- جۇغلانما
- 79

بايلىق- 62 دانە
شۆھرەت- 0 سەر
ئوقۇغۇچى
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-5-2 18:27
ھىجران نەزمىسى
(شائىر تېيىپچان ئىليۇف ۋاپاتىنىڭ 25 يىللىقىغا ئاتايمەن)
ئابدۇغېنى سېيىت
ئازابلىدى ھىجرانىڭىز قايغۇسى،
پىر-ئۇستازىم، قەدىردانىم ئەۋلىدا.
كۆچەت ئىدىم پەرۋىشىڭىز ئۆستۈرگەن،
رىشتىم تۇتاش مېھرىبانىم ئەلۋىدا.
ئالبۇمغا-چېھرىڭىزگە باقىمەن،
ھازىڭىزدا-كۆز يېشىمدا ئاقىمەن.
قولىقىمدا شۇ «تۈگىمەس ناخشا»ئىز،
تاڭ بۇلبۇلى، خۇش ئاۋازىم، ئەلۋىدا.
شۇم خەۋەرنى بىرسى ئويناپ يازدىمۇ؟
دېدىم:دېرىكتۇر ياكى سۆزدە ئازدىمۇ؟
نېمە ئىلاج رەھىمسىز شۇم ئەجەلگە،
كۈلكىگە يار خوش دىدارىم ئەلۋىدا.
ئىلى، تارىم، بويى ئادەم دېڭىزى،
كۆزلىرى ياش، كۈيلەر سىزنى ئېغىزى.
ئەي ناخشىسى-نەزمىلەرنىڭ مېغىزى،
ئەل غورۇرى، تۆھپىكارىم ئەلۋىدا.
تەۋرىمىگەن ئەسلا تەتۈر قۇيۇندا،
ۋەتەن قەرزى بار دەيتتىڭىز بويۇندا.
ئەل بىلەن بىر ئۆتكەن جاپا-ئويۇندا،
ئەلگە مېھرى زور قىيانىم ئەلۋىدا.
قالدى بىزگە ئوتلۇق ناخشا-نەزمىڭىز،
شاد چىرايلار ئارا كۈلكە، بەزمىڭىز.
كوئىنلۇندەك يۈكسەك مەنە ۋەزنىڭىز،
نامى ئۆچمەس بەر قارارىم ئەلۋىدا.
ھازىڭىزدا شېئىرىم ئاق باغلىدى،
ھىجرىڭىزدە يۈرەكنى دەرد داغلىدى.
تەڭرىتاغدىن ئۆچتى گويا بىر چولپان،
ئەي خەلق ئوغلى، ئىپتىخارىم ئەلۋىدا.
قۇترىسىمۇ ئىغۋا تېرىپ ھوقۇشلار،
كار قىلالماس ھەسەت، ئىغۋا توقۇشلار.
ئۈزۈلمەيدۇ سىزگە مەدھى ئوقۇشلار،
تالماس قەلەم زوق، مادارىم ئەلۋىدا.
ئەي سۆيۈملۈك جۇڭغار، تارىم چىنارى،
سىزنى ئىزلەر بۇ كەڭ ئۇيغۇر دىيارى.
بالتىق بويى ناخشا، سەنئەت خۇمارى،
قەلبىمىزدە ھاياتتۇر سىز، ئەلۋىدا.

1989-يىلى فېۋرال خوتەن
مەنبە:پەرىزات بىلوگى |
|