ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 144|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئازاپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

21

يازما

85

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1017
يازما سانى:
21
تىللا:
64
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
5 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-3
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاتىكەم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-3 18:53  

   ئازاپ

نۇرئەلى مەمەت كۆكلەم

ھىسسىياتىم ئۆلىدۇ بىرپەس،
قار ئاستىدا قالغان چىچەكتەك.
يۈرىكىمنى ئوغىرلار ئازاپ،
مومام ئىيتقان ئاشۇ چۆچەكتەك.

كۆز ياشلىرىم قۇرۇغان دەريا،
ئازاپلاردا سوزۇلۇپ ياتار.
يۈرەكلەرنى باسقان غىرىپلىق،
قۇياش بويلاپ ئۇپۇققا پاتار.

كۈلكىلىرىم قاچتى كىيىكتەك،
ئوۋ ئېتىدىن قاچقاندەك گويا.
يۈرىكىمنىڭ ئىچىدە قەپەس،
سايراپ تۇرار بىر بۇلبۇلگويا.

ئازاپلاردا تىتىلغان جىنىم،
يەر تىگىگە كۆمەر ئۆزىنى.
تاغ پارتىلاپ تۇتىدۇ ماتەم،
ئاسمان تۆكەر كۈندە يېشىنى.

2016.يىل3.ئاينىڭ31.كۈنى

ئۈرۈمچى



      سۆيگۈ

نۇرئەلى مەمەت كۆكلەم

تىتىلغان لەۋلەردە ھىجران يانىدۇ،
بۇ كۆڭۈل بىغىدا گۈللەر چىچەكلەپ.
ئاشىقلىق ئوتىدا قىينالغا بىر جان،
قەزدار كىشىدەك سۆزلەر كىكەچلەپ.

سولاشقان گۈللەردىن ئالغاندەك چىراي،
گۈل يۈزلەر گوياكى كۈزنىڭ رەڭگىدە.
ئاشىقلىق قەلىبنى قىلغاندا قامال،
سۆيگۈلەر جاراڭلار ئالتۇن تەڭگىدە.

قەلىپكە ئۇرۇلغاچ سۆيگۈ مۆھۈرى،
كىچەلمەي  يۈرىدۇ ھال رەڭ سۆيگۈدىن.
جېنىنى نەچچە رەت قاقشاتقان لىۋەن،
مۇستەسنا يۈرىدۇ بۇ خىل سەزگۈدىن.

2016.يىلى3.ئاينىڭ30.كۈنى

ئۈرۈمچى


ئۆزگىچە بىر ياشىسام دەيمەن

نۇرئەلى مەمەت كۆكلەم

ئۆزگىلەردىن پەرقلەنگۈدەك،
ئاتا-ئانام پەخىرلەنگۈدەك.
قىلغىنىمغا تەقدىرلەنگۈدەك،
ئۆزگىچە بىر ياشىسام دەيمەن.

خەلقىم ئۈچۈن كۈيلەر چالغۇدەك،
ھاياتىمدىن ئىزلار قالغۇدەك.
خەلقىم مىنى ئەسكە ئالغۇدەك،
ئۆزگىچە بىر ياشىسام دەيمەن.

ھەممە ئىشقا كۈلۈپ باققۇدەك،
ئىلىم بىلەن قانات قاققۇدەك.
چاڭقىغانغا سۇدەك ياققۇدەك،
ئۆزگىچە بىر ياشىسام دەيمەن.

ھاياتىمدىن يارىتىپ مەنا،
تاپمىساممۇ ئاي يۈزلۈك رەنا.
باشقىلارغا بولماي مەستانە،
ئۆزگىچە بىر ياشىسام دەيمەن.

ئەل-يۇرت ئۈچۈن جەڭگە بارغۇدەك،
دۈشمېنىمنىڭ باغرى يارغۇدەك.
ھەيۋە قىلسا يەرگە ئۇرغۇدەك،
ئۆزگىچە بىر ياشىسام دەيمەن.


2016.يىل3.ئاينىڭ 29.كۈنى

ئۈرۈمچى


بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-4-3 18:57:30 | ئايرىم كۆرۈش
يوللىغان ئۈچ شىئىرىڭىزنى بىرلەشتۈرۈپ قويدۇم ، مۈمكىن بولسا سىزمۇ بىرلا ۋاقىتتا يوللايدىغان شىئىرلىرىڭىزنى بىرلەشتۈرۈپ يوللىغان بولسىڭىز .  بولمىسا تىما پاخاللىقى كىلىپ چىقىدۇ .
ئەسەرلىرىڭىزنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم ،  تەشەككۈ ر!
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

29

تېما

350

يازما

1407

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 677
يازما سانى:
350
تىللا:
956
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
109 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-18

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-4-3 20:22:23 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
كۆپ تەشەككۈر

20

تېما

658

يازما

3849

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 289
يازما سانى:
658
تىللا:
2746
تۆھپە:
155
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
376 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-6

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسى

يەر
ۋاقتى: 2016-4-4 12:50:43 | ئايرىم كۆرۈش
كۆپ تەشەككۈر ياخشى شىئىر يىزىپسىز بەكلا ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم تىمىلىرىڭىز مۇنبىرىمىزدىن ئۈزۈلمىسۇن ...

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

5#
ۋاقتى: 2016-4-6 10:22:07 | ئايرىم كۆرۈش
بىرىنچى شېئىرنى تولىمۇ ياقتۇردۇم . بەدىئى تىلغا ئۇستا ئىكەنسىز . ھارمىغايسىز قېرىندىشىم .

23

تېما

231

يازما

777

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 841
يازما سانى:
231
تىللا:
486
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2016-4-11 23:42:30 | ئايرىم كۆرۈش
شېئىردىكى پۇراقلار جايىدا،ھېسىياتى ياخشى،تىلى يىنىك چىقىپتۇ،ماڭا ئەڭ يارىغىنى شېئىردىكى بەدئىيلىك كۆرىنەرلىك ياخشى چىقىپتۇ.
ئ‍ۈمۈدسىزلىك يېرىم ئ‍ۈلۈم،   ئ‍ەمما ئ‍ۈمۈدنى  ئ‍ىنساندىن  كۈتۈش ،  پۈتۈن ئ‍ۈلۈم  .

11

تېما

21

يازما

85

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1017
يازما سانى:
21
تىللا:
64
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
5 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-3
7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-5-2 11:57:07 | ئايرىم كۆرۈش
شېئىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇپ كىلىۋاتقان دوسلار چىن قەلبىمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:48 , Processed in 0.136652 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش