ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 484|ئىنكاس: 15
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

دۇنيادا گىگانت ئادەملەر راستىنلا بولغانمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

دۇنيادا گىگانت ئادەملەر راستىنلا بولغانمۇ؟
ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتى ۋە ئارخولۇگىيە ئىلمىنىڭ نەتىجىسىدە قەدىمقى زاماندىن قالغان كاتتا قۇرلۇش ۋە ھەرخىل ئابىدە خاراكتىرلىك قۇرلۇشنىڭ ھەقىقى ئىگىسى چىقىدىغان ئوخشايدۇ ، قىزىقساڭلار بۇ خەۋەر دىققىتىڭلاردا بولسۇن:


ئىلگىرى يۇنان ئەپسانىلىرىدە گىگانتلار رىۋايەت قىلىنغان. دىنازاۋور دەۋرىدە گىگانت ئادەملەر مەۋجۇت بولغان دېگەندەك كۆز-قاراشمۇ مەۋجۇت. ھەممە كىشى دىنازاۋور دەۋرىدىكى جانلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھازىرقى جانلىقلاردىن نەچچە ھەسسە چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، يىراق قەدىمكى مۇھىت جانلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان، ئۇنداقتا گىگانت ئادەملەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھېچقانداق غەلىتىلىك ئەمەس، ئالدىنقى شەرتى بولسا دىنازاۋور دەۋرىدە ئىنسانلار بولغانمۇ؟ ھازىر مۇناسىۋەتلىك تاشقاتمىلار بايقالمىدى.


1966-يىلى، ھىندىستانلىق ئارخىلوگلار دېھلىدىن 116 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايدىن بەدەن ئۇزۇنلۇقى تۆت مېتىر، قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىرغا يىتىدىغان ئادەمنىڭ سۆڭىكىگە ئوخشايدىغان باش سۆڭىكى بايقىغان. تەكشۈرۈپ باھالاش ئارقىلىق بۇنىڭ بىر مىلىيون يىل ئىلگىرىكى چوڭ مايمۇنسىمان ئادەم (مايمۇنسىمان ئادەم)نىڭ سۆڭىكى ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن. ئۇنداقتا مۇشۇنداق چوڭ مايمۇنسىمان ئادەم بىر مىلىيون يىل ئىلگىرىدىن بۈگۈنكى نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتقىچە ئىزچىل مەۋجۇت بولدىمۇ؟ ئىلگىرى ئامېرىكىلىق ئالىملار بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بايان قىلغان.


ئىندىئانلارنىڭ رىۋايىتىدىمۇ گىگانت ئادەملەر تىلغا ئېلىنغان. بۇ گىگانت ئادەملەر ناھايىتى چوڭ، ئىنتايىن قەبىھ بولۇپ، ئىندىئانلار ئۇلار بىلەن ئۇزۇن يىل ئۇرۇش قىلىپ ئاندىن ئۇلارنى ھەيدىۋەتكەن. 1911-يىلى ئامېرىكىدا بىر قىسىم كان ئىشچىلىرى بىر غايەت زور مومىيانى بايقىغان، ئۇنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقى 2.2 مېتىر، چېچى قىزىل بولۇپ، بۇ بايقاش ئىندىئانلارنىڭ رىۋايىتىنى دەللىلگەن. ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسىمىدىكى نۇرغۇنلىغان توپا قەبرىلەردىن كىشلەر قېزىش ئارقىلىق كېيىن نۇرغۇنلىغان جەسەت قالدۇقلىرىنى بايقىغان، ھەممىسىنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىردىن ئاشقان، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ ئىككى رەت چىشى باركەن، ھەتتا بەزىسىنىڭ ئالتە قول بارمىقى ۋە ئالتە پۇت بارمىقى باركەن.




1950-يىلى ئالىملار تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى رايوندا نۇرغۇنلىغان گىگانت ئادەملەرنىڭ قەبرىسىنىڭ قالدۇق ئىزلىرىنى بايقىغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى ئورۇندىن ئۇزۇنلۇقى 1.2 مېتىر بولغان چوڭ سۆڭەك تاشقاتما بايقالغان، بۇ تاشقاتمىنىڭ ئاناتومىيەلىك ئالاھىدىلىكى ۋە نىسبىتى ئادەمنىڭ يوتا سۆڭىكى بىلەن ماس كەلگەن. 1.2 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يوتا سۆڭىكىدىن بۇ جەسەتنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ 4.2-4.8 مېتىر، بەدەن كەڭلىكىنىڭ 1.8 مېتىر ئەتىراپىدا ئىكەنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.


1986-يىلىنىڭ ئاخىرى، مېكسىكىنىڭ مېكسىكا شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسىمىدا بىر مۇكەممەل بولغان گىگانت ئادەم باش سۆڭىكى ۋە گىگانت ئادەم ئىشلەتكەن بۇيۇملار بايقالغان. بۇ گىگانت ئادەمنىڭ باش سۆڭىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 25 سانتىمېتىر، چىشى ھازىرقى ئادەملەرنىڭكىدىن 2.5 ھەسسە چوڭ بولۇپ، بەدەن ئېگىزلىكىنىڭ 3.5 مېتىردىن 5 مېتىرغىچە ئەتىراپىدا ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنگەن.


ناۋادا گىگانىت ئادەملەر راستىنلار مەۋجۇت بولسا ئەلئېھرامنىڭ ياسىلىشىنى چۈشەندۈرۈش ناھايىتى ئاسان بولىدۇ.

(يۇقارقى خەۋەرلەر نۇر تورىدىن قىسقارتىلىپ ئىلىندى )



يۇقارقى خەۋەرلەر بەلكىم بەزى تورداشلارنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەسلىكى مۇمكىن ، ئۇنداقتا دىيارىمىزدىكى ‹‹ گىگانىت ئادەملەر ›› گە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى ، بۇ ھەرگىزمۇ ئاساسى يوق قۇرۇق خەۋەر ئەمەس.

شىنجاڭ ئارالدا ‹‹گىگانىت ئادەم›› قەبرىسى بايقالدى

«ئارال» ئىلگىرى ئادەم ئاياغ باسمىغان چۆل-باياۋان ئىدى. بىر قېتىملىق كۈتۈلمىگەن بايقاش كىشىلەرنى 4000 يىل ئىلگىرىكى بۇ تۇپراققا قىزىقتۇردى ۋە ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قاناتلاندۇردى.

ئارخېئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى بۇندىن 4600 يىل بۇرۇنقى كۇنگاڭ (昆岗) قەبرىستانلىقىدىن قەدىمكى بىر گىگانىت ئادەمنىڭ 2.3 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئىسكىلىتىنى بايقىدى .



   بۇ شەھەردە قۇرۇلغان تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى غەربىي دىيار مەدەنىيىتى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى لياۋ جاۋيۈنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ قەبرىستانلىقتىن قېزىۋېلىنغان بىر قىسىم قەدىمكى ئادەم جەسەتلىرى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى (小河) نىڭكىگە دەل ئوخشايدىكەن ، ئاستى-ئۈستى ئۈچ قەۋەت ئالتە يۈرۈش بولۇپ ، ئايرىم-ئايرىم 4600 يىل ، 4300 يىل ، 3800 يىل ، 2600 يىل ، 1200 يىل ۋە 900 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى دەسلەپكى قەدەمدە بايقالغان .

ئۈكەك قاپقىنىڭ غىچىلداپ ئېچىلغان ئاۋازى دەرۋازىنىڭ ئېچىلغان ئاۋازىغا ئوخشاپ كەتتى، ۋاقىتمۇ بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئېچىلدى. غەربىي يۇرت مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس لياۋ جاۋيۈ ئۈكەكنىڭ يېنىدا نەپەسمۇ ئالماي تۇرغىنىچە، تارىخ ئۇچراشتۇرغان شۇ دەقىقىنى كۆزىتىۋاتاتتى. ئۈكەكتىكىسى ياتقىنىغىغا 4000 مىڭ يىل بولغان بىر گىگانىت ئەرنىڭ مومىيالانغان جەسىتى ئىدى. 4000 يىل ئىلگىرىكى مومىيالانغان بۇ جەسەتنىڭ ئۇزۇنلىقى 2.3 مېتىر بولۇپ، بويىنىڭ ئېگىزلىكى 2.26 مېتىر كېلىدىغان ۋاسكىتبول چولپىنى «كىچىك گىگانىت ئادەم» ياۋ مىڭدىنمۇ ئېگىز ھەم بەستلىك ئىدى.



ئىلگىرى تارىم ئويمانلىقىدا «گىگانىت ئادەملەر قەبىلىسى» نىڭ بارلىقى توغرىسىدا رىۋايەتلەر بار ئىدى. ئىنتېرنېت تورىدىمۇ فېۋرالنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ شىنجاڭدا سىرلىق «گىگانىت ئادەملەر» قەبرىستانلىقىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا بەس-بەستە خەۋەرلەر تارالغانىدى، ئەمدى كۈنگاڭ («ئارال» نىڭ تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلەنگەن ئىسمى) قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان «گىگانت ئادەم» نىڭ جەسەت سۆڭەكلىرى كىشىلەرنىڭ تارىختىكى گىگانت ئادەمگە بولغان تەسەۋۋۇرىنى ئۇرغۇتتى.

كۈنگاڭ «گىگانت ئادىمى» دە قانداق يېشىلمىگەن سىرلار بار؟ ئۇنىڭ بويى نېمىشقا شۇنچىۋىلا ئېگىز؟ مۇخبىر فېۋرالنىڭ ئاخىرىدا 4000 مىڭ يىل ئاۋالقى گىگانت ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىنى بىلىش ئۈچۈن، ئارال شەھىرىدىكى كۈنگاڭ قەدىمىي قەبرىستانلىقىغا باردى.

گىگانت ئادەمنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى

ئۈكەكتىكى بۇ گىگانت ئادەمنىڭ چېچى سېرىق يۈزى ئۇزۇنچاق بولۇپ، بۇ قېتىمقى تاسادىپىي ئۇچرىشىشقا سۈكۈت قىلىپ ياتاتتى. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئۈكەكنىڭ ئۇزۇنلىقىنىڭ 2.8 مېتىر ئىكەنلىكىنى ئلۆلچەپ بىلگەندە قاتتىق ھەيران قالدى. ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنىڭ ئۇزۇنلىقى 2.3 مېتىردىن ئۇزۇن بولۇپ، بۇ ئەرنىڭ ھايات ۋاقتىدا بۇنىڭدىنمۇ ئېگىزلىكىنى بىلدۈرەتتى.

«جېنىس دۇنيا رېكورتى قامۇسى» غا كىرگۈزۈلگەن ئەڭ ئېگىز ئادەم باۋ شىشۈننىڭ ئېگىزلىكى 2.36 مېتىر كېلەتتى.

مۇتەخەسسىسلەر دەسلەپكى قەدەمدە كۈنگاڭ «كۈنگاڭ گىگانت ئادىمى» نى بۇنىڭدىن 3800 يىلدىن 4000 يىللار ئىلگىرى ياشىغان، دەپ بېكىتتى. مۇخبىر كۈنگاڭ قەدىمىي قەبرىستانلىقىدا كۆرگەن بۇ «گىگانت ئادەم» نىڭ پاچاق سۆڭىكى توم بولۇپ، بىلىكىنىڭ يېرىمى ھازىرقى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ بىلىكى بىلەن تەڭ كېلەتتى.



لياۋ جاۋيۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قەبرىستانلىقتىن ئانچە يىراق بولمىغان جاي تۇرمۇش رايونى بولۇپ، بۇ يەردە تاش، ياغاچ، ساپال قوراللار، ئاندىن مىس، تۆمۈر قوراللار، كىگىز قالپاق، پىيمىدىن تارتىپ يىپەك ۋە ئاشقان ئارغامچا دېگەندەك كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. كۆلىمۇ چوڭ بولغان مىس تاۋلاش ۋە تۆمۈر تاۋلاش خارابىلىرىمۇ بايقالدى، ساپال بويۇملارنىڭ پارچىلىرى ۋە مىس تۆمۈرنىڭ قالدۇقلىرىنى ماڭدامدا بىر ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن كۈنگاڭدىكى ئاھالىلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىىنىڭ ناھايىتى يوقۇرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ».

گىگانت ئادەمنىڭ بويى نېمىشقا بۇنچە ئېگىز؟

كۈنگاڭ «گىگانت ئادىمى» نىڭ بويى نېمىشقا بۇنچە ئېگىز؟ بۇ ئېرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ياكى كېيىنكى ئوزۇقلىنىش بىلەنمۇ؟ لىياۋ جاۋيۈ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ئاساسەن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قەدىمكى چاڭلارنىڭ خارابىسى بولىشى مۇمكىن، چۈنكى ئېگىز بوي چاڭلارنىڭ خاس ئالاھىدىلىكى ئىدى، ئەمما قۇرۇق بۇ جەسەتنىڭ بويىنىڭ ئېگىز بولىشىدىكى سەۋەبىنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ».

