قارا كۆڭۈلنى قانداق قىلغۇلۇق؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مۇنبەرداش،ساۋاقداشلىرىم،ئۇزۇندىن بېرى ئالدىراش مۇنبەرگە كىرىپ بولالمىدىم،بۈگۈن ئاخىرى سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكىنىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن.نەچچە ۋاقتىن بېرى نەدە يۈردۈڭ دېمەمسىلەر؟ئالدىراش دۇكاندا يۈردۈم.يولدىشىم شېرىك ئېچۋاتقان چۆپ دۇكىننىڭ ئىشى ئالدىراش بولغاچقا مەن ئون ئايلىق بولغان قىزىمنى نەۋرە سىڭىللىرىمغا تاشلاپ بېرىپ يولدىشىمنىڭ ئورنىغا ئىشلىدىم،يولدىشىم ئالدىراش شوپۇرلۇق كېنىشكىسى ئېلىش ئۈچۈن مەكتەپتە يۈردى،بىراق ...ھەي،يولدىشىمنىڭ تۆت يىللىق ئەجرىنىڭ بىر قېتىملىق سۆھبەت بىلەنلا قارا كۆڭۈل كۈيوغۇلنىڭ پىلانى ئاستىدا يوققا چىقىدىغانلىقىنى كىممۇ ئويلىغان؟ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئونيىل ئاۋۋالدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.(ئون يىلدىن بۇيانقى بۇ ئىشلارنى مەن توي قىلىپ بىر ھەپتە بولغاندا قېينانامنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان،مانا ھازىر ماڭا يادا بوپ كەتتى.)ئون يىل ئاۋۋال روزىخاچام(يولدىشىمنىڭ ئاچىسى) بىلەن توي قىلغان چېغېدا ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان ئەسكى ئۆيىدە ياشانغان ئاتا ئانىسى بىلەن بىر سىڭلىسى بىلەن بىرگە تۇردىغان ياقۇپجاكام(كۈيوغۇل)نامراتلىقىدىن ئېشەك ھارۋىسىدىن قۇتۇلالماي،جاپادىن بېرىب كەلمەي،شۇ كەمبەغەلچىلىكتە يۈرگەندە قېيناتامنىڭ قالغان ئۈچ كۈيوغۇل،قىزلىرى بىلەن ھەقسىز ئىشلەپ ياردەم قىلىشى بىلەن ئاران خىشئۆي دېگەنگە ئېرشىپتىكەن،كېيىنكى يىلى بۇ كىشىنى نەس بېسىپ ئۆپكە جىخىرى بوپ قېلىپ ئۆلەي دېگەندە قېيناتاملار يەنە باللىرنى سەپەرۋەر قىلىپ ئىككى يىل دېھقانچىلىقىنى قىلىپ يېرىنى تېرىپتۇ،ئۆز ئۆيىدە بېقىپتۇ،كورلىدا دوختۇرخانىدا ياتقاندا ھالىدىن خەۋەر ئېپ بېقىپتۇ،ئىشقىلىپ ئۆز ئوغلىغا مۇئامىلە قىلغاندەك ئاتىلىقىنى يەتكۈزۈپتۇ.ۋەھالەنكى بۈگۈنكى كۈندە دۇكان ئېچىپ پۇل تاپقاندا قېيناتىسى كەلسە تاشقىرى چىقىپ كۆرۈشمەيدىغان بولىۋالدى،بۇ دۇكان ئەسلى تۆت يىل بۇرۇن يولدىشىمنىڭ ئۈچىنچى ھەدىسىنىڭ قولىدىن يولدىشىمغا ئۆتۈپتىكەنمىش،شۇ چاغدا ئاچىلىرى ۋە چوڭلارنىڭ مەسلىھەتى بىلەن چۆپ دۇكىنىغا بۇ ياقۇپجان دېگەن كۈيوغۇلنى شېرىك قىلىپ ئاچىسنىڭ راھەت تۇرمۇش كۆرىشىنى ئۈمىد قىلغان يولدىشىم شۇ يىگىرمە يېشىدا دۇكانغا باش بولالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ياقۇپجاكامنى ئىگىلىك ھوقۇقدارنىڭ ئورنىغا ئۆز قولى بىلەن ئىمزا قويغۇزۇپتۇ،دېمەك ھوقۇق يولدىشىمدا،ئەمما نام ياقۇپجاكامدا ئىدى.كېيىنكى كۈنلەردە بۇ قارا كۆڭۈل ئاچكۆزنىڭ شۇ قەدەر يۈزسىزلىك قىلدىغىننى بىلگەن بولسا ئۇنى باش قىلارمىدى؟كىم ئويلىغان بۇ ئاچكۆز تېجىمەلنىڭ پۇل تاپسىمۇ يەنە پىتلىق بىلەن،بەش نامىزى بىلەن ئىمانى بىلەن ئىنساپسىزلىق قىلىشىنى؟ئىمان بار ئىنساپ يوق،سەللە يوغان ئىمان يوق،دېگەن شۇكەن ئەسلى.بۇ قارا كۆڭۈلنى قانداق قىلغۇلۇق جامائەت؟دەسلەپتە دۇكاننى ئاچقاندا يولدىشىم17مىڭ،ئۇلار ئەر خوتۇن 23مىڭ مەبلەغ بىلەن شېرىك بولغانكەن،گەرچە ئۇلانىڭ شېرىك مەبلىغىدىن 11مىڭ يۈئەن كەم بولسىمۇ يولدىشىم يەنىلا ئۇلارغا ئىككى ھەسسە،ئۆزىگە بىر ھەسسە مائاش بېكىتىپتۇ.دۇكان ئېچىلىپ ئىككى يىل بولغاندا يەنى مەن توي قىلغان چاغلاردا روزىخاچام لىمفا جىخىرى بىلەن دۇكانغا ئىشقا چىقماي ئىككىنجى قەۋەتتىكى ئۆيدە ئارام ئالغاچ تاماقنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىغان بولدى،ئىككىنجى قەۋەتتىكى ئۇ ئۆيمۇ دۇكانغا تەۋە بولۇپ ئۇمۇ شېرىك مەبلەغنىڭ بىر قىسمىدىن تەركىپ تاپاتتى.قېيناچام بەش جان شۇ ئۆيدە يېتىپ قوپاتتى،بىردىنبىر ئادىلسىزلىق شۇكى ئىككىنجى قەۋەتتىكى ئۆينىڭ يىللىق ئالتە مىڭ يۈئەن ئىجارىسى،بەش جاننىڭ يەيدىغان ئىچىدىغان،گۆش،تۇز،ماي،سەي كۆكتات،ئىككىنجى قەۋەتنىڭ سۇ،توك،باشقۇرۇش ھەققى ھەممىسى دۇكاندىن چىققان ئورتاق مەبلەغدىن چىقاتتى،بىراق يولدىشىم پەقەت ئۇ ئۆيدە بىر ياكى ئىككى ۋاق تاماق يېيىش بىلەنلا كۇپايىلىنەتتى،مەن توي قىلىپ كىرگەندە قېيناتام مېنىمۇ شېرىكلىككە قوشۇلۇشقا دېۋىدى،ياقۇپجاكامنىڭ نىم قىلغىننى دېمەيسىلەر،يولدىشىمنىڭ ئاغرىپ قېلىپ كەلمىگەن ۋاقتىدا دەسلەپتە دۇكانغا مەبلەغ قاتقاندا كەملىگەن 11مىڭ يۈئەننى تولۇقلاپ داۋاملىق ئىككى ھەسسە پۇل ئېلىش،مېنى دۇكانغا ئاياغ باستۇرماسلىق ئۈچۈن بىردانە چۆپ يېيىش،ماشىنىسى،بەش دانە پىچاق،بىر دانە خېمىر يۇغۇرۇش ماشىنسى قاتارلىقلارنى ئۆز يېنىدىن سەپلەپتۇ،ھېساپتا بۇ كىشى 34مىڭ،يولدىشىم 17مىڭ مەبلەغ سالغان بولدى،تويدىن كېيىن م،ئەنمۇ دۇكاندا ئىككى ئاي ئىشلىدىم،ماڭا ئايرىم 2000يۈئەن مائاش بەرگەن،بىراق شۇ پۇلغا چىدىماي روزىخاچام بىلەن ئەر ئايال ئوتتۇرسىدا جېدەل قۇرۇمىدى،ئاخىرى ئايال كىشى دۇكاندا ئىشلىسە بولمايدۇ دېگەن پەتىۋا بىلەن مېنىمۇ قوغلىغان بولدى.يۈز پىرسەنىتلىك ھەقىقەت بىلەن سۆزلەيمەنكى ،ياقۇپجاكامنىڭ دۇكاندا پۈتۈن كۈن ئىشلىگىننى كۆرمىدىممەن.