ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 277|ئىنكاس: 8
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مۇئەللىم(ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

124

يازما

1899

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 202
يازما سانى:
124
تىللا:
1367
تۆھپە:
130
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
90 سائەت
ئاخىرقى:
2015-12-31

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاقيول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-14 00:01  

                                                                     مۇئەللىم                                                                                  (ھېكايە)
                                                                             ئېلى ياسىن(ئاقيول)
نىجاد مۇئەللىمنىڭ پىنسىيەگە چىققىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشتى، ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدەكلا  تىتىك بولۇپ ئەتتىگەن تورۇپ يۈگۈرۈپ بەدەن چېنىقتۇراتتى، بوش ۋاقىتلىرىدا ھويلىسىنىڭ ئالدىدىكى كىچىكىنە بوش يەرگە كۆكتات تېرىيىتتى، گۈل باقاتتى... قالغان كۆپۈنچە بوش ۋاقىتلىرىنى ئوقۇ-ئوقۇتۇش،مائارىپ توغرىسىدىكى ماقالىلارنى يېزىش بىلەن ئۆتكۈزەتتى... ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن ھەم ساۋاق ئوقۇغانلارنىڭ بىرقىسمى ئىدارىلارغا باشلىق، بەزىلىرى يېزا باشلىقى ھەتتا ھاكىم بولدى، لېكىن نىجاد مۇئەللىم 36 يىلنى مەكتەپتە ئۆتكۈزدى، ئۇنىڭ بىرقىسىم دوست-بۇرادەرلىرى، بىللە ئوقۇغان ساۋاقداش ئاغىنىلىرى ئۇنىڭغا كەسىپ ئالمىشىش توغرىسىدا كۆپ قېتىپ نەسىھەت قىلدى، بىراق نىجاد مۇئەللىم جاپالىق ئەمما شەرەپلىك بولغان بۇ خىزمىتىدىن ۋاز كىچىشنى كۆڭلىگە ئەكىلىپمۇ قويمىدى...
-ئەپەندى ئاغىنەم، قېرىغاندا مۈكچۈيۈپ ،قەغەزگە چەكچىيىپ قاراپ ئولتۇرغۇچە سېرىتلارغا چىقىپ شامال يىگەچ مانداق بىز بىلەن پاراڭلىشىپ، شاخمات ئوينىساڭلار بولمامدۇ دەيمەن...
نىجاد مۇئەللىم تويۇقسىز چىققان بوم، بوغۇق ئاۋازدىن چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى، ئۇنىڭ ھەم ساۋاق ئاغىنىسى، ئىدارىدىن باشلىق بولۇپ پىنسىيەگە چىقىپ كەتكەن ئابلىز بودەك ئاغىزىنى بىر تەرەپكە قىيسايتىپ ھىجاراپ تۇراتتى، ئۇ دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن تېخىمۇ سەمىرىپ قورسىقى تاغاردەك ساڭگىلاپ ئىشتىنى پاتماي قالغان ئىدى...
-ھە، ئاغىنەم ئوبدان كەپسەن، قېنى يوقۇرى ئۆت، خوتۇن تاماق ئىتىۋاتقان، پىشىدىغان ۋاقىت بولدىغۇ دەيمەن. بىردەم چاي-پاي ئىچكەچ پاراڭلىشايلى...
-بولدى... بولدى... چاينى باشقا ۋاقىتتا ئىچەي، ئۆيىڭگە كىلىشىمدە مۇنداق بىر ئىش ئۈچۈن كەلگەن، مۇشۇ يەكشەنبە كۈنى دوست-بۇرادەر، ئاغىنىلىرىم بىلەن يېغىلىشىپ دىدارلاشقاچ ئۆتكەن ۋاقىتلارنى ئەسلەپ سىردىشايلى دېگەن، سەنمۇ مېنىڭ  ئاغىنەم ،ساۋاقدىشىم بولغاچ سىنىمۇ سورۇنغا چاقىرۋالاي دەپ ئويلۇدۇم، شۇڭا ئەپەندى دوستتۇم ئولتۇرۇشقا ۋاقتىدا بارارسەن-ھە!...
ئىدارىدىكى ۋاقىتلاردا بۇيرۇق قىلىپ كۆنۈپ قالغان بۇ سابىق باشلىق نىجاد مۇئەللىمنىڭ جاۋابىنى كۈتمەستىنلا ئۆردەكتەك ئىغاڭلاپ ئالدىراپلا خوشلۇشۇپ چىقىپ كەتتى.
يەكشەنبە كۈنى نىجاد مۇئەللىم يىغىلىشقا باردى.بۇ يىغىلىشقا ئۇ تۇنۇيدىغان ۋە تۇنىمايدىغان ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر قاتناشقان بولۇپ،كېلىدىغانلار جايلىشىپ بولغاندىن كېيىن ساھىبخان ئابلىز بودەك ئورنىدىن تورۇپ قولىغا رومكىنى ئېلىپ مېھمانلارنى بىرمۇ-بىر تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى.
-بۇياق تونۇشتۇرمىساممۇ ھەممىڭلارغا تونۇشلۇق بولغان بىزنىڭ سابىق رەھبىرىمىز شەۋكەت ھاكىم بولىدۇ... ‹‹ھاكىم›› دېگەن سۆز ئالاھىدە ئۇرغۇلۇق ۋە ئۈنلۈك ئاۋازدا چىقتى ئەتىراپتىكىلەر سابىق ھاكىمغا خۇشامەت ئارلاش كۈلۈمسىرەپ بېشىنى لىڭىشتىشتى، ھاكىم قەددىنى تېخىمۇ رۇستلاپ مەغرۇر ئولتۇردى.
- ماۋۇ ئاغىنىمىز داڭلىق سودىگەر مەمەتجان بولىدۇ، ئۇ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت كۈتۈپ تۇرماستىن ئۆز ئالدىغا قورۇق قول ئىگىلىك تىكلەپ ھازىر مىلىيون پۇلى بار كاتتا باي بولدى، بىر نەچچە يەردە  داچىسى، قوڭىدا چەتنىڭ ماشىنىسى بار...
ئۇرۇق ۋىجىك كەلگەن قىررىق ياشلاردىكى قارامتۇل كىشى ئۆزىدىن پەخىرلەنگەندەك ئەتىراپقا تەكشى قاراپ كۈلۈمسىرىدى، باشقىلارمۇ ئۇنىڭغا قاراپ باش لىڭىشىپ كۈلۈمسىرەشتى.
-ئەمدى بۇ ئاغىنىمىز بولسا، ۋىلايەتتە مۇئاۋىن ھاكىم بولۇپ بىرىنچى قول مۇئاۋىن ھاكىم بولۇشقا ئاز قالغاندا يېشى توشۇپ قېلىپ پىنسىيەگە چىقىپ كەتكەن كۈرەش ھاكىم بولىدۇ...
باشقىلار تەڭلا ئورنىلىرىدىن تورۇشۇپ سابىق مۇئاۋىن ھاكىمغا ئىھتىرام بىلەن سالام قىلدى، مۇئاۋىن ھاكىمنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋە قىلىپ كاستومىنىڭ تۈگمىسىنى ئەتكەچ ئورۇندۇقنى ئالدىغىراق تارتىپ ئولتۇردى. ئابلىز بودەك شۇ تەرىقىدە يەنە بىر قانچە كاتتا كىشىلەرنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن بىر چەتتە تىنىچ  ئولتۇرغان نىجاد مۇئەللىمگە قارىدى...
-بۇياق...- ئابلىز بودەك ئەمدىلىكتە  نىجادنى بۇ سورۇنغا ماس كەلمەيدىغان بىر ئادەمدەك ھىس قىلىپ چاقىرغانغا پۇشايمان قىلىپ قالدىمۇ قانداق مۇئەللىمگە كەلگەندە دۇدۇقلاپ قالدى، ئۇ نىجادنى تونۇشتۇرغىلى ئاغىزىنى ئېچىپ بولۇپ قەدەھنى كۆتۈرۈپ تونۇشتۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغان ئىدى، بىراق ھەممە نىجادقا قارىغان بولغاچقا ئامالسىز قالدى،-بۇياق... مەكتەپتە ئەپەندى بولۇپ ئىشلىگەن مېنىڭ  تولۇقسىزدىكى ساۋاقدىشىم نىجاد بولىدۇ...
نىجاد مۇئەللىمگە كەلگەندە بايامقىدەك كۈلۈمسىرەشلەر، ئورنىدىن تورۇپ سالام قىلىشلار بولمىدى، بەلكى مەنسىتمىگەندەك نەزەرلەر مۇئەللىمگە تىكىلدى...ئابلىز بودەك نىجاد مۇئەللىمنى ھاپىلا- شاپىلا تونۇشتۇرۇپلا قەدەھنى كۆتۈرۈپ سورۇننى باشلىدى... بەس- بەستە ئىچىش، يىيىش باشلىنىپ كەتتى، نەدىندۇر بىرسى بىرسىنىڭ مۆرىسىگە شاپىلاقلاپ كۈلگەن ئاۋازلار، ‹‹ يىسىلە››، ‹‹ ئالسىلا...›› دېگەن خۇشامەت ئارلاش ئاۋازلار كىلەتتى. بىراق نىجاد مۇئەللىم بىلەن ھېچكىمنىڭ كارىسى بولمىدى.بىر چاغدا بىر توپ ئادەم ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلدى، سورۇندىكىلەر نىمە ئىش بولغاندۇ دەپ ئىچىش- يىيىشنى توختۇتۇپ تىنىچلاندى.
دوپپا كىيىۋالغان قولىدا بىر دەستە  چىرايلىق گۈل تۇتقان يىگىرمە ياشلاردىكى بىر قىز ۋە ئۇنىڭ قېشىدىكى بىر قانچە يېگىت نىجاد مۇئەللىمگە كۈلۈمسىرىگىنىچە قاراپ تۇراتتى.
-مۇئەللىم، بىز سىزنىڭ ئەينى ۋاقىتلاردىكى ئوقۇغۇچىلىرىڭىز بولىمىز، بۇ يەردىكى ئايرىم زالدا ساۋاقداشلار جەم بولۇپ ئىلىم چېيى ئۆتكۈزىۋاتاتتۇق، قارىساق سىز بۇ يەردە  ئولتۇرىسىز، سىزنى بۇ يەردە ئۇچۇرتۇپ قەۋەتلا خوش بولدۇق مۇئەللىم، مۇمكىن بولسا بىز بىلەن چايغا بىللە قاتنىشىپ بەرسىڭىز بۇلارمۇ؟...
قىز ئوتقاشتەك بىر دەستە گۈلنى نىجاد مۇئەللىمگە تەڭلىدى، مۇئەللىم ئورنىدىن تورۇپ گىرادوسلۇق ئەينىكىنى سۈرتىۋەتكەندىن كېيىن گۈلنى قىزنىڭ قولىدىن ئالدى، ئوقۇغۇچىلار مۇئەللىمگە ئېگىلىپ سالام قىلغان شۇ پەيىتتە باشقىلارمۇ ئورۇنلىرىدىن تورۇشۇپ كەتتى، شۇ تاپتا ئابلىز بودەك خىجىللقتىن يەرگە كېرىپ كەتكۈدەك بولۇپ ئۆپكىدەك قىزىرىپ يەرگە قارىۋالغان ئىدى...
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
‏ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-9-14 02:24:56 | ئايرىم كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتكەن قوللىرىڭىز چارچىمىسۇن،ئۇزۇن بولدى قەدەملىرىڭىزنى كۆرمىگىلى،ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرايلى،ئامان بۇلۇڭ!
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

29

تېما

350

يازما

1407

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 677
يازما سانى:
350
تىللا:
956
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
109 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-18

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-9-14 09:15:48 | ئايرىم كۆرۈش
مەن مۇئەللىمىمنى سۈيىمەن ياخشى كۈرىمەن مۇئەللىم لەر ياشىسۇن ئۇزۇن ئۈمۈر كۈرسۇن مۇئەللىمىمنى بەك سىغىندىم
مۇشۇ ۋاقتىڭلا خەيىرلىق بۇلسۇن جامائەتلە

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-9-14 09:54:45 | ئايرىم كۆرۈش
قالتىس بوپتۇ ما ئەسەر،ئوقۇتقۇچىلار بايراملىق ئەسەركەنتۇق ھە،مەن بەك ياقتۇردۇم.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

10

تېما

517

يازما

1784

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 804
يازما سانى:
517
تىللا:
1263
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
232 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-6

جانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2015-9-14 23:07:32 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇ يېقىندىن بېرى پەيدا بولغان مۇئەللىملەرنى ھۆرمەتلىمەيدىغان، كۆزگە ئىلمايدىغان ئىشلار سەل ئاۋۇپ قاپتۇ دېسە توۋا!! مەنمۇ ئۆ كۆزۈم بىلەن كۆردۈم نەچچە قېتىم ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارغا تىل سالغاننى....

بەك ياخشى تېما بوپتۇ تەشەككۈر قېرىندىشىم.
زىمىنىڭنى كەڭ ياراتتىڭ، زامانەڭنى تار.
كوزا چاققان ئەزىزدۇر ،سۇ ئەكەلگەن خار.

3

تېما

13

يازما

482

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 444
يازما سانى:
13
تىللا:
468
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
6 سائەت
ئاخىرقى:
2015-9-16
6#
ۋاقتى: 2015-9-15 06:15:23 | ئايرىم كۆرۈش
ئەي تولۇق ئوتتۇردا قاقشاتقان ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ خالىقى ئۆتۈلدى  

17

تېما

444

يازما

2648

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 64
يازما سانى:
444
تىللا:
2073
تۆھپە:
42
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
67 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-9
7#
ۋاقتى: 2015-9-16 16:04:48 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭ نەزىرىمدىكى ئەڭ ياخشى ۋە شەرەپلىك خىزمەت ئوقۇتقۇچىلىق.بارلىق مۇئەللىملەرگە چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرىمەن!
سەن ئۈچۈن ياشاۋاتىمەن ئەمما سەن ئۈچۈن ئۆلۈپ بېرەلمەيمەن

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2015-9-18 11:34:05 | ئايرىم كۆرۈش
دەل ۋاقتىدا بىلدۈرگەن ھۆرمەت  ....
بىر  قىسىم ئەمەلپەرەسلەر  مانا مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچىلارنى تۆۋەن كۆرىدۇ  ، خۇددى ئۆزلىرى  ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن تۇغۇلۇپلا ئەمەلدار بولۇپ قالغاندەك .
تىمىڭىزغا  تەشەككۈر !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

19

تېما

1336

يازما

4877

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 471
يازما سانى:
1336
تىللا:
3531
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
398 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-10

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2015-10-3 19:36:36 | ئايرىم كۆرۈش
ئانىمىز مۇئەللىمىمىز ،شۇنداقلا مۇئەللىمىمىز ئانىمىز!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى سالامەت بۇلۇڭلار !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:54 , Processed in 0.131219 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش