرىنىڭ تۆكۈلۈپ چىقىشىغا قۇلاق سېلىشقا مەجبۇر ھالغا كېلىپ قالىمىز. بۇ تۈردىكى قاتلاملىق ئەسلەنمىلەر زىنجىرى قانچىكى ئۇزۇن، قانچىكى ئەگرى-توقاي بولىدىكەن، تىركىشىشمۇ شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىپادىلەنەەن بولىدۇ. ھېچ بولمىغاندا شۇنداق بولغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئەسلىدىمۇ شۇنداق بولىشى كېرەك ئىدى.
چۈشنىڭ ئۇنتۇلىشىمۇ بۇ تۈر تىركىشىش سەۋەبىدىن بارلىققا كەلمەكتە. كۆپۈنچە ھاللاردا، ئانالىز قىلىنىۋاتقان كىشى شۇنچە تىرىشىپ كۆرسىمۇ چۈشىدىن كىچىككىنە بىر كۆرۈنۈشنى بولسىمۇ ئېسىگە كەلتۈرەلمەيدۇ. شۇنىڭدەك يەنە پۈتۈن ئانالىز پائالىيىتى جەريانىدا ئانالىز قىلىنىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن بىمارنى زىرىكتۈرۈپ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرالىغىنىمىزدا، ئۇنۇتقان چۈشىنى دەرھال قايتا ئېسىگە كەلتۈرەلىشى مۇمكىن.
خۇددى شۇنىڭدەك، كىشىنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىدىغان باشقىچە ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىشى مۇمكىن. ئادەتتە ئاۋال ئۇنۇتۇلغان چۈش كۆرۈنۈشى كېيىن ئېيتىپ بەرگەن چۈش قىسمىغا قىستۇرۇلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنى ئۇنۇتماقچى بولۇش ھەرىكىتى دەپ ھېساپلايمىز. بۇ تۈردىكى چۈش كۆرۈنىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم چۈش كۆرۈنىشى بولىدىغانلىقىنى ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىققاندىن كېيىن، مەخسۇس بىر تىركىشىشنىڭ چۈشنى ئوتتۇرغا چىقىرىشتىن توساش ئۈچۈن بېسىم قىلغىنى دەپ قوبۇل قىلىمىز.
بۇنىڭدىن باشقا، پات-پات مۇنداق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلىشىمۇ مۇمكىن: چۈش كۆرگۈچى كىشى، چۈشلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇيقىدىن ئويغىنىشى ھامان كۆرگەن چۈشىنى يېزىۋالىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق بىھۇدە ئۇرۇنۇش دەپ ئېيتالايمىز. چۇنكى چۈش خاتىرىسى يېزىلىۋاتقاندا دۈچ كېلىۋاتقان تىركىشىش، كېيىن  قەتلاملىق ئەسلەتمىلەر تەرىپىگە قاراپ قېيىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە كۆرۈلگەن چۈشكە تەبىر بېرىش ئىمكانى بولماي قالىدۇ. بۇنداق شارائىت ئاستىدا يېڭى بىر تىرىكىشىش كۈچىنىڭ كۈيىپ كېتىشى بۇ تۈردىكى قاتلاملىق ئەسلنمىلەرنى ئاساسەن يوق قىلىۋېتىدىغانلىقىنى، چۈشكە تەبىر بېرىلىشىنىڭ ئوڭۇشسىز بولىشىنى كۆرگەندىن كېيىن بۇنىڭغا ھەيران قېلىش ھاجەتسىز.
بۇ دېگەنلىرىمدىن مۇنداق بىر خۇلاسە چىقىرىشىمىز مۇمكىن: چۈشلەرنىڭ تەبىر بېرىلىشىگە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان تىركىشىش ھادىسىسىنىڭ چۈشنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈنمۇ ئوخشاش شەكىلدە رول ئوينايدىغان بولىشى لازىم. ھەقىقەتەنمۇ بەزى چۈشلەرنىڭ شەكىللىنىشى كۈچلۈك تىركىشىش نەتىجىسىدە سىقىلىپ كىچىكلەشتۈرۈلسە، يەنە بەزى چۈشلەردە بۇنداق تىركىشىش كۈچى بەكلا ئاجىز بولۇپ ئوتتۇرغا چىقىدۇ. ئەسلىدە بىرلا چۈش جەريانىدىمۇ تىركىشىش كۈچى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.  مانا بۇ، بىر چۈشنىڭ داۋاملىشىشىنى چەكلەيدىغان، ئۇ چۈشنى تۇتۇقلاشتۇرىۋېتىدىغان بوشلۇقلار، باغلنىشسىزلىقلار بۇ ھادىسىگە باغلىق بولىدۇ.
ئۇنداقتا، تىركىشىشنىڭ نىمە رولى بار، بۇنداق تىركىشىش نېمىگە قارشى ئوتتۇرغا چىقىدۇ؟ بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاپ بېرىمىز: تىركىشىش – يەنى تاقابىل تۇرۇش بىرەر توقۇنۇشنىڭ ئەڭ ئېنىق ئىشارىتى ھېساپلىنىدۇ. بىر-بىرسىدىن پەرقلىق ئىككى كۈچ بىرلا ۋاقىتتا ئوتتۇرغا چىققان بولۇپ، ئۇ كۈچلەرنىڭ بىرسى يەنە بىرسىگە تاقابىل تۇرماقچى بولغىنىدا ئوتتۇرغا چىقىشىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
كۆرۈلگەن چۈش، كېيىن ئوتتۇرغا چىقىش شەكلى بويىچە پەيتلەرنى زىچلاشتۇرۇپ ئىككى ئېھتىماللىقنىڭ بۇ جەڭدە ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قارارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈشنىڭ بىر يەرلىرىدە ئوتتۇرغا چىقىشقا مەجبۇرلايدىغان كۈچ ئالدىنقى ئورۇنغا كۆتۈرىلىپ، يەنە بىر يەردە ئۇنىڭ زىتى بولغان كۈچ غالىپ كېلىۋېلىشى مۇمكىن؛ شۇنىڭ بىلەن چۈشتىكى بارلىق ئوتتۇرغا چىقىشلارنى سىرىپ سۈپۈرىۋېتىدۇ ياكى بولمىسا ئەسلى مەنىسىدىن گۇمانلانغىدەك دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.
ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەھۋال، بۇ تۈردىكى توقۇنۇشلارنىڭ بەلگىلىك يارىشىش بىلەن نەتىجىلىنىشىدۇر. 32

(تەرجىمىنىڭ داۋامى يوقكەن)
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:44 , Processed in 0.150759 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش