ئەسكەرتىش: بۇ ئۆگىتىش يۇمشاق دېتالىنى بۇنىڭدىن 6-7 يىل بۇرۇن XJCFAN نىڭ قۇرغۇچىسى ئەمەتجان رۇسۇل (قىسمەت) ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ يۇمشاق دېتال يېقىنغىچە خېلى كۆپ ساندىكى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ كەلگەن ئىدى. ئارىدا بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ يېڭى نەشرىنى ئىشلەپ، نەشرىياتقا بەرگەن بولساقمۇ، نەشردىن ۋاقتىدا چىقىپ بولالمىدى. يېڭى يىلدىن بۇيان شىركىتىمىزنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشىدە ئاز-تولا ئۆزگىرىش بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ يېڭى نەشرىنى سۈرۈشتە قىلىشقا بەك كۈچەپمۇ كەتمىدۇق.
يېقىندىن بېرى بەزى قېرىنداشلىرىمىز شىركىتىمىزگە تېلېفون قىلىپ، بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلدى. بىز يۇقىرىدىكى جاۋابنى بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار ئېھتىياجىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ئاشكارە، ھەقسىز تارقىتىلدى.
ئارىدىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتى، بۇ يۇمشاق دېتالدىكى بىلىملەرمۇ كونىرىدى. پايدىلىنىدىغانلار ھەقسىز چۈشۈرۈپ پايدىلانغاي، پايدىلىنالمىغانلار پايدىلىنىدىغانلار ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىپ قويغاي...
يۇمشاق دېتال نامى: دۆلەتلىك كومپيۇتېر 1-دەرىجە ئىمتىھانى يېتەكچىسى (ئۇيغۇرچە)
تىلى: ئۇيغۇرچە
ھۆججەت شەكلى: swf شەكلىدە (Flash)
دەرس سانى: 63 دەرس (ئەسلىدىكى 60 دەرستىن 63 دەرسكە كۆپەيتىلدى)
ئالاھىدىلىكى:
(1) بۇ سىستېمىدا سەككىز قېتىملىق دۆلەتلىك كومپيۇتېر 1-دەرىجە ئىمتىھانىغا جاۋاب بېرىش جەريانى ئاۋازلىق سىنغا ئېلىنغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگەنگەن 1-دەرىجە بىلىملىرىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا ، دۆلەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانىنىڭ ھەر خىل شەكلىدىكى سۇئاللىرىغا ئەمەلىيەت ئاساسىدا ئەتراپلىق جاۋاب بېرىلگەن.
(2) ئۆگەنگۈچى بۇ يۇمشاق دېتال بويىچە دۆلەتلىك كومپيۇتېر 1-دەرىجە ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلسا ھەم ياخشى ماسلىشىپ ماڭالىسا ، ئىمتىھاندىن ئۆتۈش نىسبىتى 70-90 پىرسەنت ئەتراپىدا بولىدۇ.
(ئىلاۋە: ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ياخشى ئوقۇتقۇچى ، ياخشى دەرسلىك بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇغۇچىدا قاتتىق سۆڭەك روھ ، يانماس ئىرادە بولۇشىمۇ زۆرۈردۇر.)
ئەسلى باھاسى: 80 يۈەن (سەكسەن يۈەن)
ھازىرقى باھاسى: ھەقسىز
تۆۋەندىكى ئادرېسىتىن ھەقسىز چۈشۈرۈڭ:
1-دىسكا: derije_imtihan_Disc_1.rar (666.74 MB, چۈشۈرۈش سانى: 16045)
2-دىسكا: derije_imtihan_Disc_2.rar (429.34 MB, چۈشۈرۈش سانى: 11158)
بۇلۇت دىسكىسىدىن ھەقسىز چۈشۈرۈڭ:
1-دىسكا:
http://yun.baidu.com/wap/link?shareid=1233301804&uk=51046397
2-دىسكا:
http://yun.baidu.com/wap/link?shareid=1234018467&uk=51046397