ئۇزاق قەدىمكى زاماندا چىڭخەي ۋە تارىم ئويمانلىقىدىكى چاڭلارنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىدىغان جايى ئىدى. «خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» ۋە «كېيىنكى خەننامە. غەربىي چاڭلار تەزكىرىسى» دە چاڭلار توغرىسىدىكى خاتىرىلەر بار. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قەدىمكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش تارىخى» دا «چاڭلار قوتاز باقىدۇ، سۈت ئىرىمچىكلەرنى، ئۇچار قۇش، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يەيدۇ» دېيىلگەن.

بوي ئېگىزلىكى 1.8 مېتىر كېلىدىغان «جاڭ شيۇڭنىڭ جەسىتى» تەۋە دەۋردىكى تۇرمۇش ئادىتى بۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئىدىقۇتنىڭ سانغۇنى جىياڭ شىيۇڭ سۈي، دەۋرلىرىدە ياشىغان بولۇپ، ئۇنىڭ جەسىتى 1973-يىلى ئاستانە قەبرىستانلىقىدىن بايقالغانىدى.

شىنجاڭ كىلىنىكا، ئوزۇقلۇقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى فەن ۋېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىر ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل ئىرسىيەت، بىراق ھەرىكەت ئامىلى ۋە ئوزۇقلۇق ئامىلىمۇ مۇھىم. ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، مۇۋاپىق مىقتاردا ئاقسىل ۋە كالىتسىي، ۋېتامىن B غا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. بىراق ياخشى چېنىقىش، ياخشى يېيىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە يېتەرلىك ئۇخلاش لازىم، چۈنكى ئۆستۈرگۈچى ھورمون كېچىدە رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئاپتاپقا كۆپ قاقلىنىپ بەرگەندىمۇ ۋېتامىن تولۇقلىغىلى بولىدۇ».

«گىگانت ئادەم» نىڭ تۇرمۇش شارائىتى يامان ئەمەس ئىكەن. چۈنكى ھايۋانات سۆڭىكى، بېلىق قىلتىرىقى، ياغاچ كۆمۈرلەر ھەممىلا جايدا ئۇچرىغان. بۇ ئۇلارنىڭ يېمەكلىكىدە بېلىق گۆشى ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ گۆشى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مېۋە دەرەخلىرىنىڭ ئۇرۇقىمۇ بايقالغان، قارىغاندا ئۇلار تۈرلۈك مېۋە دەرەخلىرىنى تىككەن ئوخشايدۇ.

«گىگانت ئادەم» قوغداشقا موھتاج
كۈنگاڭ «گىگانت ئادىمى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان شۇ چاغدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقتىن جەمئىي بەش قۇرۇق جەسەت قېزىۋېلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنىڭ سۆڭىكى كۈنگاڭ «گىگانت ئادىمى» گە ئوخشاشلا 2.3 مېتىردىن ئېگىز ئىكەن. يەنە بىرى ئايال كىشىنىڭ قۇرۇق جەسىتى بولۇپ، بويىنىڭ ئېگىزلىكى 1.9 مېتىر كېلىدىكەن.

كۈنگاڭ «گىگانت ئادىمى» توردا كىشىلەرنىڭ گىگانت ئادەملەر قەبىلىسى بارلىقى توغرىسىدا قىزغىن بەس-مۇنازىرە قوزغىدى. «تارىخنامە. جۇ بەگلىكى نەسەبنامىسى» دە، «نەزمىنامە. مۇناجات. راھىبلار قىسمى» قاتارلىق داڭلىق ئەسەرلەردە گىگانت ئادەملەر توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر بار ئىدى.

چەتئەللەردىمۇ ئوخشاشلا گىگانت ئادەم توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر بار. مەسىلەن، 2004-يىلى تايلاندنىڭ pp ئارىلىدىن بويىنىڭ ئىگىزلىكى 3.1 مېتىر كېلىدىغان يىراق قەدىمكى زامان گىگانت ئادىمىنىڭ سۆڭىكى تېپىلغان. 1950-يىلى تۈركىيەنىڭ تاغ جىلغىسى رايونىدا تاشقا ئايلانغان غايەت زور سۆڭەكلەر بايقالغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ سۆڭەكلەرنىڭ ئادەمنىڭ سۆڭىكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. بۇ سۆڭەكلەر بەك چوڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى تاشقا ئايلانغان يوتا سۆڭىكىنىڭ ئۇزۇنلىقى 120 سانتىمېتىر ئىكەن. مۇشۇ نىسبەت بويىچە ھېسابلىغاندا بۇ ئادەمنىڭ بويىنىڭ ئېگىزلىكى بەش مېتىر ئىكەن.

كۈنگاڭ «گىگانىت ئادىمى» نى قەبرىدىن قېزىۋېلىپ ۋاقتىدا ساقلاپ قالمىغانلىقتىن جەسەت خوراپ، ھازىر ئاق رەڭلىك جەسەت كۈلى قالغان، قەبرىستانلىقنى ساقلايدىغان ئادەمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «كۈنگاڭ ئادىمى» نى تۇپراقتىن ئەمدى قېزىۋالغان چاغدا ئۇنىڭ تېرىسىمۇ بار، كىيىمىمۇ بىر قەدەر مۇكەممەل ئىكەنتۇق.

«كۈنگاڭ ئادىمى» لا ئەمەس كۈنگاڭ قەبرىستانلىقىدىن بايقالغان بەش قۇرۇق جەسەتنىڭ ئىچىدە نۆۋەتتە ئۈچ جەسەت بىر قەدەر ياخشى ساقلاپ قېلىنغان. كۈنگاڭ قەدىمى قەبرىستانلىقىدا زۆرۈر بولغان قوغداش تەدبىرلىرى كەمچىل بولغانلىقتىن، قەدىمىي قەبرىستانلىقمۇ بىر قەدەر ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان.



قۇرۇق جەسەتلەرنى قوغداش يالغۇز بىر ئەۋرىشكىنى ساقلاپ قېلىش بولماستىن، بەلكى بىر مەزگىللىك مەدەنىيەت ۋە تارىخنى قوغدىغانلىقتۇر. زىيارەتنى قۇبۇل قىلغان مۇتەخەسىس مۇنداق تەكلىپ بەردى: «قۇرۇق جەسەت ئەۋرىشكىسىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى، يوقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىنسانشۇناسلىق مۇزېيى قۇرۇش زۆرۈر».


مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى (رەسىملەر مۇناسىۋەتلىك خەنزۇچە تورلاردىن ئىلىندى)
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

دېۋان
ۋاقتى: 2015-6-12 18:01:34 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تىمىلىرىڭىزنىمۇ شۇنداق سىغىنىپ تۇرغان ئىدىم .
ئەگەر گىگانىت ئادەملەر ئەلئىھرام ياسىغان بولسا شىئەندىكى ئەلئىھرامنىمۇ بىزنىڭ گىگانىت ئادەملىرىمىز ياسىغان بولامدۇ قانداق ؟
يەنە بىر گەپ  ،  سادىر پالۋاننىڭ جەسىدىنىڭ بويىنى  ئۆلچىگەندە  ئىككى مىتىر ئەتراپىدا چىققان ئىكەنمىشلەر . (دوستلرىمدىن ئاڭلىدىم ) بۇنىڭدىن قارىغاندىمۇ  بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز بوي بەستى ئىگىز ، قاۋۇل ئىكەن .
شىنجاڭنىڭ تارىخىنى تەكشۈرسە باشقىلار يالاڭئاياق يۈرگەنلىرىدە بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئاللىبۇرۇن يىپەكدىن كىيىم كىيىشنى ، ھەتتا خىروملاردىن ئۆتۈك كىيىشنىمۇ بىلىپ بولغان ئىكەن . دىمەك بەزىلەرگە قارىغاندا بىزنىڭ مەدىنىيىتىمىز خىلىلا ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەن .
رەھمەت تىمىڭىزغا ئاكا .

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-12 18:19:26 | ئايرىم كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، مىسىر ئىھراملىرىنىڭ گىپىغا كەلسەك بەزى ئارخولۇگلار شۇ ۋاقىتتىكى قەدىمى مىسىرلىقلارنىڭ بۇنداق قۇرلۇشلارنى قىلالىشىغا (شارائىت،تىخنىكا،نۆپۇس سەۋەبىنى چىقىش قىلىپ) گۇمانى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
تاشقى پىلانىتا جانلىقلىرى ياسىغان دىگەن ئاجىز قاراشنى ساقىت قىلىپ مۇلاھىزە قىلساق ئەڭ كىچىكى ئىككى يىرىم توننا كىلىدىغان ئىھرام قىشلىرىنى قويۇش ئۇچۇن چوقۇم مۇشۇنداق تۆت-بەش مىتىرلىق گىگانىتلار لازىم بولىدۇ
يەنە كىلىپ مۇقەددەس كىتاپتىمۇ ‹‹ئاد›› ۋە ‹‹سەمۇدى›› ئاتلىق گىگانىت قەۋىملەرئۆتكەنلىكى توغرىسىدا ئىنىق بايانلار بار.
تارىم گىگانىتلىرىغا كەلسەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى بولغان قەدىمقى قەۋىملەردىن ‹‹ تۇرالار ›› ‹‹ھونلار›› ئۆز دەۋرىدە گىگانىت ،زەپەردەسىت خەلىقلەردىن ئىكەن،بۇ ھەقتە خەن تارىخلىرىدىمۇ ئىنىق خاتىرىلەر بار ئىكەن. شۇڭا يۇقارقى خەۋەرلەرگە بەك ھەيران قالمىدىم،چۇنكى بۇ ھەم دىن ھەم تارىخ تەرەپلەردىن ئىسپاتلىغىلى بولىدىغان ھەقىقەت.
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-6-12 19:08:02 | ئايرىم كۆرۈش
گىگانىت   ئىنسانلار   توغرىسىدا  بىلىدىغانلىرىم  بەك  ئاز  ئىدى   ،  
تىمىڭىزغا   رەھمەت  !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

57

تېما

494

يازما

3173

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 482
يازما سانى:
494
تىللا:
2514
تۆھپە:
51
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
215 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-20
5#
ۋاقتى: 2015-6-12 19:44:59 | ئايرىم كۆرۈش
گىگانىت ئادەملەر  ئۇنچىۋالا ئىگىزمۇ ئەمەسكەن كىنودا كۆرگەندەك

29

تېما

350

يازما

1407

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 677
يازما سانى:
350
تىللا:
956
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
109 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-18

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

6#
ۋاقتى: 2015-6-12 20:34:28 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭ  بويام 2.92  كڭلدۇ
مۇشۇ ۋاقتىڭلا خەيىرلىق بۇلسۇن جامائەتلە

0

تېما

45

يازما

201

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 811
يازما سانى:
45
تىللا:
156
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
49 سائەت
ئاخىرقى:
2015-6-21
7#
ۋاقتى: 2015-6-13 09:39:59 | ئايرىم كۆرۈش
ئاكاش88 يوللىغان ۋاقتى  2015-6-12 20:34
مىنىڭ  بويام 2.92  كڭلدۇ

پو ئاتقانلىققۇ بۇ، بويڭىز شۇنچە ئىگىز بولسا،  "ب د ت " تەرەپىدىن خاتىر لەنمەپسز غۇ
يالغۇز   تۇغۇلغان   بۇ  دۇنيادا   يالغۇز   قىلىشتىن    قۇرقۇپ   كەتمىدىم.

0

تېما

45

يازما

201

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 811
يازما سانى:
45
تىللا:
156
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
49 سائەت
ئاخىرقى:
2015-6-21
8#
ۋاقتى: 2015-6-13 09:44:06 | ئايرىم كۆرۈش
"چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ" دىگەن شۇدە ،مەن "ئارال" غا كەلگىلى 2 يىل بولدى بۇيەردە گىگانىت ئادەملەرنىڭ قەبرىستانلىقى بارلىقىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. پۇرسەت بولسا كۆرۈپ كىلەرمەن.
يالغۇز   تۇغۇلغان   بۇ  دۇنيادا   يالغۇز   قىلىشتىن    قۇرقۇپ   كەتمىدىم.

1

تېما

59

يازما

314

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 691
يازما سانى:
59
تىللا:
194
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
13 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-19
9#
ۋاقتى: 2015-6-13 15:59:14 | ئايرىم كۆرۈش
قىممەتلىك تارىخ ئكەن، قىرىنداشلىرىمىزنىڭ جەسىتىمۇ ئاخردىكى جەسەتتەك ياخشى ساقلانسا ئكەن

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

10#
ۋاقتى: 2015-6-13 21:05:56 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم  تىمىڭىزغا  تەشەككۈر .،كۆپ  بىلىمگە  ئىگە  قىلدىڭىز . باش  ۋە   باشقا  بەدەن  قۇرۇلىشىمۇ  ھەقىقەتەن  ھەيران  قالارلىق  ئىكەن . تىمىلىرىڭىز  ئۈزۈلمىگەي .
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:13 , Processed in 0.147213 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش