ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى ئەزىز قىرىنداشلار مۇنبىرىمىز قۇرۇلۇپ ئانچە ئۇزاق بولماي بارلىق ئەزالارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن تەرەققىياتى شۇنچە تىز بولۇپ كەلدى .ئەمما مۇنبەردە ئاز بولمىغان بىر قىسىم مەسىللەرمۇ ساقلىنىپ كەلدى .شۇڭا توسالغۇ كۇچلەرنى تۈپ يىلتىزدىن تۈگىتىپ ساغلام تىز تەرەققى قىلىش ئۈچۈن ئازراق ئىشلارنى يەنە ئەسكەرتىپ قويۇشنى توغرا تاپتۇق .
تۆۋەندە مۇنبەردە ئاساسلىق ساقلانغان مەسىلىلەر كۆرسىتىلىپ ، تۇزىتىش تەكلىۋى ۋە قائىدىلەرنى ئۇقتۇرۇپ ئۆتىمەن ،
1-ئۆز -ئارا سۇيلە-سالا قىلىش، ئارقىسىدن گەپ قىلىش ،ئەزالار. باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئارقىسىدىن ياكى باشقۇرغۇچىلار ئەزالارنىڭ ئارقىسىدن سۆز چۆچەك قىلىشتەك مەسىللەر ساقلىنپ كەلدى !
شۇڭا كىم مۇنبەردە ياكى بۇنبەر توپىدا باشقىلار بىلەن قالايمىقان ،ئورۇنىسز.جەڭگە-جىدەل ياكى سۆز- چۆچەك قىلسا مۇنبەر نىڭ ئەڭ جانلىق ئەزالىرى مۇشۇ تۈپەيلى مۇنبەردىن كۆڭلى ئازار يىسە مۇنبەر دە ئوچۇق ئاشكارە ئاھاھلاندۇرۇلۇش جازاسى بىرلىدۇ .
يەنە داۋاملىق تۇزەتمىسە مىدالى ،تۆھپە ۋە مۇنبەر پۇلسى قاتارلىق شەرەپلىرى ئەملى ئەھۋالغا قاراپ تارتىلىدۇ ! ۋە چەكلىنىشىمۇ مۇمكىن ...
مۇنبەردىكى ھەممەيلەن بىر ئائىلە كىشلىرى ،بىز بىرلىكتە قول تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرلىگەندىلا ئاندىن تەرەققى قىلالايمىز ،ھىچ بولمىسا ئۆز ئىززەت ئابرويىمىزنى ساقلىيالايمىز .بىز بىرسى- بىرسىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىساق باشقىلار باشقا يەرلەرىن كىلىپ ھۆرمىتىمىزنى قىلىپ بەرمەيدۇ قىرىنداشلار !شۇڭا باشقىلارنىڭ ئارقىسىدىن سۆز- چۆچەك ، پىتنە- ئىغۋار قىلمىساق !!!
2-يەنە تىما يوللاش مەسىلىسىدە :كۆچۇرمە تىملارنى كۆپ يوللاش ،ئىجادى تىملارنىڭ ئاز بولۇشى ،مۇنبەر پۇلى تىپىش مەقسىتىدە تىملارنى ئوقۇماي تۇرۇپلا ئىنكاس يىزىپ قويۇش ،پاخال تىملارنى يوللاش قاتارلىق ئەھۋاللار سەل ئىغىر بولۇپ قالدى .
مۇنبىرمىزدە تەلەپ ۋە تەقدىم پىروگىراممىسى ۋە قەلىپ ساداسى پىروگىراممىسى بار ، بۇ پىروگراممىلار بىزنىڭ ناخشا ئۇسۇلغا بولغان تەشنالىقىمىزنى تامامەن قاندۇرالايدۇ . مۇنبىرىمىز باشقۇرغۇچىسى مۇناجاتنىڭ تىمىسىدا ئىيتىلغاندەك بىز قاچانغىچە مۇشۇنداق ناخشا دەپ ئۆتسەك ھامان بىر كۈنى ئۆزىمىزنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق ناخشا ئىيتىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ئۆتمۈشتىكى سىگانلارغا ئايلىنىپ قالىمىز .
شۇڭا مۇنبەرگە ناۋا غا ئوخشاش ھەممە مۇنبەرلەردە تارقىلىپ ، پۇتلىشىپ يۈرگەن كۆڭۈل ئىچىش خاراكتىرىدىكى ناخشا تىپىدىكى تىمىلارنى يوللاشقا بولمايدۇ ، يوللىسىڭىز تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرلىدۇ . .
ھازىر مۇنبىرىمىزدە بار بولغان بىر قىسىم پاخال تىمىلار داۋاملىق تۈردە تازلىنىدۇ .مۇنبەرگە تىما يوللىغاندا ئامال بار ئىجادىيەت بولۇشىنى .كۆچۇرمە تىما بولسا باشقىلارنى ئەڭ ياخشى بولغان، باشقىلارغا بەلگىلىك تەسىر قىلالايدىغان تىملارنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلمىز !
3-مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ ئىجاديىتگە ئىلھام ۋە مەدەت بىرىش ئۇچۇن ئايدا بىر قىتىم مۇنبەردە تىمىغا بىلەت تاشلاپ ئايلىق نادىر تىما سايلاپ چىقمىز .
بۇنىڭدا تىما سانىغا قاراپ ئەمەس بەلكى ئىجادىيەتكە ،تەسىر كۇچىگە قاراپ سايلىندىغان تىمىنىڭ تىزىملىكىنى تاللاپ چىقمىز ،
4. مۇنبىرىمىزنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ئامال بار بەزى بىزەشكە تىگىشلىك تىمىلارنى بىزەپ قويساق ، ياكى تەستىقلاپ بولۇپلا بىزەپ ماڭساق ، مۇنبىرىمىزنىڭ تىخىمۇ سۈپەتلىك تەرەققى قىلىشىدا گەپ يوق ، مەنغۇ بىلمەيمەن بىزەشنى ، ئەمما تىلسىمدىن ئەمدى ئۈگۈنىمەن.
بۇ يىڭى قائىدلەرگە قارتا تەكلىپ پىكىرلىرىڭلار ۋە نارازى بولغان يەرلىرىڭلار بولسا ئىنكاس ياكى مۇنبەردىكى باشقا باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقە قىلساڭلار بولىدۇ !
20013-يىلى 11ئاينىڭ 28 كۇنى
ئوقوغۇچى تور مۇلازىمەت ئىشخانىسى |