ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 129|ئىنكاس: 5
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مەن يىقىلدىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

51

تېما

148

يازما

643

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 752
يازما سانى:
148
تىللا:
491
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
135 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2016-10-8 23:28:00 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
مەن يىقىلدىم
  مەن يىقىلدىم ,يىقىلغاندىمۇ بوش ئەمەس قاتتىق يىقىلدىم 。يىقىلغىنىمدا كىملەرنىڭ ماڭا ئىچ ئاغرىتىش نەزىرى بىلەن قارىغىنى يەنە كىملەرنىڭ كۈلۈپ مەسخىرە ئارلاش قارىغىننى ,ئاللاكىملەرنىڭ ھېچقانداق ئىپادىسىز ھالەتتە كېلىپ مىنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قۇيۇپ يەنە ئاللاقاياقلارغا غايىپ بولغىنىنى بىلىۋالدىم 。يىقىلدىم يۇ يىقىلغاندا نىمىنىڭ يۆلەش نىمىنىڭ مەسخىرە ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم 。يىقىلغاندا شۇنچىلىك چەبدەسلىك بىلەن ئورنىمدىن تۇرۇشنى ئۆگەندىم 。

     مەن يىقىلدىم 。يىقىلغىنىم قانداقتۇر يولدا ئەمەس ,ھېسيات جەڭگاھىدا يىقىلدىم ,شۇنداق يىقىلغىنىمدا ئۆتمۈشتىكى تەسۋىرلەنگەن پەرھات شىرىن ,لەيلى-مەجنۇن........قاتارلىق ئاشىقلارنى ھەقىقى مۇھەببىتىنىڭ قانچىلىك دىشۋارچىلىقتا تاۋلانغانلىقىنى چۈشەندىم 。ئەگەر مۇمكىن بولسا ئىدى مۇھەببەت ھېسيات جەڭگاھىغا قايتا ئاياق باسماس ئىدىم دەپ ئۆزەمگە ۋەدىلەرنىمۇ بەردىم 、ھاردىم چارچىدىم يىغلىدىم قاقشىدىم ,يىقىلغان يەردىن تۇرۇپ يەنە بۇ جەڭگاھتا ئۇيان بۇيانغا يۈگرۈپمۇ باقدىم ,شۇنداق قىلىپ يىقىلىپ يۈگرەپ يەنە يىقىلپ يەنە تۇرۇپ يەنە يۈگرەپ مۇھەببەت ,ھېسيات دۇنياسىغا قەدەم دەسمەيمەن دىيىشلىرىمنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنىمۇ چۈشەندىم 。

مەن يىقىلدىم 。ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى پۈتتۈرۈپ ھەممە ئامراق تۈمۈر تاۋاق ئالتۇن قاچا تالىشىش يولىدا يىقىلدىم ,بۇ يىقىلىشىمغا ھېچكىم پەرۋا قىلمىدى 。ئورنىمدىن دەرھال تۇردۇميۇ بۇ ئالتۇن تاۋاقنىڭ مېھرىنىڭ بۇنچىۋالا ئىسسىقلىقىدىن ھەيران قالدىم 。ئەڭ ئەجەپلىنەرلىك يېرى شۇكى بۇ تاۋاق تالىشىش مەيدانىنىڭ جەريانى ھېچكىمگە مۇھىم ئەمەس ئىدى 、سەپ سالدىمكى تاۋاقتا ئولتۇرۇپ ھىجايغان قىز نەتىجگە ھەمددىن بەك قىززىقاتتى ,شۇندىلا دادامنىڭ يەڭگەنلەر باتۇر سانىلۇر يېڭىلگەنلەر ئوغرى قاراقچى دېگنىنى چۈشەندىم 。

مەن يىقىلدىم ,يىقىلغاندا شۇنچىلىك قاتتىق چۈشتىمكى يىقىلىش ئاۋازىدىن ئۆزۈمنىڭ يۈرىكى چۆچۈپ دەز كەتتى 。 شۇنداق يىقىلغاندا كىمنىڭ دوسىت كىمنىڭ تۇنۇش ئىكەنلىكىنى ھەقىقى ھېس قىلدىم 。 ئەسلىدە بەزىلەر سورۇندا پۇلۇمغا يېنىمدا خۇتۇن قىزلىرىمغا دوسىت ئىكەن 。ئەڭ ھەقىقى دوسنى مەن يىقىلىپ بېشىمغا كۈن چۈشكەندە ئاندىن بىلدىم 。لىكىن كېچىكمىدىم 。