ئىككىنجى قەۋەتتىن پەسكە چۈشۈپ دۇكان ئېچىپ تۇرالمايدىيۇ سەھەردە،يولدىشىم تۆت كىلومېتىرلىق يولنى بېسىپ دۇكانغا بارغۇچە 5-7مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ موتۇدا،بىر كۈن كېيىن قالسا -ئەتە سەھەرراق كېلىپ ئاچىلى ما دۇكاننى،مېنىڭ ئازراق قىلدىغان ئىشىم بار ...-دەپ بۇيرۇق چۈشىرىدۇ،يولدىشىم بىر ئېغىز لام جىم دېمەيدۇ،روزىخاچام شۇنداق بىر تەقۋا ئايالكى،مەمەتجاننىڭ(مېنىڭ يولدىشىم)ھەققىنى يەپ كەتتۇق،دەپ كۆزىدىن ياش قۇرىمايدۇ.يولدىشىم ۋە ئاچام نىمىشقا گەپ قىلمايدۇ؟چۈنكى بۇ قارا كۆڭۈل ئىپلاس يولدىشىم ياكى ئاچامدىن بىر ئېغىز گەپ ئاڭلىسا شاپلىقىنى كېرىپ ئاچامنى خېمىر قىلىۋېتىپ ئۈچ بالا بىلەن خېتىڭنى ئال،ئاتاڭنىڭ ئۆيىگە ئاپىرۋېتىمەن،دەپ قورقاق سالىدۇ،يولدىشىم شۇڭا تا ھازىرغىچە چىداپ كەلگەن،نىمىشقا،ئۈچ سەبىي ئۈچۈن،ئاچىسنىڭ بەختى ئۈچۈن،ئاتا ئانىسنىڭ كۆز يېشىنى كۆرۈپ قالماسلىق ئۈچۈن.
بۈگۈر بازىرى بىلەن قېيناتاملارنىڭ،ۋە ئاپاملارنىڭ ئۆيىنىڭ ئارىلىقى بەكلا يىراق،يازدا بېرىپ كېلىش تەس بولمىغىنى بىلەن قىشتا بەك سوغۇق بولغاچقا يولدىشىم ھەر قانچە قېلىن كىينىپمۇ ئۆپكە ياللۇغىدىن قۇتۇلالمىدى،شۇ سەۋەپ قىش كىرگۈچە ماشىنا،كېنىشكە ئېلىشنى قارار قىلغان ئىدى،بىراق،ياقۇپجاكامنى ئەسەبىي ئىدىيەنى ئۆزگەرتىمىز دەپ تۇرۇشلۇق يېزىغا يىغۋالدى،ھېيت بازار بەكمۇ ئالدىراش بولغاچقا يولدىشىم ھېيتقىچە كېنىشكە ئېلۋېلىش ئۈچۈن ئورنىغا چۆپ دۇكىننىڭ پۈتۈن مەشغۇلاتىنى بىلىدىغان تۆتىنجى ئاچىسنى بىر ئايلىق 3000يۈئەن بېرىدىغانغا دىيشىپ ئەكەلگخلى تېخى بۈگۈن ئۈچ كۈن بولدى،يولدىشىم ئەمدى خاتېرجەم مەكتەپتە ئوقۇۋالاي دېۋىدى،ئۇ مەكتەپكە بارغان بىرىنجى كۈنى مۇنداق ئىشلار يۈز بەردى.ئۈچىنجى ئاچىسمۇ دۇكان ئاچىدىغان بولۇپ ئۇزۇن يىللىق گېمرۇي ئۇنى قىينىغاچقا ئېمۋاتقان تۆت ئايلىق بالىسنى بىزگە تاشلاپ قويۇپ ئامالسىز كورلىغا دورىغا كەتتى.شۇ ئاخشىمى روزىخاچام ئۇ بوۋاقنى باقىدىغان،مەن ئەتىسى كۈندۈزدە كېلىپ بالىغا قارايدىغان بولۇپ كېلىشتۇق،چۈنكى يولدىشىمنىڭ چوڭ ئاچىسنىڭ ئوغلى بىزنىڭ ئۆيدە يېتىپ مەكتەپكە باراتتى،ھەپتە ئاخىرى يېزىدىكى ئۆيگە كېتەتتى،ئىككى كۈندىن بېرى چاي ئىچىپ مەكتەپكە بېرۋاتقاچقا ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ بېرىپ تاماق ئېتىپ بېرىش ئۈچۈن ئۆيگە ماڭاديلى دەپ تۇرساق تاشقىرقى دۇكاندىن ياقۇپجاكام بىلەن ئايالىنىڭ پارىڭى قۇلىقىمىزغا ئاڭلىمايلى دېسەكمۇ كىرىپ كەتتى:
—مەن ئەمسە ئوغلەمنىڭ بالىسىغا قاراپ تۇراي دېگەنتىم،سىلگە دەپ قۇيۇپ ماڭاي دەپ...
—نەگە بارىسىلە نەگ؟ئاغرىق بولغانكى جىم ئولتۇرۇڭلا ئۆيدە،پوق بامۇ خەقنىڭ ئۆيىدە خەقنىڭ بالىسنى باقىمەن دەپ،ئۆزىنىڭ بالىسنى ئۆزى باقسۇن.ئادەمگە تاقاشماي.
—نىم دەۋاتلا ياقۇپقارى،خەق ئەمەس بىر قوساق ئۇكام مېنىڭ،ئاشۇ خەق ئۇكاممۇ سىلى ئاغرىپ ياتقاندا كۈندۈزى قېيناتىسنىڭ،ئاخشىمى سىلنىڭ يەرلىرىنى تېرىپ،ئۈچ بالامنى باققان.نىمك دېگەنلىرى بۇئ
—بىر سالمە بىكا،چىقەۋە،ئۆتكەن ئىشنى تەگىمەي.
......
ئاللىكارامەت،بۇ نىمە گەپ ئەمدى؟بىزمۇ تېشىغا چىقىپ خوشلىشىپ ماڭايلى دەپ تۇرساق بىزنى توختاتتى:
—توختاڭ مەمەتجان،گېپىم بار.
مەن بالىنى تۇتۇپ ئورۇندۇققا جايلاشتىم،يولدىشىم بولسا گۇناھكاردەك ئۆرە تۇراتتى.
—مەن قايسى كۈنى سىزگە كېنىشكە ئالماي تۇرۇڭ دېسەم زادى ئېلۋالاي دەۋاتسىز،مېنىڭ دادۈيدىكى ئوقۇشۇم تۈگمەي تۇرۇپلا ئىزىڭىزغا پاتىگۈل ئاچىڭىزنى ئەكىپ قويۇپلا بۈگۈن مەكتەپكە كېتىپسى،نىم قىلغىنىڭىز بۇ،سىزمۇ دۇكاننىڭ بىر ئىگىسى تۇرۇپ مۇشۇنداق مەسۇلىيەتسىزلىك قىلسىڭىز بولامدا؟دۇكاننىڭ ئىشىنى ئاياللارغا تاشلاپ قويۇپلا ئەرلە يوقاپ كەتسەك قانداق بولىدۇ،مانى ئوبدان ئويلىشىڭ،ئەتە جاۋابىنى بېرەسىز.
—ئوقۇشىڭىزنى بۈگۈن تۈگەيدۇ دىگەنغۇ؟شۇڭا بۈگۈن ئەكەلگەن ئاچامنى.
—بۇ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈرەشمىش قاراڭ،سىز تولا مېنى جىق گەپ قىلدۇماي ئوبدان ئويلىشىپ،ئەتە دۇكانغا كېلىڭ.
—مېنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئىمتىھانىم بارتى،شۇڭا ...
—ئاھاي مەمەتجان،يەنە دىسەم يەنە ئۆزىڭىزنىڭ گېپىنى قىلدىكەنسىز،ئۇ كېنىشكىنىڭ نىم ئالدىرشى با؟بەرىبىر بۇ تۇرقىڭىزدىن كېنىشكە ئېپ بولالمايسىز،مەنمۇ ئۈچ يىلدا ئاران ئالغان،سىز قىرىق كۈندە ئېپ بولىمەن دەپ پو ئاتماڭ تولا،كېنىشكىنى ئالغان تەقدىردىمۇ ماشىننى نىمىڭىزگە ئالىسىز؟ئاز دېگەندىمۇ 30-40مىڭ بولسا كېلىدۇ ماشىنا دېگەن.قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراپ بوپ يۈرەرسىزمىكىن؟ھېيت بازار كېلەي دەپ قالدى،بۇلتۇرمۇ قۇربان ھېيتنىڭ ئالدىراش بازىرىدا خوتۇنۇم تۇغۇتلۇق دەپ كورلىغا كېتۋالدىڭىز،بۇ يىل ئۇنداق بوپ قالمىسۇن.(قايسى كۈنى گەپ ئارلىقىدا ياقۇپجاكامنىڭ مەمەتجاننى سىز پۇلغا بەك ئامراق،مەن سىزدەك پۇلغا ئامراق ئەمەس،دىگىنى غىدىقىمنى كەلتۈرگەن ئىدى،ئەمدى بۇ گەپنى تېپىپ چىقتى،مېنىڭ تۇغۇتۇم خەتەرلىك تۇغۇت قاتارىدا بولغاچقا ناھىيدىن كورلىغا يۆتكىگەن ئىدى،شەھەر تونىمايدىغان چوڭ ئانام بىلەن يولدىشىم مېنى باقتى،دادام ئاپاملار ئۆيىمىزنىڭ ئىقتىساد مەنبەسى بولغان بىردىنبىر ئاتە مو نەشپۈتلۈك باغنىڭ ھوسۇلىنى يىغىش ئۈچۈن ئالدىراش ئىدى،ھەم ئۇ چاغدا ئاپام يۈزى يېپىق بولغاچقا بېلەت بېرىلمەيلا ساقچىخانىغا كېتىپ قالاتتى،شۇڭا ئاپامنى مەن كەلتۈرمىگەن ئىدىم.قىزىم تۇغۇلۇپ 38كۈن بولغاندا يۈزىمىزنى ئېچىۋەتكەن ئىدۇق،شۇ مەزگىلدە ۋەزىيەت جىددىي ئىدى.ياقۇپجاكام بىلەن روزىخاچام مەن قىزىمغا ئالتە ئايلىق ھامىلدار چاغدا ئۈرۈمچىگە بىر ئاي داۋالانغىلى كەتكەندە ئۇلار دۇكاندا بولمىسمۇ بىز ئۇلارغا ئىككى ھەسسە ،ئۆزىمىزگە بىر ھەسسە مائاش تارقاتقان،ئارىلىقتا بىر قېتىممۇ تېز كېلىڭلار دەپ باقمىغان،بەلكى تېزراق ساقىيىپ كېلىڭلار،ياخشى كۈتۈنۈڭلار دېگەن ئىدۇق،بىراق ياقۇپجاكام مەن قىزىمنى ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغۇپ ئىككى كۈن بولغاندا ياقۇپجاكام بىزنى كېلىڭلار،دۇكاندا يېتشەلمىدۇق دېگەندە مەن يىغلاپ كەتكەن ئىدىم،چۈنكى مەن ئۇچاغدا يات شەھەردە بىرسى ئۆرۈپ قويمىسا بالامنىمۇ سۆيەلمەيتىم)
يولدىشىم ئاچچىقتىن كۆزىنى بىردەم يۇمۇپ تۇرىۋېتىپ :
—مەن كېنىشكەمنى ئېلۋالاي،ئۆپكە ياللۇغى،بۇرۇن ياللۇغى مېنى بەك قىينىۋەتتى،قىشىچە قەرز ئېپمۇ بولسا ماشنا ئالارمەن.
—نىمانداق گەپ چۈشەنمەيسىز مەمەتجان،سىز بەرىبىر ماشىنا ئېپ بولالمايسىز،ئۇنداق دىسەم كۆڭلىڭىزگە كەلمىگەي،سىزنى دۇكانغا مەن ئەكىر،شۇڭا ما گخېپىمنى ئاڭلاڭ .ئەتە ماقۇل دەپ ما دۇكانغا كېلىڭ.بولدى گېپىم شۇ.
ئۇف،قاراڭ ما ھاكاۋۇر تەلەپپۇزغا، ئەتىسى يەنى تۈنۈگۈن ئەتىگەندە يەنە شۇ گەپ بولۇن دى،يولدىشىم ئاخىرى چىداپ بولالماي دۇكاندىن ۋاز كەچتى،ئەمدى بولسا بىزگە ئەينى چاغدىكى 17مىڭ يۈئەننى بېرىپلا يولغا سالىدىغان ئوخشايدۇي،ئەي جامائەت،قارا كۆڭۈلنى قانداق قىلغۇلۇق؟ئۇ قاندائى قىلىپ دۇكان ئىگىسىگە ئايلاندى؟قانداقسىگە مەمەتجاننى دۇكانغا ئۇ ئەكىرگەن بوپ قالىدۇ؟
توۋا خۇدايىم،بۇ چاياننى قانداق قىلغۇلۇق؟
مەنبە:ئەمىليەتتىن. |