- جۇغلانما
- 19

بايلىق- 17 دانە
شۆھرەت- 0 سەر
ئوقۇغۇچى
|
سەن چالغان كۈي مىنى ئۆلتۈردى،
دەسلىپىدە كۆيگەن بولساممۇ.
بارا - بارا نىمجان ئەيلىدى،
ھە،دىگەندە زەپ مۇڭلانساممۇ.
توختىماستىن چالار دەپتىمەن،
بىرلا چالدىڭ چالمىدىڭ قايتا.
ئەسلىسەملا يىغا تۇتىدۇ،
قويۇپ قۇيدۇڭ ئەجەپ بىر داغدا.
مىنى شىرىن خىيالغا باشلاپ،
ئەكىرگەنتى چالغان شۇ كۈيۈڭ.
مىنى توۋۋا ئەكىرىپ قۇيۇپ،
قايان كەتتىڭ بىلمىدىم ئۆزۈڭ.
چالغان كۈيۈڭ مىنى ئۆلتۈردى،
بىر مەن ئۈچۈن چالماپتىكەنسەن.
شۇ سۆيگۈمنى ئوغۇرلاپ قىچىپ،
ئەسلى مىنى گوللاپتىكەنسەن.
غەيرەت تۇرسۇن
2016.4.8
سىغىنىش
سىغىنىش ئىچىدە تىنجىغان زىمىن،
ئارسىدا پەقەتلا بىرتاللا يۈرەك.
سوقىدۇ بەك غەمكىن ئاستا پىچىرلاپ،
خىيالى ئەركىلەپ يارىنى سۆيمەك.
ئايلارغا قالدۇرۇپ قويار سوئاللار،
يولتۇزلار تىپىرلاپ ئىزدەيدۇ جاۋاپ.
مۇڭلىنىپ كۈي چالغان يەڭگىللا شامال،
قايغۇدا ئاسماننىڭ ھالىمۇ خاراپ.
كىچىلەر مىڭ خىتاپ قىلغىنى بىلەن،
ئويغانماس پەقەتلا خىياللىرىدىن.
شۇڭلاشقا كىچىمۇ بوي سۇنۇپ قالغان،
ئاھ ئۇرۇپ ئاشىقنىڭ كۆز ياشلىرىدىن.
تۆت سىزىق دىرىزە روجەكلىرىمۇ،
گۇۋاھتۇر سىغىنىش ئالغان كىچىگە.
ئۈمۈدتە چىللايدۇ ئۇمۇ بىرلىشىپ،
ئۆچ بولۇپ كۈتۈشنىڭ تەشۋىشلىرىگە.
كىچىلەر يازىدۇ تۈگىمەس رومان،
ئاشىقنىڭ دەردىنى مەجنۇنتال بىلەن.
ئاشىقمۇ دىداردىس كىتەر ئۇيقىغا،
مۈگدەرەپ قۇياشنىڭ چىقىشى بىلەن.
غەيرەت تۇرسۇن
2016.3.24 |
|