مەن يىقىلدىم 。يىقلغاندىمۇ ئانامنىڭ قۇچىقىدىن ئىللىق مېھرى مۇھەببەتلىل قاراشلىرى تاتلىق ئەركىلىتىشلىرى ھەممىسى يوق بولدى ئانام مىنى تاشلاپ كەتتى 。 يىقىلغاندىمۇ جەننەتتىن يىقىلغان ئىدىم 。شۇ يىقىلغىنىمدا تۇرمىدىم ھەم تۇرغۇم يوق ئىدى ,گوياكى بۇ بىر چۈشتەكلا  ئويغانسام  ھەممىسى ئوڭشىلىپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى 。ئانامنىڭ جىنازىسى ئالدىدا ھەممىنى چۈشەندىم ,مۇھەببەت ,تۇرمۇش , خىزمەت ,ئەل-ئاغەينەم دەپ يىقلغانلىرىم ئانامنىڭ قۇچىقىدىن يىقىلغانغا قارغاندا مىڭ ھەسسە يىنىك ئىدى 。ئانامنىڭ قۇچىقىدىن يىقىلغاندا ئەئۇ قاتتىق يىقىلىشنىڭ نىمىلىكىنى چۈشەندىم 。

مەنبە نوتا
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

دېۋان
ۋاقتى: 2016-10-10 05:43:16 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭچە ئوغۇللار بۇنداق تولا يىقىلسا بولمايدۇ ، ئوغۇلبالا ئۆلگەندە يىقىلىشى كىرەك .
يولىڭىز ئوچۇق بولسۇن ، كۆڭۈل سىرلىرىڭىز بىلەن ھوزۇر ئالغىنىمدىن بولغىنىمدىن خۇرسەنمەن .

14

تېما

541

يازما

3199

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 582
يازما سانى:
541
تىللا:
2451
تۆھپە:
202
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
422 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-10-10 10:45:23 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشىمۇسىز مۇنبەردىشىم.ئۇ شۇ  بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بىزنى ياخشى تېمىلىرىڭىز بىلەن بەھرى ئالدۇرىۋاتىسىز ، تېمىلىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىۋاتىدۇ.بىراق، ئازراق ئىملا خاتالىقى. ئەسىرىڭىزنىڭ يارقىن ھېسسىياتىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمىدى.ئەسىرىڭىز ئۈستىدە ئاتىكاچىلىق قىلغىنىمنى كەچۈرۈڭ.
سۆيگۈ سەۋداسى ھېچبىر يىگىت قەلبىنى ،  ۋۇجۇدىنى مىنىڭدەك پۇچۇلمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن  .

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-10-11 12:19:02 | ئايرىم كۆرۈش
ئادەم بىر يىقىلىپ ئورنىدىن تۇرغاندا نېمىنى قەدىرلەش ، نېمىنى سۆيۈش جۈملىدىن ئۆزىنى قانداق سۆيۈشنى ، ئەتراپتىكى چىگىش مۇرەككەپ ئىش ۋە مۇناسىۋەتلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگۈنۋالىدۇ . كونىلارنىڭ ‹ بۇرنىغا سۇ كىرمىگىچە ئېسىنى تاپالمايدۇ › دەيدىغان گەپلىرى تولىمۇ توغرا ئېيتىلغان .
سىزگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن ئۇكام .

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2016-10-12 00:01:10 | ئايرىم كۆرۈش
قەلەملەر  تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن بەكلا ئىسىل تىما ئىكەن ، تەشەككۈر
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2016-10-12 11:28:43 | ئايرىم كۆرۈش
مېھرىيەنىڭ دېگەنلىرى ئورۇنلۇق بولدى.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:49 , Processed in 0.135713 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش